قورساق ئاچماسلىق دورىسى
SX
FF "@
ox= B,g
QeW& =%RDT9T. بۈگۈن ئالدىمدا قىلىدىغان ئىش تۈگەپ قالدى...
s:fnOMv
" توۋا.. مەن خىزمەتكە چىققاندىن بىرى ئىشخانىدا دەم ئېلىپ ئولتۇرۇپ قالغىنىم بىر يېڭىلىق، تۇنجى قېتىملىق ھەم يېڭى، ھەم تاساددىپى بىر كۈن. ئازراق بىكار قالسام ئىنسانلارنىڭ بىردىنبىر ئەڭ ئالى ھوقۇقى- خىيالى سۈرۈشتىن بەھىرلىنەتتىم...
Q"Bgr&RJ تۇيۇقسىز ئىشىك چىكىلىپ ئىدارىمىزنىڭ خەت-چەك تارقىتىش خادىمى بىر كونۋىرتنى كۆتۈرۈپ كىردى.
P-vA.7 -بۇ سىزنىڭ خېتىڭىز ئىكەن،- دېدى ئۇ ھەييارلىق بىلەن كۆزىنى قىسىپ قويۇپ. مەن خىيال سۈرۈشۈمگە دەخلى قىلغان بۇ خەتنى ئىرەنسىزلىك بىلەن قولۇمغا ئېلىپ ئادرىسىغا قارىدىم. قارىدىميۇ بىر خىل قىزىقىش ئىلكىدە كونۋىرتنى ئېچىپ خەتنى قولۇمغا ئالدىم. بۇ خەت «كالتا يوپكىلىق ئۆچكە» « يانفونلۇق چاشقان» ۋەقەلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن ئاغىنەم ئەختەمدىن كەلگەنىدى.
Gn_v}31d% - ئەختەم بىلەن كۆرۈشمىگىلى خېلى ئۇزۇن بولغانىدى. ئۇنىڭ ئادەمگە يۇمۇرىستى ھوزۇرتۇيغۇسىنى بىرىدىغان، ئەبجەش تەپەككۇر سەزگۈسىنى قوزغايدىغان پاراڭلىرىنى خېلى سېغىنغانلىقىمنى ھېس قىلدىم...ئۇنىڭ خېتى تۆۋەندىكىدەك باشلىنىپتۇ:
:ss9- «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇخبىر ئاداش!
.{8lG^0U< تىچلىقمۇ؟ ئۆي ئىچىڭىز ھەم ئۆزىڭىز... خىزمەتداش ھەم ئىشخانا-ئۈستەللىرىڭىز تىچ ئامانمۇ؟
w=f8UtY9@A مۇخبىر ئاداش، سىز بىلەن تونۇشقاندىن بىرى سىزنى مۇخبىر دەپ كۆنۈپ قاپتىمەن. گەرچە سىزنىڭ ئارمان دىگەن مۇبارەك ئىسمىڭىزنى ئۇدۇللۇق چاقىرسام ياخشى بولىدىغاندەك ئويلىساممۇ، بىراق سىزنىڭ يېزا قىشلاقلارغا بارغاندا ئازراق سۈر ھەيۋە قوزغايدىغان مۇخبىرلىق نامىڭىزنى ئاتىمىسا سىزنى رەنجىپ قالارمىكىن دەپمۇ قالىمەن. مۇخبىر ئاداش، خۇشامەت قىلىشنى بىلەمسىز؟ بىلمىسىڭىز ئۆگىنىپ قويۇڭ!!.. « ئوغۇل بالىغا يەتمىش ئىككى خىل ھۈنەرمۇ ئاز» دەيدىغان گەپ بار. بۇنىڭ ئىچىدە «خۇشامەت» مۇ بىر كەسىپ. جانغا ئەسقاتىدىغان ھازىرقى بازىرى ئىتتىك كەسىپ. ئەسلى مەقسەتكە كەلسەك سىزگە كۆڭلۈمنىڭ يېقىنلىقىدىن، جوزا-ئورۇندۇقلىرىڭىزغىمۇ خۇشامەت قىلىپ قويىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. بەلكىم نېمىشقا دەپ ئويلارسىز؟
!$d:k|b سەۋەبىنى دەپ بىرەي: بىزنىڭ ئىشخانىدا بىر يىغىن ئېچىلدى. ئەسلىغۇ يىغىن كۈندە ئېچىلىپ تۇرىدۇ. لېكىن ئەڭ مۇھىمى، بىر كۈندىكى يىغىن... ئۇ بىز نىڭ مەكتەپ مۇدىرى يۇقۇرىنىڭ «ئورۇق» ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى «سەمرىتىپ» سۆزلەۋاتاتتى. مەن يىغىن تىڭشاۋېتىپ تۇيۇقسىز ئالدىمدىكى ئۈستەلنىڭ بىر بۇرجىكىدىكى مىخنىڭ كۆتۈرۈلۈپ قالغانلىقىنى كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن ئىختىيارسىز رەۋىشتە، تارتمامغا سالىدىغان قۇلپا بىلەن مىخنى پاتۇرۋېتىش ئۈچۈن مۇشتلىدىم. مۇدىر ماڭا قاراپ تازا ئالىيىۋەتكەندىن كېيىن سۆزىنى داۋام قىلىۋەردى... سۆزلىرىنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچىلارغا ئىشخانىدىكى جوزا-ئورۇندۇقلارنى ياخشى ئاسراش، قالايمىقان مۇشتلىماسلىق توغرىسىدىكى يوليۇرۇقى بىلەن يىغىننى ئاخىرلاشتۇردى. بولغان ئىش شۇ... ئۇزۇن ئۆتمەي كۆنۈپ قالغان خىزمەتداشلىرىمدىن، قەدىناس بوپقالغان جوزا-ئورۇندۇقلىرىدىمدىن ئايرىلىپ ئۆيۈمدىن 49 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى بىر مەكتەپكە يۆتكىۋەتتى. ئەسلىغۇ ئۆزۈمدىن ئۆتتى. ئالدىمدىكى ئۈستەلگە خۇشامەت قىلىشنى بىلگەن بولسام ماڭىمۇ بۇنداق بولمايتتى.
5 wc&
0h مۇخبىر ئاداش، ئېھتىيات قىلىڭ. كۆنۈپ قالغان خىزمەت ئورنىڭىزدىن ئايرىلىپ قالسىڭىز بەك ئېغىر كەپقالمىسۇن...
K}$PI W مۇخبىر ئاداش، بىر ئىشنى سىزگە ھاۋالە قىلسام ماقۇل دەرسىزمۇ؟ سىز نېمىلا دىگەن بىلەن مەلۇماتلىقلار توپلاشقان شەھەردە خىزمەت قىلىسىز... ئۆزىڭىز بىلسىڭىز ئۆزىڭىز، بىلمىسىڭىز مەلۇماتلىقلاردىن سوراپ بېقىڭ.
IjrTM{f «ئوقۇغۇچى» دىگەن ئوقۇتقۇچىنىڭ چاكىرىمۇ؟
i:zA( ... بىر كۈنى بىر ئوقۇغۇچىنى سىنىپتا ئۇنتۇلۇپ قالغان كىتابىمنى ئېلىپ چىقىشقا بۇيرىدىم. ئۇ ئەچىقىپ بەردى. مەن «رەھمەت» دەپلا كىتابىمنى ئالدىم... بولغان ئىش ئاشۇ... شۇنىڭ بىلەن خىزمەتداشلىرىم «رەھمەت» دېگەن سۆزۈمنى تەتقىق قىلىشقا باشلىدى. (نېمىشقىمۇ دىگەن بولغىيتتىم) ئۇلارنىڭ ئاخىرقى يەكۈنى «ئوقۇغۇچى دېگەن ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇنچىلىك ئىشىنى قىلغانغا رەھمەت ئېيتىش ئارتۇقچە ئىش، بۇنىڭغا جان توشامدۇ» دىيىشكەن.
8 zY)0 مۇخبىر ئاداش، مېنىڭ ئۆز ئوقۇغۇچىمغا رەھمەت دىيىشىم ئەخمەقلىقمۇ؟ «ئازچىلىق كۆپچىلىككە بويسۇنۇش كېرەك» دىگەندەك، مەن ئۇلارنىڭ كوللىكتىپ يەكۈنىگە لايىقىدا جاۋاپ تېپىپ بىرەلمىدىم. بىراق بۇ گەپ ئىددىيەمدىن ئۆتمىدى. سىز ئېغىر كۆرمەي «مەلۇماتلىقلار» توپلاشقان شەھەرلىك خىزمەتچىلەردىن بۇ گەپنى بىر سوراپ باقسىڭىز؟!
rhUZ9Fdv ئۆزىڭىز توغرا دەپ قارىغان جاۋاپنى ئېغىر كۆرمەي يەتكۈزىۋىتەرسىز... ئەڭ ئاخىرىدىكى تەلىپىم سىزگە بىر ئوقۇغۇچىمنىڭ ھېكايىسىنى ئەۋەتتىم. كۆرۈپ چىقىپ بولىدىكەن دەپ قالسىڭىز ئېلان قىلىۋىتىڭ.
_wqFKj لېكىن بۇ ھېكايە ئۆزىڭىزنىڭ نامىدا بولسۇن، چۈنكۈ، بۇ ھېكايىنى يازغان ئوقۇغۇچىمنىڭ دادىسى « ئوقۇتقىنىمنىڭ پايدىسى يوق. ھۈنەر ئۆگەنسە كېيىنلىكى ياخشى بولىدۇ» دەپ مەكتەپتىن ئاجرىتىۋالدى. ئۇنىڭ ئىسمى نۇرجاھانمۇ يا نۇرئىمانمۇ تازا ئېسىمدە يوق... پەقەت ئۇنىڭ بارلىق دەرىسلەردە ئەلاچى، پائالىيەتچان ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكى.... ھېكايىسىنىڭ ياخشى يېزىلغانلىقىدىن ئۇنى ساقلاپ قويغانلىقىملا ئېسىمدە، ئۇنى شۇ پېتى كۆچۈرۈپ ئەۋەتتىم. ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقارسىز...
eM~i (]PY «جازا» مۇددىتىم توشۇپ خىزمىتىم كۆڭۈلنى تىندۇرسا، سىزنى چوقۇم يوقلايمەن. خەير-ئامان بولۇڭ!
;N,7#l|wi ئەختەمنىڭ يازغان ھېكايىسى تۈگىدى. كېيىنكى بەتنى ئۆرۈدۈم. باش قۇر، دەل ئوتتۇرىسىغا «قورساق ئاچماسلىق دورىسى» دەپ ماۋزۇ قويۇپتۇ. «قورساق ئاچماسلىق دورىسى» دېگەننى ئوقۇپ قورسىقىمنىڭ سەل – پەل ئاچقانلىقىنى ھېس قىلدىم. راست، سائەتكە قارىسام چۈشلۈك تاماق ۋاقتى توشۇپ ئېشىپمۇ كېتىپتۇ. لېكىن ئىنسانلارنىڭ چوڭ تىرىكچىلىك غېمى قورساق تويغۇزۇش بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ماۋزۇ مېنى ھەقىقەتەن قىزىقتۇردى-دە، ئۇنى ئوقۇشقا تۇتۇندۇم:
_p~
`nQ=7 -مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ ئۆيگە كىرسەم ئانام ئەمدىلا ئىشتىن چۈشۈپ كەچلىك تاماققا جىددى تۇتۇش قىلىۋېتىپتۇ. ئىچىمدە ، ئىسىت، نېمە دىگەن جاپا، ھەر كۈنى ئۈچ ۋاخ تاماق ئېتىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ۋاقىت قازان بېشىدا شەرپ بولىدىكەن. تېخى تاماق يىيىش ئۈچۈنمۇ خېلى كۆپ ۋاقىت كېتىدىكەن. ئەگخەردە بىرەر ئالىم «ئوقۇش مەشىقى» دەرىسلىكىدە يېزىلغىنىدەك دورا كەشىپ قىلغان بولسا نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى-ھە! تاتلىق خىياللار بىلەن قاچانلاردىدۇر كۆزۈپ يۇمۇلۇپ قاپتۇ.
o= 8yp2vG .. ئىككى تەرىپى بۈك-باراقسان دەرەخلەر بىلەن قورشالغان كوچىدا كېتىۋاتاتتىم. بۈگۈن نېمىشقىدۇر بازاردىكى ئادەمنىڭ قۇلاق مېڭىسىنى يەيدىغان لەڭپۇڭچىلارنىڭ، ئاشپەز-ناۋايلارنىڭ قوشاق قېتىپ خېرىدار چاقىرغان ئاۋازلىرىمۇ ئاڭلانمايتتى. ھەتتا قورسىقى تويمايدىغان لالما ئىتلارنىڭمۇ كاڭشىغان ئاۋازى ئاڭلانمايتتى. ماڭا پۈتۈن كائىنات، پۈتۈن ئادەملەرمۇ ھەرىكەتتىن توختاپ قالغاندەك بىلىنىپ كەتتى. ئۆيگە كىرسەم ھەر دائىم خىزمەتتىن ئالدىراش چۈشۈپ، ئاپئاق داستىخان سېلىغان ئۈستەللەرگە تاماقلارنى تىزىپ مېنى كۈتۈپ ئولتۇرىدىغان ئاناممۇ ئۇخلاۋېتىپتۇ. ئانامنى ئاستا ئويغۇتۇپ سورىدىم:
FEP\5d> -ئانا، تاماق ئەتمىدىڭىزمۇ؟
+
6}FUi!"e - ياق بالام، ئاۋۇ ئۈستەلدە دورا بار شۇنى ئېلىپ ئىچكىن.
\ oL+O| -ئانا، قورسىقىم ئېچىپ كەتكەن تۇرسا نېمە دەپ دورا ئىچىمەن؟
%8$wod6 - بالام، ئالىملار بىر دورا ئىجاد قىلىپتۇ. ئىچسە بىر ئايغىچە قورساق ئاچمايدىكەن.
t
Y^:C[ ئانامنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ھەممىنى چۈشەندىم. ھە! ئەسلىدە كوچىدىكى ئادەملەر بۇ دورىنى ئىچىۋېلىپ خاتىرجەملىك ئىلكىدە ئۆز ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولىۋېتىپتۇ-دە، ئەمدى بەكمۇ ياخشى بولدى. نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ تاماق يىيىشكە، تاماق ئىتىشكە سەرىپ قىلىنىدىغان ۋاقتى ۋەتىنىمىزنىڭ، مىللىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا ئىشلىتىلدىىغان بوپتۇ-دە، يەنە تېخى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى نامرات رايونلاردىكى ئاچارچىلىق ئەھۋاللىرى تۈگەيدىغان بوپتۇ...
Su-+~`
" شۇلارنى ئويلاپ خىيال كەپتىرىمنىڭ يىراقلارغا ئۇچۇۋاتقىنىدا، تۇيۇقسىز كوچىدا كۆتۈرۈلگەن قىيا-چىيا ئاۋازلار قۇلىقىمغا كىردى. نېمە بولغاندۇ؟ دەپ دەرىزىدىن قارىسام، يا پىرىم، كوچا بىردەمدىلا ئادەم دېڭىزىغا ئايلىنىپتۇ. ھەممە يەردە ئالتە-يەتتىدىن بولۇشۇپ قارت ئويناۋاتقانلار، قىمار ئويناۋاتقانلار، ھاراق ئىچىۋاتقانلار، كوچا دوقمۇشىدا يىغىلىپ كوتۇلدىشىپ، كۈركە توخۇدەك قاقاھلىشىپ كۈلىشىۋاتقان ئاياللار، بىر-بىرىگە لاي چېچىپ، چالما ئېتىشىپ يىغلىشىۋاقان كىچىك بالىلار، بۇلارنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز سىرتقا چىققۇم كەلدى. چۈنكى مەندىمۇ جىدەل-ماجرالارنى كۆرسە، غەيۋەت-شىكايەت قىلىپ باشقىلارنى غاجىۋالسا، كۆڭلى ئېچىلىپ قالىدىغان ھازىرقى «مەدەنىيەت» ئىدىيىسى بار ئەمەسمۇ؟
*vj5J"Y(;t ھەي، بۇ دورىنىڭ كەشىپ قىلىنغىنى بەك ياخىش بولدى. ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن تاماق ئېتىمەن دەپ ئاۋارە بولمىساممۇ بولىدىغان بولدى.
z#-&M J -توغرا دېدىڭ، ئەمدى بىزمۇ ئۆتكەن-كەچكەننىڭ، ياخشى-ياماننىڭ گىپىنى قىلىپ ئولتۇرساق، «ھوي، ئۆيگە كىرىپ تاماق ئەتمەمسەن؟!» دەپ گۆركىرەيدىغان ئەرلەرنىڭمۇ قورساق جىدىلىدىن، كەچكىچە ئاش-نان دەپ يىغلايدىغان بالىلارنىڭ غەلۋىسىدىنمۇ قۇتۇلدۇق-دە! بۇ مەھەللىمىزدىكى ئەڭ ئىشچان ئاياللارنىڭ ئاۋازى ئىدى.
S ":-5S6 -خوشە، بۇرۇن تاماق، گال ئۈچۈن ئىشلەيتتۇق. ئەمدى بۇنىڭدىنمۇ غېمىمىز يوق بولدى. ھەر كۈنى ئويناپ-كۈلەيلى... «ئالتە كۈنلۈك ئالەمدە» جاپا چىكىپ نېمە كەپتۇ! قۇيمامسەن لاتا...ھارىقىڭنى...
%b_zUFHPp بۇ ئاقكۆڭۈل، ھالال ئەمگىكى بىلەن بېيىپ ئالتە بالىسىنى گۈلدەك بېقىۋاتقان ئاۋۇتاخۇننىڭ ئاۋازى ئىدى.
yC _X@o-n -راست دەيسەن، ئەمدى خىزمەت قىلىمەن، ئەمگەك قىلىمەن دەپ جاپا چېكىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى. بىراق، بەزىدە ئادەم كىيىم-كىچەككە ۋە پۇلغا ئېھتىياجلىق بولىدىكەن. بۇنداق ۋاقىتتا ھېچ بولمىغاندا بانكىنىڭ قۇلۇپىنى چاقارمىز...
[`
i;gx[^ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتىم. چۈنكى سۆزلىگۈچى ھەمىشە مەھەللىمىزدىكى چوڭ-كىچىكلەرگە ئوغرىلىق قىلماسلىق، ھالال ئەمگەك بىلەن ياشاشنى تەرغىپ قىلىدىغان ساقچىخانىنىڭ باشلىقى ئىدى. بۇ يەردىن كۆڭۈلسىز ئايرىلىپ قەدەملىرىمنى ئاستا يۆتكەپ كېتىۋاتاتتىم. پۇتۇم ئاستىدا بىر نەرسىنىڭ شىرىقلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قارىسام بىر پارچە گېزىت ئىكەن. «ھەي! ئەمدى بۇ ئادەملەرگە گېزىتمۇ كېرەك بولمايدىغان بولۇپ كېتىپتۇ-دە شۇنداق دىگەچ گېزىتنى قولۇمغا ئېلىپ كۆز يۈگۈرتۈشكە باشلىدىم: ئالىملار «قورساق ئېچىش دورىسى» نى كەشىپ قىلغاندىن كېيىن يەنە داۋاملىق تۈردە ئىزدىنىپ، «يىرتىلمايدىغان، كونىرىمايدىغان، قىشتا ئىسسىق، يازدا سالقىن تۇرىدىغان كىيىم» ئىجاد قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. بۇنداق قىلغاندا پۈتكۈل ئىنسانىيەت كېيىم-كىچەك مەسىلىسىدىن ئازا بولۇپ، ۋاقىتنى، ھاياتنى، ئىلىم-پەننىڭ تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ، كېيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئۈچۈن سەرپ قىلالايدۇ» دەپ بېسىلغانىدى.
$U6)km4 ياق، ئۇنداق قىلسا ھەرگىز بولمايدۇ. دەل شۇ چاغدا كۆز ئالدىمغا بىر ۋاق تاماق ئۈچۈن ئۆيىدىكىلەرنى ياخشىراق بېقىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ئاتىلارنىڭ ئەمدىلىكتە ھاراق، قىمارلغا بېرىلىپ، مەستچىلىك بىلەن توپىلىق يوللاردا يېتىپ كەتكەن، بەتبەشىرە چىرايى، ئاشۇ مېھرىبان جاپاكەش ئاياللارنىڭ گىرىمنى بولىشىچە قىلىپ، يولنىڭ دوقمۇشىغا چىقىپ ئولتۇرۇپ، ئۆتكەن-كەچكەنلەرنى باھالىشىپ، سەت كۈلىشىپ، غەيۋەت قىلغىلى ئادەم تاپالمىسا ئۆيدىكى ئېرىنىڭ، بالىلىرىنىڭ يامان گەپلىرىنى، ئەيىپ-نۇقسانلىرىنى باشقىلارغا سۆكۈپ بىرىپ، ئۆزىنىڭ دۇنيانىڭ، مىللەتنىڭ ئانىسى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇشقان ھالدا ئولتۇرغان ھالەتلىرى پەيدا بولدى.
w)}[)}T! ياق..ياق..ئالىملار ئەمدى ئۇنداق كىيىمنى كەشىپ قىلمىسۇن، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى بۇ چوڭ كەشپىياتنى قوبۇل قىلسا، بىزنىڭ جەمئىيىتىمىز تەرەققى قىلىش تۈگۈل، تۈگىشىپلا كەتكۈدەك...
=6%0pu]0 تۇيۇقسىز نەزىرىم ئالدى تەرەپتىن ماڭا قاراپ كېلىۋاتقان قوشنىمىزنىڭ مەن بىلەن تەڭ دىمەتلىك ئوغلىغا چۈشتى. ئانىسىدىن كىچىكلا يېتىم قالغاچقا، ناھايىتى يۇۋاش چوڭ بولغانىدى. دادىسى يېقىندىن بىرى كېسەلچان بولۇپ قېلىپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر خەۋەر ئېلىپ قويىۋاتاتتى...
$QY(7Z" ئۇ ماڭا يېقىنلىشاي دەپ قالغاندا، تۇيۇقسىز يەردىن بىر تال تاش ئالدى-دە، ماڭا قارىتىپ ئاتتى. كونىلارنىڭ «ئاچ نېمىنى يىگۈزمەيدۇ، توق نىمىنى قىلغۇزمايدۇ» دېگەن گېپى راست ئوخشايدۇ.
UV:_5"- ۋايجان-! دەپ توۋلىغىنىمچە چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. ھە ئەسلىدە چۈشۈم ئىكەندە، ئەجەپ قورقۇپ كەتتىم. ئىنسانلارنىڭ پۈتكۈل تۇرمۇش كۈرەشلىرى تاماق بىلەن چەمبەرچەس باغلانغانىكەندە، ئەڭ ياخشىسى ئۇلار بىر ۋاق تاماققا زار بولۇپ ياشىغاندىلا، ئاندىن ھاياتنى، ۋاقىتنى قەدىرلىگۈدەك..
'DKP-R" ئانامنىڭ بىر قاچا ھور ئۆرلەپ تۇرغان سۇيۇقئاشنى كۆتۈرۈپ كىرىشى خىيال يىپلىرىمنى ئۈزۈۋەتتى، مېنىڭ سۇيۇقئاش بىلەن ئانچە خۇشۇم يوق ئىدى. بىراق ھازىر بۇ بىر قاچا تاماق خۇددى ئىنسانىيەتنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزىۋالىدىغان ئابىھايات دورىسىدەك تۇيۇلدى...
B,A/
-B\ ھېكايە مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشقانىدى.
/]vg_&)= تۇيغۇمدا، يەلكەمدە بىر تاغ باردەك سەزدىم... توۋۋا... بۇ ھېكايىنى ئوقۇپ قانداق تەسىراتقا كەلگەنلىكىمنى يىغىنچاق ھالدا بىرەر سۆزگە خۇلاسىلىيەلمىدىم. لېكىن، ئوي-خىيالىم «قورساق ئاچماسلىق دورىسى» بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ... تۇرۇپ ئەختەمنىڭ تەقدىرىنى ئويلاپ قالدىم. ھەي! جاھان نېمە بولۇپ كېتىۋاتقاندۇ؟ بىر ياخشى ئوقۇتقۇچى خۇشامەت قىلالمىغانلىقى سەۋەبى بىلەن سۈرگۈن قىلىنسا... بىز چوڭلارمۇ ئويلاپ باقمىغان ھەم ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان چوڭ ئىشلار توغرىسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن مول تەسەۋۋرۇغا ئىگە بىر ئىستىداتلىق قىز ئوقۇغۇچىنى دادىسى ئوقۇتمايمەن دەپ مەكتەپتىن ئاجرىتىۋالسا...
N2~Nc"L ئەختەمنىڭ تەقدىرى بىلەن بۇ ھېكايىنىڭ ئاپتورىنىڭ بەختسىز تەقدىرى كۆز ئالدىمدا خۇددى قۇيۇندەك چۆرگىلەشكە باشلىدى...
kdv>QZ قورساق ئېچىپ ئۆتۈپ كەتكەندە ئاچلىق بىلىنمەيدۇ.. شۇنداق بولسىمۇ «قورساق ئاچماسلىق دورىسى» نى ئوقۇپ بۇ ئىشقا ئەستايىدىل ئامىلە قىلمىسام بولمىغۇدەك دېگەنلەرنى خىيال قىلدىم ۋە «ئابىھايات» دورىسى يىيىش ئۈچۈن ئىشخانامدىن چىقتىم.
/FQumqbnt JNsK T}g;kppC ;[*7UE+#7 ~s
!+9\Fi مەنبە : ئارمان 3383