يەر شارى قانداق شەكىللەنگەن ؟
@MK"X}3
`:G% بىز يەر شارىدا ياشاۋاتىمىز ، كۆپ ھاللاردا يەر شارىنىڭ پەيدا بولۇش تارىخىغا قىزىقىپ كىتىمىز – دە ، «يەر شارى نەدىن كەلگەن ؟ دەسلەپتە پەيدا بولغاندا مۇشۇنداق بولغىيمىدى ؟» دېگەندەك سۇئاللارنى قويۇشىمىز .
8g
>b قەدىمكى زاماندا ئىلىم-پەن ھازىرقىدەك تەرەققى قىلمىغان بولغاچقا ، كىشىلەر بۇ سۇئاللارنى چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز ئىدى . شۇڭا ، كىشىلەر ئۆز تەسەۋۋۇرىغا ئاساسەن ، ئاسمان – زىمىننىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقى ھەققىدە نورغۇن رىۋايەتلەرنى توقۇغان . بۇ رىۋايەتلەر ھازىرغىچە تارقىلىپ يۈرىدۇ .
:9|W#d{o دەۋىرنىڭ ئالغا بېسىشى ۋە ئىلىم –پەننىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ، كىىشىلەر يەر شارىنىڭ پەيدا بولۇشى توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرگە بارا - بارا ئىشەنمەس بولدى . 18-ئەسىرگە كەلگەندە ، غەربتىكى بەزى پەيلاسوپ ۋە ئالىملار يەر شارىنىڭ پەيدا بولۇشى توغرىسىدا بىر مۇنچە قىياسلارنى ئوتتۇرىغا قويدى .ئۇلارنىڭ ھەر خىل ئاساسلىرى بار ئىدى . 200 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆزلۈكسىز مۇھاكىمە ، تەتقىقات ۋە ئىلمىي دەلىللەش ئارقىلىق ھازىر ھەممەيلەن «تومان تەلىماتى» غا ئاساسىي جەھەتتىن قوشۇلدى . بۇ قىياسنى گېرمانىيىلىك پەيلاسوپ كانت 1755 –يىلى ئوتتۇرىغا قويغان . ئۇ شۇ چاغدىكى ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىش ماتېرىياللىرىغا ئاساسەن ، ئالەمدە تارقاق ھالەتتىكى ئىپتىدائى ماددا زەررىچىلىرى مەۋجۇت ئىدى ، بۇ ماددا زەررىچىلىرى مەركەزنى چۆرىدىگەن ئايلانما ھەرىكەت ھاسىل قىلغان ھەمدە تەدىرىجى ھالدا بىر تەكشىلىككە توپلانغان ، ئەڭ ئاخىرىدا مەركىزىي ماددىلار قۇياش بولۇپ شەكىللەنگەن ، ئېكۋاتۇرغا يېقىن تەكشىلىكتىكى ماددىلار بولسا يەر شارى قاتارلىق سەييارىلەر ۋە باشقا ئۇششاق ئاسمان جىسىملىرىنى ھاسىل قىلغان ، دەپ قارىدى . بۇ «تومان تەلىماتى» كېيىن بارا – بارا قۇياش سىستېمىسىنىڭ پەيدا بولۇش تەلىماتلىرىدىكى بىر ئېقىمنى شەكىللەندۈردى .
l**;k+hw يەر شارى قۇياش سىستېمىسىدىكى بىر ئاسمان جىسىمى ، يەر شارىنىڭ پەيدا بولۇشى پۈتكۈل قۇياش سىستېمىسىنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ . ئاسترونوملارنىڭ ھېسابلاپ كۆرۈشىچە ، بونىڭدىن تەخمىنەن 6 مىليارد 600 مىليون يىللار بۇرۇن ، سامانيولى سىستېمىسىد بىر قېتىملىق زور پارتىلاش يۈز بەرگەن ، ئۇنىڭدىن پەيدا بولغان پارچە تارقاق ماددىلار ئۇزاق ۋاقىتقىچە توپلانغان ، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 5 مىليارد يىل بۇرۇن ، غايەت زور ، قاراڭغۇ ، شەكىلسىز ، سوغوق ھەم شالاڭ بولغان گازلار توپى (ئوكسىگېن ، نېئون ، كابون چالا ئوكسىدى ، مېتان ، كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى ، ئازوت ، ھىدروكسى قاتارلىقلار ) بىلەن چاڭ – تۇمان (گىرافت ، ماگنىت رودىسى ، سلكاتلار ) بۈگۈنكى قۇياش سىستېمىسى ئورنىدا سائەت ئىستىرىلكىسىنىڭ تەتۈر ئايلىنىش يۈنىلىشى بويىچە ئايلىنىش ۋە تارىيىش نەتىجىسىدە ، ئېغىر ماددىلار قۇياش سىستېمىسىنىڭ ئىچكى قىسىمىغا توپلانغان ، ينىك ماددىلار سىرتقا قاراپ چېچىلغان ، كېيىن ئېغىر ماددىلار سەييارىلەرنى ھاسىل قىلغان ، يەر شارى ئەنە شۇلارنىڭ بىرى . ئۇ چاغ بۇنىڭدىن تەخمىنەن 4 مىليارد 600 مىليون يىل بۇرۇنقى ۋاقىت ئىدى .
~/tKMS6T ئۇنداقتا ، مۇشۇنداق دىيىشنىڭ نېمە ئاساسى بار ؟ ئالىملار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئايدىن ئېلىپ قايىتقان ئەڭ قەدىمىي تاغ جىنىس ئەۋرىشكىسىنى ئىزوتوپلۇق ئۆلچەپ ، ئاي شارى بىلەن شار شەكىللىك زەررىچىلىك مېتېئورىتلانىڭ ئىزوتوپلۇق يېشىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىىكىنى ، يەر شارىنىڭ ھېسابلاپ كۆرۈلگەن 4 مىليارد 600 مىليون يىللىق يېشىغىمۇ يېقىن كېلىدىغانلىقىنى بايقىدى . بۇلاردىن باشقا ، ئايدىكى تاغ جىنس بىلەن شار زەررىچىلىك مېتېئورىتنىڭ خىمىيىلىك تەركىبى يەر شارىدىكى ئەڭ قەدىمىي تاغ جىنسنىڭ تەركىبى بىلەنمۇ ئوخشاش چىققان . بۇنىڭدىن يەر شارى بىلەن قۇياش سىستېمىسىدىكى پىلانېتىلار ئوخشاش ۋاقىتتا شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ .
S|GWcSg شۇڭا ، بىز 4 مىليارد 600 مىليون يىل بۇرۇنقى شۇ ۋاقىتنى يەر شارىنىڭ ئاسترونومىيىلك دەۋرى ، دەپ ئاتايمىز . 4 مىليارد 600 مىليون يىل كېيىنكى بۇ ۋاقىتنى يەر شارىنىڭ گېئولوگىيىلىك دەۋرى ، دەپ ئاتايمىز . دېمەك ، يەر شارىنىڭ ئۈستىدىكى تەتقىقات بۇنىڭدىن 4 مىليارد 600 مىليون يىل بۇرۇنقى ۋاقىتتىن باشلىنىدۇ .
9(!]NNf! بىراق ، يەر شارى شەكىللەنگەندىن كېيىنكى دەسلەپكى 800 مىليون يىلدا ( بۇنىڭدىن 3 مىليارد 800 مىليون بۇرۇن ) ، ئۇنىڭ ئىپتىدائىي قىياپىتىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى توغرىسىدا تېخى بىۋاستە ئىسپات يوق ، ئۇنى پەقەت باشقا ئاسمان جىسىملىرى ، بولۇپمۇ ئاي ۋە يەر تۈرىدىكى سەييارىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن پايدىلىنىپ قىياس قىلىشقا بولىدۇ . مەسىلەن ، ئاي ، مارس ۋە مېركۇرىينىڭ يۈزى مېتېئورىت سوقۇپ قالدۇرغان ئازگاللار بىلەن تولغان . تەخمىنەن بۇنىڭدىن 4 مىليارد 100 مىليون يىلدىن 3 مىليارد 900 مىليون يىلنىڭ ئالدى – كەينىگىچە بولغان مەزگىلىدە ، مېتېئورىت زەربىسى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ، يەر شارىدىكى ئەڭ قەدىمكى دەۋر يەر قاتلىمىدىمۇ مۇشۇنداق ھادىسە بولغان ، شۇ چاغلاردا يەر شارىدا يانار تاغلارنىڭ ئېتىلىپ چېقىشى ئىنتايىن كۆپ بولغان ، يەر شارى شەكىللەنگەن دەسلەپكى مەزگىلدە ، ھاياتلىق ماددىسى بولمىغان ، بۇنىڭدىن شۇ چاغدىكى يەر شارىدا گىدروسفېرا ۋە ئاتموسفېرامۇ بولمىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ . تەخمىنەن بۇنىڭدىن 4 مىليارد 400 مىليون يىلدىن 4 مىليارد 300 مىليون يىلغىچە ، يەر شارىدا چەمبىرەك قاتلاملىق تۈزۈلمە پەيدا بولۇشقا باشلاپ ، يەر پوستى ، ئارىلىق قەۋەت ، يەر يادروسى قاتارلىقلار ھاسىل بولغان . بۇنىڭدىن 4 مىليارد ياكى 3 مىليارد 800 مىليون يىل ئىلگىرىدىن باشلاپ ، يەر پوستى گېئولوگىيىلىك پلاستىدلىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويغان ، يەر شارىدىكى ھاياتلىق ، سۇ ۋە ھاۋا شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تەدرىجى پەيدا بولغان .
:Ld!mRZF ^aRgMuU مەنبەسى : «يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن » دېگەن كىتابتىن ئېلىندى