مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1527 
  •    ئىنكاس 
       8 

ئۆلۈمنىڭ ئالدى كەينىدە

قەۋەت ئاتلاش
Qapaqhenim
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.41019

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   473 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   15079 (سوم)
 ياخشى باھا:   3874 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   5921  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5287
 سائەت
دەرىجىسى:
5287 سائەت 313 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-17
ئاخــىرقىسى:2011-11-01

ئۆلۈمنىڭ ئالدى كەينىدە
C1x"q9| \`  
~]d3 f  
ئالدىنقى كۈنى بىر ئىشدىشىمىزنىڭ ئاتىسى راك كېسىلى شىپا تاپماي ئاخىرلىشىپ كەتتى. خىزمەتداش يېقىنلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن مەرھۇمنىڭ ‹‹ ئۆلۈم ›› ىنىڭ ئالدى – كەينىدە بولدۇق. بۇ جەرياندا يۈز بەرگەن بەزى ئىشلار ئۇزاقتىن بېرى ئالدىراشلىقتا ‹‹ قېتىپ ›› قالغان كاللامنى غىدىقلاپ، كۆڭلۈمدە قانداقتۇر پىكىر غەليانلىرىنى قوزغايتتى… A;06Zrf1  
رەھمەتلىك ئاز كەم بىر يىلدىن بېرى ئۆپكە راكىنىڭ ئازابىنى تارتىپ كەلگەن بولۇپ، بىز بىرقانچە ئىشداشلار تېخى جۈمە كۈنى چۈشتە كېسەلخانىغا بېرىپ يوقلاپ چىققان ئىدۇق. كېسەللىك ئەھۋالى ھەقىقەتەن ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان بولۇپ، تېببىي نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ماڭدۇرۇلىۋاتقان ئوكۇل ۋە ئوكسىگېنلا ھاياتنىڭ داۋام بولۇشىغا كاپالەت بېرىپ تۇراتتى. ئىشداشىمىز دوختۇرلارنىڭ كېسەلخانىدىن چىقىپ ئۆيدە كۈتۈۋېلىشنى ئېيتقانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ تازا بىر قارارغا كېلەلمىگەنلىكىنى ئېيتقاندا، ئارىمىزدىكىلەر ناھايىتى ‹‹ تەمكىن ›› لىك بىلەن تەقدىرگە تەن بېرىشىنى، بىمارنى ئارتۇق قىينىماي، بالدۇرراق ئارام تاپقىلى قويۇشنى ئېيتىشىپ مەسلىھەت بېرىشىتى. مەنمۇ شۇ تەرىقىدە گەپ قىلاي دېىدىمۇ، ئەمما ، بۇندىن 3 يىل مۇقەددەم مەرھۇم ئانام ئايشەمخان تۇيۇقسىز مېڭىسىگە قان چۈشۈش سەۋەبى بىلەن جىددىي قۇتقۇزۇلىۋاتقان پەيتلەرنى، دوختۇرنىڭ ئاخىرقى ئۈمىدنىڭ يوققا چىقانلىقىنى بىلدۈرگەن دەقىقلىرى ۋە شۇ دەقىقلەردە قانداقتۇر بىر مۆجىزىلەرنىڭ يۈز بېرىپ، ئانىمىزنىڭ ئارىمىزغا قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ ئاللاھقا تۈمەنمىڭلارچە ئىلتىجا قىلىپ كەتكەنلىرىمنى ئويلاپ ، بۇ نىيتىمدىن ياندىم… ;$VQRXq  
دېگەندەك ، ئۇلار ئەتىسى چۈش بىلەن ئاتىسىنى دوختۇرخانىدىن ئۆيگە ئېلىپ چىققان بولۇپ، ئۆيگە چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا كۆز يۇمغان ئىكەن. ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلاپ خىزمەتداشلار ھەممەيلەن ئىشداشىمىزنىڭ ئۆيىگە ھازىر بولدۇق. كېلىم – كېتىم بولۇپ تۇرىۋاتاتتى. شۇ كۈنى تۇنجى قېتىم ھازىدار بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ كۆرۈشكەننى ۋە ھازىدارغا چاقچاق قىلغاننى كۆردۈم. ئەجىبا كىشىلەرنڭ باغرى شۇنچە قېتىپ كەتتىمۇ، ئۆلۈمدىنمۇ چۈچىمەس بولۇپ قالدىمۇ ۋە ياكى قايسى چاغدا يىغلاش قايسى چاغدا چاقچاقلىشىپ، كۈلۈش كېرەكلىكىنى بىلمەي قالدىمۇ؟!… ' )0eB:  
كونىلار « تار يەردە پولۇ يېگىچە، كەڭ يەردە مۇشت يە » دەپ، بىكار ئېيتمىغان ئىكەن. شەھەردىكى بۇ كاتەكتەك ئۆيلەر مانا مۇشۇنداق ئۆلۈم – يېتىم، توي – تۆكۈنگە ئوخشاش چوڭراق مەرىكە – مۇراسىملاردا تولىمۇ كىچىكلىك قىلىپ قالاتتى. بۈگۈنمۇ شۇنداق بولدى. 10 – 15 ئادەم بىلەن ئۆي توشۇپ قالدى. ئاخىرى، ئامالسىز ئۆينى خوتۇن خەقلەرگە تاشلاپ بېرىپ، ئەرلەر سىرتتا تۇرۇشقا توغرا كەلدى. شۇنداقتىمۇ ، كارىدور ، پەشتاق قاتارلىق جايلار تارلىق قىلىپ، ئۆي ئىگىسىنىڭمۇ ۋە كەلگەنلەرنىڭمۇ ئىچىنى سىقىپ قويدى. 7,.3'cCL^  
ئەرلەرنىڭ بەزىسىنىڭ بېشىدا دوپپا بار بولسا، بەزىسى يالاڭباش ئىدى. بەزىسى ھازىدارغا تەسەللىي بەرگەچ ئېغىر ئولتۇرسا، بەزىلىرى نېمىگە كەلگەنلىكى ئېسىدە يوق دۇنيا پاراڭلىرى ۋە چاقچاقلار بىلەن مەشغۇل ئىدى. ئادەمنىڭ كۆپلىكى، جاينىڭ تارلىقى بىلەن كارى يوق بەزىلىرى تاماكىمۇ چېكىپ قوياتتى. كۆپۈنچە ئاياللار  ياغلىقلارنى سىموۋول خاراكتېرلىك بويۇنلىرىغا سېلىشىپ، يالغىنىغا يىغلىشىپ يېنىپ چىقىشاتتى… #Yqj27&  
بۈگۈن پېشىن نامىزىدىن كېيىن نوغاي مەسچىتىدە مەرھۇمنڭ مېيت نامىزى ئوقۇلدى. مانا تاماشا دېمەيسىز! جامائەت پېشىن نامىزىنى ئوقۇش ئۈچۈن ئالدىراش مەسچتىكە كىرىپ كېتىشەتتى. بىر قىسىم مېيت ئىگىلىرى ۋە مېيت نامىزىغا قاتنىشىشنى نىيەت قىلىپ كەلگەن كىشىلەر مەسچىت ئالدىدىكى ھويلىدا جامائەتنىڭ ناماز ئوقۇپ بولۇشىنى ساقلاپ تۇراتتى. مانا، بىر بۆلۈك كىشى مەسچىتكە كېلىدۇ – يۇ، ئەمما ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ئەمەس. پەقەت ناماز ئوقۇغۇچىلارغا مېيىتىنىڭ نامىزىنى ئوقۇتىۋېلىش ئۈچۈن، بىر بۆلۈك كىشىلەر ناماز ئوقىمايدىغانلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مېيىتلىرىنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈپ ئوقۇپ بېرەتتى… "f1`6cx6  
تېخىمۇ قىزىقى شۇكى، ھويلىدا ساقلاپ تۇرغانلار ئارىسىدىكى ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا ، كۆپىنچىسى تاھارەتسىز مېيت نامىزىغا داخىل بولىشاتتى. ھېلىقى ناماز ئوقۇمىغانلار ئارىسىدىن بولسا جىنازىنى قانداق كۆتۈرسە دۇرۇس بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى، بېشىنى قايسى تەرەپكە قارىتىش كېرەكلىكىنى بىلىدىغان بىلەرمەنلەر كۆپ ئىدى، ئۇلار توختىماي ياشلارغا بۇيرۇق سوقاتتى. ئۇلارنىڭ بۇيرۇق سوققان ھالىتى شۇنچىلىك رەسمىي تۈس ئالغانكى، ئۇلار ناھايىتى ئۇلۇغ بىر ئىبادەتكە رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقاندەكلا قىلاتتى. ھېلىقى تاھارەتسىز مېيىت نامىزىغا تۇرغانلار بولسا، جامائەتنىڭ چىقىشى بىلەن تەڭ سەپراس بولۇشۇپ، ئالدىراش سەپكە تىزىلىشاتتى. يانلىرىدىكى  كىشىلەرنى بولسا نوقۇشلاپ سەپتە رۇس تۇرۇشلىرى كېرەكلىكىنى ئىشارىلەپ تۇرۇشاتتى… (>LJv |wn  
مېيىت نامىزىنى ئۈرۈمچى دىنىي ئاممىسىغا مەشھۇر شېرىپ داموللىنىڭ ئوغلى ئوقىدى. نامازدىن ئاۋۋال قىسقا ئەمما مېغىزلىق ۋەز – تەبلىغ قىلىندى. – ‹‹ بۈگۈن مانا مۇشۇ مەرھۇمنىڭ مېيت نامىزىغا ھازىر بولغانلار ئېسىمىزدىن چىقىرىپ قويمايلىقكى، بىزمۇ ھامان ئۆلۈپ كېتىمىز، جەزمەنكى ھاياتىمىزنىڭ بىر خۇلاسىسى بولىدۇ. ياخشى – ياماننىڭ بىر جاۋابى بولىدۇ، ھەممەيلەن ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ مۇقەررەرلىك ھەققىدە ئوي سۈرەيلى …›› . مەرھۇمنىڭ ھاياتىغا ئارتۇقچە باھا بېرىلمىدى. پەقەت ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىلىك كەسپى بىلەن مەشغۇل بولغانلىقى ۋە ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ كەسپنىڭ ھەر ئىككى دۇنيادا ئۇلۇغ سانىلىدىغان كەسپ ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ كەتتى. ئىلگىرى مەن قاتناشقان بەزى مېيت نامازلىرىدا مەرھۇم ئۇنداق مۇسۇلمان، بۇنداق مۇسۇلمان ئىدى دەپ، مەرھۇمنىڭ كىشىلىكىگە باھا بېرىلەتتى. ئەمما، بۇ قېتىم بۇ خىل باھا بېرىش ئاللاھنىڭ ئۆزىگە قالدۇرۇلغاندەك قىلاتتى … vmY 88Kx&S  
شۇنىڭ بىلەن مېيت نامىزى ئاخىرلىشىپ، مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا مەرھۇمنى يەرلىكىگە قويۇش ئۈچۈن يول ئالدۇق. مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا كېلىپ، شۇنى ھېس قىلدىمكى بۇ يەر نەچچە يىل ئاۋۋالقىدىن نەچچە ھەسسە زورىيىپ كەتكەن بولۇپ، زۇمچەك – زۇمچەك قەبرە – گۈمبەزلەر بىلەن بۆلەكچە ئاۋاتلىشىپ كەتكەن ئىدى. تاماشا يالغۇز بازاردا ئەمەس مانا مۇشۇنداق مازاردىمۇ ئۆزگىچە تاماشا بارىكەن دېمەيسىز. قەبرىلەرنىڭ بەزىلىرى تولىمۇ ياسىداق بولسا، بەزىلىرى تولىمۇ ئاددىي ئىدى… ماشىنا قەبرىستانلىقنىڭ ئىچىگە قاراپ خېلى ئۇزاق ماڭغاندىن كېيىن يېڭى ئېچىلغان قەبرە رايونىغا يېتىپ كەلدۇق. بۇ رايوندىكى قەبرىلەر بولسا بىردەك ئوخشاش قېلىپ، ئوخشاش شەكىلدە ياسالغان ئىدى. دەل مۇشۇ تېمىدا سورۇندىكىلەر سۆھبەت باشلىدى: 5Nt40)E}sN  
- ھۆكۈمەت قەبرە سېلىشتىكى قالايمىقانچىلىك ۋە ئىسراپچىلىقنى توسۇش ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق  چارىنى چىقارغانمىش. ھەرقانچە كاتتا ياسىغۇمىز بولسىمۇ ياسىغىلى قويمايمىش. DJ!<:9FD  
- ھەببەلى، ئەسلى زادى مۇشۇنداق قىلىش كېرەك. ئۆلگەندە بولسىمۇ باراۋەر بولۇش كېرەك… &>YdX$8x  
- ھەرقانچە ياسىغان بىلەن ئۆلگۈچىگە بىر تيىنلىق پايدىسى يوق، پەقەت پالان – پۇستانچىلار ئاتىسى ياكى ئانىسىنىڭ قەبرىسىنى مۇنداق ياساپتۇ دەپ، يەنىلا ھاياتلار ئۈچۈن ئەھمىيتى بولۇشى مۇمكىن. ~+HZQv3Y  
- گوڭچەنداڭنىڭ كاللىسى زادى ئىشلەپ قويىدۇ – جۇما ، بوپتۇ ما ئىشى. بولمىسا بىز خەق بەس تالىشىپ ، تاپقان تەرگىنىمىزنى قەبرىلىرىمىزگە خەجلەپ بولىمىز… 3SeM:OYq]s  
- توختاڭلار دەيمەن، ئۇنچىۋالامۇ ئەمەستۇ، بۇنىڭ مەقسىتى پۇل تېپىش دەيدىغۇ؟ مۇشۇ ئۆلچەملىك قەبىرلەرنىڭ ھەر بىرى 5000 يۈەنمىش ، تېخى لازىم بولغاندا تاپالمايسىزكەن، يولىڭىز بولمىسا ئالالمايسىزكەن GY~Q) Z  
- نېمە 5000 مېڭ كوي؟! ئۆي ئالايمۇ ، ئۆيلىنەيمۇ دەۋاتاتتى خەق. ئەمدى ئۆلۈۋالايمۇ دېسە بولامدۇ نېمە؟ Gy3t   
- شۇ ، شۇ ! يا ئۆي ئالغىلى بولمىسا، قەبرە مۇنداق قىممەت بولسا، بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە ئۆلۈپ قالمىساق بولغۇدەك  جۇما N!TC}#}l  
….. )[Bl3+'  
مېيتنى تۇپراققا قويغۇچە ئارىلىقتىمۇ ھېلىقى تاھارەت ئالماي مېيت نامىزى ئوقۇغانلار ‹‹ يول كۆرسىتىپ ›› تۇرغان بولدى. ئارىدا بىر مويسىپىت كىشى تۇپراق بېشىدىكى تەبلىغنى باشلىدى. V+Tu{fFF7E  
- ئەي خالايىق! بىز شۇ تاپتا مەرھۇمنىڭ تۇپراق بېشىدا ئۇنىڭ بىلەن ۋىدالىشىپ تۇرۇپتىمىز. شۇنى بىلىپ قويايلۇقكى، بىز ھەممەيلەن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىلارمىز. ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز، مەنمۇ ئۆلۈپ كېتىمەن. بارىدىغان يېرىمىز مۇشۇ قېرىندىشىمىز كىرگەن 2 گەز تۇپراق بولىدۇ. بىر تارتىشقان دۇنيا شۇ پېتى قالىدۇ. ھەممىدىن ئايرىلىپ مانا شۇ مەرھۇمدەك تۇپراققا كىرىپ كېتىمىز. شۇڭا بىز ھاياتنى قەدىرلىشىمىز ، ھاياتتا كۆپرەك ياخشى ئىش قىلىشىمىز، ناچار – گۇناھ ئىشلاردىن ساقلانمىقىمىز لازىم… e=).0S`*F  
يەنە بىر گەپ، مۇشۇ جايدا، يەنى قەبرىگە كۆمۈلگەندىن باشلاپ بارچە تىل، ئۇيغۇر تىلىمۇ، خەنزۇ تىلىمۇ، ئېنگىلىز تىلىمۇ كۈچتىن قالىدۇ. ھېساب ئەرەب تىلىدا ئېلىنىدۇ. ھە، شۇنداق!  بۇ جايدا پەقەت ئەرەب تىلى يەنى قۇرئاننىڭ تىلى ئىشلەيدۇ. شۇڭا، ھاياتلىرىمىز ناماز ئوقۇپ، ئايەت كەلىمىلەردىن يادىلاپ قويايلى. بولمىسا، ماۋۇ جايدا ھېساب بېرەلمەي قالىمىز… ھېساب مۇنداق بولىدۇ، مۇنكىر ۋە نەكىر دەپ ئىككى پەرىشتە كېلىدۇ … hk7kg/"  
تەبلىغ بىر ئوبدان داۋاملىشىۋاتاتتى، تۇيۇقسىز  بىر ياش قارى تازا يۇقىرى ئاۋازدا قىرائەتنى باشلىۋەتتى. بۇ نېمە ئىش بولۇپ كەتتى دەپ بولغۇچە، ھېلىقى مۇيسىپت كىشى ياش قارىغا ئالايغىنىچە جايىغا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، قۇرئان تىلاۋىتىگە قۇلاق سالدى. قىرائەت تولىمۇ مۇڭلۇق بولدى. ھېلىقى ياش قارىمۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قىرائەت قىلدى. قىرائەت ئاخىرلىشىپ، باشقىلار ھېلىقى مويسىپېت كىشىگە دۇئا قىلىپ بېرىشنى ئۆتۈندى، ئۇياق دۇئاغا قول كۆتۈرىۋېدى، بۇ ياقتىكى ياشمۇ ئامىن دەپ توۋلاپ دۇئاغا قول كۆتۈردى. ياشمۇ ، قېرىمۇ ئۈنلۈك دۇئا قىلىۋاتاتتى، مەن زادى قايسىسىغا  « ئامىن » دېيىشنى ئۇقالماي، ئۇدۇل كەلگىنى ھېساب بولسۇن دەپ، بولۇشىغا دەۋەردىم. ياشنىڭ دۇئاسى تۈگىمەستە، قېرىسى دۇئانى ئاخىرلاشتۇردى ، جامائەت تولىمۇ تەڭقىسلىقتا قالدى. تۇپراق بېشىغا 10 غا يېقىن دىنىي زات چىققان بولۇپ، بارلىق ئىشلار تامام بولۇنغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئايرىم – ئايرىم كونۋېرتلاردا پۇل قويۇلدى. ئۇلارنىڭ كونۋېرتلارغا تەلمۈرگەندىكى تۇرقىغا قاراپ شۇنچىلىك بىئارام بولۇپ كەتتىم… "h84D&V  
تۇپراق بېشىدىن قايتقاچ، بىرەيلەن يەنە بىرەيلەندىن قېرى بىلەن ياش موللىنىڭ ئىشىنى سوراپ قالدى. mT3'kUZ}]  
- بۈگۈن قاملاشمىدىمۇ بىر – بىرىگە يول قويماي، ياش قارى بولسىمۇ چوڭغا يول قويسا بولمامدۇ دەيمەندە؟! "L)=Y7Dx  
- ھەممىسى بايام قويغان كونۋېرىت ئۈچۈن، قىرائەت قىلغان، تەبلىغ قىلغان، دۇئا قىلغانلارغا ئارتۇقراق بېرىلىدىغان گەپ، شۇڭا نۆۋەتنى باشقىلار ئىگىلەپ كەتمىسۇن دەپ شۇنداق قىلىشىدۇ … gWK NC  
- بۇنداق بولۇپ كەتسە، جامائەتنىڭ ئارىسىدا قانداقمۇ نوپۇزى بولسۇن، ئۆزلىرىگىغۇ مەيلى، ئەمما مۇبارەك دىنىمىزنىڭ يۈزىگە سەت ئەمەسمۇ؟ بىر قىسىم ياشلارغا بولۇپ بەرمەسمۇ ؟! #A@d;U%  
- ئامال يوق ئۇكا، ھەممەيلەن ئۆلۈپ كېتىمىز دەپ ۋەز سۆزلەشنى بىلىمىز، ئەمما شۇ سۆزلىگەن كاناينىڭ ۋەسۋەسىدىن كېچەلمەيدىغان ئىش ئىكەن  … sT;:V  
mD]^a;U[X  
N+V_[qr#  
مەنبە: يۈكسەل بىلوگى
"A ayU  
g:&V9~FR  
}vof| (Yh  
[ بۇ يازما Eltekin تەرپىدىن 2011-09-19 11:27 PM دە ق ]

تېما تەستىقلىغۇچى : Eltekin
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-09-19, 23:32
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
ھاياتنىڭ مەنىسى سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشيۇر!
يەنى ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈلۈشتۇر !
kokatirgol
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.44007

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   80 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   477 (سوم)
 ياخشى باھا:   111 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1039
 سائەت
دەرىجىسى:
1039 سائەت 1 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-03
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-20

بۇنداق پايدا -مەنپەئەت ئۈچۈن ئەدەپ -ئەخلاق ،ھۆرمەتنى قايرىپ قۇيدىغانلار قاچانمۇ تۆگەر ... |vZ\tQ  

 
natik
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.49057

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   516 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4641 (سوم)
 ياخشى باھا:   1170 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1095  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 808
 سائەت
دەرىجىسى:
808 سائەت 92 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-25
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-20

يەلكىن 5000  كويغا ئالساق  راسلائۆلسەك  بولمايدىكەن  جۇما
 
TOGRAKPADIXASI
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36104

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1486 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8894 (سوم)
 ياخشى باھا:   532 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   164  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3358
 سائەت
دەرىجىسى:
3358 سائەت 142 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-02
ئاخــىرقىسى:2011-10-10
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-20

پايدا -مەنپەئەت ئۈچۈن .......................
 
pazilat2004
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.49804

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   365 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   11497 (سوم)
 ياخشى باھا:   2533 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   3688  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1936
 سائەت
دەرىجىسى:
1936 سائەت 154 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-31
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-20

بۈگۈن پېشىن نامىزىدىن كېيىن نوغاي مەسچىتىدە مەرھۇمنڭ مېيت نامىزى ئوقۇلدى. مانا تاماشا دېمەيسىز! جامائەت پېشىن نامىزىنى ئوقۇش ئۈچۈن ئالدىراش مەسچتىكە كىرىپ كېتىشەتتى. بىر قىسىم مېيت ئىگىلىرى ۋە مېيت نامىزىغا قاتنىشىشنى نىيەت قىلىپ كەلگەن كىشىلەر مەسچىت ئالدىدىكى ھويلىدا جامائەتنىڭ ناماز ئوقۇپ بولۇشىنى ساقلاپ تۇراتتى. مانا، بىر بۆلۈك كىشى مەسچىتكە كېلىدۇ – يۇ، ئەمما ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ئەمەس. پەقەت ناماز ئوقۇغۇچىلارغا مېيىتىنىڭ نامىزىنى ئوقۇتىۋېلىش ئۈچۈن، بىر بۆلۈك كىشىلەر ناماز ئوقىمايدىغانلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مېيىتلىرىنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈپ ئوقۇپ بېرەتتى… Nd!VR+IZ   ?W1( @.  
تېخىمۇ قىزىقى شۇكى، ھويلىدا ساقلاپ تۇرغانلار ئارىسىدىكى ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا ، كۆپىنچىسى تاھارەتسىز مېيت نامىزىغا داخىل بولىشاتتى. ھېلىقى ناماز ئوقۇمىغانلار ئارىسىدىن بولسا جىنازىنى قانداق كۆتۈرسە دۇرۇس بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى، بېشىنى قايسى تەرەپكە قارىتىش كېرەكلىكىنى بىلىدىغان بىلەرمەنلەر كۆپ ئىدى، ئۇلار توختىماي ياشلارغا بۇيرۇق سوقاتتى. ئۇلارنىڭ بۇيرۇق سوققان ھالىتى شۇنچىلىك رەسمىي تۈس ئالغانكى، ئۇلار ناھايىتى ئۇلۇغ بىر ئىبادەتكە رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقاندەكلا قىلاتتى. ھېلىقى تاھارەتسىز مېيىت نامىزىغا تۇرغانلار بولسا، جامائەتنىڭ چىقىشى بىلەن تەڭ سەپراس بولۇشۇپ، ئالدىراش سەپكە تىزىلىشاتتى. يانلىرىدىكى  كىشىلەرنى بولسا نوقۇشلاپ سەپتە رۇس تۇرۇشلىرى كېرەكلىكىنى ئىشارىلەپ تۇرۇشاتتى… F"xO0t   r^n%PH <  
مېيىت نامىزىنى ئۈرۈمچى دىنىي ئاممىسىغا مەشھۇر شېرىپ داموللىنىڭ ئوغلى ئوقىدى. نامازدىن ئاۋۋال قىسقا ئەمما مېغىزلىق ۋەز – تەبلىغ قىلىندى. – ‹‹ بۈگۈن مانا مۇشۇ مەرھۇمنىڭ مېيت نامىزىغا ھازىر بولغانلار ئېسىمىزدىن چىقىرىپ قويمايلىقكى، بىزمۇ ھامان ئۆلۈپ كېتىمىز، جەزمەنكى ھاياتىمىزنىڭ بىر خۇلاسىسى بولىدۇ. ياخشى – ياماننىڭ بىر جاۋابى بولىدۇ، ھەممەيلەن ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ مۇقەررەرلىك ھەققىدە ئوي سۈرەيلى …›› . مەرھۇمنىڭ ھاياتىغا ئارتۇقچە باھا بېرىلمىدى. پەقەت ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىلىك كەسپى بىلەن مەشغۇل بولغانلىقى ۋە ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ كەسپنىڭ ھەر ئىككى دۇنيادا ئۇلۇغ سانىلىدىغان كەسپ ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ كەتتى. ئىلگىرى مەن قاتناشقان بەزى مېيت نامازلىرىدا مەرھۇم ئۇنداق مۇسۇلمان، بۇنداق مۇسۇلمان ئىدى دەپ، مەرھۇمنىڭ كىشىلىكىگە باھا بېرىلەتتى. ئەمما، بۇ قېتىم بۇ خىل باھا بېرىش ئاللاھنىڭ ئۆزىگە قالدۇرۇلغاندەك قىلاتتى … :,m)D775S   M'$n".,p  
A &~G  
------------------------------------------------------------------------------------------- \,!FL))yC  
مەن  تېما  مەزمۇنىنىڭ  يۇقارقى  قىسمىنى   قايتا  -  قايتىلاپ   ئوقۇپ  چىقتىم  ،  كاللامنى  مۇنۇ  سۇئال   چىرمىۋالدى   ،  بىزدىكى  ناماز   دەپنە   ئىشلىرى   ئەمدى  مۇشۇ  ھالغا   چۈشۈپ  قالدىمۇ        ؟؟؟؟؟؟؟  
 
ARZUY
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.37344

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   442 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3325 (سوم)
 ياخشى باھا:   533 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   548  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3067
 سائەت
دەرىجىسى:
3067 سائەت 173 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-12
ئاخــىرقىسى:2011-10-31
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-20

مەيلى بىز نەدىلا ئۈلۈپ  كىتەيلى قەبرىنىڭ تېشىدا بولسۇن v*7}ux8  
ئىچىدە  بولسۇن ئاللاھنىڭ  ئالدىغا  بارىمىز  شۇنىڭ  ئۈچۈن P#\L6EO.  
قەبرىنىڭ  قانداق  بۇلىشىغا گۆرنىڭ تېشىدا -ياكى ئىچىدە wQgW9546  
قېلىشنى ئويلىماي ئىبادەتنى كۆپرەك قىلىشىمىز ،ساۋاپلىق  ئىشلارنى G4{ zt3{  
قىلىشتىن باش  تارتماسلىغىمىز  كىرەك .بۇ دۇنيادىكى  تاپقان مال  دۇنيارىمىز *>h"}e41  
قىيامەت كۈنىدىكى ئازاپ  ئۇقىبەتكە دال  بۇلالمايدۇ !!!!!!!!! 8G; t[9  
شۇڭا ھايات ۋاختىمىزدا ئاخىرەت ئۈچۈن ئومدان تەييارلىق  قىلىپ  قۇيايلى قېرىداشلا!!!!!!!!!!
 
تەڭ ئىدۇق ئىككىمىز تەڭرى ئالدىدا ،
ۋەلىكىن تەڭ ئەمەس  دەۋىر ئالدىدا.
كۈرەڭلەپ  كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن ،
ئاخىرى  تەڭ  بۇلىمىز  قەبرە ئالدىدا .
dolantograk004
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.52340

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   175 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1590 (سوم)
 ياخشى باھا:   459 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   495  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1578
 سائەت
دەرىجىسى:
1578 سائەت 122 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-20

نىمە دىسەك بۇلار   ھەي،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
 
كۆپرەك  دوستۇم بولسا
سابا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3506

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   317 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8345 (سوم)
 ياخشى باھا:   326 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   362  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2348
 سائەت
دەرىجىسى:
2348 سائەت 172 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-07
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-20

بۇ يەردە ياش قارىينىڭ كاللىسىدىن ( شەرىئەت ئەھكاملىرىغا قارىتا بىرەر خۇراپىي قاراشتىكى گەپ سۆزلەر ) ئۆتمەيدىغان بىر گەپ بولۇنغان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ئاۋۇ ياشانغان قارىينىڭ گېپىنى بۆلىۋىتىشكە توغرا كەلگەن بولىشىمۇ مۇمكىن، قۇرئان تىلاۋەت قىلىنغاندا چوقۇم جىمجىت تۇرۇپ ئاڭلاش ۋە ئاڭلىغانغا ئەمەل قىلىش پەرز، شۇڭا ئاۋۇ ياشانغان كىشىمۇ گەپ قىلالماي ئولتۇرغان گەپ.   ۋاللاھۇئەئلەم!  گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن يا رەببىم!
 
ئاياللارغا خاس ئەڭ گۈزەل ۋە قەدىرلىك بېزەك ئىپپەتتۇر . ئىپپىتى يوق ئايال نۇرسىز ، يالىڭاچ گەۋدىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
adil2052103
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.14887

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1321 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   107 (سوم)
 ياخشى باھا:   1200 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   824  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5321
 سائەت
دەرىجىسى:
5321 سائەت 279 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-22
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-20
7قەۋەتتىكى(سابا) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش

مەن چىمۇ شۇنداقتەك    بىلگۈچى ئاللاھ
 
ئۆلدى دەپ بىلىڭلار ئېلىمدىن كەچسەم،  
جاھالەت باسىدۇ بىلىمدىن كەچسەم،  
ئۇيغۇر تىزىمىدىن ئۆچۈرۈڭلار مېنى،  
جان ئانام ئۆگەتكەن تىلىمدىن كەچسەم!
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى