پېقىر بۈگۈن قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ يول بويىغا ئېسىپ قويغان « پەرزەنتىڭىزنى، ئېرىڭىزنى، ئايالىڭىزنى، ئائىلىڭىزنى سۆيسىڭىز، بىخەتەرلىككە سەل قارىماڭ، بولمىسا ھەممىسى قۇرۇق گەپ بولوپ قالىدۇ» دىگەن شۇئار كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى، ئۆتكەن- كەچكەنلەر قاراپ ئۆگىنىشەتتى. پېقىر شۇئارغا قاراپ بىر مەسىلىنى بايقىدىمكى، بۇ شۇئار ئەرلەر ئۈچۈنلا يېزىلىپتۇ دەپ ھېسقىلىپ قالدىم. قاراڭ:« پەرزەنتنى، ئايالىنى، ئائېلىنى سۆيۈش» دەپتۇ، ئېرىنى، يولدىشىنى سۆيۈش دىيىلمەپتۇ. «ئائىلىنى سۆيۈش» دىيىلگىنى ئالدىنقى ئىككىسىنى «سۆيۈش» نىڭ خۇلاسىسى. بۇ تىپىك ئەرلەر ھوقوقى ئېڭىنىڭ ئىپادىلىنىشى بولوپ، جەمئىيىتىمىزنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ئەرلەر ھوقوقى جەمئىيىتى ئىكەنلىكى، ئاياللارنىڭ يېرىم دۇنيا ئەمەسلىكى، ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ ئاۋالقىدەكلا ئەرلەردىن تۆۋەن تۇرىدىغانلىقىنى تولۇق ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى خىزمەتكە قۇبۇل قىلىش بازىرىدىنمۇ بۇ نۇقتىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. پېقىرنىڭ شاگىرتى مائارىپ مېنىستىرلىكىگە قاراشلىق ئالتە نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنى پۈتتۈرگەن،ئۇ، سىنىپىدىكى ئوغۇللارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ ئۇمۇمىي جەھەتتىن قىزلارنىڭ نەتىجىسىدىن تۆۋەنلىكىنى، بىراق، قىزلاردىن بۇرۇنراق خىزمەت تاپالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
`9k\~D=D~ پېقىرنىڭ 10يىل قاتناش ساقچىسى بولغان ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلمايدىغانلارنىڭ ئىچىدە، ئاياللارنىڭ سانى ئەرلەرنىڭكىدىن كۆپ ئىكەن. بالىسى بىلەن قىزىل چىراقتىن بۆسۈپ ئۆتىدىغان، توكلۇق ۋېلىسپىت مىنىپ موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرى بىلەن يول تالىشىدىغان، يول بەلگىلىرى بولمىغان جايدا تۇيۇقسىز بۇرىلىپ ماڭىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئاياللار ئىكەن. بەلكىم ئۇلار ھېلىلا ئۆي ئىشىنى قىلىپ بولوپ خىزمەتكە ئالدىراپ ماڭغاندۇ، بەلكىم ئۇلار بالىلىرىنى يەسلىگە ياكى مەكتەپكە كېچىكىپ قالمىسۇن دىگەندۇ، ۋە بەلكىم ئۇلار ئۆيىگە قايتىپ بالىلىرىغا تاماق ئېتىشكە ئالدىراۋاتقاندۇ، ۋە بەلكىم... ئىشقىلىپ ئاياللارنىڭ پۇتى بىلەن ماشىنىنىڭ چاقى ھېمىشە ئالدىراشلا يۈرىيدۇ، ئۇلارنىڭ پائالىيىتى ئەرلەرنىڭكىدەك ئۇنداق ئىختىيارىي ئەمەس. ئەرلەر مىھماندارچىلىققا بېرىپ 5- 10مىنۇت كىيىنرەك قايتىپ كەلسىمۇ ھېچقىسى يوق. ئەمما ئاياللارنىڭ ئۇنداق ئەمەس، شۇڭا، ئاياللارغا مۇناسىۋەتلىك قاتناش ۋەقەلىرىگە ئائىت خەۋەرلەرنى پات- پات ئاڭلاپ تۇرىمىز. شۇڭا مېنىڭچە، ئاشۇ شۇئارنى «بىخەتەرلىككە سەل قارىسىڭىز پەرزەنتىڭىزنى، ئېرىڭىزنى، ئايالىڭىزنى، ئائىلىڭىزنى سۆيمىگەن بولىسىز» دەپ ئۆزگەرتىپ، ئاياللارنى ئالدىغا تىزىپ، ئاياللارنىڭ ئورنىنى كۆتۈرۈپ، ئاياللارنىڭ بىخەتەرلىككە ئەھمىيەت بېرىشىنى، ھەممىنى «نۆلگە تەڭ» قىلىپ، پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن. قاراڭ، « ئاياللارنى تەربىيىلەش جىددىي مەسىلە» مىكەن؟
G^z>2P ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپۈتۈم بىلەن، پېقىر مۇنداق ئۈچ خىل ھادېسىنى بايقاپ قالدىم. بىرىنچى خىل ھادىسە شۇكى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاياللىشىپ كېتىشى: يەسلىي ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئايال، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئايال، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىچىدە ئاياللار %60تىن كۆپرەكىنى ئىگەللەيدۇ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىچىدە ئاياللارنىڭ سانى %40تىن كۆپرەكىنى ئىگەللەيدۇ، شۇنداقلا كۆپىيىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئاياللار جوڭگۇنىڭ ئەڭ ئاساسىي مائارىپىنىڭ كەلگۈسىنى، ئادەتتىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپى ۋە ئالىي مەكتەپ مائارىپىنىڭ يېرىمىنى ياكى يېرىمىدىن كۆپرەكىنى بەلگۈلەيدۇ دېسەك بولامدۇ بولمامدۇ؟ ئىككىنچى خىل ھادىسە شۇكى، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى يىغىنىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئاياللار بىرلەشمىسى يىغىنى ئېچىش: يىغىنغا تەشكىللىگەن سىنىپ مۇدىرى ئايال، يىغىنغا كەلگەن ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئاياللار بولىدىكەن. ئۈچىنچى خىل ھادىسە شۇكى، بالىنىڭ ئائىلىسىدە ۋە دادىسى بىلەن بىللە تۇرىدىغان ۋاقتى ئازلاپ، ئانىسى بىلەن بىللە بولىدىغان ۋاقتى ئۇزۋاراتىدۇ. بىر ئوقۇغۇچىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم دەرىجىلىك دادىسى ماڭا كەچتە قايتىپ كەلگەندە بالىسىنىڭ ئۇخلاپ بولىدىغانلىقى، شۇڭا بالىسىنىڭ ئۇخلىغىنىغا قاراشتىن باشقا ئامالىنىڭ يوقلىقى، ئەتتىگەندە بالىسى ئۇ ئويغىنىشتىن بۇرۇن مەكتەپكە مېڭىپ بولىدىغانلىقى، شۇڭا ئەتتىگەندىن كەچكىچە بالىسىنى كۆرەلمەيدىغانلىقى، چۈشتە ئۆيىدە ئاساسىي جەھەتتىن تاماق يىيەلمەيدىغانلىقى توغرىسىدا دادلاپ بەرگەن ئىدى. مەنسىپى يۇقىرىراق بولغان، ياكى باشلىق بولغانلىرى تېخىمۇ ئالدىراش بولوپ كېتىدۇ. تېخى مەنسىپى ئۆسمىگەن ئەرلەر بار ئاماللار بىلەن زىياپەت ئۆتكۈزۈشۈپ، كەچتە ئۆيىگە قايتالمايدۇ. ئەرلەر تاغدىن باغدىن پاراڭلىشىدۇ، خۇددى كىم قاتناشقان زىياپىتى ئاز بولوپ، ئۆيىگە قايتىپ خوتۇن باللىرى بىلەن تاماق يىسە شۇنىڭ ئىقتىدارى يوقتەك ھېس قىلىشىدۇ. شۇڭا، كۆپلىگەن ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەش ۋەزىپىسىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئانىلارنىڭ زىممىسىگە چۈشىدۇ.
`Ba?4_>k نۇرغۇنلىغان داڭلىق شەخسلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەسلىگەندە ئالدى بىلەن ئانىسىغا مىننەتدار بولىدۇ؛ مەسىلەن مارشال جۇدې، بۇرۇن ئالاھىدە ئىشپىيۇن بولغان، گومىنداڭ قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ باشچىسى شېن سۈي ئەپەندى قاتارلىقلار.
zo8&(XS مارشال جۇدې «ئانامنى ئەسلەيمەن» دىگەن ماقالىسىدە چۇڭقۇر ھېسيات بىلەن: مۇنداق دەيدۇ:-« مەن ئانامغا رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇ ماڭا قىيىنچىلىق بىلەن كۆرەش قىلىشنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۈگەتتى. مەن 30 يىللىق ھەربىي ھاياتىمدا ۋە ئېنقىلابىي ھاياتىمدا قىيىنچىلىق ھېسقىلىپ باقمىدىم، قىيىنچىلىقتىن قورقۇپ باقمىدىم. مەن ئانامغا رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇ مەندە يىتىلدۈرگەن بىلىم ۋە ئىنقىلابىي ئېرادە مېنى ئىنقىلابنىڭ يولىغا مېڭىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. بۇ يولدا مەن مۇشۇنداق بىلىم، مۇشۇنداق ئېرادىلا مۇشۇ دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك بايلىق ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ھېسقىلدىم.»
J0YNzC4 شېن سۈي ئەپەندى ئانىسىنى ئەسلىگەندە، ئانىسىنىڭ ئىككى ئېغىز گېپى ئۇنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى دەيدۇ:« ئەمەلدار بولمىساڭمۇ بولىدۇ، بىراق ئادەم بولمىساڭ بولمايدۇ.» شېن سۈي ئەينى ۋاقىتتا ئالاھىدە جاسۇس شۈ يۈەن جۈ بىلەن جىياڭ جىيې نى سوراق قىلغانلىقنى دەيدۇ. جىياڭ جىيې تۈرلۈك جازالارغا چىداپ پارتىيىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلىغان. شۈ يۈەن جۈ ئاچچىقىنى باسالماي ۋارقىراپ:« يەنە دېمىسەڭ ئادەم چاقىرىپ كىيىملىرىڭنى سالغۇز ۋىتىمەن!» دەيدۇ. جىياڭ جىيې غەزەپلىنىپ: « قولۇڭدىن كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بىراق بۇنداق قىلساڭ ئاناڭنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ھەمشىرىلەرنى خورلىغان بولىسەن!» دەيدۇ. جىياڭ جىيېنىڭ سۆزى شۈ يۈەن جۈنى تېخىمۇ غەزەپلەندۈرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا شېن سۈي شىرەنىڭ ئاستىدىن شۈ يۈەن جۈنغا پۇتى بىلەن ئىشارەت قىلىپ ئۇنى قەبىھ قىلىمىشتىن توسىدۇ. «جازالىسىمۇ يالىڭاچلىماسلىق» قەدىمكىلەرنىڭ ئايال جىنايەتچىلەرنى سوراق قىلىشىدىكى بىر ھېكمەت، ھازىرقى سۆز بىلەن ئېيتساق ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقوقتۇر. ئۇنداق بولمايدىكەن ھايۋانغا ئوخشاپ قالىسەن. ئانىسىنىڭ تەربىيىسى شېن سۈي ئەپەندىنى نۇرغۇن ئەسكى ئىش قىلىشتىن توسۇپ قالغان.
;mr*$Iu 7| شۇڭا پېقىر مۇنداق بىر قانۇنىيەتنى بايقىدىم: بىر ئائىلىنىڭ ئەخلاقىي تەربىيىسىنىڭ ياخشىلىقى، ياشاش ئۇسۇللىرى قاتارلىقلار دادىغا باغلىق بولماستىن ئانىلارغا باغلىق بولىدىكەن. مۇنداقچە ئېلىپ ئېيتقاندا، ئانا قانداق بولسا شۇنداق ئائىلىنى يارىتىدىكەن، شۇنداق بالىنى تەربىيىلەپ چىقىدىكەن. مېنىڭ خىزمەتداشلىرىم ۋە دوستلىرىمنىڭ ئانىلىرىنىڭ ھەركەت نىزانلىرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئوخشاش ئىكەن.
X{[$4\di{ بۇنىڭدىن قارىغاندا ئاياللارنىڭ تەلىم- تەربىيىدىكى رولى شۇنچىۋالا چوڭ، بىر مىللەتنىڭ ئاياللاللىرىنىڭ ئۇمۇمىي ساپاسى مۇشۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى بەلگۈلەيدۇ. ئاياللارنى ياخشى تەربىيىلەش «سۇنىڭ بېشى»نى چىڭ تۇتقانلىق؛ «سۇنىڭ بېشى» نىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسى ئۆسسە كىيىنكى ئىشلار ئاسانلىشىدۇ. شۇڭا « ئاياللارنى تەربىيىلەش جىددىي مەسىلىدۇر » دەيمىزدە.
"Er8RUJA ++ 5!8Nv wzmQRn;s «فىليەتۇنلار ئايلىق ژورنىلى» 2009-يىل 8-ئايلىق كىيىنكى سانىدىن ئەلىجان تۇرسۇن (ياۋائات) تەرجىمىسى
0W_u"UY$c (ئەگەر بۇ تېمام باشقا مۇنبەرگە يارىسا باشقا مۇنبەردە ئېلان قىلدۇرسىڭىز بولىدۇ، ئەمما، پېقىرنىڭ تەرجىمىسى ئىكەنلىكىنى، مەنبەنىڭ مىسرانىم تورى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ)
Lo Y*,Aa& [ بۇ يازما yawaat0998 تەرپىدىن 2011-09-16 11:45 AM د ]