زادى نىمە يېگۈلۈك ؟ ...
Y 8EL يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بېرى ، ھەرقايسى مېدىيىلەردە يەنە «ئەۋرەز مېيى» توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئاۋۇپ قالدى . خەۋەرلەردىن قارىغاندا ، ج خ مىنىستىرلىكى «ئەۋرەز مېيى» دېلوسىنى پاش قىلىش ئومۇمىي ھۇجۇمى قوزغاپ ، 14 ئۆلكىگە چېتىشلىق ، «قاراڭغۇ جۇۋازخانا» ، «قاراڭغۇ زاۋۇت» ، «قاراڭغۇ بازار» ، «قاراڭغۇ ئۇۋا» دىن 6 نى بىتچىت قىلىپ ، ئاساسلىق جىنايەت گۇماندارلىرىدىن 32 نى قولغا ئالغان .
!SMIb(~[z بىر قىسىم مۇتەخەسىسلەرنىڭ دېيىشىچە ، مەملىكەت بويىچە يېمەكلىك ماي ئېھتىياجى 22 مىليون 500 مىڭ توننا بولۇپ ، يېمەكلىك سانائىتى ۋە باشقا ساھەلەرگە ئېھتىياجلىق ماي بۇنىڭ سىرتىدا ئىكەن . يەنە بەزى مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، 2009- يىلقى تاماق شىرەسىگە يېنىپ كەلگەن «ئەۋرەز مېيى» نىڭ ئۆزىلا 4 ~ 5 مىليون توننىغا يېتىدىكەن . ھەر يىلى تاماق شىرەسىگە يېنىپ كېلىدىغان «ئەۋرەز مېيى» ئوتتۇرىچە 2 ~ 3مىليون توننا ئەتراپىدا ئىكەن ، بۇ تېخى تۆۋەن مۆلچەرلەنگەن سان ئىكەن .
K]1A,Q «ئەۋرەز مېيى» __ ئاشخانا-رېستورانلاردا ئىستىمالچىلاردىن ئېشىپ قالغان يېمەكلىك قالدۇقلىرى ، بۇس تارتقۇ مايدانىغا يىغىلىپ قالغان ماي ، تەكرار قورۇما قورۇش ، يېمەكلىك داغلاپ پۇشۇرۇشتىن ئاشقان مايلار ، ئەۋرەزدىن سۈزۈۋالغان ئەخلەت مايلار ، ھەرخىل «ھايۋانلار»نىڭ باش-سىرىغى ، ئىچ-قارنىنى پۇشۇرۇشتا چىققان مايلار ، بۇزۇلۇپ قالغان مايلارنى كۆرسىتىدىكەن . ئۇنىڭ تەركىبىدە كۆپ ھالقىلىق ئاروماتىك كاربون ھىدرىد ، ئېغىر مېتال ، خولېستېرىن ۋە قاچا-قومۇچ يۇيۇشتا ئىشلىتىلىدىغان سۇيۇقلۇق تەركىبىدىكى خېمىيىلىك ماددىلار بولۇپ ، ئادەمنىڭ تېنىگە زىيىنى ئىنتايىن چوڭ بولىدىكەن ، ھەتتا راك كېسىلى پەيدا قىلىدىكەن .
cR*D)'/tl يېمەكلىك بېخەتەرلىكى مەسىلىسى ئاللىقاچان ئاۋام تۇرمۇشىدىكى قىزىق نۇقتا بوپقالغانىدى . مانا مۇشۇ يىلنىڭ ئۆزىدىلا ماي يوقۇتۇش خۇرۇچى ۋەقەسى ، زەھەر گۈرۈچ ۋەقەسى ، زەھەر پۇرچاق ئۈندۈرمىسى ۋەقەسى ، ساختا فېنتوزا ۋەقەسى ، زەھەر سوقۇم ۋەقەسى ، رەڭلىك ھور نان ۋەقەسى ھەمدە يېقىندا گۇمىدا يۈز بەرگەن 11 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان زەھەر ئاچچىقسۇ ۋەقەسى قاتارلىق سەتچىلىكلەر جامائەتكە ئاشكارىلانغانىدى . بۇنىڭدىن 10 نەچچە يىل ئىلگىرىلا ئاشكارىلانغان «ئەۋرەز مېيى» سەتچىلىكىدىن كېيىن ، بۇ قېتىم يەنە پاش قىلىنغان «ئەۋرەز مېيى» كەسپ زەنجىرى يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىۋارىنى قوزغىماقتا . يېمەكلىك بېخەتەرلىك مەسىلىسىدە ، مەيلى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش بولسۇن ، مەيلى ئەخلاقىي جەھەتتىن چەكلىمە قويۇش بولسۇن ، كىشىلەر ھەر قايسى نۇقتىدا تۇرۇپ ئويلانغان ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئۈستىدە چۇقان سېلىشقانىدى . لېكىن مەسىلە تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىندىمۇ ؟
<}&n}|! يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، جىنخۋانىڭ كولباساسى (خوتۈيچاڭ) ، تەيساڭنىڭ گۆش تالقىنى ، چۇڭچىڭنىڭ يەلقازان دورا-دەرمەكلىرى ، خېمىيىلىك تولۇقلىغۇچ ئىشلىتىلگەن لۇڭكۇنىڭ فېنتوزىسى ، سانائەت تۇزى ۋە DDV ئىشلىتىلگەن سىچۋەننىڭ تۇزلانغان خام سېيى ، خېبېينىڭ زەھەر كۈدىسى ، بوۋاقلارنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئەنخۇينىڭ ساختا سۈت پاراشوكى ، 300 مىڭ بوۋاقنى كېسەلگە مۇپتىلا قىلغان شېجياجۋاڭنىڭ مىلامىن قېتىلغان «ئۈچ مارال» ماركىلىق سۈت پاراشوكى ، شەنشىنىڭ زەھەرلىك ۋاكسىنىسى ، سانائەت مېيى بىلەن پارقىرىتىلغان گۈرۈچ ، بەش خىل پۇراقلىق گۈرۈچ ، ھاك بىلەن ئاقارتىلغان ۋە سۈڭەك يېلىمى ئارىلاشتۇرۇلغان ئۇن ، ساختا ھەسەل ، ساختا تۇخۇم ، كۆن-خۇرۇم سۈتى قاتارلىق كەينى-كەينىدىن يۈز بەرگەن ساختا يېمەكلىك ۋەقەلىرىدىن كېيىن ، ھالا بۈگۈنكى كۈندە يەنە ئاشكارىلانغان ئەۋرەز سۇ مېيى ، ساختا پۇرچاق ئۇيۇتمىسى ، ساختا «سېمىز قوي گۆشى» ۋەقەلىرىدىن قۇيقا چاچلىرىمىز تىك تۇرۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ، ئۇھسىنماقتىن بۆلەك نە ئىلاجىمىز بولسۇن . يۇقىرىدىكىلەر پەقەت ئاشكارىلانغانلىرىنىڭ بىر قىسمى خالاس ، ئاشكارىلانمىغانلىرىدىن يەنە قانچىلىك نەرسىلەر باردۇ . ئەتراپىمىزغا تازا ئوبدان سەپسېلىپ قارايدىغان بولساق ، جايلاردىكى تاللا بازارلىرى ، چوڭ-چوڭ سودا سارايلىرى ، ئەتىگەنلىك ۋە كەچلىك بازارلاردىكى ، ئادەمنىڭ كۆزلىرىنى ئالا-چەكمەن قىلىۋېتىدىغان رەڭگا-رەڭ «لىباس» لارغا ئورالغان ئىستىمال بويۇملىرىدا مۇتلەق «زەھەر» يوق دەپ كىم ھۆددە قىلالايدۇ ؟ ئىگىسى ئۆزى بىلمىسە ، ھېچكىمگە مەلۇم ئەمەس . مۇشۇ كۈنلەردە بىز نىمىنىمۇ بىخەتەر دەرمىز ؟ بىزدە يەنە ئىستىمال قىلغۇدەك زادى نىمە قالغاندۇ ؟
D37N*9} بۇ خەقنى قورقۇتقانلىق ئەمەس ، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ پىسخىك جەھەتتىكى زىيادە سەزگۈرلىكى ياكى ئەندىشىسىمۇ ئەمەس . ئادەم بولغان ئىكەن ، كىم بىر نىمە يېمەيدۇ ؟ ئۇن-گۈرۈچ ، گۆش-ماي ، چاي-تۇز ، تاتلىق-تۇرۇم ، مېۋە-چىۋە ، كۆكتات دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن ھەممە ئادەم كۈندە دېگۈدەك ھەپىلىشىپ تۇرىدۇ . رېستۇران ، ئاشپۇزۇل ، تېز تاماقخانا ، كەچلىك بازار قاتارلىق سورۇنلاردىن ئايرىلالمايدۇ . كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك يېمەك-ئىچمەك ، كىيىم-كېچەك ، دورا-دەرمەك دېگەنلەردىن توختىماي چاتاق چىقىۋەرسە ، كىشىلەر ئەلۋەتتە بۇ خىل ئەندىشىگە تولغان --- ئەمدى زادى نىمە يېگۈلۈك ؟ --- دېگەن گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويماي قالماس . كىشىلەر مانا مۇشۇنداق سۇئالنى ئوتتۇرىغا قويغان چېغىدا ، جەمىيەتنىڭ بەزى ئەسلىدىنلا بار بولغان مۇقىم ئەخلاق ئەندىزىسى ، قېلىپلاشقان ھەرىكەت ئۆلچىمى ، سېستىمىسى ۋە ئاساسىيدا تەڭپۇڭسىزلىق يۈز بېرىشى ، تەۋرىنىپ قېلىشى ھەتتا ۋەيران بولۇش سېگنالى بوپقېلىشى مۇمكىن . قورقۇنچلىقى يۇقىرقى ئاشكارىلانغان نەرسىلەردە ئەمەس ، تەكشۈرگەنسىرى يەنە سادىر قىلىدىغان ، چەكلىگەنسىرى ئەدەپ كېتىدىغان يامان سۈپەتلىك دەۋرىيلىكتىمۇ ئەمەس ، ساختىلىق قىلغۇچىلارنىڭ پەرۋاسىزلىقى ، ھىماتىم بار دەپ ئەندىشە قىلماسلىقى ، ئىستىمالچىلارنىڭ كارى بولماسلىقى ، بىخودلۇق قىلىشىدىمۇ ئەمەس ، بەلكى كىشىلەر قەلبىدە بىز خاتىرجەم ، بىمالال ئىستىمال قىلغۇدەك بىخەتەر نەرسە بارمىدۇ ؟ دەيدىغان گۇمان پەيدا قىلىشىدا، ئىجتىمائىي ئىشەنچ ، ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچ دېگەن نىمىنىڭ قىلچىمۇ قالماسلىقىدا ، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ پۇلنىلا دەپ ، ۋىجدان ، نومۇس دېگەنلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇۋاتقانلىقىدا . «ھەممىلا ئادەم ئۆزىنىلا ئويلىسا ، ئۆزىنىڭلا غېمىنى يېسە ، بۇ شەخسىي ئەخلاققا ياتىدۇ ، ھەممىلا ئادەم ئەلنىڭ ، مىللەتنىڭ غېمىنى يېسە ، بۇ جامائەت ئەخلاقىي بولىدۇ . تۇرمۇشتا بۇ ئىككىسى كەم بولسا بولمايدۇ» . ھازىر بىر قىسىم كىشىلەر چەتئەل يېمەك- ئىچمەكلىرىنى پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي سېتىۋېلىپ ئىستىمال قىلىدىغان ، يەيدىغان ئۇن-مايلىرىنى پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي ، چەت يېزا-قىشلاقلاردىكى ئۇرۇق-تۇغقان ، يارۇ-بۇرادەرلىرى ئارقىلىق سېتىۋالىدىغان بوپتۇ . بەزىلەر چەت-ياقا يەرلەردىن يەر ئېلىپ ، ئۆزلىرىنىڭ شۇ يىللىق ئوزۇقى ، كۆكتاتلىرى قاتارلىقلارنى غەملىۋالىدىغان بولۇۋاپتۇ . لېكىن ھەممىلا ئادەم مۇشۇنداق قىلالامدۇ ؟ كىشىلەر قەلبىدە يامراشقا باشلىغان ئىشەنچ دېگەن نەرسىنىڭ بەربات بولىشىدىن كېيىن ، كىم-كىمگە ئىشىنىدۇ ؟ ناۋادا ، ئۆزىڭىز يەر تېرىماقچى بولسىڭىز ، ئالغان ئۇرۇقىڭىزنىڭ ساختا ياكى ساختا ئەمەسلىكىگە ئىشەنچىڭىز بارمۇ ؟ ئۆزىڭىز مال باقماقچى بولسىڭىز ، سېتىۋالغان يەمگە ئىشەنچ قىلالامسىز ؟ ئۆزىڭىز ئۆي سالماقچى بولسىڭىز ، سېتىۋالغان سېمۇنت ، پولات چىۋىق ، خىشلىرىڭىز ئىشەنچلىكمىدۇ ؟ بىزدە ئىشەنچلىك بىر نەرسە بارمىدۇ ؟ ھالا بۈگۈن ، كىشىلەر سىياسىي جەمىيەتتىن ئىقتىسادىي جەمىيەتكە كىرىشكە باشلىدى ، ئىجتىمائىي ئىشەنچ دېگەن نەرسە ئوچۇق-ئاشكارە ھالدا ئىنتايىن زور خىرىسقا دۈچ كېلىۋاتىدۇ ، بۇنىڭغا ھېچقانداق باھانىنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمىغاندەك تۇرىدۇ . تېلېۋېزورلاردا كۆرىۋاتقان ساختىلىق قىلغۇچىلارنىڭ يوغان داشقازانلاردا مەينەت يېمەكلىكلەرنى ئىلەشتۈرىۋاتقان ، ئەۋرەز مېيى ياساۋاتقان كۆرىنىشلەر ، كېچىلىك بازارلاردا يۇندىسى ئېقىپ تۇرغان قاپقارا دەسمال بىلەن سۈرتىۋاتقان قاچا-قومۇچ ، شىرەلەر ، كۆكتات تېرىيدىغانلار ، ئۈزۈم قۇرۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى يەيدىغاننى ئايرىم تېرىيدىغانلىقى ، ئايرىم قۇرۇتىدىغانلىقى قاتارلىقلار ، كىشىلەرگە مۇنداق نەرسىلەرنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى سەمىمىلىك بىلەن ئۇقتۇرغىنىدىن باشقا نەرسە ئەمەس . ئۇلار ئۆزلىرى ئىستىمال قىلمىغان چېغىدا ، پېقىرغا شۇنىسى ئېنىقكى ، ئۇلارمۇ پەقەت ئىجتىمائىي ئىشەنچتىن ئىبارەت مۇشۇ زەنجىردىكى بىر ھالقا ، مەسئۇلىيەتنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا ئارتىپ قويۇشنى ئاقىلانىلىق ئەمەس دېسەممۇ ، لېكىن جەمىيىتىمىز ئوبرازىنىڭ يەر بىلەن يەكسان بولىۋاتقىنىدىن ، سەمىمىلىك ، ئىشەنچتىن ئىبارەت بۇ زەنجىرنى قوغدايدىغان ، كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەيدىغان بىر قەلبنىڭ بولماسلىقىدەك ئەخلاقنىڭمۇ قالمىغانلىقىدىن يۈرىكىم پارە-پارە بولىدۇ . چۈنكى بۇ زەنجىردىكى ئەڭ ئەقەللىي خەققە ئالدىنىپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەيدىغان ، خەققە زىيانكەشلىك قىلسا بولمايدىغان ئەخلاقىي چەكمۇ قالمىغان تۇرسا . بىلمىدىم ، باج تاپشۇرغۇچىلار تاپشۇرغان باج بەدىلىگە بىر كىشىلىك ئورۇننى ئىگىلەپ يۈرگەن ئاشۇ سۈپەت نازارەتچىلىكى ، سەھىيە ، سودا-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش تارماقلىرىدىكى نانقېپىلارنىڭ زادى نىمە كېرىكى ، قاچانلا قارىسا مىدىيىلەر ئاشكارىلىغاندىن كېيىنلا ئوتتۇرىغا چىقىشىدۇ ، باشقا چاغدا چىۋىن قورۇپ ئولتۇرامدىغاندۇ ؟
`qbf_;\ مانا بۇلار ، جۇڭگو ئىجتىمائىي ئەخلاق ئېتىكىسىنىڭ بەش مىڭ يىلدىن بېرىقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ . مۇشۇ يىللاردىن بېرى ، جەمىيىتىمىزنىڭ ئەخلاق ساپاسى تۈزىگىلى بولمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى . «خوتۇنىنى كېرەك قىلمايدىغان ، موئاشنى قىمىرلاتمايدىغان ، قورسىقىنى بىكارغا تويدۇرىدىغان» بىر قىسىم يەرلىك ئەمەلدارلار زىيادە يۇقىرى پايدا-مەنپەئەت ئۈچۈنلا دېھقانلارنى يۇرت- ماكانىدىن ھەيدەپ چىقىرىپ ، ئۆي-زىمىنلىرىنى تارتىۋىلىۋاتقان يەردە ، جەمىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىنىڭمۇ ئۇلاردىن ئۈلگە ئېلىشى ، ئىجتىمائىي ئەخلاق سەۋىيىسىنىڭ ئومۇميۈزلىك تۆۋەنلەپ كېتىشى بىر خىل مۇقەررەرلىك خالاس . ھاياتلىققا ، كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا سەل قارايدىغان بۇنداق ئەھۋال پۈتۈن مەملىكەتتە ۋاباغا ئوخشاش يامرىماقتا ، بۇ كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان رېئاللىق . شۇنداق دېيىشكە بولىدىكى ، ھازىر بىز نامراتلىقتىن ئەمەس ، بەلكى دەستىرخاندا جان تەسلىم قىلىۋاتىمىز .
&!SdO
ناۋادا يېقىنقى زاماندىكى سىياسىي جەمىيەتتىن سودا جەمىيىتىگە ئۆتكىچە بولغان ئارىلىقتا ، ئىككى قېتىملىق ئىجتىمائىي ئىشەنچتىن ئىبارەت زەنجىر ئۈزۈلدى دېسەك ، بۈگۈنكى ئۈزۈلۈشتىن تارىخنىڭ سايىسىنى كۆرىۋالماق تەس ئەمەس . چۈنكى ئاتالمىش مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىيدىن كېيىنكى ئېتىقادنىڭ گۇمرانلىقى ۋە ئۈمىدسىزلىكتىن ئىبارەت رىئاللىق ئالدىدا ، كىشىلەر بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ھەممىگە قادىر ئەڭگۈشتەر دەپ تونۇۋاتقىنىدا ، ئېتىقادنىڭ بىر پەشۋاغىمۇ يارىماي بەربات بولىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئەخلاقىي بۇزۇلۇشنى مۇقەررەرلىك دەپ قاراشقا ، كۆزنى ئالا-چەكمەن قىلىۋېتىدىغان قىپقىزىل تاراقشىپ تۇرغان پۇلنىڭ ، ئەينى يىللاردىكى ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان ئۈزۈندە ، بايراقلارنى ئېگىز كۆتىرىۋېلىپ شۇئار توۋلاشلارنىڭ ئورنىنى ئېلىشىنى نورمال ئىش دېيىشكە بولىدۇ . $WED]X@X!
كىشىلەرنىڭ «ئەمدى زادى نىمە يېگۈلۈك؟» دېگەن سۇئالىغا قارىتا ، ئەمدى سەۋەنلىكلىرىمىز ئۈستىدە ، يەنى ئىجتىمائىي ئىشەنچنىڭ قالماسلىقىدىكى نىگىزلىك سەۋەپ نەدە ، تارىخىي مەنبىئى زادى نەدە دېگەنلەرنى ئوبدانراق ئويلىنىدىغان چاغ بوپقالغاندەك تۇرىدۇ . مۇشۇنداق قىلغاندىلا ، تەرەققىياتىمىزغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىجتىمائىي ئىشەنچ زەنجىرىنى قايتىدىن تۇرغۇزغىلى بولىدۇ . ئۇنداق بولمايدىكەن ، «تېزىنى باسسا مېزى ، مېزىنى باسسا بېزى» دېگەندەك ، بۈگۈن ئەۋرەز سۇ مېيى چىقسا ، ئۇنى بىر تەرەپ قىلغان بىلەن ، ئەتىلا ساختا ھەسەل چىقىدۇ ، ئۆگۈنى يەنە بىرى چىقىدۇ . بىز يەنە ئۇنى بىر تەرەپ قىلدۇق دېگەن بىلەن ، ئورىۋەتكەن كۈدە يەنە ئۆسۈپ چىققاندەك ، يەنە بىر ساختا نەرسە چىقىدۇ-دە ، ئۆزىمىز پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىپ ، خەقنىڭ كەينىدىن پوقىنى تازىلايدىغان ھالغا قالىمىز . بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر قەلبىدە ئاللىقاچان ئۈزۈلۈپ كەتكەن ئىشەنچتىن ئىبارەت بۇ زەنجىرنى قايتىدىن ئۇلاش تەسكە توختايدۇ . چۈنكى ، ھەر قانچە ئۇستا سۇۋاقچى بولساقمۇ ، ئۈركۈپ كەتكەن تام سۇۋاق تۇتمايدۇ-دە . P-o/ax
gdPv,p19L