مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1768 
  •    ئىنكاس 
       6 

مېنىڭ خاتىرەم

قەۋەت ئاتلاش
tektimakan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.53820

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   121 (سوم)
 ياخشى باھا:   33 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 0
 سائەت
دەرىجىسى:
0 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-29
ئاخــىرقىسى:2011-10-26

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۈم مىسرانىم تورىدىكى ھۆرمەتلىك دوستلار...مەن بۇ تورغا يېڭى كىرگەن ئەزا بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالىمىمنى يوللايمەن...ئاز بولسىمۇ مېنىڭ ئالتە يىلدىن كېيىن قەلەم تەۋرىتىپ يازغان بۇ ئەسىرىمنى قۇبۇل قىلىپ ياقتۇرۇپ ئۇقۇپ بىقىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن...ھەر قانداق بىر ئىنسان كەمچىلىكتىن خالىي ئەمەستۇر، شۇڭا مەنمۇ دوستلارنىڭ قانداق پىكىرلىرى بولسا ئاڭلاپ كەمچىلىكلىرىمنى تۈزىتىشكە تەييارمەن... #2&_WM!   
r/fLm8+  
UMw1&"0:  
مېنىڭ خاتىرەم
X'WbS  
pNI=HHx  
كېچە ئاسمىنى شۇنچىلىك كۆپكۈك، خۇددى دېڭىزدەك، ئەمما شاۋقۇنسىز.  پاختىدەك ئاپپاق بۇلۇتلارنى شامال بۇۋاي نەرلەرگىدۇر ئۇچۇرىۋەتكەن. سۈزۈك ئاسماندا تاۋاقتەك تولۇن ئاي سېخىي نۇرى بىلەن پۈتۈن كائىناتنى يورۇتۇپ تۇرۇپتۇ.  چىمىرلاپ تۇرغان سانسىز يولتۇزلار خۇددى تورۇسقا چاپلىشىۋالغان يالتىراق قوڭغۇزلاردەك پارقىرايدۇ.  ئەتراپ شۇنچە جىمجىت، ھەتتا چېكەتكىلەرمۇ چىرىلداشنى ئۆزىگە يات كۆرگەندەك... m Fwx},dl  
$v+Q~\'  
تىمتاس كېچىنىڭ مەيىن شامىلى يۈزۈمنى يېنىك سۆيۈپ ئۆتكىنىدە ئۆزى جانسىز، ئەمما شۇ جانلىق ھاياتنى ئەسلىتىدىغان سىردىشىم ھەم مۇڭدىشىم بولغان، يېنىمدىن مەڭگۈ ئايرىلماس خاتىرە دەپتىرىم يادىمغا يەتتى. ئۇنى خۇددى پېلە قۇرتىنى ئاۋايلىغاندەك ئاستا ئاۋايلاپ قولۇمغا ئالدىم.  بەزىدە تاتلىق، بەزىدە ئاچچىق تۇيۇلغان ھايات كەچمىشلىرىمنى قايتا ئەسلىتەلەيدىغان بۇ خاتىرەمنى بۇرۇنقىدەكلا يەنە بىر باشتىن ۋاراقلاشقا باشلىدىم ھەم توساتتىنلا قاچانلاردىدۇر ئۇنىڭ كۆركەم بەتلىرىگە ئۈنچىدەك تىزىلغان ئاكامنىڭكى ماۋۇ بىر كوبلىت شېئىرىغا كۆزۈم چۈشتى: =x9zy]  
u-At k- 2M  
ئالدىم قەلەم قولداش ماڭا، .T/\5_Bx  
قەلەم بولدى سىرداش يانا. )avli@W-3j  
قولداش، سىرداش بولۇپ ھەمدەم، *obBo6!zM  
ماڭا يانا ھەمدەم ۋاپا. EV z>#GC  
1pVagLlb:7  
                                                  (ئابدۇلئەھەت يۈسۈف) egxh  
q 
بەلكىم مۇشۇ يارقىن مىسرالارنىڭ تۈرتكىسىدە بولسا كېرەك، داڭلىق يازغۇچىلىرىمىز قولىغا چۈشكەندە تاغلارنى تالقان، چۆللەرنى بوستان قىلىۋېتەلەيدىغان، ئەمما ئۆزى ئاددىي بۇ قەلەمنى ئالتە يىلدىن كېيىن قايتىدىن قولۇمغا ئالدىم. 3@*J=LGhKc  
x-+Hy\^@|  
خىيال كەپتەرلىرىم قاچانلاردىدۇر پەرۋاز قىلىپ سەبىي، گۈدەك چاغلىرىمغا يەنە بىر قايتتىم.  خۇددى ياخشى كۆرگەن بىر فېلىمنى قانچە كۆرسىمۇ زېرىكمىگەندەك، مەنمۇ بۇ ھاياتىمدىكى ئەڭ گۈزەل مېنۇتلارنى ھەم كۆرۈشتىن ئەسلا زېرىكمەيتتىم.  ھەجەپمۇ ئېسىل چاغلار ئېدى. كۆڭلۈمدە تېرىقچىلىكمۇ ھېيلە-مىكىر يوق، يۈرۈكۈمدە بولسا ئەمدى ياخشى-ياماننى پەرىق ئېتىش بىخ سۈرۈشكە باشلىغان شۇ سەبىي چاغلار.  بەك گۈدەك ئېدىم، ئەتراپىمدىكى ھەممە ئادەمنى ئۆزۈمگە ئوخشاش غەمسىز ئويلايتتىم.   VlXUrJ9&  
 PW x9CT  
مەكتەپكە قەدەم قويغان تۇنجى كۈنۈم-سىنىپىمدىكى ساۋاقداشلىرىمدىن خېلىلا كىچىك ئېدىم، ئەمما قەلبىمدىكى بىلىمگە بولغان ئوتلۇق ئېنتىلىش ئاللىقاچان كۆزۈمنى كور قىلغان ئېدى. +LCpE$H  
L]3 V)`}  
ۋاقىت ئۆتۈپ ئەقلىمگە ئەقىل قوشۇلغانسىرى ھېس قىلىشقا باشلىدىم:«ئەسلىدە بۇ دۇنيادىكى ھەربىر جانلىقنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق غېمى باركەن ئەمەسمۇ»...!!!  ئەڭ ئەقەللېيسى شۇ ۋاقىتتىكى ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام مەكتەپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش مېنىڭ گۆدەك قەلبىمگە بۆسۈپ كىرگەن تۇنجى غەم بولغان ئېدى.   #!l\.:h%  
V6B`q;lA  
«ۋاقىت-گويا ئاتقان ئوق» دەپ ھەجەپمۇ توغرا دەپتىكەن دانالار.  ‹باشلانغۇچ مەكتەپ ھاياتىم ئەمدى باشلاندىغۇ› دېگۈچە ئۆزۈمنى ئوتتۇرا مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا كۆردۈم.  كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە بىر يىل ئۆتتى، ئەمما بۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تىنىقلىرىغۇچە يەتكۈدەك گۈزەل ئەسلىمىلەرنى يۈرۈكۈمگە مۆھۈر قىلىپ ئويدى.  شۇ بىر يىلدىن كېيىن يۈرۈكۈم لەختە-لەختە قان ھالدا كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن ئانا ۋەتىنىم بىلەن ۋىدالاشتىم. Q\z6/1:9Z  
K>hQls+  
يېڭى دۆلەتتە يېڭىچە ھايات- ئوقۇش ھاياتىممۇ بەكلا ئۆزگىچە باشلاندى.  ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىمنىڭ تۆت يىلى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتىيۇ ئەمما تۆت كۈندەكلا ھېچ قانچىلىك بىر ئەسلىمىلەرنى قالدۇرالمىدى.بۇنىڭدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى: ‹ھاياتلىق قالدۇرغان ئەسلىمىلەرنى ھەرگىزمۇ ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى بەلگىلىيەلمەيدۇ، بەلكى ئۇ، شۇ ئەسلىمىلەرنىڭ كىملەر تەرىپىدىن، قەيەرلەردە قالدۇرۇلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر›.   s4/4o_[W  
$8vZi B!"  
ئالىي مەكتەپ ئېمتىھانىغا جىددىي تەييارلىق باشلاندى.  ئىنسان ئۆز ئارزۇ-ئامانلىرىغا يېتىش ئۈچۈن نېمىلەردىن ۋاز كەچمەيدۇ-ھە...!!!  ئىمتىھانلارمۇ تۈگەپ 13 يىللىق ئەجرىمنىڭ مېۋىسىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتۈم.  ئاخىرى نەتىجەممۇ چىقتى.  راستىمنى ئېيتسام ئۆزۈم پەرەز قىلغاندىنمۇ بەك ياخشى بىر نەتىجىگە ئېرىشكەن ئېدىم.  شۇنىڭ بىلەن ئارزۇ قىلغان ئالىي مەكتەپ ھەم كەسىپكىمۇ كىردىم.  مۇشۇ ۋاقىتتا ھايات ماڭا نەقەدەر گۈزەل، نەقەدەر سۆيۈملۈك بىلىنگەن-ھە...!!!  بۇ تاتلىق تۇيغۇلار ئىچىدە ئۆزۈممۇ بىلىپ-بىلمەي خاتىرەمگە ‹ئالىي مەكتەپ› ئۈچۈن يېڭى بىر بەت ھازىرلىدىم. =VFi}C/  
jT>G8}h  
كۆز ئالدىمدا ئۈنچە-مارجاندەك تىزىلىپ تۇرغان ئۇ قۇرلارنى قايتا يېنىپ يەنە بىر نەچچە رەت ئوقۇدۇم خۇددى ئۇلار ماڭا بۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئەسلىمىلەرنى قايتۇرۇپ ئەكىلىپ بېرەلەيدىغاندەك.  ئەمما ئەمدى بۇ ئورۇنسىز ئېدى.  شۇ نائۈمۈتلۈك بىلەن خاتىرەمنى كۆزۈم قىيمىغان ھالدا ئاستا يېپىۋەتتىم ۋە 19 يىللىق ھايات مۇساپەمنى چاقماق تېزلىكىدە قايتىدىن يەنە بىر بىسىشقا مۇيەسسەر قىلغان بۇ سېھرلىك دەپتەرنى ئاستا ئاۋايلاپ جايىغا سېلىپ قويدۇم. ئىچىم بەكمۇ ئېچىشىپ كەتتى.  ئويلىسام شۇنداق بىر گۈزەل چاغلار بولغان ئېدى، ئەمدى ئۇ مەڭگۈ كەلمەسكە كەتتى.....................................................      L_3Ao'SA  
/N .xh  

تېما تەستىقلىغۇچى : Azizim
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-09-05, 01:06
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
dildaray
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.49999

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   14 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   228 (سوم)
 ياخشى باھا:   14 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 332
 سائەت
دەرىجىسى:
332 سائەت 18 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-01
ئاخــىرقىسى:2011-11-03
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-07

ظەسىرىڭىزنىڭ يېزىشقا تىگىشلىك ‹داۋامى› باردەكلا بىلىندى... oYx4+xH/  
تىلى تولىمۇ يىنىك، يېقىشلىق چىقىپتۇ!....9 يىلنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرگەن كۈندىلىك خاتىرەمگە يۈرىگىم يەنە بىر قېتىم ئېچىشتى!...
 
ئەمەل ئەۋزەل قەسەمدىن!
nima︿japa
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.43372

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   324 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3966 (سوم)
 ياخشى باھا:   1029 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1241  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1017
 سائەت
دەرىجىسى:
1017 سائەت 23 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-06
ئاخــىرقىسى:2011-11-03
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-07

شۇنداق ياخشى  چىقىپتۇ ئاخىرنى يازاسىز
 
مۇھەببەت شەخسنى ئۆزگەرتەلەيدۇ
kunbike
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.42883

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   164 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1770 (سوم)
 ياخشى باھا:   323 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   299  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3597
 سائەت
دەرىجىسى:
3597 سائەت 173 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-02
ئاخــىرقىسى:2011-11-02
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-08

مىنىڭ ھىس قىلىشىمچە يازمىڭىز يىزىلىپ بولدىغۇ دەيمەن .چۈنكى خاتىرەنى ئاۋايلاپ جايىغا سالغىنىڭىزنىڭ ئۆزى يازمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .قالغىنى بولسا ھەسرەتلىك ئەسلىمە ،ئاچچىق ياش ئەلەم ، شۇنداققۇ .ياخشى يىزىپسىز .
 
ئۆزۈڭ ئېرىشەلمەي، باشقىلار ئېرىشكەن نەرسىگە كۆز قىرىڭنى سالما!!!
tektimakan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.53820

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   121 (سوم)
 ياخشى باھا:   33 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 0
 سائەت
دەرىجىسى:
0 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-29
ئاخــىرقىسى:2011-10-26
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-08

ظەسىرىڭىزنىڭ يېزىشقا تىگىشلىك ‹داۋامى› باردەكلا بىلىندى... Q* ifmnB'   gd;e-.  
تىلى تولىمۇ يىنىك، يېقىشلىق چىقىپتۇ!....9 يىلنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرگەن كۈندىلىك خاتىرەمگە يۈرىگىم يەنە بىر قېتىم ئېچىشتى!... NZ~"2~Hh  
>c@1UEwkm  
كۆپ رەھمەت، مەمنۇن بولدۇم...بەلكىم داۋامىنى يېزىشىم مۇمكىن، لېكىن كىيىنلىككە...خاتىرە دەپتەرنى كۆيدۈردۈم دەڭ، بۇ ياخشى بولمىدىمۇ قانداق..غۇلجىدا بىر دەپتىرىم قىلىپ قالغان ئىدى، شۇنى ھازىرغىچە «ئېلىۋالسام بوپتىكە» دەپ كېتىمەن..
 
tektimakan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.53820

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   121 (سوم)
 ياخشى باھا:   33 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 0
 سائەت
دەرىجىسى:
0 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-29
ئاخــىرقىسى:2011-10-26
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-08

شۇنداق ياخشى  چىقىپتۇ ئاخىرنى يازاسىز fRd^@@,[  
\py \rI   
خۇدايىم بۇيرىسا يىزىشقا تىرىشىمەن...:)
 
tektimakan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.53820

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   121 (سوم)
 ياخشى باھا:   33 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 0
 سائەت
دەرىجىسى:
0 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-29
ئاخــىرقىسى:2011-10-26
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-08

مىنىڭ ھىس قىلىشىمچە يازمىڭىز يىزىلىپ بولدىغۇ دەيمەن .چۈنكى خاتىرەنى ئاۋايلاپ جايىغا سالغىنىڭىزنىڭ ئۆزى يازمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .قالغىنى بولسا ھەسرەتلىك ئەسلىمە ،ئاچچىق ياش ئەلەم ، شۇنداققۇ .ياخشى يىزىپسىز . Ua>lf8w<  
B^;P:S 
كۆپ رەھمەت، شۇنداق ھازىرچە بۇ يازما مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى...بەلكىم ۋاقىتلار ئۆتۈپ ئاخىرى يىزىلىشى مۇمكىن...
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى