مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       3572 
  •    ئىنكاس 
       18 

ناخشا-ئۇسۇلنىڭ مەۋجۇتلىقىمىزدىكى ئورنى قانچىلىك

قەۋەت ئاتلاش
Qapaqhenim
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.41019

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   473 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   15085 (سوم)
 ياخشى باھا:   3874 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   5921  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5287
 سائەت
دەرىجىسى:
5287 سائەت 313 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-17
ئاخــىرقىسى:2011-11-01

U EEBWzH  
ناخشا-ئۇسۇلنىڭ مەۋجۇتلىقىمىزدىكى ئورنى قانچىلىك WjY{rM,K  
$AA~]'O>6:  
H ~[LJ5x  
يۈسۈپجان مۇھەممەت تۇغيان
m%oGzx+  
S9HBr  
مۇقاملىرىمىز، ناخشا-ئۇسسۇللىرىمىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇزىكىلىق بەدىئىي قامۇسى، ~5r=FF6  
مەدەنىيتىمىزنىڭ تەركىبى قىسمى (ئەڭ مۇھىم قىسمى ئەمەس). ئۇنىڭ ئەسىر- aJ :A%+1  
ئەسىرلەردىن بۇيان بىرگە مەنىۋىي ئۇرۇن بىرىپ كەلگەنلىكىنى،زورئىستىتىك قىممىتىنى، 3:[!t%Yb  
تەربىيۋىي ئەھمىيتىنى، بىر قىسىم مەدەنىيەت ۋە ئۆرۈپ-ئادەتلىرىمىزنى،كۆپلىگەن كىلاسسىك L289'Gzg  
ئەدەبىيات ۋە خەلق ئىغىز ئەدەبىيات مىراسلىرىنى بىزگىچە يەتكۈزۈشتىكى كۆۋرۈكلۈك zBk_-'z  
رولىنى، مۇقاملىرىمىزنىڭ ئۆزىمىزنى چەت ئەللەرگە تونۇشتۇرۇشتىكى ئىجابىي قىممىتىنى p!+L  
(بۇنىڭدا يەنە دارۋازلىقتىن باشقا تۇنۇتقۇدەك نەرسىمىزنىڭ يوقلۇقىنى ئېتىراپقا ئېلىش ${hyNt  
كىرەك) ھەرگىز چەتكە قاقمايمىز ۋە تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىمىز. تۆگە ئۆركىشىدەك ئېگىز- !}>eo2$r^  
پەس تارىخ دولقۇنلىرىدا ناخشا-ئۇسسۇل دەردلىك قەلبىمىزگەمەلھەم بېرىپ كەلدى. l60ikc4$I  
تۇغۇلىشىمىز بىلەنلا ئەللەي ناخشىسى ئاڭلاپ چوڭ بولدۇق. مەشرەپلەردە ئەدەپ-ئەخلاق C(-[ Y!  
ئۈگەندۇق. توي-تۆكۈن،بەزمە مەشرەپلىرىمىز رەڭگارەڭ ۋە مول مەزمۇنلاشتى.شۇنىڭغا 0jR){G9+  
مۇناسىپ ھالداتۈرلۈك قائىدە-يۇسۇنلىرىمىزمۇ كۆپىيىپ، بارا-بارا <<كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز>> paW'R+Rck  
لاشتى.   ھە  دېگەندە ئەپيۇنغا خۇمار بولغان كىشىدەك مەجنۇنلارچە شەيدالىق تۈپەيلى، f%2%T'Q  
<<ئىنسان روھىغا ئوت تۇتاشتۇرغۇچى مەنىۋى ئامىل>> بولغان (فارابىي سۆزى) ناخشا )fNGB]%  
مۇزىكا روھىيتىمىزدە <<سەنئەتخۇمارلىق>> تەركىبىنى كۈنسېرى ئاشۇرۇپ باردىكى، 6# 
ئىنسانىي كامىللىق،روھىي مۇكەممەللىك جەھەتتىن شۇنچە غۇربەتلىشىپ باردۇق. ئەل $"Afy)Ir  
غېمى ئاساسىدىكى مىللى ئۇيۇشۇش كۈچىنى يىراقلارغا  چۆرىۋىتىپ، ئىبلىس سۈرەتلىك }% eDEM  
لەنەتگەردى خوجىلار دەۋرىدىن باشلاپ مەزھەبچىلىك،تەمەخورلۇق،خۇشامەتچىلىك،ئىككى 7egq4gN]2Y  
يۈزلىمىچىلىك، چېقىمچىلىق، ساتقىنلىق…قاتارلىق ئىللەتلەرگە چىرمىلىپ،جاھان كەزدىلىك %fHH{60  
پاتقىقىغا دۈم چۈشتۇق. ytEQ`  
StEQ -k  
قاچانكى <<ئەمگەكچان،ئەقىل-پاراسەتلىك،قەھرىمان مىللەت>>لىك ئەركەك سۈپىتىمىز nt7|f,_J  
<<ناخشا ئۇسسۇلغا ماھىر مىللەت (舞善歌能) ››  دېگەن يېڭىچە <<تەبىر>>گە bn$)f6%  
ئالماشتى (يېقىندا <<ئىزدىنىش>>تور بىكىتىدىن <<ۋاسكىتبۇل چولپىنى ئادىلجان>> ri:,q/-  
ناملىق ماقالىنى كۆرىۋىتىپ، مۇنۇ جۈملىلەرنى كۆرۈپ قالدىم. <<خەلىقئارالىق داڭلىق  q$F)!&  
ۋاسكىتبۇل رېپىرى سۈييى مۇنداق دەيدۇ:  شىنجاڭلىقلار مېھماندۇستلۇق بىلەن ئۇسسۇل   ?fV?|ZGZI  
ئويناشتىن باشقىغا كېرەككە كەلمەيدۇ، توپ ئويناشقا رىقابەتكە يارىمايدۇ…) شۇنىڭدىن )`^ /(YG  
بۇيان،بىراۋ مەلۇم غەرەز بىلەن <<سېمىزكەنسەن>> دەپ قويسا،زورلاپ چىڭقىلىپ قوۋۇزىنى IAYACmlN&  
كۆپتۇرۋالىدىغان AQ لارچە ھاماقەتلىك بىلەن، ئەسلى سۈپەتلىرىمىزدىن ياتلىشىپ، vTdUuj3N  
مەدەنىيەت دېسىلا ئەڭ ئاۋۋال ئويلايدىغان ۋە دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە بىزنىڭكىدەك ~Po<(A}`f  
سىستېمىلىق ھەجىمى زور ھالەتتە كۆرۈلمەيدىغان مۇقامىمىزغا،ناخشا- ئۇسسۇلغا ئەمچەككە !:3^ hb  
يېپىشقان بوۋاقتەك باشچىلاپ كىرىشىپ كەتتۇق، <<قولىمىزنىڭ يەتكىنى ئۇسسۇل، 8&%Cy'TIz4  
دېمىمىزنىڭ يەتكىنى ناخشا بولدى>> . ناخشا-ئۇسسۇلدىن ئىبارەت بۇ <<ئەمچەك>> K U $`!h  
نىڭ قۇرۇق ئىكەنلىكىنى،ئۇنىڭدىن مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا كىرەكلىك <<سۈت>>   T<P0T<  
چىقمايدىغانلىقىنى بىلىپ-بىلمەي ياكى بىلىپ ئەسكەرتكەنلەرگىمۇ پەرۋا قىلماي تەشنالىق > VP5vkv=  
بىلەن يېپىشتۇق. بۇ <<ئەمچەك>>گە قاراپ قويۇشقىلا، <<ئىككىنجى زۆرۆرىيەت>> okstY4f'  
(ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن سۆزى) سۈپىتىدە زېھنىمىز،ۋاقتىمىز،ئىقتىسادىمىز ئېشىنغاندىلا K3L"^a  
مۇۋاپىق تەرىقىدە زوقلىنىپ قويۇشقا بولىدىغانلىقىنى،ئۇنىڭغا قانچە يېپىشقان بىلەن بىزنىڭ eeW`JG-E  
مەۋجۇتلۇقىمىزغا كىرەكلىك ھېچبىر قۇۋۋەت چىقمايدىغانلىقىنى،ئەكىسچە ئۇنىڭ  ئىشقىدا ya.n'X14  
مەجنۇنلارچە پەرۋانە بولغانسېرى، بارا-بارا ئەسلى ۋەسلىمىزدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىمىزنى l[oe*aYN7  
پەرۋايىمىزغا ئالمىدۇق… TcJ$[  
i'=2Y9S}  
ھېكمەت غەزىنىمىزنى ئاختۇرۇپ كۆرسەك، <<بۇقىنى كالام دىمەڭ،سازەندىنى بالام>>، %m`zWg-  
<<ناخشا ئېيتقانغا يار كەلمەس،ئەسلى بىر كۆڭۈل خۇشى>>  دېگەندەك دۇردانىلەر خېلى h)cY])tGtK  
كۆپ!ئالدىنقىسىدا سازەندە-ئەلنەغمىچىلەرنىڭ دائىم توي-تۆكۈن،بەزمە-باراۋەتلەر بىلەن n1,S_Hs  
تىرىكچىلىك ئىشلىرىغا  تۈزۈك ئەسقاتمايدىغانلىقى ئىخچام ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسا، Ys3uPs  
كېيىنكىسىدە ناخشا ئېيتقانغا يارمۇ كەلمىگەن يەردە،قورساقنىڭ ئەسلا تويمايدىغانلىقىنى، |@wyC0k!  
بۇنى پەقەت كۆڭۈل خۇشى ئۈچۈن، بىكار بولغاندا ئېيتىدىغانلىقىمىز ئۆز-ئۆزىدىن ئاشكارە moZm0` WR  
بولۇپ تۇرىدۇ. gi$XB}L+X  
^_W40/c3  
ناخشا-مۇزىكا ئادەمنى خىيالچان،رومانتىك قىلىۋېتىدۇ.ئاڭلىغانچە ئاڭلىغۇسى كېلىپ، S)7/0N79A  
كىشى قەلبىنى رەڭگارەڭ خىياللار ئۆمۈچۈك تورىدەك چىرماپ، ئۆزگە بىر ئالەم ئىختىيارسىز orqJ[!u)`  
ھالدا كىشىنى ئۆز ھوزۇرىغا چىللاپ،رېئاللىقتىكى ھار قانچە زۆرۈر ئىشلارمۇ ئۆز قىممىتىنى  
يوقىتىپ،كىشىنى جاھاننىڭ  كارى-بارىنى ئونتۇلدۇرىدىغان بىغەملىك،لايغەزەللىك ۋە I2[]A,f ,  
تەمەخورلۇققا سۆرەپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ مۇھەببەت ناخشىلىرى تېخىمۇ شۇنداق. گەرچە،   x+7*ADKb  
مۇھەببەت  ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىدىن باشلانغان،ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ ئىنسانلار i\Wdo/c-H  
زېمىننى ئاۋات قىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ،تولىمۇ ئەپسۇسكى،ئۇ چاغدا شۇ مۇھەببەت بولسىلا 9]7u _  
يېتىپ ئاشاتتى،ئەمما ھازىر<<دەۋىر ئۆزگەردى>>ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە مۇھىم بولغان v* ~3Z1  
كەڭ مەنىدىكى مۇھەببەت-بىزنى تۈمەن مىڭ جاپالاردا بېقىپ چوڭ قىلغانلىقىنىڭ ئەجىر NBOCt)C;H  
مۇكاپاتى سۈپىتىدىكى ئاتا-ئانا مۇھەببىتى، يىگەن تۇزىمىزنىڭ ھالال ھەققى-ھۆرمىتى e;(  
بولغان ئەل-يۇرت مۇھەببىتى،بۇنىڭدىن كېيىنكى مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ ئاساسى ، مىللى qZ+H5AG2  
كىملىككە بولغان شەيدالىقىمىزنىڭ چىن ياكى ساختىلىقىنى ھەقىقىي سىنايدىغان مىللەت /tj$luls5  
مۇھەببىتى…قاتارلىقلار بىزنىڭ تېخىمۇ زور قوربان بېرىشىمىزنى كۈتمەكتە. sn{tra  
m4m<nnM  
2005.يىلى25.نويابىر ب د ت پەن-مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى پارىژدا <<جۇڭگو goZ V.,w  
شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقامى>> نىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىپ، 3- تۈركۈمدىكى :Li/=>R^  
<<ئىنسانىيەت ئاغزاكى ۋە غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى>> Ed-M7#wY  
مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بىز خۇشاللاندۇق، تەنتەنە قىلدۇق، 3)N\'xFh@  
تېخىمۇ غەيرەتكە كىلىپ،ناھىيە-يىزىلار بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىپ، كەينى-كەينىدىن ]Kh2;>= Xj  
تېخىمۇ كۆپلەپ پائالىيەتلەرنى تەشكىللىدۇق. رادىئو -تېلېۋىزورلاردا توختىماي كۆرسەتتۇق. )jDJMi_[  
قايتا-قايتا ئۇلاپ ئاڭلاتتۇق. زورلاپمۇ ئاڭلاتتۇق، <<تەلەپ-تەقدىم>> قىلىپمۇ ئاڭلاتتۇق. 5?u}#zO  
يېزا-قىشلاقلاردا، كەنت-مەھەللىلەردە،ئوي-ئۆيلەردە، كوچا-كويلاردا نەغمە- ناۋا uY#TEjGh]  
قاينايدىغان،چوڭ-كىچىك مەشرەپلەرئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان بولدى. كۆپ قىرلىق يىتۈك dh - ,E  
ئالىمىمىز مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ھەمدە ئەسئەت سۇلايمان،ئابدۇقادىر #wR;|pN  
جالالىددىنغا ئوخشاش دوكتۇر،پروفېسسورلىرىمىز بۈگۈنكى ياتلىشىۋاتقان مىللى كىملىكىمىز، 57I}R MT"  
نۆۋەتتىكى تەرەققىيات ۋە مەۋجۇدلىقىمىز توغرىسىدا ئاچچىق تولغاق يەپ،كىتاپ ماقالە Ak BMwV  
يېزىپ بەرسە،خەقتىن سوراپ بولسىمۇ ئەستايىدىل ئوقۇپ ھەزىم قىلىپ،ئىدىيىمىزدە ئاز- I;MD>%[W,  
تولا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشنىڭ ئورنىغا، داڭقان پۇتى سۆز-جۈملىلەر بىلەن ئەبجەش (6gK4__}]  
مۇزىكىلاردىن قۇرۇق چاپان تىكىپ،قوڭلىرىنى تولغاپ<<گىلدىڭلىتىش كومىلىچى>> ajH"Jy3A  
يەۋېلىپ، ئۇيقۇسىراپ كېتىۋاتقان نەشىخوردەك كۆزلىرىنى يۇمۇپ،گىلدىڭشىپ ئوقۇپ ~Y!kB:D5;~  
بەرسە،سۈپىتى تۆۋەن بىراك مال قاتارىدا تۆكمە قىلىپ سىتېلىدىغان VCD nk=$B (h  
پىلاستىنكىلىرىدىن ئۈچ-تۆتنى چىقارسىلا ، <<تالانتلىق چولپان>> دەپ بىشىمىزدا كۆتۈردۇق. L}k/9F.5  
(ئۇنداق ئەمەس دەيدىغانلارغا جاۋاپكى، كىتاپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ نىسپىتى 30~40% كە h2q/mi5{  
  يەتمەيدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر قاتلىمى ئىچىدە ئاۋازغا سالساقمۇ، مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر BlC <`2S  
مۇھەممەت ئىمىن ۋە ئەسئەت سۇلايمان، ئابدۇقادىر جالالىددىنلارنى تونۇيدىغانلارغا ، C NrII sJ  
بىر پارچە ئەسەرلىرىنى مۇلاھىزە بىلەن ئوقۇپ باققانلارغا قارىغاندا،ئاشۇ ئاتالمىش \2v"YVWw  
<<تالانتلىق چولپان>> لارنى تونۇيدىغانلارنىڭ، ھېچ بولمىغاندا بىر ھەسسە 3iNkoBCg  
كۆپ چىقىشى مۇقەررەر~~) . ئالتە يانچۇقلۇق جىلىتكە كىيىپ، بوينىغا فوتو ئاپپارات Y wDt.6(+,  
ئىسىۋالغانكى كىشى-مەيلى چەت ئەللىك ياكى دۆلىتىمىزدىن بولسۇن، مەيلى مۇخبىر، n6Z|Q@F  
مەيلى ساياھەتچى بولسۇن، ئزدەپ  كېلىپلا قالسا، شۇنچە زۆرۈر ئىشلىرىمىزنى قويۇپ، 2DDsWJ;  
نەچچە مىڭلاپ ئادەمنى مەجبۇرىي تەشكىللەپ،نەچچە سەئەت، ھەتتا شۇ كۈنى تۈگىمىسە %& 
ئەتىسىگىچە سوزۇپ بىكاردىن بىكارغا مەشرەپ تەشكىللەپ،ئۆزىمىزنى تېخىمۇ t+Bf#:  
<<تونۇتۇش>> قا ئالدىرىدۇق. ئەمما بىز قىزىققانلىق  قىلماي، ئۆپكىمىزنى بېسىپ ]$iqa"{  
ئولتۇرۇپ ئويلىنىپ باقساق، بىز بۇنىڭدىن زادى نېمىگە ئېرىشتۇق!؟ 2f:^S/.A  
شان-شۆھرەتكە،نام – ئاتاققا، ئېتىراپ قىلىنىشقا ئىرىشتۇق. <<جۇڭگو شىنجاڭ Q[4: xkU  
ئۇيغۇر مۇقامى>> مىز بىلەن خەلىقئارالىق نوپۇزلۇق تەشكىلاتنىڭ %yS3&Ju  
مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە،تولۇق ئاۋاز بىلەن مۇقۇللىشىغا <ۋەكىللىك ئەسەر> دېگەن ئالىي ro~+j}*   
باھاسىغا ئېرىشتۇق،ئاشۇ يالتىراق قەغەزگە مەستۇ-مۇستەغرەق بولۇپ (چەكسىز ئىپتىخارلىق JK_OZ  
بىلەن شۇنداق دېيىشكە ھەقلىقمىزكى، بىز ئۇيغۇرلار ئىنسانلار ئارا توققۇزى تەل تۆتنىڭ W7No ls{  
بىرى) دەپ، ئاغزىمىزدىن كۆپۈك قاينىغىچە جار سالغىدەك دەسمايىگە ئىرىشتۇق. ئەمما [\z/Lbn ,.  
بۇنىڭغا تۆلىگەن بەدىلىمىز بەكلا كۆپ بولۇپ كەتتى. RVw9Y*]b  
(بۇنىڭغا دەلىل سۈپىتىدە، يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان <<مەشرەپ>> ، <<مۇقام>>  7A$B{  
نامىدا خەجلىنىۋاتقان، سەرپ بۇلۇۋاتقان نەچچە مىليۇن يۈەن خىراجەتنى،ئاشۇ خىراجەتنىڭ \_6OCVil  
ئوندىن بىرىنى ئىشلىتىپ ، پەلسەپىگە ئەھمىيەت بىرىپ نەشىرىياتلاردا بويۇن قىسىپ   ;t#]2  
يىتىۋاتقان ئىجادىي ۋە تەرجىمە پەلسەپە كىتاپلىرىنى نەشىر قىلدۇرساق، تەبئىي پەن روھىنى V&{MQWy  
ېتىلدۇرسەك ،ئوتتۇرا ۋە ئالى مەكتەپلەردە تەبئىي پەن مۇكاپاتى تەسىس قىلساق،تەبئىي (]2H7X:b  
پەندىكى كەشپىيات نەتىجىلەرنى ماددىي رىغبەتلەندۈرسەك، مۇنەۋۋەر سىتۇدىنتلىرىمىزنى m:QG}{<.h  
پەلسەپە، تەبئىي پەنلەر بويىچە چەت ئەللەرگە ئوقۇشقا چىقارساق،بۇلار ئىلىپ كىلىدىغان sN=6gCau  
ئېجتىمائىي،ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى ئۆز ئارا  تەخمىنىي سىلىشتۇرۇپ كۆرسەكلە كۇپايە). pL1i| O  
6 ,ANNj  
<<مۇقام بىزنى دۇنياغا تونۇتتى>> دېگەنلەرگە شۇنداق دېيىشكە تامامەن ھەقلىقمىزكى: xb2?lL]  
بىز بۇرنىمىزنىڭ ئۇچىنىلا كۆرمەي يىراققىراق نەزەر سالساق،بۇ تونۇلۇشنىڭ ۋاقىتلىق 7j 
ئىكەنلىكىنى، بۈگۈنكى ناھايىتى كۈچلۈك رىقابەتكە تولغان بۇ دۇنيادا، ناخشا- DbI!l`Vn4  
ئۇسسۇللىرىمىز بىلەن ئۇزاپ كەتكەن مىللەتلەرنىڭ توپىسىغىمۇ يېتىشەلمەيدىغانلىقىمىزنى E$s/]wnr[  
بىلىپ يىتىشىمىز لازىم (بۇ يەردە ئىككى مىسالنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش لازىمكى،گۇاڭجۇ ;!>Wz9  
شەھىرىدە يېقىندا مۇھىت تازىلىقى ئىدارىسى قارمىقىدىكى بىر كەسپى ئورۇنغا، تۇنجى ,U,By~s  
قىتىم ئاشكارە تازىلىق ئىشچىسى قوبۇل قىلىنغان. ئاخىرىدا قوبۇل قىلىنغانلار ئىچىدە بىر )KSoq/  
دوكتۇر ، تۆت ماگىستىر، ئالتە تولۇق كۇرس ئوقوغۇچىسى بار ئىكەن. "d/s5sP|S  
F?+3%>/A @  
يەنە بىر مىسال، ھازىر يەرشارى بويىچە نامراتلار ئومومىي نوپۇس سانى بىر مىلياردتىن unl1*4e+  
ئاشىدىغان بولۇپ ،بۇنىڭ 60%تى ئاسىيا قىتئەسىدە ئىكەن. ئۇشۇ 60% ئىچىدە ئېنىقكى، q-$`k  
ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ مەلۇم نىسپەتنى ئىگەللەيدۇ.  نوپۇس بىشىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا B0}~G(t(  
دوكتۇر، ئاسپىرانتلىرىمىزنى مانچە پىرسەنت دەپ سانىيالمايدىغان، نامراتلىق قالپىقى YB))S!;Ok  
ئاستىدا ياشاۋاتقان ئاھالىلىرىمىز خېلى جىق نىسپەتنى ئىگەللەپ تۇرۇۋاتقان ئەھۋالدا، fN%jJ-[d  
بىز يەنە نىمىمىزگە چوڭچىلىق قىلىمىز؟ نىمىمىزگە ھە دىسىلا ناخشا ئۇسسۇلغا ئىسىلىۋالىمىز؟! _m E^rT  
شۇڭا بىز  ئاۋۋال روھىيتىمىزدىكى جاراھەتلەرنى تازىلاپ،ئونۋېرسال مىللىي كۈچىمىزنى t !`Jse>  
ئاشۇرايلى! شۇنىسى ھەقىقەتكى، مەۋجۇتلۇق بولغاندىلا ئاندىن ناخشا-ئۇسسۇلدىن ئېغىز nt1CTWKM8^  
ئاچقىلى بولىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ نۆۋەتتىكى مەۋجۇدلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىقتىساد، پەن- &[R8Q|1 j  
تىخنىكا، تەنتەربيە، سەنئەت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بولمىسا بولمايدۇ. ئەمما گەپ،   V~MiO.B  
قايسىسىنىڭ باش بارماق بولۇشىدا. مېنىڭچە ، ھازىرقى رىئاللىقىمىزغا بىر  كۆزىنى قىسىۋىلى k_|^kdWJ  
پ قارىغاندىمۇ ، ناخشا-ئۇسسۇلنى ھەرگىزمۇ باش بارماق قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ . بىزدە 5AeQQU  
<<ئاۋۋال تائام،ئاندىن كالام>> دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بار!  بۇنى كەڭرەك يېشىپ Z,7R;,qX  
چۈشەنسەك، ئاۋۋال ماددىي نىمەتلەر بىلەن بولىدىغان تىرىكچىلىك ، مەۋجۇدلۇق   1$lh"fHU  
بولغاندىلا، ئاندىن باشقا ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغانلىقى،<<قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرمايدۇ>> m`? MV\^  
غانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. شۇڭا پەلسەپىدىكى ئەڭ ئاۋۋال قائىدە بويىچە، بىر نەچچە خىل KU9Z"9#  
زىددىيەت ئالدىدا ئاۋۋال قايسىسىنىڭ مۇھىملىقىنى، ئايرىپ بولغاندىن كېيىن، مۇھىملىق NtGn88='{  
دەرىجىسى بويىچە بىرمۇ بىر ھەل قىلىش ، ھېسياتى ئەقىلنىڭ گەجگىسىگە مىنىۋالمىغانلا 4 {GU6v)f  
كىشى ئۈچۈن، بىر ئەقەللى ساۋات. يۈرەك بىلەن ئاشقازاندىن تەڭلا كاشىلا چىقسا،ئاشقازان gIEl.  
بىلەنلا ھەپىلەشسەك، ۋاقىت ئۆز يولى بىلەن ئۆتىۋىرىدۇكى، جان بىزنى ھەرگىز ساقلىمايدۇ. bF}V4"d,B3  
بۈگۈنكى دۇنيادا كۆپ جەھەتتە باشقىلارنىڭ كەينىدە قالغان،ئىقتىسادىي قۇۋۋىتى ئاجىز، yR~-k?7b  
ئىجتىمائىي تەرەققىياتى نىسپەتەن قالاق، پەن- تىخنىكىسى راۋاجلانمىغان، مائارىپ :VmHfOO  
سۈپىتى تۆۋەن، ئىنسانىيەتنىڭ ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زاماندىكى تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە ZUXr!v/R:1  
بىر ئۈلۈش ھەسسە قوشالمىغان بىر مىللەتنىڭ، ئويۇن-تاماشا ۋە ئىككىنجى زۆرۆرىيەت C.  MoKa3  
ھېسابلىنىدىغان ناخشا-ئۇسسۇل،نەغمە-ناۋاغا خۇدىنى يوقاتقان ھالدا ھېرىسمەن بولۇشى، $K~LM8_CKy  
شەك-شۇبھىسىزكى چۈشكۈنلۈك . تېخىمۇ كەسكىنرەك ئېيتقاندا دەۋىر بىلەن ھاماقەتلەرچە RuW!*LI  
قارشىلاشقانلىق . (دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەشنىڭ ئەكىسچە). 9?T{}| ?  
~q +[ 
بىز كۆزىمىزنى يوغان ئىچىپ بۈگۈنكى دەۋرگە قاراپ باقايلى! دەۋىر بىزنى نېمىگە چاقىرىدۇ، wRNroQ  
بۈگۈنكى دەۋىرنىڭ ماھېيتى نېمە؟ خەق نېمە ئويدا، بىز نېمە كويدا؟ بۈگۈنكى دەۋىر بىلىم 4IdT '  
ئىگىلىكى دەۋىرى،ئۇچۇر رىقابەت دەۋىرى! دەۋىرنىڭ بۇ خىل تەلىپىگە بىز ناخشا _ئۇسسۇل 9X 
نەغمە-ناۋاغا تەلۋىلەرچە ھېرىسمەن بولغان پىسخىكىلىق ھالىتىمىز بىلەن قانداقمۇ تاقابى 0pe3L   
ل تۇرالايمىز؟ بىزگە ئوخشاش روھېيتىدە  سەنئەتخۇمارلىق تەركىبى زىيادە ئارتىپ كەتكەن 0\{BWNK  
مىللەتلەر، رىقابەت سەھنىسىدە باشقىلار بىلەن ھەرگىزمۇ روبىرو بولالمايدۇ. چۈنكى بىر ;+"f  
مىللەتنىڭ ۋۇجۇدىدا سەنئەتخۇمارلىق تەركىبى زىيادە ئارتىپ كەتسە،تەبئىي ھالدا ئەقلى BG2)v.CU  
تەركىبنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىدۇ. ئەقلى تەركىبى كەمتۈك مىللەتلەر قانداقمۇ ئەقىل ۋە 4R +.N  
بىلىمنى دەسمايە قىلىپ ياشاشقا ئادەتلەنگەن ، كۆپ خىل ئىقتىدار ئىگىلىرى يېتەرلىك RWq{Ff}Hk  
بولغان، ئۇنۋىرسال ساپاسى يۇقىرى مىللەتلەر بىلەن رىقابەتلىشەلىسۇن؟! f6 
بۇنداق بولىۋەرسە ئاخىرقى ھېساپتا رىقابەتتە غەلىبە قۇچقان مىللەتلەرگە، بىر چەتتە تۇرۇپ ئالقىش $9 p!Y}  
ياغدۇرۇشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان چاۋاكچى مىللەت بولۇپ قالمايمىزمۇ؟  ئەگەر بۈگۈنكى 1r[@(c0  
تىخنىكا سۈرئىتى بويىچە چاۋاك چالىدىغان ماشىنا ئادەملەر ياسىلىپ قالسا ، ئۇ چاغدا u9-nt}hGYM  
تارىخ سەھنىسىدىن مىللەت سۈپىتىدە شاللىنىپ كىتىشىمىز مۇقەررەر! z T%U!jqI  
.?C%1a&_l  
مەنبە : ‹‹ كىروران›› ژورنىلى 2007-يىللىق 7- سان
ig"uXs  
[ بۇ يازما Qapaqhenim تەرپىدىن 2011-09-12 02:00 AM د ]

تېما تەستىقلىغۇچى : .tuz.
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-09-12, 10:57
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 5 پارچە مۇنبەر پۇلى +510
kulpat مۇنبەر پۇلى +100 09-12 -
wolf007 مۇنبەر پۇلى +100 09-12 -
moghal مۇنبەر پۇلى +111 09-12 ئەھمىيەتلىك تېمىلارنى  يوللاۋاتىسىز
Kunduz^_^ay مۇنبەر پۇلى +100 09-12 رەھمەت!
yawaat0998 مۇنبەر پۇلى +99 09-12 -
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
ھاياتنىڭ مەنىسى سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشيۇر!
يەنى ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈلۈشتۇر !
kahrizat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36554

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1632 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9041 (سوم)
 ياخشى باھا:   1126 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   200  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4412
 سائەت
دەرىجىسى:
4412 سائەت 228 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-05
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-12

يازغۇچىنىڭ ئەقلى كۈچىگە بارىكاللا
 
بېھزات
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.15847

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   746 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3159 (سوم)
 ياخشى باھا:   661 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   709  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2740
 سائەت
دەرىجىسى:
2740 سائەت 10 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-31
ئاخــىرقىسى:2011-10-16
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-12

  ناخشا-ئۇسۇلغا ،ئويۇن-تاماششاغا بىرىلگەن مىللەت زاۋاللىققا يۈز تۇتماي قالمايدۇ !!!توغرا باشقىلار نىمە كوي ،نىمە ئويلاردا !؟ بىزچۇ!؟ بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى تەرەققىيات ،پەخىرلىنىش تۇيغۇسى مىللىتىمىز ئۇسۇلچىلىرى ،ناخشىچىلىرى قايسى دۆلەتكە چىقىپ ئالقىشقا ئىرىشتى ...دىگەندەك پۈچەك ئىشلار بولدى خالاس ،لىكىن ئۇنى دەپ سەنئەتتىن ۋاز كىچىشكىمۇ بولمايدۇ ،چۈنكى ،سەنئەت بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى ،شۇڭا سەنئىتىمىزنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ئۇنىڭغا ئىلمى ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزىمىزنىڭ زىھنىنى پەن-مائارىپقا قارىتىشىمىز كىرەك !!!
 
<<ئانا >>دىگەن سۆزدە ۋۇجۇد تىترىسە،<<ئاتا>> دىگەن سۆزدە زىمىن تىترەيدۇ.
dilsiri
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3299

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   786 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   407 (سوم)
 ياخشى باھا:   543 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   306  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6472
 سائەت
دەرىجىسى:
6472 سائەت 178 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-04
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-12

ھەجەپ نوچى تېما بوپتۇ بۇ .تېما ئېگىسىگە كۆپ تەشەككۈر . }TRAw#h  
iO /XhSD  
<<ناخشا ئېيتقانغا يار كەلمەس،ئەسلى بىر كۆڭۈل خۇشى>> 5  *}R$  
  
 
يىگېت قەسەم ئېچمەيدۇ، يىگېتنىڭ سۆزى قەسەم !
yawaat0998
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11290

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   176 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6733 (سوم)
 ياخشى باھا:   739 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1027  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1195
 سائەت
دەرىجىسى:
1195 سائەت 155 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-23
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-12

ۋاي ۋاي ۋاي........ ئېسىل تېما. L$'[5"ma ;  
نۇرغۇن ئىلغار زىيالىيلارنىڭ يۈرەك سۆزىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. 3P~o"a>  
«قاپاق خېنىم» نىڭ بۇ ئېسىل ئەسەرنى مىسرانىمدا بىز بىلەن كۆرۈشتۈرگەنلىكىگە كۆپ تەشەككۇر.
 
ئاق چاشقان، قارا چاشقان، مۆشۈككە تۇتۇلۇپ قالمىغان ياخشى چاشقان.
hazniqi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.47298

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   412 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1219 (سوم)
 ياخشى باھا:   536 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   148  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2439
 سائەت
دەرىجىسى:
2439 سائەت 81 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-12

ئامېرىكىدا ”مەشرەپ“ t+oJV+@  
ئاپتۇرى: گۇلەن '|;X0fD  
yA{W  
مەيلى كىم بولسۇن، قايسى ئىقلىمىدا ياشىسۇن، دۇنيادايىغىلىش، سورۇنلارسىز ئىنسان ھاياتىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەرس. بولۇپمۇ ئۇيغۇرغائوخشاش جامائەتچىلىك ئېڭى ئالاھىدە كۈچلۈك مىللەتلەردە ئىنساننىڭ ئۆز سورۇن، مەشرەپلىرىدىن مۇستەسنا يالغۇز-يىگانەياشىشى تەسەۋۋۇردىن تولىمۇ يىراق. 2000-يىللىرى ئىچكىرىدىكى مەلۇم ئالى مەكتەپكەخىزمەتكە ماڭغىنىمدا بىر دوستۇم ”ئۇ يەردە يالغۇز زېرىكمەمسەن؟“ دېگەنتى. بۇسۇئال ماڭا بىر قارىماققا تولىمۇ سۆيۈملۈك تۇيۇلدى، يەنە بىر ئويلىسام تولىمۇقىزىق. ئۇيغۇرنىڭ نەزەرىدە ئۇيغۇر يوق يەر نەچچە مىليون نوپۇسلۇق شەھەر بولۇپ كەتسىمۇ  ”ئادەم يوق، زېرىكىشلىك“ بولاتتى. ئىچكىرىدە خىزمەت بىلەن يۈرۈپ خەنسۇلارنىڭسورۇنلىرىنىمۇ جىق كۆردۈم، لېكىن توختىماي گەپ قىلىپ ھاراق ئىچىدىغان يېرى ياقمىدى. بۇنداق سورۇنلاردا گەپ بىلەن نەپ پاسلاشتۇرىلاتتى. سورۇن، ھاراق پەقەت ۋاستە ئېدى. مەندەكھاراق ئىچمەيدىغان، نەپنى سورۇندىن ئەمەس ھالالىقتىن ئىزدەيدىغان ئادەمگەبۇنداق ئولتۇرۇشلار تولىمۇ زېرىكىشلىك ئېدى. ئەسئەت سۇلايماننىڭ ”ئۆزلۈك ۋەكىملىك“ دېگەن كىتابىنى ئوقۇپ ياۋرۇپالىقلارنىڭ سوغۇق مىجەزىگە ھەيران قالغانتىم. ئامېرىكىغا كېلىشتىن بۇرۇنلا كاللامدا بىر مۇزدەك جەمئىيەتنىڭ ئوبرازى ئاللىقاچانسىزىلىپ بولغان ئېدى. ئامېرىكا ھەققىدىكى باشقا يازمىلاردىن ھىس قىلغىنىم كىشىلەرنىڭ زىيادە ئالدىراشلىقتىن يىغىلىشقا چولىسى تەگمەيدىغانلىقى، خەقنىڭ ئۆيىىگە تولا بارمايدىغانلىقى ۋە خەقنىمۇ چاقىرمايدىغانلىقىى… دېگەندەك ئۇيغۇرغا تولىمۇ زېرىكىشلىك تۇيۇلىدىغان ”رىياللىق“ ئېدى.بۇرۇن مەن پەقەت ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلىرىنىلا شۇنداق ئادەمخۇماربولامدىكىن دەپ ئويلايتتىم. نەدىكىنى ئامېرىكىغا كېلىپ بىرىنجى ھەپتىسى سورۇنغا تەكلىپ قىلىندىم“مەشرەپ“ نى ئۇيۇشتۇرغۇچى مەن تۇرۇۋاتقان شەھەردىكى بىر ئائىلە بولۇپ ئارامغاچىققان ئوقۇتقۇچىلار ئىكەن. ”مەشرەپ“ كە چاقىرىلغانلار خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارۋە ئۇ كىشىنىڭ شۇ يەرلىك دوستلىرى ئىكەن. ئۆي ئېگىسى ئەر ئايال بىزنى ئىشىك ئالدىدا قارشىئالدى. ئىشىكتىن كىرگەندىكى مىھمانخانىغا بىر پىيانىنو، بىر قانچەساپا قويۇلغان بولۇپ مېنى ئەڭ قىزىقتۇرغىنى ئۆينىڭ ھەر بۇلىڭىدىكى قول يەتكۈدەك يەرلەرگە قويۇلغان لاتا ”كىتاب ئىشكاپ“ لىرى بولدى. بوش يەرلەرگە تىزىلغىنى ۋە تاملارغا ئېسىلىغىنى مەن تازا بىلىپ كەتمەيدىغان رەسساملارنىڭ رەسىملىرى، بالىلىرىنىڭ ئىجادىيەتلىرى، ئاتا ئانىسىنىڭ سۈرىتى بېسىلغان گېزىتلەر، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قولىدا ياسىغان تۈرلۈك خاتىرە بويۇملىرى بولۇپ ماڭا بۇ مىھمانخانا بىر مۇزىيىدەك تەسىر بەردى. dEBcfya  
 $R 
مىھمانخانا ئىچىگە ئاشخانا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ساھىپخان بىلەن پاراڭلاشقاچ تاماق پىشىشنى ساقلىدۇق، بەزىمىز تاماققا يارىمدەملەشتۇق. تاماق تەييار بولغاندا ھەممىمىز تاماقلارنى تاماقخانىغا تىزدۇق، ۋە ئۆچىرەت بويىچە تاماق ۋە سالاتالارنى چوڭ كىچىك تەخسىلەرگە ئېلىپ بەزىلىرىمىز ئولتۇرۇپ، بەزىلىرىمىز مېڭىپ يۈرۈپ پاراڭلاشقاچ غىزالىنىشنى باشلىدۇق. ئامېرىكىدا بۇنداق سورۇن ئىككى خىلكەن. بىرى مۇشۇنداق ساھىپخان تاماق پۇشۇرىدىغان، مىھمانلار خالىسا يىمەكلىك ياكى ئىچىملىك كۆتۈرۈپ كېلىدىغىنى، يەنە بىرى پاتلاك دەپ ئاتىلىدىغان، ساھىپخان تاماق ئەتمەيدىغان مىھمانلار تاماقلىرىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ باشقىلار بىلەن بىللە يەيدىغىنى ئىكەن. ئاڭلىشىمچە بۇ پاتلاك دېيىلىدىغان ئولتۇرۇش ئەسلى ھىندىيانلارنىڭ ئادىتىكەن. تاماقنى ئولتۇرۇپ تېز يەپ بولغانلارغا قارىسام جوڭگۇلۇقلاركەن، يەرلىكلەر تېخى يېرىمىنىمۇ يەپ بولالماپتۇ. تاماقتىن كېيىن تاتلىق تۈرۈم ۋە ماروژنا يىيىش ئادەتكەن. بۇ يەردە ”مەشرەپ“ دېگەن مۇشۇنداق بىر ئىستاكان پىۋا ياكى كولادەك ئىچىملىكنى كۆتۈرىۋېلىپ سورۇندىكى خالىغان كىشى ياكى كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىدىغان ئىشكەن. نە ناخشا- مۇزىكا، نە دۇتتار- تەمبۇر يوقكەن. ئۇلار ئۆزلىرىچە كۈلۈپ تېلىقىپ قالغان قالغان ”لەتىپە“ لەرىگە پەقەت ئەگىشىپ كۈلگەن بولۇۋالدىم، لېكىن شۇنچە ئادەتتىكى گەپلەرگە نېمىشقا قاھقاھلىشىپ كەتكەنلىكىنى چۈشىنەلمىدىم. بەلكىم چاخچاقلارنىڭ مەدەنىيەت ئارقا كۆرىنىشى پەرقلىق بولغاچقا شۇنداقتۇر. مەسىلەن، بىزدىكى ”دۇنيا سىلەرنىڭ شۇنداقلا بىزنىڭ، چاپچال سىلەرنىڭ قومۇشى بىزنىڭ“ دېگەن لەتىپىنى ئېنگىلىزچىگە ئۆرىسە ھىچكىم كۈلمىگەندەك بىر ئىش. hdTzCfeZ5@  
CJ}5T]WZ  
ساھىپخان مۇسۇلمان مىھمانلار، گۆش يىمەسلەر ئۈچۈن ئالاھىدە تاماق ھازىرلاپتۇ. مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئاشۇ تاماققا تىزىلغان ئۆچىرەتتە تونۇشتۇم. تايلاند، مالايسىيە، ھىندونوزىيە ۋە باشقا شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن مۇسۇلمانلارنى جەنۇپلۇق خەنسۇلاردىن ئايرىماق تەسرەككەن. مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشىپلا كەتتىم، كاۋاپ دېگەن بۇ تاماق مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسىدە باركەن. ئەرەبىستانلىق ئەرەب ئوقۇغۇچىلاردىن ئۇلارنىڭ مانتىنى بىزدىن قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلىۋالدىم. قىزىق يېرى بىز لازىجان، ياغلازا دەپ خەنسۇچىسىنى ئىشلەتسەك ئۇلارئۇيغۇرچىسى ”ياغمۇچ“ نى ئىشلىتىدىكەن. بىز ئۆزىمىزدىكىنى ئەرەبلەرگە ئۆگىتىپ قويۇپلا ئۇيغۇرچىسنى تاشلاپ خەنسۇچىسىنى ئۆگنىۋاپتۇق. ھىندىستانلىق، بېنگاللىق، پاكىستانلىق، ئىرانلىق ۋە ئەرەبلەردە بىزدىكىگە ئوخشاش پولۇ، نان، سامبۇسا دېگەندەك يىمەكلەر باركەن. تاماقلىرىمىز، ئادەتلىرىمىز، ناخشا ئۇسسۇلىمىز ۋە چىرايىمىز ئىرانلىقلارغا بەكرەك ئوخشايدىكەن. ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ تەپسىلى بىلىدىغانلار تۈركىي مىللەتلەردىن قالسا ياپۇنلاركەن. ماڭا تەيۋەنلىكلەرنىڭ ئۆزىنى جوڭگۇلۇق دېمەسلىكى ۋە ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە بەكرەك مايىللىقى يېڭىلىق تۇيۇلدى. جىياڭسۇلۇق بىر ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ كۇچادا ياپۇنلۇق بولۇۋېلىپ يەرلىكلەرنىڭ ئىززىتىگە ئېرىشىشكە مەجبۇر بولغانلىقىدىن ئاغرىندى. مەن ياپۇنلۇق ساياھەتچىلەرنىڭ تەكلىماكاندا ئەخلەت تەرگەن تەسىرلىك كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىپمۇ قايىل قىلالمىدىم. شۇندىن كېينكى“مەشرەپ“ لەردە باشتىن ئاياق بىر ئىش دىققىتىمنى تارتتى ئامېرىكىلىقلار ئاساسەن ئۆرە تۇرۇۋېلىپ ئىچكەچ پاراڭ سالىدىكەن. جوڭگۇلۇقلار ئاساسەن ئولتۇرۇۋېلىپ يەپ ئىچكەچ سۆزلىشىدىكەن. بۇنىڭدىن ئۇيغۇر تىلىدىكى ”ئولتۇرش“ دېگەن سۆزنىڭ مەشرەپنىڭ ئورنىغا نېمە ئۈچۈن ئۆزگەرگەنلىكىنى ئاڭقارغاندەك بولدۇم. ماڭا سۆزدىكى ئۆزگىرىشكە  ئۇيغۇر سورۇنلىرىنىڭ ئۆزگىرىش جەيانى مۇجەسسەملەشكەندەك بىلىندى. ئەجەبا خەنسۇلارنىڭ يەپ ئىچىشنى مەزمۇن قىلغان ”ئولتۇرۇش“ لىرى بىزگە كىرىپ، ئۆزىمزىنىڭ شاتلىق، شاشلىق، شەرەندازلىققا تويۇنغان مەشرەپلىرىمىز يەپ ئىچىدىغان ”ئولتۇرۇش“ قا ئايلىنىپ قالغانمىدۇ؟ بوۋىلىرىمىزدىن قالغان مەشرەپتىن شەرەپ قۇچتۇق، نامىمىز ب د ت نىڭ تىزىملىكىگە پۈتۈلدى، بىزدىكى بۇ ئولتۇرۇشلاردىن كېيىنكىلەر نېمە ئۇتار؟ 04r$>#E  
>u9 Nz0?j  
بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ دەپ بېرشىچە مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن ”مەدەنىيەتلەردىن مەلۇمات“ پائالىيىتىدە ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ شاراپىتىدىن خېلى نام چىقىرىپ قاپتۇ، ئازاراق پۇللۇقمۇ بولۇپ قاپتۇ. پائالىيەتتە بىر شىرەگە ئۇيغۇرلارنىڭ كەشتىلىك داستىخېنىنى سېلىپ، پولۇ، سامسا، قۇيماق، گوشنان قاتالىق تاماقلارنى تىزىپ كەينىدە باشقا شىتاتلاردىن يارىدەمگە كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن دۇتار، تەمبۇر ۋە داپنى چېلىپ ئۇيغۇرچە كىيىنىپ تۇرۇپتۇ. خەلق ناخشىلىرىدىن ئارىيە ئوقۇلغاندا ئولۇشۇۋالغان زىيارەتچىلەر نوۋەت ئۇسۇللۇق ناخشىغا كەلگەندە يوپۇرلۇپلا  قوشۇلۇپ ئۇسسۇلغا چۈشۈپتۇ. ئون بەش مىنۇتقا قالماي ئەتكەن تامىقى تۈگەپتۇ، تاماققا تاپقان كەشتىلىك ياپقۇچ، كەشتىلىك داستىخان، دۇتار سېتىلىپ كېتىپتۇ. يەرلىك ئامېرىكىىقلار ساتمايمەن دېگەنگە قويماي تەمبۇر ۋە داپنى چۆرگىلەپ كېتەلمەي قاپتۇ. بۇ ئۇنۋېرىستىتنىڭ ”مەدەنىيەتلەردىن مەلۇمات“ پائالىيىتى خېلى داڭلىق بولغاچقا ئۆز مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانلىرى ئوقۇغۇچىلىرىنى تەشكىللەپ ئالاھىدە كۈچ چىقارغانىكەن. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇنچە ھەشەم دەرەملەرگە مۇيەسسەر بولالمىغان بولدىسمۇ شۇ قېتىمىلىق پائالىيەتتە ئەڭ خېرىدارلىق بولۇپ يەرلىك گېزىتلەر ۋە تېلۋىزورلاردىن ئورۇن ئاپتۇ. 2008-يىلى مەن ئەسلى چوڭچىڭغا خەنسۇچە ئۆگەنگىلى كېلىپ تۇيۇقسىز ئۇيغۇرچە ئۆگىنىشكە ئۆزگەرگەن ئامېرىكىلىقتىن ئىگىلىشىمچە، شۇ شەھەردە ئوقۇغۇچىلار ئورۇنلاشتۇرغان بىر ئۇيغۇر مەشرىپى ئۇنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە مەھلىيا قىلىۋالغانىكەن. ئويلاپ قالدىم، بىزنىڭ ئوقۇغۇچى بالىلار  ئورۇنلاشتۇرغان، سەھنىلەردىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن مەشرەپلەر جوڭگۇدا ۋە ئامېرىكىدا شۇنچە تەسىر قالدۇرۇپتۇ، ئەگەر ئاتا بوۋىلىرىمىزدىن مىراس قالغان ھەقىقى مەشرەپنى داۋام قىلالىغان بولساق بۇنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائى ئۈنىمى يانچۇقىمىزنى توم، يۈزىمزنى يورۇق قىلماسمىدى؟ w+1Gs ;  
Z{'i F   
ئۆملۈككە، قېرىنداشلىققا تەشنا ئۇيغۇر مەشرەپسىز ياشىيالمايدۇ. ھازىرقى چايلار ۋە ‘ئولتۇرۇش“ لىرىمىز دەل شۇ بوغۇندىن بوغۇنغا داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان مەشرەپلىرىمىزنىڭ ئۆزگەرگەن  شەكلىدۇر. ھازىر مەشرەپلىرىمىز ئىكىرانلاشتى، بۇ مۇزىيلىشىشنىڭ باشلىنىشى خالاس. چۈنكى ئىكىرانلاشقان مەشرەپتە ئۇيغۇر پەقەت تاماشابىنىلا بولالايدۇ، ئىشتىراكچى بولالمايدۇ. بۇنداق مەشرەپ ئىكىراننى باشقۇرغۇچىلارنىڭ مەشرىپى خالاس، ئۇنىڭ قايسى شەكىلدە بولۇشى تاماشابىننىڭ ئىلكىدە ئەمەس. ئەسلى ئۇيغۇرنىڭ تۇرمۇشىدىكى مەشرەپتە ئۇيغۇ سەنئەتنىڭ سەيلىچىسى، ئىشتىراكچىسى ۋە ياراتقۇچىسى ئېدى. ياراتقۇچىسىز قالغان سەنئەت، ئىشتىراكچىسىز قالغان مەدەنىيەتنىڭ بارار يېرىنىڭ مۇزىي بولىدىغانلىقى تارىختىن بىزگە سىر ئەمەس. مەشرەپلا ئەمەس، بىزنى ئورىغان دۇنيا، كۆزىمىزدىكى رىياللىق ۋە پۈتكۈل تەئەللۇقاتلىرىمىز ئۆزگەرمەكتە، ئېچىنىشلىق يېرى بىزنىڭ بۇلارغا پەقەت سەيلىچى بولۇپ قالغىنىمىزدۇر. H@]MXP[_  
A'P(a`  
hy|b6wF&  
F;^F+H  
r(gXoq_w  

مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 3 پارچە مۇنبەر پۇلى +90
spoon مۇنبەر پۇلى +10 09-13 ئېسىل
tewelgha مۇنبەر پۇلى +50 09-12 ئەتراپلىق پىكىر
moghal مۇنبەر پۇلى +30 09-12 تېتىملىق چاپلىما ئىنكاس.
 
Kunduz^_^ay
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3630

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1424 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   17878 (سوم)
 ياخشى باھا:   1386 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   3604  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5181
 سائەت
دەرىجىسى:
5181 سائەت 89 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-09
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-12

قاپاق خېنىم سىزگە رەھمەت، مۇشۇنداق بىر ئېسىل ئەسەرنى مۇنبەرگە يوللغىنىڭىزدىن تۇلىمۇ مەمنۇن بولدۇم. ئاپتۇرنىڭ قەلەم قۇۋىتى، ئەقلى تەپەككۇرىغا ئاپىرىن! ھەممىمىز كۆرۈپ ئويلاپ باقايلى!!!
 
سېنى بويسۇندۇرغان كىشنىڭ ساڭا قىلغان ۋەدىسى ۋە تەسەللىسى، غەلبىدىن كېيىن سىنىڭ ئالدىڭدا كۆرەڭلىگىنىدۇر!
svkvtkil
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.55856

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   44 (سوم)
 ياخشى باھا:   5 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 39
 سائەت
دەرىجىسى:
39 سائەت 11 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-09-10
ئاخــىرقىسى:2011-09-12
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-12

''پالانچى دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ساز ئۆگىنىۋاتىدۇ'' ، ''بالام تۈزۈك ئوقۇيالمىدى ، سەنئەت مەكتەپكە ئاپىرىپ بەردىم''  ، ''بۇ بالا سەل مەكتەپ بىلەن خۇشى يوق چىقتى ، ئۇسۇل ئۆگىنىۋاتىدۇ '' ، ''پالانى ئوقۇشنى تاشلاپ ساز چىلىپ پۇل تىپىۋاتىدۇ ، دەيدۇ ''``````مۇشۇنداق '' ھىچ ئىش قىلالمايدىغان'' لارمۇ سەنئەتكە ''بەك ئىپىمىز بار'' ئەمەسمۇ بىز خەقنىڭ ،شۇڭا ''سىلەرنى تۇغۇلمىشىدىن سەنئەتكە ماھىر دەپ ئاڭلىغان،راستىنلا ھەممىڭلار ئۇسۇل ،سازغا ئۇستىمۇ؟''دەيدۇ ئەمەسمۇ باشقىلار ''مەن شىنجاڭدىن ''دەپ بولغۇچە
 
moghal
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.19333

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   763 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1015 (سوم)
 ياخشى باھا:   272 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   350  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5745
 سائەت
دەرىجىسى:
5745 سائەت 195 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-27
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-12

ماقالىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان  قاراشلارنىڭ خېلىلا  جېنى بار لېكىن بۇ ھەقتە بەكمۇ ھاياجانلىنىپ كىتىشكە بولمايدۇ. * 
ئۇيغۇر نىمىشقا ناخشا- ئۇسۇلغا شۇنچە ھىرىسمەن ؟ بۇنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا كۆپلىگەن تورداشلار تەپسىلى ئويلانمىغان بولىشى مۇمكىن، بىزنىڭ بۇنداق بولۇپ قېلىشىمىزمۇ تاسادىبى بولغان ئەمەس. b3VS\[p  
  ئالدى بىلەن بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز  قەشقەر، ئۇدۇن  (خوتەن)،  ساكارائۇل (يەكەن)، بارچۇق ( مارالبېشى) بالچىق ( ئاقسۇ ) كۇسەن ( كۇچار) كىنگىت ( قارا شەھەر) بېشبالىق، ئالمالىق، ئىۋىرغول( قۇمۇل) ئىدىقۇت( تۇرپان) قاتارلىق بوستانلىقلاردا ياشىغان، بىر بوستانلىقتىن يەنە بىر بوستانلىققا يىتىپ بېرىشقا نەچچە ئون كۇن كىتىدۇ، ئەتراپى كەڭ كەتكەن جەزىرە، شۇڭا  مىللى پىسخىكىمىزدا « ھەممىنى سىغدۇردىغان » قۇملۇق پىسخىكىسى يىتىلگەن، ئۇزاق قەدىمى زاماندىن بىرى ئەجدادىمىز ئۇرۇش بورىنىغا دۇچ كەلمىسىلا كۇنلىرىنى ناخشا مۇزىكىلار بىلەن خوشال ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلىنىپ كەتكەن. uDZT_c'Y  
يەنە بىرى ئۇيغۇر دىگەن بۇ قەۋىمنىڭ تەركىبى بەكمۇ مۇرەككەپ، ئۇنىڭدا ئەسلىدىنلا تەكلىماكان  گىرۋەكلىرىدە ياشاپ كەلگەن يەرلىك خەلىقلەرمۇ، كېيىنچە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە سىڭدۈرۋەتكەن تۈركى قەۋىملەرمۇ، كېيىنكى چاغلاردا موڭغۇل  يايلاقلىرىدىن كۆچۈپ كەلگەنلەرمۇ، ھىندىستان تەرەپتىن كەلگەنلەرمۇ، چىنگىزخانغا ئەگىشىپ كەلگەنلەرمۇ،  خەن سۇلالىسى ۋە كېيىنكى سۇلالىلەردە شىنجاڭغا كىلىپ يەرلىكلىشىپ كەتكەن خەنلەرمۇ بار، دىمەك مانا مۇشۇنداق كۆپخىل قەۋىمدىم تەشكىل تاپقان  بۇ خەلىق، تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدەك جاغجىراپ كەتكەن بۇ زونىلاردا ناخشا ئۇسۇلنى ھاياتىنىڭ ئايرىلماس قىسمىغا ئايلاندۇرغان. !e?.6% %   
مۇزىكا سېزىمى كۈچلۈك بالىنى بەكمۇ ئەقىللىق بولىدۇ دەپ قويىشىدۇ، بىز خەقنىڭ مۇزىكا ھۆجەيرىمىز باشقا خەقلەرگە قارىغاندا كۈچلۈك بولسا كېرەك، بىزگە رېتىمى ياخشى ھەرقانداق بىر خەلىقنىڭ ناخشىسى ياراۋېرىدۇ، بىچارە، كەمبىغەل، ئىقتىدارسىز ناخشىچىلىرىمىز بىزنى قاندۇرغۇدەك ناخشىلارنى كۆپلەپ ئىجات قىلالمىاي ئىھتىياجىمىزدىن كېيىن قالغان بولغاچقا دەسلەپ رۇسلارنىڭكىنى، ئاندىن ھىندىلارنىڭكىنى، ئۆزبېكلەرنىڭكىنى، تۇركلەرنىڭكىنى ھەتتا ياپون، كورىيە خەنسۇ ناخشىلىرىمۇ بىزنىڭ بۇ خىل ناخشىغا بولغان ئېچىرقىشىمىزغا دەرمان بوپ كەلدى، مەيلى نىمە بولمىسۇن ناخشىغا دۇم چۈشكەن بىزدەك خەلىقنىڭ ئەجدادى ھىچ بولمىسا مۇقاملارنى بولسىمۇ مەيدانغا كەلتۇرۇپ قويۇپتىكەن، بۈگۈن كۈنلىكتە شۇ بولسىمۇ بىزنى خەلقئالەمگە مەشھۇر قىپتۇ. *2X0^H|dS  
  بۈگۈن كۈنلۈكتە مۇقاملاردەك بۈيۈك كۈيلەرنى  ۋۇجۇتقا چىقىرىدىغان ئەۋلاتلىرىمىز بولمىغاندىكىن نىشانىمىزنى  خىيالپەرەسلىكتىن  ئەمەليەتكە يۆتكەپ  ، ئىلىم- بىلىم ئارقىلىق كەلگۈسىنىڭ  بىزنى خەلقئالەمگە نامايەن قىلىدىغان ئەۋلاتلىرىنى يىتىشتۈرىشىمىز لازىم. Z R'H \Z  
  ماقالىدا دوكتۇر ئاسپىرانىتلىرىمىزنىڭ ئازلىقىدىن ۋايساش باركەن، قارىشىمچە ئۇلارنىڭ پۈتۈن نۇپۇستا ئىگەللىگەن نىسبىتى ئاز بولسىمۇ لېكىن ھەر ھالدا ياخشى، ھەممە خەلىقنى دوكتۇر قىلىپ تەربىلىگىلى بولمايدۇ، شۇنداق ئىكەن ئازغىنا دوكتۇرلارغا تايىنىپ خەلىقنىڭ ساددىلىقىنى ئۆزگەرتىش مۇمىن ئەمەس، شۇڭا ھەممىدىن موھىمى مائارىپ، 150 نۇمۇرلۇق ماتىماتىكا سۇئالىدىن 30 نۇمۇرغا ئىرىشەلمىگەن پەرزەنتلىرىمىز شۇنچە كۆپ، 32 ھەرپىمىزنى كىشى قەلبىنى خۇشاللىققا جۈر قىلغۇدەك ھالەتتە يازالايدىغان پەرزەنتلىرىمىز شۇنچە ئاز. M^]cM(swK5  
  ئاشۇ چوڭ سۆزلىگىنى بىلەن يېزىۋاتقان خەتلىرى ئادەمنى ھۆ قىلدۇردىغان «ئالى مەكتەپ »  ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى كۆرگىنىمدە كۆڭلۇم شۇنچە يېرىم بولىدۇ، 40 ئوقۇغۇچىمنىڭ پۇچىركىسىغا بىرمۇ بىر نەزەر سالدىم، ئاران ئۈچىلا خېلى چىرايلىق يازىدىكەن، بەزىلەرنىڭ ئالى مەكتەپكە قانداق كەپ قالغانلىقىغا ھەيران قالىمەن، بىز دۆت ئەمەس، چۈنكى بىزنىڭ مۇزىكا سېزىمىمىز بەك كۈچلۈك، بىز ھورۇن، قوساق تويسىلا كۆڭۇل ئېچىشقا ئۈگىنىپ قالغان. ;"m ,:5%  
  شۇڭا بىز چوڭ ئىش قىلالمىساقمۇ 32 ھەرىپىمىزنى چىرايلىق يېزىشنى ئۈگىنەيلى، تۈنۈگۈن يېڭىدىن كەلگەن بىر ئوقۇغىمنىڭ دادىسى بالىسىنى مەكتەپكە تىزىملىتىتىدىغان چاغدا بىر جەدۋەلگە ئىسمىنى لاتىنچە يېزىق ( يېڭى يېزىق) تا يازدى، ھەيران بولۇپ ئۇنىڭغا قارىدىم، ئۇ خىجىل بولماستىن « يېڭى يېزىقتا ئوقۇغانتىم، كونا يېزىقنى ئۈگننىپ بولالمىدىم » دەيدۇ، ئۇ كىشى تېخى دۆلەت كادىرىكەن. 32 ھەرىپنى 1986- يىلدىن ھازىرغىچە بولغان 25 يىلدا ئۈگىنىپ بولالماپتۇ، چۈنكى 86- يىلىدىن باشلاپ ھازىرقى يېزىققا كۆچكەنكەنمىز، خەلقىمىز مۇشۇنچە نادان تۇرسا، ئۇلارنىڭ قارىداپ كەتكەن كۆڭۇللىرىنى ئاقارتماي تۇرۇپ  ، ناخشىنىڭ خەلىقنى « خىيالپەرەسلىككە باشلايدىغان » شەيتان يولى ئىكەنلىكىنى قانداقمۇ  ھىس قىلدۇرغىلى بولسۇن ؟! W='> :H  
  ھازىرقى شارائىتتا دوكتۇرلىرىمىزنىڭ قانچە ئىكەنلىكى بىلەن  ئەمەس بەلكى 32 ھەرىپىمىزنى چىرايلىق يازالايدىغانلارنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى بىلەن پەخىرلەنسەك بولىدۇ.
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +20
kulpat مۇنبەر پۇلى +20 09-12 -
 
ھەقىقەت ئىشىكىنى داۋراڭ سېلىپ پو ئاتىدىغانلار ئەمەس، ئۈن -تۇنسىز  ئىشلەشنى ئادەت قىلغان تاماسىز كىشىلەر ئاسان تاپالايدۇ.
APANDIM0903
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.41613

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   204 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   786 (سوم)
 ياخشى باھا:   173 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1126
 سائەت
دەرىجىسى:
1126 سائەت 64 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-21
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-12

بۇلارغا نىمە دىگۈلۈك ئەمدى؟؟؟؟؟
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +11
Kunduz^_^ay مۇنبەر پۇلى +11 09-12 بىر توپ تېتىقسىزلار!!!
 
زىياپەتتە ياخشى تائام ئالدىڭغا قۇيۇلسا ،ئالدىراپ كەتمە،سۇنى تېز ئېچكەن ئادەم تېز ئۇسسايدۇ،ئالدىراڭغۇلۇق شەيتاندىن...
tewelgha
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.18902

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   625 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8711 (سوم)
 ياخشى باھا:   441 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   310  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6018
 سائەت
دەرىجىسى:
6018 سائەت 272 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-24
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-12

مېنىڭچە موقام دەل ئەجداتلىرىمىز ياراتقان مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ نامايەندىلىرىنىڭ بىرى ،ئۇ ھەم ئەجداتلىرىمىزنىڭ تارىختا يوقۇرى  ماددى مەدەننىيەت  ياراتقان مىللەت ئىكەنلىگىنىڭ ئىسپاتى .(قورساق ئاچ بولسا ھىچكىمگە ناخشا خوش ياقمايدۇ).بىراق ،بۇ مەنىۋى مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش ئۇسۇلىمىزدا بارغانچە مەسىلە كۆرىلىۋاتىدۇ .قارا تىل بىلەن ئىيتسام  ناخشا -ئۇسۇللىرىمىز جان بىقىشنىڭ ئاسان يولى بولۇپ قىلىپ،ئەمگەك خوشياقمايدىغان كىشىلىرىمىزنىڭ ھەممىسىلا مۇشۇ يولنى تاللاپ ،بۇ كەسىمنى پايپاقلاشتۇرۋەتتى.ئەكسىنچە ،باشقا ھۆنەر كەسىپلىرىمىزنى تەرەقىي قىلدۇرۇشقا قىزىقىدىغانلار ئازلاپ كەتتى .چۈنكى ئۇ كەسىپلەرنى ئۆگىنىشكە زور جىسمانى  ئەمگەك سەرىپ قىلىش كېرەك-تە.گەپنىڭ پوسكاللىسى بىزنىڭ ھۆرۇنلىغىمىز ،بىزنى ناخشا-خۇمار قىلىپ قويىۋاتىدۇ. ?I~()]k5  

 
ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى
moghal
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.19333

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   763 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1015 (سوم)
 ياخشى باھا:   272 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   350  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5745
 سائەت
دەرىجىسى:
5745 سائەت 195 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-27
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-12

[quote]ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 9قەۋەت  APANDIM0903 كە 2011-09-12 01:51 PMئەۋەتىلدى  : "2)H'<  
S/e2P|}  
سىن ھۆججىتىدىكى كۆرنۈشلەرنى كۆرۈپ ئىچىم ئاچچىق بوپ قالدى، روھى نامراتلىق ئادەملەرنى نىمىلەرنى قىلغۇزمايدۇ ھە!
 
ھەقىقەت ئىشىكىنى داۋراڭ سېلىپ پو ئاتىدىغانلار ئەمەس، ئۈن -تۇنسىز  ئىشلەشنى ئادەت قىلغان تاماسىز كىشىلەر ئاسان تاپالايدۇ.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى