« ‹ئىز › ناملىق شېئىرغا تەقلىت » كە ئىزاھات!
)>ed6A1 icF -`m ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلىنىڭ يۇرۇق يۇلتۇزى ، نۇرلۇق ئاپتىپى ، مۇنبەر سەھنىسىنىڭ زىننىتى بولغان جىسمىدا دانىشمەنلىك ۋە كامالەتنى جەم قىلغان ، قۇياشتەك پارلاق ئەقىل پاراسىتى، ئەۋزەللىك مۇقەددىمىسىدىن نۇر چېچىپ چىققان مۇنبەر ئەزالىرى .
a$MMp= p ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تور دۇنياسىنىڭ يول باشچىسى، مۇنبەر ئەھلىنىڭ پىشىۋاسى، ئەزالارنىڭ دوستى، پەزىلەتنىڭ ئىگىسى، ھېكمەت مەنالىرىنىڭ تەلەپكارى ماختاشقا لايىق، سەھەردە تاڭ شامىلىنىڭ يەلپۈشى بىلەن ئېچىلغان غۇنچىدەك تەبەسسسۇم قىلىپ تۇردىغان ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچىلار .
i&^?p|eKa كەمىنە بىغەرەز ، بى نەزەر مۇنبەر پىچكىسى چارتېكىندىن سىلەرگە ئاجىز توشقاندىن كۈچلىك بۆرىلەر توپىغا سالام بولغىنىدەك قورقۇچ ۋە ئېھتىرامغا تولغان سالام.
t%Z_*mIfmE كەمىنە چارتېكىن ئىزتىراپ قۇلى بىلەن سەۋرى ياقىسىنى يىرتىپ تۇرۇپ كۈڭىل ئىشكىنى خىجالەتچىلىك قۇلى بىلەن ئېچىپ، ئۆزىمگە يۇقتۇرغان سەۋى - نوخسان كىرلىرىنى ھەر قايسىڭىزلارنىڭ ئالەمچە سېخىلىققا تولغان ئەپۇ سۈيى بىلەن يۇيۇشنى خىجالەتچىلىك لەشكەرلىرىنىڭ تۈمۈر تىرنالىرىدا تۇرۇپ تىلەيمەن .
l%"e
Q كەمىنە ئۆزىمنىڭ كەم ئەقىل ئىختىدارىمنىڭ چەكلىكلىكىگە قارىماي ۋۇجۇدۇمدىكى نادانلىقنىڭ ۋەسۋەسىسى بىلەن بىر ياخشى ئەسەر يېزىشقا تۇتۇش قىلىپ، ئەسەر دەرياسىنىڭ ۋەقەلىك ئېقىنىنى بويلاپ، ئېھتىياج ۋە زۈرۈرىيەت تۈپەيلى بىر شېئىر يېزىپ ئۇنى مۇنبەر گۇلزارىغا تاشلىدىم. ھەم كۆڭىل كۆزى راسلىق سۈرمىسى بىلەن رۇشەن بولغان مۇنبەر ئەھلىنىڭ ، پاراسەتسىز مۇئەللىپنىڭ ئەرزىمەس شېئىرىغا ، توغرىلىق قۇلى بىلەن گۈزەللىك نەقىشلىرىنى ئۇرسا ئەجەپ ئەمەس ۋە بەلكى ئەشە يېزىۋاتقان ئەسەرگە نىسبەتەن ياخشى دېگەن ئېدىم. ئويلىمىغان يەردىن بۇ ئىش تۈپەيلى نادانلىق تىكىنى مېنىڭ ئىتىكىمنى ئىلغاچقا ھۆرمەت لىباسىم ئەرزىمەس تىنىمدىن سېلىندى. مۇنبەر زىرەكلىرى ۋە دەۋران ئاقىللىرىنىڭ تەنە ئۇقىغا ئۆزىمنى نىشان قىلدىم.
VG'oy ئەسلى مۇددىئا دېڭىزىغا چۆكسەك مەن قانداقتۇر دەۋىر ئاسمىنىنىڭ نۇرلۇق ئاپتىۋى ۋە شاراپەت بۇرچىنىڭ سائادەت نىشان يۇلتۇزى، تەڭرى تېغىنىڭ ھەيۋەتلىك چۇققىسى، مىللىتىمىزنىڭ مادارى ھەم پەخىرى ئىلىم ئەھلىنىڭ پىشىۋاسى، جىسمىدا دانىشمەنلىك كامالەتنى جەم قىلغان ، قۇياشتەك پارلاق ئەقىل پاراسىتى پۈتكۈل ئىقلىمنى قاپلىغان ئۇلۇغ ئۇستاز مەڭگۈلىك ھۆرمەت ئىگىسى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ بىباھا شېئىرىنى ئۆزگەرتمەكچى ياكى ئۇنىڭغا نوخسان يەتكۈزمەكچى ئەمەسمەن . پەقەت يېزىۋاتقان شۇ ئەرزىمەس بىر ئەسەرنىڭ ۋەقەلىك ئېھتىياجى تۈپەيلى شۇنداق بىر شېئىر يېزىپ قىستۇرۇش زۈرۈر بۇلۇپ قالغانلىقتىن بۇ شېئىرنى يېزىپ مۇنبەر ئەھلىنىڭ كۆپرەك كىرىپ تەنقىدىي پىكىر – تەكلىپلىرىنى بىرشى ئۈچۈن ( تىمىغا قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ) ئۇنىڭغا شۇنداق تىما قۇيۇلغان ئىدى .
=MG كەمىنە چارتېكىن ھېچقاندان مەخسەت مۇددىئاسىز ئىختىيار تىزگىنىنى تەپەككۇر كۈچىنىڭ قۇلىدىن چىقىرىپ ، ھەركىمنىڭ ئىنساۋى بولسا كىشىگە تەنە ۋە مالامەت قىلىشتىن ئۆزىنى تارتىدۇ دەپ ، ھېرىس ۋە شەيتاننىڭ ۋەس ۋەسسى بىلەن ئۇشبۇ ئەرزىمەس شېئىرغا ئەشۇ تىمىنى قۇيۇپ ئۇستازىمىزنىڭ بىباھا ئۇلۇق شېئىرى بىلەن بىر قاتارغا قۇيۇشقا جۈرئەت قىلىپ، ھەممىڭىزلارنىڭ كۆڭىل ئاسمىنىدا غەزەپ چاقمىقىنى ياندۇردۇپ ، ئۆزىمگە ھەم مۇنبەر ئەھلىگە مالامەت يەتكۈزدۈم.
?Z]}G ئەزىز مۇنبەر ئەھلىنىڭ غەزىپىنىڭ ئاساۋ ئېتىنى سەۋرى يۈگۈنى بىلەن تۇتۇپ، خىجالەتچىلىك ياسىغا چۈشۈپ قالغان ئىزتىراپ كېمەمنى ھالاكەت گىرداۋىغا ئۇردۇرماي ، كەمىنە بىقۇلنىڭ سەۋەبى بىلەن خىرەلەشكەن كۆڭۈل ئەينىكىنى ھىدايەت ۋە ئەپۇ سۈيى بىلەن يۇيۇپ، قۇدرەتلىك شاھى سۇلتانلار ئاجىز بىر قۇلىنى ئەپۇ ئەتكەندەك ئەپۇ ئىتىشىنى ، ھىلىقى شېئىرنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يول باشچىسى ، دەۋران ئالىملىرىنىڭ پىشىۋاسى، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ دوستى ، مىللىتىمىزنىڭ چۇقۇنغۇچىسى بولغان ئۇلۇغ زات يىتۇك ئالىمىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ شېئىرىغا نوخسان يەتكۈزۈشنى ئەسلا خىيال قىلمىغان پەقەت يازماقچى بولغان ئەرزىمەس ئەسەرنىڭ ۋەقەلىك ئېھتىياجى تۈپەيلى يېزىلغانلىقى ۋە مۇنبەردىكىلەرنىڭ تەنقىدىنى قۇبۇل قىلىشتا توغرا ئۇسۇل تاللىمىغانلىقىمنى چۈشۈنىشىنى، دوسلۇق سارىيىنىڭ ئۇلىنى ساداقەت تۇپىسى بىلەن مۇستەھكەملىشىنى تۈۋەنچىلىك بىلەن تىلەيمەن .
M6!kn~ ھۆرمەت بىلەن :
qJW>
Y} ئەرزىمەس ئەزا چارتېكىن.
1uv"5
`%s [ بۇ يازما ئارقۇ تەرپىدىن 2011-09-01 06:42 PM دە قاي ]