ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 43قەۋەت geripnahxisi كە 2011-09-13 03:07 PMئەۋەتىلدى :
Th 5}?j7 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار!
\1#!%I=. بۇ تىمىدىكى ئىشلارغا خېلى كۆپ تورداشلىرىمىز، نۇرغۇن چۈشەنچىلەرنى بىرىپتۇ. بۇلار ھەقىقەتەن سۇپا-ئىشانلار، ھازىرقى ساما ئۇسۇلى دەل مۇشۇلارنىڭ ئۇسۇلىنىڭ تەرەققىياتى. ئەمما ساما ئۇسۇلى تەتقىقاتچىلىرىمىز تەرىپىدىن قېلىپلاشتۇرلۇپ، مۇكەممەل ئۇيغۇر سەنئىتىگە كىرگۈزۈلگەن.
U,^jN|v 12 مۇقام ئۇلارنىڭ مەھسۇلى ئەمەس. ئەكسىچە سەئىدىيە خاندانلىقى دەۋرىگە كەلگەندە بۇلارنىڭ ناخشىسى بىر ئاز قېلىپلاشقان. چۇنكى سۇپا-ئىشانلارنىڭ ئەسلى مۇرتلىرى، مىلادى 10-ئەسىردە ئىراندىن ۋە ھىندىستاندىن كىرگەن. دىمەك بۇلار ئېيتقان ‹ھۆكمەت› ناخشىسى مۇقامنىڭ ئاھاڭىدىن ئېلىنغان.
_1HEGX\ بۇلار توپلىشىۋالغان ئورۇنغا كەلسەك. قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ خاقانى سۇلتان ساۋدۇق بۇغراخاننىڭ 3-ئەلادى بولغان بالا ساغان(سەئىد ئەرسىلانخان) ئىسلام دىنىدىكىلەرگە قارشى دىندىكىلەر بىلەن تىغمۇ-تىغ جەڭ قىلىپ، ئاخىردا شېھىت بولغان. بۇلا يىغىلىۋالغان ئورۇن دەل بالا ساغاننىڭ قەبرىسى. ئورنى: قەشقەر يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىغا، يېڭىسا ناھىيىسىنىڭ شەرقىگە، يەكەن ناھىيىسىنىڭ غەربى-شىمالىغا جايلاشقان چوڭ بىر قۇملۇق بار، ( تەزكىرىچىلەر بۇ قۇملۇقنى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ باشلىنىشى دەپ ئاتايدۇ) ئەنە شۇ قۇملۇقنىڭ باش تەرىپىگە توغرا كىلىدۇ، يەنى يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ ئاچچىق يېزىسى ۋە يېڭى شەھەر ناھىيىسىنىڭ ھاراپ يېزىسىغا يېقىن بولۇپ شۇ يەردىن 20 ــ30 كىلو مىتىر كىلىدۇ.(ھاراپ يېزىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كەنتىدىن 4-5 كىلو مىتىر) كىشىلەرنىڭ قاچاندىن باشلاپ، ئۇ يەرگە يىغىلىۋانلىغى توغرىسىدا مەندە ئېنىق مەلۇمات يوق. ئەمما ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىغىچە يىلدا ئىككى قېتىم شۇ جايغا بېىپ تاۋاپ قىلىش ئادەتلەنگەن. بۇ جايغا سۇپا ئىشانلار نىڭ قۇترىتىشى،ۋەز نەسىھىتى بىلەن، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ، يەكەن،يوپۇرغا، يېڭىسا،يېڭىشەھەر،پەيزىۋات قاتارلىق يۇرتلاردىكى كىشىلەر كۆپ باراتتى. بۇ يەرگە غېرىپ تۇغ باغلاش(سۈرەتتە كۆرۈنگەن، ئۈچ بۈرجەكلىك بايراق. ئۇلار ‹ئەلەم› دەپ ئاتايدۇ)تىلاۋەت قىلىش، ھاجىتىنى ئاشۇ مازاردىن تىلەش.... دىگەندەك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. تېخى شۇ قەبرىنىڭ بىر كىلو مىتىرچە غەربىدە ‹قەلەندەر خېنىم› دەپ ئاتىلىدىغان بىر جاي بار بۇ يەرگە پۈتۈن بەڭگىلەر(نېشە چىكەرمەنلەر) توپلىشدۇ. بۇ يەرگە قاتناش بارالمايدۇ. چۈنكى قۇملۇق. بارىدىغانلا ئاساسەن، كالا، ئات، ئىشەك قېتىلغان ھارۋىلار بىلەن ياكى پىيادە بارىدۇ.
{:BY
IdX دىمەك بۇ جاي يىلدا ئىككى قېتىم ئادەم دېڭىزىغا ئايلىناتتى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىغا كەلگەندە بۇ يەرگە بېرىشنى ھۆكۈمەت چەكلىدى. كىيىن خەلىقمۇ چۈشۈنۈپ يەتتى. نادانلىقتا مەنمۇ بارغان ( 89-يىلى تولۇقسىز ئوتتۇردا ئوقۇۋاتقان ۋاختىمدا)
A-qpuI;f .......
fZJ O}