ئەسسالاممۇ _ ئەلەيكۇم ! ھۆرمەتلىك مىسرانىم تور ئەھلى . بۇگۇن مەن كۆپچىلىك تورداشلار بىلەن بۇ دۇنياندىكى ۋە بىزدىكى ‹‹ بەزىلەر ›› توغۇرسىدا مۇلاھىزە - سۆھبەت ئىلىپ بارماقچىمەن .
 =$z$VbBv      .aH?H]^      بەزىـــــــــلەر ...................... بۇ بەكلا ئاددى سۆز ،  تورمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان سۆز . ھەمدە دائىملا ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان سۆز ، بۇنى ھەممەيلەن بەلكىم ئوبدان بىلىدۇ .  ئانا تىلنى يازالايدىغان ۋە ئوقالايدىغان ھەربىر كىشىلەر ئۇنىڭ نىمە مەندە ئىكەنلكىنى ئوبدان بىلىدۇ . بىز بۇگۇن بۇ سۆزنى ئىشلىتىپ باقايلى ، بەلكىم كۆز ئالدىمىزدا نىمىلەر پەيدا بولاركىن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟...........!
 Rw^YTv   9@EnmtR   بەزىلەر ــ شۇنداق ناخشىلارنى ئوقويدۇ . بۇ دۇنيا توغۇرلۇق ، ئەلەملىك دۇنيا ، ئازاپلىق دۇنيا ، بۇ دۇنيادىن كېتەرمىز بىر كۇن قاتارلىق نۇرغۇن ناخشىلار . شۇنداق ئەمەسمۇ ؟ ھەممىمىز بىركۇنى بۇ دۇنيادىن كېتەرمىز ، ھەقىقەتەن ئازاپلىق دۇنيا . ئۇنداقتا مۇشۇ شئېرلارنى يازغان كىشىلەر راستىنلا بۇدۇنيادىن نارازىمۇ ؟.............
 Pds
*M?&F  بەزىلەر ـــــ نىڭ پۇت قولى ناھايىتى يەڭگىل ، قايسى  تۇپىراققا دەسسىگۇسى  كەلسە شۇ يەرنى دەسسەلەيدۇ  . قولى قەيەرنى كۆرسەتسە شۇ يەرگە بارايدۇ . لېكىن باشقىلار ئۇنداق قىلالمايدۇ .  بىر ئۆمۇر ئۆز مەھەللىسدىن ئايرىلمىغان كىشىلەرمۇ بار . ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ باشقا دۇنيالارنى كۆرگۇسى يوقمۇ ؟
 }AfPBfgC1z  بەزىلەر ــ بۇ دۇنيانى تولىمۇ سۆيىدۇ . ھاياتنى قەدىرلەيدۇ ، ۋاقىتنى زىيادە ئۆتكۈزمەيدۇ . قىسقىغىنە ھايات مەنزىلىنى ناھايىتى مەنىلىك ئۆتكۈزىدۇ ، ۋە باشقىلار ئۈچۈن تولىمۇ ياخشى ئىشلارنى قىلىدۇ . قىلچە ئاغىرىنمايدۇ ، ھايات سىناقلىرىغا توغرا قاراشتا بولالايدۇ .
 k{w^MOHNg  بەزىلەر ــ مال دۇنياغا بەكلا ئامىراق ،  بىر ئۆمۇر مال دۇنيا  يىغىش ئۈچۈن ياشايدۇ .  بايلىقنى كېيىنكى ئەۋلادى ئۈچۈن يىغىدۇ ، باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى پەس ئىش دەپ قارايدۇ . بۇ دۇنياغا تويمايدۇ ، كېلىدىغان زاماندىن قورقىدۇ ھەمدە ئامالىنى قىلشقا بار كۇچى بىلەن تىرىشىدۇ .
 c]0  بەزىلەر ــ بۇ دۇنيادا شۇنداق ياشايدۇكى ،  قېرىنداشلىرى ئۈچۈن جان بېرىشكە رازى .  ۋاقىت ۋە ئورون چەكلىمىسىگە ئۇچىرمايدۇ . لېكىن بەزىلەر ئۇنداق ياشىمايدۇكى ، ھەتتا ئۇددۇلدىكى قوشنىسىغا قاراپمۇ قويمايدىغان ، كىم ئىكەنلكىنى بىلىشنىمۇ خالىمايدۇ .
 `hf9rjy4  بەزىلەر ــ كەيىپ - ساپانى داڭدار بولۇشنىڭ زاكۇسكۇسى قىلماقتا .  كەيىپ - ساپا ئۈچۈن خەجلەنگەن پۇللار  ، تاماق يېيىلگەن رېستۇرانلار  ئۇلارنىڭ خىيالدا ئەمەس ، نەدىكى مۇسۇلمانچە تائاملار ئۇلار ئۈچۈن ھېچ گەپ ئەمەس . ھەربىر رومكىنىڭ ئىچىدىكى پاكىزلانغان ئەۋرەز سۇيى ئىكەنلىكىنى بىلىپمۇ قويمايدۇ .
 [hj'Yg 8{  بەزىلەر ــ توۋەن تۇرمۇش كاپالتىنى ئامەت ياغدى دەيدۇ .   بەش ئەزاسى ساق  قىران يىگىتلەر كۇن بويى سېلىپ بەرگەن ئۆينىڭ تېمىغا يۆلىنىپ ، 
 y#0Z[[I0  مائاشى چىققان ھامان بىرە قاۋاقنى تېپىپ قانغۇدەك ئىچىپ چىقىپ ، ئاشۇ كوچىلاردا ئەسكى ھارۋۇنى سۆرەپ  كېرەكسىز پوتولكالارنى يىغىپ ، بىر قانچە يەر - زىمىنىڭ ئېگىسى بولغان كىشىلەرنى ئۆزئارا مازاق قىلىشىدۇ .
 pXlBKJmW  بەزىلەر ــ توۋۋا دىيىشگە بەكلا ئادەتلەنگەن . باشقىلارنىڭ نەلەردىن كېلىپ ، قانداق ئگىلىك تىكلەپ باش كۆتەرگەنلىكىگە ئىشەنمەيدۇ . كەڭرى زامانلاردا ئۇخلاپ ئۆتكۈزگەن كۇنلەرنى ئۇنتۇپ قالىدۇ . باشقىلارغا ئىش بېرىپ ئىشلتىشكە ئادەتلەنمەي ، باشقىلارنىڭ قولدا ئىشلەشكە ئادەتلەندى .
 [
bVP2j  بەزىلەر ــ تەرەقىياتنى توغرا چۈشەنمىدى . ئېسىل ئەنئەنىلەر تەرەقىيات بىلەن يوقۇلۇشقا باشلىدى .ياش قىز - يىگىتلەر ئۆز ئارا ئورۇن ئالماشتۇرشقا تەييار بولۇشتى . قىزلار تاماكا چېكىشتى ، ئوغۇللار ھالقا سېلىشتى . يامانلىرى جىنسىيەت ئۆزگەرتىشكە تەييارلىق كۆردى .
 T.dO0$,Q@$  بەزىلەر ــ بۇلار بەكلا ئاز دېسە ، بەزىلەر نىمە بۇ دېيىشى مومكىن . بەزىلەرنىڭ يۇقارقىدەك بەزىلەردىن ئىبىرەت ئېلىشقا ۋە يېزىلمىغان ياخشى بەزىلەردىن ئۆرنەك ئېلىشقا ئۇندەيمەن . بەزىلەر يەنلا باشقۇرغۇچىلاردىن خاپا ، بەزىلەر خۇرسەن ! باشقۇرغۇچىلار كىمدىن خۇرسەن ، ئۇيغۇر خەلىقىم كىمدىن خۇرسەن بولىدۇ ؟..................................................
 M#2U'jy   VQx-gm8}!    مەنبە:  قەلەم
[ بۇ يازما moghal تەرپىدىن 2011-09-24 10:31 AM دە قا ]