ئى مۆمىنلەر ! نۇرۇغۇن گۇمانلاردىن ساقلىنىڭلار(يەنى ئائىلىدىكىلىرىڭلار ۋە كىشىلەرگە گۇمانخورلۇق قىلماڭلار) ، بەزى گۇمانلار ھەقىقەتەن گۇناھتۇر ، ( مۆمىنلەرنىڭ ئەيىبىنى ) ئىزدىمەڭلار ،
بىر – بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار ، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىڭلارنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامسىلەر ؟ ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر ، ئاللادىن قورقۇڭلار ، ئاللا ( تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ قىلغان) تەۋبىسىنى بەكمۇ قۇبۇل قىلغۇچىدۇر ، ( ئۇلارغا ) ناھايتى مېھرىباندۇر .(سۈرە ھۇجۇرات ، 12-ئايەت)
j2hp*C'^ 8feLhWg'P 2.a{,d HIlTt غەيۋەت(ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يىيىش) دېگەن نېمە ؟ بىراۋنىڭ ئالدىدا دىگىلى بولمايدىغان ئىللىتى ، يىتەرسىزلىكى ۋە كەمچىللىكىنى ئۇ يوق يەردە دىيىش دەل غەيۋەت(ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يىيىش)تۇر.
'z};tIOKJk -ozcK ئۆزۈمنىڭ قاچاندىن بېرى ئۆلگەن قېرىندىشىمنىڭ گۆشىنى يىيىشنى باشلىغانلىقىمنى ئەسلەشكە باشلىدىم . راستىنى دېسەم زادى قاچاندىن باشلانغانلىغىنى تازا ئەسكە ئالالمىدىم .
dhr-tw zwlz zqV باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ۋاقىتلىرىمدا بىزدىن بىر سىنىپ يۇقرى ئوقۇيدىغان بىرى بولىدىغان ( ئىسمى ئىسىمدە قالماپتۇ) ئۇنىڭ تىنىقى تۇلىمۇ سېسىق پۇرايتتى. بىز ساۋاقداشلار ئۇ يوق يەردە دائىم ئۇنى مەسخىرە قىلىپ كۇلىشەتتۇق.
|@MGGAk 3pkx3tp{ تۇلۇقسىز ئوتتۇردىكى ۋاقتىدا بىر قانچە ساۋاقداشلىرىمنى« قىمارۋاز ، ھاراق ئىچىدۇ، تاماكا چىكىدۇ، بەكلا ئۆزگىرىپ كەتتى »دەپ كۇسۇرلىغىنىم ، ئۇلارنى مەسخىرە قىلغىنىم ئىسىمدە .
5pxw[c53# 6?l|MU"Q. ئۇندىن باشقا يەنە ئۆز كەمچىللىكىم ۋە يالغانچىلىقلىرىمنى يېپىش ئۈچۈن باشقىلارنى چۈشۈرگەنلىكىم ، باشقىلارنى سۆكۈش ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ ئۇلاردىن ياخشىلىقىمنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنغان ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆز – ئۆزۈمدىن قانائەتلىنىش ، پەخىرلىشى تۇيغۇسىغا ئىرىشكەن ئەخمەقلىقىم ئىسىمگە كەلدى.
HwBJUr91] ;E\ e.R يىراقنى قويۇپ قويۇپ ، يېقىنىنى ئويلىدىم :
;.d{$SO h]^=
y.Q -ئۇ بەكمۇ ھېلىگەر ، ئۆزىنىڭ ئىشىنى باشقىلارنىڭ ئىشى قىلىپ قويۇشقا ئۇستا – بىر دوستۇمنى ئۆزى يوق يەردە يەنە بىر دوستۇمغا شۇنداق دەپ سۈپەتلەپ بەرگىنىم ئېنىق ئېسىمدە .
r
4+%9) t&(\A,ch
% -ئۇنىڭ كاللىسىنىڭ ئىشلەيدىغانلىغى راسىت ،ئەمما ئۇنىڭ سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك ئەمەس، ئوتقا باشقىلارنى ئىتتىرىپ قويۇپ ، ئۆزىنى تارتىۋېلىشنى بەكمۇ بىلىدۇ. ئادەمنى خۇددى مايمۇندەك كولدۇرلىتىپ ئوينايدۇ بەزىدە –دوستۇمغا يەنە باشقا بىرەيلەننى شۇنداق دەپ تىللاپ بەرگىنىممۇ ئون تۆت كۈنلۈك ئايدەك ئۆزۈمگە ئايدىڭ.
,k6V?{ZA -+ Mh('K G-R
E 22v=
A6 = ئويلاپ باقسام « ئۆلگەن قېرىندىشىمنىڭ گۆشىنى يىيىش » تىن ئىبارەت بۇ يىرگىنىشلىك ئادەت مەندە ئىزچىل داۋاملىشىپ كەپتۇ. مەنمۇ خۇددى خۇمار بۇلۇپ قالغاندەك كۆڭلۈم باشقىلاردىن سەل ئازار يېسىمۇ ، ئۆزەمنى تۆۋەن كۆرسەممۇ ، باشقىلارنىڭ كىيىنىشى ، ئىش – ھەرىكىتى كۆزۈمگە سىغىمىسىمۇ ئاشۇلارنى باشقىلارغا ( ئۆزىگە ئەمەس) سۆزلەپ بىرىش ئارقىلىق ۋايساپتىمەن ، ئۇلارنى يۈشۈرۈن مەسخىرە قىلىپتىمەن ، ئۆزۈمنى ئالىجاناپ كۆرسىتىپتىمەن. قۇرۇپ كەتسۇن ئۇنداق ئالىجاناپلىق . ئەمەلىيەتتە مەن «ئۆز قېرىندىشىمنىڭ گۆشىنى يەپتىمەن» ئەمەسمۇ ؟!
.v#Tj|w^ d>`s+B9K0 خەير ، ئۆتكەن ئۆتۈپ كەتتى، ئۇنى ياندۇرىۋالغىلى بولمايدۇ . ( ئەمما ئىسىمدە قالغان مەن غەيۋىتىنى قىلغان كىشىلەرگە راسىت گەپنى دەپ ئۇلاردىن كەچۇرۇم سورىغىلى ، ئۇلاردىن رازىلىق ئالغىلى ۋە گۇناھلاردىن پاكلانغىلى بۇلىدۇ) . ھەرھالدا كىچىككەن بولساممۇ « ئۆز قېرىندىشىمنىڭ كۆشىنى يەۋاتقانلىقىمنى» بىلىپ قالدىم . ئەلۋەتتە بۇ بىر ئۆمۈر بىلمەي ئۆتۈپ كەتكەندىن يۈزمىڭ ياخشى . شۈكۈر!!!
#j6qq
3OG jsIT{a*] ئەمدى « ئۆز قېرىندىشىمنىڭ گۆشىنى يىيىش»تىن توختىشىم ، تىلىمغا چولۋۇر سېلىپ ئۇنى توغرا يولغا يىتەكلىشىم ۋە ئۆز – ئۆزۈمگە نېمە ئۈچۈن ئېغىزنىڭ بىر ، قۇلاقنىڭ ئىككى قىلى يارىتىلغان ھېكىمىتىنى سۆزلەپ بىرىشىم كېرەك.
zFO#oW,D u~j&g شۇنداق قىلاي ، بۇ بايقاش ئەلۋەتتە قەلبىمنى پاكلاش سەپىرىدىكى يەنە بىر ئۇتۇقلۇق ، مەنىلىك قەدەم بۇلۇپ قالغۇسى .
[O^mG
9 tp3
!6I6 :LX
(9f pq<2:F:Kl 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
`:;fc [ بۇ يازما izchilar تەرپىدىن 2011-09-11 01:27 AM دە ]