كۆزلىرىمگە مۇنچاق تىزغىنىمدا،قەلبىمدە شىۋىرلېغىنى ئاخىرلاشقان ئازاب...
+Q5'
!@8 كېچە يىتىپ،ئاسماننى تىللايمەن.يۇلتۇزلار ۋە تولۇن ئايدىن نەپرەتلىنىمەن.شۇنچە دەردىمنى تۆكسەم نىمانچىۋالا جىمجىت تۇرىدۇ ئۇلار.
6IK>v*< يۈرىكىم سانجىلىپ ئاغرىۋاتقان شۇ دەقىقىلەردە، ئۆلۈم مەندىن يىراق. دەرد پاتمىغان ،ئازاب قانلىرىغا چىلاشقان يارىدار يۈرىكىمنى يىراق جايلارغا ئاپىرىپ،سۇقۇپ قۇيۇپ قايتىپ كەلگۈم بار.نىھايەت،چۆل-جەزىرە بولسىمۇ سىغار يەر بولسا،سېغىنماستىم ئەسلا،چەكمىسلا ئازابنى زىنھار.ياكى ئاسماندىن تۆشۈك ئىچىپ تىقىپ قويايمىكىن.يىڭى دۇنيا تاپسۇن بىرىپ.
0wqw5KC شۇنچە داڭلىق ناخشىچىنىڭ ئاۋازىنىمۇ بۇلبۇلدەك دەپ مەدھىيلەيدۇ.ھەرقانچە تىز يۈگرەيدىغان تەنھەركەتچىنىڭمۇ كىيىك ۋەياكى شاش ئاتنىڭ ئالدىدا مەغلۇبىيىتى ئاشكارا.ئۇلۇغۋار چۈمۈلە روھى ئالدىدا ئىنسان يەنە نېمە دېگۈلۈك؟ئاجىزغىنا پەرۋانىنىڭ پىداكارلىقى،پاشا چاغلىق ھاشارەتنىڭمۇ بىز ئۇچمىغان كۆكلەردىكى پەرۋازى بىزنى بۈيۈك سىرلىق تەبىئەت ئالدىدا ماختىنىشقا بىقۇۋۋەت قىلىدۇ.شۇلار يادىمدىن ئۆتكەندە يەنە باشقا-باشقا ئويلارغا غەرق بولىمەن.ياپىرىم،بىر تۈپ دەرەخ بولسامچۇ،دەپ زىكىر ئۇقۇيمەن.
L?a4>uVY مەن يۈرۈپ-يۈرۈپ دانىشمەنلەرنى ئەسلەيمەن.ئولتۇرۇپ ئۇلار ئىدىيىسىدىن ئالماقچى ،ئۇلارنىڭ كاللىسى كەبى ئوي ئويلىماقچى بولىمەن يەنە بۇ بىر بىمەنىلىك بولۇشىمۇ مۇمكىن.ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن،يۈسۈپ خاس ھاجىپ،ئابدۇقادىر دامۇللا...ئۇلار قانداق كىشىلەردۇر-ھە؟يا بىزمۇ ئۆلۈپ تىنىمىز قۇرۇپ تۇپراققا قايتا قوشۇلغاندا مەدھىيىمىز چىقامدىكىن.لېكىن نېمىمىز بىلەن؟
&a\w+ ئاناڭنىڭ چىرايىغا قاراشقا ئاجىزسەن ھەم ۋە مەن.ئاھلىرىنى تۆكۈدىغان بولسا،بىز يىغلىمىغان بىلەن چاقماق چىقىپ،قۇشاق ئىيتىپ يىغلار جىمىكى ئالەم.بىزدىن ھەم ئاغرىنما ئانا.سەن بىزگە تەشەككۈر ئېيتىشنى مىننەتدار بۇلۇشنى ئۆگەتمىگەن تۇرساڭ.بىزنىڭ بەزى تومۇرلىرىمىز قاتقان.بۇنىڭغا كۆڭلۈم زار-زار يىغلايدۇ ئامالىم يوق.بەلكى سەندىن ئاغرىنىمەن.
t vW0 W شاماللار مىنى بۇنچە سۆيمەڭلەر.ئاشىقنىڭ بىر ئۆمۈر سەرگەردان بولىدىغانلىقىنى بىلمىدىڭلارمۇ!
>#S}J LZ ئۆينىڭ تاملىرى شۇنداق سوغۇق،شۇنچىكى سۆرۈن،جىمجىتلىقتىن قۇلىقى بارمىدۇ-يە دەپ گۇمان قىلىمەن.
.8'uIA{_2 سىنىڭ ماڭا ئالىيىشىڭ بىلەن ئازابىم ئازلاشقا باشلىدى.ئازمىدىم،جىلمىيىشىڭ بىلەن ئازغۇن قەلبىم ئۇلغۇيۇپ گۈلخان كەبى ياندى.
753gcY#i موتورۇمنى مىنگەنچە ئادەم يوق يەرگە چاپىمەن.چۆللۈكلەردىن،قاغچىراق قۇملۇقلاردىن قاقاسلىقلاردىن ئازابتەك خۇشاللىقلارنى تېرىپ يانچۇقۇمنى تولدۇرىمەن.كۆزۈمنى يۇمۇپ،يۈزلىرىمنى سۆيگەن،قۇلاقلېرىمغا تاتلىق شىۋىرلىغان ئاشىق شامالنىڭ تىنىقلىرىنى تۇيغاندەك بولىمەن .يەر شارىنى تاشلاپ بىۋاپا يار ناخشامنى توۋلاپ قاچايمىكىن .
=*-ac سەن بىزەڭ تۇرمۇشنىڭ ماڭا قانداق پىچاق سىلىپ ئوپراتسىيە قىلغانلىقىنى بىلمەيسەن،دۇختۇرلار ئاۋۋال ئۆتۈمنى كىسىپ تاشلاشتى.مەندە ئەمدى تەڭسىزلىككە،چىركىنلىككە ئاچچىق ئۆچمەنلىكمۇ قالمىدى.نەپرەت نىمە؟مەن تىمتاسلىقتا.تەلەتى سۆرۈن جەمىيئەت بۆلىمىنىڭ داڭدار دوختۇرى ئاندىن ھاياتىم ئۈستىدىن دىئاگنوز قۇيۇپ،مۇشتۇمدەك يۈرىكىمگە تىغ سالغاندا ئىچىنىشلىق ئىڭراپ كەتتىم.ئەڭ ساپ ھېسسىياتىم، مۇھەببىتىم ھەتتاكى قايغۇ ئەلىمىم،خۇشاللىق ۋە جىمى بارىنى ئاشۇ يۈرەككە ئامانەت ساقلىغان ئىدىمغۇ،ئەمدى بۇلارسىز مەن نېمە؟!
1 Cz}|#U ئاشىق سۆزىگە ئىشەنمە.ئۇ تارىخقا مىخلىۋېتىلگەن!
&432/=QSm0 سەن بىلەن يولدا ئۇچراشتىم،ئاددى سالاملاشتۇق. لېكىن كۆڭۈللەردە ئىز سالغان خۇنۇك ئىش پىراق.
=NK'xPr سەن ئاسماننىڭ كۈلگىنىنى كۆرۈپ باققانمۇ،مۇسبەتنىڭ يىغىسىز مەرسىيىسىنى ئاڭلىغانمۇ،ئانىسىدىن ئايرىلغان قۇش بالىسىنىڭ ئاھىنىچۇ؟بىچارە پەرۋانىنىڭ يۈرەكلىرى سەدپارە...
~S
:8M
تاۋۇشلېرىمدىن قۇرلار جەمئىي بولۇپ،جانلىق ھاسىلاتى بولغاندا،مەن ئاي تۇغۇپ بىھوش ياتى