-
تىزىم نۇمۇرى:42180
-
- تىزىم ۋاقتى:2011-05-26
- ئاخىرقى كىرگىنى2011-11-06
- تور ۋاقتى:1085سائەت
-
-
بىلوگدوستلاشقورال
|
—
بۇ تېمىنى Misranim2 نەسىرىي ئەسەرلەر دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2011-09-19)
—
|
|
|
|
ئۇيغۇرغولدىن تەكشۈرۈش خاتىرىلىرى d Y`P ئابلاجان يۈسۈپ تەھۇر 9
!V,++j ~9c jc R{q ئۇيغۇرغولغا ئاتلىنىش `_(N(dm Dp^6|T* HU ئايرىلغىلى يېرىم يىلدىن ئاشقان دىيارىمغا قاراپ ئاتلانغىلۋاتىمەن. ئانا يۇرتتىكى تونۇش ھېس، تونۇش پۇراق، تونۇش سېزىملاردىن قايتا بەھىرلەنگىلۋاتىمەن. بىزنى تۇغۇپ تەربىيلىگەن دىيار، ئۆزىنىڭ كەڭرى قۇچىقىغا ئېلىپ بىزنى بۈيۈتكەن ئوچاق. بىز ئۈچۈن تاۋاپگاھ بولغان دىيار، بىزنىڭ ھەممە نەرسىمىز ئۇنىڭ قوينىغا مۆكۈنگەن. بىز ئۇنىڭغا چەكسىزلىكتە تەلپۈنىمىز. چوڭقۇر ھۆرمەت، سېغىنىشتا ئىنتىلىمىز. ئۆزۈمنى، ئۆزلۈكۈمنى تېپىپ ئېلىش ئۈچۈن، يەنە بىر قېتىم سەرسانلىقتا قالغان روھىمنى دىيارىمنىڭ ئوت كەبى ئىسسىق تەپتىدە پاكلاپ، ئۆز ئوربېتىسىغا كىرگۈزمەك بولۇپ، ئانا دىيارىمغا ئاتلانماقچىمەن. بىلىمەن، سەپەر قانچىلىك ئۇزۇن، قانچلىك زېرىكىشلىك، قانچىلىك مۇشەققەتكە تولغان بولسا ھەم ۋەتەن ئىشقى، ۋەتەن سېغىنچى ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرغان. چوقۇم قايتىش كېرەك دېگەن ئوينىڭ تۈرتكىسىدە ئانا دىيارىمغا يۈرۈپ كەتمەكچىمەن، خۇددى ئۇچۇرما بولغان قارلىغاچمۇ ئاخىرى بېرىپ ئۆز ئۇۋىسىغا چۈشكەن پەدىدە مەن ئۇچۇرما بولمىغان بولساممۇ، دىيارىمنىڭ ئىللىق ھىدىدىن بەھىرلەنسەم، ئۆزۈمنى تولىمۇ شاد سېزىمەن مۇشۇ پەيتلەردە. دەھشەت ئىسسىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۆز ھارارىتى بىلەن مېنى كۆيدۈرسىمۇ ئۆز يۇرتۇم سالقىن شامال ئېسىپ تۇرغان بۇ يات شەھەردىن مىڭ ياخشى. ئىسسىق بولسا ھەم ئۆز يۇرتنىڭ ئۆزگە،-دە. مەن دىيارىمنى كۆرىمەن. ئۇ يەردە قالغان دوستۇ-بۇرادەر، قان-قېرىنداشلىرىم بىلەن جەم بولۇپ، گۆدەكلىكىمدىكى تاتلىق ئەسلىمىلەر بىلەن تولغان شۇ شېرىن دەملەر قوينىغا غەرق بولىمەن. ئۇيغۇردىن ئۇزاقلىشىۋاتقىنىغا قارىماي ھەممە يېرىدىن ئۇيغۇر دەپ توۋلاۋاتقان شەھەر كوچىلىرى بىلەن، ئۆي-ئىمارەتلىرى بىلەن تېخىمۇ مۇھىمى يۇرتتا قالغان ئۆز قەۋمىم بىلەن دىدارلىشىمەن. يېشىللىققا پۈركەنگەن، بەك ئىسسىپ كەتسە يامغۇر ياغدۇرۇپ ئىللىتىپ قويىدىغان بۇ شەھەردە نېمىلەر يوقاتقان بولسام، يەنە شۇنىڭدەك نېمىلەرگىدۇ ئېرىشتىم. ئەلۋەتتە پۇشايمان يوق. بىراق بەزىلەر تەرىپىدىن «ئوت ماكانى، دوزاخ» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان، ئۆز ئېكولوگىيەسىنى تەڭشەش ئىقتىدارىدىن بارغانسېرى مەھرۇم قېلىۋاتقان شۇ ئانا ماكان ماڭا يەنىلا جەننەت مىسالى، سۈنئىيلىكتىن ئۇزاق، تەبىئىيلىك ئىچىدە ياشناۋاتقان ھاياتى بىلەن قەدىرلىك. خەير بۇ جايدىكى گۈزەللىكلەر گۈزەلچە قېلىڭلار، يۇرتۇمغا بەرمىگەن سالىمىڭلارنى ئېلىپ بارىمەن، خاتىرجەم بولۇڭلار. ئەي ئانا دىيار، نېمىلەرنى ساقلاپ قويغانسەن پەرزەنتىڭگە «سالاملىق» دەپ؟؟؟؟؟؟؟ U9"Ij}
i wI} 8$38>cGY^ ئۇيغۇرغولدا n_4BN
OZ~ c!] yT0v&s پويىزدىكى مىڭبىر جاپالارنى تامام قىلىپ، يۇرتىمىز مەنزىلىگە يېتىپ كەلدۇق. پويىزدىن چۈشكىنىمىزدە دىمىقىنىمىزغا ئۇرۇلغىنى ئۇيغۇرغولنىڭ ئىسسىق ۋە دىمىق ھاۋاسى ئەمەس، سالقىن، جانغا يېقىشلىق سەھەردىكى سۆرۈن ھاۋا بولدى. ماشىنا كېتىپ بارىدۇ. ماڭا تونۇش قومۇل كوچىلىرى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولماقتا. /~P4<1 قومۇلنىڭ تارىخى، مەدەنىيەتى ھەققىدىكى ئويلىرىم كۆز ئالدىمدىكى قومۇل مەنزىرىلىرى بىلەن تېخىمۇ قانات يايماقتا. «قومۇلنىڭ بۇرۇنقى نامى伊吾卢 يەنى ئۇيغۇرغول» ـــ ئىۋىرغول ـــ تارىخنىڭ ئەڭ قەدىمىي سەھىپىلىرىگە پۈتۈلگەن شۇ دەملەردىلا ئۇيغۇرنىڭ نامى بىلەن خاتىرىلەنگەن يۇرت. شامان دىنى مەركەزلىرىدىن بولۇش سۈپىتىدە «قام ئىل» ــ قام(شامان، كاھىن، ھېكىم؛ دانىشمەن مەنىسىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇرچە سۆز)لار ئېلى نامىنى ئالغان. «قامىل (خەنزۇچە 哈密)ـــ قامۇل ـــ قومۇل» نامى موڭغۇللار ھۆكۈمرانلىقىنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئومۇملاشقان ۋە بۈگۈنگە شۇ تەرىقىدە ئۇلاشقان. تارىختىكى شەرق بىلەن غەرب ئارىلىقىدىكى سودا، مەدەنىيەت، ئۇرۇش بۇ جايدىن ئاتلاپ ئۆتەلمىگەن، بۇنىڭ بىلەن ئۆزگىچە يەرلىك مەدەنىيەتكە ساھىب بولغان بۇ خاسىيەتلىك ماكان كۆپ خىل مەدەنىيەتتىن ئۆز ئۈلۈشىنى ئالغان. ئۈچ يۈز يىللىق قومۇل ۋاڭلىرى ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدىكى بېكىنمىچىلىك سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە ئۆز خاسلىقىنى، بولۇپمۇ قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيەتى تەركىبلىرىنى ساقلاپ قالغانلىقى بىلەن بىز ئۈچۈن قەدىرلىك بولغان ماكان. بۇ يۇرتنىڭ جۇغراپىيەلىك چېگرىسىنىڭ كەڭرىلىكى ئۇنىڭ مەدەنىيەت تەركىبلىرىنىڭ كۆپ خىللىقىنى بەلگىلىگەن. بۇ خىل كۆپ خىل مەدەنىيەت ئۇيغۇر مەدەنىيەتىنى تەشكىل قىلغۇچى مۇھىم تەركىبلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخ، مەدەنىيەتىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك مەنبەلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇ مەدەنىيەتنىڭ ھەقدارلىرى بولۇشىمىز ئەڭ ئاۋۋال بىزنىڭ ئۇنى چۈشىنىشىمىزنى، تەتقىق قىلىشىمىزنى، باشقىلارغا ئاڭلىتىشىمىزنى شەرت قىلىدۇ. بۇ خىل كەڭ زونىغا تارقالغان كۆپ خىل مەدەنىيەتنى بىلىش ھەرگىزمۇ ئىككى-تۆت تال كىتاب كۆرۈش بىلەن ئەمەلگە ئاشمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن قومۇلنىڭ تىل ئادىتى بويىچە «بەش شار، ئون ئىككى تاغ»نى كۆرۈپ، ھەر شار، ھەر تاغلارنىڭ يەرلىك مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنى تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش كېرەك. قومۇل ـــ ئۇيغۇرغولنىڭ جاي-جايلىرىغا بېرىپ تىل، فولكلور، تارىخ، مەدەنىيەت كۆپ قىرلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش بۇ مېنىڭ ئۇزۇندىن بېرى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ كەلگەن نىشانىم... خىياللىرىم تامامىغا يەتمەي تۇرۇپلا، ئىشىك ئالدىمىزغا كېلىپ قالدۇق. ئاددىي، ئەمما مېھرى ئىسسىق، ئۆزگە يۇرتتا كۆزگە گۈل كۆرىنىدىغان ئۆيلەر. يېشى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، بىراق بىزنى، بالىلىرىنى دەپ جاپانى كۆپ تارتىپ، پېشانىسىنى قورۇق بېسىپ كەتكەن تولىمۇ مېھىرلىك كۆزلىرى، جاننى لال قىلغۇچى سۆزلىرى بىلەن يۈرەكلەردىكى ئوتنى يالقۇنجاتقۇچى ئانام، بىز ئۈچۈن ھاياتىمىزغا ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتلەردىن تۈۋرۈك بولغۇچى ئۇلۇغ ئىنسان ئاتام، بىز ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنىڭ دەسلەپكى سەھىپىلىرىدىلا ئاز بولمىغان قۇربانلىقلارنى بەرگەن، ئاقكۆڭۈل، كۆيۈمچان ئاكام، كىچىك بولسىمۇ ھاياتنىڭ ئاچچىق سوغۇقلىرىنى ھېس قىلىشقا ئۈلگۈرگەن سىڭلىم ـــ ئۇلار ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ھەيرانلىق ئىلكىدىكى نەزەرلىرىدە ماڭا بېقىپ، سېغىنىش ئىچىدە قالغان ھېسسىياتلىرىنى قەلبتىن قەلبكە تارقىغان، تىل بىلەن تەسۋىرلەشكە ئاجىزلىق قىلىدىغان قانداقتۇ ئىنسانىي سېزىملار ئىچىدە ئىپادىلەپ بېرىشتى. ئۆي بىلەن ئېتىز ئارىسىدا ئۆتكەن دەملەردە ئائىلىمىزنىڭ ئىللىق قوينىدا ئاتا-ئانا، قېرىنداشلىق مۇھەببىتىدىن قانغۇچە لەززەت ئالدىم. بىراق، ئۇيغۇرغولنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشتەك ئارزۇيۇم ھېچ خىيالىمدىن كەتمىدى. oWBjPsQ تەلىيىمگە مەلۇم سەۋەبلەر باھانىسىدا دىيارىمىزنىڭ شەرقىي ئېتىكىدىن ئورۇن ئالغان بۇ باغرى كەڭ يۇرتنىڭ جاي-جايلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈش پۇرسىتى چىقىپ قالدى. قومۇلدا تۇغۇلۇپ، بۇ يۇرتتا ھاياتىمنىڭ 15 يىلىنى ئۆتكۈزگەن بولساممۇ، لېكىن قومۇلنىڭ مەركىزىي بولغان شەھەرئىچى يېزىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىر نەچچە كىچىك يېزا-بازارلاردىن باشقا جايلارنى كۆرۈش، تەكشۈرۈش ھېچ نېسپ بولمىغان ئىدى. يازلىق تەتىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەملىرىدە تاساددىپىي ھالدا بۇ قىممەتلىك دەملەرگە مۇيەسسەر بولدۇم. ۋەتىنىمدىكى ھەقىقىي گۈزەللىكلەر، ئايرىم ئەنئەنە-ئادەتلەر بۇ يېزا-قىشلاقلاردا بۈگۈنگىچە ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كېلىۋېتىپتۇ، چەكسىز ھاياجانغا چۆكتۈم. تۆمۈر خەلىپە، خوجىنىياز ھاجىلار ئۆز ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ، ئەلگە كەلگەن ياۋغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلانغان تاغ-ئېدىرلار كۆز ئالدىمدىلا تۇرغىنىدا بۇ خاسىيەتلىك زېمىنلارغا ئۆز قەدىمىمنى قويالىغىنىمدىن چەكسىز غۇرۇرلاندىم. ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، قومۇلنىڭ بەش شار، ئون ئىككى تاغلىرىغا قىلىنغان بۇ قىسقىغىنە تەكشۈرۈش خاتىرىسىدىن سىزمۇ نەلەگىدۇر مۆكۈنىۋالغان ئاللىقانداق ھېسلىرىڭىزنى تېپىپ ئالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس. O;m [ 51`*VR]`K قارا دۆۋە، لاپچۇقتا بىر كۈن
bRI `ZT0 q5~"8]Dls قارا دۆۋە بىزگە ناھايىتى سېھىرلىك بىلىنىدىغان بىر يۇرت. ئىلگىرى قانداقتۇر ئىڭغىرچاق ۋە بويۇنچاق سوقۇشتۇرۇشتەك جودا پائالىيەتلىرى ۋە سىرلىق ئەسكىشار خارابىلىرى بىلەن ئەل ئىچىدىكى تۈرلۈك قورقۇنچلۇق ھېكايىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى مەنبە بولغان بۇ قەدىمىي دىيار ھەققىدە ئاجايىپ پاراڭلارنى ئاڭلايتتۇق. بۇ قېتىم ھەم بەكلا ئۇزۇن تۇرالمىغان بولساقمۇ، شۇنداقلا قارا دۆۋىنىڭ ئۆزىدە تۈزۈك-مۈزۈك زىيارەتلەر ئۇيۇشتۇرالمىغان بولساقمۇ، بىراق قەدىمىي پۇراقتىكى ئۆيلىرى، ئوچۇق ۋە مەردانە كىشىلىرى، ئېغىزدا قالغۇدەك ئۈزۈم ۋە چىلانلىرى، يېڭىدىن قايتا مىللىي ئۇسلۇبتا سېلىنىۋاتقان يېزا بازىرى قەلبىمىزدىكى سوئاللىرىمىزغا چالا-پۇچۇق بېرىلگەن جاۋابى تەرىقىسىدە بىزنىڭ بۇ قەدىمىي يۇرتقا بولغان قىزىقىشىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇرۋەتتى. قارا دۆۋىدىن چىققان نەچچە مىڭ يىللىق ئادەم ــ بىزنىڭ ئەجدادىمىز، ئەسكىشار خارابىسى شۇ كۈنى بىزنى كۈتۈۋالغان قۇم-بورانغا ئوخشاش تارىخنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدىن ئېشىپ قالغان، ئەنە شۇ ئەجدادىمىز ياراتقان مەدەنىيەتنىڭ كىچىككىنە ئىزنالاردىن ئىبارەت. ئامال قانچە، بىزمۇ شۇ بوراننىڭ كاساپىتىدىن قارا دۆۋىنىڭ ۋىسالىغا تولۇق يېتەلمەي، ناجى شەھىرى ــ لاپچۇققا يۈرۈپ كەتتۇق. قارا دۆۋە يېزىسىنىڭ تۆۋەينىگە جايلاشقان بۇ كىچىككىنە كەنتنىڭ قەدىمدىن بېرى قارا دۆۋە بىلەن بولغان سۇ ماجرالىرى قومۇللۇقنىڭ ئاغزىدا بىر كەلگەن. ئەلۋەتتە، ئازادلىقنىڭ يېتىپ كېلىشى بۇ ماجرالارغا خاتىمە بەرگەن بولسىمۇ، بىراق لاپچۇقنىڭ قارا دۆۋىدىن خېلى ئوبدانلا پەرقلىنىدىغان تىل ۋە مەدەنىيەتلىرىنى بۈگۈنگىچە ئېلىپ كەلدى. _7,4C? لاپچۇقتا «قېقىر باغچا مەسچىتى»نىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بىر ئۆيگە چۈشتۇق. قومۇلدا رەسىم شۇنداق: كىشىلەر مەسچىت بىرلىكى ئاساسىدا مەھەللە جامائىتى بولۇپ ئۇيىشىدۇ، كۆپىنچە ھاللاردا مەھەللە نامى مەسچىت نامى، مەسچىت نامى مەھەللە نامى بولۇپ قالىدۇ. بۇ يەردە ھەم شۇنداق ئىكەن. «قېقىر» قومۇل شېۋىسىدە «توپا قاينىمايدىغان داق يەر»نىڭ سۈپەتلىنىشى، بۇ سۆزنىڭ يەنە «قېقىراڭ يەر»، «قېپقېقىر» دېگەندەك شەكىللىرى مەۋجۇت. «باغچا» ئەدەبىي تىلدا «باغ» دەپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. قېقىر يەردە باغچىنىڭ بولغىنى قىزىق. قارىغاندا بۇ جايدا شۇنداق بىر غەلىتە ئەھۋال سادىر بولغان بولسا كېرەك. بۇ ئۆيگە شۇ جايدىكىلەر تەرىپىدىن لاپچۇق ئەلنەغمىسىنىڭ ئۇستازلىرىدىن دەپ سانالغان يەتتە سەككىز مويسپىت پەقەت بىزنى، بىزنىڭ قىلماقچى بولغان تەتقىقاتلىرىمىزنى دەپ قەدەم تەشرىپ قىلىشقان. بوۋىلىرىمىز ئۆز سازلىرىنى، مومىلىرىمىز رەڭدار گۈللەر چۈشۈرۈلگەن ئېسىل كىيىملىرىنى كىيىشىپ ئۆيگە جەم بولغىنىدا گويا لاپچۇق مەدەنىيەت خەزىنىسى كۆز ئالدىمىزدا ئۆزىنى نامايەن قىلىۋاتقاندەك ھېسسياتتا بولدۇق. بوۋىلىرىمىزدىن لاپچۇق ئەلنەغمىسىنى ئورۇنلاپ بېرىشنى ئۆتۈنگىنىمىزدە رامىزان ئېيى بولغانلىق سەۋەبى بىلەن ئاۋۋال بىر چۈشۈرگىلىك «رەمىزان»نى بىزگە يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلاپ بەردى. لاپچۇقتا «رەمىزان»نىڭ تېكستى تۆۋەندىكىچە ئىكەن: WTUC\}#E\ «ئەۋەل باشلاپ خۇدانى يات ئەيلىدىم، )V9
wU1. پەيغەمبەرلەر رويىنى شات ئەيلىدىم. bH.f4-.u>) رەببىمئاللا، رەمىزان شۇ رەمىزان، q=;U(,Y مۇھەممەت ئۈمبەت دىگەن شۇ رەمىزان. qjf9ZD& پەيغەمبەر مىندى بوز ئاتنىڭ يالىغا، ,9~qLQ0O قول سېلىپ كىردى كىچەنىڭ قوينىغا. DxxY رەببىمئاللا، رەمىزان شۇ رەمىزان، OVEQ^\Q5D مۇھەممەت ئۈمبەت دىگەن شۇ رەمىزان. c='uyx پەيغەمبەر ئولى ھەسەن ياقۇۋئىكەن، SlD7 \X&~ خۇدانى كالامىنى ئوقۇۋىكەن. w %R=kY)o رەببىمئاللا، رەمىزان شۇ رەمىزان، /v7o!D1G خوش مۇبارەك كېلىدۇ شۇ رەمىزان. 5XinZ~ پەيغەمبەر ئوغلى ھەسەن ئالتى ياشار، oTk?a!Q مەككىدىن مەدىنىگە سەككىز ياشار. 'h `)6{ رەببىمئاللا، رەمىزان شۇ رەمىزان، gS.,V!#t خوش مۇبارەك كېلىدۇ شۇ رەمىزان. rl:D>t(:. پەنجىرەڭدىن قارىسام ئاي كۆرىنەر، \
6 :7 ھەممە ئۆيدىن مۇشۇ ئۆي باي كۆرىنەر. >5j&Q | |