بىزدىكى پاھىشە ۋازلىق ، چېكىملىك ۋە ئەيدىز كېسىلى
izcjI.3e, z80(+`
تەھرىردىن : ئۆلۈشكۈن بۇتىمىنىڭ تىمىسى پاھىشخانا ئاچماڭلار ئىدى، يەنەكىلىپ شئېر ئىدى .بۇ بولسا شۇتىمىغا چۈشكەن ئىنكاس ئىكەن ،نىم بولغىنىنى مەنمۇ بىلمىدىم ئۇ شئېر يوقاپ بۇ باشتىما بولۇپ ماۋزۇ شۇ پېتى قاپتۇ ، تېخىمۇ سىرلىق يېرى شۇكى مۇشۇ تىمىدا تەھرىرلەش مەشخۇلاتى قىلغۇچىنىڭ ئىسمى ئاستىغا چىقاتتى، لىكىن ھېچ بىر ئىسىم كۆرۈنمەيدۇ .ئەمدى مەن باشقىدىن تەھرىرلىدىم لىكىن مىنىڭ ئىسمىم كۆرىنىدۇ ،تورداشلار ۋاقىپلانغاي ... T)<^S(57 DC_uh H;<>uELie پاھىشەۋازلىق ئىنسان ھىسىياتىدىكى چەكتىن ئاشقان ، پىسخىك بىنۇرمال ھالەتلەرنىڭ بىرى . ئۇنىڭ ئىنسانغا ئېلىپ كېلىدىغان ھىسسىي خۇشاللىقىدىن كۆرە تالاپىتى – دىشۋارچىلىقى تولىراقتۇر . بۇ نۇقتىنى نورمال كاللىغا ئىگە ھەرقانداق ئادەم ئاڭقىرىپ ئالسا كېرەك . مەزكۈر يامان ئادەت بىر ئادەمدە شەكىللەنگۈدەك بولسا ، شۇ ئادەم ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ئۆزىدىكى فىزىلۇگىيەلىك ۋە پىسخىك تەڭپۇڭلۇق ، ئەخلاقىي كونترۇللىقىنى تامامەن يوقىتىپ ، ئىللەت قۇللىقىغا ، روھى كېسەللىكنىڭ مۇشى ئىلمىنىتىغا گىرىپتار بۇلغان بۇلىدۇ .
.*`]x bxwwYSS غەرىپتىكى كۆپلىگەن پىسخىك دۇختۇرلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە ، پاھىشەۋازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ كۆپ قىسمىدا ، بىرلەمچى روھىي كەمتۈكلۈك بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن . بۇنىڭغا سەل قارالسا بۇ ھال شۇ ئادەمنىڭ جىسمانىي ۋە روھى جەھەتتىن زەئىپلىشىشىگە ئەگىشىپ ، تېخىمۇ ئەدەپ بارىدىكەن . تەرەققىي قىلغان ئەللەردە ، پىسخىك دۇختۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتە كۆرسەتكەن تۆھپىسى ئۆزگىچە يۇقۇرى بۇلۇپ ، ئۇلار دەسلەپتە بۇنداق بىمارلارنىڭ ئەشۇ ھىسسىي باشباشتاقلىقتەك يامان مەيلىنى ئۆزگەرتىشكە ، فىزىلوگىيەلىك … ئىھتىياجنى كۆپرەك ئويلاشتىن كۆرە ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەقىلىي ئىقتىدار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ شاش ھىسسىي تەلپۈنىشىنى بېسىشنى ، زېھنىنى كۆپرەك ئىلىم پەن ئىشلىرىغا سەرىپ قىلىش ئارقىلىق، ئۆگەنگەن يامان مىجەزىنى ئۆزگەرتىشكە ، ئىنسانىيەتكە كۆپرەك تۆھپە يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرىدىكەن … بۇنىڭ ئەكسىچە ، پىسخىك داۋالاشنى جىددىي خىزمەت سۈپىتىدە چىڭ تۇتمىغان ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە پاھىشۋازلىقتىن كېلىپ چىققان كېسەللىكنىڭ ئاقىۋىتى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەھشەتلىك ئىكەن …
7jxx,#I: %MGt3) شۇنىسى ئېنىقكى پاھىشۋازلىق روھى كىسەللىكنىڭ مۇھىم سەلبىي بىر تۈرى بۇلۇش بىلەن بىرگە ، چۈشكۈنلەشكەن ئادەملەرنىڭ ، ئۆزلىرىنى ھالاكەتكە باشلايدىغان بارسا كەلمەس يولىغا ئايلانغان . سابىق سۆۋىت ئىتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ، شەرقىي ياۋروپا ۋە روسىيەدىن جۇڭگۇنىڭ خاربىن ئۆلكىسىگە نۇرغۇن قىز – ئاياللار سۇدا قىلىش باھانىسىدا ئېقىپ كىرگەن بۇلۇپ ، بۇلار كېيىنچە پاھىشىۋازلىق يولى بىلەن جىنسىي كېسەللىك – ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقاتقۇچى مەنبەلىرىدىن بىرى بۇلۇپ قالغان . تارىخىي يازمىلاردىن مەلۇمكى ، روسىيە 18- ئەسىرىدىن كېيىن ئۆزى كۇنتۇرۇل قىلغان ئۇتتۇرا ئاسىيا زىمىنىدا ، پاھىشىخانىلارنى كۆپلەپ بىنا قىلىشنى يولغا قويغان بۇلۇپ ، نەتىجىدە نۇرغۇنلىغان ئادەملەر روھى كىسەللىكنىڭ بۇخىل يۇقۇملىق باكتىرىيىسىدىن يۇقۇملانغان ئىدى … ياۋرۇپالىقلار مۇندىن 4- 5- ئەسىر ئىلگىرىكى مۇستەملىكە دەۋرىدە ئافرىقا ، جەنۇبىي ئامېرىكا ، شىمالىي ئامېرىكا … يەرلىك خەلىقلىرى ئارىسىدا ئۇلارنى ئىدىيىۋى جەھەتتىن ئۆزلىرىگە مايىل قىلىش ئۈچۈن ، ئېلىپ بارغان نەرسىلەر ئىچىدە ئىنجىل – چېركاۋ ، ھاراقتىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان تېنى كېسەللەنگەن << پاھىشە ئاياللار>> مۇ بار ئىدى . مۇشۇ پاھىشەلەرنىڭ جىنسىي يۇقۇملاندۇرىشى ئارقىسىدا ، ئاۋىستىرالىيە ، ئافرىقا ، لاتىن ئامېرىكىسى … يەرلىك خەلىقلىرىنىڭ كېسەللىنىشى ، زەئىپلىشىشى ، كونا جۇڭگۇغا ياۋرۇپالىقلار ئېلىپ كەلگەن ئەپيۈننىڭ سەلبىي تەسىرىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن ئىدى …
ZXo;E RcJtVOrd جىنسىيەتتىكى چەكتىن ئېشىشنىڭ ، ئىنسانىيەتنى ھالاكەتنىڭ قاراڭغۇ ئۆڭكۈرلىرىگە ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇنلىغان كىلاسسىك ئەسەرلىرىدە قەيىت قىلىنغان ، ئىزاھاتلار ، چۈشەندۈرۈشلەر بېرىلگەن ۋە بۇنداق يامان ھەرىكەتلەرگە لەنەتلەر ئۇقۇلغان . مەيلى << ئۇيغۇر خەلىق چۆچەكلىرى>> دە بۇلسۇن ، دۇنياۋىي قامۇس << تۈركىي تىللار دىۋانى >> ياكى خەلق داستانلىرىمىزدا بولسۇن … ئۇنىڭ مىللىي ، ئىنسانىي ئەخلاققا زىت تەرەپلىرى قامچىلانغان ۋە نۇرغۇن ئىبىرەتلىك نەقىللەر كەلتۈرۈلگەن . شۇڭا ئەشۇ كىلاسسىك ئەسەرلەردىكى << كەنىئان باتۇر >> ، << ئالپامىش >> ، << چىن تۆمۈر باتۇر >> ، << ئاي بەرچىن >> ، << مەختۇمسۇلا >> ، << نۇزۇگۇم >> … ئوبرازلىرى ئەخلاقلىق ، ئۇلۇغ غايىلەرنى كۆڭلىگە پۈككەن ، پاكلىق – ھەقىقەتنىڭ ھىمايىچىللىرى ، قۇغدىغۇچىللىرى، مۇنداقچە ئېيىتقاندا سىمۇۋۇلى قىلىپ تەسۋىرلەنگەن . ئۇلار ھەمىشە ئىشىرەتخۇرلۇق ، بۇزۇق ۋە رەزىلىك ھامىيلىرىنىڭ قارشى تەرىپىدە تۇرۇپ جەڭ قىلغان ۋە ئەشۇ سۆيۈملىك ئىنتىلىشلىرىنىڭ ۋودۇرۇت بومبىسى كەبىي تەڭداشسىز مەنىۋىي قۇۋۋىتى بىلەن ، ئىنسانىيەت ئىتىكىلىق قىممىتىنىڭ بۈيۈك مەشئىلىنى ياندۇرغان … شەرىق خەلقلىرىنىڭ يىتۈك پەيلاسۇپى فارابىي ئۆزىنىڭ چوڭقۇر دېڭىزنىڭ تەكتىدىكى قىممەت باھالىق جاۋاھىراتلاردەك ، ساپ – بىباھا …پەلىسەپەۋىي ئەسەرلىرىدە ، ئىنسانىيەت ياشاپ كەلگەن ۋە ياشاۋاتقان شەھەرلەرنى – ئىنسانىيەت جەمىئىتىنى : << پەزىلەتلىك شەھەر ۋە جاھالەتلىك شەھەر >> دەپ ئىككى قىسىمغا ئايرىغان ئىدى . ئۇنىڭچە ،جاھالەتلىك شەھەر ئاھالىسىنىڭ سۈپىتى ، << چۈشكۈنلىك >> بۇلۇپ : << ئۇنىڭ ئاھالىسى كەيىپ – ساپانى ئارزۇ قىلىدۇ . يەپ ئىچىپ شەھۋانىيلىق – پاھىشەۋازلىق قىلىدۇ … …>> { ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت ئىمىننىڭ << فارابىينىڭ پەلىسەپە سېستىمىسى >> دىگەن كىتاۋىغا قارالسۇن }<< پەزىلەتلىك شەھەر >> ئاھالىسى << جاھالەتلىك شەھەر >> نىڭ ئەكسىچە ، ئۇنىڭغا قارمۇ – قارشى مەيداندا تۇراتتى … بۇنىڭدىن كۆرىۋالغىلى بۇلۇدۇكى ، پىسخىك بۇزۇقچىلىق – پاسىقلىقلارنىڭ -بىر مىللەت ، جەمىئەت جۈملىدىن ئىنسانىيەتنى ، ھەر تەرەپتىن گۇمراھلىقتا قۇيىدىغانلىقى ، ھالاك قىلىدىغانلىقى شەكسىزدۇر …
x8C\&
ivn PRUl-v دىمەك ، بۇ بىرخىل << رەزىل قىلمىش >> ، ئەجداتلىرىمىز ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەت يىرگىنىدىغان تىراگىدىيەسى تەسەۋۇردىنمۇ دەھشەتلىك ئەھۋال ئىكەن ، ئۇنداقتا ئۇ نىمە ئۈچۈن بىزنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشىمىزنىڭ بىرقىسمى بولۇپ ، ھازىرغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ .. . ؟ نىمە ئۈچۈن جەمىيىتىمىزدىكى ھەرقانداق بىر شەھەر – بازاردا << ھۆسىن تۈزەش ئورنى >> ، << ئۇۋىلاش ئۇرنى >> … نامىدىكى ئاتالمىش << ساتىراچخانىلار >> ، << مەدەنىيەت>> نىڭ ساختا كۆرىنىشلىرى كۆز ئالدىمىزدا ئوچۇقتىن – ئوچۇق نامايان بولۇپ تۇرىدۇ … ؟ بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى نامدا << ساتىراچخانا >> بولسىمۇ ، ئەمىلىيەتتە << پاھىشخانا >> … لار بۇلۇپ ، كەسپكە پىشقان نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، مۇشۇنداق ئورۇنلاردا ئۆزلىرىگە جىنسىي كىسەل يۇقتۇرغانلارنىڭ كۆپ قىسمىنى << ئۇيغۇر >> لار تەشكىل قىلىدىكەن . … مانا بۇ بىزنىڭ مەنىۋى ، جىسمانىي چىرىكلىكىمىز ، روھىي جەھەتتە يىمىرىلىشنىڭ بوسۇغۇسىدا تۇرۇۋاتقانلىقىمىزنىڭ روشەن ئىپادىسى …
04}8x[t WK?5`|1l:x بۇنىڭدەك بەتقىلىقلارنىڭ ئارقىسىدا شەكىللەنگەن ئەيدىز كېسىلىمۇ ، بىزنىڭ چۈشكۈن جەمىئىتىمىزدە چوڭ بىر مۇئەمما بولۇپ تۇرۇپتۇ : شىنجاڭ گېزىتىنىڭ خەنزۇچە مەلۇم سانىدىكى << شىنخۇاشى بېيجىڭ 2- ئاي 21- كۈنىدىكى مەلۇماتى >> دا 2006- يىلى جوڭگۇدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز يۇقىرىلىغان ، مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسىسىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، پۈتۈن مەمىلىكەت مىقىياسىدا ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) نى يۇقتۇرغانلار بىرمىلىيۇندىن ئاشىدىكەن . شۇيىلى بۇسان ئۆتكەنكى يىلىغا قارىغاندا %19 . 5 ئاشقان ، ھازىرمۇ ئۈزلۈكسىز تۈردە يۈكسىلىۋېتىپتۇ … << يەنە بەزى مۇتەخەسىسىسلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، خېرۇيىن چېكىدىغانلارنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسمى ياش – ئۆسمۈرلەر بۇلۇپ ، پۈتۈن زەھەر چېكىدىغانلارنىڭ %53 نى تەشكىل قىلىدىكەن … >> { << ئازاپ ئىچىدىكى بالىلار >> 1998 – يىل 9- ئايدا يەن بىيەن نەشىرىياتى نەشىر قىلغان ، دۇنيا ۋە جۇڭگۇدىكى ئەڭ يېڭى مۇكاپاتلىق ، فۇتۇ سۈرەتلەر تۇپلىمىنىڭ 253- بېتىگە قارالسۇن } . يەنە شۇ كىتاپنىڭ 262 – بېتىدە ، بىر مۇخبىر ئۆزى زىيارەت قىلغان ، ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم زەھەر تاشلاش مەركىزىدە تارىتقان بىر ئۇيغۇر بالىنىڭ سۈرىتى ئاستىغا مۇنداق قۇرلارنى يېزىپ قويغان : << ئەمدىلا 13 ياشقا كىرگەن بۇئۆسمۈر ، گويا ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن يېڭى قۇياشقا ئوخشايدۇ ، بۇ ۋەتەننىڭ ئۈمىدى . يۈسۈپ ئەمەت ئىسىملىك بۇ بالا ئۈرۈمچىدىكى بۇ زەھەر تاشلاش مەركىزىدە ، تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزمەكتە . بىز ئۇنىڭ بۇ يۇمران تۇرىقىغا قاراپ ، ھەرگىزمۇ ئۇنى 4 يىل خرۇئىن چەككەن دىيەلمەيمىز . بۇ ئۆسمۈرنىڭ بۇيەرگە داۋالىنىش ئۈچۈن 2- قېتىم كېلىشى بۇلسىمۇ ، بىراق ئۇنى يەنە 3-4- 5 – قېتىملىق ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ، داۋالاش پۇرسەتلىرى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ . مەن ئۇيلاپ قالدىم بۇزادى نىمە ئۈچۈن … ؟ >> بۇ پاجىئەلىك كۆرۈنۈشنىڭ سەۋەبىنى بىز كىمدىنمۇ كۆرىشىمىز مۈمكىن …؟ مەيلى قانداقلا بۇلمىسۇن بۇ بىزگە كېلەچەك – ئۈمىت چىرىغىمىزنىڭ ، مىلىيۇن ۋۇجۇتلارنى لەرزىگە سالىدىغان چۈشكۈن خىرە كۆرىنىشىنى ئەسلەتمەي قالمايدۇ …
JvvN>bg
v,*C>u\3s بۇ مەرەز كېسەلنىڭ يۇقۇش مەنبىيى ، يەنىلا قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ، ئۆسمۈرلەرگە – بالىلارغا قىلىنغان جىنسىي زوراۋانلىق ، زەھەرلىك چېكىملىك … بۇلۇپ بۇنىڭ ئىچىدە پاھىشىۋازلىقنىڭ سالمىقى مۇئەييەن ساندا تۇرىدۇ . بىزنىڭچە ئىجتىمائىيلاشقان جىنسىيەت بىلەن يۇقىدىغان ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇش – تارقىلىش يوللىرى ھەرخىل بۇلسىمۇ ، ئۇلارنى يەنىلا تۈۋەندىكى بىرنەچچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بۇلىدۇ : يەنى ھازىر شەھەر – بازارلاردا مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان << ئۇۋىلاش ئورۇن >> لىرى … دىكى كۆپلىگەن پاھىشەلەر ، ئۇلار بۇخىل كېسەللىكنى يۇقتۇرۇشتىكى بىرىنچى ئامىل … يەنە بىر تەرەپتىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ھەرخىل << مۇلازىمەتچى >> نامىدا بارغانلار … ئۇلار يۇقتۇرغۇچى سۈپىتىدە ھەرخىل بىنۇرمال جىنسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان ياكى مەجبۇرلانغان … ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭ شەھەرلەردىكى نۇرغۇن << ئالىي دەرىجىلىك >> ، << 5 يۇلتۇزلۇق مېھمانخانا >>لار … دىمۇ نۇرغۇن << مۇلازىمەتچى >> لەر بۇلۇپ بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى نامدا << مۇلازىمەت >> چىلىك << كۈتكۈچىلىك >> … قىلسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە بەزى خۇجايىنلىرىنىڭ ياكى يامان نىيەتلىك ئادەملەرنىڭ قىزىقتۇرىشى بىلەن تويۇق يۇلغا ماڭىدۇ … بۇ << كۈتكۈچى >> قىزلارمۇ ، سىرىتتىن كەلگەن نۇرغۇن ئادەملەر بىلەن بىنۇرمال مۇناسىۋەتتە بۇلۇپ ، كېسەل يۇقتۇرىدىغان يۇقتۇرغۇچىلارغا ئايلىنىپ قالغان …
uD?G\"L
i MCEHv}W مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى شەھەرلەردە ، زەھەر چېكىدىغانلارنىڭ سانىمۇ خېلى سالماقنى ئىگەللەيدىغان بۇلۇپ ، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئوقەت قىلىدىغانلار ئىكەن … ئۇلار بۇ يۇلدا بەزى يامان نىيەتلىك ئادەملەرنىڭ ئازدۇرۇش قۇربانىغا ئايلانغان . ئاق تاماكىنى تومۇرىغا ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش جەريانىدا بىر بىرىگە يۇقتۇرغان … مەن ئۆتكەن يىلى غۇلجىدىكى بىر تونۇشۇمنىڭ ئۆيىگە بارغاندا ، يېشى 50 نىڭ قارىسىنى ئېلىپ قالغان بۇ ئادەمنىڭ ، ھەسرەتلىك ياشلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ تۇرۇپ ئىچىدىكى بارلىق دەرت – ھەسرەتلىرىنى تۆككەنلىكى ، ھازىرمۇ ئېسىمدە خۇددى تاشقا مۆھۈر باسقاندەك تۇرۇپتۇ : ئەشۇ چاغدا ئۇ ماڭا يېشى 30غا كىرىپ قالغان جىيەنى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن ئىدى . ئۇنىڭ دىيىشىچە بۇ يىگىت 17 يېشىدىن باشلاپ دادىسىنىڭ ھاۋالىسى – ياردىمىدە ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن مال ئېلىپ كېلىپ ، غۇلجىدا سېتىپ دىگۈدەك نەچچە يىل سودا قىپتۇ … ئۇ كېيىنچە بۇ ساھەدە چىقىش يۇلى تېپىپ پۇلى كۆپەيگەندە ، باشقىلارنىڭ ئازدۇرىشى بىلەن ، ئۆزىگە ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرۇۋاپتۇ … ئۇنىڭ دادىسى 3، 4 يىل ئىچىدە بۇ ئۇغلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن 400مىڭ يۇەن پۇلنى خەجلەپ بولغان ، كېيىنچە بىچارە ئاتا بۇ يۇلدا بارلىق تەئەللۇقاتىدىن ئايرىلغان ۋە كېسەل بۇلۇپ قازا قىلغان … ئەيدىز كېسىلى بۇلغان بۇيىگىت ھازىر ئورۇقلاپ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بۇلۇپ قالغان ، دوختۇرنىڭ دېيىشىچە ئۇنىڭ بىر ئايلا ئۆمرى قالغان بولۇپ ، مۇشۇ كېلىشمەسلىك تۈپەيلى بۇ ياشنىڭ 2 بالىسىمۇ ، ئايالىمۇ ئەيدىز كېسىلىدىن يۇقۇملانغان …ئۇنىڭ ئايالى ئۆينى تاشلاپ بۇرۇنلا چىقىپ كەتكەن ئىكەن …
RR:%"4M gjz-CY.hz مەن شۇ قېتىم غۇلجىدىن قايتىش مەقسىتىدە ئاپتۇۋۇزغا چىقتىم ، يېنىمدا يېشى 22 لەرگە كىرىپ قالغان بىر ياش بالا ئولتۇراتتى ، مەن ئۇنىڭ بىلەن تېزلا تۇنۇشتۇم ۋە ئۇنىڭ نەگە باردىغانلىقىنى سورىدۇم . ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ بورتالاغا پاختا تېرىغىنى باردىغانلىقىنى، ئائىلىسىنىڭ نامىرات ئىكەنلىكىنى ، ياشانغان ئاتا ئانىسىنى قارا ئىش قىلىش بەدىلىگە باقىدىغانلىقىنى ، بۇ يىل بورتالا تەرەپكە بېرىپ << پاختا تېرىپ پۇل تېپىش ئۈچۈن ماڭغانلىقى … >> نى دەپ بەردى . ئۇنىڭ تۇرىقى – كىيىنىشى ھەقىقەتەن رەتسىز ، روھى چۈشكۈن ئىدى . ئۇ بىر سودىگەر ئاكىسىنىڭ 35ياشتا ئەيدىز كېسىلى بولۇپ بۇيىل تۈگىگەنلىكىنى ، بۇنىڭ سەۋەپلىك ئائىلىسى ئىقتىساتتىن بەكلا قىينالغانلىقىنى دەپ بەردى . ئۇ يەنە ئۇلار تۇرغان كەنىتتە 85 ياشقا كىرگەن بىر بۇۋاينىڭمۇ ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بۇلغانلىقىنى ، ھەتتا ئەشۇ يەردىكى پۈتۈن بىر كەنىتتە 26 ئادەمنىڭ مۇشۇ كىسەل بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنىمۇ دەپ بەردى …
<'UGYY\wg0 %GY'pQz ھەقىقەتەن بۇ بىزنى چۆچۈتمەي ، ئويلاندۇرماي قالمايدۇ . بۇلارنىڭ بەرى بىزنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدا مەۋجۇت بولغان ، ئىجتىمائىيلاشقان پىسخىك ۋە جىسمانىي كىسەللىك ، يەنى پاھىشىۋازلىق ۋە زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ بىزگە كەلتۈرگەن ئاپەتلىرىدىن بىر ئەمەلىي كۆرىنىشتۇر …
:] U\{;q2 Nc4;2~XwRp مەن تۇرۇشلۇق شەھەردىكى مەلۇم بىر بازارنىڭ قىسمەن كادىرلىرى ، بىرنەچچە يىلنىڭ ئالدىدا غۇلجىدىكى مەلۇم بىر << مېھمانخانا >> دىكى قىزلارنىڭ مۇلازىمىتى << ياخشى >> دەپ ئاڭلاپ ، بىر ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى مەخسۇس كۆتىرە ئېلىپ ، بۇيەرگە بېرىپ ئىشىرەت قاينىمىدا راسا رۇھ تەنلىرىنى << يايراتقان>> لىقى … 3-4 يىلنىڭ ئالدىدا 50 ياشتىن ئاشقان بىر ئادەمنىڭ ، مۇشۇ شەھەردىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى چوڭ شەھەرلەرگە << ئويۇن قويۇش >> باھانىسىدا ئاپىرىپ << يامان يولغا زورلىغانلىقى >> … ئۇندىن باشقا يەنە مەن ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان چېغىمدا ، مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىسىنىڭ ، دەرىستە ئەلاچى بىر چىرايلىق جەنۇپلىق قىزغا : << ئەگەر ماڭا بىر كېچە ھەمرا بۇلمىساڭ ئىمتىھاندىن قالدۇرىۋېتىمەن … >> دەپ تەھدىت سالغانلىقى ۋە ئاخىرى بۇقىزنىڭ نۇمۇسىغا تەككەنلىكى … بىرنەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مەلۇم بىر شەھەرنىڭ چەت ياقىسىدىكى ، بىر ناھىيە ئۇتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇتقۇچسىىنىڭ ، ئۆزىنىڭ ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەن قىز ئۇقۇغۇچىسىنى ئالداپ ، ئۇنىڭ نۇمۇسىغا تەككەنلىكى … دەك روھىي ئىللەت تۈسىنى ئالغان، ھەقىقىي بۇلۇپ ئۆتكەن ، رىئالىي كۆڭۈلنى قەي قىلدۇرىدىغان كۆرىنىشلەر – بىزنىڭ چەكتىن ئاشقان جىنسىي كېسەللىك ، مەنىۋىي تىراگىدىيەگە باي تۇرمۇشىمىزنىڭ يەنە بىر كۆرىنىشىدۇر …
_4)z:?G5 =9 )k:S( ئېيتىشلارغا قارىغاندا ھازىر ، ئۇرۇمچى ، ئاقسۇ ، غۇلجا ، شىخۇ ، قارماي – مايتاغ … ۋە بورتالا شەھىرىنىڭ شىمال شەرقىدىكى ، ئېچىۋېتىلگەن كۆلىمى بىر بازارچىلىكمۇ چىقمايدىغان << ئالاتاغ >> ئېغىزىغا كېلىپ تېنىنى ساتىدىغانلار كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن … بۇلارنىڭ نۇرغۇنى ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرغانلاركەن …
6i+,/vr j-R*!i مۇناسىۋەتلىك سەھىيە ساھەسىدىكى مۇھىم مۇتەخەسىسىسلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، مۇشۇ بورتالا شەھرىنىڭ ئۆزىدە << ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرغانلارنىڭ سانى تەخمىنەن 200 گە بارىدۇ >> كەن . بۇسان ھەقىقەتەن ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدۇ . بۇنىڭدەك ناھىيە دەرىجىلىك بىر شەھەردە ، مۇشۇنچىلىك كۆپ يۇقۇملاندۇرغۇچى بولسا ، پۈتۈن شىنجاڭدا بۇسان قانچىلىك سالماقنى ئىگەللەيدۇ … ؟!
Ic_NQ<8 <,GVrVH=t" يۇقارقىلاردىن بىزنىڭ كاللىمىزغا تەبىئي ھالدا ، نىمە ئۈچۈن بۇنداق پاسكىنىلىقلار ، مەينەتچىلىكلەر بىزدە شۇنچە كۆپ بۇلىدۇ ، بىز نىمە ئۈچۈن ئەقىل ۋە جىسمىمىزنى خورىتىدىغان يامان ئىشلارغا ئۆزىمىزنى شۇنچە ئۇرىمىز …؟ بۇنداق ئىشلار نىمە ئۈچۈن باشقىلارغا قارىغاندا بىزدە كۆرىنەرلىك ، ئىجتىمائى خاراكتىرنى ئالىدۇ … ؟ دىگەن سوئاللار كەلمەي قالمايدۇ . بىز چوڭقۇر تەپەككۇر يۈرگۈزىدىغان بولساق ، بۇ يوقۇتۇشلارنى يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ ئىچكى روھىي قاتلىمىمىزدىكى ، ئىدىراكىي كەمتۈكلىكىمىز ، ھېسسىي مىيىپلىقىمىزدىن ، ئەخلاقىي جەھەتتە بۇزۇلغانلىقىمىزدىن ، ئەجداتلارنىڭ پاك روھىيىتىدىن ئوزۇق – كۈچ ، مەدەت ئالماي ، چۈشكۈنلۈك، بىغەملىك پاتقاقلىرىغا مىلەنگەنلىكىمىزدىن … كۆرۈشكە بولىدۇ . ئەگەر بۇلارنى بىز توغرا ئەمەس دەپ قارىساق ، ئۇنداقتا ھەربىرىمىز ئۆزىمىز تۇرغان شەھەر ، بازارلاردىكى رەستىلەرگە- گۈزەرلەرگە … ئوبدان كۆز يۈگۈرىتىپ باقايلى … شۇ چاغدا ئەمەلىيەت تېخىمۇ ئايدىڭ بۇلىدۇ . ئەلۋەتتە ، بۇ بۇزۇلۇش ، يامان يول … ھەممە ئادەملىرىمىزدە بار دىگەنلىك ئەمەس . ياخشى ئەخلاقلىق ، ھۆرمەتكە سازاۋەر ئادەملىرىمىزمۇ نۇرغۇن . بىراق ئۇلارنىڭ سانى ئاز … بەلكى يۇقارقى ئىللەتلەر باشقىلارغا سېلىشتۇرغاندا بىزدە كۆرۈنەرلىك … !
P33xt~ F{a;=h#@Q يۇقارقىلاردىن شۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بۇلىدۇكى ، ئىنساننىڭ چىن ئىنسان بولۇشىدىكى ئامىللار نۇرغۇن بۇلسىمۇ ، لېكىن ئەخلاقىي يىتۈكلۈك، دەرەخكە سۇ قانچە زۆرۈر بۇلسا ئىنسانغىمۇ شۇنچە زۆرۈردۇر ، خۇددى 18- ئەسىرىدە ياشاپ ئۆتكەن شائىرىمىز خاراباتى :<< ئەي بۇرادەر ياخشى ئەخلاق قايسى ؟ ياخشى ئەخلاق راسلىق ، پاكلىقتۇر ! >> دىگىنىدەك ، بىر مىللەتكە نىسبەتەن << پاكلىق >> تېخىمۇ زۆرۈردۇر . ئۇنىڭ بۇزىلىشى بىر ئادەمنى ھەتتا بىر جەمىئەت – مىللەتنى ھالاكەت ھاڭلىرىغا غولىتىپ تاشلايدۇ . شۇڭلاشقا تويۇق يولدىكى كىشىلىرىمىزگە شۇنداق خىتاپ قىلماي تۇرالمايمىزكى : ھەي ئازغۇنلار ھىدايەت يولىغا قايتىڭلار ، ئۆزۈڭلارنىڭ ئادىمىيىتىڭلارنى ، قەدىر قىممىتىڭلارنى بىلىڭلار ، ئەجدات روھى قورۇنمىسۇن ، پۈتۈن ئىنسانىيەت لەنەت تاشلىرىنى ياغدۇرمىسۇن ، ئەۋلاتلار ئىچىنىشلىق قىسمەت قۇلىغا ئايلانمىسۇن …!!!
0
'Ho'wDb 6uo;4}0 [ بۇ يازما xiwas1- تەرپىدىن 2011-09-23 10:32 PM دە ق ]