روزى ھېيىتنىڭ ھارپا كۈنى، بىر دوستۇمنىڭ تۇنۇشتۇرشى بىلەن ، مەن بۇ بىچارىلەرنىڭ ئۆيىگە باردىم.( مىنى شۇ دوستۇم باشلاپ بارغان ئىدى)
w8S!%abl1 بىز ئۆينىڭ ئالدىغا كىلىپ، ئىشىكنى چەكتۇق. قارىماققا 70 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان، قېرىلىقمۇ ياكى كىسەل ئازاۋىدىنمۇ..... ئېيتاۋۇر بەللىرى مۈكچۈيۈپ كەتكەن، كۆزلىرى نۇرسىز.... بىر موماي ئىشىكنى ئاچتى. بىز ئۆيگە كىرىپ، سالاملاشقاندىن كىيىن ، ئۆي ئىچىگە سىنچىلاپ قارىدىم.ئۆي ئىچىدىن بوران ئۇچۇپ تۇراتتى. بۇ ئۆيدە ئىتتىك كۆزگە كۆرىنىدىغىنى- ئۆينىڭ بۇلۇڭىدكى بىر دانە كونا مەش بىلەن،مەشنىڭ يېنىدا دۆۋلەپ قۇيۇلغان 20_30 جۈپ كونا ئاياق ئىدى. بۇنىڭدىن، بۇلارنىڭ مۇشۇ ئاياغلارنى يېقىلغۇ قىلىپ، تاماق ئېتىپ يەيدىغانلىغى چىقىپ تۇراتتى...بۇ ئۆي 20پىڭپاڭ ئەتراپىدىكى بىرلا ئېغىز ئۆي بولۇپ، بىر چەتتە يېڭى تۇغۇتلۇق بىر ئايال ياتاتتى.ئۇندىن باشقا، بىرى 7 ياش،يەنە بىرى 4ياشلىق ئىككى ئوغۇل بالا تۇراتتى. بۇ بالىلارغا قاراپ، ئىچىم سېرىلىپ كەتتى. چۈنكى بالىلارنىڭ ئۇچىسىدىكى كىيىملەرنىڭ رەڭگىمۇ قالمىغان بولۇپ، چوڭىنىڭ شىمىنىڭ ئىككى يىرىگە ياماق چۈشكەن ئىدى. مۇماينىڭ چۈشەندۈرشى ۋە مىنى باشلاپ كەلگەن دوستۇمنىڭ تۇلۇقلاپ چۈشەندۈرشى بىلەن بۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئاساسەن خەۋەر تاپتىم.
\NZIEu)5? بۇلار ئەسلى قەشقەردىن بولۇپ،مۇندىن ئىككى يىل ئىلگىرى،مۇماي 50 يىللىق ھاياتىنى بىللە ئۆتكۈزگەن، جۈپتىنى رەھىمسىز تەقدىر ئۇ ئالەمگە ئېلىپ كەتكەندىن كىيىن،ئائىلىسى ئەزەلدىن نامرات بولغاچقا ھەم مەرھۇم يولدىشىنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ تىل-دەشنەملىرى تۈپەيلى(ئۇلار،ئاكامنى داۋالاتمىدىڭ.ئاكام سەنلەرنىڭ سەۋەبىدىن نا ھەق ئۆلۈپ كەتتى...دىگەندەك) ئامالسىز بىردىن بىر يۈلەنكۈكى بولغان ئوغلىنى باش پاناھ قىلىپ، بۇ شەھەرگە مۇساپىر بۇلۇپ چىقىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن موماينىڭ يالغۇز ئوغلى، بەزىدە ئىشلەمچىلىك قىلىپ، بەزىدە ئۇششاق تىجارەت قىلىپ، بۇ ئائىلىنى بېقىپ كىلىۋاتقان ئىكەن. بۇ يىل 4-ئايدا بۇلار بىردىن بىر يۈلەنچۈكىدىنمۇ ئايرىلىپ قاپتۇ.( مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن ئوغلى توخـتۇتۇلۇپ قۇيۇلغان) بۇ لار ئوغلىدىن قالغان ئۈچيۈز نەچچە يۈەن پۇل بىلەن ئىككى ئاينى ئۆتكۈزۇپتۇ، ئۇ پۇلمۇ تۇگەپتۇ. بۇ ئائىلىدە ئىشلەپ پۇل تاپقىدەك كىم بار دەيسىز؟ ئاشۇ پەيتلەردە(مۇندىن ئىككى ئاي بۇرۇن ئۇلارنىڭ بىر كۈنلۈك قۇرساق تويغۇزۇشنىڭ غىمىدە يۈرگەندە) كىلىنىنىڭ كۆزى يورۇپ، بۇ دۇنياغا_ بۇ بىچارىلەر ئائىلىسىگە يەنە بىر ئەزا قۇشۇلۇپتۇ. خەيرىيەت، بۇلارنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرگەن خۇلۇم_خوشنىلار ئاز-تولىدىن ياردەم قولىنى سۇنۇپ،بىر-ئىككى يۈەندىن پۇل،بىرەر چىنىدىن ئۇن ياردەم قىلىپتۇ. بۇ مۇماي ئەتكەن تاماقنىڭ قويىقىنى تۇغۇتلۇق كىلىنىگە بىرىپ، سۈيىقىنى ئككى نەۋرىسى بىلەن ئۆزى يەپتۇ. بىچارە مۇماي، خوشنىلارنىڭ زورلىشى بىلەن،مەھەللە مۇلازىمەت ئورنىغا بېرىپ ھال ئېيتىپتۇ. ئەپسۇس.ئۇلارنىڭ نۇپۇسى بۇ شەھەرنىڭ بولمىغاچقا ،ھۆكۈمەت تەرەپتىن بىرلىدىغان تەمىناتتىن بەھرىمان بۇلالماپتۇ، ئەمما ھەر-ھالدا مەھەللە مۇلازىمەت ئورنىدىكىلەر ، 5-10 يۈەندىن ياردەم قۇلىنى سۇنۇپ،60 يۈەن پۇل يىغىپ بىرىپتۇ. بىچارە مۇماي ئىككى نەۋرىسىنى ئەگەشتۈرۈپ،(بىرى 7ياش، بىرى 4 ياش)ئەتتىگەندىن كەچكىچە بوتۇلكا يىغىپ،بىر-ئىككى يۈەنگە ئىشلەيدىكەن. بىر-ئىككى يۈەن پۇل بۇ بەش نۇپۇسلۇق ئائىلىنىڭ نىمىسىگە يىتىدۇ دەيسىز؟ بىچارە مۇماي، ئاخىرى ئامال بولماي، مەسچىدلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ تىلەمچىلىك قىپتۇ، ئەمما ‹بىتەلەيگە سۇ كەلسە،قوش ئۆستەڭدىن يا كەتتى› دىگەندەك،مەسچىتنىڭ ئالدىدىكى كەسپى تىلەمچىلەر، بىچارە مۇماينى سىغدۇرماي، تىل-ھاقارەتلەر بىلەن مەسچىدلەرنىڭ ئالدىغا كەلتۈرمەپتۇ.......
t]jFo بۇ ئەھۋاللانى ئۇققاندىن كىيىن،مىنىڭ ئىچىمنى زەھەرلىك يىلان چېقىۋالغاندەك، قاتتىق ئېچىشىپ كەتتى. مەن ئەسلى بۇ بىچارىلەرگە 50يۈەن ئاتاپ كەلگەن ئىدىم. يانجۇقۇمنى ئاقتۇرسام، ئاتاپ ئەكەلگەن 50يۈەندىن باشقا 145يۈەن چىقتى، مەن 35يۈەننى كىراغا ئېلىپ قېلىپ، قالغان160 يۈەننى مۇماينىڭ قۇلىغا تۇتقۇزدۇم. مىنى باشلاپ كەلگەن دوستۇممۇ 50يۈەن بەردى.مەن مۇمايغا ئەتە (ھېيت كۈنى) يەنە يوقلاپ كىلىدىغىنىمنى ئېيتىپ خوشلۇشۇپ ماڭايلى دەپ تۇرشىمزغا، بۇ ئۆيگە بىر يولداش كىرىپ كەلدى، ئۇ مۇمايغا قاراپ،ئەمدى ئۆينىڭ ئىجارىسىنى بەرمىسە يەنە 3 كۈن ئىچىدە ئۆيدىن كۈچۈشى كىرەكلىكىنى ئېيتتى. بۇ كىشى دەل مۇشۇ ئۆينىڭ ئىگىسى ئىدى.مەن بۇ يولداشقا بۇ ئۆينىڭ ئىجارىسىنى مىنىڭ بىرىدىغانلىقىمنى، بۇلارنى قىستىماسلىقىنى ئېيتتىم.شۇنداق قىلىپ.5 ئايلىق ئۆي ئىجارىسىنى(180يۈەندىن جەمئى:900يۈەننى 9- ئاينىڭ 10 كۈنىگىچە مەن بىرىدىغان بولۇپ، كىملىكىمنىڭ ۋە ۋاقىتلىق ئولتۇرۇش نۇپۇس كىنىشكەمنىڭ كۈپەيتمىسىدىن بىردىن بىرىپ، قايتىپ كەلدىم. ئەتىسى(ھېيت كۈنى) ئەتتىگەندە،ھېيتتا خىراجىت قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ قويغان 500يۈەندىن 200يۈەننى ئېلىپ،ئۇلارنى يوقلاپ كەلدىم.(چۇنكى مەنمۇ بىر ئاددى تىجارەتچى،ئىقتىسادى ئەھۋالىم شۇنچىلىك.) قايتىپ كىلىپ، يېقىن ئۆتكەن تۇنۇش-بىلىشلەرگە بۇ ئەھۋالنى ئېييىتتىم.ئۇلارنىڭ بەزىللىرى،‹كىيىنچە يوقلاپ بارارمىز› دىدى،بەزىللىرى ئاز-تۇلىدىن پۇل تاشلىدى،يەنە بەزىللىرى خۇددى ماڭا بىرىۋاتقاندەك، ئىنتايىن سېسىق گەپلەر بىلەن، دوق قىلىپ مىنىڭ قۇلۇمغا،ئاز-تۇلىدىن پۇل تۇتقۇزۇپ قويدى،يەنە بىر نەچچەيلەن، ماڭا ئىشەنمىدىمۇ،ياكى ئۆز كۈزى بىلەن كۆرۈپ باققىسى كەلدىمۇ، ئىش قىلىپ مەن بىلەن بىرگە باردى.شۇنداق قىلىپ ھېيتنىڭ 3-كۈنى بىرنەچچەيلەن، يىغىلغان 550يۈەن پۇلنى ئېلىپ بۇ بىچارىلەرنى يوقلاپ كەلدۇق.بىز بارغاندا ئۆينىڭ ئىگىسى سىرىتتا بار ئىكەن، ئۇ بىزنىڭ مۇمايغا پۇلنى بىرىۋاتقىنىمىزنى كۆرۈپ قالدى بولغاي،كىرىپلا ئۆي ئىجارىسىنى بىرىشكە قىستىدى. مەن 10-چىسلا بىرىمەن دىسەم ئۇنىماي ئاخىرى 500 يۈەننى ئۇ ئېلىپ چىقىپ كەتتى. مانا بۈگۈن دەل 9- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئۆي ئىجارىسىنىڭ قالغىنىنى بىرىدىغان كۇن.بۇگۈن مەن بارمىسام، ئۆي ئىگىسى ئۇلارنى يەنە كۆچۈپ كىتىشكە مەجبۇرلايدۇ، مەن ئاخىرى ئاددى تىجارىتىمنىمنىڭ دەسمى پۇلىدىن،200يۈەن ئېلىپ ئاپىرپ بەردىم ۋە قالغان 200يۈەننى يەنە 5 كۈن ئىچىدە ئەكىلىپ بىردىغان بولۇپ، قايتىپ كەلدىم.
H %J
aZ?( ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، مەن بۇ تىمىنى يوللاشتىن بۇرۇن كۆپ ئويلاندىم، ھازىر جەمىيەتتە بولۇپمۇ تۇردا تەرەققى قىلغان تىلەمچىلەر( مەدەنە قەلەندەرلەر،ئىلمى دىۋانىلەر) كۆپۈيۈپ كەتتى.بۇ لار:‹ئۇنداق ئېغىر كىسەل، مۇنداق ئېغىر كىسەل..... دىگەندەك ۋاستلەر بىلەن، ھەقىقى ياردەمگە مۇھتاج بولىۋاتقانلارغىمۇ ،ئىشەنگۇسىز قىلىپ قويدى.شۇ سەۋەپتىن ئككىلىنىپ قالدىم .لىكىن بۇ بىچارىلەر كۆز ئالدىمدىن نېرى كەتمىدى، ئاخىرى بۇ يازمىنى ھەرقايسىڭىزلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم. (بەزى ئەھۋاللارنى ئېنىق يېزىشقا مۇمكىن بولماي قالدى،چۈنكى.... توغرا چۈشەنگەيسىزلە)
g[RI.&? e}/Lk5q! ئۆي ئىجارىسىنىڭ 200 يۈەنىنى مەن بىر ئامال قىلارمەن، لىكىن ئۇلار بۇندىن كىيىن قانداق قىلار؟ ھېلىقى نارىسىدە ئىككى بالىنىڭ ئۇچىسىدى كىيىمى كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ، ئاشۇ سەبىلەرنىڭمۇ باشقا بالىلاردەك يىگۈسى،كىيگۈسى،خۇشال-خۇرام يايرىغۇسى....يوقمۇ؟ ھېلىقى 7 ياشلىق بالىنىڭ مەكتەپكە كىرگۇسى يوقمىدۇ؟ تۇققۇز ئاي قۇرساق كۆتۈرۈپ تۇغقان ئاشۇ ئايالمۇ باشقا تۇغۇتلۇق ئاياللاردەك، ياخشىراق كۈتۈنگىسى يوقمىدۇ؟ ئۇ بىچارە ئايال، تۇغۇپ قوپقىچە، بىر لوقما گۆش ئەمەس ھەتتا بىر تال تۇخۇممۇ يىيەلمەپتۇ، ئۇنىڭ ھازىرقى ھالى مۇماينىڭكىدىنمۇ ناچار... ئەگەر شۇ ئايال سەل ياخشىراق كۈتۈنەلىگەن بولسا بۇ كەمگىچە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىشلەپ بۇ ئائىلىنى بېقىپ كىتەلەييىتتى. قىشنىڭ غىمى قانچىلىك ئىكەنلىگى ھەممىمىزگە ئايان.ئۇلار قانداق قىلار؟ ئۇلار مۇشۇ زاماندا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كىتەرمۇ؟بۇنداق دىسەم ھەيران قالماڭ ئۇلا مۇشۇ ھالەتتە ياشىسا قانچىلىك بەرداشلىق بىرەلەيدۇ؟.....مۇشۇنداق بىچارىلەرنىڭ ھالىدىن بىز خەۋەر ئالمىساق كىم خەۋەر ئالار؟ بېشىنى بىز سىلىمىساق كىم بېشىنى سىلار؟....ھەممەيلەن ئويلۇشۇپ كورەيلى!
6tH
O!`}1 ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! دوستلار! ئاكا-ئىنىلەر! ئاچا-سىڭىللار! مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەتراپىمىزدىكى نامرات كىشىلەرگە ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى!
BS Iy+ مەنبە: ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ھەقىقى ئىش.
3$.deYa$R [ بۇ يازما alafasy تەرپىدىن 2011-09-11 10:31 AM دە ق ]