بەخت قەيەردە؟
+iQ~ Y2Gh i=M[$ پۈتكۈل ئىنسانلار خاتىرجەم ۋە ھوزۇرلۇق بىر ھاياتقا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ ۋە بۇ يولدا كېچە - كۈندۈز ھارماي - تالماي ئىشلەيدۇ.
p;R&h4H تىنچ ئامان، خاتىرجەم ۋە ھوزۇرلۇق ھايات كەچۈرۈش بارلىق ئىنسانلارنىڭ ھەققىدۇر. ياراتقۇچى ئۇلۇغ ئاللاھ بۇ مۇقەددەس ھەقنى پۈتكۈل ئىنسانلارغا بەرگەن ۋە ھېچقانداق بىر كۈچكە ئىنسانلارنى بۇ تەبىئىي ۋە مۇقەددەس ھەققىدىن مەھرۇم قىلىش ھوقۇقىنى بەرمىگەن.
gh"_,ZhZt ئەنە شۇنداق پاك، خاتىرجەم ۋە ھوزۇرلۇق ھاياتقا ئېرىشىشنىڭ يولى ۋە ئاساسلىرىنىمۇ يەنە ياراتقۇچى ئۇلۇغ ئاللاھ ئىنسانلارغا بەخش ئەتكەن. بۇ ئۇسۇل ۋە ئاساسلار ھەر قانداق ئادەم چۈشىنەلەيدىغان شەكىلدە تۇغۇلۇشتىن ئىنسانلارغا بىلدۈرۈلگەن. بۇ بىلدۈرۈش بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان ۋە بىر - بىرىنى كۈچلەندۈرىدىغان تەبىئىي ۋە تەشرىئىي(1) قانۇنلار ئارقىلىق بولغاندۇر. بۇ سەۋەپتىن بارلىق ئىنسانلار بۇ ھەقىقەتنى ئۆزلىكىدىن بىلمەكتە.
Z3ODZfu> ئىنسان ئەنە شۇنداق پاك، ھوزۇرلۇق ۋە خاتىرجەم بىر ھايات كەچۈرۈشكە لايىقتۇر ۋە بۇ مۇقەددەس ھوقۇققا ئىگىدۇر. ئىنسان ئەينى ۋاقتىدا بۇ دۇنيادىكى ھاياتىدىن نەچچە ھەسسە پاك، تېخىمۇ گۈزەل ۋە مەڭگۈ يوقالمايدىغان بىر ھاياتنى قازىنىشقا نامزاتتۇر. ئۇنىڭ ھەقىقىي غەلىبىسى بۇ ئۆلۈمسىز - مەڭگۈلۈك ھاياتنى، چەكسىز بەخت - سائادەتنى قولىغا كەلتۈرەلىشى بىلەن بولىدۇ.
LUz`P6 مانا مۇشۇ نوقتىدا پۈتكۈل ئىنسانىيەت ناھايىتى چوڭ ۋە بەك مۇھىم بىر ئىمتىھانغا باغلانغان. ئىنساننىڭ ئارزۇ قىلغان خاتىرجەم، راھەت ۋە ھوزۇرلۇق ھاياتقا ئېرىشىشى مۇشۇ ئىمتىھانغا باغلىق.
U~c9PqjZ ئىنسان تەبىئىي ۋە تەشرىئىي قانۇنلار ئارقىلىق ئۆزىگە بىلدۈرۈلگەن ۋە ئوچۇق - ئاشكارا چۈشەنگەن ئۇسۇل ۋە ئاساسلارغا قانچىلىك ئەمەل قىلسا، شۈنچىلىك بەخت - سائادەت، خاتىرجەملىك، ھوزۇرلۇق ۋە پاك ھاياتقا ئېرىشىدۇ. ئۇ بۇ پاك ھايات ئارقىلىق، دەرد - ئەلەمسىز، مەڭگۈلۈك بىر ھايات ۋە ئەبەدىي سائادەتنى ئۆزىگە تەييارلىغان بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەر - ئايال مۆمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە دۇنيادا ناھايىتى ئوبدان ياشىتىمىز، ئۇلارغا، ئەلۋەتتە، قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق مۇكاپات بېرىمىز.» (2)
je>gT`8 بۇ نۇرلۇق ۋە پارلاق يولدا ھاۋايى ھەۋەس، شەھۋانى ئارزۇلار، نەپسانىيەتچىلىك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش يامانلىقلاردىن تەركىب تاپقان توسالغۇلار بار. كىشىنىڭ مەقسىتىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن بۇ توسالغۇلارنىڭ زىيانلىرىدىن ساقلىنىشنى بىلىشى لازىم. چۈنكى ئىنسان نەپسىنى ئۆزىگە قاتتىق تارتقۇچى ۋە قىزىقتۇرغۇچى بولغان بۇ توسالغۇلار ھەر ئان ئىنساننى غەپلەتكە چۈشۈرىدۇ.
Qt^6w}& مەۋجۇدات ئالىمىدە ئىنساننىڭ قەدرى قىممىتى ناھايىتى چوڭدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇنى ئەھسەنى تەقۋىم (يەنى ئەڭ گۈزەل) شەكىلدە ياراتقاندۇر. ئىنسان كۆرۈنۈشى، قەددى قامىتى ۋە شەكلىي جەھەتتە پۈتكۈل مەۋجۇداتلارنىڭ ئەڭ چىرايلىقى بولغاندەك، مەنىۋى سۈپەتلىرىدىمۇ ياراتىلمىشلارنىڭ ئەڭ مۇكەممىلىدۇر. مۇشۇ سەۋەبتىن ئىنسان ئەشرەفى مەخلۇقات (يەنى مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى) بولغاندۇر. ئۇنىڭ پۈتۈن ئەزالىرى بىر - بىرىگە ئۇيغۇن ۋە مۇجىزىۋى بىر ماسلىشىش ئىچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ. پۈتۈن بۇ ئەزالار ئىنساننىڭ خەۋىرى بولماستىن، ئىنسان تەسەۋۋۇرىدىن ئۈستۈن بىر ماسلىشىش ئىچىدە ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىسىنى ئورۇنلايدۇ. بۇ جەھەتتە ئىنسان ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ بەدىئىي بىر سەنئەت مۆجىزىسىدۇر.
?o/p}6 بۇنداق بولۇش بىلەن بىرگە ئىنساننىڭ روھى ۋە مەنىۋى ۋۇجۇدىمۇ ئەقىللەرنى لال قىلىدىغان بىر ماھىيەتتە گۈزەل ۋە مۇكەممەلدۇر. ئىنساننىڭ ھەقىقىي كىملىكىنى تەشكىل قىلىدىغان نەرسە مانا مۇشۇ مەنىۋى تەرىپىدۇر. چۈنكى ئىنسان بىلىم، ئەقىل، چۈشىنىش، ئايرىش، ئىرادە، سۆزلەش ۋە ئەدەپكە ئوخشاش ئۈستۈن سۈپەتلىرى بىلەن باشقا مەخلۇقلاردىن ئايرىلىدۇ.
miCY?=N` ئىنساننى ئەڭ چىرايلىق ۋە ئەڭ مۇكەممەل شەكىلدە ياراتقان ئاللاھ، ئۇنى ئەڭ كەرەملىك ۋە ئەڭ شەرەپلىك قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئىنساننىڭ قەدرى قىممىتىنى ۋە مەرتىۋىسىنى ئۈستۈن قىلدى.
Z vyF"4QN ئىنساندا ھەرخىل مايىللىقلار سانسىز ئارزۇ - ئارمانلار مەۋجۇت بولۇپ، ئىنسان بۇ ئارزۇلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالىدۇ. ھالبۇكى ئىنساننىڭ بۇ ئارزۇلارغا بويۇن ئېگىشى ئۇنىڭ بەخت - سائادىتىگە توسالغۇ بولىدۇ.
%VXIiu[ ئىنسانغا بەخش ئېتىلگەن ساغلام ئەقىل ۋە پىكىر قىلىش نېمىتى ئۇنى ھاۋايى -ھەۋەسلەرنىڭ ۋە زىيانلىق ئارزۇلارنىڭ تەسىرىدىن قوغداش ۋە ئەبەدىي سائادەتكە يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن بېرىلگەندۇر.
"e29j'u!* ئاللاھ تائالا چەكسىز مېھرىبان بولغانلىقى ئۈچۇن ئىنساننى ئۆز ئەقلىگە تاشلاپ قويمىدى، بەلكى ئىنسانلارنىڭ ھاياتى بويىچە ھەق يولدا يۈرۈشى ۋە ھاۋايى ئارزۇلىرىنىڭ زىيانلىرىدىن ساقلىنىپ قېلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۆز ئىچىدىن يول كۆرسەتكۈچى پەيغەمبەرلەر - رەھبەرلەر ئەۋەتتى. بۇ رەھبەرلەر ئىنسانلارغا ئۈلگە بولغان، ئىنسانلارنى يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا چاقىرغان ۋە ئۇلارغا بەخت - سائادەت يولىنى كۆرسەتكەندۇر.
ypfjF@OT بۇ رەھبەرلەرنىڭ جانابى ئاللاھ تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن ئاساسلارغا ساغلام ئەقىل بىلەن ئەگەشكەنلەر سائادەتكە ئېرىشتى، ھەۋەسلىرىگە بويۇن ئەگكەنلەر بەختسىزلىككە چۈشتى.
G~Y#l@8M+ ھىدايەت رەھبەرلىرىنىڭ تەلىماتلىرىغا قۇلاق سالغان ۋە ئۇلار ئېلىپ كەلگەن ئاساسلارغا ئەمەل قىلغانلارغا ئاللاھ تائالا خۇشخەۋەر بېرىدۇ. بۇ ئىلاھىي ئېھسان ۋە كاپالەت قۇرئان كەرىمدە نۇرغۇنلىغان ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرگە مەن تەرەپتىن بىر يول كۆرسەتكۈچى (يەنى پەيغەمبەر) كېلىدۇ، يولۇمغا ئەگەشكەنلەرگە (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ ۋە غەم - قايغۇ بولمايدۇ»(3)
lWf(!=0m «كىمكى مېنىڭ ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، ئۇ ئازمايدۇ ۋە بەختسىز بولمايدۇ.» (4)
% %2~%FVb بۇ ئايەتلەر بىلەن ھىدايەت رەھبەرلىرىگە ئەگەشكەنلەرنىڭ سائادىتى ۋە ھۇزۇرى مەڭگۈلۈك بولىدىغانلىقى جانابى ئاللاھنىڭ كاپالىتى ئاستىدا بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەندۇر.
)
S_%Ip ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت)بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك بولغىنىڭلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەڭ كۆپ ئىتائەت قىلغىنىڭلاردۇر.» (5)
0nlh0u8# ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبىئى بىردۇر. باشتا ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلا ئۇممەت ئىدى. ئاسانلىق بىلەن تونۇشۇش، ياردەملىشىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھېكمەتلەرگە بىنائەن مىللەتلەر ۋە قەبىلىلەر ھالىدا يەر شارىغا تارقىلىپ، يەرلەشتى.
Z@Qf0
c بۇنىڭ ئۈچۈن جۇراپىيىلىك يەرلىرى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئىنسانلارنىڭ بىر - بىرى بىلەن ياردەملىشىشى، بىر - بىرى بىلەن چۈشىنىشىپ دوست بولۇشى ئاساستۇر. جانابى ئاللاھ ئىنسانلارنى مۇشۇنداق ئالى تۇيغۇ ۋە يۈكسەك پىكىر بىلەن قوراللاندۇرغان. بۇ تۇيغۇ ۋە پىكىرلەر ئىنسانلارنىڭ بىر - بىرى بىلەن تونۇشۇشىنى، چۈشىنىشىشىنى ۋە بىرلىشىشىنى قولايلاشتۇرىدۇ. ئەينى ۋاقتىدا بۇ ئالى تۇيغۇلار ئىنسانلارنىڭ كىشىلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان روھىي خۇسۇسىيەتلەردۇر. بۇ ئالى تۇيغۇلار ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق سۈپەتلىرىدۇر. جانابى ئاللاھ ئىنسانلارنى مانا مۇشۇنداق ئۈستۈن سۈپەتلەر بىلەن ئالاھىدە ياراتقان. ئىنسان يەر شارىغا پەيدا بولغان كۈندىن تارتىپ بۇ ئالى سۈپەتلەر مەۋجۇد بولۇپ كەلمەكتە ۋە ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ.
O9p^P%U " بۇ ئالى سۈپەتلەرنىڭ ئەڭ ئۈستۈنى ۋە ئىنسانىيەت تارىخىدا ئەڭ كۆپ تەسىر كۆرسەتكۈچى ۋە ئومۇمىي بولغىنى دىنىي تۇيغۇلاردۇر. شۇڭلاشقا ئىسناننىڭ روھى، ساغلام ئەقلى ۋە قەلبى پەقەت مۇشۇ دىنىي تۇيغۇ ۋە ھىسسىياتقا ئىگە بولۇش بىلەن ئارام تاپىدۇ. ئىنسان تەبىئىتىنىڭ تەلىپى بولغان بۇ ئىماننى زايا قىلىۋەتكەن كىشى روھىي قالايمىقانچىلىق ۋە ئىزتىراپقا چۈشكەن بولىدۇ. چۈنكى دىنىي تۇيغۇ ئىنساننىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ۋە روھىي خۇسۇسىيىتىدۇر. بۇ تۇيغۇ يوقىتىلغاندا، ئىنسان ماھىيىتىنى تەشكىل قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئۇنسۇردىن مەھرۇم بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دىنىي تۇيغۇغا سەل قاراپ تاشلاپ قويۇش ئېھمال قىلىش ئىنساننى روھىي ئىزتىراپ، زوراۋانلىق ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ئىشلارغا تەرك ئەتكەنلىك بولىدۇ.
i l%9j بۇ يەردە بىلىشكە تىگىشلىك نەرسە شۇكى، دىنىي تۇيغۇنى ئەسلى ماھىيىتىگە ئۇيغۇن ھالدا بىلىش - ئىدراك قىلىش لازىم. شۇنداق بولغاندا دىن، ئەقىدە ۋە ئەمەل ھالىتىدە ھاياتنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى بولىدۇ ۋە ئىنسانغا چەكسىز سائادەت ۋە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. چۈنكى دىنىي تۇيغۇ ئىنساننىڭ ئاددىي بىر مەخلۇق بولمىغانلىقىنى، پۈتكۈل جانلىقلار بىلەن ئورتاق بولغان تەرەپلىرىدىن باشقا يەنە بىر ئالاھىدىلىكىنىڭ بولغانلىقىنى ۋە ھەقىقىي ئىنسانلىقىنىڭ بۇ ئالاھىدىلىك بىلەن بولغانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كىشىنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ھەرىكەتكە كېلىدۇ - دە، ئويلاش، تەتقىق قىلىش، ئۆزىنى ۋە ئەتراپىدىكى دۇنيانى چۈشىنىشكە ئىنتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ياراتقۇچىسىنى تونۇيدۇ ۋە ۋىجدانىدا ياراتقۇچىسىغا ھۆرمەت - ئېھتىرام بىلدۈرۈش ھېسسىياتى تۇغۇلىدۇ. بۇ تۇيغۇ بىلەن ئىنساننىڭ ئىلىم - ئىرپان سەۋىيىسى ئۆسىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي بىر مەخلۇق بولغانلىقىنى ئوچۇق بىر شەكىلدە ئىدراك قىلىدۇ.
i\MW'b لېكىن بۇ تۇيغۇ ۋە ئىدراك ئىنساننىڭ مەڭگۈلۈك بەخت - سائادەت ۋە راھەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن يېتەرلىك بولمايدۇ. ياراتقۇچى ئۇلۇغ ئاللاھ ئۆز رەھمەت ۋە ھېكمىتى بىلەن ئىنساننى راھەت ۋە ھوزۇرلۇق بىر ھاياتقا ئېرىشتۈرۈش؛ ئازغۇنلۇق ۋە يامانلىقلاردىن ساقلاش ئۈچۈن رەھبەرلەر ئەۋەتىش ئارقىلىق بۈتۈن بۇ تۇيغۇ ۋە پىكىرلەردە ئىنسانىيەتنىڭ يولىنى يورۇتۇپ بەرگەندۇر.
#P1;*m ئىنساننىڭ راھەت، ھوزۇرلۇق ھايات كەچۈرۈشى ۋە بەختلىك ياشىشى ئىمان - ئىرپان بىلەن ۋە ئاللاھ ئەۋەتكەن رەھبەرلەرگە ئەگىشىش بىلەن ئەمەلىيلىشىدۇ. بۇندىن كېيىن ئۇ ھەقكە چىن دىلىدىن ھۆرمەت قىلىدۇ، خۇراپاتلارغا، ۋەھىمى خىياللارغا ۋە نەپسانىي ھەۋەسلەرگە ئۆزىنى ئاتمايدۇ. ھايۋانىي ئارزۇلارنىڭ ۋە مادداپەرەسلىكنىڭ بېسىملىرىنى بىلىم، ئىمان ۋە ئىرادە كۈچى بىلەن يېڭىپ كېتەلەيدۇ.
VAa;XVmB ئەگەر دىنى تۇيغۇ ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ماھىيىتىدىن يىراقلاشتۇرۇلسا، ھەقىقىي رەھبەرلەرنىڭ ھايات بەخش ئېتىدىغان تەلىماتلىرىدىن ۋە جانابى ئاللاھ تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن ئۇلۇغ پرىنسىپلاردىن چىقىرىلسا، ئۇ چاغدا ئازغۇنلۇقنىڭ ۋە ئىنكارنىڭ پاتقىقىغا چۈشكەن بولىدۇ. ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئەڭ قورقۇنۇشلۇق ئاپەت مانا مۇشۇدۇر. بۇ ئاپەت كۈنىمىزدە ئىنسانلارنى تەھدىت قىلىۋاتىدۇ. قەتئىي بىلىش كېرەككى، ئاتېئىزىم ۋە ئىنكار ئىنسانلىق ئالىمىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ئېغىر زىيانكارلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر.
$,Y?qn/ بۇ زىيانكارلىقتىن ساقلىنىشنىڭ يولىنى ئاللاھ تائالا ئۆز رەھمىتى بىلەن پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە كۆرسەتكەن. ئاللاھ تائالا ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان مۇقەددەس كىتابى قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن نۇر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ۋە روشەن كىتاب (يەنى قۇرئان) كەلدى. ئاللاھ شۇ كىتاب ئارقىلىق رازىلىقىنى تىلىگەنلەرنى سالامەتلىك يوللىرىغا يەتكۈزىدۇ، ئىرادىسى بىلەن ئۇلارنى (كۇفرى) قاراڭغۇلۇقىدىن (ئىماننىڭ) نۇرىغا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ.» (6)
+,9Muf h دىن، ئىنسانلارنى ئەڭ ئۇلۇغ تۇيغۇ ۋە چۈشەنچىلەر بىلەن ئەڭ ياخشى ئارزۇ ئارمانلارنى بىرلەشتۈرىدىغان، بىرلىكنى ۋە مىللىي ۋىجداننى ئويغىتىدىغان ئەڭ كۈچلۈك بىر ئامىلدۇر.
H329P*
P دىن، جەمئىيەتلەرنىڭ ھۇزۇر ئىچىدە تەرەققىي قىلىشى ۋە كامالەتكە يېتىشى ئۈچۈن ئەڭ كېرەكلىك بىر ئىلاھىي ئۇنسۇردۇر.
P~"""3de4 ھەقىقەت شۇكى، ئىنسانىيەتنىڭ بەخت - سائادىتى، ھۇزۇر ۋە خاتىرجەملىكى پەقەت گۈزەل ئەخلاقلارنىڭ مەۋجۇدىيىتى ۋە ئەمەلگە ئېشىشى بىلەن، گۈزەل ئەخلاق ۋە پەزىلەت بولسا دىنىي تۇيغۇ ۋە ساغلام ئەقىدە بىلەن مەيدانغا كېلىدۇ. چۈنكى ھەق دىن گۈزەل ئەخلاق ۋە پەزىلەتنىڭ ئاساسى ۋە مەنبىئىدۇر. ھەق دىن پەقەتلا ئادالەتتۇر.
2Xfy?U يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، دىنىي تۇيغۇ ئىنسانغا مەسئۇلىيەت ھېسسىياتى بېغىشلايدۇ. بۇ تۇيغۇ ئىنساننى ياخشىلىققا چاقىرىدۇ ۋە يامانلىقتىن توسىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دىنىي تۇيغۇنىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىكى تەسىرى ئەڭ مۇكەممەل قانۇن ۋە ئەڭ چىڭ تۈزۈملەردىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈكتۇر. دىن ئەڭ نوپۇزلۇق كۈچ؛ ئەڭ ئادىل ۋە شەپقەتلىك سوتچىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن جەمئىيەتنىڭ ھوزۇرلۇق ۋە خاتىرجەم ھاياتىنى داۋاملاشتۇرالىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقتا دىندىن كۈچلۈكرەك بىر ئامىل يوقتۇر.
z7lbb*Xe دىن ئىنساندىن ھېچقانداق ۋاقتىدا ئايرىلمايدۇ. ئىنسان قەيەردە ۋە قايسى ۋاقىتتا بولمىسۇن دىن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولۇپ، ئۇنى شەپقەت - مەرھەمەت بىلەن قۇچاقلايدۇ ۋە ئۇنى داۋاملىق كۈزىتىپ تۇرىدۇ.
;WL0 بۇ قوغدىغۇچى دىن ۋىجدانلارغا ھاكىم بولغانلىقى ئۈچۈن كىشىنى ئاشكارا - يوشۇرۇن ھەر تۈرلۈك يامانلىقلاردىن مەنئى قىلىپ، ياخشىلىقلارغا ئۈندەيدۇ.
m3_)UIJZ دىن سايىسىدا ئاللاھ تائالانىڭ ئىلمىنىڭ ئاشكارا - مەخپى، ماددىي - مەنىۋى بارلىق ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن تاشقىرى ھېچنەرسىنىڭ يوقلىقىنى بىلگەن ئىنسان كۈچلۈك بىر ئىرادە پەيدا بولىدۇ. دىندار كىشى پاك ئىمانىدىن كېلىپ چىققان بۇ كۈچلۈك ئىرادىسى بىلەن نەپسى خاھىشلىرىنى كونترول ئاستىغا ئېلىپ، يامان قىلىقلاردىن، زىيانلىق ئىشلاردىن ساقلىنىدۇ؛ ياخشىلىقلارنى ئىشلىگۈچى ۋە ئۇنىڭغا تەشۋىق قىلغۇچى بولىدۇ.
2?owXcbx بۇ سەۋەپتىن ھەق دىن ئۆگەتكەن گۈزەل ئەخلاق ۋە پەزىلەتلەرنىڭ ھەم شەخس ۋە ھەم جەمئىيەت ئۈچۈن ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭدۇر. قايسى بىر مىللەتتە ھەق دىن ئۆگەتكەن ئەخلاقنىڭ ئاجىزلىشىشى ياكى يوقىلىشى ئۇ مىللەت ئۈچۈن ئەڭ چوڭ پالاكەت ۋە يوقۇلۇشتۇر. بىر مىللەت ئۈچۈن ئەخلاقنىڭ چۈشكۈنلىشىشىدىن يامانراق بىر مۇسىبەت ۋە بالا بولمايدۇ.
c1_?Z دىن شەخسلەرنىڭ، ئائىلىلەرنىڭ ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ بەخت - سائادەت ۋە ھوزۇرلۇق ھايات كەچۈرۈشى ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر ۋە ئەڭ لازىم بولغان مۇئەسسەسىدۇر. بۇ ئىلاھىي مۇئەسسەسە ئىنسانىيەت سائادىتىنىڭ ئاساسىدۇر. بۇ ئاساسنى ئىھمال قىلىش، كۆڭۈل بۆلمەسلىك ياكى سەل قاراش ئىنسانىيەت سائادىتىنىڭ ۋە كىشىلىك ھەق ۋە ھوقۇقىنىڭ يوقىلىشى دېگەن بولىدۇ.
H*>5ne=x ھەق دىن ئېسىل ئەخلاق ۋە ھەرخىل ياخشىلىقنىڭ مەنبىئىدۇر. ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنىڭ ۋە ئىنسانىي ياخشىلىقلارنىڭ ئاساسى دىندۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن دىن ھەقىقىتى ۋە دىن قارىشى يوق سانالغان كۈنى، جەمئىيەت ھاياتى يىلتىزىدىن قومۇرۇلغان بولىدۇ. جەمئىيەت ئاقىۋىتى نامەلۇم بىر ھالاكەتكە قاراپ ماڭغان بولىدۇ. دىنسىزلىق كېسىلىگە دۇچار بولغان جەمئىيەت پەقەت ھايات نېمىتىنى ۋە قۇتۇلۇش ئۈمىدىنىلا ئەمەس، بەلكى ئادالەت، ھەققانىيەت ۋە باشقا بارلىق ياخشىلىقلارنى يوقاتقان بولىدۇ. چۈنكى دىنسىزلىك ئالدى بىلەن ئەخلاق پىكرىنى يىقىدۇ، كېيىن ھەق - ھوقۇق قارىشىنى يوقىتىدۇ. بۇلار يوق بولسا جەمئىيەتتە ھەر تۈرلۈك يامانلىقلار، ناچار قىلىقلار ئومۇملىشىدۇ ۋە ھەممە نەرسە مۇباھ بولىدۇ. بۇ بولسا جەمئىيەتنىڭ چۈشكۈنلىشىشى، ھالاك بولۇشى ۋە يوقىلىشى دېگەن گەپ.
oRCD8b? پۈتكۈل قانۇن ۋە تۈزۈملەرنىڭ ئاساسى ھوقۇق پىكرىدۇر. بۇ پىكىر يوقالسا، ئۇنىڭغا تايانغان بارلىق قىممەتقاراشلار يوق بولغان بولىدۇ. مەسىلەن: ئادالەت بىر پەزىلەتتۇر. شۇڭلاشقا ئۇ مۇقەددەستۇر. پۈتكۈل ئىنسانلار ئۆزلىگىدىن ئادالەتكە ئېسىلىدۇ ۋە ئۇنى ھۆرمەتلەيدۇ. لېكىن دىنسىز - ئىمانسىز بىر كىشىنىڭ نەزىرىدە ئادالەت، ئەخلاق ۋە پەزىلەت تۇيغۇلىرى بولمايدۇ. بۇلار يوقالغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا تايانغان ھوقۇق پىكرىمۇ يىقىلغان ۋە يوقالغان بولىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە كىشىلىك ھوقۇق ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ ھۆررىيەتلىرىنىڭ يوقىتىلىشى تەبىئىيدۇر.
pJwy~ L ھالبۇكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانلارنىڭ ھۆررىيىتىگە ئوخشاش قىممەت قاراشلىرىنىڭ ئاساسى ھەق دىندۇر. بۇ دىن يوق ھېسابلانسا، ئۇنىڭغا تايىنىدىغان بارلىق ھەق ۋە پەزىلەتلەر يوق بولغان بولىدۇ.
v_@!u` دىنسىزلىك جەمئىيەت ئۈچۈن بىر ئاپەت بولغاندەك، شەخسلەر ئۈچۈن چوڭ پالاكەتتۇر.
z3-AYQ.H ئىنسانغا ھاياتنى سۆيدۈرگەن، ئۇنىڭغا سائادەت ئۈمىدى بەخش ئەتكەن ۋە بۇ تۇيغۇلارنى ئىلگىرىلەتكەن ئۇلۇغ مەنبە ھەق دىندۇر. بۇنداق ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەس بىر مەنبەدىن مەھرۇم قالغان بىر ئىنسان ھەر دائىم بەختسىزدۇر. چۈنكى ئۇ ئىنساننى بەختلىك قىلىدىغان ئالىي تۇيغۇلاردىن مەھرۇمدۇر. ئۇ ھاياتتىن مەنىۋى زوق ئېلىش ئىقتىدارىنى يوقاتقاندۇر. ئۇ ماددىي ۋە ھايۋانىي بارلىق ئارزۇ - ئارمانلىرىغا ئېرىشىدىغان ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە بولغان ۋە ئارزۇلىرىنىڭ ھەممىگە ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ، ئازغىنە مۇددەتتىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن زېرىكىدۇ، ئۆمرى ھەر دائىم بىر سىقىلىش ئىچىدە ئۆتىدۇ. ئۇيقىسى ئەندىشە، ئويغاقلىقى دائىمى ئازاب بولىدۇ. ئۇ كائىناتتىكى مۆجىزىۋى ماسلىشىش ۋە بەدىئىي گۈزەللىكلەرنى بىھۇدە نەرسىلەر دەپ قارايدۇ. ئىنسانلارنى ۋە باشقا جانلىقلارنى ئۆزى ئۈچۈن زىيانلىق مەخلۇقلار دەپ ئويلايدۇ.
S8Yh>j8- ئىمانسىز ئىنساننىڭ نەزىرىدە جەمئىيەت مۇقەددەس دەپ قارايدىغان ھەر تۈرلۈك قىممەتلىك نەرسىلەر ھېچنەرسىگە ئەرزىمەيدۇ. بۇلارنىڭ ھېچبىرىنىڭ ئۇنىڭ ئالدىدا قىممىتى يوق. ئۇنداق كىشىنىڭ باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى ئۆزى تۇيماستىن مۇھىتتىن ئۈگەنگەن تەربىيىسىنىڭ نەتىجىسىدۇر. بولمىسا ئۇنىڭدا ھېچقانداق پەزىلەت ۋە ئالاھىدىلىك يوق. چۈنكى ئۇ بۇلارنىڭ بىكار ئىشلار ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغان. دىنسىزلىق يولىنى تۇتقان ئىمانسىز كىشى ھەرقانداق ياخشىلىق ۋە پەزىلەتنىڭ دۈشمىنىدۇر. بۇنداق كىشىنىڭ باشقىلارغا ھۆرمەت ئىھتىرام قىلىشى، ياخشىلىق قىلىشى رىياكارلىق ۋە بىر مەنپەئەت مەقسىدى بىلەن قىلىنغان يالغاندىن باشقا نەرسە ئەمەس.
Ehf{Kl ئىمانسىزلىق، دىندىن يىراقلىشىش پەقەت شەخس ۋە جەمئىيەتنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئائىلىنىڭمۇ قورقۇنۇشلۇق ھالاكىتىنىڭ سەۋەبىدۇر. چۈنكى ئىمانسىز بىر ئىنساننى ئائىلىسىگە باغلاپ تۇرغان نەرسە مەنپەئەتتۇر. بۇ مەنپەئەت ئازايغان ياكى باشقا يەردە تېخىمۇ چوڭراق مەنپەئەتلەرگە ئۇچرىغاندا، ئائىلە باغلىرىنىڭ ئۈزۈلۈشى ياكى يوق سانىلىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن تەبىئىي بىر ئىشتۇر.
ZpY"P6 جەمئىيەتلەرنى، شەخسلەرنى ۋە ئائىلىلەرنى بۇزۇلۇشتىن، پارچىلىنىشتىن ۋە يىقىلىشتىن قۇتقۇزىدىغان يېگانە كۈچ ۋە ئامىل ھەق دىندۇر. چۈنكى ھەق دىن ھەر تۈرلۈك ئالى پەزىلەتلەرنىڭ ۋە ھەر خىل ياخشىلىقلارنىڭ مەنبىئىدۇر. ھەق ۋە ئادالەتنىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە بۇلارغا رىئايە قىلىشنىڭ پەزىلەت ئىكەنلىكى پەقەت دىن بىلەن بىلىنىدۇ. دىننىڭ جەمئىيەت ھاياتىدا بولمىسا بولمايدىغان زۆرۈر ئېھتىياج ئىكەنلىكىنى ئوچۇق - ئاشكارا كۆرۈش ئۈچۈن دىنسىزلىكنىڭ ئىنسانلارغا ئىلىپ كەلگەن پالاكەتلەرنى ئەسلەش كۇپايە قىلىدۇ.
>pA9'KWs] _qqJ>E<0 ---------------------------------------------------
c}FZb$q# .{W)E (1) كائىناتنىڭ ھەرىكەت سىستېمىسى تەبىئىي قانۇن، قۇرئان ۋە ھەدىس ئارقىلىق بەلگۈلەنگەن نىزام تەشرىئىي قانۇندۇر.
^KMZB c8jq.y v (2) سۈرە نەھل: 97- ئايەت.
bx<7@ "$BWP (3) سۈرە بەقەرە: 38- ئايەت.
%fz!'C_4 "L" 6jT (4) سۈرە تاھا: 123- ئايەت.
vH#^ |u YvK8;
(5) سۈرە ھۇجۇرات: 13- ئايەت. VscEdtkd
Hd)4_
uBt
(6) سۈرە مائىدە: 14 ۋە 15- ئايەتلەر. OPwj*b:-m
;HJ|)PN5L
T!)v9L
l7P~_X_)"
مەنبە؛ ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى[ بۇ يازما ئارقۇ تەرپىدىن 2011-09-19 11:25 PM دە قاي ]