1-سېنتەبىردىكى يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ باشلىنىشى بىلەن ،قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان قاراسۇ شەھىرىدىكى 35ئۆزبېك ئوقۇغۇچى چولپان مەكتىپىگە بېرىپ پۈتۈنلەي يېڭى بولغان قىرغىز تىلىدا دەرس ئاڭلاشقا باشلىدى.
Tig`4d-%
8@Y]dzgjj ;S2^f;q~$ چولپان مەكتىۋى سانى كۈنسايىن ئېشىۋاتقان ئۆزبىك مەكتىۋى بۇلۇپ ،ئوش ئوبلاستىدىكى ئۆزبېك خەلق ۋەكىللىرى ۋە بەزىبىر ئاتا ئانىلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بىرىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تىل تاللاش ئىختىيارلىقى بېرىلىدۇ.
I@7^H48\ "مېنىڭ قىزىم چولپان مەكتىۋىدە قىرغىز تىلىدا ئوقۇيدۇ"دېدى قاراسۇ شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئۆزبېك ئايال مەۋلىدە ھاكىموۋا." قىزىمىز دۆلەت تىلىدا بىلىم ئالغاندا ئالى مەكتەپنى تاللاش ئىختىيارلىقمۇ كەڭراق بولىدىكەن ،ئۇنىڭدىن سىىرت ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىزمەت تاپمىغىمۇ ئاسان بولىدىكەن"
1kvBQ1+ ھاكىموۋا بۇنىڭ ئارقىسىدا يۇشۇرۇن قول يوقلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دىدى:"بۇ پەقەت بىز ئاتا ئانىلارنىڭ پىكىرى خالاس،ھەممىسى بالىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن."
d5UdRX]* بۇنى تەشەببۇس قىلغان ئۇيۇشما رەھبەرلىرى بۇ خىل شەكىلنىڭ 2010-يىلى ئىيۇندا يۈز بەرگەن مىللى توقۇنۇشنىڭ مۇزلىرىنى ئىرىتىپ ،رايوندىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
l]^uVOX "ئاخىرىدا ،قىرغىز تىلىدىكى دەرىسلىكلەر بارلىق ئۆزبېك مەكتەپلىرىگە تۇنۇشتۇرلىشى كېرەك "دېدى ئوش شەھەرلىك كونسول ئەزاسى ئامانۇللا ئىمىنوف(ئۆزبېك).ئۇ يەنە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە قىرغىز تىلىدىكى دەرس ۋاقتىنى كۆپەيتىش تەكلىپىنى بەردى.
T"XZ[q ئوش ئوبلاستنىڭ قاراسۇ رايونىدا بۇ پىلان ئاساسەن ئەمەلگە ئاشتى.رايوندىكى 27 ئۆزبېك مەكتەپلىرىنىڭ 20سى قىرغىز تىلى دەرسلىكنى قوشتى.چولپان مەكتىۋىنىڭ مۇدىرى ماھىرە ئابدۇكېرىموۋانىڭ ئېتىشىچە بۇ پېرىگۇرامما دەسلەپكى نەتىجىسىنى كۆرسەتكەن."تېخىمۇ كۆپلىگەن ئاتا ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى قىرغىزچە سىنىپقا بېرىشىدىن قارىغاندا ،بىز كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ مۇشۇنداق سىنىپ ئېچىشقا ئېھتىياجلىق.ھازىر قىرغىزچە سىنىپىمىزغا پەقەت 35 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلدۇق"دېدى ئابدۇكېرىموۋا.
~Wf&$p<|
$yLsuqB} 349W0>eOT تەنقىتچىلەر قىرغىز تىلىدا ئۇقۇتۇشنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتمەي ،ئۆزبېكلەر ئارىسىدا تېخىمۇ كۆپ نارازىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.دەسلەپكى ئۇقۇتۇشنىڭ ئۆزبېكچىدىن قىرغىزچىغا ئۆتىشنىڭ ئۆزبېكلەرگە بولغان پەرىقلىق مۇئامىلە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى يەرلىك ئەركىن ئانالىزچى ئابدۇمۆئمىن مامارېيىموف.
ns
uK{8}@ يازغۇچى ۋە ئاخباراتچى ئەركىن باي نەزەروف 50نەچچە خىزمەتداش تۇنۇشلىرى بىلەن بىرلىكتە خەلق بىلەن مەسلىھەتلىشىپ تىل ئەدەبىيات دەرىسىنى ئۆزبېكچە باشقا بارلىق دەرىسلەرنى دۆلەت تىلى قىرغىزچىدا ئۆتۈش تەكلىپىنى بەردى.
oj;Rh!O بۇ ئۇقۇشىنىڭ ئاخىرلىشىغا ئەگىشىپ تاللاش ئىختىيارلىقى ئازلاپ كەتكەن ئۆزبېك ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن كۆپ پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.مەسلەن،جەنۇپتىكى شەھەر جالالئاباتتىكى ئۆزبېكلەر قۇرغان ئالى مەكتەپ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۆزبېك ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قىزغىن تاللىشى بۇلۇپ ،بۇلتۇرقى مالىمانچىلىقتا بۇ مەكتەپ ۋەيران قىلىندى.شۇ يەردىكى بىر قانچە ئۆزبېكچە دەرس ئۆتىدىغان ئالى مەكتەپلەردىن باشقا مەكتەپلەردە ئۆزبېك ئوقۇغۇچىلار ئانا تىلىدا يۇقىرلاپ ئوقۇش ئۈچۈن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە.
{D 9m//x باينەزەروف ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچلىرى ئۈچۈن قىرغىزچە دەرس ئۆتۈش مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن زور ئەھمىيتى بار ئىكەن.
d [6[3B ئۆزبېك مەكتەپ مۇدىرى ئابدۇكېرىموۋا ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن تىلنىڭ بىر توسالغۇغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈردى." ئويلايمەنكى بەزى چاغلاردا تىل مەسلىسى بۇلتۇرقىدەك تۇقۇنۇش كېلىپ چىقىشنىڭ سەۋەبى.بارلىق بالىلار دۆلەت تىلىدا سۆزلىيەلەيدىغان بۇلىشى كېرەك،بۇنداق بولغاندا ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئارىسىدىكى تىل توسالغۇسى يوقىلىدۇ ۋە باشقىلار بىلەن تېخىمۇ ياخشى مۇناسىۋەت قىلغىلى بۇلىدۇ.""بۇندىن كېيىن بىز پۈتۈنلەي قىرغىزچە سىنىپ تەسس قىلىمىز.كۈندە ئىككى ئۈچ سائەت قىرغىزچە دەرس ئۆتۈشنىڭ ئۆزى يىتەرلىك ئەمەس.ئۇنىڭدىن سىرت قىرغىز ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئۆزبېك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىرغىزچە دەرس ئۆتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.چۈنكى چوڭلارمۇ ھەم قىرغىزچە سۆزلىيەلىشى كېرەك."
}L'BzSU@G قاراسۇ مائارىپ بۆلىمىنىڭ مۇدىرى دۆلەت تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ تار مىللەت دائىرسىدىن چىقىشىغا ياردەم بىرىپ ،ھەقىقى"ۋەتەنپەرۋەر"لەردىن بۇلىشىنى ئۈمىد قىلدى."ئەگەر بىز ھازىردىن باشلاپ بارلىق ئۇقۇغۇچىلارنى دۆلەت تىلى ،دۆلەت تارىخى ۋە مەدەنيتى بىلەن تەربىيلىسەك ،10يىلدىن كېيىن بىز ھەقىقى ۋەتەنپەرۋەر ئەۋلادلارنى يىتىشتۈرۈپ چىقالايمىز،بىز ئەنە شۇ يۆنىلىشتە مېڭىۋاتىمىز" دېدى ئۇ.
294
0M4 XFUlV;ek مەنبە:ياۋروئاسىيا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
eR$qw#%c* http://www.eurasianet.org/node/64122 ^M
0e 0 iOYC1QFi?