ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 92قەۋەت Girl كە 2011-09-16 11:37 AMئەۋەتىلدى :
E^PB)D(. قىز بالىنىڭ ئامالسىزلىقىنى ئاجىزلىقى بۇ ئەسەردە تولۇق گەۋدىلىنىپتۇ،قىزبالا دېگەن ئۆزىنى قوغداشنى ئۆگۈنىشى كېرەك ،سەزگۈر ئىېھتىياتچان بولسا ياخشى،ئادىلە جۈمە يۈەنجاڭ بىرىنجى قېتىم ياتىقىغا مەسىت كىرگىنىدىلا ئۇنىڭ ئىككىجى قېتىم كىرىشىنى پەرەز قىلىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن بىرەر ئايال بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇش ياكى ئاخىرىدا جانغا زامىن بولغان شۇ پىچاقنى شۇ ۋاقىتتا ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ ئۆزىنى قوغداشقا ئىشلەتكەن بولسا ياكى پىچاق بىلەن ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش توغرىسىدا تەھدىت سالغان بولسا جۈمە يۈنجاڭدەك يۈز ئابروي تالىشىدىغان ئادەم ئۈچۈن بۇ ئامال ئىشلەپ قالاتتى،ھەتتا ئىپپىتى ئۈچۈن ھاياتىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ ئاتا-ئانىسى ئالدىدا يۈزى ئوچۇق كېتەتتى،ھاياتتىن ۋاز كېچىش ھەقىقەتەن تەس،لېكىن ھازىر بۇ سەۋەپلىك ئاتا-ئانىسى جېنىدىن ئايرىلدى،ئېرى تەرىپىدىن ھاقەرەتلەندى،ئۇ 20 يىلدىن كىيىن سوتتىن چىققان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ يەنە ئۆزىنى قەدىرلەپ ھۆرمەتلەپ ئۆتىدىغان بىرسىنى تېپىپ تۇرمۇش قۇرۇشى رېئال تۇرمۇشتا مۇمكىن ئەمەس،بۇرۇنقىدەك ياشىشى مۇمكىن ئەمەس..........
0x7'^Z>-oe مەيلى بوپتۇ ،ئۇ بۇ ئىشلارنى ئويلاپ يىتەلمىدى دەيلى لېكىن ئۇ نېمىشكە كەچۈرمىشلىرىنى ئېرىغا توي قىلغان كېچىسى ياكى توي قىلىشتىن بۇرۇن ئىيتمايدۇ،راستىنى ئىيتسا بەلكىم شۇ يىگىت ئۇنى قوبۇل قىلىشى ،مەيلى قوبۇل قىلمىسۇنمۇ دەيلى ئۇنى ھاقارەتلىمەسلىكى مۇمكىن ئىدىغۇ،ئۇ يوشۇرۇپ كېتەلەيمەن مەڭگۈ شۇنداق ئۆتەلەيمەن دەپ ئويلىدىمۇ؟شۇ ئېرىغا ئىيتقان بولسا ئۇ بىرەر ئاي ئۆيدە تۇرغۇزۇپ ئاندىن بىر سەۋەپ بىلەن ئاجرىشىپ كەتسە ئۇنىڭ تەقدىرى بۇنچە ئېچىنىشلىق بولمايتى دەپ ئويلايمەن.ئۇ يىگىتگە ئۇۋال بولسىمۇ لېكىن بۇ قىز پاكلىقىنى سېتىپ كوچىغا چىقىپ قالغان قىز ئەمەس،ئاجىزلىقىدىن نابۇت بولۇنغان قىز،ئاجىزلىقىدىن ئەينى ۋاقىتتا ئۆچ ئالالمىغان قىز (لېكىن مىللىتىمىزدىكى قىزلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىززەت ئابرويى تەقدىرىدىن ئەنسىرەپ شۇ مەلئۇنلارنى قانۇن تورىغا سۆرەپ چىقمىغىنى شۇلارنىڭ قانۇنغا قورقماي خىلاپلىق قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ،نابۇت بولۇلغان قىزلارنى ئاقىۋىتى قانداق بولماقچى،ئۇلار ئۆلىۋالامدۇ،پاھىشە بولامدۇ ياكى بىرىنى ئالداپ توي قىلامدۇ ياكى مەڭگۈ يالغۇز ئۆتەمدۇ،قانداقلا بولسۇن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى نابۇت بولىدىغۇ،شۇڭا مەنچە قورقماي ئۇنى قانۇن تورىغا ئەپچىقىشى كېرەك ،ئۇنىڭمۇ نامى بۇلغىنىدۇ،لېكىن ئۇ مەلئۇننىڭ باشقى قىزلارنىمۇ نابۇت قىلىشىنى توسۇپ قالغىنى بولىدۇ،ھاقارەتلەنمەيدۇ،باشقىلارغا مەيدىسىنى تىك تۇتۇپ قارالايدۇ، يۈرەكلىك بولغىن ئەي قىز)مەنچە ھەقىيقى مەرد يىگىت بولسا بىزنىڭ جەمىيىتىمىزدە ئىززەت ئابروينىڭ جانغا تاقىشىدىغانلىقىنى بىلىشى بىر ئاجىزە ئۈچۈن شۇنداق قىلىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن،لېكىن ئۇنداق قىلالمايمەن دېگەن كىشىلەرنىمۇ ئەيىپلەشكە بولمايدۇ ئەلۋەتتە.
C~[,z.FvO ivPg9J1S قىسقىسى ،ئەگەر ئادىلە بىر يۈرەكلىك ،ئېھتىياتچان قىز بولغان بولسا بۇ ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ئەڭ بولمىغاندا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئادەمنى ئازايتقىلى بولاتتى دەپ ئويلايمەن.ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا ئېچىنغان ھېسداشلىق قىلغان ۋاقتىمىزدا شۇ ئىشلارنىڭ سەۋەپچىسى بولغان شۇ مەلئۇننى چايناپ پۈركىۋەتكىمىز كېلىدۇ ئەلۋەتتە،ئايالى بولغان ئادەم ئۆزىنى توختاتماي توي قىلمىغان قىزلارغا چاچراپ يۈرگىنىدىن ئۇنىڭ ئەسلىلا ئادەم قېلىپىدىن چىقىپ كەتكىنىنى كۆرۈۋالغىنى بولىدۇ.
Bx!-"e ئاتا-ئانىسىغا ئىنتايىن ئەزىز بولغان بۇ قىزنىڭ تەقدىرىنى بىردەمدىلا ئۇياق بۇياق قىلغان بۇ نەرسىنى ئەمدى نېم دەيمىز،ئاتا-ئانىلار ئەمدى قىز تۇغمىسۇنمۇ؟ياكى قىزلار تالاغا چىقماي ياشىشى كېرەكمۇ؟بۇ مۇمكىن ئەمەستە!بۇنداق مەلئۇنلارغا نەسىھەت قىلساقمۇ مەنچە تۈزەلمەيدۇ،چۈنكى ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا ئادىيمىيلىك ئاللىبۇرۇن يوقالغان.شۇڭا قىزلارغا دەيدىغىنىم ئۆزىمىزنى ئاسراپ قوغداپ ياشايلى،چىرايلىق بولۇپلا قالماستىن ،ھېسياتنىڭ قۇلى بولماي ئەقىللىق بولۇپ ياشايلى ،قانداق دېدىم؟
5f /`Q .......
BV
m0{*-[|