يەر شارى ئەتراپىدىكى ئاتموسفېرا قاتلىمى قانداق شەكىللەنگەن ؟
fv!l { N5rY*S بىز ھەر كۈنى ھاۋا ئىچىدە ياشاپ ، ھاۋادىن نەپەسلىنىمىز . ھاۋا زادى قانداق شەكىللەنگەن ؟ بۇ مەسلە توغرىسىدا ھازىر تېخى مۇكەممەل بىر ئىزاھات يوق ، كىشىلەر بۇ ھەقتە تىرىشىپ ئىزدەنمەكتە .
j=)Cyg3_% ئومۇمەن مۇنداق دەپ قارىلىدۇ : ئەڭ دەسلەپتە ، يەر شارى ئەمدىلا پىلانېتىلار ئارا ماددىلاردىن بوش كاللەك بولۇپ قېتىشقان چاغدا ئاتموسفېرا يەر شارىنىڭ سىرىتقى يۈزىگە يېيىلىپلا قالماي ، بەلكى يەر شارىنىڭ ئىچىگىمۇ سىڭىپ كىرگەن . ئۇ چاغدا ، ھاۋادا ئەڭ كۆپ نەرسە ھىدروگېن (H) بولۇپ ، گاز جىسىملار تەركىبىنىڭ تەخمىنەن ٪90 ىنى ئىگىلىگەن . ئۇنىڭدىن باشقا ، يەنە نۇرغۇنلىغان سۇ پارلىرى ، مېتان ، ئاممىياك ، گېلىي (He) ۋە ئىنېرت گازلارمۇ بولغان ، لېكىن ئازۇت (N) ، ئوكسىگېن (O) ۋە كاربون (IV) ئوكسىدى ئاساسەن بولمىغان .
sB_o
HUMH6 كېيىن ، يەر مەركىزى تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرى بىلەن بۇ بوش ھالەتتە تۇرغان يەر شارى كاللىكى قورۇلۇپ كىچىكلەپ كەتكەن ، قورۇلغان چاغدا ، يەر شارى ئىچىدىكى ھاۋا سىقىلىپ ، يەر شارىنىڭ تېمپىراتۇرىسىنىى شىددەت بىلەن ئۆرلىتىۋەتكەن ، يەر شارىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ھاۋامۇ يۇقىرى ئالەم بوشلىقىغا كۆپلەپ تارقاپ كەتكەن . بىراق ، يەر شارى قورۇلۇپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە ، قورۇلۇش سۈرئىتى ئاستىلاپ كەتكەن ، يەنە كېلىپ قاتتىق قورۇلغان چاغدا پەيدا بولغان ئىسسىقلىق مىقدارىمۇ ئاستا _ ئاستا تارقىلىپ ، يەر شارى ئاستا _ ئاستا سوۋۇپ ، يەر پوستى قېتىشقا باشلىغان . بۇ چاغدا ، يەر پوستىدىن سىقىىپ چىقىرىلغان بىر قىسىم ھاۋانى يەر مەركىزىنىڭ تارتىش كۈچى تارتىپ توختىتىۋېلىپ ، يەر شارىنىڭ سىرىتقى يۈزىنى قاپلاپ تۇرغان ئاتموسفېرانى شەكىللەندۈرگەن . بۇ چاغدا سۇ پارلىرى سوۋۇپ سۇغا ئايلىنىپ ، يەر پوستىدا سۇ پەيدا بولۇشقا باشلىغان ، ئەينى ۋاقىتتا ئاتموسفېرا قاتلىمى ناھايىتى نېپىز ، ئاتموسفېرا تەركىبىمۇ ھازىرقى ئاتموسفېرا قاتلىمىدىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدىغان بولۇپ ، يەنىلا سۇ پارلىرى ، ھىدروگېن ، گېلىي ، ئاممىياك ، ئىنېرت گاز قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولغان .
~1pJQ)!zlq يەر پوستى قېتىشقاندىن كېيىنكى خېلى ئۇزاق مەزگىل ئىچىدە ، يەر شارىنىڭ ئىچكى قىسىمى يەنە رادىئوئاكتىپلىق ئېلېمېنتلارنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن ئۆزلۈكسىز قىزىپ ، يەر يۈزىنىڭ زور دەرىجىدە تەڭشىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، يەر پوستىنىڭ بەزى جايلىرىدا ئۈزۈلمە قاتلاملارنى ۋە ئورۇن يۆتكىلىشىنى پەيدا قىلغان ، تاغ جىنىسلىرى ۋە يەر پوستىدىكى نۇرغۇن سۇلار يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا يەنە داۋاملىق ئاجىرىلىپ چىقىپ ، دەريا ، كۆل ، دېڭىزلاردىكى سۇ مىقدارىنى كۈپەيتكەن . تاغ جىنىسلىرى ياكى يەر قاتلىمىدا توسۇلۇپ قالغان كاربون (IV) ئوكسىدىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى گاز جىسىملارمۇ كۆپ مىقداردا ئاجىرىلىپ چىقىپ ، شالاڭ ئاتموسفېرا قاتلىمىنى تولۇقلىغان .
PNXZ 3:W بۇ چاغدا ، ئاتموسفېرانىڭ ئۈستىنكى قاتلىمىدا نۇرغۇن سۇ پارلىرى پەيدا بولغان ، كۈن نۇرىنىڭ چۈشىشى بىلەن ئۇلارنىڭ بىر قىسىمى ھىدروگېن ۋە ئوكسىگېنغا پارچىلانغان . پارچىلىنىپ چىققان بۇ ئوكسىگېنلارنىڭ بىر قىسىمى ئاممىياك تەركىبىدىكى ھىدروگېن بىلەن بىرىكىپ ، ئاممىياك تەركىبىدىكى ئازوتنى ئاجىرىتىپ چىقارغان ، بۇ كاربونلار يەنە ئوكسىگېن بىلەن بىرىكىپ ، كاربون (IV) ئوكسىدىنى ھاسىل قىلغان .
^Ois]#py شۇنداق قىلىپ ، ئاتموسفېرا چەمبىرىكى ئىچىدىكى ھاۋانىڭ تەركىبى سۇ پارلىرى ، ئازوت ، كاربون (IV) ئوكسىدى ۋە ئكسىگېن بۈلۇپ قالغان . بىراق ، ئۇ چاغلاردا كاربون (IV) ئوكسىدى ھازىرقىدىن كۆپ ، ئوكسىگېن بولسا ھازىرقىدىن ئاز بولغان .
#lQbMuR يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىزوتوپلۇق ئۆلچەشكە ئاساسلانغاندا ، يەر شارىنىڭ پەيدا بولغىنىغا 5 مىليارد يىلدىن كۆپرەك بولغان . تەخمىنەن بۇنىڭدىن 1 مىليارد 800 مىليۇندىن 1 مىليارد 900 مىليونغىچە يىللار ئىلگىرى سۇ يۈزىدە ئاستا _ ئاستا جانلىقلار پەيدا بولۇشقا باشلىغان . بۇنىڭدىن 700- 800 مىليون يىللار ئىلگىرى قۇرۇقلۇقتا ئۆسۈملۈكلەر پەيدا بولۇشقا باشلىغان ، ئۇ چاغدا ئاتموسفېرا تەركىبىدە كاربون (IV) ئوكسىدىنىڭ مىقدارى نىسبەتەن كۆپ بولغاچقا ، ئۆسۈملۈلەردە فوتوسىنتېز جەريانىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا تولىمۇ پايدىلىق بولۇپ ، ئۆسۈملۈكلەر ئىنتايىن بۈك _ باراقسان ئۆسكەن . نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەر فوتوسىنتېز جەريانى ئېلىپ بارغان چاغدا ، ئاتموسفېرادىكى مول كاربون (IV) ئوكسىدىنى سۈمۈرۈۋېلىپ ، ئوكسىگېننى چىقىرىپ ، ئاتموسفېرادىكى ئوكسىگېن مىقدارىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتكەن . شۇڭلاشقا ، تەخمىنەن 500 مىليون يىللار ئىلگىرى يەر شارىدا ھايۋانلارنىڭ نەپەس ئېلىشىش بىلەن ئاتموسفېرادىكى بىر قىسىم ئوكسىگېن يەنە كاربون (IV) ئوكسىدىغا ئايلانغان .
+~=>72/r يەر شارىدا ھايۋانات ۋە ئۈسۈملۈكلەر كۆپىيىپ كەتكەندىن كېيىن ، ئۇلار ماددىلارنى ئاجىرىتىپ چىقارغان ۋە ئۆلۈپ چىرىگەن چاغدا ، ئاقسىلنىڭ بىر قىسىمى ئاممىياك ۋە ئاممونىي تۇزىغا ئايلانغان ، يەنە بىر قىسىمى بىۋاستە ھالدا ئازوتنى ئاجىرىتىپ چىقارغان . ئاممىياك ۋە ئاممونىي تۇزىغا ئايلانغان قىسىمى نىتراتلاشتۇرغۇچى باكتىرېيە ۋە ئوكسىگېنسىزلانغان باكتىرېيىنىڭ تەسىرى ئارقىلىق بەزىلىرى ئازوت گازىغا ئايلىنىپ ئاتموسفېراغا كىرگەن . ئازوت گازى ئانچە ئاكتىپ بولمىغانلىقى ، نورمال تېمپېراتۇرىدا باشقا ئېلېمېنتلار بىلەن ئاسانلىقچە بىرىكمەيدىغانلىقى ئۈچۈن ، ئاتموسفېرادىكى ئازوت بارغانسېرى كۆپىيىپ ، ئاخىرىدا ھازىرقى ئاتموسفېرادىكى ئازوت مىقدارىغا يەتكەن .
-Q;5A;sr2 بۇ چاغدا ، يەر يۈزىگە يېقىن جايلارنىڭ ئاتموسفېراسى ھازىرقى تەركىبگە ئىگە بولغان : ئازوت تەخمىنەن ٪78 نى ، ئوكسىگېن تەخمىنەن ٪12 نى ، ئارگون (Ar) تەخمىنەن ٪1 نى ئىگىلەيدۇ ، باشقا گازلارنىڭ ھەممىسى ٪1 كىمۇ يەتمەيدۇ .
GEwgwenv بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، ئاتموسفېرانىڭ شەكىللىنىشى بىر تەرەپتىن يەر شارىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە يەر پوستىنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، يەنە بىر تەرەپتىن ، يەنە ھايۋانات ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ، ئۇ ، يەككە _ يىگانە ھالدا شەكىللەنگەن ئەمەس .
={b/s31H: بۇ پەقەت ھازىرقى ئىلىم – پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك بولغان بىر خىل چۈشەندۈرۈشىدىنلا ئىبارەت . كىشىلەر ھازىر بوشلۇق تېخنىكىسىدىن پايدىلىىنىپ ئالەمدىكى پىلانېتىلار ئاتموسفېراسىنىڭ ئەھۋالىنى كۈزىتىۋاتىدۇ . بەزى پىلانېتىلارنىڭ ئاتموسفېراسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق پىلانېتىلاردىكى ئاتموسفېرانىڭ ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات باسقۇچلىرىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ ، بۇنىڭ يەر شارى ئاتموسفېراسىنىڭ شەكىللىنىشىنى چۈشىنىۋېلىشقا بولغان ياردىمى ناھايىتى چوڭ . بىراق ، ئاتموسفېرا قاتلىمىنىڭ شەكىللىنىشى توغرىسىدىكى ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلىدىغان نەزەرىيە توغرىسىدا كىشىلەرنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىشىغا توغرا كېلىدۇ .
z.eqOPW r!yrPwKL مەنبەسى : «يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن»دېگەن كىتابتىن ئېلىندى