مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       3089 
  •    ئىنكاس 
       26 

چىرايلىق ئىسىم ( ھېكايە)

قەۋەت ئاتلاش
dilmervan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.39375

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   61 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3039 (سوم)
 ياخشى باھا:   89 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   121  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1329
 سائەت
دەرىجىسى:
1329 سائەت 21 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-01
ئاخــىرقىسى:2011-11-05

چىرايلىق ئىسىم '(rD8 pc  
(ھېكايە) 3>^]r jFw  
ئۇيغۇرنىسا
rJkJ/9s  
   دوستۇم بىلەن خەلق باغچىسىنىڭ كەچلىك مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىۋاتاتتۇق. كۈندۈزدىكى قۇياشنىڭ ئوتلۇق تەپتى باغچىنىڭ يېشىللىق پۈركەنگەن كۆل بويىغا تەسىر كۆرسىتەلمىگەن بولۇپ، نەمخۇش ھاۋاسى كىشىگە چەكسىز ھۇزۇر بېغىشلايتتى. ھەممىلا كىشى خۇددى ئۆيىدىن قوغلىۋېتىلگەندەك، بۇ باغچىنىڭ بۇلۇڭ – بۇلۇڭلىرىدىن ئورۇن ئېلىشقانىدى. بەزىلىرى ئاتا – ئانىلىرىنى، بەزىلىرى بالىلىرىنى يېتىلەپ ئاستا ئايلىنىشاتتى. يەنە بەزىلىرى توپ – توپ بولۇپ دوست – بۇرادەرلىرى بىلەن ئاللىقانداق چاقچاقلارنى قىلىشىپ كۈلۈشەتتى. ئۇزۇن ئورۇندۇقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يا قېرى – چۆرىلەر يا بولمىسا ئاسىق – مەشۇقلار تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغانىدى. ZnRT$ l O  
   بىز پاراڭلاشقاچ، بىر سۈنئىي بەرپا قىلىنغان توغراقلىققا يېتىپ كەلدۇق. بىرمۇنچە ئۇششاق بالىلار بۇ يەردە زوق – شوق بىلەن قۇمدىن ئىمارەتلەر ياساپ ئويناۋاتاتتى. بىز سۆھبىتىمىزنى قىزغىن داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتۇق، دەل شۇ چاغدا كەينى تەرىپىمىزدىن بىر ئايال كىشىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى: n@x Q -v  
   ــ ئەركئوغۇز، تۈركىزات، تۇمارىس! f)j*P 
   پاھ! نېمىدېگەن پاساھەتلىك، چىرايلىق ئىسىملار بۇ؟! مۇشۇنداق ئىسىم قويساقمۇ بولىدىكەنغۇ؟   8-NycG&)  
   دوستۇم بىلەن ئىختىيارسىز ھالدا بىر – بىرىمىزگە قارىشىپ قويدۇق، ئۇنىڭمۇ بۇ ئىسىملاردىن مەندىنمۇ بەكرەك ھوزۇرلانغانلىقىنى سېزىۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى. دېمىسىمۇ ھەممىلا كىشى پەرزەنتلىرىگە چوڭلارنىڭ تىلىمۇ كەلمەيدىغان يېڭى – يېڭى، غەيرىي ئىسىملارنى قويۇشنى مودا قىلىۋالغان بۇ دەۋردە، مىللىتىمىزنىڭ ئەڭ جەڭگىۋار دەۋرلىرىنى، ئەقىل – پاراسەتلىك، قەيسەر ئەجدادلىرىمىزنى ئېسىمىزگە سالىدىغان بۇنداق ئىسىملار ھەممىمىزنى ھاياجانغا سالىدۇ، ئەلۋەتتە! Vj9X6u}{  
   شۇ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە، مۇشۇلارنى ئويلىۋېلىشقا ئۈلگۈردۈم، ھەم بىزدىن نەچچە قەدەم يىراقلىقتا بەخىرامان ئويناۋاتقان بالىلارغا يەنى ئەركئوغۇز، تۈركىزات، تۇمارىسلارغا ھەۋەس بىلەن قارىدىم. سەبىيلىكى چىقىپ تۇرغان چىرايلىرى ياق، توغرىسى، ئۆزگىچە يېقىملىق ئىسىملىرى بىلەن كۆزۈمگە پەرىشتىلەردەك ئىللىققىنا كۆرۈندى. g i6s+2  
   تۇرمۇشىمىزدا بەزى ئىشلار ھەقىقەتەن قىزىقارلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغانىكەن. مەن ئاشۇ چاغدا، چېھرىمدىكى ئاجايىپ بىرخىل خوشاللىق بىلەن ئەللەيلىنىپ ئولتۇرغان ۋاقتىمدا، ئۇ بالىلارنى چاقىرغان ھېلىقى ئايال جىمجىتقىنا كېلىپ، ئۇلارنى يېتىلەپ، ئەگەشتۈرۈپ ئېلىپ كەتكەن بولسا، بەلكىم مەنمۇ شۇ خۇشاللىقىمدىن ھازىرغىچە ھوزۇرلانغان بولاتتىم. ئەپسۇسكى، بۇ ئىشنىڭ كەينى ئۇنداق بولماي قالدى. +^+'.xQ  
   چاچلىرىنى ئۇششاق بۈدرە قىلدۇرۇپ مۈرىسىگە يېيىپ چۈشۈرۈۋالغان، قىسقىراق كوپتا – يوپكا كىيگەن ئوتتۇرا بويلۇق زىلۋا كەلگەن بىر ئايال كەينىمىزدىن كېلىپ، بالىلارنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ توختىدى. بالىلار باشلىرىنىمۇ كۆتۈرۈپ قويۇشقا بولالماي ئويۇنلىرى بىلەن بەنت ئىدى. ئايال تېرىكتى بولغاي، مېنى قاتتىق ھەيران قىلغان دېئالوگلار باشلىنىپ كەتتى: RSh_~qMX  
   ــ بولدى، ئەمدى قايتمىساق بولمايدۇ! (خەنزۇچە) n|)((W  
   ــ ۋاي ئاپا(ئۇيغۇرچە)، بىردەم ساقلاپ تۇرۇڭە! (خەنزۇچە) p|.5;)%|  
   ــ نوۋ! (ئېنگىلىزچە)، بولدى قىلىڭلار، باشقا چاغدا كېلىپ ئويناڭلار! (خەنزۇچە) wR@>U.XT@  
   ــ ئەجەبمۇ بىر (خەنزۇچە) ...ــ بالىلار باشلىرىنى گىلدىڭلىتىپ، چىرايلىرىنى پۈرۈشتۈرگىنىچە ئايالنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى. ئايال ئۇلارنى خەنزۇچە تەنقىدلىگەچ، تارتقۇشلاپ ئېلىپ كەتتى. خەنزۇۋان (يەنى مىنكاۋخەن) ئانىنىڭ كەينىدىن بويۇن قىسىپ كېتىپ بارغان، ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلىيەلمەيدىغان ئەركئوغۇز، تۈركىزات ۋە تۇمارىسنىڭ كەينىدىن ھەسرەت بىلەن قاراپ قالدىم. ioD8-  
   بەلكىم، بۇ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار دوستۇمغىمۇ چوڭقۇر تەسىر قىلغان بولسا كېرەك، ئىشقىلىپ، ئۇمۇ جىمىپ كەتكەنىدى. بۇ بۇرۇقتۇرما كەيپىياتنى ئوڭشىماقچى بولۇپ گەپ باشلىدىم: X':FFD4h  
   ــ بالىلىق چاغلىرىمىز نېمىدېگەن كۆڭۈللۈك – ھە؟! غەمسىز ئويناپ يۈرەتتۇق. 4h@,hY1#  
   ــ شۇنى دەڭە! خۇددى ئەركئوغۇز، تۇمارىسلاردەك. (O4oI U  
لاپپىدە ئۇنىڭغا قارىدىم، ئۇ كۈلۈپ كەتتى. مېنىڭمۇ چىرايىم ئەمدى ئېچىلغاندەك ئىدى، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بوشقىنا كۈلۈپ قويدۇم. ئارقىدىن ماڭا قىزىقارلىق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى: k\ .9iI'6  
   ــ مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، مۇناسىۋەتلىك ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ گىمناستىكا ئويناپ تارقىلىشىغا ئۈلگۈرتۈپ، دەرسكە كېچىككەنلەرنىڭ، دەرس تاشلىغانلارنىڭ ئىسىملىكىنى بىرمۇبىر ئېلان قىلىپ تۇراتتى. بىر قېتىم، ئەمدىلا گىمناستىكىدىن تارقىلىشىمىزغىلا يۇقىرى ئاۋازلىق كاناي يەنە جاراڭلاشقا باشلىدى. تىزىملىك بويىچە ‹ پالانى يىللىق پوكۇنى سىنىپتىن ئەلشىر، فارابى، لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ئىنتىزامىغا بويسۇنماي، ئوقۇغۇچىلار قائىدە – نىزاملىرىنى كۆزگە ئىلماي، شېرىكلىشىپ تۆۋەن يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنى بوزەك قىلغانلىقى، جېدەللىشىشكە كۈشكۈرتكەنلىكى ھەم نۇرغۇن قېتىم دەرس تاشلىغانلىقى سەۋەبلىك مەكتەپ رەھبەرلىكى تەرىپىدىن ئۈچ ئايلىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ. يەنە ئىپادىسى ناچار بولسا، مەكتەپتىن چېكىندۈرۈلىدۇ! › دەپ ئۇقتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قۇلاقلىرىمىزغا ئىشەنمەيلا قالدۇق. بىزنىڭ مەكتەپتە ھەقىقەتەن شۇنداق ئىسىملىك بىر نەچچە ئوقۇغۇچى بولىدىغان، ئۈچىلىسىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلىنىشى ھەممىمىزنى بەكلا ھەيران قىلىۋەتكەنىدى. &&9 |;0 <  
   ــ ئۇلۇغ شائىرىمىز ئەلىشىر نەۋائىي، فارابى ۋە لۇتپۇللا مۇتەللىپ... قاتارلىق ئەجدادلىرىمىزنىڭ روھى قانچىلىك قورۇنغاندۇ-ھە؟! iW(LD1~7  
   ــ شۇنداق بولىدۇ – دە! بىزمۇ ئەينى چاغدا ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئەمەس، بەلكى، ئۇلارنىڭ گىگانت ئىسىملىرىغا ھەيران قالغانىدۇق. قىسقىسى، ئەپسۇسلاندۇق دېسەكمۇ بولىدۇ. [oV M9 Q  
   ــ بىز تۇغۇلىشىمىز بىلەنلا ئاتا – ئانىمىز زور ئۈمىد – ئارزۇلىرىنى بىزگە يۈكلەپ، ئۆزلىرى ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئىسىملارنى قويۇپ قويىدىكەن. بىز بولساق، بۇ ئىسىملىرىمىز بىلەن ئانچە ھېسابلاشمايدىغاندەك قىلىمىز. ۋاقتى – پەيتى كەلگەندە ئاندىن مەۋجۇدلىقىمىز ۋە روھىيىتىمىز بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىسمىمىزغا ماس كەلگەن- كەلمىگەنلىكىمىزنى بارا – بارا ھېس قىلىدىغاندەك قىلىمىز. بۇ ئىسىملار ھەقىقەتەن چىرايلىق. پەرزەنتلىرىمگە ئەلىشىر، فارابى، لۇتپۇللا دەپ ئىسىم قويۇشنى خالايمەن، ئەمما، ھېلىقى مەكتەپتىن ئاگاھلاندۇرۇش ئالغان ئەلىشىر، فارابى، لۇتپۇللادەك بولۇشىنى قەتئىي خالىمايمەن! }6%XiP|  
   ــ مەنمۇ پەرزەنتلىرىمنىڭ ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمەيدىغان، ماڭقۇرتلارچە ياشايدىغان يېڭى بىر ئەركئوغۇز، تۈركىزات، تۇمارىس بولۇپ قېلىشىنى تېخىمۇ خالىمايمەن! $ ubU"  
   مەن يەنە دەررۇ ئۇنىڭغا ئىختىيارسىز قارىۋەتتىم. كەينىدىنلا بىر – بىرىمىزگە قارىغىنىمىزچە كۈلۈشۈپ كەتتۇق. bpwA|H%{M  
   مەنبە: ئۆزۈم  

تېما تەستىقلىغۇچى : Misranim2
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-09-22, 11:37
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
جاھان جام كۇللىي زىي جانغا ئەجەل مەيدۇر، پەلەك ساقى،
ۋە لېكىن قالغۇسىدۇر، قىلسا خەيرات تائەبەت باقى.
kuyax123
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8616

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   97 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5755 (سوم)
 ياخشى باھا:   243 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   258  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2129
 سائەت
دەرىجىسى:
2129 سائەت 171 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-31
ئاخــىرقىسى:2011-11-03
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-22

  ‹‹ دەستىرخان يوغان بىر نان يوق،سەللە يوغان ئىمان يوق››دېگەندەكما؟
 
adina317
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.51600

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   117 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   660 (سوم)
 ياخشى باھا:   148 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 365
 سائەت
دەرىجىسى:
365 سائەت 75 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-14
ئاخــىرقىسى:2011-11-01
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-22

توۋا  توۋا.....ھە               ي!
 
adina317
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.51600

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   117 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   660 (سوم)
 ياخشى باھا:   148 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 365
 سائەت
دەرىجىسى:
365 سائەت 75 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-14
ئاخــىرقىسى:2011-11-01
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-22

مۇشۇ رەسىمىدىكى ئوماق بالا مىنىڭ بالام بولىدۇ .ئىسىمى ئەنىسەرجان ....ئىسىمى چىرايىلىقمىكىن تورداشىلار  ئۇلۇغ ئاللا خالسىا بالامنى .ئسمى-جىسمغا لايىق ياخىشى تەربىيىلەپ چىقىمەن.
 
سۆڭەك
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.53937

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   108 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1508 (سوم)
 ياخشى باھا:   327 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   350  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 674
 سائەت
دەرىجىسى:
674 سائەت 96 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-30
ئاخــىرقىسى:2011-10-22
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-22

شۇنىڭدىن ئەنسىرەيمەن . كېيىنچە بالىلىرنىڭ ئسمىمۇ باشقا تىللاردىن قويۇلۇپ قالارمۇ ؟
 
بەخىت.
naima-0903
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.45579

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   70 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   551 (سوم)
 ياخشى باھا:   100 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1154
 سائەت
دەرىجىسى:
1154 سائەت 36 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-25
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-22
3قەۋەتتىكى(adina317) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش

ئوغلىڭىز ئىسمىغا ئوخشاشلا چىرايلىقكەن،راس بەكلا ئوماقكەن.ئوغلىڭىزنى ياخشى تەربىيلەپ چىقىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.
 
ھۇرۇننىڭ باھانىسى ‹‹ئالبېنى››نىڭ باھانىسىدىنمۇ كۆپ
sayram
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.74

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   312 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7133 (سوم)
 ياخشى باھا:   321 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   272  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2074
 سائەت
دەرىجىسى:
2074 سائەت 16 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-22

ئېتى ئۇلۇق، سۇپۇرىسى قۇرۇق دېگەن شۇ-دە.
 
مەن سايرام قىرغاقلىرىدا تۇغۇلۇپ  ، سايرام قىرغاقلىرىدا چوڭ بولدۇم...روھىمدا تەكلىماكاندىكى توغراق روھى بار. شۇڭا سايرامدا كۈلسەم خوتەندە ئاڭلىنىدۇ... چۈنكى مەن شىنجاڭلىق يىگىتمەن. مەن مۇشۇ زىمىنغا چېچىلغان بىر تال ئۇرۇق.
zulfial
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.38466

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   32 (سوم)
 ياخشى باھا:   4 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 8
 سائەت
دەرىجىسى:
8 سائەت 12 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-23
ئاخــىرقىسى:2011-10-29
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-22

كىيىنچە كۇنىمىز قانداق قىسمەتلەرگە قالار-ھە؟!!! QqF*SaO>  
ئى قىرىنداشلىرىم،ئۆزىمىزنى ئۇنتۇپ قالمايلى..........بىغۇبار كۆزلەردىن ياش ئورنىغا قان ئىقىپ قالمىسۇن!ئۆتۈنەي.....
 
زۇلپىيە
marhaba
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.505

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   700 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8389 (سوم)
 ياخشى باھا:   392 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   329  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 9144
 سائەت
دەرىجىسى:
9144 سائەت 306 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-23
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-22

تەربىۋى ئەھمىيەتكە ئېگە تېما بوپتۇ . ئاتا-ئانىلارنىڭ چۇڭقۇر ئويلۇنۇپ بېقىشىغا ئەرزىگۈدەك . ئاتا-ئانىلار ئۆز تىلىمىزنىڭ قەدرىگە بىلگەن بولساق بالىرىمىزمۇ يېرىم ئۇيغۇرچە ، يېرىم خەنزۇچە سۆزلەپ يۈرمەس ئىدى .
 
بەخىتنى باشقىلارنىڭ بوسۇغىسىدىن ئىزدەشنىڭ ئۆزى بەخىتسىزلىكنىڭ باشلىنىشىدۇر .
喀什浪
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.37775

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   43 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   182 (سوم)
 ياخشى باھا:   13 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 9
 سائەت
دەرىجىسى:
9 سائەت 11 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-16
ئاخــىرقىسى:2011-10-21
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-22

ھەي!
 
نۇرلان
BABY
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4385

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   224 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9291 (سوم)
 ياخشى باھا:   505 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   509  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1268
 سائەت
دەرىجىسى:
1268 سائەت 82 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-20
ئاخــىرقىسى:2011-10-27
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-22

ئىسىم قويۇش توغۇرلۇق گەپ چىقىپ قاپتۇ .. zZ=.riK  
مېنىڭ ئۈمۈدۈم ، ئىسم قويغاندا مەنسىگە بەك دېققەت قىلساق ، uU]4)Hp  
مەسىلەن : <4Jo1  
رامىلە - دېگەننىڭ مەنىسى تۇل خوتۇن "syf@[tz7  
ئەلفىرەنىڭ مەنىسى چاشقاننىڭ بالىسى .. Q pY:L  
` 0k  
مانا مۇشۇنداق قالايمىقان ، مەنىسىنى ئويلاشمايلا قويىدىغان ئىشلارنى تاشلىساق دېگەن ئۈمۈتتە مەن ...

 
گۈل ...
taxqin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.57371

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   36 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   291 (سوم)
 ياخشى باھا:   39 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1118
 سائەت
دەرىجىسى:
1118 سائەت 72 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-09-21
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-22

ھىكايە دىمەي نەسىر دەپ ئاتىسىڭىز بولغۇدەك، ھىكايىنىڭ تەلىپىگە چۈشمەپتۇ.
 
مەسچىت سالدۇق دوقمۇش- دوقمۇشقا ، كۆككە تاقاشتى  بېشىمىز، مەكتەپ بىلەن  نىمە  ئىشىمىز.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى