مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       185 
  •    ئىنكاس 
       0 

دەججال توغۇرلۇق كەلگەن ھەدىسلەر

قەۋەت ئاتلاش
nur-luk
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7688

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   879 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   20353 (سوم)
 ياخشى باھا:   647 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   695  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1196
 سائەت
دەرىجىسى:
1196 سائەت 154 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-24
ئاخــىرقىسى:2011-09-24
— بۇ يازما alafasy تەرىپىدىن قۇلۇبلاندى (2011-09-23) —

نوۋاس ئىبنى سەمئاندىن (اللە ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن ) مۇنداق رىۋايەت قىلىندى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئەتىگىنى دەججالنىڭ گىپىنى قىلىپ ئۇنى بىر ھاقارەتلەپ بىر گەۋدىلەندۈرۈپ ئۇنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلىپ بەردى. بىز دەججالنى خورمىزارلىقتىمىكىن دەپ گۇمان قىلدۇق ۋە ئۇ يەرگە باردۇق. بىزنىڭ ئۇ يەرگە بارغىنىمىزنى رەسۇلۇللاسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلىپ قىلىپ :نىمە قىلىۋاتىسىلەر؟دەپ سورىدى. بىز:ئى اللا نىڭ پەيغەمبىرى!بىز ئەتىگىنى سىلى دىگەن دەججالنى خورمىزارلىقتىمىكىن دەپ گۇمان قىلدۇق، دەپ جاۋاپ بەردۇق. رەسۇلۇللا:مەن سىلەرگە دەججالنىڭ پىتنىسىدىن باشقا پىتنىنىڭ يىتىپ قىلىشىدىن بەك قورقىمەن، ئەگەر دەججال چىققاندا مەن ئىچىڭلاردا بولسام ئۇنىڭغا ئۆزەم تىتىيمەن، ئەگەر ئىچىڭلاردا بولمىسام ھەممە كىشى ئۆزىنى ئۆزى قوغدىسۇن. اللە تائالا مىنىڭ ئورنۇمدا ھەممە مۇسۇلمانلارنى دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ساقلايدۇ. دەججال قويۇق بۈدۈر چاچلىق، كۆزى تىشىغا پولتىيىپ چىقىپ قالغان يىگىتتۇر، ئۇنى خۇددى قەتەننىڭ ئوغلى ئابدول ئوززاغا ئوخشىتىمەن. بىز :« ئى اللە نىڭ پەيغەمبىرى ! ئۇ زېمىندا قانچە ۋاقىت تۇرىدۇ؟» - دېدۇق. رەسۇلۇللا:قىرىق كۈن تۇرىدۇ،ئۇ قىرىق كۈننىڭ بىر كۈنى بىر يىلدەك بىركۈنى بىر ئايدەك بىركۇنى بىر ھەپتىدەك قالغان كۈنلىرى سىلەرنىڭ مۇشۇ كۈنۈڭلاردەك بولىدۇدېدى. بىز:ئى اللە نىڭ پەيغەمبىرى(سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)! ھىلىقى بىر يىلدەك بولىدىغان كۈندە بىر كۈنلۈكنىڭ نامىزىنى ئوقۇساق بولامدۇ؟دەپ سورىدۇق. رەسۇلۇللاسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم :ياق، سىلەر ئۇ كۈننى ئۆلچەپ بىركۈنگە توغۇرلاپ بىركۈنلۈك نامىزىڭلارنى ئوقۇڭلاردېدى(مىنىڭچە مۇشۇ گەپ سائەتنىڭ كەشىپ قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشارەت). بىز:ئى اللە نىڭ پەيغەمبىرى!ئۇنىڭ مىڭىش سۈرىتى قانداق؟دەپ سورىدۇق. رەسۇلۇللا:ئۇنىڭ سۈرىتى شامال ئىتتەرگەنكەلكۈندەك.بولىدۇ ئۇبىر كىشىلەرنىڭ يىنىغا كىلىدۇكى ئۇلارنى ئۆزىگەئىشىنىشكە چاقىرىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭغا ئىشىنىپ بويسۇنىدۇ، ئاندىن ئۇ ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرىدۇ، زىمىندىن ئۆسۇملۈكلەر ئۈنىدۇ. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئوتلىغىلى كەتكەن چارۋىلىرى كەچتە سىمىز يىلىنلىرى سۈتكە تولغان ھالدا قايتىپ كىلىدۇ. ئاندىن ئۇ باشقىلارغا كىلىپ ئۇلارنى ئۆزىگە ئىشىنىشكە چاقىرىدۇكى، ئۇلار ئۇنىڭغا ئىشەنمەي سۆزىنى رەت قىلىدۇ. ئۇ ئۇلارنىڭ قىشىدىن قايتىپ كىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قەھەتچىلىكتە قالىدۇ. ئۇبىر خارابىلىقتىن ئۆتۇپ كىتىۋىتىپ ئۇنىڭغا :ئىچىڭدىكى بايلىقلارنى چقىار دەيدۇ. _BO:~x  
ئابدۇللا ئىبنى ئەمىرئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،رەسۇلۇللا مۇنداق دىگەن:دەججال مىنىڭ ئۈممۈتۈم زامانىدا چىقىپ 40كۈن تۇرىدۇ،40كۈنمۇ،40ئايمۇ،40يىلمۇ بىلمەيمەن اللەمەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتىدۇ،ئۇ دەججالنى ئۆلتۈرىدۇ،كىشىلەر 7يىل ئىككى ئادەم ئارىسىدا ئاداۋەتمۇ بولمىغان ھالدا ياشايدۇ،ئاندىن اللە ئەززەۋەجەللە شام تەرەپتىن سوغۇق شامال ئەۋەتىدۇ،ئۇ شامال يەر يۈزىدە قەلبىدە زەررىچە ئىمان بولغان كىشىنى قالدۇرماي ئىلىپ كىتىدۇ،ھەتتا بىرەرسىڭلار تاغنىڭ ئىچىگە كىرىۋالساڭلارمۇ شامال شۇ يەرگە كىرىپ جىنىڭلارنى ئىلىپ كىتىدۇ.يەر يۈزىدە پەقەت يامان ئىشلارغا بىرىلىشتە قۇشتەك يەڭگىل،يىرىتقۇچتەك ۋەھشى كىشىلەر قالىدۇ،ئۇلار ياخشىنى بىلمەيدۇ،ياماننى ئىنكار قىلمايدۇ.ئاندىن شەيتان ئۇلارغا بىر ئادەمنىڭ سۈرىتىدە كىلىپ:چاقىرقىمغا ئاۋاز قوشمامسىلەر؟دەيدۇ.ئۇلار:بىزنى نىمىگە بۇيرىيسەن؟دەيدۇ.شەيتان ئۇلارنى بۇتقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرىيدۇ،شۇندىلا ئۇلارنىڭ كۈنى بارغانسىرى ياخشى بولۇپ كىتىدۇ.ئاندىن سۈر چىلىنىدۇ.ئۇنى پەقەت بىشىنى قىيپاش قىلىپ بىر قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپ قۇلاق سالغان ئادەملا ئاڭلىيالايدۇ.ئۇنى تۇنجى بولۇپ تۆگىسىنى سۇغۇرىدىغان كۆلنى تۈزەۋاتقان ئادەم ئاڭلايدۇ.ئاندىن ئۇنىڭ جىنى چىقىپ يىقىلىدۇ،ئاندىن كىشىلەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىقىلىدۇ،ئاندىن اللا خۇددى شەبنەمدەك يامغۇر ياغدۇرىدۇ،ئۇنىڭدىن كىشىلەرنىڭ جەسەتلىرى ئۈنۈپ چىقىدۇ،ئاندىن يەنە بىر قىتىم سۈر چىلىنىدۇ.شۇ چاغدا ئۇلار تىرىلىپ قوپۇپ ئىنتىزار بولۇپ تۇرىشىدۇ،ئاندىن:ھەي خالايىق!،رەببىڭلار تەرەپكە كىلىڭلار،دەپ پەرىشتىلەرگە:ئۇلارنى تۇرغۇزۇڭلار،ئۇلار سوراققا تارتىلىدۇ،دىيىلىدۇ.ئاندىن پەرەشتىلەرگە:دەۋزەخكە ئەۋەتىلىدىغانلارنى چىقىرىڭلار،دىيىلسە.قانچىلىكتىن قانچىنى؟دىيىلىدۇ.جاۋابەن:ھەر1000دىن999نى،دىيىلىدۇ.بۇ شۇنداق بىر كۈندۇركى ياشلار قورقۇنچنىڭ يامانلىغىدىن قىرىپ كىتىدىغان ھامىلدار ئاياللار بويىدىن ئاجراپ كىتىدىغان،ھەقىقەت ئاشكارلىنىدىغان كۈنىدۇر(مۇسلىمدىن رىۋايەت قىلىنغان) JQ=i{9iJ  
ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،رەسۇلۇللا مۇنداق دىگەن;دەججال چىققاندامۆئمىىنلەردىن بىركىشى ئۇنىڭغا قارشى ئاتلىنىدۇ.ئۇ مۆئمىنگە دەججالنىڭ قول چۇماقچىلىرى ئۇچراپ:نەگە ماڭدىڭ؟دەيدۇ.مۆئمىن:ماۋۇ يىڭى چىققاننىڭ(ئۆزىنى خۇدالىق دەۋاسى قىلغاننىڭ) قىشىغا دەيدۇ.ئۇلار:سەن رەببىمىزگە ئىشەنمەمسەن؟!دەيدۇ.مۆئمىن:رەببىمىز يوشۇرۇن ئەمەس دەيدۇ.ئۇلار:ئۇنى ئۆلتۇرۇڭلار،دىسە،ئۇلارنىڭ بەزىلىرى:رەببىڭلار سىلەرنى ئۇ بولمىسا ھىچكىمنى ئۆلتۈرشۈڭلارنى چەكلىمىگەنمۇ؟دەيدۇ.ئۇلار مۆئمىننى دەججالنىڭ يىنىغا باشلاپ بارىدۇ.مۆئمىن دەججالنى كۆرۈپ:ھەي خالايىق!بۇ رەسۇلۇللا دەپ بەرگەن دەججال شۇ،دەيدۇ.دەججال بۇيرۇپ مۆئمىن ئىسىلىدۇ.دەججال:ئۇنى تۇتۇڭلار،ئۇنىڭ باش-كۆزلىرىنى يېرىڭلار،دەيدۇ.مۆئمىننىڭ قورساق-دۈمبىلىرى تاياقتىن ئىششىپ كىتىدۇ.دەججال:ماڭا ئىمان ئېيتامسەن؟دەيدۇ.مۆئمىن:سەن يالغانچى دەججال شۇ،دەيدۇ.بۇيرۇق بىلەن مۆئمىن چاتىرغىىدىن ھەرىدىلىپ ئىككى پارچە قىلىنىدۇ.ئاندىن دەججال ئۇ ئىككى پارچىنىڭ ئوتتۇرىدا مىڭىپ مۆئمىنگە:تۇر-دەيدۇ.ئۇ بىجىرىم تۇرىدۇ.دەججال:ماڭا ئىمان ئېيتامسەن؟دەيدۇ.مۆئمىن:مىنىڭ ساڭا بولغان تونۇشۇم تىخىمۇ ئاشتى،ئى خالايىق!ئۇ ماڭا قىلغان ئىشنى بۇندىن كىيىن ھىچكىمگە قىلالمايدۇ،دەيدۇ.دەججال ئۇنى بوغۇزلىماقچى بولغاندا اللە دەججالنىڭ بوينىدىن مەيدىسىگىچە تۇچتىن قاتۇرۋىتىدۇ.ئۇ،مۆئمىننى ئۆلتۇرەلمەيدۇ ئۇنىڭ ئككى قولى ئككى پۇتىدىن تۇتۇپ تاشلايدۇ،كىشىلەر دەججال ئۇنى دەۋزەخكە تاشلىدى دەپ ئويلايدۇ.ئەمەلىيەتتە ئۇ جەننەتكە تاشلانغاندۇر.رەسۇلۇللا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ:ئۇ الل نەزىرىدەكىشىلەر ئىچىدىكى شەھىتلىق دەرىجىسى ئەڭ ئۈستۈن ئادەمدۇر (مۇسلىمدىن رىۋايەت قىلىنغان). d9>*a$x;/  
دەججال بىر خارابىلىقتىن ئۆتۇپ كىتىۋىتىپ ئۇنىڭغا:ئىچىڭدىكى بايلىقنى چىقار دەيدۇ.ئۇنىڭ ئىچىدىكى بايلىقلار ھەرە ئۇۋىسىدىن چىققاندەك ئارقىمۇ-ئارقا چىقىشقا باشلايدۇ.ئاندىن ئۇ تازا ياشلىق قورامىغا يەتكەن بىر كىشىنى چاقىرىپ كىلىپ ئۇنى قىلىچ بىلەن ئۇرۇپ ئىككى پارچە قىلىۋىتىپ، ئۇ كىشىنى قايتا چاقىرىدۇ،ئۇ تىرىلىپ خۇشال كۈلگەن قىياپەتتە ئۇنىڭ ئالدىغا كىلىدۇ.شۇ پەيىتنىڭ ئۆزىدە اللە تائالا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتىدۇ.ئىيسا ئەلەيھىسسالام دەمەشىقنىڭ شەرىق تەرپىدىكى ئاق مۇنارغا، بويالغان ئىككى كىيىم كىيگەن،ئىككى قولىنى پەرىشتىنىڭ قاناتلىرىغا قويغان ھالىتىدە چۈشىدۇ.ئۇ بىشىنى پەس قىلسا بىشىدىن سۇ تامچىيدۇ،بىشىنى كۆتەرسە سۈزۈكلۈكى مەرۋايىتتەك سۇ تامچىلىرى چاچراپ چۈشىدۇ.ئۇنىڭ تىنىغىنى پۇراپ قالغان كافىرلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ،ئۇنىڭ تىنىغى كۆزى كۆرگەن جايغىچە بارىدۇ،ئاندىن ئىيسا ئەلەيھىسسالام دەججالنى ئىزلەپ ئۇنى پەلەستىنگە يىقىن بىر جايدا تۇتۇپ ئۆلتۈرىدۇ.ئاندىن ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىشىغا اللە تائالا دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ساقلاپ قالغان بىر تۈركۈم كىشىلەر يىغىلىدۇ.ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ ئۇلارنىڭ جەننەتتىكى دەرىجىلىرىنى بايان قىلىپ بىرىدۇ.شۇ چاغدا توساتتىن اللە تائالا ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا:ھەقىقەتەن مەن ھېچ بىر كىشى سوقوشۇشقا كۈچى يەتمەيدىغان بىر تۈركۈم بەندىلىرىمنى چىقاردىم،سەن،مەن دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ساقلاپ قالغان بەندىلىرىمنى تۇر تىغىغا ئىلىپ چىقىپ كەت دەپ ۋەھىي قىلىدۇ.اللا تائالا يەئجۇج-مەئجۇجنى ئىۋەتىدۇ.ئۇلار زىمىننىڭ ھەر بىر تۆپىلىكلىرىدىن ئالدىراپ چىقىپ كىلىدۇ.ئۇلارنىڭ ئالدىدا چىققانلىرى تەبەرسە كۆلىنىڭ سۈيىنى ئىچىپ بولىدۇ،كىيىن كەلگەنلىرى بولسا بۇ يەردە ئىلگىرى سۇ بار ئىدى دېيىشىدۇ.اللا نىڭ پەيغەمبىرى ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ھەمرالىرى قۇرشاۋدا قالىدۇ،ھەتتا ئۇلارنىڭ بىرسى ئۈچۈن كالىنىڭ بىر تال بىشى سىلەرنىڭ بۈگۈنكى يۈز تىللادىن ئەلا بولۇپ قالىدۇ.ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ھەمرالىرى اللە غا دۇئا قىلىدۇ،اللە تائالا يەئجۇج-مەئجۇجلەرنىڭ گەدىنىگە قۇرۇتلارنى ئىۋەتىش بىلەن ئۇلار بىرەر كىشى ئۆلگەندەك تەڭلا ئۆلىدۇ.ئاندىن ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ھەمرالىرى تاغدىن زىمىنغا چۈشىدۇ.ئۇلار زىمىننىڭ بىر غىرىچمۇ يىرى قالماي يەئجۇج-مەئجۇجلارنىڭ سىسىق پۇراقلىق جەسەتلىرى بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرىدۇ.ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ھەمرالىرى اللە تائالاغا دۇئا قىلىدۇ.اللە تائالا تۆگىلەرنىڭ بوينىغا ئوخشاش قۇشلارنى ئەۋەتىدۇ.ئۇ قۇشلار ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى اللە خالىغان جايغا ئاپىرىپ تاشلايدۇ.اللە تائالا يامغۇرنى ئەۋەتىدۇ،يامغۇر بىرەر ئۆينى قالدۇرماي تازىلاپ ئەينەكتەك قىلىپ قويىدۇ.شۇنىڭدىن كىيىن زىمىنغا:مىۋىلىرىڭىزنى ئۆستۇرۇڭ،بۇرۇنقى بەركەتلىرىڭىزنى قايتۇرۇڭ دىيىلىدۇ.شۇ كۈنلەردە كىشىلەر ئانارنى يەپ ئۇنىڭ شۈپەكلىرى بىلەن سايىدىلىدۇ،سۈتلەرگەبەركەت بىرىلىپ ھەتتا بىر تۆگىنىڭ سۈتى نۇرغۇن كىشىلەرگە،بىر كالىنىڭ سۈتى بىر قەبىلە كىشىلىرىگە،بىر قوينىڭ سۈتى بىر جەمەت كىشىلىرىگەيىتىدۇ.ئۇلار شۇنداق ياشاۋاتقاندا اللە تائالا تۇيۇقسىزلا بىر مەيىن شامالنى ئىۋەتىدۇ،شامال ئۇلارنىڭ قولتۇقلىرىنىڭ ئاستىدىن ئۆتۇپ مۆمىن ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بىرىنىمۇ قويماي ھەممىسىنىڭ جىنىنى ئالىدۇ.ئۇلاردىن كىيىن يەر يۈزىدە پەقەت ئىشەكلەردەك ئاشكارا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىدىغان ئەڭ ئەسكى ئادەملەرلا قالىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا قىيامەت بولىدۇدېدى.(مۇسلىمدىن رىۋايەت قىلىنغان. $3<,"&;Ecs  
نەۋۋاس ئىبىن سەمئان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇركى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بىر ئەتىگىنى دەججال ئۈستىدە توختىلىپ ئاۋازىنى بىر پەسەيتىپ بىر كۆتۈرەتتى. بىز دەججالنى يېقىن جايدىكى خورمىزارلىقتىكەن،-دەپ قالدۇق. بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ھوزۇرىغا بارغىنىمىزدا ، ئۇ بىزنىڭ ھالىمىزنى بىلىپ:«ئەھۋالىڭلار قانداق؟ » -دېدى. بىز :« ئى رەسۇلۇللاھ، قايسى بىر ئەتىگىنى سەن ئاۋازىڭنى بىر پەسلىتىپ بىر كۆتۈرۈپ دەججال ئۈستىدە توختالدىڭ، ھەتتاكى بىز ئۇنى يېقىن جايدىكى خورمىزارلىقتىمىكىن دەپ قالدۇق»،-دېدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام :«مېنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنىم سىلەرگە دەججالنىڭ پىتنىسىدىن باشقا بىر پىتنىنىڭ يېتىپ قېلىشىدۇر، ئەگەر دەججال چىققاندا مەن ئاراڭلاردا بولىدىغان بولسام ئۇنىڭ چارىسىنى قىلىمەن، ئەگەر ئۇ چىققان چاغدا مەن ئاراڭلاردا بولمىسام ھەر قانداق ئادەم ئۆزىنىڭ ئىلاجىنى ئۆزى قىلسۇن. مەندىن كېيىن اللە تائاللاھ ھەر بىر مۇسۇلماننى دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ئۆزى ساقلايدۇ. دەججال قۇيۇق بۈدۈر چاچلىق، كۆزى پولتۇيۇپ چىقىپ تۇرغان بىر يىگىتتۇر، گوياكى ئۇنى مەن قەتەئەنىڭ ئوغلى ئابدۇل ئوززاغا ئوخشىتىمەن. كېيىنكى چاغلاردا سىلەردىن كىمكى ئۇنى كۆرسە ئۇنىڭغا سۈرە كەھىفنىڭ بېشىدىكى ئايەتلەرنى ئوقۇسۇن . ئۇ شام بىلەن ئېراقنىڭ ئارىلىقىدىكى بىر يولدىن چىقىدۇ ۋە ئوڭدىمۇ، سولدىمۇ ھەممىلا يەردە پىتنە پاسات تېرىيدۇ. ھەي اللە نىڭ بەندىلىرى ! دىنىڭلاردا مۇستەھكەم تۇرۇڭلار ! » .-دېدى. بىز :« ئى اللە نىڭ پەيغەمبىرى ! ئۇ زېمىندا قانچە ۋاقىت تۇرىدۇ؟» - دېدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام :« قىرىق كۈن تۇرىدۇ، ئۇ قېرىق كۈننىڭ بىرىنچى كۈنى بىر يىلدەك، ئىككىنچى كۈنى بىر ئايدەك، ئۈچۈنچى كۈنى بىر ھەپتىدەك بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا كۈنلەرنىڭ ھەممىسى سىلەرنىڭ مۇشۇ كۈنلىرىڭلاردەك بولىدۇ » -دېدى. بىز :« ئى رەسۇللۇلاھ ! بىر يىلدەك بولىدىغان ئۇزۇن كۈندە بىر كۈنلۈكنىڭ نامىزىنى ئوقۇسا بولامدۇ ؟»-دەپ سورىدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام:« بولمايدۇ، سىلەر ئۇ كۈننى ئادەتتىكى كۈننىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۆلچەپ،بۆلەكلەرگە بۆلۈپ، ھەر بىر بۆلۈكىدە بىر كۈنلۈك نامىزىڭلارنى ئوقۇڭلار» -دېدى. بىز :« ئى رەسۇللۇلاھ ، ئۇنىڭ مېڭىش سۈرئىتى قانداق بولىدۇ؟ » -دەپ سورىدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام: « ئۇنىڭ سۈرئىتى شامال ھەيدەپ كەلگەن بۇلۇتتەك بولىدۇ. ئۇ بىر قەۋمنىڭ قېشىغا كېلىدۇكى، ئۇلارنى ئۆز دېنىغا دەۋەت قىلىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرىدۇ. نېمە دېسە شۇنى قۇبۇل قىلىدۇ. ئاندىن ئۇ ئاسماننى يامغۇر ياغدۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، ئاسماندىن يامغۇر ياغىدۇ. زېمىننى بۇيرۇپ، زېمىندىن ئۆسۈملۈكلەر ئۈنىدۇ. ئۇ قەۋمنىڭ ئوتلىغىلى كەتكەن چارۋىلىرى كەچقۇرۇنلىغى يوغىناپ ، يىلىنلىرى سۈتكە تولغان، سەمرىگەن ھالدا قايتىپ كېلىدۇ. ئاندىن ئۇ باشقا قەۋمنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇلارنى ئۆز دىنىغا دەۋەت قىلىدۇ. ئۇلار ئۇنىڭ سۆزىنى رەت قىلىدۇ. ئۇ ئۇلارنىڭ قېشىدىن قايتىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا قەھەتچىلىك يۈزلىنىپ قوللىرىدا ھېچقانداق مال-مۈلكى قالمايدۇ. ئۇ بىر خارابىلىكتىن ئۆتۈپ ئۇ يەرگە ئىچىڭدىكى نەرسىلەرنى چىقار دەيدۇ. خارابىلىك ئىچىدىن بايلىقلار ھەسەل ھەرىسى ئۇۋىسىدىن چىققاندەك ئارقىمۇ- ئارقا چىقىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ. ئاندىن ئۇ يىگىتلىك قۇرامىغا يەتكەن بىر كىشىنى چاقىرىپ ئەپكىلىپ ئۇنى قىلىچ بىلەن ئۇرۇپ ئىككى پارچە قىلىۋىتىپ، ئۇ كىشىنى قايتا چاقىرىدۇ. ئۇ تىرىلىپ خوشال كۈلگەن قىياپەتتە دەججالنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ. مۇشۇنداق بىر پەيتتە اللە تائاللاھ مەريەم ئوغلى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام بىر جۈپ رەڭلىك كىيىم كەيگەن، ئىككى ئالقىنىنى ئىككى پەرىشتىنىڭ قاناتلىرىغا قويغان ھالىتىدە دەمەشىقنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ئاق مۇنارغا چۈشىدۇ. ئۇ بېشىنى تۆۋەن قىلسا بېشىدىن سۇ تامچىيدۇ، بېشىنى كۆتۈرسە مەرۋايىتتەك سۈزۈك سۇ تامچىلاپ تۈكىلىدۇ، ئۇنىڭ ھىدىنى ئالغان ئىمانسىزلارنىڭ ھەممىسى ھايات قالمايدۇ. ئۇنىڭ ھېدى كۆزى يەتكەن جايغىچە بارىدۇ، ئاندىن ئىيسا ئەلەيھىسالام دەججالنى ئىزدەپ ئاخىر ئۇنى بەيتۇلمۇقەددەسكە يېقىن بابىلۇن دېگەن جايدا تېپىپ ئۆلتۈىدۇ. ئاندىن ئىيسا ئەلەيھىسالامنىڭ قېشىغا اللە تائاللاھ دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ساقلاپ قالغان قەۋم كېلىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسالام ئۇلارنىڭ يۈز كۆزلىرىنى سىلاپ قويىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ جەننەتتىكى مەرتىۋىلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. مانا شۇ چاغدا اللە تائاللاھ ئىيسا ئەلەيھىسالامغا :« ھەقىقەت مەن ھېچ بىر كىشىنىڭ سوقۇشۇشقا كۈچى يەتمەيدىغان بىر جامائە بەندىلىرىمنى چىقاردىم، سەن مۆئمېن بەندىلىرىمنى تۇر تېغىغا ئېلىپ بارغىن» -دەپ ۋەھىي قىلىدۇ. اللە تائاللاھ يەجۈج- مەئجۈجنى ئەۋەتىدۇ. ئۇلار زېمىننىڭ ھەر بىر تۆپىلىكلىرىدىن ئالدىراپ چىقىپ كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئالدىدا كەلگەنلىرى تەۋەرىييە كۆلىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ ئۇنىڭ سۇلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىچىپ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاخىرقىلىرى ئۆتكەندە:«بىر چاغلاردا بۇ كۆلدە سۇ بولغۇيمىتى » -دىيىشىدۇ. اللەنىڭ پەيغەمبىرى ئىيسا ئەلەيھىسالام ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى قامىلىپ قالىدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ بىرى  ئۈچۈن ئۆكۈزنىڭ بىر تال بېشى سىلەرنىڭ بۈگۈنكى كۈنۈڭلاردىكى يۈز تىللادىن ئەلا بولۇپ قالىدۇ.ئىيسا ئەلەيھىسالام ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى اللە غا دۇئا قىلىدۇ، اللە تائاللاھ يەجۈج -مەئجۈجلەرگە قۇرۇت بالاسى ئەۋەتىش بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىردەك تەڭلا ھالاك قىلىدۇ. ئاندىن ئىيسا ئەلەيھىسالام ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى اللە تائاللاھقا دۇئا قىلىدۇ. اللە تائاللاھ تۆگىلەرنىڭ بويۇنلىرىدەك چوڭ قۇشلارنى ئەۋەتىدۇ. ئۇ قۇشلارنىڭ ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى كۆتۈرۈپ اللە خالىغان جايلاردا ئاپىرىپ تاشلايدۇ. ئاندىن اللە تائاللاھ شۇنداق بىر يامغۇر ياغدۇرۇدىكى، يامغۇر بىرەر ئۆي ۋە ياكى بىرەر چېدىرنىمۇ ساق قالدۇرمايدۇ. زېمىننى يۇيۇپ ئەينەكتەك قىلىپ قويىدۇ.ئاندىن كېيىن زېمىنغا:« مېۋىلىرىڭنى ئۆستۈرگىن، بەرىكەتلىرىڭنى ئەسلىگە كەلتۈرگىن» دىيىلىدۇ. شۇ كۈنلەردە بىر ئانارنى بىر جامائەت كىشىلەر يەپ تويىدۇ، شۈپەكلىرى بىلەن سايىدايدۇ. سۈتكە شۇنچە بەرىكەن بېرىلىدۇكى، ھەتتا بىر سۈتلۈك تۆگە ئادەملەرنىڭ بىر كاتتا جامائەسىگە كۇپايە قىلىدۇ، سىيىرنىڭ سۈتى بىر قەبىلە كىشىلىرىگە يېتىدۇ. بىر ساغلىقنىڭ سۈتى بىر جەمەت كىشىلىرىگە يېتىدۇ. ئۇلار شۇنداق ياشاۋاتقان چاغدا اللە تائاللاھ تۇيۇقسىز مەيىن شامالنى ئەۋەتىدۇ، شامال ئۇلارنىڭ قولتۇقلىرىنىڭ ئاستىدىن ئۆتۈپ ھەر بىر مۆئمېن مۇسۇلماننى قەبزى روھ قىلىدۇ. ئۇلاردىن كېيىن زېمىندا ئېشەكلەردەك ئاشكارا جىنسىي ئالاقە قىلىشىدىغان ئەڭ ئەسكى ئادەملەر قالىدۇ، مانا شۇلارنىڭ ۋاقتىدا قىيامەت قايىم بولىدۇ »- دېدى. T6m#sVq  
ــ مۇسلىم رىۋايەت قىلغان i!+D ,O  
رىبئى ئىبن ھىراش رەزىيەللەھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇركى، مەن ئەبۇ مەسئۇد ئەنسارىي بىلەن ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ يېنىغا باردىم. ئەبۇ مەسئۇد ھۇزەيفىگە:« ماڭا دەججال توغۇرلۇق اللە نىڭ پەيغەمبىرىدىن ئاڭلىغانلىرىڭنى سۆزلەپ بەرگىن»- دېۋىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:« شۈبھىسىزكى، دەججال چىققاندا ئۇنىڭدا ئوت ۋە سۇ بولىدۇ. كىشىلەر سۇ دەپ قارىغان نەرسىسى كۆيدۈرىدىغان ئوتتۇر. ئوت دەپ قارىغىنى مۇزدەك تاتلىق سۇدۇر. سىلەردىن كىمكى شۇ زاماندا بولۇپ قالسا كۆزىگە ئوت كۆرۈنگەنگە كىرسۇن، چۈنكى ئۇ تاتلىق، پاكىز سۇدىن ئىبارەتتۇر» -دېدى. ئاندىن ئەبۇ مەسئۇد :« مەنمۇ رەسۇللىلاھنىڭ مۇشۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم» -دېدى. =+5z;3  
ــ بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان 7ksh%eV  
ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىندۇركى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن:« دەججال مېنىڭ ئۈممىتىم ئىچىدە پەيدا بولىدۇ، دۇنيادا 40 تۇرىدۇ( رىۋايەت قىلغۇچى 40 كۈنمۇ، 40 ئايمۇ، 40 يىلمۇ بىلمىدىم دەيدۇ) اللە مەريەم ئوغلى ئىيسا ئەلەيھىسالامنى ئەۋەتىدۇ، ئۇ دەججالنى ئىزدەپ تېپىپ ئۆلتۈرىدۇ، ئاندىن كىشىلەر( ئىيسا ئەلەيھىسالامدىن كېيىن) يەتتە يىل ئادەم ئارىسىدا ئاداۋەتمۇ بولماي تېنچ ھايات كەچۈرىدۇ، ئاندىن اللە تائاللا شام تەرەپتىن سوغۇق شامال چىقىرىدۇ، ئۇ شامال يەر يۈزىدە قەلبىدە زەرىچچە ياخشىلىق ياكى ئىمان بولغان كىشىنى قالدۇرماي قەبزى روھ قىلىدۇ، ھەتتا بىرەرسىڭلار تاغنىڭ باغرىغا كىرىۋالغان تەقدىردىمۇ شامال شۇ يەرگە كىرىپ ئۇنىڭ جېنىنى ئالماي قويمايدۇ. يەر يۈزىدە يامان ئىشلارغا بېرىلىشتە قۇشنىڭ ئۇچقۇنىدەك تېز، يىرتقۇچ ۋەھشىي ھايۋانلاردەك ھۆكۈرەيدىغان كىشىلەر قالىدۇ، ئۇلار ياخشى ئىشنى بىلمەيدۇ، يامان ئىشنى ئىنكار قىلمايدۇ، ئاندىن شەيتان بىر ئادەمنىڭ سۈرىتىگە كىرىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ:« مېنىڭ سۆزۈمگە كىرمەمسىلەر؟» دەيدۇ. ئۇلار:« بىزنى نېمىگە بۇيرۇيسەن؟» دەيدۇ. شەيتان ئۇلارنى بۇتقا چوقۇنۇشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ رىزقى كەڭ، تۇرمۇشى پاراۋان بولۇپ كېتىدۇ. ئاندىن سۈر چېلىنىدۇ. ئۇنى پەقەت بوينىنىڭ بىر تەرىپىنى پەس قىلىپ يەنە بىر تەرىپىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ قۇلاق سالغان ئادەملا ئاڭلايدۇ. ئۇنى ئالدى بىلەن تۆگىسىنى سۇغۇرىۋاتقان كۆلنى ئوڭلاۋاتقان كىشى ئاڭلايدۇ.ئالدى بىلەن بۇ ئادەم سۈر ئاۋازىدىن ئۆلىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئۆلۈشكە باشلايدۇ، ئاندىن اللە خۇددى شەبنەمدەك بىر يامغۇر ياغدۇردۇكى، ئۇنىڭدىن كىشىلەرنىڭ جەسەتلىرى ئۈنۈپ چىقىدۇ، ئاندىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم سۈر چېلىنغاندا ناگاھان ئۇلار تۇرۇپ(نېمىگە بۇيرۇلدىغانلىقلىرىغا ) قاراپ تۇرىدۇ. ئاندىن :« ئى خالايىق، پەرۋەردىگارىڭلار تەرەپكە كېلىڭلار» دېيىلىدۇ. پەرىشتىلەرگە :« ئۇلارنى توختىتىپ تۇرۇڭلار، ئۇلار(جىمىكى سۆزلىرى ۋە ئىشلىرىدىن ) سۇئال - سوراققا تارتىلىدۇ» دېيىلىدۇ. ئاندىن پەرىشتىلەرگە:« دوزاخقا يوللىنىدىغانلارنى چىقىرىڭلار» دېيىلسە، « قانچىلىكتىن قانچىسى؟» دەپ سورىلىدۇ. «ھەر مىڭدىن 999 نى » دەپ جاۋاب بېرىلىدۇ. ئۇ شۇندق بىر كۈندۈركى دەھشىتىدىن بالىلارنىڭ بېشىنى ئاقارتىۋېتىدۇ. ئۇ شۇنداق بىر كۈندۇركى، ئىشلار  قېيىنلىشىدۇ». )]WWx-Uf'  
ــ مۇسلىم رىۋايەت قىلغان w}No ^.I*4  
ئەنەس ئىبن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇركى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن:« مەككە بىلەن مەدىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، دەججالنىڭ قەدىمى يەتمىگەن شەھەر بولمايدۇ. مەدىنىنىڭ ھەر بىر يوچۇقلىرىدا ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان سەپ- سەپ بولۇپ تۇرغان پەرىشتىلەر بولىدۇ. ئاندىن مەدىنە ئۆز ئاھالىسىنى ئۈچ قېتىم قاتتىق سىلكىيدۇ. شۇنىڭ بىلەن اللە مەدىنىدىكى ھەر بىر دىنسىز ۋە مۇناپىقنى چىقىرىۋېتىدۇ». q9cmtZrm  
ــ مۇسلىم رىۋايەت قىلغان b ?9c\-}  
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنسۇدىن رىۋايەت قىلىندۇركى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن:« دەججالغا ئىسفاھان يەھۇدىيلىرىدىن 70 مىڭ كىشى ئەگىشىدۇ، ئۇلار يېشىل تون كىيىۋالغان بولىدۇ». )*#Pp )Q  
ــ مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ALvj)I`Al  
ئۇممۇ شەرىك رەزىيەللەھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىندۇركى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان:« كىشىلەر دەججال پىتنىسىدىن قورقۇپ نەپرەتلىنىپ تاغقا قاچىدۇ». Q|QV m,m  
ــ مۇسلىم رىۋايەت قىلغان 7jvy]5y8&~  
ئىمران ئىبن ھۈسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىندۇركى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان:« ئادەم ئەلەيھىسالام يارىتىلغان كۈنىدىن قىيامەتكىچە بولغان ئارىلىقتا دەججال پىتنىسىدىنمۇ چوڭ پىتنە بولمايدۇ». j1 _ E^  
ــ مۇسلىم رىۋايەت قىلغان h4rIt3`  
ئەبۇ سەئىد خۇرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇركى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن:« دەججال مەيدانغا كەلگەندە مۆئىمىنلەردىن بىر كىشى دەججال تەرەپكە يۈزلىنىدۇ. ئۇنىڭغا دەججالنىڭ پايلاقچىلىرى يولۇقۇپ‹ نەگە بارماقچىسەن؟› دەيدۇ. مۆئېمىن ‹دەججالنىڭ يېنىغا›  دەيدۇ. ئۇلار :‹بىزنىڭ رەببىمىزگە ئېمان كەلتۈرەمسەن؟› دەيدۇ. مۆئمېن ‹ رەببىمىز يۇشۇرۇن ئەمەس› دەيدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار دېسە، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى رەببىڭلار سىلەرنى ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈشىڭلارنى مەنئى قىلغان ئەمەسمۇ؟ -دەيدۇ. ئۇلار ئۇ مۆئمېننى دەججالنىڭ يېنىغا ئېلىپ بارىدۇ. مۆئېمىن دەججالنى كۆرگەندە:« ئى، خالايىق! رەسۇللۇلاھ سۆزلەپ بەرگەن دەججال مانا مۇشۇ شۇ » دەيدۇ. دەججالنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇ قوزۇقلارغا ئېسىلىپ قويىلىدۇ. يەنە :« ئۇنى تۇتۇپ باش -كۆزىنى يېرىڭلار» دەيدۇ. مۆئمېنىڭ قوساق -دۈمبىلىرىگە راسا ئۇرۇلىدۇ. دەججال:« ماڭا ئىمان ئېيتامسەن؟» دەيدۇ. مۆئېمىن:« مېنىڭ سېنىڭ دەججال ئىكەنلىكىڭلار بولغان چۈشەنچەم تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. ئى خالايىق! ئۇ ماڭا قىلغانلىرىنى ئەمدى ھېچكىمگە قىلالمايدۇ» دەيدۇ. دەججال ئۇنى بۇغۇزلىماقچى بولغاندا ، اللە مۆئېمىننىڭ بوينىدىن ئوقرەك سۆڭىكىگىچە بولغان يەرلەرنى تۇچتىن قىلىپ قويىدۇ. دەججال مۆئمېننى ئۆلتۈرەلمەيدۇ( اللە تائاللاھ مۆئمېننى راستىنلا شۇنداق قىلىپ قويغان بولۇشى مۇمكىن ياكى دەججالنىڭ مۆئمېننى ئۆلتۈرىشىگە قادىر بولالمىغانلىقىدىن كىنايە بولىشى مۇمكىن) ئۇنىڭ ئىككى قولى، ئىككى پۇتىدىن تۇتۇپ تاشلايدۇ، كىشىلەر دەججال ئۇنى دوزاخقا تاشلىدى دەپ ،گۇمان قىلىدۇ-يۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ جەننەتكە تاشلانغان بولىدۇ. رەسۇللىلاھ مۇنداق دەيدۇ:‹ ئۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان اللە نىڭ نەزىرىدە شەھىدا بولغانلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى ھېسابلىنىدۇ». Y.` {]rC  
ــ بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان piYv }4;:(  
مۇغىرە ئىبن شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇركى، ھېچ بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامدىن دەججال توغرىسىدا مەن سورىغاندەك كۆپ سورىغان ئەمەس. رەسۇلۇللاھ ماڭا:« ئۇ ساڭا زىيان سالمايدۇ» دېۋىدى. مەن :« ئادەملەر ئۇنىڭ بىلەن تاغدەك نان ۋە ئۆستەڭدەك سۇ بولىدىكەن دېيىشىۋاتىدۇ» دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام:« ئۇ اللە نەزىرىدە مۇنداق بولۇشقا ھېچ ئەرزىمەيدۇ» دېدى J)1:jieQ  
ــ بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان <;O=h; ~|  
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇركى، رەسۇللۇللاھ:« پەيغەمبەر ئۆز ئۈممىتىنى يەكچەشمە كاززاپتىن ئاگاھلاندۇرغان، بىلىڭلاركى دەججال يەكچەشمىدۇر، سىلەرنىڭ ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭلار يەكچەشمە ئەمەس. دەججالنىڭ ئىككى كۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ك، ف (كافىر) دەپ يېزىلغان» . )E;+C2G  
ــ بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان HScj  
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇركى ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن:« مەن سىلەرگە دەججال توغرۇلۇق ھېچقانداق پەيغەمبەر ئۆز قەۋمىگە سۆزلەپ بەرمىەن بىر سۆزنى سۆزلەپ بېرەي، ھەقىقەتەن دەججال يەكچەشمىدۇر، ئۇ جەننەت ۋە دوزاخنىڭ كۆرۈنىشىنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ جەننەت دەپ كۆرسەتكىنى دوزاختۇر» k. bzh.  
ــ بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان \b {Aj,6,  
ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىندۇركى، رەسۇللۇلاھ كىشىلەرنىڭ ئالدىدا دەججالنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى:« اللە يەكچەشمە ئەمەس. ئاگاھ بولۇڭلار. دەججالنىڭ ئوڭ كۆزى قارىغۇ، ئۇنىڭ كۆزى خۇددى سۇدا لەيلەپ تۇرغان ئۈزۈمدەك پولتىيىپ چىققان بولىدۇ». 5G.Fi21 b  
ـ بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان *M5 : \+  
دەججال توغرىسىدىكى يۇقۇرىقى ھەدىسلەرنىڭ مۇھىم نوقتىلىرى: xlPUu m-o  
دەججالنىڭ مەيدانغا كېلىشى ،ئۇنىڭ ئالامەتلىرى. ئۇنىڭ پىتنە -پاسات تېرىيدىغان مۇددىتى ، ئىيسا ئەلەيھىسالامنىڭ ئاسماندىن چۈشۈپ دەججالنى ئۆلتۈرىدىغانلىقى. بۇ ھەدىسلەر دەججالنىڭ چوقۇم مەيدانغان كېلىدىغانلىقىنى ، بۇنىڭغا ھېچ شەك يوق ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئىپادىلەپ بېرىدۇ. m"Y;GzqQl  
دوكتۇر مۇھەممەت سەئد رامزان بۇنى ئۆزىنىڭ« ئەڭ چوڭ ئىشەنچىلىك مەلۇمات» دېگەن كىتابىدا بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختالغان. تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى شۇ كىتابتىن ئېلىپ بەرمەكچىمىز: #Mo`l/Cwp  
دەججال بولسا ئەسلى يەھۇدىي بولۇپ، ئۇ ھىيلىگەرلىكى ۋە يالغانچىلىقى، باتىل بىلەن ھەقنى يېپىشتىكى يۇقىرى ماھارىتى تۈپەيلى دەججال دەپ ئاتالغان ، ئۇ مەشرىق تەرەپتىن چىقىپ كىشىلەر ئارىسدا ئۇلارنى توغرىلىققا، راۋۇرۇس بولۇشقا چاقىرىدۇ. ئاندىن ئۇ خۇدالىق داۋاسى قىلىدۇ. نۇرغۇن ئادەم ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ. ئەگەشكەنلەردىن تولىسى يەھۇدېيلاردىن بولىدۇ. ھەدىس كىتابلاردا بۇنىڭغا دائىر خەۋەرلەر ۋە ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، شەكلىنىشكە ھېچ ئورۇن يوق. ھەدىسشۇناس ئىبن ھەجەر «پەيغەمبەرلەرنىڭ مۆجىزىسى ھېسابلانغان ئۆلۈكنى تىرىلدۈرۈشتەك كارامەتلەرنى قانداقمۇ اللە تائاللاھ دەججالنىڭ قولىغا مۇيەسسەر قىلىپ بېرىدۇ؟» دېگەن سۇئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:« اللە نىڭ بۇنداق ئىشلارنى دەججالغا مۇيەسسەر قىلىپ بېرىشى بەندىلەرنى سىناش ئۈچۈندۇر. كىشىلەر بىلىدۇكى، دەججال بولسا دەۋاسى يالغانچى بولۇپ، ئۇنىڭ پىشانىسىگە كافىر ئىكەنلىكى يېزىلغان بولىدۇ. ئۇنىڭ بىر كۆزى كوردۇر. ئۇنىڭ كورلۇقى، كافىر دېگەن خەتنىڭ پىشانىسىگە يېزىلغانلىقى ئۇنىڭ يالغانچىلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىسپاتتۇر.‹ ئەگەر ئۇ ئىلاھ بولىدىغان بولسا ئۆزىنىڭ ئەيىبىنى تۈزەلىگەن بولاتتى. ئۇ ئىلاھلىقنى دەۋا قىلىدۇ-يۇ، ئۆزىنىڭ بەتبەشىرلىكىنى تۈزىتەلمەيدۇ› دەپ ئەقىل ئىگىلىرى ماھىيىتىنى چۈشىنىۋالالايدۇ. /dTy%hZC}  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بايان قىلغاندەك دەججالنىڭ كىشىلەرگە خەتەرلىك چوڭ پىتنە بولىدىغانلىقى ئېنىقتۇر. ئەگەر اللە تائاللاھ دەججالغان نۇرغۇن ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى قىلالايدىغان ئىقتىدارنى ئاتا قىلمىسا ھەم ئۇنىڭغا نۇرغۇن مەنپەئەتلىك ئىشلارنى مۇيەسسەر قىلىپ بەرمىسە ئۇ كىشىلەرگە پىتنە بولماي قالاتتى. بۇنىڭدىن شۇ مەلۇمكى، دەججالنىڭ ئىشى ھېلىمۇ غەيب ئىشلار جۈملىسىدىندۇر. ھەدىسلەردە بايان قىلىنغانننىڭ سىرتىدا دەججالنى تەتقىق قىلىش ۋە بۇ توغرۇلۇق تەھلىل يۈرگۈزۈش ئەقىلنىڭ ئىشى ئەمەس. بۇ ھەقتىكى بىردىن بىر توغرا چۈشەنچە ھەدىستە بايان قىلىنغان مەزمۇندۇر. ھەدىستە مۇنداق بايان قىلىنمىغان بولسا، دەججالنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئىشىنىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلمىغان بولاتتۇق. ئۇ مەيدانغا كەلگەن چاغدا(ئۇنىڭ مەيدانغا كىلىدىغان ۋاقتى اللە نىڭ ئىلمىگە خاس ئىشتۇر) ئۇنىڭ ئىشى نوقۇل غەيب ئىشتىن رېئال ئىشقا ئايلىنىدۇ. دېمەك دەججال توغرىسىدا سەھىھ ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان ئىشلارغا ئىشىنىشىمىز كېرەك. بۇ ئەقىل بىلەن ئىسپاتلاشقا ھاجەت ئەمەس. ئەقىلغا ئائىت ھۆكۈملەر سەزگۈ ئەزالار ئارقىلىق بايقاشقا يۆلىنىدۇ، ئالىمي غەيىبكە ئائىت ئىشلار ئۇنداق ئەمەس. غەيب ئالىمىدىكى ئىشلارنى بىلىشتە ئەقىلغا تايىنىپ بىلگىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن اللە تائاللاھ ‹ قۇرئان كەرىم › دە :‹ بۇ كىتابتا ( يەنى قۇرئاندا) ھېچ شەك يوق، ( ئۇ) تەقۋادارلارغا يېتەكچىدۇر. ئۇلار  غەيبكە ئىشىنىدۇ› . دېگەن [6x-c;H_4  
-قۇرئان كەرىم سۈرە بەقەرە 3-ئايەتنىڭ بىر قىسمى vW4~\]  
ئى بۇرادەرلەر!اللە تائالادىن دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ساقلىشىنى،بىزلەرگە جەننەتنىڭ فىردەۋس دىگەن جەننەتنى ئاتا قىلىشىنى ئاخىرەتتە رەسۇلۇللا سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يىنىدا قىلىشىنى تىلەيلى ئامىن! "|W .o=R  
)(مەنبە:ياخشى كىشىلەرنىڭ باغچىسى دىگەن كىتاپتىن ئىلىندى.) hoxn!x$?  
[ بۇ يازما nur-luk تەرپىدىن 2011-09-23 04:02 PM دە ق ]

تېما تەستىقلىغۇچى : alafasy
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-09-23, 16:11
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +10
amannisa مۇنبەر پۇلى +10 تۈنۈگۈن 18:22 -
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران