مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       19939 
  •    ئىنكاس 
       337 

سېيت نوچى گاڭگۇڭمۇ يا ئەخمەقمۇ؟

قەۋەت ئاتلاش
Hidayet
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8551

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   109 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   18559 (سوم)
 ياخشى باھا:   1168 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1825  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3845
 سائەت
دەرىجىسى:
3845 سائەت 205 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-30
ئاخــىرقىسى:2011-11-24
— بۇ يازما Eltekin تەرپىدىن بىرىكتۈرۈلدى (2011-09-20) —

  
سېيت نوچى گاڭگۇڭمۇ يا ئەخمەقمۇ؟
4r NL":"O  
[w \?j,  
~%y@Xsot>  
سېيت نوچىنىڭ خاراكتىرى ھەققىدە خېلى ئىلگىرىلا تەپەككۈر قىلىپ باققانىدىم ھەم ئايىغىنى چىقىرالماي توختاپ قالغانىدىم.‹‹2011-يىللىق ئابدۇكېرىم ئابلىز ئىتوت كېچىلىكى››نى كۆرگەندىن كېيىن مېنىڭدە بۇ خۇسۇستا قايتىدىن ئويلىنىش بولدى.مەن ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت تارىخىي رومانلاردىن‹‹ئىز››،‹‹ئويغانغان زىمىن››،‹‹ئانا يۇرت››قاتارلىق تىرىلوگىيىلەرنى ئوقۇغان ھەم ماڭا قاتتىق تەسىر قىلغان بىر نۇقتا شۇكى:يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىمىزنىڭ-ھىلىگەر ھۆكۈمرانلار تەرىپىدىن قايتا-قايتا ئالدىنىش،زىيادە ساددىلىق بىلەن باشقىلارغا ئىشىنىپ كېتىش،داۋاملىق غەلبە مېۋىسىنى باشقىلارغا تارتتۇرۇپ قويۇش...قاتارلىق پاجىئەلەر بىلەن يۇغۇرۇلغان تارىخ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدىم.مەسىلەن:‹‹ئىز››رومانىدىكى باش قەھرىمان-تۆمۈر خەلپىنىڭ لى شۇفۇ ئىسىملىك تۇڭگاننىڭ قۇرئان تۇتۇپ قىلغان قەسىمىگە ئىشىنىپ قۇمۇلدىكى جەڭنىڭ غەلىبىسىنى تاشلاپ ئۈرۈمچىگە كېلىپ ياڭ زىڭشىڭنىڭ تۈرمىسىدە ئۆلۈشى،‹‹ئويغانغان زىمىن››رومانىدىكى خوجىنىياز ھاجىنىڭمۇ كۆپ ئۇرۇشلار ئارقىلىق غەلىبە قىلىۋاتقان،خەلق ئۇنى قوللاۋاتقان شارائىتتىمۇ تۆمۈر خەلپىنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ سىتالىن سوۋغا قىلغان بىر تال مىلتىققا ئىشىنىپ رۇس كونسۇلنىڭ گۇۋاھلىقىدا ئۈرۈمچىگە كېلىپ شىڭ شىسەي تەرىپىدىن پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلۈشى،يەنە ‹‹ئانا يۇرت››رومانىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدىمۇ يۇقارىقىدەك ئىشلارنىڭ تەكرارلىنىشى...قاتارلىق ۋەقەلىكلەر ئۇيغۇر تارىخىمىزنىڭ ئاچچىق ھەقىقەلىرىنى ماڭا تونۇتقان ئىدى. deX5yrvOie  
   خوش! ئەمدى سېيت نوچى ۋەقەسىگە كەلسەك،مەنچىڭ ئېمپىرىيىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە پۈتۈن جۇڭگو مىقياسىدا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مانجۇلارنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ،ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش ئىنقىلابىي كۆتۈرۈلگەن. ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپ سانلىقىنى تەشكىل قىلىدىغان قەشقەردە سېيت ئىسىملىك ھەققانىيەتچى يىگىت زالىملاردىن خەلقنىڭ ئۆچىنى ئېلىپ بېرىپ يەرلىكتە يۈز تاپىدۇ ھەم خەلق تەرىپىدىن‹‹نوچى››دەپ لەقەملىنىدۇ.سېيت نوچى شۇ چاغلاردا ئىچكىرى ئۆلكىدە مانجۇ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان،جۇڭگونىڭ جاي-جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان‹‹گېلاۋخۇي››يەنى ‹‹يۇرتداشلار جەمئىيىتى››دىگەن تەشكىلاتقا يوشۇرۇن ئەزا بولىدۇ.كېيىنچە كورلا،ئۈچتۇرپان تەرەپلەرگە بېرىپ ئادىللىقىنى ياقىلاپ پۇقرالارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ.ئۈچتۇرپان دوتىيى ما دوتەي سېيت نوچىنىڭ خەلق ئارىسىدىكى تەسىرىدىن قورقۇپ ئۇنى لەشكەرلەرگە مۇشتلاش ئۆگىتىدىغان مەشقاۋۇل قىلىۋالىدۇ ھەم شۇ ئارقىلىق ئۇنى نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرىدۇ.(بۇ خۇددى ‹‹سۇ بويىدا››فىلىمىدىكى ۋۇسۇڭنى جاڭ سۇركاۋۇل بەگزادىلەرگە چامباشچىلىق ئۆگىتىدىغان مەشقاۋۇل قىلىش ئارقىلىق پۇرسەت كەلگەندە يوقىتىش تاكتىكىسى بىلەن ئوخشاشتۇر.)سېيت نوچى قەشقەردىكى ئىنقىلابچى دوستلىرىنىڭ چاقىرىقى بىلەن سەپەرگە چىقماقچى بولغىنىدا ئۈچتۇرپان ئامبىلى ئۇنىڭغا قەشقەر ئامبىلى ماتىتەي(ئەسلى ئىسمى-ما شاۋۋۇ.يۈننەنلىك تۇڭگان.قەشقەر گۈزىلى ئانارقىزنى بۇلاپ كېتىپ مەجبۇرىي خوتۇن قىلغان جاللات شۇ.)گە قارىتىپ مەكتۈپ يېزىپ ئىچىنى ئاچماي،يوقىتىپ قويماي تاپشۇرۇپ بېرىشنى تاپىلايدۇ.ئەمەلىيەتتە سېيت نوچىنىڭ كۆڭلىمۇ بۇ خەتتە مەلۇم شۇملۇقنىڭ بارلىقىنى تۇيسىمۇ بىراق قېنىغا سىڭىپ كەتكەن دىنىي ئېتىقادنىڭ تۈرتكىسىدە(ئامانەتكە خىيانەت قىلىش مۇناپىقنىڭ بىر بەلگىسى)دىگەن ئەقىدە بىلەن كۆپنى كۆرگەن مويسىپىتلەرنىڭمۇ نەسىھىتىگە پەرۋا قىلماي ئۆز ئۆلۈم خېتىنى ھىلىگەر ئامبالغا تاپشۇرۇپ بېرىپ ئۆلۈمگە رازى بولغىنى ئۈچۈن كېيىنچە‹‹گاڭگۇڭ››يەنى-مەرت دىگەن نام بىلەن لەقەملەنگەن.شۇ چاغلاردا قەشقەردىكى ئىنقىلابچى ياشلارمۇ بۇيرۇق ئىجرا قىلغۇچى لەشكەرلەرنىڭ پارىخورلۇقلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ يەنى ھۆكۈمرانلارنىڭ چىرىكلىكى ئارقىلىق ئۆز-ئۆزىنى باپلاش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ ئىنقىلابنى قەتئىي داۋاملاشتۇرماقچى،قېرىندىشىنىڭ ياش ھاياتىنى ساقلاپ قالماقچى بولغانىدى.ئەمما سېيت نوچى بۇنىمۇ رەت قىلىپ ‹‹كىشىلەر مەيلى نىيىتىنى قانداق يامان قىلسۇن-ھامان جازاسىنى ئاللاھ بېرىدۇ.مەن مەرتلىك،تەقۋالىق يولىنى تاللاپ ئۆلسەممۇ نىيىتىمىنى بىلگۈچى ئاللاھ مۇكاپاتىمنى قىيامەتتە ئۆزى بېرىدۇ››دىگەن ئەقىدە بىلەن ئۆلۈم يولىنى تاللىۋالدى. #=e;?w  
   خۇللەس كالام:مەن ئويلايمەن،دىنىي نۇقتىدىن قارىغاندا سېيت نوچىنىڭ دوستلۇق-سەمىمىيلىك بىلەن مۇسۇلمانچىلىقنى چوڭ بىلىپ،ئىمان-ئېتىقادلىق ھالەتتە كىشىلەرنىڭ نىيىتىنى خۇداغا تاپشۇرۇپ ئۆزى ساددىلىق بىلەن تەقدىرگە تەن بېرىشىنى خاتا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.ھەتتا بۇ شۇنداق بولۇشقا تېگىشلىكتەك،ئەمما ھىلىگەر دۈشمەنگە ئالدىنىپ ئۆتكەن مىللىي تارىخىمىزدىن قارىغاندا سېيت نوچى كېيىنكىلەرگە يامان ئۈلگە تىكلەپ بەردى دەپ قارىساقمۇ خاتا بولمايدىغاندەك قىلىدۇ.چۈنكى ئۇنىڭ ئۇدۇمىنى ئالغان يېقىنقى زامان تارىخىمىزدىكى بايا تىلغا ئالغان قەھرىمانلىرىمىزنىڭ تەقدىرىمۇ سېيت نوچىدىن كۆپ پەرقلىنىپ كەتمىگەن.ئومۇمەن،سېيت نوچى ئىجابىي شەخس بولسىمۇ،بىراق كېيىنكىلەرگە ئۈلگە تىكلەپ بېرىش جەھەتتىن ماختىغۇچىلىكى بولمىسا كېرەك. ] gb=  
   g^>#^rLU  
H^%.=kf  
ئەسكەرتىش:يۇقارىقى پىكىرلەر پەقەت ئۆزۈمگىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ،تورداشلار ئىلمىي مۇنازىرە قىلىشساق.18-سىنتەبىر شەھرى ئۈرۈمچى.
[ بۇ يازما xiwas1- تەرپىدىن 2011-09-19 12:41 AM دە ق ]

تېما تەستىقلىغۇچى : xiwas1-
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-09-19, 00:56
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 7 پارچە مۇنبەر پۇلى +1098
ablimit3858 مۇنبەر پۇلى +99 10-18 مىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئويلىغىنىم شۇ...
sarsan1117 مۇنبەر پۇلى +10 09-21 ماز،خۇمسى !~~!
y4152680 مۇنبەر پۇلى +1 09-20 ئۇ ھەقىقەتەن ياخشى
HIJRANDIGIZI مۇنبەر پۇلى +100 09-20 -
Uyghun مۇنبەر پۇلى +100 09-20 -
YuqunAdam مۇنبەر پۇلى +777 09-19 بەرھەق!تاكتىكىلار جىق!
YARALMIX مۇنبەر پۇلى +11 09-19 ئۆزىڭىزنى شۇ دەۋىر شارائىتىغا قۇيۇڭ!
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
ئاللاھىم،دۇنيالىقىمىزنى ياخشى قىلغىن،ئاخىرەتلىكىمىزنىمۇ ياخشى قىلىپ بەرگىن،بىزلەرنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.
imamisan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.50792

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   50 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   720 (سوم)
 ياخشى باھا:   79 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2565
 سائەت
دەرىجىسى:
2565 سائەت 185 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-07
ئاخــىرقىسى:2011-11-23
ئاپتورنىڭلا چوققۇلانغان  كەلگەن مەنبە:113قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-20
(سىيىت نوچى گاڭگۇڭمۇ يا ئەخمەقمۇ؟)غا ئىككى ئېغىز سۆز
— (Eltekin) ئىجرا قىلىشتېما چوققىلاش مەشغۇلات (2011-09-20 11:21 AM) —

   ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم تورداشلار. ئەسلىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سىلەرنىڭ قىممەتلىك ۋاختىڭلارنى ئېلىپ، بۇيەردە قۇرۇق گەپ قىلغۇدەك سالاھىيىتىم ۋە ئۇنچىلىك سەۋىيەممۇ يوق ئىدى.لىكىن ،ھىدايەت ئەپەندىمنىڭ (سىيىت نوچى گاڭگۇڭمۇ يا ئەخمەقمۇ؟) دىگەن ماقالىسى،ھەم ئۇنىڭغا چۈشكەن ئىنكاسلار مىنڭمۇ ئازراق سۆزلەشىمگە سەۋەپ بولدى. ئەلۋەتتە، مەندەك تولۇقسىزنى ئەپلەپ-سەپلەپ تۈگەتكەن، ھەم تۇنجى قېتىم تىما يېزىۋاتقان بىر چالاساۋاتنىڭ ،ھەرخىل خاتالىقلاردىن ساقلىنالىشىم مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ئالدى بىلەن ھىدايەت ئەپەندىمدىن،ۋە بارلىق تورداشلاردىن خاتالىقلىرىمغا ئىلمىي تۈزۈتۈش بىرىشىنى سورايمەن. :=.*I   
  خوش ئەمدى گەپكە كەلسەك: ئاۋال مەنمۇ ،سىيىت نوچى گاڭگۇڭمۇ يا ئەخمەقمۇ؟ دىگەن سۇئالغا ،ئۆزۈمنىڭ مۇكەممەل بولمىغان،يۈزەكى باھايىمنى بەرمىسەم مەخسەتكە يېقىنلاشمىغىم قىيىندەك تۇرىدۇ.   ( سىيىت نوچى،سىيىت گاڭگۇڭ) .قاراڭ ئىسمىدىنلا چىقىپ تۇرىدۇ. سىيىت ھەم نوچى ھەم گاڭگۇڭ.چۈنكى بۇ نامنى سىيىتقا خەلىق بەرگەن.  خەلىق ئۆزى ھۆرمەت قىلغان،ئۆزى سۆيگەن ، شۇ نامغا لايىق كىشىگىلا مۇشۇنداق نامنى بىرىدۇ. V'w i^gq  
  ئەمدى سىيىتنىڭ، ئۆز ئۆلۈم خىتىنى، ئۆز قولى بىلەن ماشاۋۋۇنىڭ قولىغا بەرگەنلىكى،قېچىشقا ئىمكانىيەت تۇرۇپ ،ئۆزىنىڭ مەردۇ-مەردانىلىقىنى ئۈچۈن،خەلىق ئىچىدىكى ئابرويىدىن پايدىلىنىپ،چىرىك ھاكىمىيەتكە قارشى كۈچ توپلاشتەك ، ئۇلۇغ نىشاننى ئويلىيالماسلىقى،يۈزەكى قاراشتا ئەخمەق ئوبرازىنى يارىتىپ قويىدۇ. لېكىن ئويلاپ باقتۇقمۇ؟ سىيىتتەك تۆۋەن تەبىقە كىشىللىرى ئارىسىدا چوڭ بولغان،سىياسى سەھنىلەرنى چۈشەنمەيدىغان،مەرتلىك،ۋاپادارلىق،ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن بىرگە،نادان،ساددىلىقنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، بىر يىگىت ماشاۋۋۇدەك ھىلىگەر تۈلكىنىڭ توزىقىغا چۈشمەي قالامدۇ؟؟؟   سىيىت نوچىغا  شۇ دەۋىر،شۇتارىخى شارائىتنى ياخشى چۈشىنىدىغان،يىتەرلىك بىلىم قۇرۇلمىسىغائىگە، خەلىق ئېتراپ قىلغان،ئەدىپلەر چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ تۇرۇپ ئىلمىي ئاساستا باھا بەرگىنى مۇۋاپىق.  ئاددىي مىسال: بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇشىغا باھا بىرىشكە ،ئەڭ مۇۋاپىق كىشى  يەنىلا ئۇزۇن يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان،شۇ ئوقۇغۇچى بىلەن كۆپرەك ئۇچراشقان، بىلىم سەۋىيەسى ئوقۇغۇچىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان،بىر ئوقۇتقۇچىلا ئەڭ مۇۋاپىق،ھەقىقەتكە يېقىن باھا بىرەلەيدۇ.  مۇزدوز بىلەن ئاشپەزنى ئەكىلىپلا ماۋۇ ئوقۇغۇچىنى باھالا دىسە سىزنىڭچە مۇۋاپىق بولارمۇ؟  دىمەك ئاددىي بىر ئوقۇغۇچىغا باھا بىرىشكە،شۇ كەسىپنىڭ ئەھلى بولمىسا بولمىغان يەردە، سىيىت نوچىدەك خەلىق پالۋىنىغا سىزدەك، مەندەك،ۋە باشقىلاردەك چالا ساۋاتلار باھا بەرسەك ،مۇۋاپىق بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. #uvJH8)D  
   خوش سىيىت نوچىغا باھانى يۇقارقىدەك بىلىملىك زاتلىرىمىز بەرسۇن.   ^X? D#\  
   ھىدايەت ئەپەندىم (ئەسلى ئىسمىڭىزنى بىلمىگەندىكىن مۇشۇنداقلا  ئاتاپ قالدىم.ئۆزۈر.) سىزمۇ كۆرۈپ تۇرغانسىز؟ سىز يوللىغان شۇ تىما بىلەن،مۇنداقچە ئېيتقاندا (سىيىت نوچى گاڭگۇڭمۇ يا ئەخمەقمۇ؟ )دىگەن سۇئالىڭىز بىلەن،يەنى سۇئالىڭىز بىر تەرەپلىمە، ئۆلچەمسىز سۇئال بولغىنى ئۈچۈن، تورداشلار ئارىسىدا تىزلا ئىككى قۇتۇپ شەكىللىنىپ،ئەسلىدىنلا بىرلىكى ئاجىز بىزلەر،ئىككى قۇتۇپ بولۇپ قورساق ئاغرىقى تېپىۋالدۇق.نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلەرگە سەۋەپ بولغان شۇ تىمىڭىزنىڭ بىزگە بەرگەن پايدىسى نىمە بولدى؟ بەلكىم مەن ھىس قىلالمىغان بىلەن پايدىلىق تەرىپى باردۇ.لىكىن،پايدا ،زىياننى بېسىپ كەتكۈدەك دەرىجىدە ئەمەسقۇ ؟دەيمەن.تىما يوللاش قانداقتۇر بىرەر ھەۋەس ئۈچۈنمۇ ياكى قانداق؟ ؟ يىلاننىڭ بېشىنى يانجىش دانالىقتۇر  ، دەيدىكەن .شۇڭا يىلان بېشى بولغان مۇنبەر باشلىقلىرىغىلا ئەرز سۇنايچۇ؟مانا ئەمدى سىزنىڭ سەۋەبىڭىزدىن مۇنبەر باشلىقلىرىغىمۇ ،تىل تەككۈزۈدىغان بولدۇم. TipHV;|e  
   مۇنبىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن،ھىساپتا مىللىتىمىز تورئەدەبىياتىغا ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشىۋاتقان،تۆھپىسىگە كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان،لىكىن بەزىدە سىيىت نوچىدەك كەتكۈزۈپ قويىۋاتقان ،جاپاكەش مۇنبەر باشقۇرغۇچىللىرى سالام سىلەرگە. h8v>zNf'  
  ئازغىنە پىكرىم بار : مۇنبەرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى ئادەمنى سۆيۈندۈرىدۇ، ئىلگىرلەشلەر ،يېڭىلىقلار،ئۆزگىچە بىلىملەر بىلەن بىزنىڭ قەلىپ دۇنيارىمىزنىڭ بېيىشىغا تۆھپە قوشقان مىسرانىمدەك مەكتەپ، ئەلۋەتتە، سىلەردەك جاپاكەشلەرنىڭ تۆھپىسى. ئەمدىكى ماڭا تەسىر قىلغان ئازغىنا ئىش بولسا،بەزىبىر پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ تىمىلار ھەدەپ مۇنبەرنى پاخاللاشتۇرغىلى تۇردى.ھەم تورداشلار ئارىسىدا قورساق ئۇرۇشلىرىنىڭ ئۈزۈلمەسلىكىگە سەۋەپ بولىۋاتىدۇ.ئەگەر مۇنبەرگە سۈپەت ئەمەس سان كېرەك دىسەڭلار،مانا مەن كۈندە5 تىن تىما يوللاشقا ۋەدە بىرىمەن.(مەسىلەن:تاماق يىگەندە قوشۇق مۇھىممۇ؟ چوكىمۇ؟؟ئانا مۇھىممۇ ؟دادىمۇ؟ ئىشەك ياخشىمۇ ؟قېچىرمۇ؟ دىگەندەك ماز تېتىقسىز تىمىلاربىلەن مۇنبەرنى كۆمىۋىتىمەن.)ئەگەر ئۇنداق ئەمەس دىسەڭلار ،سىلەردىن سەمىمىي ئۆتۈنىدىغىنىم،بۇ يەرگە ھىچ كىم ،ھىچ قاچان ،ئۇرۇش -تالاش ئۈچۈن كىرمەيدۇ.لىكىن بەزى-بىر مەندەك چالا ساۋاتلارنىڭ،بىر تەرەپلىمە تىمىللىرى مۇنبەر يۈزىگە چىقىپ قالغاچقا،ئورۇنسىز جىدەل ماجرا ئۈزۈلمەي،مىسرانىمدىن كۆڭۈل قېنىپ سۇ ئىچەلمەيۋاتىدۇ. شۇڭا سىلەرنىڭ ئازغىنا ۋاختىڭلارنى ئاجرىتىپ ،مۇشۇنداق تىمىلارغا قارىتا تۈزەش، ئېلىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. s-D?)  
                    ھەممىمىز مىللىتىمىزنىڭ بىرلىكى، ئىناقلىقى،كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇشۇ يەرگە يىغىلغان ئىكەنمىز،بىر بىرىمىزگە،كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلساق،ئەپۇچانلىقنى دوست تۇتساق،نىشانىمىز بىر تۇرۇپ،ئىككى يولدا ماڭىدىغان ئىشتىن ساقلانساق دىمەكچىمەن.
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 5 پارچە مۇنبەر پۇلى +281
sapdil مۇنبەر پۇلى +100 09-22 -
xiren0997 مۇنبەر پۇلى +50 09-22 ئەقلىڭىزگە بارىكاللا
xiwas1- مۇنبەر پۇلى +22 09-20 مۇنازىرە ئەھلىنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت
abdukorax مۇنبەر پۇلى +10 09-20 سۆزىڭىزنى چىن  دىلىمدىن قولللايمەن
Eltekin مۇنبەر پۇلى +99 09-20 كۆيۈنىشىڭىز، ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت
 
ئۇلۇغ ئاللاھتىن ياخشى ئۆمۈر ۋە ياخشى ئۆلۈم تىلەيمەن.
Aytugh
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9369

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   159 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   16409 (سوم)
 ياخشى باھا:   996 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1467  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3331
 سائەت
دەرىجىسى:
3331 سائەت 169 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-06
ئاخــىرقىسى:2011-11-23
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-19

تېما بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ‹‹ سىيىت نوچى›› ھەققىدە مەزمۇنلار بولغانلىقى ئۈچۈن يوللاپ قويدۇم. [NR0] #h  
pD)/- Dgdm  
ئۇيغۇرلاردا ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى ۋە ئىجاتكارنىڭ قىسمىتى مەسىلىسى `s]zk {x  
X]f#w  
ئاپتۇر : يالقۇن روزى
uvAy#,  
مەن ھەر كۈنى نەچچە قېتىم ئۆتىدىغان يول ئۈستىدە يەنى ئاپتۇنۇم رايۇنلوق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ ئالدىدا ماڭا بىر تۇنۇش بوۋاي كۈندە دىگۈدەك ئۇچىرايدۇ ، ئۇ بوۋاينىڭ مەيلى قىش ، مەيلى ياز بولسۇن ، ھەر كۈنى شۇ يەردە ئاچچىق موخۇركىسىنى قاتتىق شورىغىنىچە ، چىرايىدىن مۇز ياغدۇرۇپ ھومايغىنىچە تۇرغىنى تۇرغان . بۇ بوۋاي بىز دائىم ئاڭلاپ تۇرىدىغان <<مىنىڭ راۋابىم>> ، <<كۈن ۋە تۈن>> ، <<تاشۋاي>> قاتارلىق مەشھۇر مۇزىكىلارنىڭ ئىجادچىسى ، زامانىمىزدىكى ئەڭ مەشھۇر كومپوزىتورىمىز قۇربان ئىبراھىم . مەن بىر يېرىم يىلنىڭ ئالدىدا ئاشۇ جايدا بۇ غەلىتە بوۋاي بىلەن بىردەم مۇڭدىشىپ قالدىم ، بۇ بوۋاي ماڭا ئۆزىنىڭ <<نەۋرەم>> ناملىق مۇزىكىسى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىۋاتقانلىغىنى ئىيىتتى . بۇ بوۋاي گەپنى بوم ئاۋازدا قىسقا ، قوپال ھەم تۈز قىلىدىكەن . مەن سۆز ئارىلىغىدا <<قۇربان ئاكا ، كۈندە مۇشۇ يەردە تۇرغىچە ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلى تارتقان يەرلەرگە بېرىپ تۇرۇپ كەلسىڭىز بولمامدۇ؟>> دىدىم . بۇ بوۋاي ئادىتى بويىچە قوپال جاۋاپ بىرىپ ، <<ۋاي ئۇكام ، بۇ گۇيلار مىنىڭ مۇزىكامنى ئاپارمىغان يىرى قالمىدى ، ئەمما مىنى ئولانبايدىكى ساناتورىيىگىمۇ ئاپىرىپ بىرەر ئاي دەم ئالدۇرۇپ قويمىدى ئەمەسمۇ!؟>> دىدى . NC#kI3{  
شۇ كۈندىن بىرى ، مىنى بىزنىڭ ئىجادىيەت بىلەن ئىجاتكارغا تۇتقان مۇئامىلىمىزدىكى ئاسمان - زىمىن پەرىق كۆپ ئويلاندۇردى . بىزدە كۆپ ھاللاردا ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى بىلەن ئىجاتكارنىڭ قىسمىتى تەتۈر تاناسىپ بۇلۇپ قالىدىكەن . روشەنكى بۇ كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان ، غەزەپلەندۈرىدىغان ھادىسە ! نىمە ئۈچۈن بۇنداق غەلىتە ھادىسە بىزدە شۇنچە كۆپ ؟ بۇ نىڭ جاۋابى ئىنتايىن ئاددى ، چۈنكى بىز نادان - مىللەت! _@}MGWlAPt  
FkkZyCqZ`  
كىسىپ ئېيتىش كېرەككى ، ئۇيغۇرلار 20 - ئەسىردىكى ئەڭ نادان مىللەت ! دۇنيادا بۇ جەھەتتە بىزنى بېسىپ چۈشىدىغان مىللەت يوق . بىزئۆزىمىزنىڭ بۇ خىل ھالىتىنى ئېتىراپ قىلمىساق ، پاكىت بىزنى ماڭدامدا بىر مات قىلىدۇ . قاراڭ ، فىرانسىيىلىك مەشھۇر ئوتتۇرا ئاسىياشۇناس ، تارىخچى گراسسرت 1930 - يىللىرى يازغان <<يايلاق ئىمپىرىيىلىرى> ناملىق كىتابىدا ، قەدىمقى ئۇيغۇرلار ئۈستىدە توختىلىپ ، <ئۇيغۇرلار تۈركىي خەلىقلەرنى مەدەنىيەت دەۋرىگە باشلاپ كىرگەن> ، <ئۇيغۇرلار باشقا تۈرۈك - مۇڭغۇل خەلقلىرى ئىچىدە ئەڭ ئىلغار خەلق بۇلۇپ ، چىڭگىزخان دەۋرىگە كەلگەندىمۇ ئۇلار يەنە تەربىيىلىگۈچىلەردىن ئىدى> دەپ يازغان . ئەپسۇسكى ، بىز ئۇيغۇرلار دەل شۇ 30 - يىللىرى <<ئۇيغۇر>> دىگەن مىللەت نامىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەركىتىنى ۋە مەمتىلى ئەپەندىنىڭ مەرىپەت بايرىغى ئاستىدا ئاقارتىش ئىشىنى ئېلىپ بېرىۋاتاتتۇق . ئوتتۇرا ئەسىردە باشقىلارغا مەدەنىيەت ئۇستازى بولغان بۇ مىللەت بۇ كۈنگە كەلگەندە <<ئۇيغۇر>> دىگەن نامىنىمۇ ئۇنتۇپ ، ئۆزىنىڭ ساۋادىنى چىقىرىشنىڭ ھەلەكچىلىگىدە . x#!{5;V&K  
1960 -يىللىرى ئامىرىكىلىق تەتقىقاتچى دىنىس سىنور <<ئىچكى قۇرۇقلۇق ئاسىيا>> ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ ، ئۇيغۇرلارنى <<قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۇلار مەركىزى ياۋرۇپا - ئاسىيادا ئوتتۇرا ئەسىردە بۇلۇپ باقمىغان تۇرمۇش سەۋىيىسىدىن بەھرىمەن بولغان>> ، <<تۈرۈك تىلىدا سۆزلىشىدىغان مۇسۇلمان بولمىغان خەلقلەر ئىچىدە ھىچقايسىسى ئۇيغۇرلار يەتكەن مەدەنىيەت دەرىجىسىگە يىتىپ باقمىغان>> دەپ يازغان بولسا ، شۇ 60 - يىللاردا بىز ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ بىلىمى ، ئەقلى ، ئېتىقادى ، غۇرۇرى بار بارلىق ئەزىمەتلىرىنى بىر - بىرلەپ تۇتۇپ ، بۇلىشىغا دۇمبالاپ ، ئىت - ئېشەكتىن بەتتەر خار قىلىپ ، پۇرۇلتارىياتنىڭ پولات مۇشتۇمىنىڭ تەمىنى تېتىۋاتاتتى…! -t706(#k  
ھايات سىرلىرىنى بىلىدىغان بارلىق مۇتەپپەككۇرلار خۇددى پۈتۈشۈۋېلىشقاندەك ، <<ئىنسان ئۈچۈن نادانلىقتىن ، بىلىمسىزلىكتىن چوڭ ئاپەت بولمايدۇ >> دەپ ئېيتىشقان . بىزنىڭ بۇ تەپسە تەۋرىمەيدىغان ئەبگا مىللىتىمىز ھەممە خەق ئۆز تەقدىرى ئۈستىدە تۇشمۇ - تۇشتىن ئىزدەنگەن ۋە داۋاملىق ئىزدىنىۋاتقان بۇ 20 -ئەسىردە نادانلىقتىن ئىبارەت بۇ رەھىمسىز ئاپەتنىڭ قارا پاتقىقىغا گەدىنىگىچە پاتقان ھالدا ياشاپ كەلدى ۋە ھېلىمۇ ياشاۋاتىدۇ . نادان مىللات نىمە ئىش قىلىدۇ ؟ نادان مىللەت جاھاندىكى ئەڭ ئەخمىقانە ، ئەڭ رەزىل ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ . كېچە - كۈندۈز خەلقنىڭ غېمىنى يەيدىغان ئەزىمەت ئوغۇللىرىنى خارلاپ ، ئازاپلاپ ، تىللاپ سېسىتىپ ، ئىككى يۈزلىمىچى ، مەككار ئادەملەرنى ئۇلۇغلاپ ، ئېزىزلاپ ، مازار غوجام قىلىۋالىدۇ . ھەقىقەتنى ئۆلچەيدىغان تارازىسىنىڭ خاتالىغىدىن گۇمانلىنىپ باقمايدۇ . ھەممە نەرسىگە ئاڭلىۋالغىنى بويىچە ياكى سەخسىي مۇددىئاسى بويىچە قارىسىغا ھۆكۈم قىلىدۇ ، تۇغرا ، ئادىل باھا بىرىشنى ئەسلا بىلمەيدۇ . سىيىت نوچىدەك ئەخمەق ، مۇناپىقسىمان ئادەملەرنى يۇز يىللاپ سېغىنىپ ، ئۇلۇغلاپ شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىشىپ ماختىشىدۇ ، <<مىللى قەھرىمان>> دەپ تەرىپلىشىدۇ . سىيىت نوچى ھاياتىدا خەلقنىڭ شىللىسىگە مىنگەن زالىملاردىن بىرەسىنى ئۆلتۈرگەنمۇ؟ بىرەر ئىش تەۋرەتكەنمۇ دىگەنلەرنى ئويلاپ باقمايدۇ؟ ئەجەبا ئۇ ئۈچتۇپان ھاكىمىنىڭ تەكلىپىنى قۇبۇل قىلىپ ئۈچتۇرپان خەلقىنىڭ قېنىنى شوراۋاتقان بىر زالىمنىڭ يېنىدا دوست بۇلۇپ تۇرۇشقا ماقۇل بولدىغۇ؟ شۇنىڭغا راۋاپ چېلىپ بىرىپ ، شۇنىڭ كۆڭلىنى ئاچتىغۇ ؟ قەشقەر دوتىيىگە ئاپارساڭ ساڭا ئەمەل بېرىدۇ ، دىسە ئەمەل تاماسىدا مەس بۇلۇپ ، ئۆلۈم خىتىنى كۆتۈرۈپ كەلدىغۇ؟ قەشقەر دوتىيى ئۇنى ئەخمەق قىلىپ ، <<سىنى ئۆلتۈرەي دىسەم قۇلۇم بارمايدۇ ، ئۆلتۈرمەي دىسەم خاننىڭ ئۆلۈمگە بۇيرىغان خىتىنى ئېلىپ كەپسەن >> دەپ ئالدىسا ، <<خاننىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ قالما ، ئىككىلەنمەي مىنى ئۆلتۈرگىىن>> دەپ ، ئۆزىنىڭ بىگۇنا ئۆلىمىگە قۇللارچە رازىمەنلىك بىلدۈردىغۇ ؟ ياق ، مىنىڭ گۇناھىم يوق ، مىنىڭ خۇدا بەرگەن ياشاش ھوقوقۇم بار ، مەن سىنىڭ خالىساڭ ئۆلتۇرىدىغان ، خالىساڭ ياشىتىدىغان كۈچۈكۈڭ ئەمەس ، دەپ ئۆز ئەركىنلىگى ئۈچۈن ئىسيان كۆتۈرۈپ چۇقان سالمىدىغۇ ؟ مۇشۇغۇ بىزنىڭ مىللى قەھرىمانىمىز؟! تىللاردا داستان قىلىدىغان نوچىمىز؟! بۇ ئەڭ سادىق قۇل ، ئەڭ ئىتائەتمەن مۇناپىقمۇ ياكى ئەزىزانە قەشقەردىن چىققان نوچىمۇ؟! بىز مۇشۇنداق بىر ئادەمنى ئالىي مەكتەپنىڭ دەرىسلىكلىرىگە <<مىللى قەھرىمان> دەپ كىرگۈزۈپ ، ھازىرمۇ تېخى كاپشىپ ئۆتىۋاتىمىز . رادىئو -تېلېۋىزۇرلاردا ئۇنىڭ شەنىگە ناخشا - قوشاق تۇقىۋاتىمىز… ھەي… بىزنىڭ نادانلىقىمىز ، ئەقىلسىزلىكىمىز ، بىلىمسىزلىكىمىزدىن ، ئابدۇقادىر داموللام بىلەن مەمتىلى تەۋپىقتەك ئۇلۇغ مىللەتپەرۋەر زاتلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى كىتاپ قىلىپ نەشىر قىلىشنى ئويلاشمىدۇق ، ئەمما تىيىپچان ئېليوفنىڭ خەت - چەكلىرىنىمۇ تېرىپ - تۆشەپ كىتاپ قىلىپ نەشىر قىلدۇق . بىر پارچىمۇ شېئىرى خەقنىڭ ئىسىدە يوق ئەلقەم ئەختەمدەك قۇرۇق قەسىدىچى شائىرلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى مۇبارەكلەپ تون كىيدۈردۇق ، ئەمما نىزامىدىن ھۆسەيىندەك ئىمانى ئەركەك قەلەمكەشلىرىمىزنى توپا بېسىپ قىلىۋاتسا پىسەنىت قىلمىدۇق . ئۇيغۇر كىتاپخانلىرىنى ئەدەبىياتتىن زىرىكتۈرۈشكە ئالاھىدە تۆھپە قوشقان ، سولچىل ئەدەبىياتنىڭ بايراقدارى بولمىش قېيۇم تۇردىدەك يازغۇچىللىرىمىزنىڭ <<قىزىل تاغ چىراغلىرى>> دىگەن كىتابىنى قايتا نەشىر قىلىشنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى كاسىلداپ چۈشەندۈرۈپ قايتا نەشىر قىلدۇق ، ئەمما ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىندەك ئۇلۇغ ئالىم <<ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى>> دەپ كىتاپ يېزىپ بەرسە ، <<تىراژ تاپ>> دەپ مەكتەپمۇ -مەكتەپ سوكۇلداتتۇق . <<بىرىۋاتقان باھايىمىز مۇۋاپىقمۇ - ئەمەسمۇ؟>> دەپ ئويلانماستىن ، ساقىلىنىڭ ئاقلىغىغا قاراپلا ، <<فۇزۇلى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەت يولى>> دىگەن تۇنۇشتۇرۇش ماقالىسىدىن باشقا بىر پارچىمۇ ئىلمى ئەسىرى يوق شۈكۈر يالقۇننى<<بۇلاق>> ژورنىلىدا <<كامالەتكە يەتكەن ئەدىب>> ، <<ئەدەبىيات پىشۋاسى>> دەپ ھاماقەتلەرچە ماختىدۇق . ئىلىمگە ئىلىمچە ، ئادەمگە ئادەمچە مۇئامىلە قىلىشنى بىلمەيدىغان ژورنالىستلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرىنىمۇ ، باشقىلارنىمۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان بۇ قىلمىشلىرىدىن نۇمۇس قىلماي ماختىنىشى تۇرغان گەپ… M@z_Z+q 9  
ئويلاپ باقساق ، ساناپ كەلسەك بىزدە ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى بىلەن ئىجاتكارنىڭ قىسمىتىنىڭ تەتۈرلىكىگە ئائىت مىساللار ساماندەك . بەلكىم مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بۇ جەھەتتىكى ئەڭ تىپىك مىسال بۇلىشى مومكىن . ئۇ شائىرلىرىمىز ئىچىدە تۇنجى بۇلۇپ بىزگە مەخسۇس روبائىيلار توپلىمىنى تەقدىم قىلسا ، بىز ھەسەت قىلىپ ، رەزىللىك بىلەن <<ياخشى روبائىدىن ئادەم ئۆمرىدە پەقەت بىر نەچچىنىلا يازالايدۇ>> دەپ پەتىۋا چىقىرىپ كەم سۇندۇردوق . <<قاتلام نەزىرىيىسى>> نى ئوتتۇرىغا قويسا ، ئىلمى رەدىيە بېرەلمەستىن ، بۇ نەزىرىيىنى چەتئەللىكلەر بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قويغان ، دەپ گەپ تارقاتتۇق . تارىخ ، پەلسەپە ، ئىستىتىكا تەتقىقاتى ۋە شېئىر - نەسىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ توم - توم كىتاپلارنى يېزىپ بەرسە ، خوشال بۇلۇشنىڭ ئورنىغا ، <<بۇ ئادەم ھەممە ساھەگە ئېسىلىۋالماي بىرلا ئىشنى قىلسا بولاتتى>> دەپ ئەخمەقلەرچە ئەقىل كۆرسەتتۇق . ئويۇن - تاماشىنى بىر چەتكە قايرىپ قۇيۇپ ، مىللەت ئۈچۈن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانسا ، <<ئادەم بولغاندىن كىيىن توي - تۆكۈنلەرگە بارمىسا بولامدۇ؟>> دەپ ئۇنى ئەيىپلەپ ، ئۆزىمىزنىڭ كۈنىنى ھارام ئۆتكۈزىۋاتقانلقىمىزنى ئويلىماي ، ھاماقەتلەرنى كۈشكۈرۈتۈپ ، ئۇنى ئالدى - كەينىدىن ھاقارەتلىگۈزدۇق . ئۆزىمىزنىڭ بىرەر نەشىريات ياكى گېزىت - ژورنالدا تىگىپ قالغان چۆمۈچنىڭ سېپىچىلىك ھوقۇقىمىزنى ئۇنىڭ ئالىملىقىدىن ئالىي بىلىپ ، بىزگە يېلىنمىغىچە ئەسەرلىرىنى يېقىن يولاتمىدۇق . ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىپ ، كېچە كۈندۈز پۇچىلىنىدىغان ئەۋلىيا - ئەزەملەرنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىپ ، شۇلارنىڭ نەزىرىگە نائىل بۇلۇش ئۈچۇن ، بۇ ئالىمنى قاغىدەك چۇقۇدۇق . جەمئىيەتتە بىرەر يامان گەپ - سۆز تارقالسا ، دەرھال ئۇنى شۇ ئىشنىڭ ئېگىسى قىلدۇق . ئۇنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە ، كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالدۇق . ئۇ ئوغلىنى ئۆيلىمەك بۇلۇپ ، ئۆيمۇ _ ئۆي كىرىپ باغاق تارقاتسا ، بىز ئارقىدىن ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ ، <<ئۇنىڭ تويىغا بارماڭلار>> دەپ گەپ تارقاتتۇق . قان تۈكۈرۈپ قىينىلىپ ئەسەر يېزىپ مەتبۇئاتلارغا نەچچە ئون قېتىملاپ قاتراپ كىتاپ چىقىرىپ ، ئازغىنا قەلەم ھەققىگە ئىرىشسە ، <<شۇنچە قەلەم ھەققى ئېلىپ تۇرۇپ بىرەر ئادەمنى چاقىرىپ مېھمان قىلايمۇ دىمەيدۇ>> دەپ ھارام تامادا كۆپۈپ ئۇنى تىللىدۇق . ئۇ يازغان ئىلمى ئەسەرلەرنى نەچچە ئونىمىز بىرلەشسەكمۇ يازالمايدىغانلىغىمىزنى بىلىپ تۇرۇپ ، يەنە ئۇنى سۆكتۇق ، <<ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەقىقى تەتقىقاتچىنىڭ بۇرچى>> دەپ ماقالا يېزىپ ، بىزگە خانىقا ئىشىدا ساخاۋەتچى بۇلۇۋېلىپ ، مۇرىت توپلاپ ئىلىم ساھەسىگە نۇمۇس كەلتۈرىدىغان ئەسەرلەرنى يېزىپ ، ئالىملىرىمىزغا باش بۇلىۋالغان بىر ئىلىم زومىرىگىنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى تونۇپ بەرسە ، <<ئاپىرىن>> ئېيتماستىن ، <<بۇ ئادەم ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلسا بولاتتى>> دەپ ھەقنى سۆزلىگەن ئادەمنى ئەيىپلىدۇق . قارىغاندا ھەقىقەت بۇ مىللەتنىڭ زەئىپلەشكەن تىنىگە رىئاكسىيە بېرىدىغان ئوخشايدۇ . مۇناپىقنى ئەڭگۈشتەر بىلىپ ياشاپ ئادەتلىنىپ قالغان بىر قىسىم زىيالىيلىرىمىز ئاق - قارىنى ئارىلاشتۇرۇپ بىزنى ھەر كويلارغا سالىدىغان ئوخشايدۇ . XzTH,7[n  
ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىندەك ئالىمدا ھەقىقەتنى تۇنۇيدىغان ئۆتكۈر كۆز ، ئەقىل بىلەن ناداننى پەرىقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىدىغان دىت بار ئىدى . شۇڭا ئۇ : <<مىڭ توخۇنىڭ تاقلىشى ، سۇمرۇغ كەبى پەرۋاز ئەمەس . چۇرقىراپ سايراشلىرى بۇلبۇل كەبى ئاۋاز ئەمەس>> دەپ غەزەل يېزىپ ، قىلمىش - ئەتمىشلىرىمىزگە مېيىقىدا كۈلۈپ قوياتتى . بۇ بەخىتسىز ، ئەمما ئۇلۇغ ئالىم ئاخىرى ئارىمىزدىن كەتتى . نۇغۇنلىرىمىزنىڭ قەلبىنى ھەسەت ئوتىدا كۆيدۈرگەن ، نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئىسىل ئەمگەكلىرى بىلەن كۈلدۈرگەن بۇ ئالىم تۇيۇقسىزلا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى ، خۇددى بىر قېتىم ماڭا <<ئۆلۈم دىگەن ئۇ شۇنداق نىمە ، ئەزرائىل كېلىدۇ ئاپتوبۇسقا چىق دىگەندەك قىلىپلا ، ئېلىپ كېتىدۇ >> دىگىنىدەك غىپپىدە كىتىپ قالدى . شۇنى بىلىشىمىز كىرەككى ، ئەزرائىل ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ <<ئاپتوبۇس >> قا تارتىپ چىققىچە ، بىز بار كۈچىمىز بىلەن ئۇنى <<ئاپتوبۇس>> قا ئىتتەردۇق … دەسسىگەن يىرىنى چوغ قىلىپ ، يىگەن ئېشىنى زەھەر قىلىپ ، كۆرگەن كۈنىنى ھارام قىلىپ ، تۇغۇلغانغا جاق تويغۇزۇپ ئۇ دۇنياغا ئۇزاتتۇق . znDtM1sLeV  
5d>YE  
بىر تەڭدىشى يوق ئالىمىمىز ئۆلۈپ كەتسە بىز نىمە ئىش بىلدۇق ؟ ھەر بايرام كەلسە يۈزلەپ شېئىر يازىدىغان شائىرلىرىمىزنىڭ بىرەسىمۇ مەرسىيە يازمىدىغۇ ؟ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئەسەرلىرىنى سېغىن كالىنى ساغقاندەك سېغىپ ، سەمرىگەن تەتقىقاتچىللىرىمىز بىرەر ئەسلىمە يازمىدىغۇ؟ قىچىشقاقنىڭ دورىسىنى يىللاپ ئېلان قىلىپ ھارمايدىغان رادىئو - تېلىۋىزورلىرىمىز بىرەر پارچىمۇ خەەۋەر بەرمىدىغۇ ؟ بىر ئادەمنىڭ خىزمەت كىنىشكىسى يۈتۈپ كەتسە ئالقانچىلىك يەرگە ئېلان بېرىدىغان <<ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى >> بارماقچىلىك يەرگە كاۋاك چالمىسى قاتارىدا كىچىككىنە بىر خەۋەر بىرىپ قويدىغۇ ؟ ئەجەبا بىزدە ئالىم شۇنچە كۆپمۇ ؟ ئەتىۋارى يوقمۇ ؟ بىر نازىر ئۆلۈپ كەتسە ئورنىغا مەن بار دەپ مەيدىسىگە مۇشىتلاپ چىقىدىغان ئادەمدىن كۈرمىڭى چىقىدۇ ، قېنى<<ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئالىملىق ئورنىغا مەن تەييار >> دەپ ئوتتىرىغا چىقىدىغان بىرەر ئەزىمەت بارمۇ ؟ شۇ ھالىمىزغا ئاشۇ ئۇلۇغ ئالىمنى نىمانچە ھاقارەتلىگەندۇق؟ نىمانچە ئازاپلىغاندۇق؟ بىزدەك ئەزىزلەشكە ئەڭ ئەرزىيدىغان ئادىمىنى خارلايدىغان نادان خەلق باشقا جايلاردىن تېپىلمىسا كېرەك . E6d8z=X(  
شۇ ھىكمەت ، شۇ سىر ئىسىمىزدە بولسۇنكى ، ئەيسا كىرىستقا مىخلانغاندا ، مەنسۇر ھەللاجى ، شاھ مەشرەپلەر دارغا ئېسىلغاندا ، ئابدۇقادىر داموللا ، تەۋپىق ئەپەندىلەر قان ئىچىگە غەرىق بولغاندا ھەرگىزمۇ ئۆزلىرىنىڭ بەخىتسىز ئۆلۈمىدىن ئۆكۈنۈپ پۇشايمان قىلغان ئەمەس ، بەلكى ھەقىقەتنى تۇنۇپ يېتەلمىگەن خەلقنىڭ نادانلىقىغا ئېچىنىشىپ ھەسرەت چەككەن … APOU&Wd  
پەلەك بىزنىمۇ ئەقىلنىڭ بۇرچىدا ياشىتىپ باقار . ئاق - قارىنى پەرىق ئىتىشنى ئۆگىنىۋالارمىز ، بۇ بەخىتسىز ئالىمىمىزنىڭ ئۆلىمى ئۆزىگە خاس ئۇلۇغ مەنا بىلەن بىزنى ئەقىلگە ئۈندەيدىغان ، نادانلىقتىن ئويغۇتىدىغان ، قېرىنداشلارچە ئۆتۈشكە دالالەت قىلىدىغان خاسىيەتلىك كولدۇرما بۇلۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس! (2a "W`  
pDnFT2  
مەنبە : ئىشچىلار ۋاقىت گىزىتى ، 1995 - يىلى 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى

مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 7 پارچە مۇنبەر پۇلى +415
mu@ha@jir مۇنبەر پۇلى +15 ئۈلۈشكۈن 00:47 رەھمەت
crazysoul110 مۇنبەر پۇلى +100 09-27 ئۆتكۈر پىكىرلىك ئنكاس
希特勒1 مۇنبەر پۇلى +100 09-22 -
mufassir مۇنبەر پۇلى +11 09-21 رەھمەت   بىلىۋالدىم!
@yasman@ مۇنبەر پۇلى +51 09-21 ئىسىل تىما سۇنغۇنڭىزدىن ، بەكمۇ سۇيۇ
YuqunAdam مۇنبەر پۇلى +88 09-19 بەرھەق!
harsan مۇنبەر پۇلى +50 09-19 ياخشى مەزمۇندىن بىرنى سۇنۇپسىز
 
ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!.
ۋاقىت ھەممىنى ئۆتمۈشكەئايلاندۇرىدۇ. ئۇنتۇلدۇرىدۇ، ئېرىشتۈرىدۇ. بىر كۈنلەردە كەچمىشىڭدە يىغلىغىنىڭ ئۈچۈن كۈلىسەن. كۈلگىنىڭ ئۈچۈن يىغلايسەن....
http://saadat.blogbus.com
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1649 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14960 (سوم)
 ياخشى باھا:   1272 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1184  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5666
 سائەت
دەرىجىسى:
5666 سائەت 274 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-24
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-19

سىيت نوچىنىڭ كېيىنكى تەقدىرى شۇنداق بولغان بىلەن ئۇ بۇرۇن گىلاۋخۇيچىلارغا قاتنىشىپ زالىملارغا قارشى ئۇرۇش قىلغان. مەيلى نەدىلا بولسۇن يامانلارغا بوزەك بولماي،يۇۋاشنى ئانىي تاپماي،يامانلار،زالىملار بوزەكلەرنى بوزەك قىلسا ئارىغا كىرىپ يامانلارنىڭ،زالىملارنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ زالىمارنىڭ كۈشەندىسىگە ئايلانغان. شىۋاس قېرىندىشىمىز ئېيتقاندەك سىيت نوچى ئېلىپ ماڭغان خەت خەنزۇچە خەت.ئەينى دەۋردە ئۆز يېزىقىمىزنىمۇ 90%ئادەم تونىمايدىغان دەۋردە باشقا يات يېزىقتىكى خەتنى تونىماي ساددىلىق بىلەن توشىغان ئادەمنى ھازىرقى زاماننىڭ ئىددىيەسى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ساۋاتسىز،ساددا، دۆت،ياىشى ياماننى پەرىق ئەتمەيدىغان ئەىمەق نوچى  دەپ قارىغۇلارچە باھا بەرسەك بۇ تاىرىىقەھرىمەانغا ھاقارەت قىلغان ئۇۋال قىلغان،‹‹خاتا ئەنزە ››پەيدا قىلغان بولىمىز. ئومۇمەن تارىخى شەخىسلەرگە باھا بەرگەندە سوغوققان بولايلى.ئالدىراپ يەكۈن چىقىرىۋەتمەيلى.
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +30
DILKASH مۇنبەر پۇلى +30 09-19 ئورۇنلۇق پىكىر.
 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1649 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14960 (سوم)
 ياخشى باھا:   1272 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1184  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5666
 سائەت
دەرىجىسى:
5666 سائەت 274 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-24
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-19

بۇ ھەقتە مۇنازىرلىشىمەن،سىيت نوچىنى ئەخمەق دەپ  بىلجىرلايمەن دەيدىغانلار بولسا قارشى چىقىشقا مەن تەييار.
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +19
ruhsana مۇنبەر پۇلى +19 10-25 يارايسىز !مەنمۇ شۇ
 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
aksiya
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.20119

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   226 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6307 (سوم)
 ياخشى باھا:   526 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   660  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3996
 سائەت
دەرىجىسى:
3996 سائەت 54 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-02
ئاخــىرقىسى:2011-11-24
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-19

ئاھ ھھھھھھھھھھھھھھ!يۈرۈگۈم RkwY3 s"  
ۋادىرىغا ئوقنى تەككۇۈزدۇق چالا @~3c;9LkY  
شۇ سەۋەبلىك دىلىمىز بولدى يارا........ o hlVc%a  
-~f.>@Wb  
سادىرمەنۇ سادىرمەن %m3efaC  
3000كويلۇق كادىرمەن +r_[Tj|Er  
با ئىشىمنى سورىساڭ ppK CY4  
خوشامەتكە ماھىرمەن
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +10
bilgeyar مۇنبەر پۇلى +10 09-22 ئېسىل شېئىر!
 
توخار
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.53836

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   520 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   11040 (سوم)
 ياخشى باھا:   1155 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1069  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2047
 سائەت
دەرىجىسى:
2047 سائەت 43 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-30
ئاخــىرقىسى:2011-11-24
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-19
2قەۋەتتىكى(Aytugh) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش

يالقۇن رۇزى بۇ ماقالىسىنى غەزەپ ئاچچىق  بىلەن يازغان،چۈنكى،ئابدۇشۈكۈر مۇھەمەتئىمىن ئوقۇتقۇچىسى ئەمسمۇ!ئۇ بۇ ماقالىسىدا سېيت نوچىنى بەكلا پەسكويغا چۈشۈرۋاتقان،يالقۇن رۇزى بۇ ماقالىسىنى يېزىش ئۈچۈن سېيت نوچىنى تىلغا ئالغان،يالقۇن رۇزىنىڭ گەپنى كەسكىن دېيىشىنى مەن بەك ياقتۇرىمەن.لېكىن،يېقىندا چىققان غەيرەتجان ئوسمەنغا يازغان رەدىيە خېتىدە ئۆزىنى بەك ماختۇۋەتكەن،ئازراق كەمچىللىكىنىمۇ ئېتىراپ قىلمىغان،يالقۇن رۇزىنىڭ بەزى ئەسەرلىرىدە پىكىر ئىختىلاپى بار دەپ ئويلايمەن.....
 
ئىدىيىدىكى قاتماللىق،روھىيەتتىكى گادايلىق،ئەقىلدىكى كەمتۈكلۈك،ئىرادىدىكى بوشاڭلىق تۈپەيلى زامان بىزگە تار كۆرۈنۋاتىدۇ.
KULKEZ
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5182

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1862 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8480 (سوم)
 ياخشى باھا:   751 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   966  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1943
 سائەت
دەرىجىسى:
1943 سائەت 147 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-30
ئاخــىرقىسى:2011-11-10
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-19

مىنىڭ بىرنىمە دىيىشىمنى بەزىلەر خالىمايدۇ ھەقاچان ...شۇڭا ئاغىزىمنى يۇماي ....
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +10
End مۇنبەر پۇلى +10 09-19 ئۆزىنى سورىغان ،شەسوراپتۇ .ھى ھى ھى.
 
قىزلاردا نازاكەت تۇگىسە، ئوغۇللاردا جاسارەت تۇگەيدۇ...!
AZAL0996AA
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36033

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   374 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1966 (سوم)
 ياخشى باھا:   122 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   4  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 318
 سائەت
دەرىجىسى:
318 سائەت 32 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-02
ئاخــىرقىسى:2011-11-22
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-19

قايسى تارىخقا ئىشىنىش كېرەك.ئەمدى يالقۇن روزى بەك ئاشۇرۋەتتىمۇ قانداق؟
 
سۇيۇش ئۈچۈن ساق قالسۇن يۈرەك.
natik
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.49057

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   169 (سوم)
 ياخشى باھا:   1342 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1243  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 907
 سائەت
دەرىجىسى:
907 سائەت 133 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-25
ئاخــىرقىسى:2011-11-23
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-19

مىنىڭچە سىيىت نوچىدەك  ئۈزنىڭ ئۈلۈم خىتنى بىلىپ  تۇرۇپمۇ يەنە  مەردلىك بىلەن كۆكرىك كىرىپ ئوتتۇرغا چىققىدەك غۇرۇرى بارلار  ئەخمەق دىمەيدىغۇ دەيمەن  ، شەخسەن مەن  ئەخمەق دىمەيمەن ئەكىسىچە ئۇبىر قەھىرمان
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +19
ruhsana مۇنبەر پۇلى +19 10-25 قوللايمەن
 
karaturk
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6567

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   190 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1706 (سوم)
 ياخشى باھا:   173 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   255  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 7729
 سائەت
دەرىجىسى:
7729 سائەت 61 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-17
ئاخــىرقىسى:2011-11-24
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-19

سېيىت نوچى ئۇچتۇرپان ئامبىلىغا مەشقاۋۇل بولغان.يەنى ئامبالنىڭ يېنىدا خىزمەت قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ دوسلۇقىغا ئېرىشكەن.ئەگەر سېيىت نوچى ئامبال ئۇچۇن چىن كۆڭلىدىن خىزمەت قىلمىغان بولسا،ئەلۋەتتە ئامبالنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشەلمىگەن بولاتتى.سېيىت نوچىنىڭ قەشقەر سەپىرىمۇ قەشقەر ئامبىلىنىڭ يېنىدا مەنسەپكە ئېرىشش تاماسىدىكى سەپەر.بىراۋنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەكچى بولساڭ،دوستىغا قارا،دىگەندەك ئامبال-دارىنلار سېيىت نوچىنىڭ جان دوست بۇرادەرلىرى.سېيىت نوچى بولسا ئامبال-دارىنلارنىڭ بىر چاپارمىنى بولۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.بەلكىم سېيىت نوچى شۇ چاغلاردا ئامبال ئۇچۇن بىرەر مەخپى ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىپ،يوقۇرقىدەك ئاقىۋەتكە قالغان ئېىھتىماللىقمۇ بولۇشى مۇمكىن.
 
ئاغزىدا كۇلكە-چاقچاق،قوينىدا پالتا-پىچاق.
kapTalis
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.25474

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2060 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   32 (سوم)
 ياخشى باھا:   1047 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   266  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5362
 سائەت
دەرىجىسى:
5362 سائەت 238 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-08
ئاخــىرقىسى:2011-11-23
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-19

سىيىت نوچىنى ساۋاتسىز دېگىنىڭىزگە قارىغاندا سىز راسلا ساۋاتسىز ئىكەنسىز ، تارىخنى ياخشى ئوقۇڭ مۇشۇنچىلىك سۆزلەي . VZ$=6CavH  
1-قەۋەتتىكى شىۋاسنىڭ يازمىسىغا ...........................................
 
ئابدۇ.....
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى