مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1184 
  •    ئىنكاس 
       2 

بۆشۈك ئانام ھەققىدە رىۋايەت

قەۋەت ئاتلاش
altunboxuk
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.26927

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   120 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9780 (سوم)
 ياخشى باھا:   462 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   682  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 851
 سائەت
دەرىجىسى:
851 سائەت 49 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-19
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
— بۇ تېمىنى Eltekin نەسىرىي ئەسەرلەر دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2011-09-25) —

بۆشۈك ئانام ھەققىدە رىۋايەت =B?uNoe  
(خەلق ئارىسىدىكى رىۋايەتلەرگە ئاساسەن يېزىلدى)
*1elUI2Rg  
@A yC0}  
   بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا جاھاندا پەقەت ئىككىلا شاھ ئۆتكەنىكەن. بىرى زىمىن شاھى، يەنە بىرى ئاسمان شاھى ئىكەن. زىمىن شاھى ھەيۋەتلىك تاغ دەريالىرى، بىپايان دېڭىز ئوكيانلىرى، گۈزەل باغۇ-بوستانلىرى بىلەن سىھرى كۈچكە تولۇپ تۇرسا، ئاسمان شاھى جاھانغا ئىللىق نۇرىنى تۆكۈپ تۇرغۇچى قۇياش، ئاي، چاقناپ تۇرغان سان-ساناقسىز يۇلتۇزلىرى بىلەن چەكسىز قۇدىرەتكە ئىگە ئىكەن. زىمىن شاھىنىڭ بىر ئوغلى بولۇپ قەددى-قامىتى چىناردەك، سۈر ھەيۋىسى شىردەك، كۈچ-قۇدىرىتى پىلدەك ئىكەن. ئۇ پۈتكۈل زىمىننىڭ ئەركىسى، جان-جانىۋارلارنىڭ سەركىسى، زىمىن شاھىنىڭ يۈرەك پارىسى ۋە ئۈمىدى ئىكەن. ئاسمان شاھىنىڭمۇ بىر مەلىكىسى بولۇپ، گۈزەللەرنىڭ گۈزىلى، گۈللەرنىڭ رەناسى،  پەرىلەرنىڭ پەرىسى، چىمەنلەر دۇنياسىنىڭ يەكتاسى ئىدى. ئۇ ئويغانسا پۈتكۈل جاھان ئويغىناتتى. ئۇ كۈلسە پۈتكۈل جاھان كۈلەتتى. V;)'FJ)]  
   ئاسمان شاھى كۈچ-قۇدرىتىگە تايىنىپ ئۆز خەلقىگە بەكمۇ مۇستەبىت ۋە زوراۋانىدى. ھەتتا ئۆز پۇشتىدىن بولغان مەلىكىگىمۇ ئەركىنلىك بەرمەيتتى. ئۇنىڭ ئوردىدىن چىقىشىغا رۇخسەت قىلمايتتى. مەلىكە دادىسىنىڭ بۇ قىلىقىدىن نارازى ئىدى. ئۆزىنى گويا قەپەزدىكى قۇستەك ھىس قىلاتتى. سىرتلارغا چىققۇسى، جاھاننى كۆرۈش ئارزۇسى بولسىمۇ دادىسىغا ئېيتىشقا پېتىنالمايتتى. كۈنلەر ئۆتكەنسىرى مەلىكە ئورۇقلاپ، چىرايى خۇددى كۈز يوپۇرماقلىرىدەك سارغىيىشقا باشلاپتۇ. بۇنى كۆرگەن پادىشاھنىڭ بېشىغا غەم چۈشۈپتۇ. قارىسا قىزى كۈندىن كۈنىگە سولىشىپ كېتىۋاتقان. قانداقلا بولمىسۇن دادا بولغاچقا ئۇنىڭغا چىدىماپتۇ. قىزىنى داۋالاش ئۈچۈن داڭلىق ھەكىملەرنى چاقرىپتۇ. ئەمما ھىچقايسىسى كارغا كەلمەپتۇ. مەلىكىنىڭ كېسىلى بارغانچە ئېغىرلاپتۇ. بىر كۈنى ئوردىغا بىر قېرى ھۆكۈمدار كىرىپ كەپتۇ. بۇ چاغدا مەلىكە پۈتۈنلەي ماغدۇرسىزلىنىپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانىكەن. ھۆكۈما ئۇنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ، يۈرىكىنى تىڭشاپتۇ ۋە ھىچبىر ھېيىقماستىن كۈلۈپ كېتىپتۇ. پادىشاھ دەرغەزەپ بولۇپ: 40:YJ_n  
  -ئەي، قېرى جادۇگەر، قىزىم مۇشۇ ھالدا تۇرسا، نە ۋەجىدىن كۈلىسەن؟ كاللاڭنىڭ كېسىلىشىدىن قورقمامسەن؟-دەپ سوراپتۇ. ھۆكۈما: O:u^jcXA  
  -بىر قوشۇق قېنىمدىن كەچسىلە تەقسىر، ئەگەر رۇخسەت قىلسىلا مەلىكىنىڭ كېسىلى ھەققىدە توختىلاي،-دەپتۇ. lSbAZ6  
  -قېنى تىزراق ئېيت،-دەپتۇ پادىشاھ . jo"[$%0`  
  -مەلىكىنىڭ كېسىلى تەندە ئەمەس، قەلبتىدۇر. پېقىرنىڭ بىلىشىچە ئۇ ئىچ-پۇشۇق كېسىلىگە مۇپتىلادۇر. بۇ كېسەلنى داۋالاشقا ئۆزلىرىدىن ياخشى ھەكىم يوقتۇر. ئۇنى ھاۋالىق جايلارغا ئاپپىرىپ ھاۋالاندۇرماقلىرى،  سىرتلارنى ئايلاندۇرۇپ دىلغەشلىكىنى يەشمەكلىرى، كۆڭلىنى ئازادە تۇتۇشقا، ئۆزى خالىغان ئىشنى قىلىشقا پۇرسەت بەرمەكلىرى زۆرۈردۇر،-دەپتۇ ھۆكۈما. k:d'aP3  
   بۇ گەپنى ئاڭلىغان پادىشاھ دەرھال ئوردا سىرتىغا بىر چاھار باغ بىنا قىلدۇرۇپتۇ. باغ ئىچىگە كاتتا قۇرلۇشلارنى سالدۇرۇپتۇ. دەريا، كۆللەرنى ياسىتىپتۇ. ئەتىراپىنى گۈل-چىچەكلەرگە ئوراپتۇ. ئورمانلارنى تىكىپ ھەر تۈرلۈك قۇشلار بىلەن تولدۇرۇپتۇ ۋە مەلىكىنى چاھار باغقا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. باغدا ھەر كۈنى نەغمە-ناۋا، كۆڭۈل ئېچىشلارنى تۈزۈپتۇ. بۇنىڭ بىلەن مەلىكىنىڭ چىرايىغا قان يۈگىرەپ، ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىشكە باشلاپتۇ. پادىشاھ ھەر كۈنى باغقا كېلىپ مەلىكىنى يوقلايدىكەن. بىر كۈنى پادىشاھ ئادىتى بويىچە مەلىكىنىڭ قېشىغا كىرگەندە مەلىكە : Tl25t^Y  
   -ھۆرمەتلىك شاھ ئاتا، ئۆزلىرىنىڭ مىھرى-مۇھەببەتلىرىنىڭ كۈچ-قۇدىرىتى بىلەن مەن مۇشۇنچىلىك بولدۇم. مەن شاھ ئاتامدىن بەكمۇ مىننەتدار، ئاللا تەنلىرىنى ساق، ئۆمۈرلىرىنى ئۇزۇن، شانۇ-شەۋكەتلىرىنى تېخىمۇ زىيادە قىلغاي! شاھ ئاتا، مەلىكىلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە دەيدىغان كىچىككىنە بىر ئارزۇسى بار ئىدى. بىلمىدىم، شاھ ئاتام بۇ ئارزۇيۇمغا يېتىشىمگە ياردەم قىلامدىكىن؟-دەپتۇ. (xxJ^u>QC  
   -قېنى ئارزۇيۇڭنى ئېيىت قىزىم، ھېلىغۇ كىچىككىنە بىر ئارزۇ ئىكەن، نەچچە ئون ئارزۇيۇڭ بولسىمۇ ئورۇنداپ بېرىمەن،-دەپتۇ پادىشاھ مەلىكىنىڭ ئوچۇق-يورۇق چىرايىنى كۆرۈپ. t# 
   -كېرەملىك شاھ ئاتا، ئۆزلىرى شۇنچە چوڭ كائىناتنىڭ شاھى، شۇنچە چەكسىز كۈچ-قۇدىرەتنىڭ ئىگىسى بولسىلىمۇ مەن تېخى ئوردىدىن باشقا يەرنى كۆرۈپ باقماپتىمەن. ئەگەر رۇخسەت قىلسىڭىز سەلتەنەتىڭىز ھېمايىسىدە پۈتۈن جاھاننى ئايلىنىپ، رەڭگە-رەڭ دۇنيانى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرسەم، كىنىزەكلىرىم بىلەن سەيلى-تاماشە قىلىپ كۆڭلۈمنى ئېچىپ كەلسەم،-دەپتۇ مەلىكە. :v&GA s6H  
   بۇ گەپنى ئاڭلىغان پادىشاھ دەماللىققا بىر نەرسە دېيەلمەپتۇ. راستىنى دېسە قىزىدىن ئايرىلغۇسى كەلمەپتۇ. ياق دەي دېسە قىزىغا قىلغان لەۋزىدىن يانالماپتۇ. ئاخىرى قىزىنىڭ تەلىۋىگە قوشۇلۇپ، خەيىرلىك بىر كۈننى تاللاپ نۇرغۇن  سەركەردە، سەرۋازلارنىڭ ھېمايىسىدە قىزىنى يولغا ساپتۇ. !H.&"~w@  
   مەلىكە ئوردىدىن چىقىپلا قەپەزدىن چىققان قۇشتەك يايراپ كېتىپتۇ. كۆڭلى خالىغان يەرگە قاراپ ئۇچۇپتۇ. جاھاننى ئايلىنىپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى كۆرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن روھى كۆتۈرۈلۈپ كېسىلى تامامەن ساقىيىپتۇ. چىرايىغا قان يۈگىرىپ، ھۆسنى-جامالى نەرگىس گۈلىدەك ئېچىلىپتۇ. بىراق يەنە ئوردىغا قايتىشنى ئويلىسا كۆڭلى يېرىم بولىدىكەن، ئوردىغا زادىلا قايتقۇسى كەلمەيدىكەن. نېمە ئامال؟ شاھ ئاتىسىنىڭ پەرمانىغا قارىشى چىقىشقا كىممۇ پېتىنالىسۇن؟ ) d\Se9!  
   بىر كۈنى ئويلىمىغان بىر ئىش بوپتۇ. ئۇلار يۇلتۇرزلارنى تاماشا قىلىپ كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز بىر يەرنى بايقاپ قاپتۇ. يىراقتىن قارىسا بۇ يەر رەڭدار بىر شارغا ئوخشايدىكەن. ئەجدىرھادەك سوزۇلۇپ ياتقان تاغلىرى، كۆپ-كۆك پايانسىز دېڭىزلىرى، ياپ-يېشىل ئورمانلار مەلىكىنى ئۆزىگە رام قىپتۇ. nYE_WXY3V  
   -بۇ يەرگە بېرىشقا بولمايدۇ،-دەپتۇ بىر سەركەردە،-بۇ يەر ھەم جەلىپكار، ھەم سىرلىق، ئىلگىرى بۇ يەرگە چۈشكەنلەرنىڭ ھىچقايسىسى قايتىپ كېلەلمىگەن. X|8Y z3:o  
   بۇنى ئاڭلاپ ھەممەيلەننى سۈر بېسىپتۇ. بىراق مەلىكە تېخىمۇ قىزىقىپ قاپتۇ. شۇ كۈنى يېرىم كېچىدە مەلىكە بىرقانچە كېنىزەكلىرى بىلەن ھېلىقى سىرلىق ماكانغا چۈشۈپتۇ. قارىغۇدەك بولسا بۇ يەر گويا جەننەتنىڭ ئۆزى. شاقىراپ ئېقىۋاتقان سۈپ-سۈزۈك سۇلار، رەڭگا-رەڭ ئېچىلغان گۈللەر، بەس-بەستە سايراۋاتقان قۇشلار، توپ-توپى بىلەن يايلاۋاتقان ھايۋانلار... ئۇلار بەكمۇ خوشال بولۇشۇپتۇ. ئەمما ئۆزلىرىنىڭ ئېغىرلاپ قالغانلىقىنى، ھەرقانچە كۈچىسىمۇ بۇرۇنقىدەك ئەركىن ئۇچۇپ يۈرەلمەيۋاتقانلىقنى بىلىپ، ئەمدى قايتىشنىڭ مۈمكىن ئەمەسلىنى ھىس قىلىشىپتۇ. ئەتىسى مەلىكە كېنىزەكلىرى بىلەن بۇلاق سۇلىرىدىن قانغۇدەك ئىچىپ، گۈللەرنى تاماشە قىلىپ يۈرگەندە بۇ يەردە ئوۋ قىلىپ يۈرگەن زىمىن  شاھزادىسى بىلەن ئۇچرۇشۇپ قاپتۇ. ئۇلار بىرلا كۆرۈشۈپ بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ قاپتۇ. شاھزادىنىڭ كېلىشكەن قامىتى، ئەقىل-پاراسىتى ۋە باتۇرلۇقى مەلىكىنى قايىل قىلغانىكەن. شۇنىڭ بىلەن مەلىكە شاھزادە بىلەن توي قىلىپ بۇ يەردە تۇرۇپ قاپتۇ. !7}5"j ;A  
   ئەمدى گەپنى ئاسمان شاھىدىن ئاڭلايلى، مەلىكىنى ئېلىپ چىققان سەركەردە، سەرۋازلار ئەتىسى مەلىكىنى ئىزدەپ تاپالماپتۇ. ئۇنىڭ زىمىنغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى پەرەز قىلىشىپتۇ. ئەمما ئارقىسىدىن قوغلاپ چۈشۈشكە پېتىنالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوردىغا قايتىپ، ئەھۋالنى شاھقا مەلۇم قىپتۇ. پادىشاھ دەرغەزەپ بولۇپ زىمىن پادىشاھلىقىغا جازا يۈرۈش قىپتۇ. ئۇ قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلارنىڭ كۈچ-قۇدىرىتىدىن پايدىلىنىپ زىمىنغا دەھشەتلىك جەڭ باشلاپتۇ. ئوت پۈركۈپتۇ. بوران چىقىرىپتۇ، يامغۇر ياغدۇرۇپتۇ. بارلىق لەشكەرلىرنى ئىشقا سېلىپ شىددەت بىلەن ھوجۇم قىپتۇ. زىمىن پادىشاھلىقىمۇ بوش كەلمەپتۇ. ئۇلار ئەقىل-پاراسەت ۋە جاسارىتىگە تايىنىپ ئاسمان شاھىغا تاقابىل تۇرۇپتۇ. ئۇرۇش بىرقانچە يىل داۋام قىپتۇ. ئاسمان شاھىنىڭ بارا-بارا كۈچى خوراپتۇ. ئاخىرى ئۇرۇشتا يېڭىلىپ زىمىندىن چېكىنىپتۇ. ئۇ چېكىنىش ئالدىدا تەڭگە تاغ ئۈستىدىن ئۆتكەندە بۆشۈك تەۋرىتىپ تۇرغان مەلىكىنى كۆرۈپ قاپتۇ ۋە «خەيىر، ماڭىمۇ قىلدىڭ، ئۆزۈڭگىمۇ قىلدىڭ» دېگىنىچە، ئەڭ ئاخىرىقى كۈچىنى يىغىپ، بۇ تاغنى سىھىرلەپ، قىزىنى تاشقا ئايلاندۇرۇۋېتىپ كۆزدىن غايىپ بوپتۇ. Q}]Q0'X8  
   شۇنىڭدىن بىلەن بىر ئانىنىڭ بۆشۈك تەۋرىتىپ تۇرغان ھەيكىلى ئەركىنلىكنىڭ، مىھرى-مۇھەببەتنىڭ، ۋاپا-ساداقەتنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە تەڭگە تاغ باغرىدا ساقلىنىپ قاپتۇ. خەلق تا ھازىرغا قەدەر ئۇنى ئەسلەپ تاۋاپ قىلىپ تۇرۇپتۇ. {Y IVHl  
2011-يىلى 25-سىنتەبىر fHwh6|  
مەنبە: ئالتۇنبۆشۈك
تېما تەستىقلىغۇچى : Eltekin
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-09-25, 22:32
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
kadiri
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.37160

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   39 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3164 (سوم)
 ياخشى باھا:   33 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 32
 سائەت
دەرىجىسى:
32 سائەت 18 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-26

كىچىكىمدە ئاتۇشنىڭ قەدىمىي يۇرتلىرىنىڭ بىرى بولغان ئاغۇ يېزىسىدىن 30كىلومىتىر يىراقلىقتىكى تەڭگە تاغدا بۆشۈك تەۋرىتىپ تۇرغان بىر ئايالنىڭ تاشقا ئايلانغان ھەيكىلى ۋە تىلىملانغانتاشقا ئايلانغان  تاۋۇزلار بار دەپ ئاڭلىغان.
 
ئادىلە
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2025

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1760 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   18354 (سوم)
 ياخشى باھا:   923 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   644  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4928
 سائەت
دەرىجىسى:
4928 سائەت 22 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-02
ئاخــىرقىسى:2011-10-12
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-26

مەن بۇ تىمىنى قايسى بىر مۇنبەردە كۆرگەندەك قىلغان ئىدىم . لىكىن ئىسىمگە ئالامىدىم . جاپا چىكىپسىز ئەزىز
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى