(1)
 BjShK+Y    bY`k`3v  كۈزنىڭ شاماللىرى قىزنى يوللارغا تۆكۈلگەن ئالتۇندەك يوپۇرماقلار بىلەن تەڭلا ئۇچۇرتۇپ كەتمەكچى بولغاندەك تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى . قىزنىڭ يۈزلىرى سوغۇقتا تاتىرىپ كەتكەن ، چاچلىرى چۇۋۇلۇپ خۇددى ساراڭلارغا ئوخشاپ قالغان ئىدى . قىزچاقنىڭ كۆزىدىن مونچاقتەك ياشلار تۆكۈلۈپ كەتتى . ھەي ! بىچچارە قىز نىمە بولدى ساڭا ؟...............
 F$caKWzny5  ‹‹ بىلمىدىم ، ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ›› قىزنىڭ كۆز ئالدىغا ئىگىز بوي ، تىزىغا كەلگىدەك قارا پەلتۇ كەيگەن كۆزلىرىدىن قەتئىلىك چىقىپ تۇردىغان بىر يىگىت ياق ، ياق ئادەم 50 ياشلار چاممىسىدىكى بىر ئادەم كەلدى . تۇيۇقسىز كەلگەن تېلفون قىزنىڭ خىيالىنى ئۈزىۋەتتى .
 4)`{	L$  -: ئانا ، مەن ئۆيگە كېتىۋاتىمەن . دىدى قىز تېلفوننى ئېلىپ .
 G#csN&|,  -:ئازراق يەل - يىمىش ئالغاچ كەلگىن ، ئىمىران بەك غەلۋە قىپ كەتتى .
 V
Bg\)r[  -:ماقۇل . تېلفوننى بېسىۋەتتى قىز . سائەتكە قارىدى ، سائەت سىتىرىلكىسى 7 نى كۆرسىتىپ تۇراتتى ، قىزنىڭ ئۆيىگە پەقەت بارغۇسى يوق ، ئۆيگە بارسىلا ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزىمۇ ئىتىراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان ، لېكىن دەل بۈگۈن تەبىئي ھالىدا ئېتىراپ قىلغان ئىشىنى ئۆيدىكىلىرىنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن قورقاتتى . ‹‹ قانداق قىلاي ؟ ياق بولمايدۇ ، ئۇنداق بولسا بولمايدۇ ›› قىز بۈگۈن ئۆيگە قايتماي مۇشۇنداق مېڭىپ ۋاقىت ئۆتكۈزىشىنى شۇنداق ئارزۇ قىلاتتى ، ھىچ بولمىغاندا ئۆزى يالغۇز تۇرىدىغان بىر ئۆي بولغان بولسىدى .........  
 //`X+[bMG  قىز پىيادىلەر يولىدىن چىقىپ بىر كىرا ماشىنىسىنى توسۇپلا يەل - يىمىش ئالغىلى يەل - يىمىش سودا بازىرىغا ماڭدى ......
 6(eyUgnb	  -: ئەجەپ ئۇزۇندا كەلدىڭ ؟ ما شۇمنىڭ يىغلىغىنى ئەمدى ؟
 uG/
Zpi   _:قېنى ئانىسى ؟
 H#f
FU  -:بۈگۈن كەچتە ئېشلەيدىكەن .
 kw!!  5U;7  -:كېلە ، ئومىقىم ... قىزچاق ئوماققىنە كەلگەن ئىمىراننى ئەركىلىتىپ كۆتەردى .
 (*#S%4(YX  -:ئاناڭ كەلمەمدىكەن؟
 V-VR+ Ndz  -:ئە .... دىدى بالا بېشىنى لىڭىشتىپ . بۇ ھەركىتى قىزچاقنىڭ تېخىمۇ ئىچىنى كۆيدۇرۋەتتى دە بالىنى بوغۇپلا سۆيۈپ كەتتى .
 1Ztoj}!I  -: ھە دىگىنە مەن نىمەڭ ؟
 %kF6y_h`  -:ئاپام 
 
o_{-X 1w  -: ھا ھا ھا ھا ئوماقلىقىڭ ئىمىرانىم  .
 Qax=_[r  قىز بالىنى يېرىم سائەتتىن كۆپرەك ئەركىلىتىپ باققاندىن كىيىن ، ئۆزنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى .
 ?xIwQd0  كىينملىرىنى ئالماشتۇرۇپ ، يۈز - كۆزلىرىنى يۇيغان قىز ئەينەكتىكى ئەكسىگە قاراپ ئۇزاق تۇرۇپ كەتتى ، قاپ - قارا ئات قىلىدەك بەلگە چۈشۈپ تۇرغان چاچلىرى ، قارا كەڭرى قاشلىرى ، قاپ - قارا قۇمۇچاقتەك كۆزلەر ، چىمدىپ قويغاندەك بۇرۇن ، يۇمىلاققىنە كەلگەن قىرلىق لەۋلىرى ،  بۇغداي ئۆڭ چىرايى ....... ‹‹ ئۇھ !›› دىدى قىز ئۆزىمۇ بىلمەي . ئاستا بېرىپ كارۋىتىدا ياتتى ، كۆزلىرىنى يۇمدى ، كۆز ئالدىغا يانا شۇ سىما كەلدى ..... قىز ئويلىماسلىق ئۈچۈن بېشىنى يېنىك سىلكىدى ..... يانا شۇ خىياللار قىزنى باشلاپ كەتتى .
 F6yMk%  شۇ كۈنى قىز يېڭىلا خىزمەت ئورنىغا كەلگەن  ، بۇ كۈن قىز ئۈچۈن ھاياتىدىكى ئەڭ خوشاللىنارلىق كۈن ئىدى..........
 e~xN[Q\0]  -: كىرىڭلار نىغمەت جۈيجاڭ ئىشخانىسىدا بار . دىدى قىزنىڭ دادىسىغا ئورۇقراق ، قارامتۇل كەلگەن ئادەم . قىز جىددىلەشكىنچە ئاستىغىنە دادىسىنىڭ كەينىدىن جۈيجاڭنىڭ ئىشخانىسىغا كىردى . دادىسى دىمەتلىك ، لېكىن دادىسىدىن ياش ، تېتىك كۆرۈندىغان بۇ ئادەم ئۇلارنى ناھايىتى قىزغىن كۈتىۋالدى . 
 Zhf+u
r  -:  ھە ئىسمىڭىز ئەزىزەكەن ھە ؟دەپ سورىدى نىغمەت جۈيجاڭ قىزغا قاراپ. 
 a8NL  قىز ھودۇققىنىدىن ئاغزى گەپكىمۇ كەلمەي ، بېشىنىلا لىڭىشىتتى .
 usU5q>1  -: ناھايىتى ياخشى بوپتۇ ، بىزگە دەل سىزدەك تىل ۋە كومپىيوتىر قابىلىيىتى بار ئادەم لازىم ئىدى . دىدى نىغمەت جۈيجاڭ قىزنىڭ ماتىرياللىرىنى كۆرگەچ .
 "OkJPu2!W  -: قىزىم مەكتەپنى ياخشى نەتىجە بىلەن پۈتتۈردى . لېكىن يانىلا ئەمىلى خىزمەت تەجىرىبىسى بولمىغاندىكىن سىلنىڭ كۆڭۈللىرىدەك خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىقى مۇمكىن ، شۇڭ كۆپرەك يارىدەم قىلالا ...
 sZ_+6+	:  -: ئۈگۈنىدۇ ، ياشلار ئاكتىپ ، مېڭىسى ئوچۇق بولىدۇ ، بىردەمدە كۆنۈپ خىزمەتنىڭ ئەلمى - تەلمىنى ئېلىپ بولىدۇ . بولىدۇ خاتىرجەم بولسىلا مەن دىگەنلىرىدەك قىلىمەن .دىدى نىغمەت جۈيجاڭ .
 	 xzh`q  -:رەھمەت سىلگە ئەمسە مەن ماڭاي . 
 Rjt]^gb!*  قىزمۇ دەرھال ئورنىدىن تۇردى .
 C`Zz\DNG@  -: سەن ئەمدى قېپ قالىسە ، جانلىقراق بولمامسە ؟ نىمىگە جىددىيلىشىسە ؟ باشلىقىڭنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ چىق . دىدى دادا قىزغا .
 icH\(    -: ماقۇل . دىدى قىز ئارانلا .
 5NHNnDhuL  -: ھە سىز كاتىپ ئىشخانىسىدا ئولتۇرۇڭ ، مۇشۇ ياندىكى ئىشخانا ،قادىركا ....... دەپ چاقىردى نىغمەت جۈيجاڭ .
 0F/o  بايىقى جۈيجاڭنىڭ ئىشخانىسىنى كۆرسىتىپ قويغان ئورۇق ، قارامتۇل كەلگەن ئادەم كىرىپ كەلدى .
 q-}qrg  -: ئەزىزە قىز ئىدارىمىزغا يېڭىدىن تەقسىم قىلىنىپتۇ ، سىلە ئۇنى كاتىپ ئىشخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويسىلا ؟
 opc`n}Fc  -: بولىدۇ ، بولىدۇ ،دىدى قادىر قىزغا قاراپ
 Jpm=V*P  -: ھە راس باشقا كادىرلار بىلەنمۇ تونۇشتۇرۇپ قويارسىز ؟
 l$
^LY)i  -:ماقۇل ، ماقۇل ...
 vq/3a  -: سىز قادىركام بىلەن چىقىۋىرەمسىز ئەمسە ؟ دەپ ئەزىزەگە قاراپ كۈلدى نىغمەت جۈيجاڭ 
 
>cw%ckE  ئەزىزە بېشىنى لىڭىشتىپ ئىتتىك يەرگە قارىۋالدى ، لېكىن ئەزىزەنىڭ كۆڭۈل ئېكىرانىدا نىغمەت جۈيجاڭنىڭ  ئڭىكىدىكى بۇغدايدەك مېڭى ۋە كۈلگەندە چوڭقۇر چىققان زىننىقى ساقلىنىپ قالدى . 
 Lh\	1
L                                                                                  4MUN1/DId`                                                                              (2)
 e*)*__$O   l$/.B=]  ئىدارىنىڭ كۈندىلىك خىزمىتى ئەتىگەندىلا ئەزىزەنىڭ ئىشخانىسىدىكى ئايشەمنىڭ بالىسى توغرىسىدا قاقشىشى ، رەيھانگۈلنىڭ يولدىشى توغرىسىدا دەت تۆكىشى ، قادىرنىڭ ‹‹ ئىشخاناڭلارنى تازلاپ ئولتۇرۇڭلا ھەي ئاياللار ›› دەپ ھەيدىشى بىلەن باشلىناتتى .
 )xm[m vt  شۇنداق قىلىپ ئەزىزە بۇ ئىدارىغىمۇ شۇنداق كۆنۈپ قالدى ، ئۇنىڭ كەيپىياتىمۇ شۇنداق ياخشى ئىدى ، كۈلۈپلا تۇرىدىغان بۇ قىزنىڭ  تەمكىنلىكى ، ئوچۇق مىجەزلىكىنى ئىدارىدىكى باشقىلارمۇ ياقتۇرۇپ قالدى . كاتىپ ئىشخانىسى نىغمەت جۈيجاڭنىڭ ئىشخانىسىنىڭ يېنىدىلا بولۇپ ، نىغمەت جۈيجاڭ پات - پات ئەزىزەنى چاقىرىپ تۇراتتى ، نىغمەت جۈيجاڭنىڭ ‹‹ ئەزىزەم ›› دىيىشىنى قىز بەكمۇ ياقتۇراتتى . نىغمەت جۈيجاڭ گەرچە 50 ياشلاردا بار بولسىمۇ ، ئۇنىڭ تۇرقى ، كىيىم - كىچەكلىرىدىن ھىچكىشى ئۇنى 50 ياش دىمەيتى ، شۇنداق مەدەنىي ياش يىگىتلەردەكلا (شيۇۋشىيەن)كىيىنىپ خۇددى تەنھەركەتچىلەردەك روھلۇق ، ئوچۇق - يورۇق يۈرەتتى . 
 gv\WI4"n  قىزنىڭ كېلىشى نىغمەتنى بەك خوشال قىلىۋەتتى ، ھازىرقى ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسى خەنزۇچە ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرغا يوللىغان ماتىرياللارمۇ خەنزۇچە بولىشى كېرەك . مۇشۇنداق پەيىتتە ئەزىزەمۇ ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ ، چارچىدىم دىمەي ئىشنى ۋاقتى - ۋاقتىدا ، ئەستايىدىللىق بىلەن پۈتتۈرۈپ نىغمەتنى ئېغىر يۈكتىن خالاس قىلدى . 
 A1g.ww:  بىر كۈنى سەھەردىلا كەلگەن ئەزىزە ئىشخانىسىنى دېمىغىدا ‹‹ ئايرىلىش مىنۇتلىرى›› دىگەن ناخشىنى غىڭشىغاچ تازلاۋاتاتتى .
 Cg_9V4h.C  -: ئوھو ! بىزنىڭ ئەزىزەمنىڭ ناخشىغىمۇ پەيزى باركەنغۇ ؟ تۇيۇقسىز چىققان بۇ ئاۋازدىن چۆچۈپ كەتكەن ئەزىزە ئىتتىك بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۆزىگە قاراپ تۇرغان نىغمەت جۈيجاڭنى كۆردى . بۇگۇن ئۇ جۈزىرەڭ شۇنداق چىرايلىق بىر گاڭسەر كىيىۋالغان بولۇپ ، نىغمەتنىڭ ناۋاترەڭ چىرايىغا بۇ گاڭسەر بەكمۇ سىغقان ئىدى ، ئەزىزە كۈلۈپلا قويدى .
 !:baG]Y  -؛  سەھەردىلا كېلىپ بوپسىز ھە ؟ ئەزىزە بېشىنىلا لېڭشىتتى . نىغمەت ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى .
 TAB'oLNp  ‹‹ ئەجەپ يارىشىپتۇ كىيمى ، كىممۇ ئۇنى نەۋرىسى بار دەيدۇ ، ياش يىگىتلەدەكلا ›› دەپ ئويلىدى ئەزىزە . 
 717S3knlv  -: ۋايجان ، كۈندە مۇشۇنداق جىددىيچىلىك ، ئەجەپ چارچىدىم . دەپ گەپ قىلغاچ كىرىپ كەلدى ئايشەم .
 )5Wt(p:T6_  -: ۋاي ئۇكام سىز كەلگەننىڭ بۇيان بىزلە ئىشخانىنىمۇ تازلاپ باقمىدۇق ، نىمانداق ئايىغىڭىز يەڭگىلدۇ سىزنىڭ . دىدى ئايشەم مۇغەممبەرلىك بىلەن كۈلۈپ .
 /#}o19(-d  -: ۋاي بۇ كىچىككىنە ئىشلانى ياش بولغاندىكىن قىلىۋىتىمەن . دىدى ئەزىزە كۈلۈپ تۇرۇپ . شۇ چاغدا ئايشەمنىڭ تېلغۇنى سايراپ كەتتى .
 j[CXIz?c  -: ۋەي ، ھە رەيھانگۇل ، ياخشى ئۆزلىرىچۇ ؟ ۋاي نىمە بولدىلا ..... ئايشەم ئىتتىك ئەزىزەگە قاراپ قويۇپ سىرىتقا چىقىپ كەتتى . ئەزىزە ئىككى مۈرىسىنى قىسىپ قويۇپ كومپىيوتىر ئالدىدا ئولتۇردى . يېرىم سائەتلىدىن كىيىن ئايشەم كىرىپ -: ھەي بىچچارە چوكان  ، يولدىشىنىڭ دەردىنى بەك تارتىپ قالدى ، قاچاندا قارىسا مەس يۈرگەن ،خىزمەت قىلمامدىغاندۇ دەيمە ؟ مەس كىرسىلا قول تەككۈزگەن بۇ بىچچارىگە ،‹‹ جۈيجاڭغا دەپ قويسىلا ، مىجەزى يوقكەن دەپ ›› دەپ تېلفون قىپتۇ .
 L9{y1'')  -: شۇنداقمۇ ؟ يولدىشى نەدە ئىشلەيدۇ ؟ 
 |W*#N8IP  -:*** يېزىدا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى .
 0@yw#.j  -: ھە 
 .fAHP
5-  -: بالىسىمۇ خېلى چوڭ بولۇپ قالدى ، ھىچ ئادەم بولمىدى ئۇ بالا 
 CT?4A1[aD  -:ۋاي - ۋۇي ئايشەمگۇل ، ئەتتىگەندە قاقشىغانلىرى ئاشۇ يولغا ئاڭلاندى جۇما ؟ دەپ كىرىپ كەلدى قادىر .
 w"{mDL}c  -: ۋايەي ! ئۆزەم توغۇرلۇق قاقشىمىدىم مەن ؟
 (T!#7  -: ئىشقىلىپ كىم توغۇرلۇق قاقشىسىلىرىمۇ ؟
 X'{o/U.  -: رەيھانگۇل ئاغىرىپ قاپتۇ .
 _9yW; i-  -: يانا تاياق يەپتىمۇ ؟ قادىر ئاستا سورىدى 
 s~06%QEG  -: شۇنداق ئوخشايدۇ .
 #(}'G*  _: قانداق ئاداش ئۇ ، ئۆتكەندە بىر چىرايلىق گەپ قىلسام ‹‹ مەن تۈزىتەي ›› دەپ كېتىپ بارىتى ؟
 BdB9M8fM  -: كۆنگەن خۇي ئۇ ئۆزگەتمەك تەس . مەن جۇيجاڭغا دەپ قوياي ، دەپ چىقىپ كەتتى ئايشەم .
 n"w>Y)C(X)  ئىشخانا خېلىلا تىنىچ بولۇپ قالغانتى ، ئەزىزە تۈنۈگۈن تۈگۈتۈپ بولالمىغان ماتىريالنى قولىغا ئېلىپ تەرجىمە قىلىشقا باشلىدى .
 c
HC1l                                                                      (3)
 7jw5'`;)"  كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى ، ھازىر ئەزىزە بۇ ئىدارىنىڭ غوللۇق خادىمى بوپ قالدى . بولۇپمۇ نىغمەتنىڭ ئالاھىدە ياخشى مۇئامىلسى ئەزىزەنى تولىمۇ خوش قىلاتتى . يىغىنلاردا ئۇنى ماختاپ قىلغان سۆزلەر ، ئۇنىڭغا قارىغاندىكى ئىشەنىچ ..... ئەزىزەنىڭ ئايىغىنى تېخىمۇ يەڭگىل قىلىۋەتتى . شۇ ۋاقىتلاردا ئەزىزە ئۆزىدىكى  ئەتتىگەندە ئەينەككە قايتا - قايتا قارايدىغان ، چاچلىرىنى ھېلى ئۇنداق - ھېلى بۇنداق تارايدىغان ، سۇس گىرىممۇ قىلىۋالدىغان ، كيىم - كېچەكلىرىگىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلدىغان ، ئەتىگەندە كۆڭۈل قويۇپ ياسىنىپ ئىشقا كەلگەندە نىغمەت بولماي قالسا ئۆزلىگىدىن ‹‹ لەسسىدە ›› بوپ قالدىغان ، نىغمەتنىڭ قانداق كىيىم كىيىپ كېلىدىغانلىقىغا قىزىقىدىغان ، ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كىرسە تېنى يېنىك تىتىرەيدىغان ، ئىشخانىدىكى  نىغمەتتىن تاراۋاتقان سۇس ئەتىر پۇرىقىدىن مەسىت بولدىغان  ....غەيرى ھالەتلەرنى سېزىپ قالدى . ‹‹ نىمە بولدۇم توۋا ؟ ھەممە ئىشلارنى ئۇنىڭ ئۈچۈنلا قىلىۋاتىمەن دىسە ؟ ›› . شۇنداق قىز ھەممە ئىشلارنى ئۇنىڭ ئۈچۈنلا قىلىۋاتاتتى . قىز نىغمەتكە تىكىلىپ قارىيالمايتى ، ئۇنىڭ تېزراق كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتەتتىيۇ ، كەلسە جىددىيلىشىپ قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن ئېزىپ كېتەتتى . قىز بۇ ھالىتىنى باشقىلارنىڭ بولۇپمۇ ھەممىگە تۇيغۇن ئايشەمنىڭ سېزىپ قېلىشىدىن بەكلا ئەنسىرەيتى .  ئايشەم بىلەن رەيھانگۈل بۇرۇن ئەزىزەنىڭ ئالدىدا ئۆز ئائىلە پارىڭىنى قىلمايتى ، ھازىر  ‹‹ ئەزىزەنىڭمۇ قۇلىقىنى پۇشۇرۇپ ، توي قىلغاندىن كىيىن تەمتىرمەي ئائىلە باشقۇرۇدىغان قىلۋىتىمىز ›› دەپ گەپلىرىنىمۇ قېلىۋىردىغان بولغانتى . بىر كۈنى  ئايشەم بىلەن رەيھانگۇل خۇددى ئەزىزەنىڭ بۇ نازۇك ھىسىياتىنى بىلىپ قالغاندەكلا ھازىرقى بەزى بىر قىزلارنىڭ ئائىلىسى بار ئەرلەر بىلەن باردى - كەلدى قىلىپ يۈرىشىدىغانلىقى توغۇرلۇق پاراڭلىشىپ قالدى . 
 O"}O~lZ[6T  -: بۇنداق پۇلغا دۈم چۈشكەن بىرنىمىلەر پەقەت باشلىقلارغىلا سۈكىشىپ ، غىلجىڭشىپ يۈرىيدىكەن ئەمەسما ؟ دىدى ئايشەم رەيھانگۇلغا تۇمۇشۇقلىرىنى ئۇچلاپ . 
 2y 	IDyo  -: شۇ تەييار پۇل ، تەييار ئۆي قالىسىلا ئۇلارغا . 
 RR2M+vQ  -: شۇنداق ، ئەزىزەدەك قىزلا ئاز جۇما ھازىر ، مانا ھازىرغا قەدەر ئەزىزەمگە بىرەر يىگىتتىن تېلفونمۇ كېلىپ باققىننى بىلمەيمەن  . 
 fu
iTy72  -: يا ، كەچتە ئۆيدىكى ۋاقىتتا كېلەمدىكىن ھە ئەزىزە ؟ باياتىنقى گەپلەردىن قىزىرىپ ئۆزىنى قويارغا يەر تاپالماۋاتقان ئەزىزە بۇ گەپتىن تېخىمۇ خىجىل بوپ كەتتى . 
 &Qe2
}e$  -: ۋايەي ، قىزىرىپ كەتكىننى ، ھازىرقى زاماندىمۇ قىزلار قىزىرىدىكەن ھە ؟ دىدى رەيھانگۇل . 
 c*r@
QmB:  -: ئىشقىلىپ ئوبدان قىز جۇمۇ بۇ ، كېلىن قىلۋالغىدەك ؟  دىدى ئايشەم ، بۇ گەپ بىلەن ئىشخانىدا بىر ھازاغىچە كۈلۈشمەك بولدى .  
 EMPujik-  شۇ كۈنى ئىشتىن چۈشۈشكە يېقىن نىغمەت ئەزىزەگە بىر ماتىريالنى دەرھال تەييار قىلىپ بېرىشنى ئېيتىپ تېلفون قىلدى . ئەزىزە قولىدىكى ئىشنى قويۇپ نىغمەتكە دىگەن ماتىريالىنى تەييارلاشقا كىرىشتى . ئايشەم ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىتتا 
 +7{8T{  -:ئەزىزە يانا كەچ قالدىغان بولدىڭىز ، بىز قىلىشىپ بىرەيلىك دىسەك يا بىر قولىمىزدىن كەلمەيدۇ . بوپتۇ ئۇكام ياش بولغاندىكىن ھىچنىمە بولماس ، نىغمەت جۈيجاڭ بەك ياخشى ، ئېسىل ئادەم چوقۇم قىلغىنىڭىزنى بىلىدۇ  ، ئەمسە بىز مېڭىۋىرەيلى  دەپ تەسەللىي بەرگەن بولدى .
 1:RK~_E  ئەمىليەتتە ئەزىزەنىڭ بۇ ۋەزىپىلەرنى خوشاللىق بىلەن ئورۇندايدىغانلىقىنى ئۇ نەدىن بىلسۇن . ئەزىزەمۇ خاپا بولغان سىياققا كىرۋىلىپ بېشىنى لېڭىشىتپلا قويدى . بىر چاغ بولغاندا ئەزىزەنىڭ تېلفونىغا ئۇچۇر كەلدى ، ‹‹ قاراپ باقاي ›› دىدىيۇ يەنە ئېرىنچەكلىك بىلەن قارىمىدى . ئىشلىرىنى تۈگۈتۈپ ، بىكار بولغان ئەزىزە ئورنىدىن تۇرۇپ تازا بىر كېرىلىۋالغاندىن كىيىن سائەتكە قاراش ئۈچۈن تېلفونغا قارىغانتى ، ئېكىراندا نىغمەت جۈيجاڭ دىگەن ئىسىمنى كۆرۈپ ھودۇقۇپ كەتتى ، ئۇچۇر نېغمەتتىن كەلگەن ئىدى ، دەرھال ئېچىپ قارىدى ، ئېكىراندا ‹‹ جېنىم ئەزىزەم ، جاپا تارتتىڭىز ، رەھمەت . مەن ماتىريالنى ئالغىلى بارىمەن ›› دىگەن خەتلەر تۇراتتى ، ئەزىزەمنىڭ يۈرىكى ھاياجاندىن قاتتىق سېلىپ كەتتى ، قوللىرى تىتىرەپ ، تېلفوندىكى ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈشكىمۇ كۆزى قىيىمىدى . دەرھال تېلفوننى قويۇپ ، سومكىسىدىن ئەينەكنى ئېلىپ ئۆزىنى تۈزىدى ، سۇسلاپ قالغان لەۋ گىرىمىنى تولۇقلىدى ، كىيىم - كىچىكىنىمۇ بىرەر قۇر تۈزەشتۈردىيۇ دەرھال خىيالىغا ئايشەملەرنىڭ گەپلىرى كېلىپ ‹‹ نىمە قىلىپ يۈرۈيمە مەن ؟ مەنمۇ ئاشۇ غىلجىڭشىپ يۈرىيدىغانلارغا ئوخشاپ قالدىمغۇ ؟ ›› دەپ ئىختىيارسىز كۆڭلى يېرىم بولۇپ كۆزلىرىگە ياش كەلدى ، ئۆزىنى شۇنداق تۇتىۋالسىمۇ ياشلار يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەكلا تۆكۈلۈپلا كەتتى . سومكىسىدىن قەغەز ئېلىپ ياشلىرىنى ئېيىتتى ، ئېيتىپ تۇرسىمۇ ياشلار ھىچ توختايدىغاندەك ئەمەس .
 ^fV-m&F)K*  -: تۈگىدىمۇ ؟ ساقلىتىپ قويدۇم ھە سىزنى ؟ ئەزىزە ئىتتىك كەينىگە قارىدى 
 MP_/eC	;  -: ۋاي نىمە بولدىڭىز ؟ مىجەزىڭىز يوقمۇ نىمە ؟ نىغمەت كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن قىزنى كۆرۈپ جىددىيلىشىپ كەتتى .
 fZ(k"*\MZ  داۋامى بار ........... 
 Tv	`&   v|dt[>G   [ بۇ يازما Eltekin تەرپىدىن 2011-09-20 11:09 PM دە ق ]