-
تىزىم نۇمۇرى:57995
-
- تىزىم ۋاقتى:2011-09-25
- ئاخىرقى كىرگىنى2011-10-04
- تور ۋاقتى:81سائەت
-
-
بىلوگدوستلاشقورال
|
|
|
|
|
r@$B'CsLj بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاھۇ زارى. b>=7B6 Aw %|?1B$s0 zz3 r#5 مەن قەشقەر شەھەر بەشكىرەم يېزا سىدىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ، مەن دەرىس مۇنبىردىن ئايرىلماي ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغىلى 28 يىل بولدى. 23 يىللىق پارتىيە سىتاجىغا ، 28 يىللىق خىزمەت سىتاجىغا ئىگە ئوقۇتقۇچى. ئوقۇش تارىخىم ئالى تىخنىكۇم. مەن 28 يىل خىزمەت ئىشلەش جەريانىدا كوپ قىتىم ئىلغار ئوقۇتقۇچى،ئىلغار سىنىپ مۇدىرى، ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالىنىپ يېزا ۋە مەكتەپ دەرجىلىك مۇكاپاتلانغان .مەكتەپ ئىلمى مۇدۇرلۇق خىزمەت ۋەزىپىسىنىمۇ ئۈستۈمگە ئىلىپ ئىشلىگەن. خىزمەت ۋەزىپەمنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقىپ كىلىۋاتىمەن. مەن 1983-يىلى خىزمەتكە قاتناشقان ،«باشلانغۇچ 1-دەرجە » ئۇنۋاىنىنى 1999-يىلى ئالغان.2010-يىللىق باشلانغۇچ ئالى ئۇنۋان تەخسىماتىدا مىنىڭ ھەممە شەرتىم تولۇق چۈشىدىغان تۇرۇغلۇق ماڭا سان كۆرسەتكۈچى بىرىلمىدى، بەلكىم مەن مەركىزى مەكتەپ مۇدىرىنى ” بولاق” بىرىپ يوقلىيالمىغانلغىمدىن بولسا كىرەك، بولاق بىرەيمۇ دىگەن پارتىيەلىك غۇرۇرۇم بۇنىڭغا يول قويمىدى .مەن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىغا ئەھۋال ئىنكاس قىلىپ كىرگەن ئىدىم. ئۇلار ئادەم تەشكىللەپ تەكشۈرۈشكە چىققان بولسىمۇ مەركىزى مەكتەپنىڭ قىلغىنىنى توغرا قىلىپ كىرىپ كەتتى. z6Z='=pT q%.bnF/Yd 2011-يىللىق ئىنۋان تەخسىماتىدا يەنىلا شەرىتلىرىم تولۇق ھازىرلانغان بولسىمۇ يەنىلا ئۇنۋان كۆرسەتكۇچىگە ئىرشەلمىدىم. 2009-يىلى كىسەل بولۇپ قېلىپ داۋالانغان ئىدىم . شۇ يىلقى ئۇنۋان باھالاشتا ئۆلچەم بويىچە نومۇر تارتىلىپ ئۇنۋان كۆرسەتكۈچ سانى بىرىلمىدى.لىكىم 2010-2011-يىللىرىمۇ ئوخشاشلا نومۇر تارتىلىپ يەنىلا سان كۆرسەتكۈچى بىرىلمىدى .مەن ئويلايمەن ،قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىنغان قىلمىش كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا،دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مال مۈلكىگە ئىغىر زىيانلانى ئىلىپ كىلشى مۇمكىن، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان شوپۇرلادىن شۇ يىلى بىر قىتىملا نۇمۇر تۇتۇلۇپ ياندۇرقى يىلى يەنىلا تولۇق نومۇر بىرلىدۇ.مىنىڭ دوختۇرخاندا داۋالانغانلىغىم شوپۇرلانىڭ قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان ئاشۇ قىلمىشىدىنمۇ ئىغىر بولامدۇ؟ *f*f&l | |