يېپىلغان ئىشىك
J"GsdLG.- ھېكايە
hS &H* %x@bP6d[
ئېھتىبارقىز ئەزىز دۆلەت
kCz2uG)l لالە ئۆزىدىن 15 ياش چوڭ مۇقىيتىنى ياقتۇرۇپ قالدى. شىركەتتىن ئۇلارنى ئويناتقىلى تاغقا ئەچىققاندا تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر يېغىپ كېتىپ چىملىقتا ئولتۇرغان بىر توپ ئادەمنى تەرەپ-تەپكە تېرىۋەتتى. شۇ چاغدا نى «مە، مەن» دېگەن يىگىتلەر تىترەپ، شۈمشىيىپ قارىغاينىڭ ئاستىدا دالدىلىنىپ تىترەپ، شۈمشىيىپ قارىغاينىڭ ئاستىدا دالدىلىنىپ تۇرغان لالەگە چاپان سۇنمىدى، پەقەت مۇقىيتل پېتىنى بۇزماي تۇرۇپ چاپنىنىنى سېلىپ لالەنىڭ مۈرىسىگە ئارتىپ قويغاچ «زۇكامداپ قالماڭ يەنە» دەپ قويدى.
R)$]r>YZF شۇندىن بېرى لالە بۇ كىشىگە سەپ سالىدىغان، ئۇنىڭ ماڭغان-تۇرغىنىنى كۆز سىنىدىن ئۆتكۈزۈپ تۇرىدىغان بولۇپ قالدى. مۇقىيت يىغىنلاردا كۆپ سۆزلىمەيتتى، ئەمما نۆۋىتى كېلىپ سۆز قىلىپ قالغۇدەك بولسا، سۆزى جىڭغا ئولتۇراتتى، پىكىرلىرى ئورۇنلۇق، تەپەككۇرى جانلىق، نۇتقى لوگىكىلىق بولغاچمىكىن، بوش سۆزلىسىمۇ ھەممە ئادەم پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالاتتى. شىركەتتە بولىدىغان ئولتۇرۇش-قوپۇشلاردا ئۇ جەلپكارلىقى ۋە ھازىر جاۋابلىقى بىلەن سورۇنغا باشقىچە خۇشاللىق بېغىشلايتتى-يۇ، ئىچىپ شالاقشىپ ئۆزىنى دەڭسىمەي لاپ ئاتىدىغان بەتقىلىقلارنى قىلمايتتى. تېخى سورۇن تارقىغاندا ئاغزىغا ھاراق ئېلىپ باقمىغاندەك تەمكىنلىك بىلەن ھەممە ئادەمنى بولۇپمۇ قىز-ئاياللارنى بىخەتەر ئۇزىتپ قويغاندىن كېيىن، ئاندىن ماشنىسىنى ئۆيى تەرەپكە بۇرايتتى. «مەن سىزنى ئاپىرىپ قوياي» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ قىزلارغا سۇركىشىپ يۈرمەيتتى.
bJ"2|VNH( كۆيۈش ئازاب، يوشۇرۇن كۆيۈش تېخىمۇ ئازاب. لالە كۆڭلىنى ئىپادىلەشكە پېتىنالماي قىينىلىپ يۈرەتتى. ئۆيىدە ئەتىۋالىق قىز بولسىمۇ ئىشخانىغا كەلگەندە ئۆزىنىڭ ئىش ئۈستىلىدىن ئېشىنىپ، ئۇنىڭكىنىمۇ سۈرتەتتى، چاي دەملەپ قوياتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بېرىدىغان ھەر قانداق پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىككە تىرىشاتتى. مۇقىيتنىڭ گېلى ئاغرىپ قېلىۋېدى، ئۇ دەرھال دورا ئەكىلىپ ئۇنىڭ ئۈستىلىگە چاندۇرماي قويۇپ قويدى. ئۇنىڭ ئۆپكە-ھېسىپكە ئامراقلىقىنى بىلۋالغاندىن كېيىن ھەر ھەپتىسى ئاپىسىغا ئۆپكە-ھېسىپ قۇيدۇرۇپ، ئىشخاندىكىلەرگە ئالغاچ كەلگەن بولۇپ ئۇنىڭغا ئايرىم قاچىدا ئەكىلىپ يۈردى. ئالىي مەكتەپتنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن تۇرۇقلۇق خۇددى ھىچنىمە بىلمەيدىغان ساۋاتسىز ئادەمدەك ئادەتتىكى كىچىك ئىشلارنىمۇ ئۇنىڭدىن سوراپ، ئۇنىڭ مەسلىھەتلىرىنى ئاڭلاپ، تېخى بەزىلىرىنى خاتىرە دەپتىرىگە يېزىۋېلىپ يۈردى. تېخى «ھەي...ئەخمەق قىز» دەپ قويۇشلىرىنى پات-پات سېغىنىپ، قەستەن خاتالىق سادىر قىلىپمۇ ئۈلگۈردى.
*sB'D+-/ لالە ئۇنىڭ ئايالى بارلىقىنى بىلەتتى. مۇقىيت ئىشقا ھەر دائىم ئاپئاق كۆڭلەك كىيىپ، ئايىغىنى پارقىرىتىپ كېلەتتى. ئولتۇرۇشلارغا بارغاندا باشقا ئىشداشلىرىدەك ئايالىغا تېلېفون قىلىپ، باشقىلارغا كۆز قىسىپ قويۇپ قەستەن يالغان سۆزلىمەيتتى، باھانە تېپىپ بىر سورۇندىن ئىككىنچى سورۇنغا يۆتكىلىدىغان ئىشلار بولۇپ قالسا باش چايقاپ كۈلۈپ قويۇپ، ئۆيى تەرەپكە يول ئالاتتى.
}2*qv4},! لېكىن لالە ئۇنىڭغا بولغان ئۈمىد ۋە ئىشەنچىنى بوشاشتۇرمايتتى. گۈزەللىكى ۋە ئەقلى ئۇنىڭغا غورۇر بېغىشلايتتى. گۈزەللىكى ۋە ئەقلى ئۇنىڭغا غورۇر بېغىشلايتتى. مۇشۇنداق كۈنلەردە شىركەتتىن ئۇلارنى كاماندوروپكىغا ئەۋەتىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇلار يولغا چىقتى.
dQ_'8
) لالە كۆڭلىدە: «كېلىدىغاندا چوقۇم سېنىڭ مۈرەڭڭە بېشىمنى قويۇپ، ئەركىلەپ ماڭىمەن. سەن بوستان چاچلىرىمنى ئويناپ تۇرۇپ (بۇلبۇلۇڭ بولاي، قۇرغۇيۇڭ بولاي، ئوتۇڭدا كۆيەي، سۈيۈڭدە ئاقاي) دەيسەن» دەپ شىرىن خىياللارنى سۈردى.
:@E^oNKa0 ماشىنا ئۇچى كۆرۈنمەس سايلىقتا ئۇچقاندەك كېتىۋاتماقتا ئىدى. قۇياش ئاستا-ئاستا ئولتۇرۇپ ئەتراپ قاراڭغۇلۇققا چۈمكەلدى.يولۇچىلار ھارغان، بەزىلىرى قىيسىيىشىپ ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. تۇيۇقسىز ماشىنا «ۋاڭڭىدە» قىلىپ قۇلاق-مېڭىنى يارغۇدەك ئاۋاز بىلەن بىر نېمىگە سوقۇلدى. ھەممىلا تەرەپتىن «ۋايجان-ۋاييەي» دېگەن ئاۋازلار كېلەتتى. مۇقىيت دەرھال لالەنىڭ پۇت-قوللىرىغا قاراپ چىقىپ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى دىتلىغاچ، سومكىسىدىن ئېغىر بىر نېمىنى چىقىرىپ ئاپتوبۇسنىڭ تېشىغا چىقاردى، ئارقىدىن ئۆزىمۇ ئۆمىلەپ چىقتى. مۇقىيت لالەگە ئۆزىنى يوقىتىپ قويماسلىقىنى، جىددىيلەشمەسلىكىنى تاپىلايتتى، لالە «قورقىمەن» دېگەن باھانىدا ئۇنىڭغا يېپىشتى، ئەمما مۇقىيتنىڭ بېلەكلىرىگە ئارانلا تېگىشكەن يۇمران ۋۇجۇت دەقىقەت ئىچىدە يالغۇز قالدى.
roG<2i F -دەرھال بىرەر ئورۇن بىلەن ئالاقىلىشىشنىڭ ئامالىنى قىلمىساق بولمايدۇ، مۇشۇ يەردە مىدىرلىماي ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ، مەن ياندىكى تۆپىلىككە چىقىپ سىناپ باقاي، تېلېفون ئىشلەمدۇ-يوق؟ ھەرگىز مېڭىپ يۈرمەڭ-ھە!
> QN-K]YLL لالە مىنۇت بولسىمۇ نېسىپ بولمىغان مېھىرگە تەلپۈنگىنىچە ئولتۇرۇپلا قالدى. كۆڭلى شۇ قەدەر يېرىم بولدىكى، ئۇلارنى ئالغىلى كەلگەن قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى، رەھبەرلەر، ساقىچىلارنىڭ ھال سوراپ قىلغان سۆزلىرى، ئۇلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان ناھىيەنىڭ ئالىي دەرىجىلىك مېھمانخانىلىرىنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنى خۇش قىلالمىدى. ئۇ ياتاقتا يۇيۇنۇپ، مۇشۇ سەپەر ئۈچۈن ئاتايىن ئالغان نەپىس كېچىلىك كىيمىنى كىيدى. چاچلىرىنى قويۇۋەتتى، ئارقىدىن ئەينەككە يەنە بىر قاراپ ئۆز تۇرقىدىن تولۇق رازى بولغاندىن كېيىن ياتاقتىن چىقتى. ياندىكىسى مۇقىيتنىڭ ياتىقى ئىدى. ئىشىك قىيا ئوچۇق بولغاچقا ئۇ شەپە چىقارماي ياتاققا كىرىۋالدى. ئۇ ئەمدىلا ئىچكىرىگە قاراپ مېڭىشىغا مۇقىيتنىڭ بوغۇلۇپ چىققان ئاۋازى قەدەملىرىنى توختاتتى:
%G6x \[, -خوتۇن، ماشىنىنىڭ سوقۇلغان ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا قانچىلىك چۆچۈپ كەتكىنىنى بىلمەيسەن، سېنى، قىزىمىزنى قايتا كۆرەلمەي قېلىشىمدىن ئەنسىردىم...سىلەرنى شۇنداق سېغىندىم...
1B&XM^>/ لالە «داڭ» قاتقىنىچە ئورنىدا تۇرۇپلا قالدى. قەلبىدىكى ھەممىگە سايىۋەن بولالايدىغان چىنار دەرىخى خۇددى كچىك بالا ئاپىسىغا ھال ئېيتۋاتقاندەك ھال ئېيتىۋاتاتتى. ئايالى ئالدىدا خۇددى نۆۋەر بالىدەك بىر ئەرنىڭ يۈرەك قېتىدىكى ئەڭ نازۇك تەرىپىنى-ئاجىزلىقىنى ئاشكارىلاۋاتاتتى.
yHs9J1Sf لالە ئۇنىڭ ۋەقەدىن كېيىن ھىچ ئىش بولمىغاندەك ئۆزىگە تەسەللىي بەرگەنلىرىنى، خۇددى قەھرىمانلاردەك چارە ئىزدەپ، سىرت بىلەن ئالاقىلىشىپ، ۋەقەدە يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇپ يۈرگەنلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى. ئەسلىدە ئۇ ئۆزىنىڭ قورقۇنچىنى ياتلار ئالدىدا (لالە شۇ ۋاقىتتىلا ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئورنىنى بىلگەندەك بولدى) يوشۇرۇپتىكەندە؟
Q;=4']hYU لالە چۈشەندى، مۇشتۇمچىلىك يۈرەككە پەقەت ۋە پەقەت بىرلا ئىنساننىڭ مۇھەببىتى سىغىدىغانلىقىنى چۈشەندى. شۇ تاپتا ئۇلار بىر ئۆيدە تۇرۇپتۇ، ئارلىقى بىر مېتىر كەلمەيدۇ، ئەمما ئارىدا مەڭگۈ بېسىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان ھاڭ بار...ھالبۇكى، تولىمۇ يىراقتا بىر ئايال مېھىر بىلەن بۇ ئەرنى پەپىلىمەكتە، ئۇلارنىڭ يۈرىكى بىر نەپەس، بىر تىنىقتا سوقماقتا...
F2Ny=H&G لالە ئاستا كەينىگەياندى، كارىدورغا چىققاندىن كېيىن ئىشىكنى چىڭ ئېتىۋەتتى، شۇنىڭغا قوشۇپ قەلبىدىكى بۇ كىشىگە ئېچىلغان سۆيگۈ دەرۋازىسىمۇ ھەم مەڭگۈلۈك تاقىدى.
'
Gx\ مەنبە:
QFhyidm=] شىنجاڭ ئاياللىرى ژۇرنىلى 2011-يىللىق 7-سانىدىن ئېلىندى.
[ بۇ يازما moghal تەرپىدىن 2011-09-10 06:18 PM دە قا ]