(پوۋېست)
ئامانگۈل تۇنىياز
U0X? ~ 1 e$ {Cf (1)
Q9h;`G
7t ئادىلە ناھايىتى مەيۇس، چۈشكۈن ھالەتتە يىغلاپ تۇرۇپ، ئاپىسى بىلەن خوشلىشىۋاتاتتى. ئاپىسىمۇ ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىپ، بىر مۇنچە ياخشى گەپلەرنى قىلىپ، ئۇنى ئاران يولغا سالدى. ماشىنا بېكىتى ئادەملەر بىلەن لىق تولغان ئىدى. بىرى «ئۇ يېزىغا ماڭىمىز دەپ توۋلىسا، بىرى بۇ يېزىغا بارىمىز» دەپ ئۈنلۈك توۋلاۋاتاتتى. ئادىلە بىر پەس تېڭىرقاپ قالغاندىن، كېيىن ئېغىر يوك-تاقلىرىنى ئاران كۆتۈرۈپ، 40 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئادەمدىن:
' (1`iQ; - قاراتاغ يېزىسىغا قايسى ماشىنا ماڭىدۇ؟- دەپ سورىدى. ئۇ ئادەم ھەيران بولغان ھالدا ئادىلەنىڭ ئۈستى-بېشىغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن:
RO+N>Wkt - قىزىم ئۇ يەرگە نېمىشقا بارىسىز، تۇغقان يوقلىغىلىما؟- دەپ سورىدى.
T
cM;6h` - ياق ئاكا، مېنى ناھىيەدىن شۇ يەرگە خىزمەت تەقسىم قىپتىكەن، شۇڭا ماڭغان.
"MNI_C#{ - نېمە خىزمەت؟
txp^3dZ`^ - دوختۇر.
p,K]`pt= - ۋاي شور پېشانە قىزىم،ـ دەپ بېشىنى چايقاپ قويدى ،ئۇ ئادەم.
lqoJ2JMy - ئەكىلىڭ، يۇك-تاقلارنى مەن كۆتۈرۈشۈپ بېرەي، كەينىمدىن مېڭىڭ،- دەپ ئادىلەنىڭ قولىدىكى يۈك-تاقلارنى كۆتۈرۈپ يول باشلاپ ماڭدى.
K r DG - ئاداش، بۇ قىز قاراتاغ يېزىسىغا بارىدىكەن، سەن ياردەملەشكىن، مەن كەتتىم. قىزىم ئامان بۇلۇڭ، ئۇ ئادەم كېتىپ قالدى.
3q*p#l~ ئادىلەنىڭ قولىدىكى يۈك-تاقلارنى شوپۇر يىگىت كۆتۈرۈپ ماشىنىغا باستى. ئۇ مۇشۇ ماشىنىنىڭ ئىگىسى ئىدى. ئادىلە ماشىنىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ماشىنىغا بىر قۇر سەپ سالدى. بۇ ماشىنا تۇرقىدىن چاقى چۆرگىلەپ ماڭىدىغاندەك كۆرۈنمەيتتى.
nWz7$O - خېنىم، ماشىنىغا چىقسىلا!
.ZK^kcyA ئادىلە چۆچۈپ، تېز-تېز قەدەملەر بىلەن ماشىنىغا چىقتى. ماشىنىنىڭ ئىچىنى تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز قاڭسىق پۇراق قاپلاپ كەتكەن ئىدى. ئۇ بىر ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇرۇپ، شەھەرگە كۆزى قىيمىغان ھالدا دېرىزە سىرتقا قاراپ ئولتۇردى. ئارقىدىن يەنە بىر نەچچەيلەن چىققاندىن كېيىن، ماشىنا شوپۇرى ئۈنلۈك ۋارقىردى:
he\ pW5p - ماشىنا ھازىر قوزغىلىدۇ. قاراتاغقا بارىدىغانلار تېز بولۇڭلار!...
O~
]3 .b ماشىنا قوزغىلىشىغا بىر ئادەم قاتتىق يۈگرەپ كېلىپ ماشىنىغا چىقتى-دە، ھاسىرىغان ھالدا:
o/~Rf1 - ھەرنېمە بولسا كېتىپ قالمىدىڭىز ئۇكام، بولمىسا ئەتە ئاران ماڭالايتتىم. خۇداغا شۇكرى،- دەپ بىر نېمىلەرنى غۇدۇڭشۇپ،بىر ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردى. ئادىلەنىڭ يېنىدا 60 ياشلار چامىسىدىكى بىر ياشىنىپ قالغان ئايال ئولتۇرغان ئىدى.ئۇ قورۇنۇپراق سوردى:
=)mA.j}E2 - ئانا بۇ يېزىغا ماشىنا كۈندە بىر يوللا قاتنامدۇ؟
=dM'n}@U
- شۇنداق، قاراتاغ يېزىسى بەك يىراق قىزىم، ھازىر يولغا چىقساق، كەچقۇرۇن ئاران ئۆيگە يېتىپ بارىمىز.
zz_(*0,Qcr ئادىلە ھە دېگىنىچە خورسىنىپ ئولتۇرۇپلا قالدى. دېرىزە سىرتىدىكى ناھىيە بازىرىنىڭ مەنزىرىسى ئاستا-ئاستا ئارقىدا قالدى. ماشىنا 6-5 كىلومېتىر يول يۈرگەندىن كېيىن توپىلىق يولغا ئايلاندى. ماشىنىنىڭ كەينىدىن كۆتۈرۈلىۋاتقان چاڭ-توزاندا ھېچ نەرسىنى كۆرگىلى بولمايتتى. ماشىنا بىر خىل رېتىمدا ئىغاڭلاپ كېتىۋاتاتتى. بىر دەمدە سائەت 12:00بولۇپ قالغان ئىدى. شوپۇر ماشىنىنى ئاستا ھەيدەپ، بىر باراقسان ئۆسكەن تېرەكنىڭ سايىسىگە توختاتتى- دە:
|Jpi|
'
- مۇشۇ يەردە بىر ئاز چاي-پاي ئىچكەچ ئارام ئېلىۋېلىڭلار،- دېدى.
cy
@",z ماشىنا ئىچىدىن ئادەملەر خۇددى قوي توپىدەك قىستىلىشىپ چۈشتى. ئادىلەمۇ سومكىسىنى ئېچىپ، بىر تال توقاچ بىلەن چاي قۇتىسىدىكى چاينى ئىچىپ، ئەتراپقا سەپ سالدى. ئەتراپ قاغجىراپ كەتكەن چۆل-جەزىرە ئىدى. ماشىنا يەنە قوزغالدى. ئادىلە كۆزىنى زىنھار يۇمۇپمۇ قويمىدى.
6[~_;0 W|-<ekH_u (2)
V3v/hV: ماشىنا كەچ سائەت7:00دە يېزىغا يېتىپ كەلدى. ئادىلە بويۇنداپ، ئەتراپقا تەكشى قارىدى-دە:
e61e|hoX\ - ئۇستام، مەن دوختۇرخانا ئالدىدا چۈشىمەن.
Yx"un4 - بولىدۇ قىزچاق، دوختۇرخانا مانا مۇشۇ شۇ.
#L`'
ئادىلە دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇك-تاقلىرىنى ئالدى. شوپۇرمۇ ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ، يۇك-تاقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ، بىر ئەبجەق دەرۋازا ئىچىگە ئەكىرىشىپ بىرىپ، ئۈنلۈك توۋلىدى: K$kI%eGZA
- ھوي توختاخۇن!
XkRPD
ئىغاڭلاپ ماڭىدىغان، سېمىز بېشىغا تەلپەك كىيىۋالغان بىر ئادەم يۈگۈرۈپ چىقىپ كەلدى. ZBsV
- قىزچاق مۇشۇ ئادەم دوختۇرخانىغا قارايدۇ. باشقا ئىشلارنى مۇشۇ ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرسۇن. كۆرۈشكىچە ئامان بۇلۇڭ. خوش! Cr>YpWm
ئادىلە: *wp>a?sG\
- رەھمەت سىزگە،-دەپ ، توختاخۇننىڭ كەينىدىن ماڭدى. توختاخۇن ئىسىملىك ئۇ كىشى دوختۇرخانا ياتاق ئۆيىنىڭ كەينىدىكى بىر ئائىلىلىكلەر قورۇسىنىڭ ئىشىكىنى ئۇردى. ئىشىك ئېچىلىپ، بۇرۇت قويۇۋالغان بويى ئېگىز، بۇغداي ئۆڭ بىر ئادەم بېلىگە قولىنى تۇتۇپ چىقتى: :[d*
- ھە توختاخۇن، نېمە ئىش،- دېدى. S2
توختاخۇن دۇدۇقلاپ: 1)v]
- بۇ ھېلىقى بىزنىڭ دوختۇرخانىغا بەرگەن قىز شۇ ئىكەن. hmp!|Q[)
- ھە شۇنداقمۇ؟ ياخشى كەپسىز. P={8qln,X
- ئۆزلىرىمۇ ياخشى تۇرۇپلا. u`?v-
- ھە، ياخشى،- ئۇ چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ ھىجىيىپ قويدى. lOEB ,/P
- ھە توختاخۇن، سىلە قالغان ئەرلەرنى چاقىرىڭلار، بۇ قىزغا دەرھال كارىۋات تەييارلاپ بىرەيلى! ~sMEfY,p
بىر دەمدە تەرەپ-تەرەپتىن پاتىپاراق بولۇپ، 6-5 ئادەم يىغىلدى. دەرھال شالدىن بەنچاڭ(شال كارىۋات) ياساشقا كىرىشتى. &ieb6@RO`Q
- ئىسمىڭىز؟- سورىدى دوختۇرخانا باشلىقى. 9^g?/8
- ئادىلە! O)%s_/UX
-ھە، مۇنداق دەڭ، قايسى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن؟ قەشقەر تېببى مەكتەپنى. ~%?LFR'
- مەن مۇشۇ دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى، ئىسمىم جۈمە، بىرەر قىيىنچىلىقىڭىز، تەلەپ-پىكىرىڭىز بولسا ماڭا دەڭ! U#g,XJ
- ماقۇل. ?5j}&Y3
ئۇلارمۇ بىردەمدە ئىشلىرىنى تۈگىتىشتى. 6rBP,\m
- ئەمدى ئارام ئېلىڭ، ئەتە كۆرۈشەيلى،-دېيىشىپ،ھەمىسى ئۆيلىرىگە جۆر بولۇشتى. ئادىلە ياتاققا كىرىپ، يۈك-تاقلىرىنى يېشپ،بىر قۇر سەرەمجانلاشتۇرۇپ، بىر چېنە سوغۇق سۇغا بىر ناننى چىلاپ يەپ ئۇخلاپ قالدى. d^qTY?k.
Rj!9pwvT
(3)
cI (}
bx:j`5Uj`
ئادىلە ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ، يۈز-كۆزلىرىنى يۇدى. ئەتىگەندىلا دوختۇرخانا مەيدانىنى ئايلىنىپ، ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ يۈردى. كۈن بىر غۇلاچ كۆتۈرۈلگەندە ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىردىن-ئىككىدىن پەيدا بولدى. ئۇنىڭ ئىچىدە قارا قۇمچاق،ئورۇق،بىر ئايالمۇ بار ئىدى. ئادىلە ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ سالاملاشتى. دوختۇرخانا باشلىقىمۇ ئالدىراش چىقىپ كەلدى. ئۇ ساڭگىلاپ كەتكەن قاپاقلىرىنى پۈرۈپ: "U|u-ka8B
- ھە، بۈگۈن تازىلىقنى ياخشى قىلىڭلار. تازىلانمىغان جاي قالمىسۇن!-دەپ قويۇپ سىرتقا چىقىپ كەتتى. P2fiK
دوختۇرخانىدىكى بارلىق خادىملار قوللىرىغا سۈپۈرگە ئېلىپ تازىلىققا كىرىشتى. توپا-تۇماننىڭ دەستىدىن ئادەم نەپەس ئالغىلى بولمايتتى. ئادىلەمۇ ماسكىنى تاقاپ، ئەتراپنى تەپسىلى تازىلاشقا كىرىشتى. توپىنىڭ دەستىدىن پات-پات يۆتىلىپ، چۈشكۈرۈپ قوياتتى. ئادىلە بېشىنى كۆتۈرۈپ ئەتراپقا سەپسېلىپ قارىۋىدى،باياتىن بېرى بىللە تازىلىق قىلغان خىزمەتداشلىرىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى. ئۇ ئاپتاپتا ئۇسساپ، ھالسىراپ كەتكەن ئىدى. ئەمدى ئەخلەتلەرنى يىغاي دەپ تۇرىشىغا، توختاخۇن ۋاقىرىدى: ,b9!\OWDF
- ئۇكام قويۇڭ، يېنىپ كېلىڭ. بۇ توپا مەيداننى مىڭ پاكىز تازىلىغان بىلەن گۇڭ كۆتۈرمەيدۇ. ھېرىپمۇ كەتكەنسىز، ئارام ئېلىڭ، چۈش بولدى،- دېدى. a St:G*a"
ئادىلە سائىتىگە قارىۋىدى، سائەت راستلا 12:00بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ يۈز-كۆزلىرىنى يۇيۇپ ياتاققا كىردى.ئىككى كۈندىن بويان تۈزۈككىنە تاماق يېمىگەچكە قورسىقىمۇ تازا ئاچقان ئىدى.ئۇ توساتتىنلا ئاپىسىنى ئەسلەپ قالدى. ئاپا نېمىدېگەن ئۇلۇغ، نېمىدېگەن جاپاكەش ھە! ئۇ ئۆيدىكى ۋاقىتلىرىدا ئاپىسى ئىتىپ بەرگەن تەييار تاماقنى يىگەچكە، كۆڭلى بەكمۇ يېرىم بولدى. ئاشخانىنىڭ نەدىلىكىنى سوراي دەپ ئەتراپقا قارىۋىدى، بىرمۇ ئادەمنىڭ قارىسى كۆرۈنمىدى. {4>N2mP{M
ئاخىرى ئائىلىلىكلەر قورۇسى تەرەپكە ئۆتۈپ،توختاخۇننىڭ ئىشىكىنى ئۇردى.كىم؟ بىر ئايالنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ ئىشىك ئېچىلدى. ~S~4pK
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز يېڭى كەلگەن قىزمۇ؟ تۈنۈگۈن توختاخۇن شۇنداق دېگەن، قېنى ئۆيگە كىرىڭ، تاماقمۇ پىشىپ قالدى. _<u>?
Qt
- بولدى ئاچا، مەن ئاشخانا نەدىكىن، دەپ سورىغىلى كىرگەن، سىلىنى ئاۋارە قىلماي. _j2q
ئۇ چوكان تولىمۇ كىچىك پېئىل ئىدى، ئادىلەنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ چىڭ تۇرىۋالدى.ئادىلەمۇ ئامالسىز كىرىشكە مەجبۇر بولدى. ئۆي ئىچى ناھايىتى ئاددى، ئەمما پاكىز سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ئىدى. ئۇ چوكان تېز-تېز قەدەملەر بىلەن ئىش قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى. ئۇ بىر دەمدىلا بىر تەخسە لەڭمەن ئەكەلدى. تاماق ئالدىغا كېلىشىگە، ئادىلەنىڭ نەپسى تاقىلداپ كەتتى. بىراق ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ ئاران ئولتۇردى.
[7Liken
- ھە قېنى ئېلىڭ، تارتىنماڭ، بۇ ئۆينى ئۆزىڭىزنىڭ ئۆيىدەك كۆرۈڭ. بۇنىڭدىن كېيىن تاماقنى مەن سىزگە ئېتىپ بېرەي. كىرمىسىڭىز خاپا بولۇپ قالىمەن جۇمۇ. مېنىڭ يا پەرزەنتىم يوق، ئۆزۈم يالغۇز زېرىكىپ ئولتۇرىمەن. مانا ئەمدى ياخشى بولدى. ماڭىمۇ ياخشى بىر ھەمرا قوشۇلدى. توختاخۇنمۇ ئىشتىپ چۈشۈپلا قوشۇمچە ئىش قىلىپ پۇل تاپىدۇ. دەرۋازا باققانغا ئاران 120 يۈەن بىرىدۇ. ئۇ پۇل ئۆينىڭ خەجىگە يەتمەيدىكەن، شۇڭا بىكار بولسىلا باشقىلارنىڭ تېمىنى سۇۋاپ، ئۆگزىگە لاي چىقىرىپ ئاز تولا پۇل تاپىدۇ. n8Rsle`a
- ھە مۇنداق دىسىلە، ياخشى بوپتۇ. r1[#_A`Yn
- ھە راست، ئىسىملىرىنى سورىماپتىمەن. u?SxaGEa
- گۆھەرنىساخان. Ntlbn&lc;D
- بىلىۋالدىم،- ئادىلە سۇسقىنە كۈلۈپ قويۇپ ئېشىنى يىدى. گۆھەرنىساخان توختىماي تۇرمۇش شارائىتىنى، دوختۇرخانا شارائىتىنى سۆزلەپ، ئادىلەگە چۈشەندۈرۈۋاتاتتى. wUKt$_]``
ئۇ ئاشنى يەپ بولۇپ،گۆھەرنىساخانغا،قايتا-قايتا رەھمەت ئېيتىپ خوشلىشىپ يېنىپ چىقتى. ئۇ تالاغا چىقىپلا ئۇھ، دەپ ئېغىر نەپەس ئالدى، ۋە پىچىرلاپ «خۇداغا شۈكرى» دەپ قورسىقىنى سىلاپ قويدى. PQXCT|iJ
BHpj_LB-P
(4)
C}]143a/Q
مانا ھەش-پەش دېگۈچە ئادىلە بۇ يەرگە كەلگىلى 7-8 كۈن بولۇپ قالدى. دوختۇرخانا باشلىقى ئۇنىڭغا ھازىرغىچە مۇقىم ۋەزىپە تاپشۇرمىغان ئىدى. بىر كۈنى كەچ يېرىم كېچە بولغاندا ئىشىك قاتتىق ئۇرۇلدى. ئادىلە قورققىنىدىن ئورنىدىن دەس تۇرۇپ كەتتى، ۋە ئۈنلۈك ئاۋازدا: juB /?'$~
- كىم،- دەپ سوردى. z_%}F':
- مەن، جۈمە يۈەنجاڭ! H8h,JBg5
ئادىلە بىرەر مۇھىم ئىش بولغان ئوخشايدۇ، دەپ كىيىملىرىنى كىيىپ ئىشىكنى ئاچتى. جۈمە يۈەنجاڭ ئىجازەتسىزلا دەرھال ياتاق ئىچىگە ماڭدى، ۋە كارۋاتقا كېلىپ ئولتۇرۇپ: ne# %Gr
- بۇ ياققا كېلىڭ، سىزگە گېپىم بار،-دېدى. $KPf[JvQ
ئادىلە ئاستا قەدەملەر بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. q3ebps9^
- ھە، قېنى بۇياققا كېلىپ ئولتۇرۇڭ!- ئۇ يېنىنى ئىشارەت قىلدى. ئادىلە ئاستا كېلىپ ئولتۇردى. ئۇنىڭ ئاغزىدىن سېسىق ھاراق پۇرىقى چىقىپ تۇراتتى. ئادىلەنىڭ خىيالىدىن يالت قىلىپ«بۇ ئادەم مەستمۇ نېمە؟ماڭا زادى نېمە دەر»دېگەن ئوي چاقماق تېزلىكىدە كەچتى، ۋە ئىلاجىسىز ئۇنىڭ ئۇنىڭ ئاغزىغا تەلمۈرۈپ ئولتۇردى. -SF
5
0.[
- ھە ئۇكام، ئەمدى گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك قۇلىقىڭىزنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاڭ. مەن ئازراق ئىچىپ سالدىم، ئەمما كاللامدىن كەتمىدىم، مەن ئەزەلدىن بىر بىچارە، خوتۇن دېگەن ھازازۇلنى سىز بىلمەيسىز، مەن ئۇنىڭ بىلەن دادىسنىڭ زورى بىلەن توي قىلغان، ئۇنى دەپ، بۇنى دەپ، ھازىر ئوتتۇرىمىزدا ئىككى بالا بولۇپ قالدى. قويىۋېتەي دېسەم ئۇنىڭ بىشەملىكىدىن قورقىمەن، ھەم ئىككى بالىنىڭ يۈزى، نېمە ئامال؟! خۇدايىم سىزنى بۇ يەرگە بىرىپ ماڭا يولۇقتۇرغان ئوخشايدۇ، ئەگەر خالىسىڭىز مەن سىزنىڭ خىزمىتىڭىزدە بولاي. سىزنىڭ ھەر قانداق ئىشىڭىزنى جېنىم بىلەن ئورۇنلايمەن. ئويلىشىپ بېقىڭ!- دەپ ئاستا ئادىلە تەرەپكە سۈرۈلدى. ئادىلە ئورنىدىن تۇرۇشىغا يۈەنجاڭ ئۇنىڭ قولىغا كاپ قىلىپ ئېسىلدى، ۋە: .NM
ZHK?%
- سۆزۈمگە جاۋاب بەرمىدىڭىز؟ قورقماڭ، مېنىڭ ھەرگىز يامان نىيىتىم يوق،- دېدى. wLKC6@
W
ئادىلە دۇدۇقلاپ: $.O(K4S
- ئۇ شۇنداق باشلىق، ئەمما مېنىڭ تەرىتىم بەك قىستاپ كەتتى، مەن ھاجەتكە چىقىپلا كىرەي، قالغان گەپلەرنى ئاندىن دىيىشەيلى، دەپلا ئىشىكتىن يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى. ئۇ سىرتقا چىقىپ ئەتراپقا قارىۋىدى ھېچنەرسىنى كۆرەلمىدى. قانداق قىلارمەن؟! ئۇ قورققان ھالدا مەيداننىڭ چۆرىسىدىكى يوغان بىر تۈپ دەرەخنىڭ تۈۋىگە يوشۇرۇنۇپ تۇردى. ئۇ ئادەم ئىشىكتىن ھېچ چىقىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئادىلە بىر-ئىككى سائەت ساقلىدى. چىقمىدى. ئۇ كېچىنىڭ سوغۇقىدىن غال-غال تىترەشكە باشلىدى. ئەتراپتىن ئاستا-ئاستا ئىتلارنىڭ قاۋاشقان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، تەخمىنەن 4-3سائەتتىن كېيىن بىر تىۋىش ئاڭلىنىپ، بىر قارا گەۋدە ئاستا-ئاستا مېڭىپ، ئائىلىلىكلەر قورۇسى تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى. بۇ چاغدا تاڭ خېلىلا سۈزۈلۈپ قالغان ئىدى. ئادىلە ئورنىدىن تۇرىۋىدى، پۇتى ئۇيۇشۇپ، يىقىلىپ چۈشكىلى تاسلا قالدى-دە، يېنىدىكى تېرەككە يۆلىنىپ قالدى. ئۇ بىر ئاز ئۆزىنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن، ئاستا قەدەملەر بىلەن ياتاق تەرەپكە كەلدى، ۋە ئاستا بوينىنى سوزۇپ ياتاق ئىچىگە قارىدى، بىراق، ئۆي ئىچىنى ئېنىق كۆرەلمىدى. ئۇ پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ئاستا ئىشىكتىن مارىدى. چىقىپ كەتكىنى راستىنلا دوختۇرخانا باشلىقى ئىدى. ئادىلە ئۇھ، دەپ كىيىملىرىنىمۇ سالماي ياستۇققا بېشىنى قويۇپلا تۈگىلىپ يېتپ،بىردەمدىلا ئۇخلاپ قالدى. smPZ%P}P+c
ئۇ سىرتتىكى ئاۋازلارنى ئاڭلاپ چۆچۈپ ئورنىدىن تۇردى. كۈن ئارغامچا بويى ئۆرلەپ، دوختۇرخانىدىكى خادىملار ئىشقا چىقىپ بولغان ئىدى. ئۇ يۈز-كۆزلىرىنى چالا-بۇلا يۇيۇپ، دەرھال ئىشقا چىقتى. 9,$
n6t;
ئارقىدىنلا دوختۇرخانا باشلىقى چىقىپ كەلدى: ;eC8|
Xz
- ھوي سەمەت، ھەممىسىگە خەۋەر قىل، ئىشخانامغا يىغىلسۇن، يىغىن ئاچىمەن!- دەپ ۋارقىرىدى. ھەممە پاتىپاراق بولۇپ ئىشخانىغا كىردى. &X)^G#
- ھىم، مەن نەچچە كۈندىن ھەر قايسىڭلارغا گەپ قىلمىدىم،خالىس ئىشلەۋاتىسىلەر، مانا بۇ قىزمۇ يېڭىدىن كەلدى، ئىش يوق، زېرىكىپمۇ قالغاندۇ، بۇ يىللىق دادۈيگە بېرىپ كېسەل داۋالايدىغان ئىشنى ۋاقتىنچە سىزگە تاپشۇرۇپ تۇراي، توختاخۇن تراكتورنى ھەيدەپ سىزنى ئاپىرىدۇ، ياخشى ئىشلەڭ، بۇ سىزگە بىر سىناق، قالغىنىڭلار ئۆز ئىشىڭلارنى قىلىڭلار، دورىنى تىزىملاپ، ئېلىجاندىن ئېلىۋېلىڭ، ھە توختاخۇن، سىلىمۇ تەييار بولۇڭلار، بۇنىڭدىن كېيىن كۈندە ھەر قايسى كەنتلەرگە ماڭىسىلەر، گەپ تۈگىدى. ,@aF#
ئادىلەنىڭ كۆڭلى شۇنداق يېرىم بولدى. بۇ نېمە بولغىنى؟! ?zK\!r{
ئۇ ئاستا قەدەملەر بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ دورىخانىغا كىردى، ۋە دورىلارنى تىزىملاپ،ساندۇق-يەشىكلىرىگە قاچىلىدى، توختاخۇن ئۇ نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ، كىچىك تراكتورغا باستى، ئادىلەمۇ بىر دانە نان، ۋە چاي قۇتىسىغا چاينى قاچىلاپ، تراكتورغا چىقىپ كەنتكە يۈرۈپ كەتتى. ئۇلار بىر ئاز يول يۈرگەندىن كېيىن، ئادىلەنىڭ قورسىقىنىڭ ئىچى ئاغرىشقا باشلىدى.كەنت يولى بەك ئېگىز-پەس بولغاچقا، تراكتور قاتتىق سىلكىنگەندە، ئادىلەمۇ تەڭلا قاتتىق سىلكىنەتتى. قاتتىق سىلكىنىشتىن بولسا كېرەك، ئۇ قورسىقىنى چىڭ قاماللاپ چىداپ ئولتۇردى. ئۇ ئاغرىققا چىدىيالماي ئاخىرى توۋلىۋەتتى: C:RA
(
- ۋايجان! 8[x{]l[
توختاخۇن تىراكتۇرنى ئالمان-تالمان توختاتتى: in2m/q?
- نېمە بولدىڭىز؟ y)T|1)
- قورسىقىمنىڭ ئىچى بەك ئاغرىپ كەتتى، بىر ئاز ئارام ئېلىۋالاي. &'c&B0j
ئادىلە ئاغرىقنىڭ دەستىدىن ئىلاندەك تولغۇنۇپ كەتكەن ئىدى. توختاخۇننىڭ كۆزلىرى ئالاق-جالاق بوپ كەتتى: ap[Q'=A`
- ئۇكام، بىرەر كېسىلىڭىز بارمىتى يە؟ nw=:+?
- ياق، ھېچ ۋەقەسى يوق، قاتتىق سىلكىنىشتىن بولسا كېرەك، ئەنسىرمىسىلە. 3e1^r_YI
- ھە، ئەمسە ئاستاراق ماڭاي، ئاز قالدى. '19
kP.
ئۇلار يېرىم كۈن يول يۈرۈپ، ئاران دېگەندە كەنتكە يېتىپ كەلدى، توختاخۇن تراكتورنى بىر ئىشىكنىڭ ئالدىغا ئەكېلىپ توختاتتى. .
- ھە چۈشۈڭ ئۇكام، مۇشۇ ئۆيدە چاي-پاي ئىچىپ، ئاندىن ئىشىمىزنى باشلايلى،- دېدى. 4GexYDk'#
ئادىلە تراكتوردىن چۈشۈپ ھويلىغا كىردى، ھويلا ئىچىدە ياشىنىپ قالغان بىر موماي بىلەن بوۋاي ئۇلارنى ئىللىق چىراي كۈتىۋالدى. ]?s^{
- كەلسىلە بالام، كەلسىلە، سىلەر بۇ يەرگە چىقمىغىلى بەك ئۇزاق بوپ كەتتى،بۈگۈن قايسى شامال ئۇچۇرۇپ كەلدىكىن؟-بوۋاي خىرقىرىغان ھالدا گەپ قىلىۋاتاتتى. ئۇ قىزغا قاراپ: 6eW9+5oL
- بۇ قىز ؟سوئال نەزىرىدە سوردى بوۋاي. @Wd1+Yky
توختاخۇن ئىتتىكلا: ?A~a}bFZ
- ھە،بۇ قىز بىزنىڭ دوختۇرخانىغا يېڭىدىن كەلگەن دوختۇر. NQ,2pM<*-
- ھە، ياخشى بوپتۇ. ^o Q^/v~
بوۋاي: K4^mG
- بۇ قىز كىچىكلا تۇرىدۇ، كېسەل كۆرۈشنى بىلەمدۇ؟ Y{2L[5_1
- ۋاي نېمە دەيدىغانلا، بۇ قىز ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كېلىپ خىزمەتكە چىققان، تەجىربىسى مول، خاتىرجەم بولسىلا،- دېدى توختاخۇن. zJG=9C?
- ھە،- دەپ بېشىنى لىڭىشىتىپ قويدى بوۋاي.
ئۇلار ھويلىدىكى پىشايۋانغا كېلىپ ئولتۇردى، موماي داستىخان سېلىپ بىر نەچچە تال نان، ۋە قېتىق ئەكىلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويدى، ئۇلار تازا مەززە قىلىپ يىيىشكەندىن كېيىن، ھويلا ئىچىگە بىر- ئىككىدىن ئادەم كىرىپ، كېسەل كۆرسىتىشكە باشلىدى. ئادىلە تىڭشاپ تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى قولىغا ئېلىپ ئىشقا كىرىشىپ كەتتى.
7?2
مانا ھەش-پەش دېگۈچە كەچمۇ بولۇپ قالدى، ئۇلار نەرسە كېرەكلىرىنى يۇغۇشتۇرۇپ، تاماقمۇ يېمەستىن كېتىشكە تەرەددۇت قىلدى. 5-4سائەت يول يۈرۈپ، ئەلياتقۇ مەھەلدە يېزا بازىرىغا ئاران دېگەندە يېتىپ كەلدى. ئادىلە ياتاققا كىرىپ سائەتكە قارىۋېدى، كەچ سائەت11:00 بوپ قالغان ئىدى. ئۇ يۈز- كۆزلىرىنى يۇيۇپلا ئۇخلاپ قالدى. ئەتىسى پۇت-قوللىرى ئۇرۇپ چېقىۋەتكەندەك قاتتىق ئاغرىپ، ئورنىدىن ئاران تۇرالىدى، باشلىقنىڭ قاپىقى يەنە تۈرۈكلۈك ئىدى. ئۇلار كەم دورىلارنى يەشىككە قاچىلاپ يەنە ماڭدى.ئۇلار ئۇ يىراق كەنتكە بىر ھەپتە ئۇدا ماڭغاندىن كېيىن، ئادىلەنىڭ ئاچلىقتىن قورسىقى ئېچىپ، يۈزلىرى قارىداپ، ئۆزىگىمۇ ئوخشىمايلا قالدى. sF1j4 NC
ئۇ بىر كۈنى كەچتە ياتىقىغا قايتىپ كېلىپ، ئەينەككە قاراپ پوڭڭىدە ئۆكسۈپ يىغلىۋەتتى. ئەينەكتىكى چىرايى ئۆزىنىڭ تۇرقىغا ئوخشىمايلا قالغان ئىدى. ئاھ خۇدا! بۇ نېمە بولغىنى، بۇ مەنمۇ؟ ئادىلەنىڭ ئۈستى-بېشىنى توپا-چاڭ قاپلاپ، تونۇغۇسىز ھالەتتە بوپ كەتكەن ئىدى. ئۇ شۇ تاپتا ئۆيىنى تولىمۇ سېغىندى. مەكتەپ ھاياتىنى ئەسلەپ ،كۆڭلى تېخىمۇ يېرىم بولدى. ئۇ ئاخىرى يەنە ئۆزىگە-ئۆزى تەسەللى بېرپ: )0{ZZ-beG
- بوپتۇ، چىداي، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر، دەپ يىغلاپ يېتىپ ئۇخلاپ قالدى. بۇ كۈنلەر ئۇدا بىر نەچچە كۈن داۋاملاشتى. ئادىلەنىڭ مۇشۇ كۈنلەردە مىجەزى يوق بولۇپ ، قارىداپ، ئورۇقلاپ كەتكەن ئىدى. ئۇ كەلگەندىن بېرى، بىرەر كۈن تۈزۈكرەك ئارام ئېلىپ باقمىغان ئىدى. بىر كۈنى ئۇ ئورنىدىن ئاران تۇردى، باشلىرى قاتتىق ئاغرىپ، قىزىپ قالغان ئىدى، ئۇ بىر ئىلاجىنى قىلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ، باشلىقنىڭ يېنىغا كىردى: