مائارىپىمىزدىكى كەمچىل تەربىيە
`tuGy}S2
Piw
i =b"{*Heuw مائارىپ تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچى، مائارىپ ئىزچىل ھالدا تەرەققىياتنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى بەلگىلەيدىغان بىر ئامىل سۈپىتىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. ھەربىر مىللەت، ھەربىر دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنىڭ تېز-ئاستىلىقىنى مائارىپ بەلگىلەيدۇ. مائارىپ كەلگۈسىنى يارىتىدۇ. مائارىپ مىللەتنىڭ ، دۆلەتنىڭ تەغدىرىنى بەلگىلەيدۇ. مائارىپتىن ئىبارەت بۇ سېستىمىلىق تەربىيلەش جەريانى ئىنسانغا قانداق ياشاشنى ئۆگىتىشى كېرەك. ئىنساننى تېخنىكا بىلەن قوراللاندۇرۇپ قابىليەتكە ئېگە قىلىشتىكى مەقسەتمۇ ياخشى ياشاش، قانداق ياشاشنى بىلىشتۇر. ئۇمۇملاشقان مائارىپ بىزگە بىر تۈركۈم ئىختىساسلىق خادىملارنى يېتىشتۈرۈپ بېرىۋاتقان دۆلەتنىڭ، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن، ساپا يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن خېلى زور تۆھپىلەرنى قوشۇۋاتقان بولسىمۇ لېكىن، ئومۇمىي جەھەتتىن ئىلگىرلەشنى، ئىلغار يۈزلىنىشلەرنى مەيدانغا كەلتۈرەلمىدى. مائارىپمىزدىكى ئەجەللىك خاتالىقلار روھىيتىمىزنى چىرىتىپ، قىممەت قارىشىمىز،دۇنيا قاراشلىرىمىزغا ۋە مەۋجۇتلىقىمىزغا ئېغىر دەرىجىدە يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كەلدى. مائارىپنىڭ كۆلىمى چېتىلدىغان دائىرىسى زور بولسىمۇ بىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشلىرىمىزنىڭ ئىدىيەسىدە مائارىپ دېسە مەكتەپ مائارىپى ئەكىس ئېتىدۇ. نۆۋەتتىكى بىز توختالماقچى بولغان تەتقىقات ئوبيېكتىمۇ، كۆپ قىسىم كىشلىرىمىزنىڭ ئىدىيىسىدىكى مەكتەپ مائارىپى ئۈستىدە بولىدۇ.
cM,g,E} ئەخلاق تەربىيسىدىكى كەمچىلىك
fGA#0/_` بىزدىكى مائارىپ ھادىسىلەرنىڭ تاشقى پوستىدىلا توختاپ قالغان تەلىم- تەربىيە ئورگانلىرىدىن يېتىشىپ چىقىۋاتقان ئەۋلادلارنىڭ پىسخىكىسىدىكى ئاجىزلىق، بۇلغىنىپ كېتىۋاتقان ئەخلاق قارىشى، ئېتقادسىزلىشىش قاتارلىقلار بىزدىكى مائارىپنىڭ مەغلۇبىيىتىنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ. بۇلۇپمۇ ھازىر مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۇچرايدىغان يات ئىدىيە،كۆز قاراش ۋە جەمئىيەت ھادىسىلىرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ ئەخلاق قارىشى، قىممەت قارىشىنى غىدىقلايدىغان ناچار ئىجتىمائىي ھادىسىلەر ماس قەدەمدە كۆپەيمەكتە. بىزدىكى مائارىپ ئەمىليەتكە كۆڭۈل بۆلۈشى يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئەخلاقى مەسىلىلەر كېلىپ چىقماقتا. مائارىپنىڭ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقى سەۋەبىدىن ھىچقانداق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلمىگەن بىز ئوقۇغۇچىلار ئاستا-ئاستا غىلجىڭ ئادەتلەرنى يۇقتۇرۋالماقتىمىز. بۇ سەۋەبلىك ئەخلاقى پىرىنسىپلار ئوچۇق-ئاشكارە ئىنكار قىلىنىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى.
A|4
3W= بۈگۈنكى كۈندە كۆپىنچە ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ قىز-ئوغۇللىرىدىن خاتىرجەم ئەمەس. بىزنىڭ مائارىپىمىز دەل بۇ جەھەتتىكى ئەخلاقى تەربىينىڭ رولىنى تونۇپ يېتەلمىدى. بىزگە باشلانغۇچنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىن باشلاپ تاكى پۈتتۈرگىچە ئىدىيە-ئەخلاق تەربىيسى ئۆتۈلۈپ ئەخلاقنى تەكىتلىدى. لېكىن بۇنىڭ قانچىلىك ئۈنۈمى بولدى؟ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى تېخى يېڭىلا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەن ئۆزىنىمۇ تۈزۈك تەربىيەلەشكە نائىل بولالمىغان ئوقۇتقۇچىلار ياشلىقىنىڭ ئالتۇن مەزگىلىنى ھەر خىل ئەخلاقى قاراشلارنى بىر چەتكە قايرىپ قۇيۇپ كىيگەن كىيىملىرى ئوقۇغۇچىلارنى ئەخلاقى بىلىملەرنى ئۆگىنىپ تۇرۇپمۇ ئەخلاقسىزلىق قىلىشتەك ناچار قىلمىشلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ چىقاردى. بىزدىكى ئەخلاقنىڭ سىڭدۈرۈلمەي ئۆگىتىلىشى كىشىنى ھەقىقەتەن ئاچچىق كۈلكىگە مەجبۇرلايدۇ. بىزدىكى ئەخلاق تەربيىسى ئۆگىتىلىش يولى بىلەن ئەمەس، بەلكى،سىڭدۈرۈلۈش يولى بىلەن مەكتەپلەردە نۇقتىلىق ھالدا چىڭ تۇتۇلۇپ ئېلىپ بېرىلىشى زۆرۈر ئىدى.ئەپسۇس ھازىر ئەخلاق تەربىيىسىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئىجتىمائىي كىرزىسلار كۆز ئالدىمىزدىلا بىزنى ساراسىمىگە سېلىپ ھەل قىلىشمىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا. شۇ نەرسە ئېنىقكى،مائارىپمىزنىڭ ئاستا-ئاستا مىللىي ئەنئەنە مۇھىتىدىن ياتلىشىپ كېتىشى، ئەخلاققا سەل قاراش خاھىشى مائارىپمىزدىكى ئەخلاقى قورغاننىڭ ئۇلىنى ئاجىزلاشتۇرماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپلەردە كۆپىنچە ئوقۇتقۇچىلار ‹‹ بىلىمىڭلار بولسا ھەر قانداق ئىشنى قىلالايسىلەر›› ،‹‹ بىلىمڭلار بولسىلا جان باقالايسىلەر›› دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ ئەخلاقنى ئانچە تەكىتلىمىدى. مائارىپشۇناس خېربات ‹‹ ئوقۇتۇشتا ئەگەر ئەخلاقى تەربىيە بېرىلمىسە، ئۇ پەقەت بىرخىل مەقسەتسىز ۋاستە بوپقالىدۇ›› دەپتىكەن. بىز ئوقۇغۇچىلارمۇ مۇشۇ مەقسەتسىز ۋاستە سەۋەبلىك ئەخلاقتىن ئايرىلغان تېخنىكىلىق، بىلىملىك ھايۋانلارغا ئايلانغىلى تۇردۇق. ئەگەر مۇشۇ پېتى كېتىۋېرىپ ئەخلاقى جەھەتتىن چۈشكۈنلىشىۋەرسەك ئەقىل-پاراسىتىمىزمۇ خۇنۈكلىشىپ رەزىللىكنىڭ يانتايىقىغا ئايلىنىپ قېلىشىمىز مۇمكىن.
0k_3]Li=( مۇھەببەت،جىنسىيەت تەربىيىسىدىكى
`SZ-o{ كەمچىلىك
!,Cbb } 8df| 9E$ ئەخلاق تەربىيىسىنىڭ سۇسلىشىشىغا ئەگىشىپ نۇرغۇن ئىللەتلەرنى يۇقتۇرۇۋېلىۋاتىمىز. بۇنىڭ تىپىك مىسالى سۈپىتىدە تۆۋەندىكىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىمىز.
*5XOYb?'v. ھازىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇھەببەتلىشىشى كەڭ كۆلەمدە ئەۋج ئالدى.بۇنىڭغا ئەگىشىپ نۇرغۇن ئەخلاقى مەسىلىلەرتۇغۇلدى.
l+wfP76w مۇھەببەت تارىختىن بۇيان مەدىھىيلىنىپ، كۈيلىنىپ كېلىنۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرىدۇر. يازغۇچى-شائىرلارمۇ مۇھەببەت ھەققىدە ئەڭ كۆپ يازدى، ناخشىچىلارمۇ مۇھەببەت ھەققىدە ئەڭ كۆپ ئېيىتتى، ئاشىقلىرى ئۈچۈن بارلىقدىن، جانلىرىدىن كېچەلەيدىغان ساداقەتمەن،پىداكار ئاشىق-مەشۇقلارمۇ ئۆتتى، مانا بۇلار مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى،بۈيۈكلۈكىنى نامايەن قىلىپ تۇرۇپتۇ. لېكىن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مائارىپىمىز ھەممە ئادەم ئىنتىلدىغان، ھەم چۇقۇم بېشىدىن ئۆتكۈزىدىغان مۇھەببەتتىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك ئۇقۇمغا نىسبەتەن يېتەرلىك بىلىم تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشقا سەل قارىدى. بۇ سەۋەبلىك نۇرغۇنلىغان چىكىدىن ئاشقان ئەخلاقسىزلىقلار بارلىققا كېلىپ ئەخلاق قورغىنىمىزنىڭ ئورنىنى تەۋرىتىپ مۇقەددەس مۇھەببەتكە ھاقارەت كەلتۈرۈۋاتىدۇ.
I#]pk! تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ%88.9 ئوقۇغۇچىلار مۇھەببەتلىشىپ باققانكەن. ھازىر تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇيدىغان مۇھەببەتلىشىپ باققان ئوقۇغۇچىلارنىڭ%9.3 باشلانغۇچتا مۇھەببەتلىشىپ باققانكەن. تولۇقسىزدا ئوقۇيدىغانلارنىڭ %15.6 باشلانغۇچتا مۇھەببەتلىشىپ باققانكەن. %61 تۇنجى قېتىم تولۇقسىزدا مۇھەببەتلىشىپ باققانكەن %14 ئوقۇغۇچى تۇنجى قېتىملىق مۇھەببىتىنى تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقاندا باشتىن ئۆتكۈزۈپتۇ.
j,
*=D6 توغرا، ياشلىقنىڭ قىران مەزگىلىدە، ياشلىقىنىڭ بوسوغىسىدىن تۇنجى ئاتلىغان مەزگىللەردە ئادەمدە تەبىئىيلا سۆيۈش تۇيغۇسى ئويغىنىپ يات جىنىسلارغانىسبەتەن قىزىقىش بولىدۇ.بۇچاغدا بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس.لېكىن توغرا بولمىغان مۇھەببەت پىسخىكىسى ئاز بولمىغان ئەخلاق كىرزىسلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە.تۇلۇقسىز ئوتتۇرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە مۇھەببەتلىشىشى،باشلانغۇچتىكى ئاشۇ سەبى ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئۆز يېشىغا مۇناسىپ بولمىغان قىزىقىش، ھەۋەسلەرنىڭ تەسىرىدە ئۆزىنى بۇلغىشى كىشىنى ھەقىقەتەن ئاچچىق ئويغا سالىدۇ.بىز ئەمدىلەتىن بۇ خىل تەربىيىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەندە غەربنىڭ ئەخلاق ئدېئولوگىيىمىزگە تامامەن زىت بولغان مۇھەببەت قاراشلىرى گەۋدىلەنگەن كىنو-تېلىۋېزىيىلىرى،گېزىت – ژۇرناللىرى كۆزلىرىمىزنى ئالىچەكمەن قىلىۋاتىدۇ.ئەگەر مائارىپىمىز بىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاق قارىشىمىزنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ جىددى تۈردە بۇ نازۇك مەسىلىنى ھەل قىلمايدىكەن،جەمئيىتىمىزدە يەنە كۆپلىگەن ئەخلاقى كىرزىسلار مۇقەررەر رېئاللىق سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
3 _!MVT مائارىپىمىزدا جىنسىيەتكە قارىتا قىلچە ئىلمى تەربىيە ئېلىپ بېرىلمىغان،ئېلىپ بېرىلدى دېگەن تەقدىردىمۇ تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتەئازراقلا گېگىنا دەرسلىكى ئۆتۈلۈپ باقتى.ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر خىل ئىلمى بولمىغان جىنسىيەت بىلىمىدۇر،ئەگەر ئاشۇنداق جىنسىيەت بىلىملىرىنى ئوغۇل-قىز ئوقۇغۇچىلار بىر يەردە تۇرۇپ ئاڭلىسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشى مۇمكىن؟ئەجىبا ئوقۇغۇچىلار بۇنى بىلىم دەپ قۇبۇل قىلارمۇ ياكى ھەۋەسلىنىپ ئاڭلاپ ئولتۇرارمۇ؟بۇنداق يوشۇرۇشقا تېگىشلىك،ئوغۇل-قىزلارغا ئايرىم يەردە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك بولغان بىلىم بىرگە تۇرغۇزۇلۇپ ئېلىپ بېرىلسا ئاۋال ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكىسىغا،ئاندىن جەمئىيەتتىكى ھەر خىل ئجتىمائى ئىللەتلەرگە سەلبى تەسىرلەرنى كۆرسەتمەسلىكى مۇمكىنمۇ؟ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ نورمال جىنسى ئېڭى ۋە ئەخلاق قارىشىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتماسمۇ؟
48 0M|^
بىز بۇ يەردە ئوقۇغۇچىلارغا جىنسىيەت تەربىيىسى بېرىش كېرەكمۇ-يوق دېگەن تېمىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل قوللىنىشقا ئۈلگۈرمەيلا غەربنىڭ‹‹قىزلار بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئشلار›› ،‹‹ئوغۇللار بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار›› دېگەندەك كىتابلىرى نەشر قىلىنىپ،ئەخلاقىمىزدىن چەتنىگەن ، شەھۋانىيلىق تەرغىب قىلىنغان گېگىنا بىلىملىرى بۇ توغرۇلۇق بىلىم ئىگەللەشكە قىزىقىدىغان،لېكىن تۈزۈكرەك بىلىمى يوق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىسىنى بۇلغاپ نورمال،ساغلام ئەخلاق قاراشلىرىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتى.
/2*BdE[yG مەملىكەت بويىچە تەكشۈرۈلگەن سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا،ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىكاھتىن ئلگىركى جىنسى قىلمىشقا قوشۇلىدىغىنى%70نى،قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ %60 نى ئىگەللىگەن.تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نىكاھتىن ئىلگىركى جىنسى قىلمىشنى قوللايدىغانلار%15.5 بولغان،بۇنىڭ ئىچىدە مەلۇم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى%9.9 ئوقۇغۇچى كۆڭلى چۈشۈپ قالسىلا جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشقا بولىدۇ دەپ قارىغان،%2.5 ئوقۇغۇچى ھەتتا ئازغىنە نەپ يەتكۈزسىلا جىنسى ئالاقە قىلغان.
[#G*GAa6* مانا بۇسىتاتستكا بىز ئېتىراپ قىلىشتىن قورقىدىغان،ئەمما ئەتراپىمىزدا تېز سۈرئەتتە يامراۋاتقان رېئال مەسىلىلەردۇر.مۇشۇنىڭدەك ناچار خاھىشلارنىڭ پەيدا بولۇشىنى قېنى كىم مۇھەببەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلمىغانلىقتىن،جىنسىيەت تەربىيىسىى توغرا چۈشەندۈرۈلمىگەنلىكتىن بولمىغان دەپ ئېيتالايدۇ؟! (شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى 2005-يىل بەشىنچى سان،75-بەت).
z
yp3+| بىزنىڭ مائارىپىمىز مانا مۇشۇ جەھەتتىكى تەربىيىنىڭ ئەسلا بېرىلمىگەنلىكى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن جىنسى بۇزۇقچىلىقلارنىڭ،ئەدەپ-ئەخلاق كىرزىسلىرىنىڭ يامرىشىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىۋاتىدۇ.ئەگەردە ھەر دەرىجىلىك مائارىپ ئورگانلىرى،مەكتەپ مۇدىرلىرى جىددى كېڭەش قىلىپ بۇ جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ ئوقۇغۇچىلارغا ئىلمى بولغان مۇھەببەت، جىنسىيەت تەربىيىسى ئېلىپ بارمايدىكەن،كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ ئەخلاقسىزلىقتىن بىخلانغان كىرزىسلار يۈز بېرىپ،ئائىلە ۋە جەمئىيىتىمىزدە پاجىئەسى ئىنتايىن ئېغىر بولغان ئىجتىمائى كىرزىسلارنىڭ يامرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
cF
EO}
ئادىمىيلىك،ئەقىدە تەربىييىسىدىكى VfDa>zV3
كەمچىلىكلەر توغرىسىدا qUn+1.[%
بىزدىكى مائارىپ ئاساسلىقى بىلىم بېرىشنى،كىشىلەرنى قابىلىيەتلىك قىلىپ چىقىشنى ئاساسى مەقسەت قىلغاچقا،بۇ خىل مائارىپ تەربىيىسىنى قۇبۇل قىلغانلار قابىلىيەتلىك،لېكىن چىن ئادىمىيلىكتىن يىراق ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىقماقتا.بىزدىكى مائارىپ كىشىلەرنى ساپالىق قىلىمىز دەپ چۇقان سېلىپ يۈرگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە قابىلىيەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغاچقا بىزدە«ماشىنا ئادەم»لەر كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ.ئوقۇغۇچىلار ھەقىقى ئادەم بولۇش ئۈچۈن ئەمەس،ئالىم بولۇش ئۈچۈن ئۆگىنىۋاتىدۇ.ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، خەلقىگە،مىللىتىگە تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن ئەمەس،تۇغۇلۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا ياشاۋاتىدۇ.بىزنىڭ مائارىپىمىز بىزگە تېخى ياشاشنىڭ قىممىتىنىمۇ تۈزۈكرەك تونۇتالمىدى. ھەقىقى ئادەمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى،قانداق ياشىسا ئۆز ھاياتىنى مۇئەييەن قىممەتكە ئىگە قىلالايدىغانلىقى توغرۇلۇق مۇپەسسەل پىكىر قىلالىغۇدەك ئمكانىيەتمۇ ھازىرلاپ بېرەلمىدى.شۇنىسى ئېنىقكى،بىز ئۆگىنىۋاتقان مائارىپ يۈكسەك دەرىجىدە قېلىپلاشقان ۋە گرافىكلاشقان مائارىپ بولۇپ،ئۇنىڭدا نەزەرىۋىيلەشكەن بىلىم بولغىنى بىلەن كىشىنى تەپەككۇرغا ئۈندەيدىغان مەزمۇنلار يوق دېيەرلىك.مانا مۇشۇنداق تەپەككۇر قىلماي ئۆلۈك ھالدا ئۆگىنىش بىزنى بىر خىل ئاڭنىڭ ئسكەنجىسىگە،يەنى، جان بېقىش،قورساق تويغۇزۇشتىن ئىبارەت ھايۋانىي ئارزۇ-ئستەكنىڭ قۇلى بولۇپ ياشاشقا مەجبۇرلايدۇ. h qhX
ئادەم بۇ دۇنياغا كەلگەنىكەن،ئۆز ئەقىدىسىنى توغرا تىكلىشى ۋە ئېغىشماي شۇ ئەقىدىنىڭ يولباشچىلىقىدا ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك.لېكىن مائارىپىمىز بىزنىڭ زىممىمىزگە تۈگىمەس تاپشۇرۇق،ئۆلۈك ھالدا يادقا ئېلىشتىن ئىبارەت «شەرەپلىك ۋەزىپىە»لەرنى ئارتقاچقا بىزنىڭ ئەقىدە تىكلىشىمىز ۋە شۇ ئەقىدىنىڭ يولباشچىلىقىدا ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىز ئاللىبۇرۇن ئاساسى جەھەتتىن توسۇلۇپ قالغان.شۇڭا خزمەت ئورۇنلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالساقلا بىرەر ئش قىلىشقا كۆزىمىز يەتمەي بېشىمىز قاتىدۇ.چوڭراق ئىش تەۋرىتىشقۇ بىزگە نىسبەتەن خام خىيالدىنلا ئىباەت،خالاس. \~Ml<3Zd:
21-ئەسىر ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا كىشىلەردىن تەپەككۇر قىلىشنى ئىلگىرىكى ھەر قانداق دەۋردىكىدىن بەكرەك تەلەپ قىلىدىغان دەۋردۇر لېكىن بىز مانا مۇشۇنداق تەپەككۇر قىلىش ۋە ئىزدىنىش روھىنى جىددى تەلەپ قىلىپ تۇرغان دەۋىردىمۇ ئۆلۈك ھالدىكى مائارىپ تۈزۈلمىسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ تەپەككۇرىمىزنىڭ كېڭىيىش يوللىرى ئېتىلىپ قالدى. بىزدىكى مائارىپ ھېلىھەم تەربىيەنى ئاساس قىلىدىغان يولدا كېتىپ بارىدۇ.تەربىيە بويسۇندۇرۇشتىكى بىر خىل سىلىق ئۇسۇل بولۇپ ئۇنىڭدا ئوقۇغۇچىلار تەپەككۇرغا ئۈندەلمەيدۇ. بۇخىل مائارىپ ئوقۇغۇچىلارغا سىنىپتا ئوقۇتقۇچىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان،ئائىلىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان جەمئىيەتتە ياكى خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن باشلىقىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان كىشىلەردىن بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.(شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى 2009-يىل تۆتىنچى سان،47-بەت) بىزدىكى بۇ خىل مائارىپ ئنسان تەپەككۇرىنىڭ ئەڭ چوڭ توسالغۇسىدۇر.بۇخىل ئۇسۇلدا تەپەككۇر بايلىقىنى ئاچقىلى بولمايلا قالماي بەلكى تەپەككۇرنى مەجبۇرى يىگىلىتىۋېتىدۇ. kkMChe};5
ھازىرقى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئوقۇشتىكى مەقسىدى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ ياخشىراق خىزمەت تېپىش ئىكەن، يەنە كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشتىكى نىشانى يوق ئىكەن. بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدىكى مائارىپمىزئوقۇغۇچىلارنى ئادىمىيلىكنىڭ ئەڭ ئەقەللى تەلىپى بولغان ئارزۇ-ئارمانلىرى، ئەقىدىسى ئۈچۈن ياشايدىغان چىن ئادەم بولۇشتىن يىراقلاشتۇرۇۋەتكەن. بىزنىڭ مائارىپىمىز ئادىمىيلىك تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشقا سەل قاراپ بىلىمنىڭ نۇپۇزىنى مۇتلەق ئورۇنغا قويۇپ بىزنى ئادىمىيلىكتىن يىراقلاشتۇرۇۋەتكەن. ماھىيەتتە بىلىم ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆگىنىدىغان نەرسە بولسىمۇ مائارىپىمىز نومۇرنىڭ نوپۇزىغا شەكسىز ئىشىنىپ نومۇرنى باھالايدىغان ئۆلچەم قىلىۋالغان.مىسالەن،ھەر قانداق ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچىنى تاللاشتا ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ.ئەخلاقى،جىسمانى جەھەتتىن ناچار بولسىمۇ ئۆگىنىشتە ياخشى بولسىلا ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى بولۇپ تاللىنىۋېرىدۇ.مانا بۇ بىزدىكى نومۇرنىڭ ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن مائارىپ تەربىيىسى ئالغانلارنىڭ كاللىسىغا ئېغىر ئەقىدىسىزلىك يوشۇرۇنغانلىقىنىڭ بىر سەۋەبىدۇر. C?W}/r[
جانلىق بىلىم ئېلىش مۇھىتىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگەنگەن بىلىمىنى ئىشلىتەلمەسلىكى توغرىسىدا ئەنگىليىلىك ماتېماتېك ۋە پەيلاسوپ ۋايتخىد «مائارىپ بىلىمنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۆگىتىش سەنئىتىدۇر» دەيدۇ.(شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى 2010-يىل تۆتىنچى سان، 17-بەت) مانا بۇ پەيلاسوپنىڭ سۆزى مائارىپنىڭ مەقسىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىزگە كۆرسىتىپ بېرىۋاتىدۇ. بىزنىڭ مائارىپمىزنىڭ ئاساسلىق مەقستىمۇ بىلىم ئېگىلەش ئارقىلىق ئۇنۋېرسال ساپانى يۇقىرى كۆتىرىشتۇر. لېكىن بىزنىڭ مائارىپمىز جانلىق، ئەمەلىي قوللىنىشچان بىلىملەرنى ئۆگىتىشنىڭ ئورنىغا، ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى يوق پەقەت فورمىلا تۈسىنى ئالغان ئۆلۈك بىلىملەرنى ئۆگىتىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئەكىسچە چەتئەلنىڭ ئوچۇق پىكىرلىك مائارىپى ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىنى ئۆزلىكسىز غىدىقلاپ شەخسنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ بۇ ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەت، ئىلغار مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى بىلۋالالايمىز. [7LdTY"Tl
تۆۋەندىكىسى جۇڭگو مائارىپى بىلەن ئامرېكا مائارىپىنڭ سېلىشتۇرمىسى 4gVIuF*pS
جۇڭگۇ مائارىپى ئامرېكا مائارىپى ma
تۈرى دۆلەت ئىچىدىكى دەرىسى چەتئەل دەرىسى ]ZW-`U MO
دەرىسنىڭ قىممەت قارىشى xD~r Q$6sI
دۆلەت مەنپەئەتى شەخسنىڭ تەرەققىياتى cq3Z}Cp
سەرخىللارنى يېتىشتۈرۈش ئاۋامغا يۈزلىنىش (ئاددىي پۇقرا) V\]j^$
سېستىمىلىق بىلىمگە ئەھمىيەت بېرىش تۇرمۇش تەجربىسىگە ئېتىبار بېرىش Tow! 5VAM
مۇقىملىقنى تەكىتلەش ئۆزگىرىشنى قوغلىشىش 0*oavY*
پىلان، پروگرامما،ئوقۇش ماتېريالى يۈگۈرۈش يولىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش E $W0HZ'
دەرىس قۇرۇلمىسى پەن ئاساسى تۇرمۇش ئاساسى،تەرەققىيات ئاساسى \DBEs02
بىر مەنبەلىك كەسىپلىشىش كۆپ مەنبەلىك تەڭپۇڭلۇق `R7dn/
بىر تۇتاش، بۇيرۇق خاراكتىرلىك جانلىق، يېتەكچىلىك خارەكتېرلىك MA}}w&
دەرىس مەزمۇنى ۋە دەرىسلىك پەن مەركەز قىلىنىدۇ تەجرىبە مەركەز قىلىنىدۇ +uTl
Lu;MT
سېستىمىلاشتۇرۇش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش مەسىلە ھەل قىلىش HD2C^V2@M
قانۇنيەت،كىلاسسىك بىلىملەر ئەمەلىي، زامانىۋى مەزمۇنلار ct
OCj$$u
قىيىن، تار، كونا تېيىز، كەڭ، يېڭى 9vwm
RVN
ئۈنۈم، قائىدە، مەشىق تەجرىبە، ئويلىنىش، قوللىنىش E`hR(UL
?
ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىتىش ئۇسۇلىىلېكسىيە ۋە قۇبۇل قىلىش مۇستەقىل ئىزدىنىش ۋە ھەمكارلىشىپ ئالماشتۇرۇش BSB&zp
ئەستە ساقلاش ۋە دوراش چۈشىنىش ۋە ئىجاد قىلىش :PY6J}:
كىتابى بىلىم ئەمىليەت پائاليىىتى 1;i|GXY:h
ۋاستىلىك تەجرىبە بېۋاستە تەجرىبە =n_z `I
ئىمتىھان ۋە باھالاش تۈزۈمى F7nwVDc*
ئۆلچەملىك جاۋاپ شەخسى پىكىر يۈرگۈزۈشكە ئىلھاملاندۇرۇش 4<)*a]\c5M
يېزىقچە سىناق قىلىش ئىلمىي ماقالە، جاۋاپ نۇتۇق سۆزلەش، ياساش F?
6Q(mRl
بىلىم، قابىليەت، ماھارەت قاتنىشىش، كۆپ خىلىلىق، يېڭىلىق يارىتىش G51-CLM,
پاسسىپ باھالاش ئۆزى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش ?z6K/'?
پەرقلەندۈرۈپ رەتكە تىزىش پەرقنى سۇسلاشتۇرۇش، شەخسى سىر تۇتۇش B afNFPc
مانا بۇ ئىمتىھان شەكلى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، دەرسلىك قورۇلمىسى، دەرس مەزمۇنى قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئىلغارلىقلار ئامرېكىنىڭ نېمە ئۈچۈن زور گۈللىنىشكە ئېرىشكەنلىكى، دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىغا بېۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن. بۇخىل ئېچۋېتىلگەن مائارىپ شەخسنىڭ ئىجادى تەپەككۇرىنى ئېچىشتا زور رول ئويناش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسىنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكىنى بىلەلەيمىز. ئۇلارنىڭ گۈللىنىشكە ئېرىشىشى ۋە تەرەققىياتى بىۋاستە مۇشۇ خىل ئېچۋېتىلگەن مائارىپ تەرىپىدىن زور دەرىجىدە بەلگىلىنىپ قالغان. Ea'jAIFPpO
بىزنىڭ مائارىپىمىزنىڭ ئوقۇتۇش شەكلى ئىمتىھان تۈزۈمى، دەرسلىك قۇرۇلمىسى قاتارلىقلار بىزنىڭ چىقىش يولىمىزنى ئىدارە ئورگانلار بىلەنلا چەكلەپ قويىۋاتىدۇ. بىزنىڭ مائارىپىمىزدا ئەمەلىي قوللىنىشچان بىلىملەرنىڭ ئاساسەن يوق بولۇشى تۈپەيلى بىزدىن نوبىل مۇكاپاتى ساھىبلىرى چىقىپ باقمىدى. دەۋر بۆلگۈچ خارەكتېرلىك كەشپىياتلارنى بارلىققا كەلتۈرگۈچلەرمۇ چىقمىدى. بىزدىكى مائارىپ ئومۇمىيلىققا پۈتۈن كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، شەخسنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلمەيلا قالماستىن، ئەكىسچە تەرەققىي قىلىشىنى چەكلەپ قويىۋاتىدۇ. ئەمەلىي قوللىنىشچان بىلىملەرنىڭ يوق بولۇشى جەمئىيەتتە كۆپ قىرلىق كىرزىسلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئاساس سېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ZU`~@.`i
بىزدىكى ئون نەچچە يىل مەكتەپتە ئوقۇپمۇ چىقىش يولى تاپالمايۋاتقان، شۇنچە يىل بىلىم ئېلىپمۇ ئۆز كۈنىنى ئۆزى ئالالمايۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپلىكى مائارىپمىزنىڭ بىلىم ئېلىش ئۇسۇلنىڭ خاتالىقىنى، ئەمىليەتتىن ئايرىلغان دەرسلىكلەرنىڭ ئاقىۋىتىنى، ۋە مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ غۇۋالىقىنى دەللىلەپ تورۇپتۇ. 5[r}'08b
ئەگەر بىز مۇشۇ ئون نەچچە يىل جەريانىدا ئېگىلىگەن بىلىمىمىز ئارقىلىق جان باقايلى دېسەك، ئېنىقكى جېنىمىزنى جان ئېتەلمەيمىز. ئەمىليەتتە بىز كوچىدىكى گازىر-پۇرچاقچىدىنمۇ ئىقتىدارسىز. چۈنكى بىزنىڭ مائارىپىمىز بىزگە ئۆلۈك ھالدا يادقا ئېلىشنى ئۆگەتكەن. ھەرگىزمۇ قانداق ياشاشنى، رىقابەتكە قانداق يۈزلىنىشنى ۋە قىينچىلىقلارنى قانداق بىرتەرەپ قىلىشنى ئۆگەتمىگەن. بىزدىكى مائارىپ بىزنى پەقەت تەرەققىياتقا زابچاس بولىدىغان ئادىمىي ۋېنتا قىلىپ تەربىيلەپ چىقتىكى، ھەرگىزمۇ بىلىمىنى ئەمەلىي ئىشلارغا ئىشلىتەلەيدىغان، ئۇنۋېرسال ساپاغا ئېگە ئەقىدىلىك ئادەم قىلىپ تەربىيلەپ چىقالمىدى. < 3*q) VT
. بىر ژۇرنالدىن دېيىلىشچە ياپونىيە ۋە ئامرېكىدا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تارىخ ئىمتىھانىنى قانداق ئالىدىغانلىقى سۆزلەنگەن بولۇپ ماقالە كىشىنى ھەقىقەتەن ئويىغا سالىدۇ. + @|u
8+
ئامرېكىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئېلىنىدىغان «دۇنيا تارىخى»ئىمتىھانىدا مۇنداق سۇئال چىقىرىلىپتۇ؛ ئەگەر چىڭگىزخاننىڭ ۋارىسى قۇبلاي ئۆلمىگەن بولسا، ياۋرۇپادا قانداق ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەن بولاتتى؟ بۇ سۇئال ئىقتىسادى، سىياسىي، جەمئىيەت قاتارلىق ئۈچ تەرەپتىن تەھلىل قىلىناتتى. بەزى ئوقۇغۇچىلار بۇ سۇئالغا مۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ. ئەينى زاماندا قۇبلاي ئۆلمىگەن بولسا كىشلەر پەرۋاردىگارنىڭ مەۋجۇدلىقىدىن گۇمانلانمىغان بولاتتى. ھەتتا ئىتالىيىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى، ئىسپانىيە، جەنۇبىي ياۋرۇپانىڭ كۈچىيىپ قۇدرەت تېپىشىمۇ ۋۇجۇدقا چىقمىغان بولاتتى. شۇنداقلا گىرمانىيە، ئاۋىستىرىيە،ۋېنگىرىيە ئىمپېريىسىمۇ مەۋجۇد بولمىغان بولاتتى..... بېرىلگەن جاۋابلارنىڭ سىياسەتچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ كىشلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتەتتى. PYs0w6o
تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە يېتەكلەپ ئۇلارنى كىچىكىدىنلا ئۆتمۈشنى يەكۈنلىيەلەيدىغان، كېلەچەكنى نىشانلىيالايدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈرىدۇ. بۇلارنى بىزدىكى ئىمتىھان مەزمۇنلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، بىزنىڭ ئىمتىھان مەزمۇنلىرىمىزنىڭ نەقەدەر پۇچەك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز. Kb;Pd!Q
بىزنىڭ مائارىپىمىز بۇ خىل ئىدىيە قاتماللىقى ئىچىدە ئەركىن تەپەككۇرنى بوغۇپ بىلىملىرىمىزنىڭ ئەمىليەتكە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىزگە ئوچۇق پىكىر ئاتا قىلالمىغانلىقىنى ئېتراپ قىلىشىمىز زۆرۈر.بىزنىڭ مائارىپىمىز دەل مۇشۇنداق ئەمەلىي بىلىملەرنى ئۆگىتىشنى توغرا تاپماي، دۆلەتنىڭ ئونۋېرسال ساپاسىنى ھەمدە شەخىسنىڭ ئەركىن تەپەككۇرىنى كىشەنلەپ قويىۋاتىدۇ. بىزدە ئىجتىمائي پەندە ئوقۇيدىغانلارمۇ خېلى كۆپ ، لېكن ئىجتىمائي مەسىللەرنى ھەل قىلالماي ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس، تەبىئى پەن ئۆگىنىپ تۇرۇپمۇ تەبىئەتنى سۆيۈشنى ، قوغداشنى بىلمەيدىغانلار،ھەتتا بۇزغۇنچىلىق قىلدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. مائارىپ بىزگە بىلىمنى قانداق ئۆگەتتى؟ بىزنىڭ قىلغانلىرىمىز ئۆگەنگەنلىرىمىزگە نېمىشقا ئوخشىمايدۇ؟ جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا نېمىشقا قۇربىمىز يەتمەيدۇ؟ br
3-.g
مانا بۇ بىلىم ئىگىللەشتىكى مەقسەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلدۇرەلمەيۋاتقان مائارىپنىڭ مەسخىرلىك ئاقىۋىتى. !g
}@xwWax
مائارىپىمىز ئىزچىل ھالدا تەرەققىيات سەۋيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بىلىم ئۆگىتىشنى مەقسەت قىلغان بولسمۇ لېكىن بىزگە ئىلمى تۇرمۇش بىلىمى بېرىشكە سەل قارىدى. يېڭى دەۋر ئۈسكۈنلىرىدىن قانداق پايدىلنىشنى، بىز ئەزەلدىن قول سېلىپ ئىشلەپ باقمىغان، بىزگە ئانچە زور پايدىسى تەگمەيدىغان نەرسىلەرنى ئۆگىتىش بىلەن بۇلۇپ ھەقىقى يوسۇندا تەرەققىياتنىڭ ئىلگىرلىشىگە ئاكتىپ رول ئوينايدىغان ھەر خىل بىلىملەرنى ئۆگەتمىدى. tq@)J_7|
پايدىلانغان ماتىرياللار: S?a4IK
شىنجاڭ مەدەنيىتى ژۇرنىلى 2007-يىل 5-سان v*.iNA;&i
شىنجاڭ مەدەنيىتى ژۇرنىلى 2009-يىل4-سان w9RBT(u
شىنجاڭ مەدەنيىتى ژۇرنىلى 2005-يىل5-سان =_g#I
شىنجاڭ مەدەنيىتى ژۇرنىلى 2005-يىل4-سان R+e)TR7+
مەدەنىيەت مەۋجۇتلىقىمىز(ئابدۇرېھىم دۆلەت) h05FR[
تارىم قوۋىقى چېكىلگەندە(ئەسەد سۇلايمان) AcH!KbYf
ھاياتلىق ۋە نۇمۇس(يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ) ,O-_Pv
تەلىماكانغا دۇملەنگەن روھ (ئەسەد سۇلايمان) +F-Y^):
جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مىللى تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى -'d`(G"
5WxNH}{
مەنبەسى ئۆزۈم؛ ياسىن داۋۇت تەكلىماكانلىق[ بۇ يازما moghal تەرپىدىن 2011-09-10 06:12 PM دە قا ]