مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       2172 
  •    ئىنكاس 
       20 

مېنىڭ ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار

قەۋەت ئاتلاش
musilina
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.120

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   4313 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   55313 (سوم)
 ياخشى باھا:   2670 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2586  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1675
 سائەت
دەرىجىسى:
1675 سائەت 25 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-07

   ئوقۇتقۇچىلىق سېپىگە تۇنجى قەدەم قويغان ۋاقىتىمدا، يىراق بىر يېزا مەكتەپكە تەقسىم قىلىندىم،مەن تەقسىم قىلىنغان مەكتەپ ،يېزا مەركىزىدىن 50 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ،ئۇ ۋاقىتلاردا (89-يىللار)قاتناش ھازىرقىدەك راۋان بولمىغاچقا ،بارغان تۇنجى كۈنۈم ،مەن بىلەن بىرگە تەقسىم قىلىنغان ئۈچ قىز بىلەن بىرگە يېزا مەركىزىدە  ماشىنىدىن چۈشىۋېلىپ ،دادۈي سېكىرتارىنىڭ تەرەكتۇرىدا، بىزنى تەقسىم قىلغان مەكتەپكە ماڭغان ئىدۇق،ئوي –دۆڭغۈل يولدا تەرەكتۇرنىڭ سىلىكشى بىلەن ئاغرىغان بەل –پۇتلىرىمىز بىز تۆتىمىزگە باھانە بولۇپ ،تەرەكتۇر ئۈستىگە قويۇلغان تېڭىقلىق يوتقان –كۆرپىمىزگە بېشىمىزنى قويۇۋېلىپ ھارغۇچە يىغلاشقان ئىدۇق،كەچتە سېكىرتارنىڭ ئۆيىدە قونۇپ، ئەتىسى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئالغىلى كېلىشى بىلەن مەكتەپكە باردۇق،بېرىپلا تۆت ئەتراپى ئوچۇق،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاراڭ –چۇرۇڭلىرىدىن  مەكتەپ ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدىغان مەكتەپنى كۆرۈپ ئاخشامقى يىغىمىز گېلىمىزنى غىدىقلاپ ئۆتكەن ئىدى، ئوقۇتقۇچى بولغان  تۇنجى كۈنىلا مەكتەپنىڭ بۇ ۋەيرانە قىياپىتىنى كۆرۈپ،بوغۇزۇمنى ئاچچىق يىغا قاپلاپ، ئوقۇتقۇچى بولغۇم كەلمىگەن،ئائىلەمگە كەتكۈم كەلگەن ئىدى.بىراق يەنىلا كەتمىدىم،شۇ ئەتراپى ئوچۇق بولغان،مەكتەپكە ئانچە ئوخشىمايدىغان بۇ  مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولىۋەردىم،چۈنكى دادامنىڭ (دادام  مائارىپ سېپىدە 38 يىل خىزمەت قىلغان شەرەپلىك ئوقۇتقۇچى)‹‹ئوقۇتقۇچىلىق –جاپالىق ئەمما شەرەپلىك خىزمەت، بىلىم بېرىپ ،قاراڭغۇ دىللارنى يورۇتۇش ئىككى ئالەملىك ساۋاپلىق ئىش››دېگەن سۆزى ھەم ۋىجدانىم ،  دادام–ئاپامنىڭ ئىزباسارى بولۇش  مېنى توختۇتۇپ قويغان ئىدى،بۇ مەكتەپتە  ئۈچ يىل ئوقۇتقۇچى بولۇش جەريانىدا ئاتا –ئانىلارنىڭ تىل –ھاقارەتلىرىنى ئاڭلاش،ئائىلە سۆھبىتىگە چىققاندا ئىتلىرىنى قويۇپ بېرىپ قورقۇتۇش،باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشى،تۇرمۇش مۇقىم كاپالەتكە ئىگە بولماسلىق،.....قاتارلىق نۇرغۇنلىغان جاپالارنى بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن بولساممۇ،‹‹ئوقۇتقۇچى بولمايمەن››دېگەننى قانچە قېتىم ئويلىغان بولساممۇ ،بىراق ھېلىقى سەبىي،تىلى چۈچۈك يېزا بالىلىرىنىڭ مۆلدۈرلەپ تىكىلىپ تۇرغان قارا كۆزلىرى،خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئاتا –ئانامدىن چارە كۆيۈنۈشلىرى ،بولۇپمۇ بۇ مەكتەپتىن يۆتكۈلۈپ كېلىدىغان ۋاقتىمدا سەبىي بالىلارنىڭ پۇتۇمغا ئېسىلىپ تۇرۇپ ‹‹خانىم ،كەتمەڭ..››دەپ  يىغلاشلىرى ،خىزمەتداشلىرىمنىڭ قىيالماسلىق بىلەن قاراشلىرى (ئۇ ۋاقىتتىكى تەسىرلىك  مەنزىرىلەرنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەم ھازىرمۇ ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ كۆزلىرىمگە ياش كېلىدۇ)داۋاملىق ئوقۇتقۇچى بولۇشۇمغا تۈرتكە بولدى. ]}B&-Yp  
   يۆتكىلىپ كېلىدىغان ۋاقتىمدا  ئەسلى رەسمىيىتىمنى  ئاياللار بىرلەشمىسىگە يۆتكىمەكچى بولغان ئىدى،دەسلەپتە ماقۇل بولغان ئىدىم،بىراق بىرنەچچە كۈندىن كېيىن يۈرىكىمگە قول سېلىپ كۆرۈپ ،ئۆزۈمنىڭ بۇ كەسپكە ھەقىقىي ئىشتىياق باغىلغانلىقىمنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ ،يەنىلا ئوقۇتقۇچى بولۇش يولىنى تاللىدىم. kA3kh`l  
   بىرنەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنى  شەھەرگە قاراشلىق  ھەرقايسى ئىجتىمائى ئاھالىلار رايونىغا يۆتكەپ ئىشلىتىش ئۇقتۇرىشى چۈشۈپ ،شەھەر –يېزا مەكتەپلىرىدىن خېلى نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار  يۆتكىلىپ چىقىپ كەتتى،مېنىڭمۇ دەسلەپتە چىقىپ كەتكۈم كەلدى،بىراق يۈرىكىمنى تىڭشاپ كۆرسەم ،مەن يەنىلا ئوقۇتقۇچى بولۇشقا لايىق ئىكەنمەن، پەقەت ئوقۇتقۇچى بولغۇملا باركەن. %ry>p(-pC(  
     ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ جاپاسىنى ئوقۇتقۇچى بولۇپ باققان ئادەم ھەقىقىي چۈشىنىدۇ،يىگىرمە نەچچە يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمدا ئىزچىل سىنىپ مۇدىرى بولۇپ كەلدىم،بۇ جەرياندا تارتمىغان مۇشەققەتلىرىم قالمىدى،خىزمەتلەرنىڭ بېسىمى ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ كەتكەندە،خىزمىتىمدىن  بىزار بولغاندەك،زېرىككەندەك بىر خىل تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ، بەزىدە ‹‹ئۆز ۋاقتىدا ئاياللار بىرلەشمىسىدە ئىشلىگەن بولسام ياكى ئاھالىلار كومېتىتىغا ئالمىشىپ چىقىپ كەتكەن بولسام››دېگەنلەرنى ئويلايمەنيۇ،بىراق بۇ ئويلىرىم بىرنەچچە سائەتلىك بولىدۇ. Y7p#K 
ماڭا  مۆلدۈرلەپ تىكىلىپ تۇرغان شۇ سەبىي كۆزلەرنى كۆرگەندە  ،قانداقمۇ ئوقۇتقۇچى بولماي تۇرالايمەن؟ KyDBCCOv  
     ‹‹خانىم،مىجەزىڭىز يوقمۇ؟،ئاپا،ۋۇي ،ياق خانىم،كۆينىكىڭىز بەك يارىشىپتۇ،خانىم،تەتىل بولسا بەك زېرىكىپ كېتىدىكەنمەن،خانىم تېنچلىق تۇردىڭىزمۇ؟سىزنى كۆرگۈم كېلىپ تېلىفون قىلغان ئىدىم،خانىم....››يۈرەكلىرىمنى سۆيۈندۈرۈپ،پۈتكۈل ھاردۇقلىرىمنى ئاللىقاياقلارغا چۆرىۋېتىدىغان بۇ چۈچۈك سۆزلەرنى ئاڭىلغىنىمدا قانداقمۇ ئوقۇتقۇچى بولماي تۇرالايمەن....؟ mZ5UaSG  
    ‹‹تېچلىق تۇرلىمۇ خانىم؟بالام سىلىنى ئاغرىپ دەپ كەپتىكەن،يوقلاپ كەلگەن ››‹‹بالىمىزنى سىلىگە تەپشۇردۇق خانىم،كۈچىلىرىنىڭ يېتىشىچە ياخشى تەربىيلەپ بەرسىلە،سىلىدىن ئۇ دۇنيا بۇ دۇنيا رازى بولاتتۇق››‹‹بىزنىڭ خانىم بەك ياخشى دەپ ئاغزى –ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كېتىدۇ سىلىنى..›› g&[g?L  
  ‹‹تېچلىق تۇردىڭىزمۇ خانىم،سىزنى يوقلاپ كەلگەن ئىدۇق،ئوتتۇرا مەكتەپكىمۇ بىز بىلەن بىرگە چىقىپ .بىزگە دەرس ئۆتكەن بولسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى،  يەنىلا باشلانغۇچ مەكتەپ ياخشىكەن›› %>bwpN  
‹  ‹تېچلىق تۇرلىمۇ خانىم،بىز سىلىنىڭ  ئوقۇغۇچىلىرى پالانى بولىمىز،سىىلىنى يوقلاپ كەلگەن ئىدۇق، بىزنى  تونىلىمۇ ؟››دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا ئۆزۈمنىڭ ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن،شۇنداق تۇرۇپ قانداقمۇ ئوقۇتقۇچى بولماي تۇرالايمەن؟ vi2xonq^  
  ھەرقانچە مۇشەققەتلەرنى تارتساممۇ،چارچىساممۇ يەنىلا ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار.  شۇ سەبىي كۆزلەرگە قارىغىنىمدا تېنىمدە بىر خىل كۈچ –قۇۋۋەت پەيدا بولىدۇ،ئۇلارنىڭ چۈچۈك سۆزلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا يۈرىكىم ‹‹شۇررىدە››ئېرىپ كېتىدۇ. 'FVT"M~  
   شۇڭا مېنى ‹‹ئوقۇتقۇچى بولما››دېمەڭلار،مېنىڭ ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار،ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغان  ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار... b:JOR@O  
A#i-C+"}  
مەنبە : كۆڭۈل ھېسلىرىم .{} t[U  
3o?Lz7L  
ئەسكەرتىش:بۇ ئۆزۈمنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرى،يۈرىكىمدىن چىققان سۆزلەر.بەلكىم نۇرغۇنلىغان جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرى بولىشى مۈمكىن....

تېما تەستىقلىغۇچى : Eltekin
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-09-27, 10:56
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 4 پارچە مۇنبەر پۇلى +806
KURAX.JAN مۇنبەر پۇلى +100 09-27 مەنمۇ مۇئەللىمىمنى ئەسلەپ قالدىم....
esma0999 مۇنبەر پۇلى +307 09-27 -
Eltekin مۇنبەر پۇلى +99 09-27 ئسىل ھىسىيات.
OTYAK مۇنبەر پۇلى +300 09-27 -
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.
jawzaa
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.58154

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   20 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   387 (سوم)
 ياخشى باھا:   133 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   198  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5
 سائەت
دەرىجىسى:
5 سائەت 15 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-09-27
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-27

يىزىقچىلىققا خىلى ئۇستىكەنسىز، ياخشى چىقىپتۇ تىخىمۇ تىرىشىڭ!
 
ئۈرگىنەي دەپ قارغا كەكلىك مىڭىشىن.
ئۈرگىنەلمەي ئۇنتۇدى ئۆز مىڭىشىن.
dolanlik
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7539

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   403 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8031 (سوم)
 ياخشى باھا:   669 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   935  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 8963
 سائەت
دەرىجىسى:
8963 سائەت 57 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-23
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-27

ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ 10يىلدىن ئاشقانلار ھەرگىزمۇ كەسىپ ئالماشتۇرۇش ئويىدا بولمايدۇ.ئەجرىڭىزگە ئاپىرىن.
 
كۈزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمىي تەپەككۇر.
tohtamux
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.31246

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   917 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   15157 (سوم)
 ياخشى باھا:   1527 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2323  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4856
 سائەت
دەرىجىسى:
4856 سائەت 94 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-21
ئاخــىرقىسى:2011-10-25
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-27

سىز قەيەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىسىز؟ : +Kesa:E  
شىمالى شىنجاڭدىدەك تۇرامدۇ نىمە ؟
 
ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن!
دىل ئازار~~~خۇدا بىزار!!!
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاۋال گۇناھىمىنى،ئاندىن بەختىمنى تىلەيمەن!
zumrat615
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.45301

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   152 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1749 (سوم)
 ياخشى باھا:   271 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   200  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1123
 سائەت
دەرىجىسى:
1123 سائەت 67 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-22
ئاخــىرقىسى:2011-11-03
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-27

قەلىمىڭىزگە ئاپرىن ھەدە ! ئۇقۇتقۇچىنىڭ قەلبىنى ئۇقۇتقۇچى بولغان ئادەم چۈشىنىدۇ،مەنمۇ ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا  ناھىيەبازىرىدىن يۈز نەچچە كىلومىتىر كىلىدىغان بۇ يىزىغا  كىلىپ سەيناسى ئۇشۇققىچە تۇپا ،مەيدانىدا ئىككى ئەبجاق گار بىلەن ئوتتۇرسى ساڭگىلاپ يەرگە تىگەي دەپ قالغان ۋالىبول سىتكىسىدىن باشقا ھىچنەرسىسى يوق مەكتەپنى كۈرۈپ يىغلاپ كەتكەن ئىدىم ،مەركىزى شەھەردە ،داڭلىق ئالى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ ،يۇكسەك ئارزۇ -ئارمانلار بىلەن كەلگەن مەندەك بىر «زىيالىي»نىڭ بۇ يەردە ئىشلەشكە راسلا كۈزۈم يەتمىگەن ئىدى ...... لىكىن ئاشۇ سەبىيلەر ،ئاشۇ كىيىملىرى كونا ئەمما ئۇماق بالىلارنى ياقتۇرۇپ قالدىم ،تۇپلۇق يوللارمۇ ، ئۇقۇغۇچى ئىزدەپ بارسام بەزى ئاتا -ئانىلارنىڭ قىلغان سىسىق ،سەت گەپلىرىمۇ، كىچىككىنە ياتاقتا بەشىمىزنىڭ قىستىلىپ يىتىشىمىزمۇ ......كۈزۈمگە كۈرۈنمىدى . ئاشۇ ئۇماقلارغا قانداقمۇ چىداپ تاشلاپ كەتكىلى بولسۇن ؟؟؟!!!...مىنىڭمۇ ئۇقۇتقۇچى بولغۇم بار ،داۋاملىق بۇلىۋەرگۈم بار!
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 2 پارچە مۇنبەر پۇلى +179
musilina مۇنبەر پۇلى +80 09-27 كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتىپسىز....
Eltekin مۇنبەر پۇلى +99 09-27 جاپانىڭ تېگى ئالتۇن. چارچىمىغايسىز
 
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمگنىڭ ،
كۆرمىگەننى كۈرسەن ئۆلمىگىنڭ!!!
OTYAK
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13482

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2140 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   25884 (سوم)
 ياخشى باھا:   917 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   899  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 569
 سائەت
دەرىجىسى:
569 سائەت 81 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-11
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-27

ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى جاپالىق ھەم شەرەپلىك خىزمەت.بۇ خىزمەتنى ئىشلىمەكمۇ تەس. قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقۇرى... ھەممە ئىشلارغا ئىنچىكىلىك بىلەن قارىمىسا بولمايدۇ. ئاددىسى، سىرتلارغا چىقىپ بىرەر نەرسىنى ئالماقچى بولغاندا، سودىدا ئازراقلا چىڭ تۇرسا ، ‹ مانا ، ئوقۇتقۇچى... مۇشۇدە...، دەيدۇ. ئاددى كىيىم بىلەن تالاغا چىقىپ قالسا ،‹ كىيىۋالغان كىيىمىنى› دەيدۇ. ھەي، بىز ھەقتە ، گەپ چىق! نىمە دىسە دەۋەرسۇن، ئۆزىمىزنىڭ مېننەتسىز ئەجرىنى توختىماي تككىمىز. بىز سەبىيلەرنىڭ قەبىنى ئاچىمىز، نۇر چاچىمىز... #r)1<}_e#  
خىزمەت ۋە تۇرمۇش سەرگۈزەشتىڭىز ئىكەن. بىزنىڭمۇ ئاشۇنداق كۇنلىرىمىز ئۆتكەن. مەنمۇ تۇرۇپ شۇ كۇنلەرنى ئەسلەپ قالىمەن.
 
amaridayi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.57407

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   56 (سوم)
 ياخشى باھا:   6 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 271
 سائەت
دەرىجىسى:
271 سائەت 79 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-09-21
ئاخــىرقىسى:2011-10-18
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-27

ئاپىرىن مۆھتىرەم ئۇستاز ھېسلىرىڭىزغا ،بارلىق ئۇستازلار سىزدەك  جۇشقۇن ،مەسئولىيەتچان بولسا ،تھپھ-تەنىلەرگە پىسەنت قىلماي  مىھنەتسىز ئىشلىسە،ئەۋلاتلار چوقۇم ياراملىق كىشىلەردىن بۇلالايدۇ، گەرچە شارائىت جاپالىق بولسىمۇ.
[ بۇ يازما amaridayi تەرپىدىن 2011-09-27 01:14 PM دە ]

 
mosajan0997
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.16978

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1122 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7851 (سوم)
 ياخشى باھا:   510 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   422  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2879
 سائەت
دەرىجىسى:
2879 سائەت 111 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-09
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-27
5قەۋەتتىكى(OTYAK) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش

شۇنداق دەيدىغان كىشىلەر بوپ قالسا مېلىنىمۇ ئالمايمەن مەن... =|gJb|?w  
شۇنداق بازارغىمۇ بارمايمەن... WpJD=C%  
سودا دىگەننىمۇ سودىگەرنىڭ مىجەزى ئىسىلراقىنى تېپىپ قىلمىسا بولمايدىكەن... KcmDF4C2  
ئوقۇتقۇچىنىڭ مائاشتىن باشقا كىرىمى يوق،لىكىن كۈڭۈلچەك بولغاچقا خەجىمىز جىق...لىكىن باشقىلارغا ياردەم بىرىش...تەك ئىشلارغا كەلگەندە ،كۆرمەسكە سالىدىغىنى ئاشۇنداق نوچىلار تېخى....ھاھاھاھا... u 5Eo  
مەنمۇ شۇ بالىلارنى ئويلىساملا ئۈكۈنمەيمەن...ئەمما ئارتۇقتىن -ئارتۇق ،بەزى شەكىلۋازلىقلارنى كۆرسەم مىنىڭمۇ ئالمىشىپ كەتكۈم كىلىپ قالىدۇ... B-\,2rCCZ  
مەنمۇ 20 يېشىمدا ئوقۇتقۇچى بوپتىكەنمەن،مانا ھەش-پەش دىگۈچە 10 يىل بوپ قاپتۇ....
 
http://www.ixaniq.com
esma0999
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.16129

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1321 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14341 (سوم)
 ياخشى باھا:   1326 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   900  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 8348
 سائەت
دەرىجىسى:
8348 سائەت 252 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-03
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-27

يازمىڭىزنى ئوقۇپ كۆزۈمدىن راستىنلا ياش چىقىپ كەتتى. ھارماڭ، قىرىندىشىم، ئۆمرىڭىزنى راستىنلا مەنىلىك ئۆتكۈپسىز. ئادەم جەمىيەتكە قۇشقان توھپىسى بىلەن قەدىرلىك بولىدۇ. k_*XJ 
مانا مەن باشقىلار ھەۋەس قىلىدىغان بىر دەرىجە يۇقۇرى ئورۇندا، ئىگىز ھەشەمەتلىك خىزمەت بىناسىنىڭ، پاكىز ئازادە ئىشخانىسىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىمەن. بىر دەرىجە يۇقۇرى ئورۇن بولغاچقا قىلىدىغان ئىشىمىز ئاز. نەچچە كۈن قۇرۇق پاراڭ سىلىشىپمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ كۈنىمىز. ئادەمنىڭ خىزمەت قىلىش ھاياتى چەكلىك بولىدۇ. مەن بەزىدەمۇشۇنداقلا ھىچ ئىش قىلماي، پىنسىيەگە چىقىپ كەتسەم، كىيىنكى ئۈمرۈمدە تىخىمۇ چۈشكۈنلىشىپ كىتەرمەنمۇ دەپ ئويلايمەن. ئادەم ياش ۋاقتىدا، بولۇپمۇ 40ياشلىق قىران دەۋرىدە، بارلىق ئىقتىدارلىرىنى جارى قىلغۇرۇپ، ھارغىچە خىزمەت قىلۋىلىشى كىرەككەن. ئۇنداق راھەت دىگەننى  قېرىغاندا، كۈچىدىن قالغاندا ، سۈرۈش كىرەككەن. ئىت -ئىشەككە بەرسۇن بۇنداق بىكارچىلىقنى. شۇڭا مەنمۇ 20يىلنى تۇشقۇزۇپ، ئىدارىدىن چىقىپ كىتىپ، تۆۋەندە، ئاساسى قاتلامدا، مىنىڭ كەسپىمگە  ئەڭ ئىھتىياجلىق ئادەملەرگەئەمىلى ئىش قىلىپ بىرىش خىيالىدا بولۋاتىمەن. شۇنداق قىلسام، پۈتۈن ئۆمرۈمگە يۈز كىلەلەيمەنكەن.
 
esma0999
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.16129

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1321 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14341 (سوم)
 ياخشى باھا:   1326 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   900  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 8348
 سائەت
دەرىجىسى:
8348 سائەت 252 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-03
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-27

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  tohtamux كە 2011-09-27 11:30 AMئەۋەتىلدى  : >G&^?5  
سىز قەيەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىسىز؟ nX)f'[ 7  
شىمالى شىنجاڭدىدەك تۇرامدۇ نىمە ؟ "w9`cz9a~J  
g &*mozs  
شۇنىمۇ بىلمىدىڭىزما؟ بۇ خانىم مىنىڭچە ئاقسۇدا. f9a$$nb3`  
مەن ئاقسۇغا   بارغان. يىراق تۇققانلىرىم بار. ئۇلارمۇ يېزىدا. لىكىن ئۇلارنىڭ ئاڭ -سەۋىيەسى بەكلا تۆۋەنكەن. ئۇنداق دىسەم يۇرتۋازلىق قىلدى دەپ ئويلاپ قالماڭ. "-P/jk  
ئۆپكە تىبىركۇلىيۇز بولغىلى ئون نەچچە يىل بولغان، يىقىندا يۈرەك كىسىلى، ئۇستىخان سۇنۇش قاتارلىق كىسىلى بار ھاممام بىر كۇنى تىلپون قىلسام ئالدىراش بىر يەرگە ماڭغانلىقىنى ئىيتتى. كوچىلاپ سورىسام « يۇقارقى مەلىدىكى بىر موللامغا بارسام ، مۆرىڭىز تىلىپ ئاغرىيدىكەن. سىزدە قەست باركەن دەپ، 100تال نان، 5تىرىك تۇخۇ، بادام، ياڭاق.............دىگەندەك نەرسىلەرنى ئەكىلىڭ ، تۇخۇنىڭ قىنىنى ئىقىتىپ ئوقۇيمەن دىگەنتى شۇنى ئىلىپ كىتىپ بارىمەن »دەيدۇ. Od-Ax+Hp  
           ھەي  ئىنسانلار، شۇنچە جىق كىسىلى تۇرۇپ، ھىلىمۇ  ئاغرىمايدىغان مۆرىكەن ئۇ. "oe!M'aj`1  
            ياپ- ياش تۇرۇپ بىزنىڭمۇ ئاغرىيدۇ ھەممە يېرىمىز. ئاشۇ موللام 100ناننى نەچچە كۈندە يەپ بولغاندۇ؟ ئاخماق ھاممام ئاۋۇ 5تۇخۇنى شورپا سىلىپ ئىچىۋالغان بولسا، تىنىگە قۇۋۋەت بولماسمىدى؟ مانا 21-ئەسىردىمۇ خۇراپاتلىقنىڭ بازىرى ئىتتىكمىكەن. \ADLMj`F|  
شۇڭا، چەت يىزىلاردىكى ئىلىمگە تەشنا قەلبلەر مۇشۇ خانىمدەك مىننەتسىز تەر تۆكۈشنى خالايدىغان قەيسەر كىشىلىرىمىزگە مۇھتاج.
 
muslina216
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.31445

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   400 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7884 (سوم)
 ياخشى باھا:   1007 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1421  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 599
 سائەت
دەرىجىسى:
599 سائەت 51 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-23
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-27

بىلىم قىممىتىنى بىلىملىك بىلۇر ، ^V .'^=l  
ئەقىلنى قەدىرلەش بىلىمدىن كېلۇر . ? Oc -aa  
نۇچۇن تەلۋە بىلگەي بىلىم قەدرىنى ، `{o$F ::(  
بىلىم نەدە بولسا بىلىملىك ئالۇر . [0!{_E)<  
WFDCPQ@  
ئەقىل قايدا بولسا ئۇلۇغلۇق بولۇر ، eGvOA\y:  
بىلىم كىمدە بولسا بۈيۈكلۈك تاپۇر . GHG,!C  
ئەقىللىق ئۇقار ئول بىلىملىك بىلۇر ، iRt*A6`m+  
بىلىملىك ئەقىللىق تىلەككە يېتۇر . b#='^W3  
_ZyT3P&  
Hi8Y6|y$D  
بىلىمسىزگە دۆلەت يارشسا كېلىپ ، ArXl=s';s4  
بىلىملىككە ئارتۇق ياراشۇر بېرىپ . V3uXan_  
بىلىمسىز بىلەن تۇرسا دۆلەت ئەگەر ، wOg,SMiq  
بىلىملىكلەر تۇرغاي ئاساسنى سېلىپ . S>t>6&A  
B*79qq  
( يۈسۈپ خاس ھاجىپ )
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +100
musilina مۇنبەر پۇلى +100 09-27 رەھمەت....
 
musilina
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.120

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   4313 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   55313 (سوم)
 ياخشى باھا:   2670 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2586  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1675
 سائەت
دەرىجىسى:
1675 سائەت 25 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-27

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 9قەۋەت  esma0999 كە 2011-09-27 04:46 PMئەۋەتىلدى  : d?}hCo=/Xq  
iAHZ0D u  
شۇنىمۇ بىلمىدىڭىزما؟ بۇ خانىم مىنىڭچە ئاقسۇدا. .hne)K%={y  
مەن ئاقسۇغا   بارغان. يىراق تۇققانلىرىم بار. ئۇلارمۇ يېزىدا. لىكىن ئۇلارنىڭ ئاڭ -سەۋىيەسى بەكلا تۆۋەنكەن. ئۇنداق دىسەم يۇرتۋازلىق قىلدى دەپ ئويلاپ قالماڭ. K0 QH?F  
ئۆپكە تىبىركۇلىيۇز بولغىلى ئون نەچچە يىل بولغان، يىقىندا يۈرەك كىسىلى، ئۇستىخان سۇنۇش قاتارلىق كىسىلى بار ھاممام بىر كۇنى تىلپون قىلسام ئالدىراش بىر يەرگە ماڭغانلىقىنى ئىيتتى. كوچىلاپ سورىسام « يۇقارقى مەلىدىكى بىر موللامغا بارسام ، مۆرىڭىز تىلىپ ئاغرىيدىكەن. سىزدە قەست باركەن دەپ، 100تال نان، 5تىرىك تۇخۇ، بادام، ياڭاق.............دىگەندەك نەرسىلەرنى ئەكىلىڭ ، تۇخۇنىڭ قىنىنى ئىقىتىپ ئوقۇيمەن دىگەنتى شۇنى ئىلىپ كىتىپ بارىمەن »دەيدۇ. #[(gIOrNn8  
           ھەي  ئىنسانلار، شۇنچە جىق كىسىلى تۇرۇپ، ھىلىمۇ  ئاغرىمايدىغان مۆرىكەن ئۇ. mtX31 M4  
....... i'iO H|s  
=h7[E./U1  
)@,N7Y1h  
شۇنداق،مەن ئاقسۇدىن،دېمىسىمۇ بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ ئاڭ -سەۋىيىسى دېگىنىڭىزدەك تۆۋەن،ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيلەش،ئۇلارغا پەن -بىلىملىرىنى ئۆگىتىش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز،راستىنى ئېيتسام ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنىڭ جاپاسىدىن بەزىدە ئىشلۈگۈم كەلمەي قالغان يەرلىرىممۇ بار،چۈنكى مەنمۇ ئادەم ھەم ئۇ دەرجىدە ئۇلۇغ ئادەم ئەمەسمەن،مېنىڭ راھەت كۆرۈش ئارزۇيۇم بار،بىراق بۇ ئارزۇيۇم بىردەمچىلىك بولىدۇ،راست دەۋاتىمەن،ھېلىقى سەبىي قارا كۆزلەرنىڭ ‹‹خانىم››دېگەن تاتلىق ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىمدا يۈرۈكۈم ‹‹شۇررىدە››ئېرىپ كېتىدۇ،بۇ خىل ھېسياتنى ئوقۇتقۇچى بولغان ئادەم ئەڭ ياخشى چۈشىنىدۇ،گەرچە جاپا تارتساممۇ ،ئويلاپ باقسام ئۆز كەسپىمنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىدىكەنمەن.... q#m!/wod  

 
مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى