8F6h#%9 rz IC~ljy]y_ L#j/0IHD تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغان ئىدى، قوشنىمىزنىڭ ئۆيىدىن ئاڭلانغان يىغا-زارىدىن ئەنسىز لىك بىلەن ئەندىكىپ چالا ئۇيقۇدىن بىراقلا ئويغۇنۇپ كەتتىم ، ئۆيدىكىلەر نىمە ئىش بولغىنىنى ئاللاقاچان ئۇقۇپ ئادەمگەرچىلىك ئادىتىمىز بويىچە ئۇلارنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كىتىپتۇ ، كېيىن ئۆيدىكىلەردىن ئۇقسام ئۇلارنىڭ ئەمدىلا ئون يەتتە -ئون سەككىزلەرگە كىرگەن بىر قىزى بارئىدى، دادىسى ئۇنىمىغىنىغا قويماي مەكتەپتىن مەجبۇرى ئاجرىتىۋالغان ئىدى ،مەكتەپتىن چىقىپ يا باشقا ئىشمۇ قىلمىدى، پات-پات كوچىلاردا ئۇچراپ قالاتتى، ئۆزىمۇ خېلى چىرايلىق قىز بولغان ئىدى ، لېكىن ماڭا كىيىنىشلىرى بەكلا غەلىتە كۆرىنەتتى ئۇ رەھمەتلىكنىڭ . `
^Q2ZqAf^a قوشنىمىزنىڭ شۇ قىزى ئاخشام ئۆيگە كىلىپ تاماقمۇ يىمەستىن بىر بوتولكا مىنېرال سۇنى ئۆيىگە ئەكىرىپ كېتىپ تېلېۋۇزۇر كۆرۈپ ساق ئۇخلاپ قالغان ئىكەن. ئەتتىگەن ئانىسى نامازغا ئويغاتسا پەقەتلا شەپەچىقماپتۇ. كېيىن كىرىپ قارىسا بىچارە قىزنىڭ يوتقان كۆرپىسى ھەممىسى قۇسۇق كۆزى ئۇچۇق نەپسى توختاپ قاپتۇ . قىزنىڭ دوسلىرى يىتىپ كەلگەندە ئانىسى ئۇلاردىن ئۇنى بۇنى سوراپ سىرىتتىكى ھېچقانداق ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەپتۇ ، تۆنۈگۈن كەچ ماھىرەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەپ ئۇنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرغان رىزۋاننىڭ كەيپىياتىمۇ ياخشى ئىدى بىرە نۇرمالسىز ئىشىنى بايقىمىغان ئىدۇق ، كەچتىمۇ بالدۇر قايتقان بولمىسا دىيىشىپتۇ مەرھۇمنىڭ دوسلىرى تولىمۇ ھەيران بولۇپ .
rg)h5G ئەركەك قوشنىمىز ئەھلى سالىھ تەقۋادار كىشى بولغاچقا بۇ مۇسىبەتكە دۇرۇس نىيەتتە يۈزلىنىپ خۇدانىڭ بۇ ئورۇنلاشتۇرىشىغا بويسۇنۇپ ئارتۇقچە بىر ئىشلارنى قىلىپمۇ يۈرمەي قىزىنى قائىدىلىرى بىلەن كۆمۈپ قويدى . ساپساقلا بىر قىزنىڭ بىر كىچىدىلا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كىتىشى ئاڭلىماققا غەلىتە بىلىنسىمۇ مەھەللىمىزدىن بۇ مۇسىبەتنىڭ غەۋغاسى يەنە بۇرۇنقى ئۆلۈم-يىتىم ئىشلىرىدەكلا ئۇزۇن ئۆتمەيلا جىمىقىپ كەتتى .
$KQ,}I رىزۋان ئىسىملىك بۇ قىز بىلەن كوچىلاردا ئۇچرىشىپ قالساق ئانچە مۇنچە پاراڭمۇ قىلىشىپ قوياتتۇق ، بۇ قىز ئۇچۇق يورۇق چاقچاق كۆتىرىدىغان ھەم چاقچاققا ھېرىسمەن كىشىنى گەپتە قويساملا دەيدىغان شوخ قىزلاردىن ئىدى، ئىسىمدىن زادىلا چىقمايدۇ، بىرچاغدا ئۇنىڭ بىلەن كوچائاپتوبوسىدا ئۇچرىشىپ قالغان ۋاختىم ، شۇ ۋاختىدا ئۇ تولىمۇ غەلىتە كىيىنىۋالغان ئىكەن ،
[j0w\{ قونچاقتەك ياسىنىپ قايسى دېسكۇخانىغا ماڭدىڭ ؟ دەپ گەپ ئاچتىم ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ
2%YXc|gGT قايسى دېسكۇخانىغا بۇلاتتى سىز ئاچقىنىغا ماڭدىم شۇ،- دېدى ئۇ ئېغىزىنى ئۇچلاپ خۇددى راستەكلا ئۈنلۈك ئاۋازدا. ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئاكتىيورلاردەك بۇ سۆزنى قىلىۋاتقان قىياپىتىدىن ئەتراپتىكى بىرنەچچە كىشى ماڭا غەلىتىلا قاراپ قويدى .
m5gI~1(9 - ئەجەب قاقۋاش ھە سەن، گەپ قىلغىلى بولمايدۇ زادى دېدىم يەنە .
~3 @*7B5Q - ھە گەپ قىلاي دىسىڭىزمۇ ئايالىڭىزنىڭ دەشناملىرىدىن قورقىدىغانسىز شۇ .....
9ECS,r*B ئۇ قىز بىلەن مانا شۇنداق چىقىشاتتۇق شۇڭلاشقىمىكىن ئۇنىڭ ئۆلۈمى ماڭا ناھايىتى بەك تەسىر قىلدى. ئۇزۇنغىچە ئىسىمدىن كۆتۈرۈلمىدى .
#s^s_8#&e بىركۈنى كەچ ئۆيگە كەتكۈم كەلمەي تورخانىغا بېرىپ بىردەم مۇنبەرگە كىرىپ تىماكۆرەي دېگەن نىيەتتە تورغا چىقتىم ،ئالاھەزەل بىرە سائەتتەك ۋاقىت ئۆتتىمىكىن تورخانىنىڭ بىر يېقىدا بولۇنىۋاتقان غەۋغالار دىققىتىمنى تارتتى تورخانىنىڭ خۇجايىنى خېرىدار قاتارلىق بىر توپ كىشى كومپيۇتور ئۈستىلىگە بېشىنى قويۇپ قېتىپ قالغان ئىككى بالىغا قاراپ بىرنىمىلەرنى دېيىشىۋاتاتتى، شۇئارىدا تورخانىغا ساقچى پەيدابولدى ،ساقچىلار ھېلىقى ئىككى بالا ۋە تورخانا خۇجايىنىنى ئېلىپ كەتتى ، كېيىن ئۇقسام ھېلىقى ئىككى بالا قانداقتۇر بىر خىل ئادەمنى مەس قىلىدىغان دورىنى ھەددىدىن زىيادە يەۋېلىپ ئۆلۈپ قاپتۇ ، تورخاناخۇجايىنىدىن بولسا قورامىغا يەتمىگەنلەرنى تورخانىغا كىرگۈزگەن دەپ جەرىمانە ئېلىپ قويۇۋىتىپتۇ ، توۋا خۇدايىم ئويلاپ باقسام شۇۋاقىتتىكى شۇ بالىلار تازا بولسا ئون يەتتە ياشلاردىكى بالىلار ئىكەن ،شۇنچە كىچىك تۇرۇپ شۇ بالىلار نىم بوپكەتكەن ھە- بۇئىشتىن ھېلىقى قوشنىمىزنىڭ قىزىنىڭ ئۆلۈمى يادىمغا يەتتى ،شۇقىزمۇ شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەن بولغىيدىمۇ توۋاخۇدايىم جاننى ئالىدىغان شۇنداق دورىلارنى بىلىپ تۇرۇپمۇ يېگەن بارمۇ ، ئىچىم بىرخىل ئاچچىق ئەندىشە ئىلكىدە كىيىنكى مىللەتداشلىرىم ۋە ئەۋلاتلارغا تىراگىدىيىلىك بىر تەقدىر قىسمەتنىڭ تۇيدۇرمايلا جىسمىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ كۆڭلۈم ئەپسۇسلۇق ئەندىشە بىلەن بۇ ئىشلارنىمۇ ئۇنتۇپ كەتتى .
[=~!w_ جاھان بەك قاتتىقلىشىپ كەتتى. پۇل تاپماق بەك تەس، شۇنچە تەستە تاپقان پۇلغا يا تۈزۈك بىرنەرسە كەلمىگەن ، ئادەملەرمۇ بىر-بىرىدىن يامان بولۇپ كەتتى ،ئېپىنى تاپسا ئادەمنى قويىمەنلا دەپ تۇرىدۇ ، شۇڭا بۇ جەمىيەتتە بىر ئىشقىلىپ پۇل تېپىپ جېنىمنى باقىمەن دەيدىكەنسەن، ھۇشيار تېتىك بولمىساڭ بىردەمدىلا قاقسەنەم بولۇپ بۇ جەمىيەتتىن شاللىنىدىغان گەپ. تىرىكچىلىك ھەلەكچىلىكىدە ۋاقىت ئاي، يىللار، تالاي ئىشلارنى ئۇنتۇلدۇردى، تالاي كىشىلەر ئۆلۈپ كەتتى ، بەزىلىرى كىشىگە مەلۇملۇق مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن ئۆلگەن بولسا بەزىلىرى تولىمۇ سىرلىق جىمجىتلا ئۆلۈپ كەتتى،ھەممىمىز ھامان بىر كۈنى كۆرۈشۈپ قالىدىغان بۇ ئۆلۈم ياش قېرى دىمەي نۇرغۇن سەبى جانلارنى جىمجىتلا ئارىمىزدىن ئېلىپ كەتتى ،يىللار مانا مەندەك بىر قىران يىگىتنىمۇ ئۆزۈمگىمۇ سەزمىگەندەك بىردەمدىلا پىشانەڭگە يول يول قورۇقلارنى سېلىپ ئاتا ئانامدىن ئايرىپ ئۈچ بالىغا دادا قىلىپ توختالغان بىر ئەركەك قىلىپ قويدى .بىر ئويلىسام ئۆزۈمنى خۇددى بىرە يۈز ياشقا كىرگەندەك يەنە بىر ئويلىسام تېخى ئەمدىلا توغۇلۇپ شۇنچە تىز مۇشۇ ھالغا كىلىپ قالغاندەك تۇيۇلۇپ قالىدۇ بەزىدە ...
1v]t!}W:6 مۇشۇ كەمدە بالىلارنى قانداق تەربىيلەۋاتىمىزكىن ئىشقىلىپ چوڭلاردىن بىرنەچچەيلەن بىريەرگە يېغىلىپ قالساقلا شۇ دەردىنى تارتىۋاتقان بالىلارنىڭ ئىشلىرىدىن قاقشىشىدىغان بولۇپ قاپتىمىز ، خۇددى ھەممە ئادەمنىڭ بالىلىرى ئاتا ئانىسىنى قاقشىتىۋاتقاندەك بىلىنىپ قالىدۇ بەزىدە ياكى راسلا شۇنداقمىدۇ بۇنىسى قاراڭغۇ ، ئۆتكەندە مىجەزىم يوق بۇپ قېلىپ دوختۇرخانىدا نەچچە كۈن ئوكۇل سالدۇرغان ئىدىم ،ئوكۇل سالدۇرغان شۇ ئۆيدە ئالا ھەزەل ئوندەك ئاتا ئانىلار بار ئىدۇق شۇۋاقىتتىكى بىر ئايالنىڭ بالىلار توغۇرلۇق قىلغان بىر گېپى زادىلا يادىمدىن چىقمايدۇ ،ئوزى قىرىقتىن ئاشقان ئايال ئىكەن قارىغاندا ئۇ ئايالنى بىر ئوغلى قىمار ئويناپ راسا قاخشىتىپتۇ. ئىشقىلىپ بالا ۋاقا دىگەنگە بۇرنى قۇلىقىغىچە تويۇپ كىتىپتۇ ،مۇشۇ ئوغۇل بالا دىگەننىچۇ تۇغۇپلا گېلىنى سىقىپ ئۆلتۈرۈۋېتىدىغان نىمىكەن .دەپ گېپىنى ئاخىرلاشتۇرغانتى ئۇ ئايال شۇ گېپى زادىلا ئىسىمدىن چىقمايدۇ ،
B$7[8h Q
X):T#^V كونىلاردا ئېتىزغا نېمە تېرىساڭ شۇنى ئالىسەن دەيدىغان گەپ بار ئۆزۇمغۇ بۇرۇن ئاتا ئانامنى ئۇنچە خاپا قىلغانمۇ ئەمەس بىلىپ بىلمەي قىلغانلىرىم ۋايتاڭ ئەمدى . لېكىن مىنىڭ ماۋۇ چوڭ ئوغلۇم مىنى راسلا دادىسى بولغىنىمغا تويغۇزۇۋەتتى تېخى ئۆزى بەزىدە مەن دەك ئادەمنىڭ بالىسى بوپ قالغىنىغا پۇشايمان قىلىپ ماڭا خىتاب قىلىدىغان بولىۋالدى ،ئۇردۇم تىللىدىم ئۆيدىنمۇ قوغلىدىم زادىلا ئوڭشالمىدى بىچارە ئانىسى ئۇنىڭ دەردىدە يۈرىكى زىدە بوپ تالاي قېتىم يېتىپ قالدى ،بەزىدە بىر چىكەتسە نەچچە كۈن گىچە ئۆيگە كەلمەيدۇ بۇنداق چاغلاردا بىزمۇ خاتىرجەم بولۇپ قالىمىز ،توۋاخۇدايىم بىز كىچىك ۋاخلاردا نەچچە كۈن ئۆيگە كىرمىسەك ئۆيدىكىلەر ئەنسىرەپ كىرپىك قاقماي ئىزدەيتتى مانا مەن ئۆز بالام ئۆيدىن يوقاپ كەتسە تولىمۇ خاتىرجەم بولىدىغان بولۇپ قالدىم، دادا بالا مېھرى مۇھەببىتىمىز ئاللا قاچان قەبرىگە كىرىپ كەتتى ،بىز ئەرلەر ھېسسىيات ئىشىدا بەزىدە كەسكىن بولغىنىمىز بىلەن بىچارە ئانىلار غا ياراتقۇچى زات مېھرى مۇھەببەت دىگەننى توننىلاپ بېرىپتىكەن شۇنچە خاپا قىلىپ قاقشىتىۋاتسىمۇ يەنە شۇ بەڭۋاش ئوغلىمىزنىڭ ئىشى بىلەن يەنە شۇنىڭ تەرىپىنى قىلىپ يۈرەتتى ،ھەممىسى شۇ پۇل نىڭ كاساپىتى مەن دەك كۈنلۈكىنى كۈندە تاپىدىغان ئېلىپ ساتارلاردا نەدىمۇ ئاتۇق تۆشۈك پۇل بولسۇن ،كۈنلۈك تاپقىنىم مۇشۇ ئۆينى قامداشقا ئاران يېتىۋاتسا ماۋۇ ئوغلۇمنىڭ خىراجىتى ئۆينىڭ خىراجىتىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى ،كۈنىگە پۇل دەپ جېدەل قىلاتتى، مەن ئۇنىڭ شۇ پۇللارنى نىمىگە خەجلەيدىغانلىقىنى زادىلا بىلمەيتتىم ،ئەمدىلا ئون يەتتىگە كىرگەن بۇ ئوغلۇمنىڭ خەجلەيدىغان پۇلىغا پەقەتلا چىقىنىپ بولالمىدىم ،ئانىسىنىڭ ئازغىنە زىبۇ زىننىتىنى قانداق قىلىپ تاپتىكىن ئوغۇرلاپ سېتىپ نەچچە كۈن ئۆيگىمۇ كەلمىدى ،قانداق قىلاتتۇق يا تاياق ئۆتمەيدىغان يا ئۇز گەپ ئۆتمەيدىغان يا سەت گەپ ئۆتمەيدىغان بۇ مەخلۇققا كەلسە كەلدىڭ دېمىدۇق كەتسە كەتتىڭ دېمىدۇق شۇنداق قىلىپ كۈنىنى ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ ،
LUul7y'" يازنىڭ ئىسسىق كېچىلىرىنىڭ بىرىدە ئىشىك دېرىزىلەرنى ئېچىپ قويۇپ لا ئۇيقۇغا كىتىپتىمەن تۈن يېرىم بولاي دىگەندە قانداق تۇر بىر شەپىدىن ئويغۇنۇپ كەتتىم ،ئايىغىمدا بىر قارا گەۋدە تۇراتتى مەن جىددىيلەشكىنىمدىن ،
1ypjyu كىم ؟ دەپ ۋارقىرىۋەتتىم كۈتۈلمىگەن بۇ سۆزدىن قورقۇپ كەتكەن قارا سايە قولىدا شىمىمنى كۆتۈرۈپلا ئىشىك تەرەپ كە يۈگۈردى ،چاچراپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلىكىنى بىر قولۇم بىلەن يەنە بىر قولۇم بىلەن جىمى دەسمايىمنىڭ مەنبەسى بار بولغان ئىشتىنىمنى تۇتىۋالدىم ،يېقىن بېرىپ تۇتۇپلا بۇ قارا سايىنىڭ كىم ئىكەنلىكى ماڭا ئايان بولدى ،ئۇ ئۆزۈم تاپقان ۋە باققان ئۆز ئوغلۇم ئىدى .
m3"c (L`B سەن نىمەقىلىۋاتىسەن ؟ دەپ ۋاقىرىدىم ئۇنىڭ غا ...
Sw
"|iBZ@ ئۇ گەپ سۆزسىز قاتتىق سىلكىنىپ قولىنى تۇتىۋالغان قولۇمدىن قولىنى ئاجراتتى. ئىشتاننى تۇتىۋالغان قولۇم تۇيۇقسىز چىملا قىلىپ ئاغرىپ كەتتى بۇ ئاغرىقتىن ئىشتاننىمۇ قويىۋەتتى ئوغلۇممۇ كۆز دىن غايىب بولدى .
T#N80BH[ دەرۇ چىراقنى ياقتىم قولۇم غا پىچاق سانجىلغان بولۇپ ئۆي ئىچى ۋە قۇلۇم قان بىلەن بويالغان ئىدى ،
l#ygb|=x ئانىسى ئاللا قاچان ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلىپ نالە قىلىپ يىغلىماقتا ئىدى ،
`skH-lk, يۈرۈكۈم خۇددى ئىچىمگە پاتمايۋاتقان دەك ھېلىلا پارتلاپ كېتىدىغان دەك بىرخىل ئىچكى ئازاب توختاۋسىز كۆزۈمدىن ئۈنچىدەك ياشلارنى تۆكمەكتە ئىدى، بىر كىچە ئازاپلىق خىيالى ئويلار بىلەن تاڭ ئاتتى راستىنى ئېيتسام شۇنچە كۈيۈنۈپ يىمەي ئىچمەي باققان ئۆز بالامدىن كەلگەن بۇ قىسمەتلەردىن ئۆيدىكى مۇنۇ ئىككى پۇشتۇمدىنمۇ يارىم قايتتى ئۇلارغىمۇ چىراي ئاچمىدىم ،دەسمايىدىنمۇ ئايرىلدىم ئوغلۇم غا بۇ پۇل ناھايىتى بولسا ئون يىگىرمە كۈنلۈك بولار ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە قايتىپ كېلىدۇ ،ئېھتىمال بۇقېتىم قايتىپ كەلمەس قايتىپ كەلدى دىگەندىمۇ قانداقمۇ چىرايىمغاقارىسۇن ،ۋاي تاڭەي مۇشۇ جەمىيەتتە چوڭ بولىۋاتقان مىنىڭ بالام دەك بالىلارنىڭ يۈزى بەكمۇ قېلىن بوپكىتىپتۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك قايتىپ كىلەم دۇ تېخى .
ir+8:./6 قانداق قىلىش كېرەك نېمىلا بولسۇن بىر ئىشقىلىپ كەينىمگە چېتىلغان ماۋۇ ئۈچ جاننى بېقىشىم كىرەكتە بىر تىيىن پۇل يوق قوشنامدىن ئازراق پۇل قەرز سورىۋىدىم ،بۇ مائاشلىق كىشىلەر مەندىنمۇ بەك ھال ئېيتىپ يولغا سالدى ،ئەسلا رەنجىمىدىم ئۆز ئوغلۇم دىن كەلگىنى شۇ تۇرسا يەنە خەقلەردىن نېمە دەپ رەنجىيتتىم ،ئايالىمغا بۇمۈشكۈلچىلىك ئايان ئىدى ،قېيىن ئاتامدىن ياردەم سوراش مەسلىھەتىنى قايتا قايتا قويدى ئۇ
k!
vHO ..ھېي قېرىپ قالغان ئادەملەرنى ئارامىداقويماي قايسى يۈزۈم بىلەن پۇل سورايمەن ،ئۇنىڭ ئۈستىگە مايۈزۈمگە سەت ئەمەسمۇ دەپ رەت قىلدىم ئايالىمنىڭ تەكلىۋىنى
Xky@[Td* بىركۈنى ئايالىم ئۆزى بېرىپ قىيىن ئاتامدىن بىر ئاز پۇل ئەكىلىپتۇ ،قىپقىزىل بۇ پۇللار كۆزۈمگە خۇددى خوتەن دەرياسىدىن ئۇچرىغان قاشتېشىدەك ئۇز كۆرۈنۈپ كەتتى ئۆزۈم بېرىپ سوراشتەك خىجىلچىلىقنى تارتمىغاچقا پۇلنى خۇشاللىق بىلەن ئېلىپ ئايالىمغا قېينى ئاتامنىڭ بىر ئىككى ئېغىز ياخشى تەرىپىنى قىلىپ قويۇپ بازارغا يۈرۈپ كەتتىم ،
x{j+}'9 l3\9S#3-^ كۈنلەر يەنە بۇرۇنقىدەك ئۆتۈشكە باشلىدى ،ئوغلۇممۇ كۆزگە كۆرۈنمىدى ئېھتىمال ھېلىقى پۇل تېخى تۈگىمىگەن بولسا كىرەك ،مەن ئۇنىڭ بولسا مۇشۇ يوقالغانچە يوق بولىشىغىمۇ ئىدىيەمدە تەييارلىق قىلىپ قويدۇم ،مېنىڭچە ئوغلۇمنىڭ ئۆيگە قايتىپ كىلىپ يا بىز نى خوش قىلماي يا ئۆزى خوش بولماي يۈرگىنىدىن يەنىلا تۇرمۇشىمىزدىن يوقىغىنى ياخشى ئىدى ،لېكىن شۇنداقتىمۇ نامازلىرىمدا ئوغلۇم ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى ئۇنتىمىدىم .
qw)Key ئايالىم پاتپات ئوغلىمىزنىڭ گېپىنى قىلىپ يىغلايتتى ،بۇنداق چاغلاردا ئارتۇقچە گەپ سۆز قىلمايتتىم ھەم تەسەللى بەرمەيتتىم ،ئات ئايلىنىپ ئۇقۇرىنى تاپا دەپ ئوغلۇم نىڭ ھامان بىركۈنى قايتىپ كېلەمدىكىن دىسەم خېلى ئۇزۇنغىچە ھېچ بىر سايىسىنى كۆرمىدىم ،ئانىسىنىڭ زارلىرىغا چىدىماي مەن تونۇيدىغان بىرنەچچە دوستىدىن سۈرۈشتۈرمەكچى بولدۇم ،
8z0Hx ئۇكام مۇشۇ بىرنەچچە كۈننىڭ بويان ئوغلۇمنى بىرە يەرلەردە كۆردۈڭمۇ ؟ دەپ سورىدىم ئوغلۇمنىڭ بۇرۇنقى بىر سىنىپدېشىدىن
F*.
/D~K مۇشۇ كۈنلەردە ئىلھام بىزلەرگە ئانچە يېقىنلاشماس بولۇپ قالدى ،بەزىدە ئۇچرۇشۇپ قالساقمۇ كۆرمەسكە سېلىپ كىتىدۇغۇ تاڭ بىزلەردىن قېچىپ بۇرۇن بىز داۋاملىق بارىدىغان تورخانىغىمۇ بارماس بولدى ،شۇڭا ئانچە ئارلاشمايۋاتىمىز ھازىر دېدى ئۇ.
ec#_olG% سىنىڭچە ئۇنى نەدىن تاپقىلى بولار ؟ئۇكام .
Cl{{H]QngX بۇنى بىلمەيدىكەنمەن ئاكا لېكىن ئۇچراتسام چوقۇم دەپ قويىمەن ئۇنىڭغا
4t*<+H% رەھمەت ئۇكام ئۇچراپ قالسا چوقۇم دەپ قوي ئانىسى ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ تولا يىغلاپ يېقىلىپ قالدى، بولسا چوقۇم يەتكۈزۈپ قوي دەپ يېلىندىم ئۇنىڭغا
'%:5axg?] ئاكا سىزگە بىرگەپ بارتى دىسەم ئىلھامغا مىنىڭ دېگىنىمنى دىمىسىڭىز دېدى ئۇ ئىككىلەن گەن چىراي ئىپادىدە ،
%qONJP نىمە ئىشتى ئۇكام ئىشقىلىپ ئۇنىڭ بىزگە قىلمىغانلىرى قالمىدى يەنە قانداق ئەسكىلىكلىرىنىڭ بارلىقىنى ئۇقسام ماڭا بەرىبىر قېنى دىگىن مەن ئىچىمدە ساقلايمەن .....
C\J@fpH(t` دوستلاردىن ئاڭلىشىمچە ئۇ مۇشۇ يېقىننىڭ بويان دورا يەيدىغان بولىۋاپتۇ ،
[KD}U-(Wg نېمە ؟ دورا قانداق دورا ئۇ؟ ،بۇگەپنى سوراۋېتىپ بۇرۇن كۆرگەن بەزى ئىشلار چاقماق تىزلىكىدە يادىمدىن كەچتى .
Re7{[*Q4 مەن مۇ تازا ئىنىق بىلمەيمەن ئىشقىلىپ ئادەمنى مەس قىلىدىغان دورىمىش ئۇزۇن مۇددەت يىسە بەك زىيانلىق دەيدۇ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇمارىمۇ بەك يامان دەيدىغۇ ..
:^K~t!@ بۇ ئىشلارنى ئاڭلاپ ئوغلۇمنىڭ بۇ سىنىپ تېشى بىلەن سالپايغان ھالدا خوشلاشتىم
Mi<*6j0 ،كىتىۋېتىپ ئوغلۇمنىڭ بۇ دوستىغا مەسلىكىم كەلدى ھەي بۇ قانداق بالىلار دۇ مىنىڭ بالام قانداق بالىدۇ ھە دەپ ئەپسۇسلاندىم ،ئوغلۇمنىڭ ئۇ ئىشىدىن ئانچە ئەندىكىپ كەتمىدىم ،ئۇنىڭ بۇ ھالدا كېتىۋاتقىنىغا خېلى ئۇزۇن بولدى ئەمدى ئۇنى تۈزەشكە مەندە قىلچىلىكمۇ ئۈمىد يوق ئىدى ،بىركۈنى كەچ خوشنىمىز ئالدىراپ سالدىراپ كىرىپتۇ .
Q4#\{" N! نېمە ئىشلىقىنى ئۇقسام بايا تېلېۋىزوردا ئوغلىمىزغا ئوخشايدىغان بىر جەسەتنى تونىۋېلىڭلار دەپ ئېلان بېرىپتۇ ،شۇنى بىزگە دەپ قويۇش ئۈچۈن كىرىپتۇ ،يۈرۈكۈم ئېغىپ كۈتۈلمىگەن بۇ خەۋەردىن گاڭگىراپ قالدىم ،
zkH<aLRB ئورنى نەدە ئىكەن؟ دەپ سورىدىم جىددىي
l
DgzM3 شەھەرلىك گۇڭ ئەن جۈي دەيدىغۇ .
ZV0)
."^Z ئايالىم يەنە شۇ بۇرۇنقىدەك نالە زار قىلىپ يىغلاشقا باشلىدى بىز بىرگە شەھەرلىك گۇڭئەندە ماڭدۇق
p0"BO4({{ ئوغلۇم ئەۋرەتلىرىنى مۇنداقلا يۆگەپ قويۇلغان ھالدا كىچىك بىر كارۋاتتا سوزۇلۇپ ياتاتتى ئۇ راستلا مىنىڭ ئوغلۇم ئىدى ،
>>/nuWdpO ئايالىم ئۇنىڭغا ئېتىلدى نالە زارلار بىلەن تېلىقىپ يىغلايتتى ،ئۇنىڭغا جۆربۇلۇپ مىنىڭ كۆزۈمدىنمۇ ياش ئىختىيارسىز تۆكۈلدى
R%Kl&c قانۇن دوختۇرىنىڭ دىيىشىچە ئوغلۇم ساختا خېروئىننى ھەددىدىن زىيادە ئۇرۇۋېلىپ زەھەرلىنىپ ئۆلۈپتۇ ،
k&n\
=tKN بىچارە ئوغلۇم نامراتچىلىقنىڭ دەردىدە ساپ خىروئىن ئېلىشقىمۇ پۇل تاپالماپتۇ، ئوغلۇمنىڭ ئۆلۈمىدىن خۇددى بەدىنىمگە چاپلىشىۋالغىلى ئۇزۇن بولغان يۇيۇپ چىقىرىۋېتەلمىگەن بىر قارا كىرنى ئاخىرى يۇيۇپ چىقىرىۋەتكەندەك ھېسسىياتتا بولۇپ قالدىم ،قىسمەت دېگەن شۇ بولسا كىرەك مەندىن بۇرۇن ئوغلۇمنى قەبرىگە كۆمۈپ قويدۇق ،كۈنلەرنى يەنە بۇرۇنقىدەك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشتىم شۇنداقلا بۇ رەزىل ھەم گۈزەل جەمئىيەت نىڭ بىھۇدە قۇربانى بولۇپ كەتكەن شۇ بىتەلەي ئوغلۇمدىن يەنىلا چىن دىلىمدىن رازى ئىدىم ،خەير ئوغلۇم ئەمدى تەقدىرىڭ ئاللاھنىڭ قولىدا خۇدا نىمىنى خالىسا شۇ بولسۇن .
q=T<^Tk#e c>M_?::)0 ئاپتورى : ئابلىمىت يادىكار قاۋۇل يەنى مۇنبەردىكى شىۋاس 1- r7zf+a] SZNFE (\5
qdg= Imx
"Wzij&WkQ
P#M
$6qR/#74
BbXmT"@
0O@[on;Bd
2b vYF;
^;v.ytO*
[ بۇ يازما hokumran تەرپىدىن 2011-09-04 08:21 PM دە ]