مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1964 
  •    ئىنكاس 
       10 

ئىللەتمۇ ياكى ئادەتمۇ؟

قەۋەت ئاتلاش
delkax613
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7972

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   101 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5515 (سوم)
 ياخشى باھا:   350 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   484  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 526
 سائەت
دەرىجىسى:
526 سائەت 14 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-26
ئاخــىرقىسى:2011-10-22

ئاپتۇرى: ئىزچى
=#{q#COK$  
- ئىللەت تۈزەلمىگىچە مىللەت تۈزەلمەس (ئۇيغۇر ئىدىئوملىرىدىن).
3_{rXtT)'  
p<FqK/  
fP\*5|7%R  
بىزدە تارىخىمىزنىڭ ئۇزۇنلىقى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ قۇدرەتلىك ئۆتكەن زامانلىرى، مىللىي مەدەنىيتىمىزنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى، شارائىتلىرى، ئۇلۇغ كىشىلىرىمىزنىڭ تارىختا قالدۇرۇپ كەتكەن قىممەتلىك ۋە مول مىراسلىرى …. ھەققىدە ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەيدىغانلار بەك جىق. بۇ بىزدىكى « مىللىي غۇرۇرچىلىق». ئەمما بىزنىڭ قان – قېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن – يارالغاندا يېپىشقان مەۋجۇد ئىللەتلىرىمىزنى ئەسلەيدىغان، سۆزلەيدىغانلار بەك ئاز ھەتتا يوق دېيەرلىك. سەۋەبى: كىشىلىرىمىز «نومۇسچان»، «قەدر -قىممەت ئېڭى» بەك « كۈچلۈك». تۈنۈگۈن بۈگۈننىڭ ئۆلچىمى ئەمەس. قۇرۇق كاللىنى غاجاۋەرسەڭ ئاچ قالغىنىڭ قالغان. مەن يەتتە ياش چېغىمدا دادام ماڭا « بىز خەقنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى سىلەرگە مەنسۇب» دەيتتى. كېيىن مەن ئوغلۇمغا « بىز خەقنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى سىلەرگە مەنسۇب» دېدىم. ھازىر ئوغلۇممۇ ئوغلىغا « بىز خەقنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى سىلەرگە مەنسۇب» دەۋاتىدۇ. ئەۋلادتتىن ئەۋلادقا مۇشۇنداق كېتىۋەرسەك قايسى ئەۋلادقا يەتكەندە بىز خەقنىڭ ئىستىقبالى ياخشىلىنار؟ دەۋرىمىز يېڭىلىققا قاراپ ئۆزگىرىۋاتىدۇ، بىزمۇ يېڭىلىققا قاراپ ئۆزگىرىۋاتىمىزمۇ؟ مۇشۇ ئەۋلاد كىشىلەر ئۆزىمىزگە باھا بەرگەندە، تەلەپ قويغاندا ئۆتمۈش دەستەكلىرىمىزنىڭ قىممىتى، ئۇلۇغلۇقى بىلەن ئەمەس بەلكى ھازىرقى ئىنسانىيەت ئالىمىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىدە شاللىنىپ تۇرۇش تەقدىرىگە دۇچ كېلىۋاتقان مەۋجۇد تۇرق – ھالىتىمىزنىڭ ئۇمۇمىي خاراكتېرىنى كۆزدە تۇتۇپ ئوبيېكتىپ باھا بېرىشىمىز لازىم. بىزنىڭ روھىي ھالىتىمىز زادى قانداق؟ مېنىڭچە بىزنىڭ روھىي ھالىتىمىز تازا ساغلام ئەمەس (قان – يىلىكلىرىمىزگە سىڭىپ كەتكەن قالاقلىق – نادانلىقنىڭ تەسىرى ئىنتايىن ئېغىر). بۇ روھىي ھالەت شەخسلەرنىڭلا روھىي ھالىتى ئەمەس، سىياسىي روھىي ھالىتى، بۇنى بىز ئېتراپ قىلىشىمىز لازىم. ئەگەر ئېتراپ قىلمىساق، چۈشەنمىسەك (قالاقلىق، جاھىللىق، نادانلىق، چىرمىۋالغان روھىي ھالىتىمىز توغرىسىدا ئېنىق ۋە تەكتۆكۈس ئېتراپ قىلىش بولمىسا) بىزنىڭ زەبۇن (ئاجىز) چاغلىرىمىز داۋاملىشىۋېرىپ، تارىخنىڭ ئەنئەنىسىگە قايتىشىمىز، دۇنياغا يۈزلىنىشىمىز، مىللىي ئىستىقبالىمىزنىڭ پارلاق بۇلۇشى ئەبەدىي مۇمكىن بولمايدۇ. بىزدىكى بۇ خىل روھىي ھالەتنىڭ بەزىبىر ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىدەك بولماقتا: tq*6]q8c>  
بىزدىكى پېتىشماسلىق
>LVGNicQ  
  باشقىلار بىزنى « پېتىشمايدىغان خەق» دېيىشىدۇ، دەرۋەقە شۇنداق. جىسمىمىزدا ئىتتىپاقلىق تىنىقى، ئۇيۇشۇش تىنىقى يوق. ئۈچ – تۆتىمىز بار يەردە پېتىشماسلىقنىڭ بولغىنى بولغان. پېتىشماسلىق بولمىغان ئۇيغۇرنىڭ تۇرالغۇلىرى يوق. ئۇيغۇر جەئىيتىدە يۈز بېرىدىغان ئەڭ ئېغىر ئىجتىمائىي پاجئەلەر، ئەرز – شىكايەتلەر، دەۋا – دەستۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يەنىلا شۇ پېتىشماسلىققا باغلىنىدۇ. بۇ خىل قىسمەت سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئەڭ قەبىھ ھادىسلەر، پاجىئەلەر – مىللىي بارلىقىمىزنىڭ ئەڭ ئېغىر داغلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنى سۆزلەڭ دېسە بۇنىڭ چوڭ ئىللەت ئىكەنلىكىنى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەيدىغانلار جىق. ھەتتا يوغان – يوغان كىتاب يېزىپ چىقالايدىغانلارمۇ بار. ئەمما نېمىلا دېمەيلى بۇ ھالەتنى زادىلا ئۆزگەرتەلمىدۇق. سەۋەبى نەدە؟ سەۋەبى: بىزنىڭ ئارىمىزدا ئاز دېگەندە 365 «مەزھەپ» بار. ئۇنىڭ بىر بۆلۈمى – بىزدىكى ئىچكى چىقىشماسلىق، پارچىلىنىش، يەكلىشىش، ئۆزىنى سورىماسلىق، ئىتتىپاقسىزلىق ….قا مەنبە بۇلۇپ تۇرىدىغان «لىق»، «لىك» چىلىك. * COC&  
  «لىق»، «لىك»چىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز رەقىبلىرىنى – «يات يۇرتلۇق»لارنى يەكلەيدۇ. ئۆي – ئۆيدە، مەھەللە – مەھەللىدە، يۇرت – يۇرتتا ھەتتا دۇنيانىڭ ئۇيغۇر بارلىكى يېرىدە بۇ «مەزھەب»لەر تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. مەھەللەبازلىق، كەنتبازلىق، يېزابازلىق، نەھىيەبازلىق، شەھەربازلىق، ۋىلايەتبازلىق، تۇغقاندارچىلىق، ئۇرۇق – قوۋمبازلىق … لار ئاشۇ خىل تەسىرلەرنىڭ شاخ – يۇپۇرماقلىرى. بۇنداق شاخ – پۇتاقلار ئالدىدا بىزدىكى « مىللىي روھ»، « مىللەت»، «ۋەتەن»، «خەلق»، «بىرلىك»، «ئىستىقبال»، «تەرەققىيات». … دېگەنلەر ئاقمايدۇ. يەنى بۇنداق شاخ – پۇتاقلار يۇقىرىقى ئۇقۇملارنىڭ ھەرقاندىقىنى بېسىۋالىدۇ. 4i"fHVp8  
  مەن 1940 – يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قارغىلىقتىن ياركەنت دارىلمۇئەللىمىندە بىر مەزگىل ئۇقۇغانىدىم. ياركەنت، قارغىلىق، ئەكىت، پوسكام ناھىيلىرىدىن يىغىلغان 200دەك ئۇيغۇر ساۋاقداش بىللە ئۇقۇيتتۇق. مەكتەپنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش مۇناسىۋەت ئېقىمى شۇ «لىق»، «لىك»تىن مۇستەسنا ئەمەس ئىدى، ئۇقۇتقۇچىلاردىن تارتىپ ئۇقۇغۇچىلارغىچە ھەممىمىز « ياركەنىتلىك»، «قارغىلىقلىق»، « مەكىتلىك»، « پوسكاملىق» لار بويىچە سەپكە بۆلۈكلۈك ئىدۇق. ياركەنىتلىك ياركەنىتلىكلەرنىڭ، قارغىلىقلىق قارغىلىقلارنىڭ كەتمىنىنى چاپىدىغان، مەكىتلىك مەكىتلىكلەرگە، پوسكاملىق پوسكاملىقلارغا يان باسىدىغان بۇنداق بۆلۈنمە سەپلەر – بىر – بىرىگە زىت، زادىلا مۇرەسسە- مادارا بولمايدىغان، بىر – بىرى بىلەن ئەستايىدىل، جان تىكىپ ئېلىشىدىغان، بىرى ئوت، بىرى سۇ بۇلۇپ تىركىشىدىغان «شەكىلسىز تەبئىي سەپ»لەر ئىدۇق. بىزنىڭ سىنىپتا بەش قاتار پارتا بۇلۇپ، 20 بالا تۆتتىنلا ئولتۇراتتۇق. سىنىپىمىزنىڭ مەسئۇلى، قارغىلىقلىق تاشكەنتچىلەردىن بىرى بولغان x ئەپەندى بالىلارنىڭ سىنىپتا ئولتۇرۇش رېتىنى بېكىتكەندە ئالدىنقى بىرىنچى رەتنى بىز قارغىلىقلىق تۆت بالىغا بېكىتىپ بەرگەن. ئەڭ ئارقىدىكى رەتتىكى پارتىنى بولسا ياركەنىتلىك تۆت بالىغا قالدۇرغان. باشقا سىنىپلارنىڭ پارتىلىرىمۇ مۇئەللىمگە قاراپ ئەنە شۇنداق «قاغىلىق» ، «ياركەنت»، «مەكىت» لەر بويىچە بۆلۈكلۈك ئىدى. دېمەك بىزنىڭ تاشكەنتچى ئەپەندىمىز بىز قارغىلىقلىق بالىلارنى «ئۆز» بىلىپ «ۋاپا قىلىپ» سىنىپنىڭ ئالدىنقى قاتارىنى ئېلىپ بەرگەن. ئۆزى «ياركەنىتلىك» دەپ قارىغان بالىلارنى «يات» بىلىپ، سالقىن مۇئامىلە قىلىپ، سىنىپنىڭ ئارقا رېتىدىن ئۇرۇن بەرگەن. مەكتىپىمىزنىڭ باشقا يەرلىك ئۇقۇتقۇچىلىرىمۇ بۇنداق ئىشتا بىزنىڭ تاشكەنتچى ئەپەندىمىزدىن ھەرگىز كېيىن قالمايتتى. شۇنداق قىلىپ ھەركىم «ئۆز» يۇرتلۇقلىرىنى «ئۆز كۆرۈش»، «غەيرىي يۇرۇتلۇقلار»نى «غەيرىي كۆرۈش» – « قول ئىچىگە ئېگىلىش» – مەكتەپنىڭ ئۇقۇش – ئۇقۇتۇش، تۇرمۇش، ئىمتىھان، مۇئامىلە، خىزمەت …. تارىخنىڭ جەريانى ئىدى. دېمەك بىز بۇ ئۇتتۇرا دەرىجىلىك بىلىم يۇرتىدىن «ئۆز يۇرتلۇق ياخشى»، «باشقا يۇرتلۇق ئەسكى»نى، ياركەنىتلىكنى «قانجۇق»، قارغىلىقلىقنى «غالچا»، پوسكاملىقنى «پوقاق»، مەكىتلىكنى « دولان» دېيىشنى ئۆگىنىپ – بىلىپ چىققان ئىدۇق. مەن 1947 – يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدا بۇ مەكتەبتىن ئىمتىھان بېرىپ «شىنجاڭ دارىلفۇنۇنى» (ھازىرقى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇرۇنقى نامى)غا ئۇقۇشقا كەلدىم. 1950 – يىلىنىڭ باشلىرىغىچە ئۇقۇدۇم. بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىدىمۇ يەنىلا شۇ «كاشغەرلىك»، «ياركەنىتلىك»، « خوتەنلىك»، «ئاقسۇلۇق»، «ئىلىلىق»نىڭ گېپى. «ئۆز يۇرت»، «باشقا يۇرت»دېگەن تېخى شۇ يەردىكەن. مەكتەبتە بىر كۈنى « كاشىغەرلىك نوچىلار» بىلەن « ياركەنتلىك نوچىلار»نىڭ جېدىلى چىقىپ سەپ – سەپ بولۇپ مۇشتلاشتۇق. ئاقىۋەتتە «32 مىڭ ياركەنىتلىك» «16 مىڭ كاشىغەرلىك»نى ئۇرۇپ ياتقۇزۇۋەتتى (تارىختا ياركەنت سەئىدىيە دۆلىتىنىڭ ئاستانىسى بولغاچقا 32 مىڭ ياركەنىت، دەپ ئۆزىنى چوڭ ھېسابلاپ، كاشىغەرنى ئۆزىنىڭ يېرىمى ھېسابلاپ ئېيتىلغان گەپ). تۆت ياركەنتلىك بالا بۇ ئىشتا جازالاندى. ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەندە «كاشىغەرلىك نوچىلار» شۇ چاغلاردىكى «روس كۇلۇبى» ئەتراپىدا بىر قىسىم ئارغۇنلار ( خەنزۇ – رۇس چېتىلىشىدىن تۆرەلگەن پروتكىلار)نى «مېھمان» قىلىپ، ئۇلارغا « ياركەنتلىك نوچىلار»نى قاتتىق ئۇرغۇزۇۋەتتى. ياركەنتلىكلەرنى (ئۇ چاغدا ياركەنت، قارغىلىق، مەكىت، پوسكام ناھىيلىرى بىر ۋىلايەت – ياركەنت ۋىلايىتى ئىدى) ھازىرقى ئۈچتاش (كونا ياڭخاڭ)تەرەپلەردە يالغۇز يۈرەلمەيدىغان قىلىۋەتتى. كېيىن «ياركەنىتلىك نوچىلار» مۇ گومىنداڭ پىرقىسىنىڭ ساقچى ئۇرۇنلىرىنىڭ نەنلياڭ تارمىقىدىكى ساقچىلىرىغا «چاي» بېرىپ « كاشىغەرلىك قىزىل پاچاق»، «نوچى» لاردىن ئۈچنى قولغا ئالغۇزۇۋېتىپ ئۆچىنى ئېلىشتى. '_91(~P  
  قىسقىسى، يەكەن دارىلمۇئەللىمىنىدە بولسۇن ياكى شىنجاڭ دارىلفۇنۇنىدا بولسۇن بىز «ئۇيغۇر» دېگەن بۇ نامنىڭ ئورنىغا «ئۆز يۇرتلۇق»، «باشقا يۇرتلۇق»، «قەشقەرلىق»، «خوتەنلىك»… دېگەن تەپرىقىچىلىكنى ئوبدان ئۆزلەشتۈرۈپ، يۇرت – يۇرتلار بويىچە ئۆزئارا بىر – بىرىمىزنى ئەدەبلەشنى، بىرىمىز يەنە بىمىزنى يوقىتىشنى كۆڭۈللىرىمىزگە پۈكۈپ «زامانىمىزنىڭ زىيالىيلىرى» بۇلۇپ جەمئىيەتكە نىسبەتەن ئالغاندا كىشىلىك قارىشىمىز، مۇناسىۋەت قارىشىمىز ۋە ئەخلاق قارىشىمىز بۇلۇپ قېلىۋەردى. ئەپسۇس، مېنىڭ گۆدەك چېغىمدىلا ئۆيۈمدە ئاتا – ئانامنىڭ تىلى بىلەن ۋۇجۇدۇمغا كىرگەن بۇ ئاڭ مېنىڭ كېيىنكى 60 نەچچە يىللىق ئۆمۈر مەنزىلىمدە مەن بىلەن تەڭ ساقلىنىپ (بەزىدە كۈچۈيىپ، بەزىدە سۇسىيىپ، يوقالماي) بالا – چاقا، جەددى – پۇشتۇمغىچە تەسىر ئۆتكۈزۈپ تۈگەش ئورنىغا يېڭىلىنىپ «شېرىن زەھەر»لىك كۈچىدىن قالماي كېلىۋەردى. مېنىڭچە بۇنداق ئاڭ ئىلكىگە چۈشمىگەن ئۇيغۇر پۇشتى بەلكى بولمىسا كېرەك. مەن 1992 – يىلى كۈزدە ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەبتە بىر قىسىم قەشقەرلىك ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلار بىلەن غۇلجىلىق ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىككى قاش بۇلۇپ سۇقۇشۇپ كەتكىنىنى كۆردۈم. بۇ سوقۇشقا بىر ياتاقتا بىللە ياتىدىغان قەشقەرلىك x بىلەن غولجىلىق xنىڭ گەپ تالىشىپ سۇقۇشۇپ قالغانلىقى سەۋەب بولغان. سۇقۇشتا غۇلجىلىق x كە تەڭ كېلەلمىگەن قەشقەرلىق» x ئۆز يۇرتلۇقى» دىن تۆت – بەشنى چاقىرىپ غۇلجىلىق x نىڭ ئەدىبىنى بەرمەكچى بولغان. لېكىن غۇلجىلىق x مۇ بوش كەلمەي « ئۆز يۇرتلۇقى» دىن بىر نەچچىنى ياردەمگە چاقىرغان. بىردەمدىن كېيىن مەكتەب بويىچە « قەشقەرلىك» بىلەن « غۇلجىلىق»نىڭ جېڭى باشلىنىپ « ئۇرە قەشقەرلىكنى … سالە غۇلجىلىقنى» بۇلۇپ كەتكەن. ئاقىۋەت تۆت بالا پىچاق يېگەن، يەنە بىرنەچچىسى مۇشت – پەشۋا زەخمىسىدە يېتىپ قالغان. مەكتەب جېدەلنى ئاران بېسىقتۇرۇپ ئون نەچچە بالىغا  جازا بەرگەن. مانا بۇ «لىق»، «لىك» جېدىلى. تالاپەت كۆرگەنلەرنىڭ گۇناھلىرى پەقەت بىر تەرەپنىڭ غۇلجىدا تۇغۇلۇپ قالغانلىقى، يەنە بىر تەرەپنىڭ بولسا قەشقەردە تۇغۇلۇپ قالغانلىقىدىنلا ئىبارەت. 1991 -، 1992 – يىللىرى بىزدىن ھەرەمگە بارغان ئۇيغۇر ھاجىلارنى سەئۇدى ئەرەبىستاندا يەرلىشىپ قالغان بىر قىسىم باي ئۇيغۇرلار « خۇدايى ساۋاب»لىق ئۈچۈن خېرىدارلىق قىلىپ كۈتۈۋالغاندا، « خۇتەنلىك» بايلار « خوتەنلىك»لەرنى «غۇلجىلىق» بايلار «غۇلجىلىق»لارنى، «قەشقەرلىك»بايلار «قەشقەرلىك»لەرنى، «ئاقسۇلۇق»بايلار «ئاقسۇلۇق»لارنىلا كۈتۈۋېلىپ، خەۋەر ئېلىپ ئۇزاتقان. ئۇ مەملىكەتتە «ئۆز يۇرتلۇقى» يوق تۇرپان، قۇمۇل، كورلا ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى بەزى ناھىيلەردىن بارغان ئۇيغۇر ھاجىلار بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمىغان. ۋەھالەنكى، شىنجاڭدىن ۋە قىرغىزىستاندىن بارغان قىرغىز ھاجىلارنى شۇ مەملىكەتتە ۋە ئىئوردانىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان قىرغىز بايلار يۇرت – مەملىكەت ئايرىماي خېرىدارلىقنى قىلىپ كۈتۈۋېلىپ ئۇزاتقان؛ يەنە شۇ مەملىكەتتە يەرلىشىپ قالغان قازاق بايلار قازاقىستاندىن بارغان ھاجىلارنى قازاق، ئۇيغۇر دېمەي كۈتۈۋالغاننىڭ ئۈستىگە يەنە شىنجاڭدىن بارغان قازاق ھاجىلارنى ئالتاي، ئىلى، سانجى، قۇمۇل، مورى، گۇچۇڭ، ئۈرۈمچى قاتارلىق يۇرت ئايرىماي كۈتۈۋالغاندىن سىرت يەنە ئۆز يۇرتلۇقى يوق بەزى ئۇيغۇر ھاجىلارنى قۇشۇپ كۈتۈۋالغان. دېمەك، بۈگۈنكى دۇنياغا يۈزلەنگەن، ئۆزلىرىنى «راۋۇرۇس مۇسۇلمان» دەپ يۈرۈشىدىغان ھەرەملىك ئۇيغۇر بايلارنىڭمۇ يۈرەك قېتىدا يەنىلا «لىق»، «لىك» ئېڭى يوقالمىغان. شۇڭا باشقا مىللەتلەر ئۇلارنىڭ مىللەت نامىنى «چىن مۇسۇلمان» (جۇڭگۇلۇق مۇسۇلمان) دەپ بىلىشكەن. دېمەك، بىزنىڭ ھەرقانداق يېتەكچىمىز، ئالىم – ئۆلىما، زىيالىي، پېشقەدەم ئۇستازلىرىمىز، داڭدار جامائەت ئەربابلىرىمىزدىن تارتىپ تۆۋىنى مالچى – پادىچىلارغىچە ھەتتا چەت ئەللەردە يۈرگەن بىز خەقلەرنىڭ ھەممىسىلا بۇ خىل «لىق»، «لىك»نىڭ ئاسارەت – ئىسكەنجىسىدە ئۆتۈشۈۋاتىمىز. بۇ ئىللەت سۇسايماستىن ئەكسىچە تېخىمۇ كۈچىيىۋاتىدۇ. !bn=b>+  
  بىزدىكى ئۆزئارا پېتىشماسلىق – ئىچكى ئىتتىپاقسىزلىقنىڭ يەنەبىر ئالاھىدە شەكلى – نادانلىقنى مەنبە قىلغان ئىچى تارلىق، قىزغانچۇقلۇق، ھەسەت – ئاداۋەتخۇرلۇقتىن ئىبارەت. ))7CqN  
  مەن بۇلتۇر قەشقەردىكى ئىككى ساۋاقدىشىمنى يوقلاپ ئۆتمەكچى بۇلۇپ بىرسىنىڭ ئۆيىگە باردىم ھەم بۇ ئۆيدە بىر كېچە قۇندۇم. ئەتىسى بۇ بۇ ساۋاقدىشىمغا يەنە بىر ساۋاقدىشىمنىڭ ئۆيىگە باشلاپ بېرىشنى ئېيتتىم. ئۇ :« ئۇنداق قىزىلكۆزنىڭمۇ ئۆيىگە بارامدىغان؟ ئۆتكەندە بالىسى ئۆلۈپ تاشلىشىپ كېتىمىز…» دېدى. بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىلا ئالىي مەكتەپنىڭ مۇئەللىملىرى، تېخى بار يۇرتلۇق تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن بىر – بىرىنى شۇنچىۋالا ئۆچ كۆرۈدۇ؟ nM!_C-yX  
  ئەپسۇس، بىزدە بىز خەقنىڭ يامان گېپىنى قىلىدىغانلار يەنىلا بىز خەق، يەنى ئۇيغۇرلاردا ئۇيغۇرنىڭ يامان گېپىنى قىلىدىغانلار يەنىلا ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇرغا زىيانكەشلىك قىلىدىغانلار يەنىلا ئۇيغۇر. ئۇيغۇرنى پالاكەتكە ئۇچرىتىدىغان، چېقىپ قۇيۇدىغان، تۇتۇپ بېرىدىغان…. لار يەنىلا ئۇيغۇرلاردۇر. سېنىڭ باشلىقىڭ ئۇيغۇر بولسا ناھايىتى ئېھتىياتچان بۇلۇشۇڭ كېرەككى، ئۇ سېنى ئۆستۈرمەيلا قالماستىن بەلكى ئادەم قىسقارتقاندا ئالدى بىلەن باشقىلارنى قىسقارتماي پەقەت سېنىلا قىسقارتىۋېتىدۇ. ئۈچ رۇس سودا قىلسا بىر – بىرىگە « بۇ نۆۋەت سودا سېنىڭ بولسۇن، كېلەر قېتىم مېنىڭ بولسۇن…» دەپ سودىنى بىر – بىرىگە ئۆتۈنىدۇ. ئۇيغۇر سودىگەردە بۇ روھ يوق. سەن 50 سومغا ساتساڭ مەن 40 سومغا ساتىمەن، سەن 30 سومغا ساتساڭ مەن 20 سومغا ساتىمەن… دەپ باھادا يول قويماي بىر – بىرىگە بازار بەرمەيدۇ. -AB0uMot  
  ئۆز ئارا پېتىشماسلىق – ئىچكى ئىتتىپاقسىزلىق بىزنىڭ تارىخىمىزنىڭ، ئىستىلىمىزنىڭ ناچارلىقىدىن ئەمەس بەلكى كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى جاھالەت تەپرىقچىلىكىنىڭ تەسىرىدىن شەكىللىنىپ، قېنى، تارىخى، تەقدىرى، ئەنئەنىسى، تىلى، دىنى، مەقسىتى، تەلىپى بىر شۇ زامان بوۋىلىرىمىز كېلەچەك ئەۋلادلىرىغا جۈملىدىن بىزگە بىرلىكنى، ئىتتىپاقلىشىشنى، ئۇيۇشۇشنى ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ تەتۈرسىنى يەنى بىر – بىرىنى ئۇرۇشنى، بىر – بىرىنى پۇتلاشنى، بىر – بىرىنى يىقىتىشنى، بىر – بىرىگە ئورا قېزىشنى مەرەز مىراس ياكى زامانىمىزنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا پاجىئەلىك سەلبىي مىراس قىلىپ قالدۇرۇپ ئۆتۈشكەنىدى. Fc^!="H  
  دېمەك، «17-، 18-، ئەسىردىكى تارىخىمىزدا بىر مەزگىل يۇرتىمىزغا دىنىي، سىياسىي ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن خوجا – ئىشانلار زامانىدا بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ قەدىمدىن بۇيانقى ئەنئەنىۋى خىسلەت، پەزىلەت ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى يوقىتىشقا، مىللىي روھسىزلىنىشقا يۈزلەنگەن. يەنى سوپى – ئىشانغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ رايى – قىلىقلىرىنى ئۆرنەك ھەم تىرىكچىلىك يولى قىلىپ، يۇرت بىلەن يۇرت، مەھەللە بىلەن مەھەللە، ئۆي بىلەن ئۆي، ئادەم بىلەن ئادەم مەزھەبلەرگە بۆلۈنۈپ جاھالەت بۆلگۈنچىلىكى، جاھالەت تەپرىقچىلىكى ئىچىدە قۇۋلاشماي، پېتىشماي بىرى ئوت، بىرى سۇ بۇلۇپ ئۆتۈشىدىغان بۇلۇپ كېتىشكەن…» (مامۇت ئىسلامنىڭ « بەلەن گەپلەر»دىن). نەتىجە – ئاقىۋەتتە بىز ھەتتا21 – ئەسىرنىڭ بۇسۇغۇسىغا كېلىپ قالغاندىمۇ (جەننەت ماكان ئاپتۇر ئىزچى 20 – ئەسىرنىڭ ئاخىرقى 10 يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بۇ ئەسىرنى يازغاچقا شۇنداق دەۋاتىدۇ – دادخاھ) ئىچكى جېدەل – ماجرالىرىمىز بېسىقماي، بەزىدە تېخىمۇ ئاۋۇپ پېتىشمايۋاتىمىز. ئەرزىمەس ئىشقا ئۆچەكىشىپ قالساق توخۇلىرىمىزنىڭ چىللاشقىنى، ئىتلىرىمىزنىڭ قاۋاشقىنى، ئېشەكلىرىمىزنىڭ ھاڭراشقىنى… ئاڭلىنىپ تۇرسىمۇ ئاي ئۆتۈپ، يىل ئۆتۈپ بىر – بىرلىرىمىز بىلەن يوقلاشماي، سالام – سەھەت قىلىشماي ھومىيشىپ، « ئۇ ئەسكى»، «بۇ ئوغرى»، « ئۇ مايماق»، «بۇ قەلەندەر»… دېيىشىپ ئۆتكىنىمىز ئۆتكەن. «مەندىن ئۆتۈپتۇ» دەيدىغانلار يوق. «بولدى قىل»، « ئۇنداق قىلما»، «توغرا ئەمەس» دېگەندەك گەپلەر ئاقمايدۇ. دېمەككى، بىز ئۆز ئەيىبلىرىمىزنى تۇنۇشقا، تەن ئېلىشقا ئادەتلەنمىدۇق، خىلمۇ – خىل «سەۋەبلەر» بىلەن ئۇنى ياپتۇق، يوشۇردۇق. ئەيىبتىن ئەيىب توغۇلۇۋېرىپ يۇرت – يۇرت، ئۆي – ئۆيدە « يوغان گەپ»، «قۇرۇق گەپ»، « شەيۋەت گەپ»، « پىتنە ئىغۋا گەپ»، « پو گەپ»… «ئۆز گەپ» بۇلۇۋېرىپ تۈگىمەي ئۆتۈۋەردى – دە، بالىدىن – بالىغا « ئاتا مىجەزى»، «ئانا قىلىقى» مىراسنامىسى بۇلۇپ داۋاملىشىۋەردى. AU8sU?=  
  چىقىشىش، بىرلىشىش، بىر ياقىدىن باش چىقىرىش بولمىغان خەلقتە ئىستىقبال – ئامەت، راۋاجلىنىش نېمە قىلسۇن؟ r( bA>L*mk  
  ياش شائىر ئۆمەر مۇھەممەد ئىمىن يازغاندەك: c? Mbyay  
سەن مېنى پاكار دەپ، =9:gW5F69  
مەن سېنى ناكار دەپ، ?*~sx=mC  
بۇلۇپ كېتەرمىز قايسىمىز قاۋۇل؟ .OlPVMFt  
مەن ساڭا چىشىمنى بىلەپ، wVF qkJ  
سەم ماڭا دوراخنى تىلەپ، u Vo"_c w  
قايسىمىز كېتەرمىز جەننەتكە ئۇدۇل؟ Ieh<|O,-C  
`yC[Fn"E^  
FyNm1QNy^  
بىزدىكى نەسلىگە ۋاپاسىزلىق
DbYnd%k*4  
  ئاتا – ئانىلار مېھرى – شەپقىتىدىن، مەكتەبلەر مېھر – شەپقىتىدىن، جامائەت ۋە جەمئىيەت مېھر – شەپقىتىدىن مەھرۇم قېلىپ، مەرىپەتسىز – نادان يۈرۈۋاتقان، ۋەيران بۇلۇپ كېتىۋاتقان، بۇزۇلۇپ تۈگىشىۋاتقان، ھالاكەتلىك تۇرمۇش قىسمەتلىرىدە بېرىۋاتىدۇ. بىز پۈتۈن شىنجاڭ تەۋەلىرىگە، پۈتۈن مەملىكەتكە شەھەرلىرىگە ھەتتا چەت ئەللەرگىچە سەرگەردان بالىلارنى توپ تارقىتىدىغان خەق بۇلۇپ قالامدۇق – قانداق؟ _SMi`ie#  
  مېنىڭچە بۇنى تارىخىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ئىنتايىن يامان مىللىي پاجىئەلەرنىڭ ناماياندىسى، دېمەي مۇمكىن بولماس، ئەلۋەتتە. ONF x -U]  
  ئاقىۋىتى مىللىي خۇرلۇق، مىللىي نۇمۇس ۋە قاتتىق مىللىي نادامەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، چىقىرىۋاتقان ۋە ئۇنى تىزلىتىدىغان بۇنداق قاباھەتلىك پاجىئە بىزگە نەدىن ۋە كىملەردىن كېلىۋاتىدۇ؟ 4hkyq>c}  
  بىرلا جاۋاب: ئاساسەن ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز كەلتۈرۈۋاتىمىز، ئۆز كىشىلىرىمىشدىن كېلىۋاتىدۇ. eWr6@  
  بىر قىسىم ئائىلىلەردە ئەرلەر مۇستەبىتلىكنىڭ ئېغىرلىقى، ئاتىلار خورلىقىنىڭ داۋاملىشىشى، تولا ئاجرىششى، كۆپ نىكاھلىنىش، خوتۇن ئۈستىگە خوتۇن ئېلىشنىڭ ئاۋۇپ بېرىشى، چېكىدىن ئاشقان شەخسىيەتچىلىك، بالىلارنىڭ مائارىپسىز قالدۇرۇلىشى – ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ بۇزۇلۇشىنى، يېتىم – ييىسىرلارنىڭ كۆپىيىپ بېرىشنى، بالىلار ۋەيرانچىلىقلىرىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىنى ۋە ئاقىۋەت ياش – ئۆسمۈرلەر تەقدىرىنىڭ نابۇت بۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە چىقىرىۋاتىدۇ. i\x@s>@x}  
  1994 – يىلى يازدا مەن سەپەرداشلىرىم بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ناھىيدە تۆت كەنت، ئىككى كىچىك كوچىنى نىشانلىق زىيارەت قىلىپ (جەمئىيەت كۆزىتىپ)، بۇ جايلاردا شەھەر – بازار تۇرمۇشىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ يۈز بېرىۋاتقان ئائىلە، مۇھەببەت، نىكاھ مەسىلىلىرىنى، ئانا – بالىلار ھادىسلىرىنى ئىگىلەپ كۆردۈم. بۇ تۆت كەنت، ئىككى كىچىك كوچىدىكى 1300دىن كۆپرەك ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ئارىسىدا 1989 – يىلىدىن بېرى ئەرلەرنىڭ سەۋەبى بىلەن گۇمران بولغان (ئاجراشقان) ئەر – خۇتۇنلار شۇ جايلار بويىچە ئاجراشقان ئەر – خۇتۇنلارنىڭ 87%نى، ئەرلىرى تاشلاپ كەتكەن خۇتۇنلار شۇ جايلاردىكى ئەرلىك خۇتۇنلارنىڭ 7%نى، ئەرلەرنىڭ سەۋەبى بىلەن تىرىك يېتىم قالغان، ياشلىنىپ قالغان، يوقاپ كەتكەن، كىشىلەر بېقىۋىلىپ تۇرغان بالىلار شۇ جايلاردىكى ئۇمۇمىي يېتىم بالىلارنىڭ 45%نى، ئەرلىرىنىڭ خورلىشىغا ئۇچراپ كېسەلمەن بۇلۇپ كەتكەن خۇتۇنلار شۇ جايلاردىكى خۇتۇنلارنىڭ 4%نى، ئەرلىرى ۋە بالىلىرى دەردىدە يۇرتتىن قاڭقىپ سەرسان بۇلۇپ چىقىپ كەتكەن جۇۋان، چوكانلار شۇ جايلاردىكى تۇل قالغان، ئەرلىرى تاشلاپ كەتكەن خۇتۇنلارنىڭ 2%نى تەشكىل قىلغان. Yaz/L)Y;R  
  (بىرمۇنچە ئەرلەرنىڭ رەسۋەچىلىقلىرى بىلەن گۇمران بولغان ئائىلىلەر ئەھۋالى بايان قىلىنغان ھەق مىساللار پېقىر دادخان تەرىپىدىن قىسقارتېۋېتىلدى) ~6+>2|wIS  
  مىللىتىمىزنىڭ ئالدىنقى جامائىتى ھېسابلىنىدىغان ئەرلىرىمىز سېپىدە ئەنە شۇنداق ئەرلەر مۇستەبىتلىكى، ئانىلارنى خورلاش ئادىتى، بالىلارنى تاشلېۋىتىپ نەسلىگە ۋاپاسىزلىق قىلىش، بۇزۇقچىلىققا بېرىلىش… قىلمىشلىرى ئەۋجىگە چىققانسىرى جەمئىيەتتە ئانا – بالىلار خورلۇقىنىڭ،ئانا – بالىلار ۋەيرانچىلىقىنىڭ، ئانا – بالىلار سەرسانچىلىقىنىڭ ۋە باشقا ئىجتىمائىي پاجىئەلەرنىڭ كېلىپ چىقماسلىقى مۇمكىنمۇ؟ 7JBr{3;eS  
  ئەپسۇس! مىڭ ئەپسۇس! بىزدە مۇشۇنداق قىلمىشلارنى ئەيىبلەيدىغان، چەكلەيدىغان جامائەت پىكرى ناھايىتى ئاجىز بۇلۇۋاتىدۇ. مۇناسىۋەتلىك جامائەت ئورگانلىرىنىڭ بۇ ساھەدىكى خىزمەت قۇدرىتى ئەنئەنىۋى ئادەت كۈچىنىڭ، مۇتەئەسسىپ « #8y"1I=i&  
ئەنئەنە»نىڭ تەسىرىنى بېسىپ چۈشەلمەيدۇ. «ئادەت ھەممىگە قادىر»نىڭ قۇۋۋىتىگە تىز پۈكىدۇ.
gu&W:FY  
http://anana05.blogbus.com
[ بۇ يازما Misranim2 تەرپىدىن 2011-09-12 07:40 PM دە ]

تېما تەستىقلىغۇچى : Misranim2
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-09-12, 19:40
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +50
soygum مۇنبەر پۇلى +50 09-12 ياخشى ماقالە
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
تېخمۇ نادىر تىمىلار ئەنئەنەبلوگىدا سىزنى كۈتىۋاتىدۇ: http://anana05.blogbus.com
wisalay
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11199

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   219 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4392 (سوم)
 ياخشى باھا:   386 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   399  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1061
 سائەت
دەرىجىسى:
1061 سائەت 129 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-23
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-12

بىزنىڭ كاللىمىزغا مەدىنىيەت _ سەۋىيە لىق قاچىلانغاندا ئاندىن بۇ ئىللەتلەر تۈگىشى مۈمكىن.
 
نائەھلىلەر قىسماي قۇلاققا،
تاشلاپ كەتسە مىنى تۇپراققا.
غورورۇمنى ساقلاپ قالماقتا،
ئايلىنارمەن تىكەن_ يانتاققا.
soygum
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.37634

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   140 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4171 (سوم)
 ياخشى باھا:   614 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   925  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1565
 سائەت
دەرىجىسى:
1565 سائەت 135 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-15
ئاخــىرقىسى:2011-11-02
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-12

مېنڭچە بىزدىكى ئىللەتلەر داۋاملىق يوقىلپ بارىدۇ. ياخشى ماقالىكەن ئەمەلىي يېزلىپتۇ. رەھمەت. يۇرتۋازلىق ھامان يوقىلىدۇ . ھېچ بولمىغاندا يېقىن كەلگۇسىدە بۇنداق ناچار ئىللەتلەر تۈزۈلپ كېتىدۇ.
 
كۈچلەن ئىجادىيەت بىلوگى(سۆيگۇم ئامبىرى).  ئادىرىسى:http://kuxlan.blogbus.com/
quxtikiakku
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5635

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   412 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6848 (سوم)
 ياخشى باھا:   311 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   255  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2729
 سائەت
دەرىجىسى:
2729 سائەت 21 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-05
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-12

بۇ ماقالىنى ھەر- بىر كىشى تەپسىلى ئوقۇپ چىقىپ ئويلۇنىپ كۆرسە بولغىدەك.
 
مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس
asmethan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.49223

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   120 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1833 (سوم)
 ياخشى باھا:   186 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   100  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 55
 سائەت
دەرىجىسى:
55 سائەت 35 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-26
ئاخــىرقىسى:2011-11-03
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-12

بۇ ماقالىنى ئوقۇپ خۇددى كىسەلنى ئوپىراتسىيە قىلىش ئۈچۈن قورسىقىنى يىرىپ قويۇپ كىسەل ۋىرۇسلىرىنى تاپقان لىكىن قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلەلمەي تىڭىرقاپ چىكىسىدىن تەر قۇيۇلغان چالا ئوقۇغان ئىمتىھاندىن ئەپلەپ سەپلەپ ئۆتكەن ساددا دوختۇرنىڭ سىماسىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ قالدىم بىمارنى بۇنداق تاشلاپ قويسا ئۆلۈپ قالمامدۇ
 
uzatma
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.53741

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   15 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   84 (سوم)
 ياخشى باھا:   15 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 8
 سائەت
دەرىجىسى:
8 سائەت 12 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-29
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-12

ھەقىقەتنى يىزىپسىلە ئاداش . بۇنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر ئويلىنىپ بىقىشى كىرەك .
 
ھايات مەن ئۈچۈن  ھەممىدىن قىممەت
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھەببەت
لىكىن كىچىمەن ھەرئىككىسىدىن
ئازاتلىق ئەركىنلىك ئۈچۈنلام پەقەت
hazniqi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.47298

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   412 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1219 (سوم)
 ياخشى باھا:   536 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   148  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2439
 سائەت
دەرىجىسى:
2439 سائەت 81 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-13

ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار /DPD,bA  
گۇلەن E:,V{&tLK  
l*;Isz:  
27. «ئىللەتلىك ئۇيغۇر» ئەپسانىسى ئامېرىكىدا hiKgV|ZD  
"p<B|  
1. ئامېرىكىدا كىم  “ئىللەت“ لىرىنى بوينىغا ئالىدۇ؟ =?Y%w%2  
a`XXz  
ئۇيغۇردىكى ”ئىللەتلەر“ نى ئوپراتسىيە قىلىش ئەۋج ئالغان چاغلاردا  “تەڭرىتاغ“ دا ئېلان قىلىنغان ياپۇنىيە توغرىسىدىكى بىر ساياھەتنامىدىن ”ياپۇنلار تولىمۇ كەمتەركەن. باشقا مىللەت كىشىلىرىنى كۆرگەندە، ‘بىزنىڭ نېمە كەمچىلىكىمىز باركەن’ دەپ سوراپ تۇرىدىكەن“ دېگەن قۇرلارنى ئوقۇغىنىم ئېسىمدە. ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن شۇنچە جىق ياپۇن بىلەن مۇڭداشتىم، لېكىن بىرسىمۇ مىللىتىنىڭ كەمچىلىكىنى مەندىن سورىمىدى. ئاۋام ياپۇنلارلا ئەمەس، ئالى مەكتەپلەردە پروپېسسور بولۇپ ئىشلەۋاتقان ياپۇنىيەلىكلەردىنمۇ  “ مىللىتىمنىڭ مۇنداق نۇقسانى بار“ دېگەن گەپنى ئاڭلىمىدىم. ياپۇن پروپېسسورلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا ياپۇنىيەنىڭ ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ”شەرقى ئاسىيانى تەرەققى قىلدۇرىمىز“  دەپ نىقاپلىنىپ تەيۋەن ۋە شىمالى جۇڭگۇ خەلقىگە قىلغان ئاسمىلاتسىيە، قىرغىنچىلىق ۋە بۇلاڭچىلىقلىرىنى  ئاقلاپ ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇلارچە ياپۇنلار جوڭگۇغا زامانىۋىيلىق ۋە تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەنمىش، ياپۇن تىلىدا مائارىپ يۈرگۈزۈپ خەنزۇلارنىڭ زامانىۋىي تېخنىكا ئۆگىنىشىگە تۈرۈتكە بولغانمىش، پەقەت ئەينى دەۋردە خەنزۇ خەلقى قالاق بولغاچقا بۇ ئىلتىپاتنى چۈشەنمەي، تاجاۋۇزچىلىق، مۇستەملىكىچىك دەپ ئاتاۋالغانمىش. tE"aNA#=  
!F3Y7R  
”بىزدىكى نۇقسانلار“، ”بىزدىكى ئەبگالىق“ دېگەندەك تېمىلاردىكى ئەسەرلەر بازارلىق بولغان يىللاردا ئۇيغۇردىكى ”ئىللەت“ لەرنى تەنقىد قىلغان بىرەيلەن ”ئامېرىكىلىقلار ‘بەدبەشىرە ئامېرىكىلىقلار’ دېگەن كىتابنى ئەسايىدىل ئوقۇيدىكەن، ئەيپلىرىنى تۈزۈتىشكە دائىم تەييار تۇرىدىكەن،  ئاپتۇرىنى تولىمۇ ھۆرمەتلەيدىكەن“ دەپ يازغان ئېدى. ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن كىتاپخانىلاردىن ئۇنداق بىر كىتاپنى تاپالمىدىم. ”بەدبەشىرە ئامېرىكىلىقلار“ دېگەن كىتابنى ئوقۇپ باققان بىرمۇ ئامېرىكىلىقنى ئۇچراتمىدىم. مەن ئۇچراتقان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى باھاسى ئىجابى ئېدى.  پەقەت بىر ئۇيغۇرشۇناس پروپېسسور ئۇيغۇر ۋە ئامېرىكىلىق ستۇدېنتلار ھەققىدىكى  پاراڭدا تاسادىپى ”سىلەردىن ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئاجىزلارغا ئىچ ئاغرىتقاندەك مۇئامىلە قىلىنىپ، ئىتىبار قىلىنىپ مەجروھ قىلىنىدۇ، بىزدىن جوڭگۇغا بارغانلار چوڭ كۆرۈلۈپ، چوقۇنۇلۇپ ھاكاۋۇر قىلىۋېتىلىدۇ“ دېدى. يەنە بىر مۇئەللىم دەرس ئارىلىقىدا ئامېرىكىدا ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى تەبىئى چوڭ بولۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قويۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ سەۋەبكارىنىڭ مائارىپ تىجارەتچىلىرى ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ھەممە نەرسىنىڭ تىجارەتكە ئايلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى سۆزلەپ قويدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئامېرىكىدا سودىگەرلەر پەرزەنت تەربىيىسىگە دائىر نۇرغۇن مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ، ئىنساننىڭ پۈتكۈل جانلىقلار دۇنياسىغا ئورتاق بولغان تەبىئى يېتىلىش جەريانىغا سۈنئىي ئارىلىشىۋالىدىكەن. بىر قېتىملىق دالا تامىقىدا بىر ئامېرىكىلىق دېھقان دوستۇم، “ بىز ئامېرىكىلىقلار ماشىنىللاشتۇرۇمىز دەپ ئىنساننىڭ ئىجاتكار بىر جۈپ قولىنى ناكار قىلدۇق. ھەممە نەرسە زاۋۇتلاشتۇرۇلۇپ تەبئىي مەھسۇلاتلار ئازلاپ كەتتى. ھۆكۈمەت بىزنى قوغۇدايدۇ دەپ ئۆزىمىزنى قوغۇداش ھوقۇقىمزىنى ساقچىغا تارتقۇزۇپ قويدۇق. بالىلىرىمزنى مەكتەپكە، ماشىنىمىزنى رىمنۇتچىغا تاشلاپ بېرىپ ئىجاتچانلىقىمىز، مەسئۇلىيەتچانلىقىمىز، مۇستەقىللىقىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىمىز. “ دەپ سۆزلەپ كەتتى. باشقىلار بۇ گەپلەرگە ئانچە قىزىقمىدى. كېيىن ئۇقسام بۇ ئادەمنىڭ ئىكىنزارلىقى تۈگەشكەن بولغاچقا ئاشۇنداق گەپلەرنى قېيداپ تولا دەيدىكەن. ئامېرىكىدىكى كۈنلىرىمدە شۇنچە دىققەت قىلىپمۇ،  سوراشتۇرۇپمۇ ”بىزدە مۇنداق ئىللەتلەر بار“ دەپ بوينىغا ئالغان بىرمۇ ئامېرىكىلىقنى كۆرمۈدۈم. 4c "x&x|  
?2D1gjr  
ئامېرىكىدا ئوقۇش، ساياھەت قىلىش ۋە يىغىنلارغا قاتنىشىش جەريانىدا نۇرغۇن مىللەتتتىن بولغان كىشىلەر بىلەن ئۇچراشتىم. بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇغۇچىمۇ، مەمۇرمۇ، مۇئەللىممۇ ئىشقىلىپ جەمئىيەتتىكى ھەرساھە كىشىلىرىنىڭ ھەممىسى ئاساسەن تېپىلىدۇ. ھەيران قالغىنىم ھىچ بىر كىشى ”مىللىتىمدە مۇنداق ئىللەت بار“ دېگەن گەپنى دەپ باقمىدى. مەن بىر قىسىم مىللەتلەردىكى ”ئىللەتلەر“ ھەققىدە بەزىلەردىن ئاڭلىۋالغان ياكى ئوقۇغانلىرىمنى شۇ مىللەت كىشىلىرى ئالدىدا تىلغا ئالغىنىمدا، ”بۇنداق ئىش بىزدەك تارىخى ۋە رىيال قىسمەتكە مۇپتىلا ھەرقانداق مىللەتتە بار، بۇنى بىر مىللەتكە خاس كەمچىللىك دېيىشكە بولمايدۇ“ دېگەن جاۋاپقا ئېرىشتىم. بايقىشىمچە مۇستەبىت دۆلەت ئىران، سۈرىيە، سەئۇدى قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەنلەردە سىياسىيغا زىيادە سەزگۈلۈك، ئاشقۇن مىللەتچىلىك، تەبىقىچىلىك قاتارلىق ”ئىللەت“ لەر كۆپ ئۇچرايدىكەن. رۇسسىيە ۋە بۇرۇنقى سوۋېىت ئىمپىرىيىسىگە مەنسۇپ دۆلەتلەردىن كەلگەنلەردە يالغانچىلىق، چېقىمچىلىق، قۇلچىلىق، مۇناپىقلىق، پارىخورلۇق، نەيرەڭۋازلىق، ئېرقچىلىق، چوڭ مىللەتچىلىك قاتارلىق كەيپىياتلار ئومۇمىيكەن. ئامېرىكىدا مەن ئۇچراتقان زىيالىلارنىڭ چۈشەندۈرىشىچە بۇلارنى شۇ دۆلەتلەردىكى تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ بىر خەلقنىڭ ”ئىللەت“ لىرى ھىساپلانمايدىكەن. غەيۋەتخورلۇق، كۆرەلمەسلىك، مەنمەنچىلىك قاتارلىقلار پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئورتاق پىسخىك مەسىلىلەر بولۇپ كونكىرىت بىر خەلقنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەن. مەن ئامېرىكىدا ”مىللىتىمىزدە ئۇنداق ئىللەت، بۇنداق نۇقسان بار“ دېگەن سۆزلەنمىلەرنى پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئاغزىدىنلا  ئاڭلىدىم. ROZOX$XM  
SM3Q29XIw  
2.      ئۇيغۇرلار نېمىشقا ئۆزىنى ئىللەتلىك سانايدۇ؟ ESdjDg$[u  
Rlvb@aXgy  
مەن ئامېرىكىغا كېلىپ تۇنجى ئۇچراشقان ئۇيغۇرلار ماڭا ئۇيغۇرنىڭ ئىللەتلىرى ھەققىدە دادلاپ بېرىشتى. كېيىن باشقا ئۇيغۇرلاردىن “ ئۇيغۇرلار راستىنلا شۇنداق ئىللەتلىكمىدۇ؟ سىز مىللىتىڭىزدىكى ئىللەتلەر سەۋەبلىك ئامېرىكىدا باشقىلار ئالدىدا قىسىلدىڭىزمۇ؟“ دەپ سوراپ، پاراڭلىشىپ بىلىشىمچە، ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىن چىقىپ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئاق ياقىلىق ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ھىچ قايسىسى ئۇيغۇرنىڭ بىرەر“ مىللىي ئىللىتى“ سەۋەبلىك باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئوڭايسىزلىققا چۈشۈپ قالماپتۇ.  شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئۇيغۇردا ئىللەتنىڭ كۆپلىكىگە قايىل ئىكەن. ئۇيغۇرلار نېمىشقا ئۆزىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىللەتلىك سانايدۇ؟ 3<:(Eda}  
,9T-\)sT  
ئىللەت سانالغان پەزىلەت JO\F-xO  
2)O-EAn  
بىر كۈنى تاسادىپى ”2011-يىللىق ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىنىڭ نورۇزنى قۇتلاش مەرىكىسى“ نىڭ  ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىق خەۋىرىگە كۆزۈم چۈشتى. سەۋەبى جامائەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن بىر ئۇيغۇر زىيالىسىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ۋاپاتى نورۇزنى قۇتلاش مەرىكىسىگە  توغرا كېلىپ قاپتۇ. شۇ سەۋەپتىن نورۇزنى قۇتلاش سەنئەت كېچىلىكى ئورنىغا نەزىر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. بۇ خەۋەر چاپلانغان مۇنبەردە بىرەيلەن ھاپلا شاپىلا ”زادى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىك ئېڭىمىز يوق. ھىسسىياتىمىزىنى ئەقىلنىڭ ئۈستىگە قويىمىز. بىر كىشىنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋاپات بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇزىنى نەزىرگە ئۆزگەرتىپ قويسا بولامدۇ؟“ دەپ سۇئال تاشلاپ قاقشاپ كېتىپتۇ.  بۇ خەۋەرگە ئىككى كىشى مەسىلىنى ئۇيغۇرلاردىكى ”ئىللەت“ كە تارتىپ مولاھىزە قىغاندىن باشقا ھىچ كىم نارازى بولماپتۇ. مەنچە بۇنىڭدا ئەقىل بىلەن ئويلىسا ئۇيغۇرنىڭ ئىللىتى ئەمەس پەزىلىتى ئەكىس ئېتىدۇ. چۈنكى بايرام كېلىپ بولغىچە سەھنىگە چىقىپ ئۇسۇل ئويناش بوۋا-مومىلىرىمىزدىن قالغان ئۇدۇم ئەمەس. نەچچە مىڭ يىللىق نورۇز ئەنئەنىمىزدە نورۇز سەھنىگە چىقىپ ئۇسسۇل ئويناش بىلەن ئۆتكۈزۈلگەنمۇ ئەمەس. ھازىر بىزدىكى بايراملارنى سەنئەت كېچىلىكى بىلەن تەبرىكلەش بېيجىڭدا يىلدا بىر تەشكىللىنىدىغان ”چاغاننى تەبىرىكلەش سەنئەت كېچىلىكى“نىڭ ئېڭىمىزغا سىڭىپ كەتكەن شەكلى. ئامېرىكىدا مەيلى مىلاد بايرىمى، مىننەتدارلىق بايرىمى ياكى دۆلەت بايرىمى بولسۇن ھىچ قايسىسى بايرام تېلۋىزورلاردىكى سەنئەت كۆرىكى بىلەن تەبرىكلەنمەيدۇ. بۇلارنى بىلىپ تۇرۇپ، ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ نورۇز سەنئەت كېچىلىكى ئورنىغا نەزىر ئالماشسا ئۇيغۇردىكى ”ئىللەت“ تىن قاقاشاپ كېتىشى مىللەتنى قارا قويۇق ئىنكار قىلىش خاھىشىنىڭ كىشىلىرىمزىنىڭ كاللىسىغا نەقەردەر چوڭقۇر ئورناپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. مەنچە ئامېرىكدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بايرام مۇسۇبەتكە توغرا كېلىپ قالغان ۋاقىتتا بايرام بولسىلا تاراڭشىتىپ داپ چېلىپ ئۇسۇل ئويناشنى قويۇپ قېرىندىشىنىڭ قايغۇسىغا ھەمدەم بولۇشى، شېھىتلەرنى ياد ئېتىشى  پەزىلەتنىڭ ئىپادىسى. ھېيىت بايرامدا تۇپراق بېشىنى يوقلاش، شېھىتلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلىش، قۇرئان خەتمە قىلىپ ھاياتنىڭ چېكى، قىممىتى، ياراتقۇچىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ھەققىدىكى سىر ئەسرارلارغا قۇلاق سېلىش ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان مۇبارەك ئەنئەنە. ئەمەئىيەتتە سەنئەت كېچىلىكىنىڭ ئورنىغا نەزىرنىڭ ئالمىشىشى ئەسلى ئۇيغۇر كىملىكىگە يېقىنلاشقانلىقتۇر. بۇ مىسالدىن شۇ نەرسە ئايدىڭكى، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ ”ئىللەت“ دەپ قاقشاپ كېتىۋاتقىنى ئەسلى ئۇيغۇردىكى پەزىلەتتۇر. پەزىلەتنىڭ ئىللەت سانىلىشى زىيالىلىرىمىزنىڭ 1993- يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىللەت كۆزەينىكىدە كۆزەتكەنلىكىدىن بولغان. نەتىجىدە كىشىلىرىمىز كۆڭلىدە ئۇيغۇرنى ئىللەتلىك مىللەت دەپ مۇقۇملاشتۇرۇۋالغان. n)]]g3y2  
{.vU;  
خۇدۇكسىرەشنىڭ سەۋەبلىرى EJF*_ 
1A>>#M=A  
ۋاشىڭتوندا تۇرىدىغان بىرسىدىن مۇنداق بىر ھىكايىنى ئاڭلىدىم. ئۇنىڭ بىر دوستى ۋەتەندىن كەپتۇ. ساھىپخان يېقىن ئەتراپتىكى ئۇيغۇرلارنى جاسۇس دەپ خۇدۇك ئالىدىغان بولغاچقا دوستىنى ھىچكىم بىلەن ئۇچراشتۇرماپتۇ. ھەتتا دوستى كەلگەن كۈنلەردە ئۆيىگە مىھمانمۇ چاقىرماپتۇ. بىر مەھەللىدە بىللە تۇرىدىغان بىر ئۇيغۇر قوشنىسى بار تۇرۇپ، ئۇ ھەقتە بىر ئېغىزمۇ تىنماپتۇ. مەن ئىچكىرىدە تۇرغان چاغلىرىمدا ئۇيغۇرلار بىر بىرىدىن ئوغرىمىدۇ، ئاقچىمىدۇ…دەپ گۇمان قىلىشتاتتى. مەن ئامېرىكا ۋە تۈركىيەدە ئۇچراشقان ئۇيغۇرلار بىر بىرىدىن ”جاسۇسمىدۇ“ دەپ گۇمان قىلىشىدىكەن. ھەتتا ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار جاسۇسلۇقنى مىللەتنىڭ نۇقسانى دەپ تونۇيدىكەن. ئامېرىكىدەك باشقىلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلاش قانۇنغا خىلاپ دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار جاسۇسلۇققا مەشغۇل دەپ گۇمان قىلغان ۋەتەنداشلىرىنى قانۇنغا تايىنىپ بىر تەرەپ قىلماي توختىماي گۇمان قىلىشىدىكەن. ئامېرىكىدا بىر ئۇيغۇرنىڭ جاسۇس ئاتىلىپ قېلىشىدىكى پاكىتلار ئاجايىپ ئاددى. بىرسىنىڭ جاسۇس ئاتىلىشىدىكى سەۋەپ ئۇ كىشىنىڭ رەسىم تارتىشقا ئامراقلىقى، ئەمما تارتقان رەسىملەرنى ئىۋەرتىپ بەرمىگىنى ئىكەن، يەنە بىرسىنىڭ بولسا پات-پات ۋەتەنگە بېرىپ كېلىپ تۇرۇشى ئىكەن. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جاسۇسلۇقنى مىللەتنىڭ ئىللىتى دەپ تونۇشى يېڭىلىق ئەمەس، ئاسماندىن چۈشكەنمۇ ئەمەس. مەن ئون نەچچە يىل بۇرۇن ”قەشقەردە بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تارقىلىپ كېتىپتۇ، چۈنكى ھەممە ئادەم بىر بىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل ئىكەن“ دېگەن گەپنى ئاڭلىغانىدىم. بۇنداق بىر بىرىدىن خۇدۇكسىرەيدىغان قىلىقلار ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان سەئۇدىلىقلار، پاكىستانلىقلار، ئىرانلىقلاردىمۇ خېلى يايغىنكەن. بىر كۈنى بىر جۈمەدە خاتىپ مۇسۇلمانلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ۋەزىپىلىرى ھەققىدە توختالدى. جۈمەدىن كېيىن بىر پاكىستانلىق خۇتبە ھەققىدىكى قاراشلىرىنى قۇلۇقۇمغا پىچىرلاپ مېنى تولىمۇ بىئارام قىلدى. ئەمەلىيەتتە، ۋەھمىە يىگۈدەك ھىچ بىر گەپ بولۇنمىغان ئېدى. ئۇنداقتا بۇ پاكىستانلىق نېمىشقا قورقىدۇ؟ چۈنكى ئۇ پاكىستاندىن يېڭى كەلگەن، ئامېرىكىدىكى پىكىر ئەركىنلىكىگە كۆنۈپ بولالمىغان ئېدى. مۇستەبىت تۈزۈمدىكى ئەلدە ياشىغان كىشىلەردە ھۆرلۈكتىن خۇدۇكسىرەش، قورقۇش كېسىلى ئومۇمىيۈزلۈك بولىدىكەن. شۇڭا ئۇلار ئەتراپىدىكى ھەر قانداق ھادىسە ۋە كىشىدىن خۇدۇكسىرىشىدىكەن. يەنە بىر مىسال. 2010-يىلى ئەتىياز ئايلىرىدا مەھەللىمىزدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تاقىلىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالدى. ئاتا-ئانىلار بۇ ئىشتىن كۆپ ۋايىم يىدۇق. ئاخىرىدا مەھەللىدىكى بىر قانچە كىشى ئاپرىلنىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى نارازىلىق نامايىش قىلىش ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلىشىپتۇ. نامايىش ۋاقتى يېقىنلاشقان كۈنلەردە بۇ ئىشىنى باشقا بىر شىتاتتا ياشايدىغان بىر ئۇيغۇر ھەمشىرىمزىگە دەپ بەردىم. ”نېمە، نامايىشقا قاتنىشىشقا تىزىملاتتىڭىزمۇ؟ سىزنىڭ نېمە كارىڭىز، خەق نامايىش قىلسا قىلمامدۇ؟ نېمە قىلىسىز ئارتۇق ئىشقا ئارىلىشىپ؟ بىر ئىش چىقىپ قالسا قانداق قىلىسىز؟“ . بىر مۇنچە ۋەھىمىلىك ئەسكەرتىشلەردىن كېيىن نامايىشقا قاتناشماسلىققا قارار بەردىم. ھاياتىمدا بىر قېتىم بولسىمۇ نامايىشقا قاتنىشىپ بېقىش ئىستىكىمنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ياكى خەلقى ئەمەس، ئاللىقاچان ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىم خۇدۇكسىرەش ۋە قورقۇتۇش ئارقىلىق توسۇپ قويدى. نامايىشقا قاتنىشىپ كۆنمىگەن، نامايىش ئىمكانىيتى بولمىغان موھىتتا چوڭ بولغان كىشىلەر نامايىشتىن خۇدۇكسىرەيدۇ. بۇنداق خۇدۇكسىرەشتىن نامايىش مۇتلەق قانۇنلۇق دۆلەتكە كېلىپ ياشاۋېتىپمۇ قۇتۇلالمايدۇ. بۇ بىر دۇنياۋىي ھادىسە بولۇپ  ئۇنى بىر بۆلۈك كىشىلەرنىڭ مىللىتىدىكى ئىللەت دەپ تونۇش ئىلمىيسىزلىكلا ئەمەس، ئادالەتسىزلىك بولىدۇ. u} y)'eH  
R $vo  
ئۇيغۇر ئامېرىكىغا ئەمەس، نەگىلا بارسا ئۆزىنى ئىللەتلىك سانايدۇ. بۇ ”ئىللەت“ لەرنىڭ بەزىلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرنىڭ پەزىلىتىدۇر، يەنە بەزىلىرى بەلگىلىك دەۋردىكى بەلگىلىك شارائىت كەلتۈۈرپ چىقارغان ئىجتىمائى كەيپىيات بولۇپ مىللىتىمىزدىكى ”نۇقسان“ بىلەن مۇناسىۋەتسىز. كۈزىتىشىمچە ئامېرىكىدا چوڭ بولغان ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلاردا بۇنداق ئۇيغۇرنىڭ ”ئىللەت“ لىرىدىن كەمسىنىش ۋە گۇناھكارلىق تۇيغۇسى كۆرۈلمەيدىكەن. بەلكىم بۇ ئۇيغۇرنى ئىللەتلىك ساناشنىڭ ئىجتىمائى سەۋەبىنى چۈشىنىشكە ئۈندەيدىغان ئامىل بولۇشى مۇمكىن. h_O6Z2J1  
lPA: aHcj  
3.     ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلار ئىللەتلىكمۇ؟ @EPO\\C"f  
sn.Xvk%75  
مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى سەھەرچى مىللەت u19 d!#g  
rlQ4+~  
مەن ئامېرىكىغا كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي مارگارىت ئىسىملىك بىر پروپېسسور بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. بۇ ئايال مۇسۇلمانلاردىكى تەسەۋۋۇپ (سوپىلىق) تەرىقىتىنى تەتقىق قىلىدىكەن. تەتقىقات جەريانىدا دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار توپلۇشۇپ ياشايدىغان شەھەرلەرنى تولۇق ئايلىنىپ چىقىپتۇ. ئانا تۇپراقلىرىمىزنىڭ قەشقەر، خوتەن، كۇچا ۋە ئارتۇچ قاتارلىق بوستانلىقلاردا بىر قانچە ھەپتە ساياھەتتە بولۇپتۇ. پروپېسسورنىڭ خۇلاسىسى شۇ بولۇپتۇكى دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئىچىدە  ئارتۇچ ئۇيغۇرلىرىنىڭ پاكىزلىقى، كۇچا ئۇيغۇرلىرىنىڭ سىلىقلىقى، خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىخلاسمەنلىكى، قەشقەر ئۇيغۇرلىنىڭ ئىشچانلىقى سېلىشتۇرغۇسىز ئىكەن. مەن ۋەتەندە كۆنگەن خىيالىم بويىچە “ ئۇيغۇرلاردا قانداق ئىللەت بار ئىكەن؟ ئۇيغۇرلار قايسى ئىللەتلىرى سەۋەبلىك خاراپ بولۇشى مۇمكىن؟“ دەپ سورۇدۇم.  سۇئالىمغا ئۇ تولىمۇ ھەيران قالدى. “ ئىللەت دېگەن شەخستە بولىدۇ، مىللەتتە بولمايدۇ، مىللەتنىڭ خاراپ بولۇشىدىكى بىرىنجى ئامىل ئانا تىلدىن مەھرۇم قېلىش“ دەپ جاۋاپ بەردى. مەكتىپىمىزدىكى بىر قېتىملىق لېكسىيەدە بۇ ئايال غەرپتە ئىستانبولدىن يولغا چىقىپ پۈتۈن مۇسۇلمان شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ دىيارىمىزغىچە كەلگەن كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە توختالدى. پۈتۈن مۇسۇلمان شەھەرلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ئۇنى ھەيران قالدۇرغان بىر ئىش، پەقەت ئۇيغۇر شەھەرلىرىدىلا تىرىكچىلىك بامدات بىلەن باشلىنىدىكەن. ئۇيغۇر شەھەرلىرىدە بامداتتىن كېيىن ئاشخانىلاردىن تاماق، دۇككانلاردىن لازىملىقلارنى سېتىۋالغىلى بولىدىكەن. دۇنيادىكى باشقا مۇسۇلمان شەھەرلىرىدە كۈن نەيزە بويى ئۆرلىمىگىچە كوچىدا ئادەم كۆرۈنمەيدىكەن. ئۇ لېكسىيەسىنى خۇلاسىلاپ“ئۇيغۇرلار دۇنيادىكى ئەڭ سەھەرچى مىللەت. ئۇلار ھاياتنى ئەڭ قىزغىن سۆيىدۇ. شۇڭا دۇنيادا يورۇق تاڭنى ئەڭ تەقەززالىق بىلەن، ئەڭ بالدۇر كۈتىۋالغۇچى مىللەت ئۇيغۇرلاردۇر“ دېدى. *{}Y :  
V\C$/8v  
مۈشۈكنىڭ ھەققىگىمۇ چاڭ سالمايدىغان مىللەت Hzd tR  
0~.OMG:=  
2009 يىلى تومۇزدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەلەر دۇنيانىڭ قىزىق نوقتىسىغا ئايلاندى. ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر تارقاتمىغان ئاخبارات قالمىدى. مېنى ئەڭ قىزىقتۇرغىنى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى تەقدىرى ھەققىدىكى دۇنياۋىي بەس مۇنازىرە ئەمەس، ئامېرىكىدىكى بىر تېلقانىلى تارقاتقان ”مۈشۈكنىڭ ھەققىگىمۇ چاڭ سالمايدىغان ئۇيغۇرلار“ ناملىق خەۋەر بولدى. خەۋەردە دېيىلىشىچە ئامېرىكىدىكى بىر شىتاتقا بەش ئۇيغۇر ماكانلاشقانىكەن. ئۇلار بىر كۈنى ئىشىك ئالدىدىكى ئەخلەتداندىن بىر قوتۇر مۈشۈكنى تېپىۋاپتۇ. ئىچى ئاغىرىپ ئۆيىدە بېقىپتۇ. قوتۇرىنى مايلاپ ساقايتىپتۇ. شۇندىن كېيىن بۇ مۈشۈك بىر قورۇدا ياشايدىغان بەش ئۇيغۇرنىڭ ئالتىنجى دوستىغا ئايلىنىپتۇ. ئامېرىكىلىق مۇخبىر بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىدا ئەڭ قىممەت قوي گۆشىگە ئامراقلىقىنى دەپ كېلىپ “ بۇ ئۇيغۇرلار تاماق ئەتسە مۈشۈكنىڭ ھەققىنى قوشۇپ ئالتە كىشىلىك تاماق ئېتىدىكەن، گۆش پۇشۇرسا مۇشۇكنىڭ نىسىۋىسىنى قوشۇپ سالىدىكەن“ دەپ تونۇشتۇردى. غەرپلىك مۇخبىرنىڭ ھەيران قالغىنى بۇ بەش ئۇيغۇرنىڭ مۈشۈكنى ھايۋانات دوختۇرخانىسىغا ئاپارمايلا ئۆزلىرى داۋالاپ ساقايتىۋەتكىنى بولۇپتۇ. مۇخبىر يەنە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قوي سويۇش، تاماق ئېتىش، تام قوپۇرۇش، يەر تېرىش قاتارلىق غەرپتە مەخسۇس مەكتەپتە ئۆگىتىلىدىغان ھۈنەرلەردىن خەۋەردارلىقىنى تەئەججۈپ ئىچىدە بايان قىلدى. خەۋەرنىڭ تۈگەنجىسىدە مۇخبىر كۆرۈرمەنلەرگە مۇنداق خىتاب قىلدى، “ ئامېركىلىقلار قىلىشىنى خالىمايدىغان تۆۋەن كىرىملىك، جاپالىق ئىشنى قىلىپ ياشاۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلار سىزنىڭ ئەمەس مۈشۈكنىڭمۇ ھەققىنى يەۋالمايدۇ، ئىنسانغا ئەمەس ھايۋانغىمۇ ئازار بەرمەيدۇ، كىشىلەرگە ئەمەس ھەرقانداق جانلىققا باراۋەر مۇئامىلە قىلىدۇ، سىزلەرچە ئۇلارنىڭ نىداسىغا دۇنيانىڭ ئۈنسىز قاراپ تۇرۇشى نېمە ئۈچۈن؟“ 6g UcoDD  
7 od6`k   
ئامېرىكىدا تۇرۇرش جەريانىدا مەيلى تەتقىقاتچى زىيالىلار بولسۇن ياكى ئاخباراتچى بولسۇن ھىچ كىمدىن ”ئۇيغۇرنىڭ مۇنداق ئىللىتى باركەن“ دېگەن گەپنى ئاڭلىمىدىم. ئامېركىلىقلاردىنلا ئەمەس جۇڭگۇدىن كەلمىگەن ھىچ بىر مىللەتتىن ئۇيغۇرنىڭ نۇقسانلىرى ھەققىدە باھالارنى ئاڭلاپ باقمىدىم. پەقەت قارىمايدىن كەلگەن بىر قازاق ئايال مەندىن رەنجىپ يېقىن شىتاتتا ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلاردىن ئالاقىنى ئۈزدى. بىزنى ئەڭ غەزەپلەندۈرگىنى ”سىلەر ئۇيغۇرلار ناچار خەق !“  دېگىنى بولدى. دېمەك ”ئىللەتلىك ئۇيغۇر“ ئەپسانىسى ئامېرىكىدا ياكى ئامېركىلىقلاردا ئەمەس، پەقەت جۇڭگۇدا ۋە جۇڭگۇدىن كەلگەنلەردىلا بازارلىق ئىكەن. $Tc"7nYu  
Sb9O#$89  
تۈگەنجە "YUh4uZ~P  
o;d><  
يۇقارقى ھىكايەتلەردىن مەلۇمكى ئۇيغۇرنىڭ ئىللەتلىك سانىلىشى تاشقى دۇنيادا ھەقىقەت ئەمەس ئەپسانىدۇر. ۋەتەندىكى ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىنى ئىللەتلىك سانىشى ئىككى سەۋەبتىن، بىرى ئايرۇپىلانلىقلار بىلەن ھارۋىلىقلارنىڭ رىقابىتىدىكى مۇقەررەر نەتىجە سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئۇيغۇردىكى مىللىي كەمسىنىش يەنە بىرى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئۇيغۇرنى سۆكۈپ يازغان ناباپ ئەسەرلىرى. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزىنى يۇقارقى سەۋەبلەرگە كۆرە ئىللەتلىك سانايدۇ. مۇساپىر ئۇيغۇرنىڭ تېنى يىراق قىرلاردا ياشاۋاتقان بىلەن ھىسسىياتى ۋە تەپەككۇرى يەنىلا چۆچەكچە ۋەيا تۇرپانچە بولىدۇ، يۇرتتىكى  كەچۈرمىشلەرنىڭ قەلبىدە قالدۇرغان جاراھەتلىرى چەتئەللەردىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ  قىلىقىدا ئەكىس ئەتكەن بولىدۇ. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش مىللىتىمىزدىكى ئىللەتلەر ھەققىدىكى تونۇشلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا 1993-يىللاردىن كېيىن شەكىللەنگەن ئىللەتچىلىك ئەدەبىياتىنىڭ مەھسۇلى. ئىللەتچىلىك ئەدەبىياتى گېزىت ژورناللارنى قاپلاپ، ناخشا بولۇپ سەھنىلەردە ئوقۇلۇپ، ئۈنلىنتىسى قىلىنىپ ئۆي-ئۆيلەرگىچە تارقىتىلغاچقا ئۇيغۇرنىڭ قەدىمى نەگە يەتسە ”ئۇيغۇردا ئىللەت كۆپ“ دېگەن ئەپسانە شۇ يەرلەردە ئېقىپ يۈرمەكتە.  ئەمەلىيەتتە، ئۇلار ”ئىللەت“ دەپ داتلاۋاتقان ھادىسىلەر ئوخشاش سىياسىي ۋە ئىجتىمائى موھىتتا ياشايدىغان مىللەتلەرگە ئورتاق بولۇپ ئۇيغۇرلۇقنىڭ مەخسۇس ماركىسى ئەمەس. d&z^u.SY  
Vh%=JL sK  

 
hazniqi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.47298

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   412 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1219 (سوم)
 ياخشى باھا:   536 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   148  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2439
 سائەت
دەرىجىسى:
2439 سائەت 81 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-13

ئۇيغۇر كىمگە سېلىشتۇرۇلدى h,<%cvU =  
گۈلەن pm O}m>  
“ئۇيغۇر كىمگە ئوخشىدى، كىمگە ئوخشايدۇ” مازۇلۇق خاتىرىمىزدە ئۇيغۇرنىڭ باشقىلارنىڭ نەزىرىدە كىمگە ئوخشىغانلىقى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قەلىمىدە كىمگە ئوخشۇتۇلغانلىقى ۋە ئەمەلىيەتتە كىمگە ئوخشايدىغانلىقى… ھەققىدە ئويلىنىشلاردا بولغانىدۇق. بىز مىللىتىمىزنى كىمنىڭ قانداق ئوخشىتىشىنى چەكلەش ھوقۇقىمىز يوق، ئەمما خەقنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇرلۇق بىلەن ئاتا-بوۋىمىزدىن قالغان ئۇيغۇرلۇقنى تاللاش ئەركىمىز بولۇشى كېرەك. قىلالايدىغىنىمىز، خەق بىزنى كىمگە ئوخشاتسا شۇنىڭغا ئوخشاشقا مايىل بولماسلىق، رىياللىقتىكى بىقوۋۇللۇقنى ئەجدادلارنىڭ سىماسىدىن ئىزدىمەسلىك، ئۇيغۇرنى ئىللەت ئەينىكىدە كۆزەتمەسلىكتۇر. oUR'gc :  
% w 6fB  
ئەمەلىيەتتە، ئىنسانلار شەيئىلەر ۋە ھادىسىلەرنى كۆزەتكەندە ۋە ئويلاشقاندا ئوخشىتىشتىن ساقلىنالمايدۇ. ئادەتتە ئاز ئۇچرايدىغان شەيئى كۆپ ئۇچراديغان شەيئىگە، قىسمەن بىلىنگەن ھادىسە تولۇق بىلىنگەن ھادىسىگە ئوخشىتىلىدۇ. شۇڭا خەنسۇلاردا مۇسۇلمان ئۇيغۇرنىڭ ئەرەبكە ئوخشىتىلىشى، مەسۇم يىگىت قىزلىرىمىزنىڭ تالىبانغا ئوخشىتىلىشى بىز ساقلىنالايدىغان ئىش ئەمەس. كىشىنى ئېچىندۇرىدىغىنى بۇنداق نامۇۋاپىق، ھەتتا خەتەرلىك ئوخشۇتۇشلارنىڭ داۋاملىق كېڭىيىشى. توغرا، بىز باشقىلارنىڭ نامۇۋاپىق ئوخشۇتۇشلىرىدىن خالى بولالمايمىز، ئەمما ئەسلىمىز نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ كىملەرنىڭدۇر ئارزۇسىدىكى قىياپىتىمىز داۋاملىق تەشۋىق قىلىنىۋەرسە ماھىيىتىمىز ئۇنتۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن. UceZW tYa  
ماۋزۇيىمىزدىن مەلۇم بولغاندەك، نوۋەتتىكى خاتىرىمىز ئۇيغۇرنىڭ كىمگە سېلىشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدە بولىدۇ. شەيئىلەرنى بىلىشتە كىشىلەر ئوخشىتىشتىن قالسا سېلىشتۇرۇشقا مۇراجەت قىلىىدۇ. كىشىلەر بىر شەيئىنى بىلىشتە بىر بولسا ئۆزىگە ناتونۇش شەيئىنى تونۇش بىر شەيئىگە ئوخشىتىۋالىدۇ، يەنە بىر بولسا ئۆزى پىششىق بىلگەن شەيئىنى يەنە بىر شەيئىگە سېلىشتۇرىدۇ. شەيئىلەرنى ئوخشىتىش ئارقىلىق چۈشىنىشتە ئوخشالغۇچىنى بىلمسە ھىچ گەپ يوق، ئوخشىغۇچىنى بىلسىلا كۇپايە. ئەمما سېلىشتۇرۇشتا ئىككىلا شەيئىنى ئېنىق بىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. MzsDWx;eJ  
تارىخقا قارىساق بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرى تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تۈركلىرنىڭ تىلىنى ئەرەبچىگە سېلىشتۇرغان. بوۋىمىز مەھمۇد ئىككىلا تىلدا كامالەت ئىگىسى بولغاچ سېلىشتۇرمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. مەھمۇد كاشغەرى “قۇتادغۇبىلىك” نىڭ مۇئەللىپى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋەكىللىك قىلىۋاتقان يۈكسەك بىر مەدەنىيەتنىڭ ساھىبى بولغاچقا سېلىشتۇرۇشتا خەقنى ئۆلچەم قىلىۋالمىغان. ئۇندىن كېيىن ئۇيغۇر نەۋايى قەلىمىدە پارىسلارغا سېلىشتۇرۇلغان. نەۋايى پارىسچە ئەسەرلىرى بىلەن پارىسلارغا ئۇيغۇر تۈركچە ئەسەرلىرى بىلەن تۈرك دۇنياسىغا مەشھۇر ئەدىپ ئېدى. ئەلشىربەگنىڭ تۈركچە ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان پارىس شائىرى ئابدۇراخمان جامى “بۇ ئەسەرلىرىڭنى ھېلىمۇ ياخشى تۈركچە يېزىپسەن، ئەگەر پارىسچە يازغان بولساڭ پارىس ئەدىپلەر چوققا ئىگىلىنىپ بولۇپتۇ دەپ ئۆزلىرىنى تاشلىۋېتەركەن” دېگەن مەنىدە نەزمە يازغانىكەن. نەۋايى پارىسچە بىلەن ئۇيغۇرچىمىزنى سېلىشتۇرۇپ شۇ دەۋردىكى ئەرەبچە ھەسەل تىل، پارىسچە شەكەر تىل دېگەنگە قارشى ئۇيغۇرچە سەنئەت تىلىدۇر دېگەن قاراشنى دەلىللەپ چىققان. نەۋايىدىن كېيىن ئۇيغۇرنى باشقا بىر مىللەتكە سېلىشتۇرغاننى كۆرمىدۇق. مەنچە ئىلى سۇلتانلىقى چاررۇسىيە ئىمپىرىيەسىگە يەم بولغاندا ئۇيغۇرلار ئۆزىنى رۇسلارغا سېلىشتۇرغان بولۇشى مۇمكىن. “ئورۇس ھارۋىسى دەيدۇ، ئالدى چاقى پەس ئىكەن…”، “يەتتە سۇغا كۆچ دەيدۇ، بارار يېرىمىز قۇملۇق. راست گېپىنى ئېيتمايدۇ، كۆزى كۆك بېشى يۇڭلۇق.” دېگەن قوشاقلاردىن بىز خەلقىمىزنىڭ ئۆزلىرىنى رۇسلارغا سېلىشتۇرۇپ باققانلىقىدىن خەۋەر تاپىمىز، ئەمما بۇ ھەقتە مۇكەممەلرەك بىر ئەسەر يوق. رۇس ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن رۇسلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىر ئەقلى سېلىشتۇرما بولغانلىقى كۆرۈلمەيدۇ. بۇنداق سېلىشتۇرمىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن بىرەر زىيالىنىمۇ كۆرمەيمىز. مەنچە ئۇ دەۋردە ئەقلى سېلىشتۇرمىغا قارىغاندا مايىللىق، بىپەرۋالىق ياكى ئۆچمەنلىكتىن ئىبارەت تۇيغۇلارنىڭ ئارىلىشىپ كەتكەنلىكىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن. a /X@5kr{  
تاقاق ئىشىكلىرىمىزدىن چىقماق ۋە كىرمەك كۆپ كىشىگە نىسىپ بولمىغاچقا ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىنى چىگرا سىرتىدىكىلەرگە سېلىشتۇرىشى بەكمۇ كېچىكىپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ بىلىشىمچە مۇشۇ كۈنگىچە ئۇيغۇرلار تۈركىيە تۈركلىرىگە، يەھۇدىلارغا، سىگانلارغا ۋە ھىندىيانلارغا سېلىشتۇرۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرنى تۈركىيە تۈركلىرىگە سېلىشتۇرغان ئەسەر كىتاپ بولۇپ نەشىر قىلىندى. مەسىلەن، “يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام”. ئۇيغۇرنى يۇقارقى باشقا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغان بايانلار، پاراڭلار، سۆھبەتلەر دائىم قۇلىقىمىزغا ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن كەلپىنلىك ئاغىنىلىرىم “بىز دېگەن ئۇيغۇرنىڭ يەھۇدىلىرى” دەپ پەخىرلىنىشىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ خەقتە يوق ناخشا-ئۇسۇلى كۆزىگە جىن كۆرۈنىدىغان بەزى ئىنكارچى ئاغىنىلىرىم ئۇيغۇرنى سىگانلارغا سېلىشتۇرىدۇ. ئۇستاز تەكلىماكانىينىڭ ” ئۇيغۇردىكى ئەبگالىق” دېگەن يازمىسىدا ئۇيغۇر ھىندىئانلارغا سېلىشتۇرىلىدۇ. يۇقاردا دەپ ئۆتكۈنۈمدەك سېلىشتۇرۇش شەيئىلەرنى چۈشىنىشتىكى ئۇسۇللارنىڭ بىرى، ئەمما سېلىشتۇرغۇچى ئىككىلا شەيئىنى ياخشى بىلىشى كېرەك. ئۇندىن باشقا سېلىشتۇرۇلغان ئىككى شەيئى ئوخشاش شارائىت، ئوخشاش ئۆلچەمدە ئوخشاش مەقسەد ئۈچۈن سېلىشتۇرۇش كېرەك. مەسىلەن، قوش تىل مائارىپىنىڭ ئۈنىمىنى سېلىشتۇرغاندا ئەڭ ئۆتكۈر بالىلارنى يەسلىدىن، باشلانغۇچتىن، تولۇقسىزدىن خەنزۇچە مەكتەپكە، ياكى قوش تىل سىنىپىغا تاللىۋېلىپ بۇلارنى شاللىنىپ قالغانلار ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرچە مەكتەپ، ئۇيغۇرچە سىنىپ بىلەن سېلىشتۇرسا ئادىللىق بولمايدۇ. FVsV Y1  
~oz8B^7i;  
مەنچە مىللەتلەرنى سېلىشتۇرۇش ئەمەلىيەتتە مەدەنىيەت (كۈلتۈر) لەرنى سېلىشتۇرۇشتۇر. مىللەتلەرنى پەرقلەندۈرىدىغان ئامىل مەدەنىيەت ( توغرىسى كۈلتۈر، ھەزارەت) تۇر. ئەمەلىيەتتە ھەرقانداق مىللەتتە خاس كۈلتۈر بولىدۇ، ھەتتا بەزىلەرنىڭ “كۆزىگە سىغمايدىغان” ئادەتلەرمۇ بولىدۇ. بۇلارنى يىغىپ مەدەنىيەت (كۈلتۈر) دەيمىز. بىر خەلق توغرا دەپ قارىغان ئىش، سۆيۈنۈپ سۆزلىگەن تىل، راھەتلىنىپ تۇرغان ئۆي، كۆنگەن خۇي قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شۇ خەلقنىڭ كۈلتۈرى ھىساپلىنىدۇ. مەدەنىيەتتە ئىلغارلىق- قالاقلىق، زامانىۋىيلىق- گېرىلىك پەرقى بولمايدۇ. بىر خەلقنىڭ مەدەنىيىتىگە مەزكۇر خەلقنىڭ ئەزالىرىلا ھۆكۈم قىلىشقا ھوقۇقلۇق. باشقىلارنىڭ ئاق كۆك دېيىشى ئەخلاقسىزلىق بولىدۇ. مەدەنىيەتلەرنى ئىلغار، قالاق دەپ ئايرىش مۇستەملىكىچىكلنىڭ قالدۇقى خالاس. مەنچە ئەگەر مىللەتلەرنى سېلىشتۇرۇشقا توغرا كەلسە خاسلىقنى بىلىش، تەھلىل قىلىش ۋە ئۆزگىچىلىكتىن زوقلىنىش دائىرىسىدە چەكلەنسە مۇۋاپىق. zCj]mH`es'  
Z ) qc-~S  
ئۇيغۇر تۈركىيلىككە سېلىشتۇرۇلسا بولامدۇ؟ "'-f?kZ  
X*1vIs;[@  
مەنچە بولمايدىغان يېرى يوق، ئەمما نېمىنى سېلىشتۇرىمىز، نېمە مەقسەدتە سېلىشتۇرىمىز، شارائىت ئامىلىنى قانداق ئويلىشىمىز، قانداق ئۆلچەمنى قوللۇنۇپ سېلىشتۇرىمىز دېگەنلەر ئايدىڭ بولۇشى كېرەك. ئۇنداقتا ئۇيغۇر بىلەن تۈركىيىلىكنى سېلىشتۇرغان ئەختەم ئۆمەر يۇقارقىلارغا ئەمەل قىلدىمۇ؟ ئەختەم ئۆمەر ئۇيغۇر بىلەن تۈركىيىلىكنى مۇكەممەل چۈشنەرمىدى؟ بۇلارغا جاۋاپ بېرىشتىن ئاۋۋال ئاپتۇرنىڭ سېلىشتۇرمىسىغا قاراپ باقايلى.ئاپتۇر ئەسىرىدە بىر تۈرك ئايالنىڭ كوچىدا لاي بولغان ئۆزىنىڭ ۋە قىزىنىڭ ئايىقىنى چوڭ يولغا چىقىشتىن ئاۋۋال پاكىزە سۈرتكەنلىكىنى يازىدۇ. بۇنى تۈركلەرنىڭ ئاڭلىق، پاكىز، جامائەتنىڭ تازىلقىنى ئاسرايدىغان پەزىلەتلىرىگە مىسال قىلىدۇ. ئۇيغۇرنى بۇنىڭ قارشىسىغا قويۇپ ئەخلەت چىلەكلىرى تەييار تۇرسىمۇ كوچىغا ئەخلەت تاشلايدىغان، كوچىلار يېڭىلا تازىلانسىمۇ پاكىزلىككە ھىچ رۇئايە قىلمايدىغان، ئاممىۋىي تازىلىق ئېڭى ئاجىز قالاققا چىقىرىپ ئەيىپلەيدۇ. مەن ئالتە ئاي تۈركىيەدە بولدۇم، ئىستانبول، ئەنقەرە، ئىزمىر، قاتارلىق شەھەرلەرنى كەزدىم، لېكىن ئەختەم ئۆمەر كۆرگەن مەنزىرىنى پەقەت كۆرەلمىدىم. ئەكسىچە ئەنقەردە تاماكا چېكىپ كېتىۋاتقان قىز يىگىتلەرنىڭ تاماكا قالدۇقىنى خالىغانچە كوچىغا تاشلاۋاتقانلىقىنى، ساقچىلار ئىشتىن چۈشكەندە قىزىل ئاي مەيدانىدا كاۋاپچىلارنىڭ ئىس چىقىرىپ كاۋاپ پۇشۇرىۋاتقانلىقىنىنى، پۇتبول مۇسابىقىسىدە كۇماندىسى يېڭىلگەن مەستانىلارنىڭ ئورۇندۇقلارنى چېقىۋەتكەنلەرنى كۆردۈم. ماڭا بۇلار ئىللەت تۇيۇلمىدى. پەقەت دۆڭكۆۋرۈكتىكى ئۇيغۇرلارنى ئەنقەرەدىكى قىزىل ئاي مەيدانىغا قېچىپ كەلگەندەكلا ھىس قىلدىم. تۈركىيىدە ئون يىللاپ تۇرغان بۇرادەرلەرگىمۇ ھېلىقى ئانا-بالىنىڭ تەسىرلىك كۆرۈنىشى ئۇچرىماپتۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇيغۇرمۇ ھىچ قاچان ئايىغىغا يۇققان لاينى سۈرتمىگۈدەك ھالدا ئەمەس. دېمەك، ئەختەم ئۆمەر بۇ يەردە تاسادىپى توغرا كېلىپ قالغان بىر كۆرۈنۈشنى سېلىشتۇرما قىلىپ ئۇيغۇرغا باھا بەرگەن. ئۇندىن باشقا ئەڭ مەشھۇر مىسالى سۈيقاشنى ئاۋازلىق ئىچىش مەسىلىسى. بۇ بىر ئەيىپ سانىلىدىغان ئىش ئەمەس. يەنە كېلىپ بۇ بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ ئادىتى بولۇپ مىللەت بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ئۇيغۇرنىڭ خەققە ئاڭلانغۇدەك شالاپشىتىپ تاماق يەيدىغان ئادىتىمۇ يوق. بولۇپمۇ ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى تاماق يىگەندە قەتئى ئاۋاز چىقارماسلىقا تىرىشىدۇ. تاماق يىگەندە ئاۋاز چىقىرىش ئەمەس پاراڭ سېلىشمۇ ئېغىر ئېلىنىدىغان مىللەتنى شالاپلىتىپ تاماق يەيسەن دەپ ئەيىپلەشمۇ ئىشمۇ؟ ئەختەم ئۆمەرنىڭ خاتىرىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن چەتئەلگە يېڭى چىققانلارغا بۇرۇن چىققانلارنىڭ قەستەن ياكى چاخچاق قىلىپ “تاماقنى ئاۋاز چىقارماي تۈزۈك يە” دېيىشى ئادەتكە ئايلىنىپ قالدى. jTaEaX8+  
0Pu$1Fp  
ئەختەم ئۆمەر ساياھەت خاتىرىسىدە تۈركىيەنى ۋە تۈركىيە تۈركلىرىنى ئېنىق چۈشەنمەي تۇرۇپ ئۇلارنى ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان ئۇيغۇر تۈركلىرىگە سېلىشتۇرغان. سېلىشتۇرمىدا تۈركىيە تۈركلەرى ئۆلچەم بولۇپ قالغاچقا ئاپتۇرچە بىزنىڭ تۈركىيە تۈركلىرىگە ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرىمزنىڭ ھەممىسى ئەيىپىمىز بولۇپ قالغان. ئەختەم ئۆمەر بۇ يەردە مەدەنىيەت (كۈلتۈر) لەرنى ئىلغار مەدەنىيەت ۋە قالاق مەدەنىيەت (كۈلتۈر) دەپ ئايرىشنىڭ مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى، مەدەنىيەتلەرنى سېلىشتۇرغاندا مۇتلەق ئۆلچەمنىڭ يوقلىقىنى ئويلاشمىغان. ئەلۋەتتە بۇ بىر ئەختەم ئۆمەرنىڭ سەۋەنلىكى ئەمەس، بىز ئالغان تەربىيە ۋە كۈندىلىك تەشۋىقات كۈلتۈرلەرنى زامانىۋىي ياكى ئەمەس دەپ قارمۇ قارشى قۇتۇپقا ئايرىيدۇ. ئەختەم ئۆمەرنىڭ سېلىشتۇرمىسىدا تۈركلەر ياشاۋاتقان ئىجتىمائى شارائىت، سىياسىي تۈزۈم، ئىقتىسادىي سەۋىيە پەقەت ئويلۇشۇلمىغان. بۇ خۇددى پىيادە يولۇچىنى ئايرۇپىلاندىكى سەپەرچىگە سېلىشتۇرغانلىق بولۇپ نەتىجە سېلىشتۇرغۇچنىڭ خاھىشىغا باقىدۇ، ئەلۋەتتە. ماددىي، سىياسى شارائىتلىرىنى ئويلاشمىغاندا تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئوخشاش. پەقەت تۈركلەر قەشقەر ئۇيغۇرلىرىدەك سۆزمەن، خوتەن ئۇيغۇرلىرىدەك پۇختا، غۇلجا ئۇيغۇرلىرىدەك مەغرۇر، كۇچا ئۇيغۇرلىرىدەك مۇلايىم، قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىدەك سىلىق سۆز، ئارتۇچ ئۇيغۇرلىرىدەك چىۋەر، تۇرپان ئۇيغۇرلىرىدەك باغىرى يۇمشاق، كورلا ئۇيغۇرلىرىدەك سېخى، ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرىدەك پىداكار، چۆچەك ئۇيغۇرلىرىدەك خۇشخۇي، ئالتاي ئۇيغۇرلىرىدەك قەيسەر. ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان تەڭرىتاغ باغرىدىكى ھەرقايسى بوستانلىقلاردىن كەلگەن، ھەتتا بەزلىرى ساۋاتسىز ئون مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئەختەم ئۆمەر تىلغا ئالغان “ئىللەت” لىرى سەۋەبلىك يامان كۈنگە قالغىنى، ياكى چېنىپ، شاللنىپ قالغىنى يوق. ئەكسىچە تېرە زاۋۇتى، مىق زاۋۇتى، ئويۇنچۇق زاۋۇتى قاتارلىق كارخانىلارنى قۇرۇپ نەچچە يۈز يەرلىك تۈرككە خىزمەت بېرىۋاتىدۇ. ئوقۇغان ئۇيغۇرلاردىن ئەگە ئۇنۋېرىستىتى، غازى ئۇنۋېرىستىتى، ئەنقەرە ئۇنۋېرىستىتى، ھاجەتتەپە ئۇنۋېرىستىتى، ئىستانبۇل ئۇنۋېرىستىتى قاتارلىق ئۇنۋېرىستىتلاردا پروفېسسور بولۇۋاتىدۇ. ھەتتا بىر ئۇيغۇر مۇتەخەسىس تۈركىيەنىڭ ئىستراتىگىيە تەتقىقات ئورنىدا موھىم خىزمەتلەردە بولماقتا.ئئەختەم ئۆمەرنىڭ تۈركىيە-ئۇيغۇر سېلىشتۇرمىسىن كېيىن مىللەتنىڭ ئۆزى ھەققىدە كەسكىن ئويلىنىشى بىر ئېقىمغا ئايلاندى. “شىنجاڭ مەدەنىيىتى” گە ئوخشاش خەلقىمىز سۆيۈپ ئوقۇيدىغان مۇنەۋۋەر ژورناللار تونۇلدى. ھالبۇكى، شۇندىن كېيىن خەلقىمىز ھاياتتىكى دىشۋارچىلىقلىرىنى ئۆزىدىكى ئىللەتتىن كۆرىدىغان، ياتنىڭ باھاسى ئارقىلىق ئۆزىنى دەڭسەشنى تەبىئىيلىكتەك ھىس قىلىدىغان بولۇپ قالدى. ھەممە ئادەم مىللەتنى قورقماي تىللىيالايدىغان، ئوپىراتسىيە قىلالايدىغان بولۇپ كەتتى. شەخسنىڭ ئاجىزلىقىنى مىللەتكە دۆڭگەش تەپەككۇر ئادىتىگە ئايلاندى. ئىنسانىيەتكە ئورتاق پىسخىك ئاجىزلىقلارنى ئۇيغۇرنىڭ نوقسانى ساناش ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندى. ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيەتتىكى غۇرۇرىغا دەز كەتتى. مېنىڭ ئەپسۇسلىنىدىغىنىم، ئەختەم ئۆمەر تۈركىيەدە تۈركلەرنىڭ بىر گەپنى تولا قىلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلماپتۇ، ئۇ بولسىمۇ “سانا نە؟”. بۇ تۈركلەر ئەڭ كۆپ دەيدىغان گەپ. بۇنى ئۇلار سېلىشتۇرۇلغاندا كۆزۈڭگە قاراپ تۇرۇپ دەيدۇ. “بەن تۈركۈم، ئۇ يۈزدەن بۆيلە ياپىيورۇم، سانا نە”. مەنىسى مەن تۈركمەن، شۇڭا بۇنداق قىلىمەن، ساڭا نېمە كەپتۇ، (ئىشىڭنى قىل). _/MHi-]/.  
سىگان كىم؟ ئۇيغۇر كىم؟ ?SRG;G1  
I0.{OJ-  
ئۇيغۇرنى سىگانلارغا سېلىشتۇرۇۋاتقانلارنىڭ تۇتقۇسى ناخشا-ئۇسسۇل ۋە ماكانسىزلىق. ئۇلارچە سىگانلارنىڭ ماكانسىزلىقىغا ۋە بىچارەلىكىگە ئۇلارنىڭ ناخشا-ئۇسسۇلغا مەستانىلىقى سەۋەپ بولغانمىش. مەن تۈركىيەدە سىگانلارنى كۆرگەن. تۈركىيەدە سىگانلارنى چەنگەنە دەيدۇ. تۈركىيەدە سىگانلارنىڭ مەشھۇر ناخشىچىلىرى بار. كۆزىتىشىمچە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى كوچىلاردا پال سالىدىكەن، ناخشا ئېيتىپ پۇل تاپىدىكەن، ئەخلەت دۆۋىلىرىدىن كېرەكلىك نەرسىلەرنى تېرىپ ساتىدىكەن، ئىنتايىن ئاز بىر قىسم ئاياللىرى نومۇسىنى ساتىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئۇسۇل ئوينىشى قانداقتۇر ئۇسۇلغا مەستانىلىقىدىن ئەمەس جان بېقىش ئۈچۈن ئىكەن. سىگانلارنىڭ ماكانسىزلىقى چارەسىزلىكتىن ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ تاللىۋالغان ياشاش شەكلى ئىكەن. پەقەت بىزدىكى ئۇيغۇرنى سىگانلارغا سېلىشتۇرغانلار ماكانسىزلىق بىلەن بىچارەلىكنى، ئۇسسۇل ئويناش بىلەن خار-زەبۇنلۇقنى باغلىۋالغان. سىگانلارنى ئارىمىزدىن بەزىلەر ماكانسىز دەپ ئېچىنغان بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىر يەرگە باغلىنىپ قالمايدىغان چەكلىمىسىز ھۆر كىشىلەر بولالىغىنىدىن پەخىرلىنىدىكەن. ناخشا ئۇسۇلغا تايىنىپ يۇرتمۇ يۇرت، دۆلەتمۇ دۆلەت كېزىپ يۈرگىنىدىن غۇرۇرلىنىدىكەن. ئەمەلىيەتتە ئۇسسۇل خەقنىڭ دېپىغا ئوينالمىسا خۇرلۇق ھىس قىلىش بىھاجەت. ماكانسىزلىق-ۋەتەنسىزلىك قوغلانغانلىقتىن، بويسۇنغانلىقتىن، باسقۇنچىلىقتىن، تارتقۇزۇپ قويغانلىقتىن بولمىسا نومۇسلۇق رەۋىشتە چۈشىنىشنىڭ ئورنى يوق. ]re1$ W#*  
 Zm!T4pL  
ئۇيغۇرنىڭ ئۇسسۇل ئوينىشى بىلەن سىگاننىڭ ئۇسسۇل ئوينىشى پەرقلىق مەقسەت ئۈچۈندۇر. ئۇيغۇر ئۇسسۇلنى كۆڭۈل خوشى ئۈچۈن، غەلىبە تەنتەنىسى ئۈچۈن، جەڭگىۋارلىق ،جەسۇرلۇق ۋە نازاكەتنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن ئوينايدۇ. سىگان ئۈچۈن ئۇسسۇل بىر تۇرمۇش يولىدۇر. سىگان ئۈچۈن ماكانسىزلىق-ۋەتەنسىزلىك ھىچ نېمە ئەمەس، ئۇھسىنىشقا ئەرزىمەيدۇ. ئۇيغۇر ئۈچۈن ۋەتەن ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى، ئەجدادلارنىڭ تەۋەرۈكى، مۇقەددەس مىراستۇر. ئۇيغۇر ئۈچۈن ۋەتەن تەيەممۇم قىلىدىغان توپراق، ئىبادەت قىلىدىغان جايىنامازدۇر. ئۇيغۇر ئۈچۈن ۋەتەن ئانا، ئىپپەت، جانان، ئىماندۇركى ۋەتەندىن كەچكەن ئۇيغۇر مەڭگۈ ئۆگەي، يېتىم، جانسىز، ئىمانسىز، ئىپپەتسىزدۇر. شۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇر ئىپپەت ئۈچۈن شەھىد بولغان نازۇگۇمنى ئۇنۇتمايدۇ. نازۇگۇمنىڭ ياتتىن قوغۇدۇغىنى ئۆزىنىڭ ئەمەس ئۇيغۇرنىڭ، ۋەتەننىڭ ئىپپىتى. شۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇر سىگانلارنىڭ ۋەتەنسىزلىك-ماكانسىزلىقىغا ئېچىنىدۇ. lhva|  
خۇلاسە شۇكى، ناخشا ئۇسسۇلنى سىگانلارنىڭ ماكانسىز- ۋەتەنسىز قېلىشىغا ۋە غورىگۈل ھالىتىگە سەۋەپ دەپ چۈشىنىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرغا بىر قاراڭغۇ كەلگۈسىدىن بىشارەت بەرمەكچى بولۇش پىلنى قىل كۆرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇيغۇر ئۇسسۇلنى سېتىش ئۈچۈن ئەمەس شاتلىق ئۈچۈن ئوينايدۇ. ئۇيغۇرلار سەنئەتخۇمار، گۈزەللىككە تەشنا، ھاياتتىن ھوزۇرلىنىشنىڭ ۋە تۇرمۇشنى بېزەشنىڭ ئۇستىسى بولغاچقا [سەئۇدىغا كۆچكەن ئاتمىش مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇردىن بىرمۇ تىلەمچى چىقمىغان. تۈركىيەگە كۆچكەن ئون مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇردىن ئۇسسۇل سېتىپ جان باققانلار چىقمىغان، موڭغۇلىيەگە كۆچكەن نەچچە مىڭ ئۇيغۇردىن بىرمۇ جىنايەتچى چىقمىغان. شۇڭا ئۇيغۇر جانىجان ۋەتەن ئۈچۈن شېھىد بولىدۇكى مەڭگۈ ئۇسسۇل ئويناپ سىگان بولمايدۇ. .Ebg>j:\  
تەلەيلىك يەھۇدى ۋە كۈلپەتلىك ئۇيغۇر *=mtt^yZ  
$3zs?Fd`  
يەھۇدى قىزغىنلىقىنىڭ سەۋەبى e82SG8#]  
<43O,Kx'Su  
ئۇيغۇر بىلەن مەدەنىيەت ۋە سىياسىي جەھەتتە ئالاقىدە بولغان، بىز تىلىنى بىلىدىغان مىللەت زىيالىلىرىدىن يەھۇدىلارغا زوقلانمايدىغىنى، نەپرەتلەنمەيدىغىنى يوق. شېكىسپىرنىڭ “ۋىنتسىيە سودىگىرى” ناملىق ئەسىرى نەپرەتكە مىسال بولسا، خەنسۇ زىيالىلىرى يازغان “يەھۇدىلارنىڭ سىرى” ناملىق كىتاپ زوقلۇنۇشنىڭ مىۋىسى-سەمەرىسىدۇر. بولۇپمۇ خەنسۇلارنىڭ زوقلىنىشىنى بىر مۇشتاقلىق دېمەي بولمايدۇ. مىسالەن، ئۇيغۇرچىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىنىپ بولغان يەھۇدىلار ھەققىدىكى كىتاپلار خەنسۇ زىيالىلىرىنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ. ئەگەر يەھۇدى تېمىسى بازارلىق بولمىغان، خەنسۇ زىيالىلىرى بۇ تېمىدا بازار ئاچمىغان بولسا ئۇنچە جىق كىتاپ يېزىلمىغان بولاتتى. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىكى يەھۇدى قىزغىنلىقى بىزنى ئوراپ تۇرغان چوڭ موھىت بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. مەن جوڭگۇدىكى ۋە ئۇيغۇردىكى يەھۇدى قىزغىنلىقىنى يەنە ئىنساننىڭ بايلىق، ھوقۇق ۋە شۆھرەت ھېرىسمەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىكىن دەيمەن. چۈنكى تەلەيلىك يەھۇدىلار دۇنيادا پەننىڭ چوقىسىنى، ھوقۇقنىڭ پەللىسىنى، بايلىق-خەزىنىنىڭ ئاچقۇچىنى ئىگىلىگەنلەردۇر. ئۇيغۇردىكى يەھۇدى قىزغىنلىقىغا سەۋەب بولغان يەنە بىر ئامىل ئۇلارنىڭ نەچچە ئەسىر ۋەتەنسىز خارلىنىش، يېرىمدىن كۆپرەك ئاھالىسىنى قۇربان بېرىش بەدىلىگە مېلى بارلار مال جېنى بارلار جانلىرىنى قۇربان قىلىپ ۋەتىنىنى قۇرۇپ چىقالىغانلىقىدۇر. ~cQ./G4  
?8X;F"Ba  
يەھۇدىلارغا سېلىشتۇرۇلغۇسىز ئۇيغۇرلار 1p=^I'#  
5P-7"g ca  
يەھۇدىلارغا ئۇيغۇرلارنى سېلىشتۇرۇش ئىككى مىللەتنىڭ تارىخى كەچۈرمىشىگە ئۇيغۇن ئەمەس. تارىخى كەچۈرمىش جەھەتتە يەھۇدىلار يەنىلا تەلەيلىك مىللەت. بۇ تەرىپىنى ئۇيغۇرنىڭ كۈلپەتلىرىگە سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. مەن يەھۇدىلارنىڭ ۋەتىنىدىن سۈرگۈن قىلىنغانلىقىنى ئاپەت ئەمەس ئامەت دەپ چۈشىنىمەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى سۈرگۈندە ياۋرۇپاغا ماكانلاشقان. ياۋرۇپادا رۇياپقا چىققان ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ قايتا ئويغۇنىشى، سانائەت ئىنقىلابى، مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتى قاتارلىق ئىنسانىيەتنىڭ بۈگۈنكى مۇۋەپپەقىيىتىگە پەلەمپەي بولغان ھەرىكەتلەرگە يەھۇدىلارمۇ ئىشتىراك قىلغان. ئۇيغۇرلارمۇ بەزەن ۋەتىنىدىن ھەيدەلگەن بولسىمۇ تۇران-ئوتتۇرا ئاسىيا ۋادىسىنىڭ نېرىسىغا سۈرۈلمىگەن. يەھۇدىلارغا نىسىپ بولغان ياۋرۇپادا تەربىيىلىنىش پۇرسىتى ئۇيغۇرغا كەلمىگەن. ئامەتلىك يەھۇدىلارنىڭ ۋەتەن قۇرۇش-تىرىلىش ھەرىكىتىگە دۇنيانىڭ باشقا يېرىدىكى يەھۇدىلار ئەمەس ياۋرۇپا ياھۇدىلىرى رەھبەرلىك قىلغان. ئۇ زامانلاردا ياۋرۇپادىن يىراق ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئايىغى چىقماس بىقسىغان كۆلگە ئايلىنىپ بولغان ئېدى. يەھۇدىلارنى ئورتاق ئويغاتقان، ۋەتەننىڭ مۇقەددەسلىكىنى ھىس قىلدۇرغان مىللەت بويىچە قىرىلىش كەچمىشى ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا كەلمىگەن.  yaza  
]Qm$S5tU  
بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنى دۇنيا سىياسى سەھنىسىدىكى دۆلەتلىك يەھۇدىلارغا سېلىشتۇرۇش ئادىللىق ئەمەس. ئۇيغۇرنى يەھۇدىلارغا ئەمەس پەلەستىنلىكلەرگىمۇ سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. مەن ئامېرىكىدا ۋە تۈركىيەدە كۆرگەن پەلەستىنلىكلەردىكى خاتىرجەملىك، ئىشەنچ، بايلىق ۋە مەردانىلىقنى تېلۋىزور ئالىدىدا مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەرگە خېرىدار بولۇپ ئولتۇرغان ئۇيغۇر مەڭگۈ تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ. bYQvh/(J  
_ dEc? R}  
ئۇيغۇرنى يەھۇدىلارغا سېلىشتۇرۇش رىياللىققا ئۇيغۇن ئەمەس. ئۇيغۇر ئەمەلىيەتتە ھەقىقى يەھۇدىلارغا ئەمەس مەتبۇئات ۋە باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا رىۋايەتكە ئايلانغان يەھۇدىلارغا سېلىشتۇرۇلماقتا. ئامېرىكىغا كەلمەستە ئىسرائىلىيەدىكى بىر قانچە ئۇنۋېرىستىتقا ئوقۇشقا ئىلتىماس سۇنغانىدىم. مەقسىدىم نوپۇسى ئون مىليۇنغا بارمايدىغان يەھۇدىلارنىڭ ئۈچ يۈز مىليۇندىن ئارتۇق ئەرەپنى ۋە بارلىق ئاق كۆڭۈل مۇسۇلمانلارنى قان يىغلىتالىشىدىكى “سىر” نى بىلىپ چۈشىنىش، مۇۋاپىق ئەندىزىلەر بولسا پايدىلىنىش ئېدى. تەلەيسىزلىكتىن بارالمىدىم. ئامېرىكىغا كېلىپ يەھۇدىلارنى كۆپ ئۇچراتتىم. قارىسام ئۇلارنىڭ باشقا ئامېرىكىلىقلاردىن ھىچ بىر پەرقى يوقكەن. بىر يەھۇدى قىز مەكتىپىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە كەسپىدە ئوقۇدى. باشقىلار مەدھىيەلىگەن يەھۇدىلاردىكى ئەقىل ئۇ قىزدا يوقتەك ئېدى. دەرسلەردىن ئاساسەن دېگۈدەك ئۆتەلمەي يوقاپ كەتتى. ئوقۇش جەريانىدا بىر يەھۇدى چوكان بىلەن ئۈچ-تۆرت دەرسنى بىللە ئاڭلىدىميۇ، مەندەك ئۇيغۇردىن چىچەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھىچ يېرىنى بايقىيالمىدىم. بىر يەھۇدى پروپېسسوردىن دەرسمۇ ئاڭلاپ باقتىم، ئامېرىكىغا كەلمەستە نەزىرىمدىكى خىسلەتلىك يەھۇدىنىڭ بۇ ئەزاسى بىر ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچى سۈپىتىدىلا ئېسىمدە قالدى. قىسقىچە دېسەك، يەھۇدىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىكى سىر ئۇلاردا بىزگە نائېنىق بولغان ئالاھىدە بىر خىسلەتنىڭ بولغانلىقى ئەمەس. بەلكى ياۋۇرۇپانىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قوزغۇتۇلغان ماشنىسىغا ئۇزاقتىن بېرى رولچى ۋە يولۇچى بولۇپ تۇرغانلىقىدا. ئۆلسىمۇ ئىتىقادى ۋە ئانا تىلىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىدە. 1Kszpt(Ld  
kKL'rT6z  
ئۇيغۇر ھىندىيان ئەمەس OV/H&fe  
l*~O;do  
ئۇيغۇر بىر مىللەتنى ھىندىيان بولسا بىر مىللەتلەر تۈركۈمىنى كۆرسىتىدۇ. سېلىشتۇرۇشتا بىر شەيئى يەنە بىر شەيئىگە سېلىشتۇرۇلىدۇ. ھەرگىزمۇ بىر شەيئى بىر تۈركۈم شەيئىگە سېلىشتۇرۇلمايدۇ. ئۇيغۇرنى ھىندىيانلارغا سېلىشتۇرۇۋاتقانلار ئۇيغۇرنىڭ بىر مىللەت ھىندىيانلارنىڭ بولسا كولۇمبۇ ئامېرىكىنى بايقاشتىن بۇرۇن ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئامېرىكا قۇرۇقلىقىدا ياشاپ كەلگەن 300 دىن ئارتۇق يەرلىك ئامېرىكىلىقلارنىڭ خاتا ئاتىلىشى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىشقان. ئەمەلىيەتتە دۇنيادا ھىندىيان دېگەن مىللەت مەۋجۇد ئەمەس. كولۇمبۇ ھىندىستانغا بارماقچى بولۇپ يولغا چىقىپ ئامېرىكا قۇرۇقلىقىغا كېلىپ قالغان ۋە شۇ يەرلىك ئاھالىنى ھىندىيانلار (ھىندىلار) دەپ ئاتاپ قويغان. بىز دەۋاتقان ھىندىيانلار ئۆزىنى يەرلىك ئامېرىكىلىقلار دەپ ئاتايدۇ. ئامېرىكىدىمۇ ئۇلار يەرلىك ئامېرىكىلىق ياكى يەرلىكلەر دەپ ئاتىلىدۇ. _W]R|kYl$'  
}#):ZPTs  
تارىخ جەھەتتىن ئالغاندا ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ تارىخىغا يېزىلغانلا ئەمەس دۇنيا تارىخىنى يازغانلاردۇر. بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىنىڭ بۇندىن مىڭ يىل بۇرۇن يەرشارىنىڭ يۇمۇلاق خەرىتىسىنى سىزىپ قالدۇرغانلىقى، شىمالى ۋە جەنۇبى قۇتۇپنى خەرىتىگە كىرگۈزگەنلىكى، تۇنجى بولۇپ ياپۇنىيىنى دۇنيا خەرىتىسگە سىزغانلىقى، ئۇيغۇرنىڭ بايقالغۇچى ئەمەس بايقىغۇچى ئىكەنلىكىگە يېتەرلىك پاكىت بولۇپ تۇرۇپتۇ. نەۋايىنىڭ “تارىخى مۇلكى ئەجەم” (ئەرەب بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ تارىخى)، مىرزا ھەيدەر كوراگاننىڭ ” تارىخى رەشىدى”، موللا مۇسا سايرامىنىڭ ” تارىخى ھەمىدى” قاتارلىق ئەسەرلەر دۇنيانى مۇپەسسەل شەرھىيىلىگەن. يەرلىك ئامېرىكىلىقلار بۇ نوقتىدا ئۇيغۇردىن پەرقلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ مەۋجۇدلۇقى باشقىلارنىڭ بايقىشىغا، يېزىشىغا مۇھتاج بولۇپ دۇنيا تارىخىدىن 1492-يىلغىچە چەتتە قالغان. -!i1xR (;h  
PJ}d-   
ئۇيغۇرلار ئىنسانىيەتكە ھالقىلىق تەسىر كۆرسەتكەن بۇددىزىم، خىرىستىيان، ئىسلام قاتارلىق دىنلار بىلەن ۋاقتىدا ئۇچراشقان. ماركىسىزىم، ھۆررىيەتچىلىك، مىللەتچىلىك قاتارلىق زامانىۋىي دۇنيادا يايغىن ئىدولوگىيەلەردىن خەۋەردار بولغان. بۇ ساھەلەردە توشقان زىيالى ۋە ئەربابلىرىنى يېتىشتۇرەلىگەن مىللەت. ئۇيغۇرلار دۇنيا سىياسىي ھاياتىغا ئۇزاق ۋە يېقىنقى تارىختا قۇرغان دۆلەتلىرى بىلەن ئاكتىپ قاتناشقان بۈگۈنكى زامان مىللىتى. بۇ جەھەتلەردە يەرلىك ئامېرىكىلىقلاردىن ئاسمان زېمىن پەرقلىنىدۇ. بۈگۈنگىچە يەرلىك ئامېرىكىلىقلار قۇرغان بىرەر مۇستەقىل سىياسىي پارتىيىمۇ بىزگە بىلىنگەن يوق. 0x BO5[w,Y  
hK^(Y  
ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ مۇستەقىل مائارىپ سېستىمىسنى ياراتقان ۋە بۈگۈنگە قەدەر يېڭىلاپ داۋام قىلىپ كەلگەن مىللەت. ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى مائارىپى ۋە ئىدولوگىيىسىگە 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇردىن چىققان بايلار ۋە زىيالىلار ئۇل سالغان. ئامېرىكىدىكى يەرلىكلەرنىڭ بۇنداق ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى يوق. :jL>sGvBv  
wT\JA4  
ئۇيغۇرلار دۇنيا تارىخىغا يېزىلغان بىرىنجى ۋە ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇش جەڭگاھلىرىدا ۋە بۈگۈنكى ئافغانىستان، پاكىستان ئۇرۇش مەيدانلىرىدا بولغان، دۇنيادىكى كاتتا سىياسىي كۈچلەرنىڭ كوزۇرىغا ۋە رەقىبىگە ئايلىنالىغان مىللەت. بۇنداق تارىخى ۋەقەلەرگە قاتناشقانلا ئەمەس شاھىد بولغان مىللەتلەرمۇ دۇنيادا ساناقلىق. يەرلىك ئامېرىكىلىقلار بۇ جەھەتتە تېخى دىققەتتىن يىراق. 0 PEg `Wq  
ئۇيغۇرنى ھىندىيانلارغا مەقسەدسىز سېلىشتۇرۇۋاتقان ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ خاتالىقى ئۇيغۇرنى ھاراقكەشلىكتە ھىندىيانلار بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇۋاتقانلاردۇر. ئۇلار ھىندىيان قەبىلىلىرىنىڭ مەغلۇبىيەت سەۋەبلىرىنى ھاراققىلا باغلاپ باشقا سىياسى ۋە ئىجتىمائى ئامىللارنى تەھلىل قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلار ئىچىشۋازلىقنى ئۇيغۇرنىڭ ئىللىتى دەپ قاراپ، ھاراقكەشلىكنىڭ بارغانچە قورشاپ كېلىۋاتقان چوڭ موھىتنىڭ رىغبىتىگە، زاماننىڭ تەقەززاسىغا، زاماندارلارنىڭ ئارزۇسىغا بىنائەن شەكىللەنگەنلىكىنى بىلمەيۋاتىدۇ، ياكى دېيىشكە جۈرئەت قىلالمايۋاتىدۇ. ئۇيغۇرنى ھىندىيانلارغا مەقسەدلىك سېلىشتۇرۇۋاتقانلار مۇستەملىكىچىكىك ۋە فاشىزىم ئىدولوگىيىسىگە قۇل بولغان، مەپتۇن بولغان، ۋە ياكى تەرغىپ قىلىۋاتقانلاردۇر. 6[+@#IWx  
E;v#'  
ئۇيغۇرنى باشقا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرۇش بۇندىن كېيىن يەنە داۋام قىلىشى مۇمكىن. سېلىشتۇرۇش نەتىجىسى بەزىدە سەلبى ۋە بەزىدە ئىجابى بولۇشىمۇ مۇمكىن. بىز بۇنداق سېلىشتۇرۇشلارغا ئىلمىي، ئەقلىي ۋە تەمكىن مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك. سېلىشتۇرغۇچىلارنىڭ مەقسىدىنى بىلىش مەنچە ئەڭ موھىم. مىسالەن، ئۇيغۇرنى سىگانغا مەقسەدلىك سېلىشتۇرۇۋاتقانلار ئۇيغۇرنىڭ تۇپراقلىرىنى پانۇسلار بىلەن بېزەلگەن سەھنىگە، ئۇيغۇرنى ئۇسسۇلچىغا ئايلاندۇرماقچى بولغانلاردۇر. ئۇيغۇرنى ھىندىيانغا سېلىشتۇرغانلار ئۇشبۇ سەھنىگە تاماششابىنلىق تاماسىدا يۈرگەنلەردۇر. زىيالىلىرىمىز ئۇيغۇرنى باشقا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا مەقسەدكە، ئۇسۇلغا ۋە شارائىت، ئۆلچەملەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. rnAQwm-8O%  
U]YxGI  
[ بۇ يازما hazniqi تەرپىدىن 2011-09-13 01:21 AM دە ق ]

 
spoon
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.33849

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   36 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1108 (سوم)
 ياخشى باھا:   117 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   100  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2843
 سائەت
دەرىجىسى:
2843 سائەت 147 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-14
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-13

يوللىغان تىما، ئىنكاستىكى سوزلەرمۇ ناھايىتى مەنىلىككەن
 
delkax613
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7972

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   101 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5515 (سوم)
 ياخشى باھا:   350 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   484  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 526
 سائەت
دەرىجىسى:
526 سائەت 14 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-26
ئاخــىرقىسى:2011-10-22
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-22


 
تېخمۇ نادىر تىمىلار ئەنئەنەبلوگىدا سىزنى كۈتىۋاتىدۇ: http://anana05.blogbus.com
alrzibag
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36169

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   334 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6604 (سوم)
 ياخشى باھا:   1189 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1578  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2075
 سائەت
دەرىجىسى:
2075 سائەت 15 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-03
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-24

   ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار ھەممىڭلارغا ئاللاھنىڭ سالىمى بولسۇن !!!! ?tY+P`S  
مەن بۇ تېمىنى ئوقۇپ ھەقىقەت ھەيران قالدىم شۇنداقلا تېما ئىگىسگە ھەمدە ناھايىتى ئۆتكۈر تىللىرى بىلەن ئىنكاس قالدۇرغانلارغا كۆپ تەشەككۈر ئىتىمەن ... مېنىڭمۇ شۇنچىلىك كۆپ سۆزلىرىم باتتى ئەپسۇس ۋاقىت چەكلىمىسى بولغاچقا قاتنىشالمايدىغان بولدۇم ... كىيىنچە داۋامىدا قاتنىشارمەن ... ئەيىپكە بۇيرىماسسىلەر .!!!!!! ,\J 8(,%L  
2011 . 9 . 24 . ................ شەنبە #<< el;n  
               ئەلرازى 0999
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى