مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1147 
  •    ئىنكاس 
       3 

يامغۇرلۇق كوچىدا

قەۋەت ئاتلاش
سۈرخان
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.46980

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   460 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4704 (سوم)
 ياخشى باھا:   1308 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1450  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2066
 سائەت
دەرىجىسى:
2066 سائەت 24 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-07
ئاخــىرقىسى:2011-10-29

ئۇزۇن زامان بوپتۇ ئىككى قۇر بىر نەرسە يېزىپ باقمىغىلى، كونا بولسىمۇ ئۆزۈم يازغان ھېكايىدىن بىرنى ئالغاچ كەلدىم W|)GV0YM  
^I]LoG:  
كۈز يامغۇرى كىشىلەرنى ئۆيىگە قايتىشقا دەۋەت قىلغاندەك شارىلداپ يېغىۋاتىدۇ. كىشىلەر ئالدىرىغىنىچە ئۆز ماكانلىرىنى تاپماقتا، ئىسسىق ئۆيىگە قايتىشقا ئالدىرىماقتا. بازارچىلار بولسا بىرى كۈنلۈك، بىرى يامغۇرلۇق كىيىملىرىنى سېتىپ، ئۆز تۇرمۇشى ئۈچۈن غەم قىلماقتا. يامغۇر تامچىلىرى بولسا ئۇلارنىڭ قولىدىكى كۈنلۈك ۋە يامغۇرلۇقلارغا زەرب بىلەن ئۇرۇلماقتا. ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرى يامغۇرنىڭ شارىلداشلىرى بىلەن قوشۇلۇپ بۇ زېمىندا ھاياتلىقنىڭ ئۈزۈلمىگەنلىكىدىن بىشارەت بەرمەكتە. PT3>E5`Nu  
J'o DOn.M  
مانا بۇ يەر شەھەردىكى ئەڭ چوڭ مېھمانخانا. بۇ يەرگە چۈشىدىغانلار بولسا ئىچكىرىدىن، چەتئەلدىن كېلىدىغان چوڭ سودىگەرلەر. تاپقان پۇلىنىڭ كۆپلىكىدىن ئۆيىنى كىچىك كۆرۈپ شۇ يەرگە جايلىشىۋالغان يوغان قورساق بايلار ئىدى. كۆرۈڭ، بۇ جاينىڭ ئالدىدىمۇ بىرقانچە بازارچى كۈنلۈك سېتىۋاتىدۇ. دالدىلانغۇدەك نەرسە سېتىۋىلىشقا پۇلى يەتمىگەن بىرقانچە كىشى بولسا لەمپە ئاستىدا يامغۇرنىڭ توختىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا، توڭغىنىدىن پۇتىنى يەرگە ئۇرماقتا،«لەنىتى يامغۇر» دەپ ئاغرىنىشماقتا. !Tv?%? 2l  
8O,? |c=>  
مېھمانخانىدىن سۆسۈنرەڭ كۈنلۈك كۆتىرىۋالغان، قىسقا يوپكا بىلەن مەيدىسىنىڭ يېرىمى ئوچۇق مايكا كىيگەن، گىرىم دىگەننى قويۇق قىلىۋالغان بىر قىز چىقىپ كەلدى. ئۇنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. ئۇ ئۆزىنىڭ تېنىن پۇلى بارنىڭ قوينىغا تاشلايدۇ، تېنىنى زەئىپلەشتۈرۈپ روھىنى چىرىتىدۇ. q_cC7p6t  
J!rY 6[ t  
لەمپە ئاستىدا تۇرغان بىر يىگىت مۇشۇنداق قىزلارنى كۆرسىلا غەزىپى تۇتاتتى، چايناپ پۈركىۋەتكىسى، قولىدىن كەلسە ھەممىسىنى يىغىپ ئەكىلىپ ئۆلتۈرىۋەتكىسى كېلەتتى. «لەنەت ھەرقايسىڭغا»دەپ ئويلايتتى ئۇ«ئۆزۈڭنى بۇلغىغاننى ئاز دەپ ئەمدى چەتئەللىكللەرنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ يۈزىنى تۆكۈشۈپ يۈرۈشتۈڭ، سەنلەرنىمۇ ئادەم دىگىلى بولامدۇ؟ ۋۇجۇدىدا ئەخلاقتىن، ھايادىن، مىللى غورۇر ۋە ئىماندىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ».ئۇ ئويلىغانسىرى غەزىپى تۇتاتتى.  }VF#\q  
GxxDY]!  
يامغۇر كۈچىيىشكە باشلىدى. ئارىلاپ كۆكنى كېسىپ ئۆتۈپ چاقماق چېقىپ قوياتتى. ھېلىقى قىز بولسا يول بويىدىكى ئاپتوبۇس بېكىتىدە ئاپتوبۇس ساقلاپ تۇراتتى. ئارىلاپ ئاپئاق بىلىكىدىكى سائەتكە قاراپ قوياتتى، گوياكى بىر ئىشقا ئالدىرىغاندەك. xpF](>LC(  
k!T|)\nc+  
يىگىتنىڭ غەزىپى تاشتى. بۇنداق نېمىلەرنى قاچانغىچە ئەدەپلىمەي، قىلغانلىرىغا تويغۇزماي ئۆتۈش كېرەك؟ ھېلىمۇ كۆپ سۈكۈتلەر قىلدىغۇ؟ ئۇ يۈگرەپ يولنىڭ قارشىسىغا ئۆتتى، ئۇدۇل بېرىپ ھېلىقى قىزنىڭ يۈزىگە شاپىلاق بىلەن بىرنى سالدى. قىز ئوڭدىسىغا يېقىلدى قولىدىكى كۈنلۈك بولسا بوراندا ئۇچۇپ كەتتى ! 0^;;'  
z 
-ھۇ نۇمۇسسىز پاسكىنا، بۇزۇق. سەندەك قانجۇقلارنىڭ دەستىدىن بىزنىڭ قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ شەنىگە داغ چۈشىۋاتىدۇ. بۇنى بىلىشەمسەن ھەرقايسىڭ؟ بىلىشمەيسەن، بىلمەس بولىۋىلىشسەن چۈنكى سەنلەردە ئادىمىيلىك ئەخلاق، ئانىلىق مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى، نۇمۇس تۇيغۇسى يوق. سەندەكلەرنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتسىمۇ ھەق.-ئۇ شۇنداق دېگەچ غەزەپ بىلەن ئۇ قىزنىڭ باش كۆزلىرىگە، قورساق يانپاشلىرىغا دەسسەيتتى، تېپەتتى. قىزنىڭ ئاغزى بۇرنىدىن قان چىقىشقا باشلىدى، يەردە خۇددى كىرپىدەك تۈگۈلىۋالدى. ئەمما بىر ئېغىزمۇ ئاۋاز چىقارمىدى. بەلكىم ئىچىدە گۇناھلىرىغا تۆۋە قىلىۋاتسا كېرەك. +#4]o }6G  
UH[<&v  
يىگىت ھېرىپ توختاپ قالدى، ئېغىر تىناتتى. قىز ئاستاغىنا ئورنىدىن تۇردى، لىۋىدىكى قاننى سۈرتۈپ ئۇنىڭغا ئېيتتى. %dc3z "u  
W;4Lkk$  
-ئەمىسە مېنى باقامتىڭ؟ ئەمدىلا ئىككى ياشقا كىرگەن بالامنى باقامتىڭ؟ مېنى مۇشۇ مەينەت چەتئەللىككە، كۆزى پۇلدىن باشقىنى تونۇماي، ئۆزىنىڭ ھالال جۈپتىدىن تىنىپ كۆڭۈل خوشلىقى ئىزدەپ يۈرگەن پەسەندىلەرنىڭ قولىغا قاراتماي ھالىمدىن خەۋەر ئالالامتىڭ؟ مېنى تىنىمنى ساتقۇزۇپ ئۆزىنىڭ خۇمارىنى بېسىپ، ئۆز پۇشتىدىن تامغان پەرزەنتى بىلەن كارى بولماي كەچكىچە كەيىپ سۈرۈپ يۈرىدىغان نائەھلى ئېرىم ئاق چىكىپ ئۆلۈپ كەتتى،خۇدانىڭ دەرگاھىغا كەتتى. مەن يەنە قانداق قىلىمەن؟ ئۇنى دەپ قەدىردان ئاتا-ئانىلىرىمدىن كېچىپ كەينىدىن مۇشۇ لەنەت تەگكەن يەرگە كەلدىم. ئۇنى دەپ تېنىمنى ساتتىم، ئۇنىڭ كۆڭۈل خۇشلىقى ئۈچۈن بارلىقىمنى بەردىم. ئەگەر ئۆز جۈپتىنى قەدىرلىيەلەيدىغان، يات كۆزلەردىن ساقلىيالايدىغان، جېنىنى ۋە بارلىقىنى بېغىشلىيالايدىغان بىرەر ئەركەك بولسا مەن مۇشۇ كوچىغا كىرەتتىممۇ؟ ئاغزىدىن سۈت تېمىپ تۇرغان بالامنى تاشلاپ، كىشىلەرنىڭ ئاھانىتىنى كۆتۈرۈپ، يۈزۈمنى داپتەك قىلىپ ئۆزۈمنىڭ قەدرىنى يەرگە ئۇرامتىم؟ Jm4#V~w  
f-4.WW2FN  
قىز ئەمدى يىغلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى يامغۇر سۈيىگە ئارىلىشىپ يۈزلىرىنى بويلاپ ئىچىگە كىرىۋاتاتتى. b(l0js  
xRlYr# %  
-توغرا، مەن بۇزۇق، مەن يولدىن چىققان، ئەمما مەن شۇنى ئۆزۈم خالاپ تاللىدىممۇ؟ بالامنى دېمىسەم ئاللىقاچان بۇ جاندىنمۇ تويغان ئىدىم. ئەمما بۇ نارەسىدىدە نېمە گۇناھ؟ ۋىجدانسىز، مەسئۇلىيەتسىز ئاتىسىنىڭ گۇناھىغا ھېچنىمىنى بىلمەيدىغان، جاھاننىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرىگە ئۇچرىمىغان بىچارە بالام جازالانسۇنمۇ؟ P^pFqUL7#  
+c--&tBo  
يىگىت نېمە دېيىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى. بوران ھەممىگە غەزەپلەنگەندەك قاتتىق چىقماقتا، يامغۇر زېمىندىكى مەينەتچىلىكنى تازىلىماقچى بولغاندەك زەرب بىلەن چۈشمەكتە ئىدى. Di>rO038  
xST4}Mb^f  
-ھېچ بولمىسا باشقىچىرەك ئىش تاپساڭمۇ بولاتتىغۇ؟-يىگىت ئاۋازىنى بايىقىدىن يۇمشاقلىتىپ سورىدى. 7NJFWz!  
~EEs} i  
-مېنىڭدەكلەرنى كىممۇ ئىشلىتىدۇ؟ كىممۇ بېشىمنى سىيلايدۇ؟ نەگىلا بارسام نەپرەتلىك قاراشلار، تىللاشلار. نېمە ئۈچۈن بۇ يولدا مېڭىشقا مەجبۇر بولدۇڭ دەپ سورايدىغان بىرىمۇ يوق. مەن يەنە نېمە قىلىپ بەرسەم بولاتتى؟ خۇدايىم بىز ئۆتكۈزگەن ھەر گۇناھلارنى كەچۈرىدىغۇ؟ بالام ئاچ قالدى، مەن قايتمىسام بولمايدۇ. D 
z\TLs x  
قىز ئاقساقلىغىنىچە كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭدى. يىگىت ئۇنىڭ كەينىدىن قاراپ تۇرۇپ قالدى. ئەتراپتا ئولىشىپ تاماشا كۆرۈپ تۇرغانلارمۇ بىردىن ئىككىدىن تارقاشقا باشلىدى. H=p`T+  
&J$##B  
يىگىت قىزنىڭ كەينىدىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ قالدى. تۇيۇقسىز چۈشتىن ئويغانغاندەك قاتتىق بىر سىلكىندى. قىز تەرەپكە قاراپ يۈگرەشكە باشلىدى. ئۇنىڭغا يېتىشىپ بىلىكىدىن تارتىپ تۇرۇپ: ^2S# Uk  
GS;%zdH~  
-بايا ساڭا ئازار بەردىم، مېنى كەچۈرگىن سىڭلىم. بىز ئەركەكلەرمۇ ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق تونۇپ يېتەلمىگەچ سىلەرگىمۇ كۆپ ئۇۋاللىقلار بولدى. بۇندىن كېيىن ئۇنداق يولدا ماڭمىغىن، بالاڭنىڭ ھەققى ھۆرمىتى ئۈچۈن. بۇندىن كېيىن ئانا-بالا ئىككىڭلارنىڭ ھالىدىن مانا مەن ئاكاڭ سۈپىتىدە خەۋەر ئالىمەن. سەن خاتىرجەم بولغىن. سىلەرنى تىلى ياماننىڭ تىلىدىن، كۆزى ياماننىڭ كۆزىدىن ساقلايمەن. };b1ahaG  
Dz;HAyPj  
قىز تەسىرلەندى، كۆزىدىن خۇشاللىق ياشلىرى تۆكۈلدى. Qhn;`9+L  
P`(Mk6gE  
-رەھمەت ئاكا. N|K4{Frm  
B{MaMf)  
يامغۇر پەسىيىشكە باشلىدى. شامالمۇ توختىدى. قارا بۇلۇتلار ئارىسىدىن چىققان قۇياش نۇرلىرى ئاكا-سىڭىلنىڭ يولىنى يورۇتماقتا، بۇ قېرىنداشلارنىڭ بەختى ۋە كىلەچىكى ئۈچۈن بەخت تىلىمەكتە ئىدى. j}f[W [2  
lG:kAtx4  
4w93}t.z  
h4)Bs\==mT  
UvJ; A  
[ f/I2  
>IfV\ w32  
----------------------------------------------------------------------------------- -ijC_`>  
بىر كىشى بىر چاياننىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ئىچى ئاغرىدى ۋە ئۇنى قۇتقۇزماق ئۈچۈن قولىنى سۇندى. بىئەقىل چايان ئۇنىڭغا نەشتەر ئۇردى ئەمما ھېلىقى كىشى ئىككىنچى قېتىم يەنە قولىنى ئۇزاتتى. بۇ ھالنى كۆرگەن بىراۋ ئۇنىڭدىن سورىدى: `3c CH  
-ئەي ئەقىلسىز، ئۇنىڭدىن نەشتەر يەپ تۇرۇپ يەنە ئۇنى قۇتقۇزاي دەمسەن؟ 6%Mt  
-نەشتەر ئۇرۇش ئۇنىڭ ئەسل خۇسۇسىيىتى، مېھرىبانلىق مېنىڭ خۇسۇسىيىتىم.-دەپ جاۋاپ بەردى ھېلىقى كىشى K.~q+IYP[  
------------شەيىخ سەئىدى(گۈلىستان)
تېما تەستىقلىغۇچى : alafasy
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-09-27, 10:31
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
مەن غەيۋەتچىنىڭ گېلىغا تىرەلگەن پىچاق!!!!!
Pinhangul
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4561

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   196 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   256 (سوم)
 ياخشى باھا:   353 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   356  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 867
 سائەت
دەرىجىسى:
867 سائەت 33 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-23
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-27

ھىكايىڭىز شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ،تېما ئاخىرىدىكى نەقىلنىمۇ بەك ياختۇردۇم،مۇشۇنداق تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي~!
 
كىبىر نىمە قومۇشتىن سوراڭ،
پۆپۈكىنى مىۋە دەر ئىمىش.
ئەگەر پۆپۈك مىۋە ئاتالسا،
نە ئاتىلار شاخ ئەگكەن يىمىش؟
uqkun500
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1761

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   148 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   331 (سوم)
 ياخشى باھا:   341 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   370  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5088
 سائەت
دەرىجىسى:
5088 سائەت 182 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-31
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-27

ھېكايىڭىز بەك ياخشى  چىقىپتۇ .بەك  ياختۇردۇم .بۇندىن كىيىن مۇشۇنداق ياخشى ھېكايىللىرىڭىزنىڭ  مۇنبەر يۈزىدە ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمەن، ئاللاھ قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن  قېرىندىشىم .
 
oguz2
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36500

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   375 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1290 (سوم)
 ياخشى باھا:   178 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   60  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 395
 سائەت
دەرىجىسى:
395 سائەت 45 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-05
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-27

  سۈرخان رەخمەت سىزگە.بەك ئىسىل چىقىرۋىتىپسىز!
 
ياخشىلىق قىل قولۇڭدىن كەلسە!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى