مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1663 
  •    ئىنكاس 
       6 

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سەرمايە يۈرۈشتۈرۈشىدىكى يەتتە مۇھىم يول

قەۋەت ئاتلاش
kahriman0998
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.49196

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   91 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1938 (سوم)
 ياخشى باھا:   580 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   846  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 954
 سائەت
دەرىجىسى:
954 سائەت 86 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-26
ئاخــىرقىسى:2011-10-29

يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمى باشلاندى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆگىنىش ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىن سىرت، ئوقۇش ھەققى، تۇرمۇش خىراجىتى قاتارلىقلارنىمۇ ئورۇنلاشتۇرىشى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بىراق، ئادەتتە نۇرغۇن كىشىلەر «كۆپ قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىقتىسادى كىرىم مەنبەسى يوق بولغاچقا، ئاتا-ئانىسىغا تايىنىدۇ، شۇڭا تۇرمۇشتىكى خىراجەتلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرسىلا بولدى» دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنچىكىلىك بىلەن ھېساۋات قىلىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ، چىقىمنى تېجەپ، كىچىك ئىشلاردىمۇ ئاز-ئازدىن پۇل ئىقتىساد قىلسا، تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاڭلىق ھالدا سەرمايە يۈرۈشتۇرۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشمۇ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشتىن بۇرۇن ھەم بايلىققا ھەم بىلىمگە ئېرىشىشىگە پايدىلىق. 0Ph,E   
● بانكا بىلەن كۆپرەك ئالاقە قىلىش uY5&93R  
ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سەرمايە يۈرۈشتۈرۈشى ئەڭ ئاۋۋال بانكا بىلەن ئالاقە ئورنىتىشتىن باشلىنىدۇ. بانكىغا بېرىشنى پەقەت پۇل ئامانەت قويۇش ۋە بانكىدىن پۇل ئېلىشتەك ئاددىي ئىش دەپ قارىماڭ، پۇل ئامانەت قويۇشتىنمۇ نۇرغۇن سەرمايە يۈرۈش-تۇرۇش ھەققىدىكى ساۋاتلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپ مەزگىلىدە، گەرچە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بانكا ئامانەت كارتىسى بار بولسىمۇ، بىراق ئاساسىي جەھەتتىن ئاتا-ئانىسىنىڭ كونتروللۇقىدا بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلاردا پۇل ئامانەت قويۇش، پۇل ئېلىش، بانكا ئۆسۈمى ھېساباتى قاتارلىقلارغا قارىتا ھېچقانچە چۈشەنچە بولمايدۇ. بانكا بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ئارقىلىق، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئەڭ ئاساسىي مالىيە ساۋاتلىرىنى ، ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ئۈسكۈنىسى ۋە ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ بىر قىسىم مۇلازىمەت ئىقتىدارلىرىنى ئىگىلەپ، مۇستەقىل سەرمايە يۈرۈشتۈرۈشنى ئۆگىنەلەيدۇ. %"@KuqV  
● كىرىمنى ئاشۇرۇپ، چىقىمنى تېجەشنى ئۆگىنىش /AWV@ '  
ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇش پۇلى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئەڭ ئاكتىپ ئۇسۇل ئامال قىلىپ كىرىمنى ئاشۇرۇپ، پۇل يېتىشمەسلىكنى ھەل قىلىش. ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەتقىقاتىغا ياردەملىشىش، ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇش، بىر قىسىم شىركەت ۋە كارخانىلارغا بېرىپ ۋاقىتلىق ئىشچىسى بولۇش....بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى چارىلەر. بىراق بۇ خىل كىرىم يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس، مۇھىمى ئۆزىنىڭ پۇلىنى قانداق تەقسىم قىلىش ۋە چىقىمنى پىلانلاشنى، چىقىمنى تېجەشنى ئۆگىنىش زۆرۈر. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى چىقىمنى تېجەشتە ھېسابات خاتىرىلەشتىن باشلاش لازىم، ھەر كۈنلۈك چىقىمىنى خاتىرىلەپ، بىر مەزگىلدىن كېيىن قاراپ چىققاندىن كېيىن، قايسى چىقىملارنىڭ ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايدۇ، مەسىلەن، بىر قىسىم ئەھمىيەتسىز يىغىلىشلار، ئەرزانكەن دەپ لازىمى يوق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشلار قاتارلىقلارنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى ھېس قىلالايدۇ. مانا مۇشۇنداق زۆرۈر بولمىغان چىقىملارنى تېجەپ، پۇلنى بانكىغا قويغاندا، بىر مەزگىلدىن كېيىن تېخى ئازراق ئۆسۈمىگىمۇ ئېرىشكىلى بولىدۇ. @Y*ONnl  
● مەبلەغ سېلىشنى سىناپ بېقىش t#oJr2  
ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەشتىن سىرت، يەنە تېخى باشقا مەبلەغ سېلىشلارنى سىناپ باقسىمۇ بولىدۇ. بولۇپمۇ بىر قىسىم مەلۇم دەرىجىدە ئىقتىسادى ئاساسىي بولغان ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇۋاپىق ھالدا بىر قىسىم ھەقىقىي «مەبلەغ» سېلىشلارنى سىناپ باقسا بولىدۇ. مەسىلەن، پايچېك، فوند سېتىۋېلىش. بۇ خىل مەبلەغ سېلىش ساھەسىگە كىرىش پۈتۈنلەي پۇل تېپىش ئۈچۈن ئەمەس، بۇنىڭ ئەھمىيىتى «مەشىق قىلىش»، ئەمەلىيەت ئارقىلىق مەبلەغ بازىرىنى تېخىمۇ تولۇق چۈشىنىپ، جەمئىيەتكە قەدەم قويغاندىن كېيىنكى مەبلەغ سېلىش ئىشلىرى ئۈچۈن تەجرىبە-ساۋاق يەكۈنلىگىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەتەرگە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى چەكلىك بولىدۇ، شۇڭا مەبلەغ سالغاندىمۇ ئۆزىنى دەڭسەپ كۆرۈپ، ئاندىن ئىش كۆرۈش كېرەك. باشلىنىش بىلەنلا ھەددىدىن زىيادە كۆپ مەبلەغ سېلىۋېلىپ، بەك كۆپ زىيان تارتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. R@t?!`f!+  
● ئۆزى قول سېلىپ، پۇل تېجەش o <8L, u(U  
كونىلاردا «ئۆزى قول سالغاندا، كىيىم پۈتۈن، قورساق توق بولىدۇ» دېگەن گەپ بار. بۈگۈنكى جەمئىيەتتە ئۆزى قول سېلىپ پۇل تېپىش بىر شەرەپلىك ئىش. ھازىر ئۆزى قول سېلىش بىر مودا ئېقىمىغا ئايلاندى. كومپيۇتېر ئۆگىنىدىغان ئوغۇللار باشقىلارنىڭ كومپيۇتېرىنى ياساپ بېرىپ، يۇمشاق دېتال قاچىلاپ بېرىپ تاپاۋەت قىلىپ، تۇرمۇشىنى قامدىسا بولىدۇ؛ قوللىرى ئەپچىل قىزلار ئۆزلىرى قول سېلىپ كەشتە تىكىپ پۇل تاپسا بولىدۇ. ئۆزى قول سېلىپ ئىشلىگەندە، ھەم ئۆزىنى چېنىقتۇرغىلى ھەم چىقىمنى تېجىگىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ، بۇ نېمىدېگەن ياخشى ئىش. 5>4<_-Tm  
● نىمكەش ماللار سودىسى قىلىشنى ئۆگىنىش 3t[2Bd  
ئىنتېرنېت تورى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نىمكەش ماللار بازىرىنى چۈشىنىشىدىكى ئەڭ ياخشى ئورۇن. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ تورىدىن پايدىلىنىپ، سودا ئۇچۇرى ئېلان قىلسا، تور نىمكەش بازىرى قۇرسىمۇ بولىدۇ. بۇنداق ئۇسۇل ھازىر ئالىي مەكتەپلەردە بارغانسېرى ئومۇملىشىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، بىر قىسىم چوڭ تىپتىكى نىمكەش ماللار سودىسىنىمۇ چىڭ تۇتۇش كېرەك. مەسىلەن، ھەرقايسى مەكتەپلەردىكى مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن ئايرىلىش ئالدىدا نىمكەش ماللار بازىرى تەشكىللەيدۇ. سىز شۇ يەردىن كونا كىتاب، ۋېلىسىپىت، ھەتتا كومپيۇتېرلارغا ئېرىشەلەيسىز. ئەلۋەتتە، سىزمۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا ئۆزىڭىزنىڭ كونا نەرسىلىرىنى مۇشۇنداق ئۇسۇلدا سېتىپ، ئازراق كىرىمگە ئېرىشەلەيسىز. @v _ )(  
● سودا قىلىشنى سىناپ بېقىش Lllyx20U  
مەكتەپمۇ بىر كىچىك جەمئىيەت، مەكتەپتە سودا پۇرسىتى ناھايىتى كۆپ. ئازراق مەبلەغ غەملەپ، ئۆزىڭىز كىچىك خوجايىن بولسىڭىز، مەكتەپ ئىچىدە ئىگىلىك تىكلىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى بىر قىسىم خەتىرى كىچىك سودىلاردىن ئىش باشلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. مەسىلەن، VCD پلاستىنكىسى ئىجارىگە بېرىش، تېلېفون كارتىسى سېتىش، بىر قىسىم تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى سېتىش قاتارلىقلار. مەكتەپتە كىچىك تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ پايدىسى ئاز-كۆپلۈكى مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى سىز بۇ جەرياندا تىجارەتكە ئائىت ساۋاتقا ئىگە بولۇپ، بازارنى چۈشىنىسىز ھەمدە بازار ئەھۋالىغا ئاساسەن تەدبىر قوللىنالايدىغان بولىسىز. مەكتەپتە «كارخانىچىلارغا ئوخشاش تەھلىل يۈرگۈزۈش» نى ئۆگىنىۋېلىش ھەممىدىن مۇھىم. tlu-zUsi  
● ھەقسىز بايلىقلاردىن تولۇق پايدىلىنىش py9(z`}  
ئوقۇغۇچىلىق سالاھىيەت بىر خىل قىممەتلىك بايلىق، تۇرمۇشتا ئوقۇغۇچىلىق سالاھىيەتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، نۇرغۇن جەھەتلەردە نەپكە ئېرىشكىلى بولىدۇ. مەسىلەن، مەكتەپتە كۇتۇپخانىنىڭ ئۆزى بىر گۆھەر ماكانى، بىر قىسىم دائىم ئىشلىتىپ كەتمەيدىغان ماتېرىياللارنى كىتابخانىدىن سېتىۋالغاندىن كۆرە، كۇتۇپخانىدىن ئارىيەتكە ئېلىپ كۆرگەن ناھايىتى ھېسابلىق ئىش. يەنە كومپيۇتېر دەرسخانىسى، باسما مەركىزى .....بۇ ئورۇنلارنىڭ ئىقتىدارلىرىدىن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار تولۇق پايدىلانمايدۇ. سىز ئوقۇغۇچى سالاھىيىتىدە بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن، مەكتەپ سىرتىدىمۇ نۇرغۇن ئېتىبار بېرىشلارغا ئېرىشەلەيسىز: ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسىغا تايىنىپ، تەتىلدە مەكتەپ تۇرۇشلۇق شەھەردىن ئۆيى تۇرۇشلۇق شەھەرگىچە بولغان پويىز بېلىتىدە ئېتىبارغا ئېرىشەلەيدۇ؛ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مۇزېي ۋە پەن-تېخنىكا سارايلىرىغا بارغاندا، ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسىغا ئاساسەن، يېرىم بېلەت ھەتتا ھەقسىز بېلەتكە ئېرىشەلەيدۇ؛ مەكتەپ سىرتىدىكى تۈرلۈك تەربىيىلەش سىنىپلىرى ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ھەققىدە ئېتىبار بېرىدۇ. +j&4[;8P:  
Hb=4k)-/]  
مەنبەسى: تورداشلار تورى rgdDkWLXC  

تېما تەستىقلىغۇچى : Azizim
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-09-01, 11:14
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 2 پارچە مۇنبەر پۇلى +110
sazguri مۇنبەر پۇلى +10 09-01 ماڭا بەك پايدىسى تىگىدىغان تىمىكەن
suzuk-ay مۇنبەر پۇلى +100 09-01 تەربىۋىي تېما
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
ھەممە شائىر  ئاناملا دىدى،
ئاتىلار يوقمىكەن ئەستە،
...................

ئاتا-ئانىلار قەلىبمىزدىن چۇڭقۇر ئۇرۇن ئالسۇن! ئاتا-ئانىلارغا كۈيىنەيلى!
suzuk-ay
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1729

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   1159 

 نادىرلانغان تېمىسى:   10 

 مۇنبەر پۇلى:   8 (سوم)
 ياخشى باھا:   582 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   614  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2550
 سائەت
دەرىجىسى:
2550 سائەت 200 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-31
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-01

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن يۇقارقى تېمىنى ھەر بىر سىتودىتقا تەۋسىيە قىلىمەن. -("sp  

 
غازاڭ بولۇپ قۇرسىمۇ گۈللەر،زىمىن يەنە كۈتەركەن باھار...
uzatma
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.53741

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   15 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   84 (سوم)
 ياخشى باھا:   15 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 8
 سائەت
دەرىجىسى:
8 سائەت 12 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-29
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-01

مەن بۇيىل ئالىي مەكتەپكەقەدەم قويۇمەن . بۇماڭا نىسبەتەن ئىنتايىن پايدىلىق ساۋات دەپ قارايمەن . رەخمەت سىزگە .
 
ھايات مەن ئۈچۈن  ھەممىدىن قىممەت
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھەببەت
لىكىن كىچىمەن ھەرئىككىسىدىن
ئازاتلىق ئەركىنلىك ئۈچۈنلام پەقەت
sazguri
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.48371

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   324 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2551 (سوم)
 ياخشى باھا:   682 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   598  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1742
 سائەت
دەرىجىسى:
1742 سائەت 148 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-19
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-01

ماڭا بەك پايدىسى تىگىدىغان تىمىكەن
 
kahrizat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36554

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1632 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9041 (سوم)
 ياخشى باھا:   1126 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   200  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4412
 سائەت
دەرىجىسى:
4412 سائەت 228 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-05
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-01

مان ئپقۇۋاتقان يىللاردىكىدىن ھازىر نۇرغۇن ئىش ئاسانلىشىپ كېتىپتۇ، w4fQ~rcUIc  
ئۆيدىن پۇل ئەۋەتسىمۇ 15 كۈندە قولىمىزغا تىگەتتى
 
qartekin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.51

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1776 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   18581 (سوم)
 ياخشى باھا:   1462 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1857  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6909
 سائەت
دەرىجىسى:
6909 سائەت 111 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-01

ياخشى ماقالىكەن . بەزىللىرى ئالى مەكتەپ باللىرى ئىچىدە ئۇمۇملاسا ياخشى ئۈنۈمى بولىشى مۇمكىن.
 
تاز گۈل تاپسا قىسقىلى جاي تاپالماپتۇ.
ئۇيغۇرا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.53958

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   38 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1170 (سوم)
 ياخشى باھا:   307 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   450  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 16
 سائەت
دەرىجىسى:
16 سائەت 4 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-30
ئاخــىرقىسى:2011-09-21
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-01

ھەربىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مۇلاھىزە قىلىپ باقسا بولغىدەك تىمكەن
 
كىمكى قىلىشنىڭ قارا دەستىسنى تۇتۇشنى خالىمايدىكەن ، ئۆتكۈر تىغىغا دۇچ كىلىدۇ .
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى