ئاتا-ئانىلار يىغىنىدىن كېيىن...
K6sXw[VC[ kDI?v6y5 تاك-تاك-تاك ... ئىشىك چېكىلدى.ئىشىك تەرەپتىن كەلگەن سوغۇق شامال تىنىمنى شۈركەندۈرەتتى.كىم ئىكەنلىكى ماڭا ئايان،دادام قايتىپ كەلگەنىدى. خىزمەتتىن ياكى باشقا يەردىن ئەمەس،بەلكى ئاتا-ئانىلار يىغىنىدىن قايتىپ كەلگەنىدى.
t"Ah]sD ئاپام ئىشىكنى ئېچىشىمنى شەرەت قىلدى،ئاھ،تۈگۈدۈم...ئون گۈلۈمنىڭ بىرسى ئېچىلماي تۇرۇپ،ئۆز ئۆيۈمدە،ئۆز ئاتا-ئانامنىڭ قولىدا بۇ دۇنيادىن خوشلىشىدىغان بولدۇم. ئەلۋىدا دوستلۇرۇم،ئەلۋىدا مەن شۇنچە يىل تۇرغان ئۆي،ئەلۋىدا قوينىدا قېنىپ ئۇخلىغان ئىسسىق يوتقان... قىسقىغىنا نەچچە سېكونت ئىچىدە كاللامدا مانا مۇشۇنداق ھەرخىل خىياللار،كۆز ئالدىمدىن ھەرخىل ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشلەر ئۆتتى.ئاستا بېرىپ ئىشىكنى ئاچتىم.مەن بۇ ئىشىكنى تالاي قېتىم ئېچىپ-ياپقان بولساممۇ،ئىشىك ماڭا بۈگۈنكىدەك سۈرلۈك،ئىشىكنىڭ تۇتقۇچى بۇ قەدەر ئېغىر تۇيۇلمىغانىدى.
?{e}ouKYX1 دادام كىردى، دادام بىلەن بىر خىل سوغۇق شامال،قاڭسۇق قاننىڭ پۇرىقى تەڭ كىردى.دادام ماڭا ئاتا-ئانىلار يىغىنىدىن ئەمەس بەلكى قۇشخانىدىن كەلگەندەك تۇيۇلۇپ كەتتى.ئەمدى كۆرگۈلۈكۈم بار ئىدى.مەن ئاللىبۇرۇن تەييارلىق قىلىپ قويغان،ھاۋانىڭ بۇنداق ئىسسىقلىقىغا قارىماي،بىرىنچى ئاي قەھرىتان سوغۇقتا كىيىدىغان پاختىلىق پوپايكام بىلەن پاختىلىق ئىشتىنىمنى كىيىۋالغانىدىم.
om2N*W.gk _ئەسسالامۇئەلەيكۇم،-دادام ئادىتى بويىچە سالام بىلەن كىردى.
n,2
_ۋە..ۋە..ۋەئەلەيكۇم،ئەسسالام،- خۇددى كۈچلۈك بىر قول بوغۇزۇمدىن بوغۇۋالغاندەك ئاران-.ئاران سالام قايتۇرالىدىم.
D:f=Z?L)> دادام بىر قولىدا نەتىجە قەغىزىنى بىر قولىدا مۇئەللىمنىڭ باھا سۆزى يېزىلغان قەغەزنى تۇتۇۋالغانىدى.شۇ تاپتا ئۇنىڭ قولىدىكى ماڭا قەغەز ئەمەس،زەنجىر بىلەن پالتىدەك كۆرىنىۋاتاتتى.
=/`]lY& دادام ئۆيگە كىرىپ،كىرىسلودا قوشۇمىسى تۈرۈلگەن ھالدا ئولتۇردى،مەن ئۆز تەقدىرىمنى جەزىملەشتۈرۈپ بولغانىدىم.
][
I OlR _ماڭا،بېرىپ سۇ قاينىتە!-دېدى دادام.
U3Z=X TB ئاھ خۇدا،دادام نېمىدىگەن ئەتراپلىق ئويلىغان ھە،-مېنى بىر تەرەپ قىلىشتىن ئاۋۋال ھارام بولۇپ قالمىسۇن دەپ تاھارەت ئېلىۋالاي دەپتۇ دە، دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. شۇ تاپتا ماڭا ئۆز ئاخىرەتلىكىمنىڭ تەييارلىقىنى ئۆزۈم قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلدى.سۇنىمۇ تەييارلاپ قويدۇم. ئاشخانىنىمۇ بىرەرقۇر رەتلەپ پاكىزلاپ قويدۇم. ئادەتتە بۇ ئاشخانا ئۆيگە تالاي قېتىم كىرگەن بولساممۇ،ماڭا بۈگۈنكىدەك ئىللىق كۆرۈنۈپ باقمىغانىدى. تاملار خۇددى ماڭا قىيماي قاراۋاتقاندەك بىلىندى.كۆزۈمگە ئىسسىق ياش كەلدى-دە،دادامنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ،تىزلاندىمدە قوللىرىنى چىڭ تۇتۇپ،كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ:
W\NC3] دادا، ئوغلۇڭ يارامسىز بولۇپ قالدى،مېنى كەچۈر،ئۈمۈدۈڭنى ئاقلىيالمىدىم،مەن سەندىن رازى،كېسەمسەن،چاپامسەن ئىختىيار ئۆزۈڭدە،تېز قول سال،تۇغقانلار سوراپ قالسا، چەتئەلگە چىقىرىۋەتتىم دەپ قويارسەن،-دىدىمدە كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇپ يەرگە قاراپ تۇردۇم.
v"W*@7<`S _ھا،ھا،ھا... دادام قاتتىق كۈلۈپ كەتتىدە،مېنى ئورنۇمدىن يۆلەپ قېشىدا ئولتۇرغۇزدى ھەم قولىنى مۈرەمگە قويۇپ تۇرۇپ:
V~ORb1 _ھەي ئەخمەق،سەن دېگەن مىنىڭ ئوغلۇم،سەن دېگەن ئوغۇل بالا، ئېلىشىپ قالمىغانسەن ھە؟ توغرا نەتىجەڭ ھەقىقەتەن تۆۋەنكەن ، 45-بولساڭ نېمە بوپتۇ، ئەينى چاغدا داداڭ سىنىپ بويىچە يەتتىنىچى ئىدى،ئەلۋەتتە.ئۇ چاغدا بىزنىڭ سىنىپتا سەككىز بالا باتتى.ھا،ھا،ھا...مېنىمۇ چوڭ داداڭ ھىچنىمە قىلمىدىغۇ.نەتىجەڭ ئارقىدا قالسا،تىرىشساڭ بولىدۇ.ئوغۇل بالا دېگەن تىرىشچان،ئىرادىلىك بولۇشى كېرەك.نەتىجە ھەرگىزمۇ ھەممىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.تېرىش،ئوغلۇم! مەن ساڭا ئىشىنىمەن،سەن ئۇنداق قالايمىقان خىياللاردا بولما، قايسى بىر ئاتا-ئانا سەن ئويلىغاندەك ئۇنداق رەھىمسىزكەن؟! ئۈمۈدۋار بول،بەل قويىۋەتمە،قارا ئاپاڭنى چۆچىتىۋەتكىنىڭنى،ھا،ھا،ھا...
S#?2E8 دېمىسىمۇ ئاپام مېنىڭ قىلىقلىرىمغا قاراپ ياقىسىنى چىشلىگەن،توختىماي تەسۋى سىيرىپ ئولتۇراتتى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام،دادام شۇنچىلىك مېھرىبان ۋە ئىللىق تەبەسسۇمى بىلەن قاراپ تۇراتتى.
}cr'o"4 شۇ تاپتا مەن خۇددى يەلكەمدىن تاغنى ئېلىۋەتكەندەك يىنىكلەپ كەتتىم.قەلبىمدىكى قارا بۇلۇتلار تاراپ،قۇياش ئىللىق نۇرىنى چاچاتتى. دۇنيا ماڭا تولىمۇ گۈزەل،ھايات ماڭا تولىمۇ قەدىرلىك بىلىندى.توغرا،45-بولسام نېمە بوپتۇ،تىرىشساملا نەتىجەمنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيمەنغۇ ،مەن دېگەن ئوغۇل بالا تۇرسام...دەپ ئويلاۋاتاتىتىم. دادام تۇيۇقسىز:
G(TFv\`vH _سەت نېمىگە ھېجىيىپ،خىيالغا چۈشۈپ كەتتىڭ،سۇ قايناپ كەتتى، بېرىپ چاي دەملە،ناۋات چاي جۇمۇ،-دېدى.
Rd5_{F مەن لىككىدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ،‹ لەببەي! › دېدىمدە،چاي دەملەشكە باشلىدىم.
c|;n)as9(% W>C?a=r~ &h5Y_no GX 8c+V$rH_ مەنبە: يازمام (توقۇلما ھېكايە)
gTXpaB< {tUe( [ بۇ يازما xiwas1- تەرپىدىن 2011-09-24 09:39 PM دە ق ]