مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1493 
  •    ئىنكاس 
       10 

ئايال _ ئائىلىدۇر !

قەۋەت ئاتلاش
zuber
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.45433

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   156 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6322 (سوم)
 ياخشى باھا:   822 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1146  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 545
 سائەت
دەرىجىسى:
545 سائەت 105 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-23
ئاخــىرقىسى:2011-10-31

       \IOF 9) F  
         نىكاھ ئوقۇلۇپ، بىر ئۆينىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىغان قىز ئەمدى ئاياللىقنىڭ چەكسىز باياۋانىغا قەدەم باسقان بولىدۇ. بۇ باياۋاندا ئۇ ئۆزىنىڭ ئاچ_ئۇسسۇز قېلىشلىرىغا، ھېرىپ_چارچاشلىرىغا قارىماي ئائىلە ئاتالمىش ئېغىر يۇك بېسىلغان ھارۋىنى سۆرىشى كېرەك. چۆل_باياۋاندا ھارۋا سۆرەش ئاسان دەمسىز؟ ھېلى چوڭقۇرغا چۈشۈپ، ھېلى دۆڭگە چىقىپ، ھېلى يۈگۈرۇپ، ھېلى ھۆمىدەپ دېگەندەك سۆرەلگەن ھارۋىنىڭ يۈكى كۈنسىرى ئېغىرلىشىپ بارىدۇ. ئەمما، ئايال يەنىلا ئۇنى سۆرەشكە مەجبۇر. بۇ جەرياندا ئۇ تالاي بوران_چاپقۇنلارغا دۇچ كېلىدۇ، تالاي تىكەن_چاتقاللاردىن ئۆتىدۇ، تالاي تەمتىرەشلەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ. مانا شۇلارنى ئاقىللىق، چىدامچانلىق، چېچەنلىك بىلەن يېڭىپ ئۆتەلىگەن ئايال كىشىنى خۇشناۋا ئاۋازلار ياڭراپ تۇرغان ئېرەمباغلار كۈتۈپ تۇرغان بولىدۇ، ئۇ بۇ يەردە چەكسىز ھۆرمەت تەختىگە ئولتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تارتقان جاپالىرىنىڭ مېغىزىنى چاقىدۇ، راھەت_پاراغەتنىڭ پەيزىنى سۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق ئايال ھاياتلىق سەپىرىدىكى ئائىلىدىن ئىبارەت يۈك ھارۋىسىنى سۆرەشنى جاپا دەپ قارىمايدۇ. نامراتلىقتا قالغاندىمۇ، ئازاب_ئوقۇبەتلەر چاڭگال سالغاندىمۇ، ھەرقانچە راھەت_پاراغەتلەر چىراي ئاچقاندىمۇ، مال_دۇنياغا كۆمۈلۈپ كەتكەندىمۇ، يەنە ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمەيدۇ. مۇشۇ سەۋەبلىك بولسا كېرەك، مەشھۇر ئالىم رىزائۇددىن ئىبنى پەخرۇددىن ھەممە گەپنى يىغىنچاقلاپ «ئايال_ئائىلىدۇر» دىگەنىكەن. دىمەك، ئائىلىنى ئائىلە قىلىپ تۇرىدىغىنى ئايالدۇر. ئەگەر ھەرقانداق بىر ئائىلىدە ئايال بۇ ھارۋىنى سۆرەشتىن ئۆزىنى تارتىپ بەل قويۇۋەتسە، ئەر زاتى مەيلى قانچىلىك كۈچەپ باقمىسۇن، ئائىلە ئاتالغان ھارۋىنى بىر قەدەممۇ سىلجىتالمايدۇ، ئەكسىچە ئۇنى ئاستا_ئاستا پاتقاققا پاتۇرىدۇ. .h@bp1)l  
u/` t+-A  
            ھەقىقەتەنمۇ بىر ئۆي ئايال زاتىسىز ئائىلىگە ئايلىنالمايدۇ. چۈنكى، ئائىلە ئەڭ ئاددى سۆز بىلەن ئېيتقاندا، ئىسسىق تاماق، ئىللىق مېھىر، يېقىملىق كۈلكە، پاكىز مۇھىت، ئۆزئارا يۆلەش، كۆڭۈللۈك پاراڭ . . . قاتارلىقلار بىلەن مەنىسىگە تويۇنغان بولىدۇ. ئەمما، بۇلارنىڭ ئايالسىز بارلىققا كېلىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن «ئايالنىڭ ئىدارە قىلىشىدا بولمىغان بىر ئۆيدە تۇرغۇچىلار ئائىلە سانالمايدۇ»(رىزائۇددىن ئىبنى پەخرۇددىن). '.XR,\g>  
Nbt.y 'd  
           تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، ئائىلىدىكى ئايال قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى ئەگەر ئەر كىشى زىممىسىگە ئالسا، ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي، ئۇزۇنغا قالمايلا ئۆلۈپ قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما، ئايال دادلانمايدۇ، دادلىنىشنى ئۆزىگە خوپ كۆرمەيدۇ، ئائىلە ئۈچۈن ھەرقانداق جاپا_مۇشەققەتكە بەرداشلىق بېرىدۇ، ئائىلە يۈكىنى ئەردىن كۆپرەك زىممىسىگە ئېلىپ، تىنىمسىز ئالغا تارتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ئۇدۇمىمىزدا ئاتىغا نىسبەتەن ئايالنىڭ ھەققى كۆپ، ئاتىغا قارىغاندا، ئانىنى مىڭ ھەسسە ئوبدان رازى قىلىش كېرەك دەپ قارىلىدۇ. ئەمما، ئىسمى_جىسمىغا لايىق ئايال بولۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. مەشھۇر ئالىم ئىبن سىنا ھەقىقى مەنىدىكى ئايال بولۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئون يەتتە خىسلەت ۋە پەزىلەتنىڭ مۇجەسسەم بولۇشى لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ: I5W#8g!{  
1. چېچەن ۋە چىن ئېتىقادلىق بولۇش. odTIz{9qG  
2. شەرم_ھايا ۋە ئار_نۇمۇسلۇق بولۇش. >oyZD^gj  
3. زېرەك ۋە پاراسەتلىك بولۇش. H  `_{n<  
4. يېقىملىق بولۇش. xsx0ZovhY  
5. ئۆز ئېرىگە مۇھەببەت قويۇش. D|/ 4),v  
6. جەسۇر بولۇش. xepp."O  
7. ئەزمە بولماسلىق. P A$jR fQ  
8. ئىتائەتكارلىق. v3r 
9. دىلى پاك بولۇش. *YP;HL  
10. ئېرىنىڭ ئارقىسىدىن غەيۋەت قىلماسلىق. k}e~xbh-y  
11. تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش. t0 )XdIl8  
12. ۋەزمىن بولۇش. le~p2l#e   
13. جىددىيلىك. l  !JTM  
14. ئۇلۇغۋار بولۇش. uVzvUz{b  
15. ئېرىنىڭ ئېغىر دەملىرىدە ئۇنىڭغا ھەمدەم بولۇش. "Pzh#rYY~W  
16. مېھرىبان بولۇش. GNoUn7Y  
17. سەبىر_تاقەتلىك بولۇش. \s,~|0_V  
0W]vK$\F*  
            ئاياللىقنىڭ ئەڭ قىيامىغا يەتكەن ۋاقتى ئۇنىڭ مىۋە بەرگەن، يەنى ئانا بولغان ۋاقتىدۇر. ئانىلىق بولسا بىر خىل مەسئۇلىيەتتىن ئىبارەتتۇر. يەنى ئۇ مۇرەببىلىكتۇر. ئانىلىققا سايلانغان ئايال ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە شۇ كەسپى بىلەن بولىدۇ. ئۇ ھەر بىر بالىسىغا ھەم جۈپتىگە مۇرەببى بولىدۇ. جۈپتى بىلەن پەرزەنتىگە كېرەك بولىدىغان ئەتراپتىكى ھەممە ئادەم ۋە ھەممە نەرسىگە مۇرەببى ۋە ھىمايەتچىدۇر! ئانىلىق ئۇنۋانى ۋە ئانىلىق سەلتەنەتىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئايالنىڭ يۈرىكى قايتا يارىلىدۇ، جىمى پائالىيىتى، پەلسەپىسى شۇ سەلتەنەتنىڭ ئىقلىمىغا ماسلىشىدۇ. ئايال ئانا بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنى ئۇنتۇيدۇ. ئۆزىنى قاتاردىن چىقىرىدۇ. ھەتتا ئۇنىڭ ئۆزىدە ئۆزى ئۈچۈن جان قالمايدۇ؛ خىيالى بالىسىدا، كۆزى پەقەت بالىسنى ئىزدەيدۇ، تىلىدا پەقەت ئۇ، دىلىدا پەقەت ئۇ، قولى دائىم ئۇنىڭغا نىمىلەرنىدۇر ياسايدۇ، ئايىغى بالىسىنىڭ تەشۋىشى بىلەن ئۇ ياقتىن بۇ ياققا يۈگۈرگىنى يۈگۈرگەن. ئەقلى ساپ ئايال باركى، ئانىلىقنىڭ يولىدا قىسقىغىنا ئۆمرىنى قۇربانلىققا ئاتايدۇ. بۇ مۆجىزاتنى ياراتقۇچىغا ھەمدۇسانالار ۋە رەھمەتلەر بولسۇن ! IkgRZ{Y  
:[ll$5E.  
         ئايال باركى، ئانىسىنىڭ تۇتۇمىنى تۇتىدۇ، ئەركەك زاتى باركى، ئۆمۈرنىڭ پايانىغىچە ئانىسىنىڭ دەملىگەن چېيى، پىشۇرغان تامىقىنى كۈتۈپ ئۆتىدۇ. ئانىسىنى يوقاتقان ئادەم باركى، تا يەتكەن جايغىچە ئۇنىڭ نەسىھەت ۋە ۋەسىيەتلىرىگە ئەمەل قىلىشقا ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇنداق ئويلاپ قارىساڭ، بۇ دۇنيانىڭ ئاساسىي تەربىيەچىسى مۆھتەرەم ئانىلاردۇر. ئۇلارنىڭ پايى قەدەملىرىگە مىڭ تەسەددۇق بولايلى ! *Jg&:(#} 
8l >Xbz  
        ھەرقانداق ئايال ئانا بولغاندىن كېيىن ئۆزىدە تېخىمۇ چوڭقۇر مېھىر_مۇھەببەتنىڭ ئويغىنىۋاتقانلىغىنى، ھاياتقا، كەلگۇسىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ ئېشىۋاتقانلىغىنى، ۋۇجۇدىدا ئائىلىگە بولغان مەسئۇلىيەتنىڭ، كۆيۈنۈشنىڭ تېخىمۇ يالقۇنجاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئانا بولغۇچىنىڭ ئائىلىگە بولغان پىداكارلىقى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. تاڭ سۈزۈلمەستە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئائىلىنىڭ چوڭ_كىچىك ئىشلىرىنى تۈجۈپىلەپ بېجىرىشكە باشلايدۇ، قازان بېشىدىن بۆشۈك قېشىغا، سۈپۈرگىنى قويۇپ ئېتىزلىققا، كىر دېسى ئالدىدىن قوپۇپ مال_چارۋا ئالدىغا . . . يۈگۈرۈشلىرى ئۈزۈلمەي داۋام قىلىدۇ. بۇ جەرياندا ھېرىپ چارچىدىم دىمەيدۇ، بىردەم ئارام ئېلىۋالاي دىمەيدۇ. بۇنداق ھالەت بىر كۈن ئەمەس، بىر يىل ئەمەس، بىر ئومۇر داۋام قىلىدۇ. شۇنداق، ئايال زاتى ئەنە شۇنداق بىر ئۆمۈر ئىشلەيدۇ، ئەمما دادلىمايدۇ، بىر ئۆمۈر تەر ئاققۇزىدۇ، ئەمما مىننەت قىلمايدۇ، ئالەمچە جاپا تارتىپ، زەررىچە شادلىققا ئېرىشسە قانائەت قىلىدۇ. بىر ئۆمۈر مېھنەت قىلىپ، تېرىقچە دان ئالسا شۈكۈر دەيدۇ. مانا ھۆرمەت قىلىشقا، ھۆرمەتلىنىشكە لايىق ئىنسان مۇشۇ ئەمەسمۇ؟ uMK8V_p*?  
"; mlQyP  
        شۇنداق، «ئائىلە _ ئايالدۇر»، ئايال بارلىقىمىزدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ئاياللارنى ھۆرمەت قىلىمىز، ئانىلارنى بېشىمىزدا كۆتۈرىمىز. «ئايال» دېگەن سۆزدىن ۋۇجۇدىمىزغا ئىللىقلىق تارايدۇ، «ئانا» دېگەن سۆزدىن قەلبىمىز سۇدەك ئېرىيدۇ. ھەرقاچان « ئانا شەرەپ گۆھەرىنىڭ كانى بىل، گۆھەر كانى، ھەرنە دىسەڭ ئانى بىل» (نەۋائى) دەپ ياشايمىز ھەم شۇنداق ياشاشنى شەرەپ بىلىمىز. {EyWSf"  
M,oRi;V  
            مەنبە: ھاياتلىق _ ئىجتىمائىي ئەخلاق مەجمۇئەسى.
تېما تەستىقلىغۇچى : ئارقۇ
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-09-20, 23:16
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
ھېس-تۇيغۇلىرىڭغا ئىتىبارسىز قارىما، ئۇنىڭدىن ئۆزەڭدە ئەۋلىيالىقنى سېزىسەن .
mosajan0997
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.16978

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1123 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7856 (سوم)
 ياخشى باھا:   511 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   422  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2884
 سائەت
دەرىجىسى:
2884 سائەت 106 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-09
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-20

ئاياللارنى شۇنداق ئىسىل ،ياخشى بۇلۇشقا نىسىپ قىلغاي...
 
http://www.ixaniq.com
kahrizat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36554

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1632 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9041 (سوم)
 ياخشى باھا:   1126 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   200  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4412
 سائەت
دەرىجىسى:
4412 سائەت 228 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-05
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-20

ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن يەر قىلغانمۇ خوتۇن
 
musilina
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.120

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   4320 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   55356 (سوم)
 ياخشى باھا:   2677 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2586  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1677
 سائەت
دەرىجىسى:
1677 سائەت 23 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-21

ئايالسىز ئائىلە - گوياكى مازار. \\3 ?ij:v  
ئايال -ئائىلىنىڭ زىننىتى،كۆركى.گۈلى. p!DOc8a.\e  
ئاياللار گۈزەل ئەخلاقى -پەزىلىتى،چىن ئىخلاسى،مۇستەھكەم ئىمان -ئېتىقادى، شەرمىي -ھاياسى،ئىپپەت نومۇسى ،ساداقەتمەنلىكى... بىلەن ھەقىقىي ئاياللىق لاتاپەتكە ئىگە بولالايدۇ... G!o6Y:1!  
v Ov"^ X  
ئېسىل تېمىدىن بىرنى ئەكەپسىز.... /T+%q#4  

 
مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.
pazilat2004
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.49804

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   365 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   11497 (سوم)
 ياخشى باھا:   2533 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   3688  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1936
 سائەت
دەرىجىسى:
1936 سائەت 154 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-31
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-21

ياخشى ئايال ـــ تالانتلىق ئۇستاز %oWG"u  
       قايسىدۇر بىر يازغۇچى: «دۇنيادا ئەر زاتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر تەربىيە كۆرگەن ئەخلاقلىق ئايالدىنمۇ تالانتلىق ئۇستاز بولمىسا كېرەك. ئۇ ئەرلەر كۆڭلىدىكى بارلىق ئىپلاسلىقلارنى يېڭىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارغا ئالىجانابلىق، جەسۇرلۇق، مەردانىلىكنى، ھەقىقەتكە ئىنتىلىش ئىستىكىنى، شۇنىڭدەك سىپايە، سالاپەتلىك ئەر بولۇشىغا تېگىشلىك ھەممە نەرسىنى ئاتا قىلىدۇ…» دەپ يازغانىكەن. دۇنيا ئەر-ئاياللاردىن تەركىب تاپقان. بىر ياخشى ئەر بىر ياخشى ئايال ئارقىلىقلار ھەربىر قەدىمىنى مەزمۇت ئالالايدۇ. بىر ئەرنىڭ نۇرغۇن دوستى بولغان بىلەنمۇ، بىر ياخشى ئايالىنىڭ بولغىنىغا يەتمەيدۇ. ياخشى ئايال خۇش پۇراق گۈلگە ئوخشايدۇ. بۇنىڭدىن گۈزەللىك، ساپلىق، پاك ئەقىدە ۋە مېھرىبالىقنىڭ يېقىملىق ھىدى كېلىدۇ. بۇ بىر ئەرنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىزدىنىشى، ئۆزىنى تونۇشى، شۇ ئارقىلىق كىشىلىك تۇرمۇشتىكى مەردانە قەدەم تاشلىشى ئۈچۈن پۈتمەس-تۈگىمەس كۈچ-قۇۋەت بېغىشلايدۇ. ئاياللار جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچىسى، شۇڭا يېنىڭىزدا بىر ياخشى ئايال بولغاندىلا، ھاياتىڭىز ئاندىن مۇكەممەلىكە ئېرىشىدۇ. ناۋادا بىرەر جەڭگاھقا ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش جەڭگىۋار تۇرمۇشقا قەدەم باسقىنىڭىزدا، بىر ياخشى ئايال سىزگە ئامانلىق تىلەپ ئۇزىتىپ قويسا، ئۇ چاغدا سىزگە ئۆلۈممۇ ئانچە قورقۇنۇچلۇق بىلىنمەيدۇ. ھېرىپ-چارچاپ كەتكىنىڭىزدە، بىر ئىللىق قول يەلكىڭىزنى تۇتۇپ قويسا، شۇ ھامان ئىللىق سېزىم ۋۇجۇدىڭىزغا تاراپ، سىزنى روھلاندۇرىدۇ. گاڭگىراپ قالغىنىڭىزدا، ئازابلانغان ۋاقتىڭىزدا ياخشى ئايالىڭىز تېخىمۇ مۇلايىم، تېخىمۇ ئېغىر-بېسىق، تېخىمۇ سەۋرىچان بولۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەمچىللىكلىرىڭىزنى تولۇقلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن سىز تۇرمۇشقا تېخىمۇ دادىل، كۈلۈپ باقىسىز. dBS_N/  
6y57m;JW/  

مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +50
OTYAK مۇنبەر پۇلى +50 09-21 -
 
tumaris427
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.28007

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   188 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5524 (سوم)
 ياخشى باھا:   520 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   570  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1922
 سائەت
دەرىجىسى:
1922 سائەت 168 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-27
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-21

ئاشۇنداق ئاياللارنى 17دە ياخشى ئايال دەيمىزمۇ؟ 45iO2W uur  
ئايال بىلەن ئەر بۇدۇنيادا بىربىرىنى شەرت قىلىپ ،بىربىرىگە تايىنىپ ياشايدۇ.ئاياللار قىلالىغان بەزى ئىشلارنى ئەرلەر قىلالمايدۇ ،ئەرلەر قىلالىغان بەزى ئىشلارنى ئاياللار قىلالمايدۇ.شۇڭا دەيمەن ئەر بىلەن ئايال ئورتاق تىرىشقان ئائىلە ئاندىن مۇكەممەل بۇلىدۇ. ";jAHGbO  
ئەر بىلەن ئايال ئادەمنىڭ يۈرىكى بىلەن مېڭىسىگە ئوخشايدۇ،ئۇلاردىن قايسى بىرى كەم بولسا بولمايدۇ.ئەر تاغ بولسا ئايال باغ. x^Qij!mB%  

مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +20
OTYAK مۇنبەر پۇلى +20 09-21 -
 
ئارەزىن ياپقاچ كۈزۈمدىن تۈكۈلۇر ھەرلەھزە ياش،
بۇيلەكىم زاھىر بۇلۇر يۇلتۇز نىھان بولغاچ قۇياش.
qiqakkiz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.50822

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1252 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   16815 (سوم)
 ياخشى باھا:   1029 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   998  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2811
 سائەت
دەرىجىسى:
2811 سائەت 179 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-07
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-21

شۇنداق ئاياللار ئائىلىدە ئەرلەر بىلەن ئوخشاش مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ . لىكىن بەزى ئەرلەر ئاياللارنىڭ قەدرىگە يەتمەي ، ئۇلارنى ئازاپلاۋاتىدۇ .
 
ئۆمرۈمنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ، يولدىشىمنى رازى قىلىپ ، ئۈچ ئوغلۇمنى ئىسلام ئىچىدە تەربىيلەپ ، ئاتا _ ئانامنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىسام دەيمەن .
hasalhan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10564

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   315 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7196 (سوم)
 ياخشى باھا:   399 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   561  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2725
 سائەت
دەرىجىسى:
2725 سائەت 25 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-16
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-21

دېمەك،ئاياللاردا قۇربان بېرىش روھى ئۈستۈن بولىدۇ. تېمىڭىز بەك يېقىشلىق ئىكەن. شۇ تاپتا ئايال بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىۋاتىمەن.
 
OTYAK
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13482

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2140 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   25884 (سوم)
 ياخشى باھا:   917 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   899  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 569
 سائەت
دەرىجىسى:
569 سائەت 81 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-11
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-21

بەكمۇ ئەھمىيەتلىك تىما... خانىم-قىزلىرىمىز ئوقۇسا پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى بولىدۇ. ئەر-ئايال تۇرمۇشنىڭ بەختى...
 
mosajan0997
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.16978

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1123 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7856 (سوم)
 ياخشى باھا:   511 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   422  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2884
 سائەت
دەرىجىسى:
2884 سائەت 106 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-09
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-21
3قەۋەتتىكى(musilina) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش

يامان  خۇيدىكى ئاياللار بىلەن بىر ئائىلىدە تۇرغاندىن بويتاقچىلىق سەل راھەتكەن....مىننەتلىك تاماقتىن قورساقنىڭ ئېچىمۇ ياخشىكەن،پۇتنى قىستىغان ئاياقتىن يالاڭغىداق ماڭماڭمۇ ياخشىكەن...........
 
http://www.ixaniq.com
hapil
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.34632

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   201 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1291 (سوم)
 ياخشى باھا:   291 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   202  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 697
 سائەت
دەرىجىسى:
697 سائەت 73 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-21

ئايال _ ئائىلىدۇر !-  ] توۋا ، بۇ قانداق گەپ ئۆزى . ئەمىسە بىز ئەرلەر بولمىساقمۇ ، ئۇلار  ئائىلە بولىۋېرەمدۇ-؟ ياق،ياق،ياق ...
 
غاپيل
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى