مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1760 
  •    ئىنكاس 
       5 

تەقدىر يولىدا تەدبىر

قەۋەت ئاتلاش
85miskinay
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.19716

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   42 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3414 (سوم)
 ياخشى باھا:   241 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   315  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 835
 سائەت
دەرىجىسى:
835 سائەت 65 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-30
ئاخــىرقىسى:2011-10-29

تەقدىر مەسلىسىنى چۈشىنىشتە نۇرغۇن خاتا كۆز قاراش ۋە خاھىشلار ئوتتۇرىغا چىققان ، ھەممە ئىشنى تەقدىردىن كۆرۇش، ھورۇنلۇق، ئىرادىسىزلىكتەك ئۆزىدىكى كەمچىلىكلەرنى مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ تەقدىرگە ئارتىش، ياخشىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، يامانلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەۋەب قىلماي، تىرىشماي، بىر چەتتە قول قوشتۇرۇپ تۇرۇش، چارە-تەدبىر قىلماي، «ئۈژمە پىش، ئاغزىمغا چۈش»دەپ يېتىشتەك ئىسلام دىنى روھىغا يات بولغان بۇنداق ناچار خاھىشلارنى بىز تارىختىلا ئەمەس، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئەتراپىمىزدا ئېچىنىش ۋە ئەپسۇسلىنىش بىلەن كۆرۈپ تۇرىمىز. wpu]{~Y  
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەۋرىدا بىر ئوغرىنى ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەپتۇ. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «نېمىشقا ئوغرىلىق قىلدىڭ؟» دەپ سورىغانىكەن، ئوغرى: «ئاللاھ تائالا پېشانەمگە شۇنداق قىلىشىمنى پۈتۈپتىكەن»دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوغرىنىڭ قولىنى كېسىپ يەنە دەررە ئۇرۇشقا بۇيرۇپتۇ. ئەتراپتىكىلەر ئەجەبلىنىپ: «قولىنى كېسىشقۇ ئوغرىلىقنىڭ جازاسى ئۈچۈن، يەنە نېمىشقا دەررە بىلەن ئۇرىدۇ؟» دېيشىپتۇ. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ : «قولىنى كېىش ئوغرىلىق قىلغانلىقى، دەررە بولسا ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغانلىقى ئۈچۈن»دەپتۇ. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب مەدىنىدىن شامغا يۈرۈش قىلىپ سەرىغ دىگەن جايغا كەلگەندە شامدا ۋابا تارقالغانلىقى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر كەپتۇ. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ داۋاملىق يۈرۈش قىلىپ شامغا كىرىش ياكى كەينىگە قايتىپ كېتىش ھەققىدە ساھابىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، قايتىپ كېتىش قارار قىلنىپتۇ. ساھابىلاردىن ئەبۇ ئۇبەيد جەرراھ: «ئى ئۆمەر! ئاللاھنىڭ پۈتكەن تەقدىرىدىن قاچامسەن؟» دىگەندە، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مۇشۇ گەپنى سەندىن باشقا بىرىسى دېسە ئەجەبلەنمەس ئىدىم، شۇنداق، ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن يەنە ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە قاچىمىز، ئەگەر بىر كىشى دەريا ۋادىسىغا بارسا، دەريانىڭ بىر تەرىپى ئوتلاق، يەنە بىر تەرىپى گىياھ ئۈنمەس قاقاس يەر بولسا، ئوتلاقتا پادىلىرىنى باققان كىشىمۇ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن، قاقاس يەردە پادىلىرىنى باققان كىشىمۇ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن باققان بولىدۇ»دەپ جاۋاب بەرگەن. ساھابە ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆمەر ئىبنى خەتتابقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ۋابا تارقالغان جاي ھەققىدە ئېيتقان: «ئەگەر ۋابا تارقالغان جايدا بولساڭلار، ئۇ يەردىن چىقىپ كەتمەڭلا، ئەگەر باشقا يەردە بولساڭلار ۋابا تارقالغان جايغا بارماڭلار»دېگەن ھەدىسىنى يەتكۈزگەندە، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ناھايىتى خۇش بولغان. ھەدىستە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ توغرا تەقدىر ئەقىدىسى بىلەن ھەممە خىل ھالەتنىڭ ئاللاھنىڭ ھۆكۈم قىلغان، ئىلمى ئەزەلىدە مەلۇملۇق بولغان تەقدىرى ئىكەنلىكىنى، ۋابا كېسىلىگە دۇچ كېلىشتەك تەقدىر ئالدىدا ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەدبىر قىلىشمۇ ئالاھنىڭ تەقدىرى ئىكەنلىكىنى، پادىلىرنى قاقاس يەردىن ئوتلاققا يۆتكىگەن كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ بىر خىل تەقدىرىدىن يەنە بىر خىل تەقدىرىگە يۆتكىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئەمەلىيەتتە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋابادىن ھەزەر ئەيلەپ شامغا كىرمىگەنلىكى ئاللاھ تائالانىڭ: «ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار» (سۈرە بەقەرە 195-ئايەت) ئايىتىنىڭ رېئاللىققا جانلىق تەدبىقلىنىشى ئىدى. Jpg_$~k  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ھەممە ئىشلىرىدا سەۋەب-تەدبىر قىلاتتى، جەڭگە ئاتلىنىشتىن ئىلگىرى قوشۇنلارنى پۇختا تەييارلىق قىلدۇراتتى، قارشى تەرەپنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ كېلىش ئۈچۈن خەۋەرچىلەرنى ئەۋەتەتتى. شەھەر ئەتراپىغا خەندەك كولىتىپ ئوقياچىلارنى جايلاشتۇراتتى. ساۋۇت-دۇبۇلغا كىيىپ جەڭگە كىرەتتى. يىراق جايلارغا سەپەرگە چىقىشتىن ئىلگىرى، ھەمراھلىرىنىڭ ئوزۇق-تۈلۈكىنى ئالدىنئالا تەييارلىتاتتى، ئۆيدىكىلەرگە تاكى قايتىپ كەلگۈچە يەتكۈدەك يېمەك-ئىچمەك جايلاپ بېرەتتى، ھەرگىزمۇ تەقدىرنى بانا قىلىپ، ئاسماندىن رىزىق چۈشۈشنى ساقلاپ ئولتۇرمايتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام كېسەل بولۇپ قالغاندا، ساقىيىش ئۈچۈن داۋا قىلاتتى ھەم ساھابىلىرىنى شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇيتى. «ئاللاھ تائالا ھەر قانداق كېسەلنى داۋاسى بىلەن قوشۇپ ياراتقان» دېگەن ھەدىسنى ئۆز ئەمەلىيتىدە كۆرسىتەتتى. بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ھوزۇرىدا: «ئى رەسۇلۇللاھ! ھەر نەرسە تەقدىر بىلەن بولسا، كېسەلگە داۋا قىلىشنىڭ نېمە لازىمى؟»دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام: «كېسەلگە داۋا تەقدىردىندۇر، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن داۋا پايدا قىلىپ كېسەل شىپالىق تاپىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن. D *W+0  
تەقدىرگە شەكسىز ئىمان ئېيتىش، ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان ئەمەللەرنى قىلىش، شۇ جۈملىدىن ھەر قانداق ئىشنى تىرىشىپ ئىشلەپ چارە-ئامال قىلىش، سەۋەب قىلىپمۇ ئالدىنى ئالالمىغان ئىشلاردا ئاللاھنىڭ ھۆكىمىگە رازى بولۇش، غەيىب مەسىلىلەردە شەك-شۈبھىگە، ئىنكار قىلىشقا ئېلىپ بارىدىغان بىھۇدە زىغىرلاشتىن ساقلىنىش ئەھلى سۈننە ۋە جامائەنىڭ تەقدىر مەسىلىسىدىلا ئەمەس، بارلىق ئەقىدە ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىدا تۇتقان يولى ئىدى. شۇنداقلا بىزنىڭ ئۈلگە قىلىشىمىزغا، ئىزىنى بېسىشىمىزغا ئەرزىگۈدەك ئېسىل ئۆرنەك ئىدى. تەقدىرگە ئىمان ئېيتىش ئىنسان ھاياتىنىڭ ھەر بىر كارتىنىلىرىدا ئۆزىنىڭ تەڭداشسىز مۆجىزىدار كۈچىنى نامايەن قىلىدۇ، ئىنساننى پەرۋەردىگارى بىلەن مەھكەم باغلاپ ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، كائىناتتىكى ماس بىرلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئىنسانغا سەۋىر، ئۈمىد ۋە خاتىرجەملىك بېقىشلايدۇ. @iB**zR/  
نەزىرە مۇھەممەد سالىھنىڭ "شەرىق يۇلتۇرلۇرنى ئىزلەپ" دىگەن ناملىق كىتابىدىن ئىلىندى. A> +5~u  
j>gO]*BX~  
hor ok:{  

تېما تەستىقلىغۇچى : Misranim2
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-09-14, 15:44
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +20
ayrilmas مۇنبەر پۇلى +20 09-14 قايىل قىلارلىق ئىسىل تېما...
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
مىسكىن ئاي
بېھزات
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.15847

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   746 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3159 (سوم)
 ياخشى باھا:   661 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   709  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2740
 سائەت
دەرىجىسى:
2740 سائەت 10 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-31
ئاخــىرقىسى:2011-10-16
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-14

تەدبىر شۇ كىشىنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن سىلىنغان رەڭلىك پايانداز ...تەدبىر تەقدىر ئۈچۈن ئىچىلغان ئىچىق !!!
 
<<ئانا >>دىگەن سۆزدە ۋۇجۇد تىترىسە،<<ئاتا>> دىگەن سۆزدە زىمىن تىترەيدۇ.
cayyara
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.32274

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   456 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4829 (سوم)
 ياخشى باھا:   255 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   163  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4739
 سائەت
دەرىجىسى:
4739 سائەت 211 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-01
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-14

بۇ تېمىنى 3_ قېتىم كۆرۈشۈم مۇشۇ مۇنبەردە ،
 
http://Nurlan.cc//  ئۇستاز ئۈگىتەلمىگەننى مۇھتاجلىق ئۈگىتىدۇ.
نۇربىيە
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.28086

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   919 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8875 (سوم)
 ياخشى باھا:   1547 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1257  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3376
 سائەت
دەرىجىسى:
3376 سائەت 124 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-28
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-14

تەدبىرىڭ قانداق بولسا تەقدىرىڭ شۇنداق بۇلۇر
 
قەدىرلىگىن قەدىرىڭىنى بىلگەن قەدىرلىگڭىنى ،
قەدىرلىمىگىن قەدىرىڭىنى بىلمىگەن قەدىرسىزنى ،
ئالدىڭغا كەلگەن سۆيگۈنى قەدىرلە ،
كىشى ئالدىغا سۆيگۈ تىلەپ بارما .
Qoghlani
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11480

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   22 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5308 (سوم)
 ياخشى باھا:   258 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   349  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 55
 سائەت
دەرىجىسى:
55 سائەت 35 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-24
ئاخــىرقىسى:2011-09-16
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-16

تەقدىر بىلەن ياشىماي تەدبىر بىلەن ياشا
 
تىرىشقان تاپار،
تاشقا مىخ قاقار.
hapil
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.34632

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   191 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1231 (سوم)
 ياخشى باھا:   281 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   202  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 680
 سائەت
دەرىجىسى:
680 سائەت 90 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-16

تەقدىر ، اجايىپ بولىدۇ-ھە ، ھەي، شۇكرى .
 
غاپيل
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى