مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       2074 
  •    ئىنكاس 
       6 

ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر

قەۋەت ئاتلاش
kichikoghul
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.33767

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   98 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   16092 (سوم)
 ياخشى باھا:   1614 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2577  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2965
 سائەت
دەرىجىسى:
2965 سائەت 25 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-13
ئاخــىرقىسى:2011-11-06

ئوخشىتىش،سىمۋول،جانلاندۇرۇش ۋە مۇبالىغىنىڭ ئوخشاشلىقى ۋە پەرقى
(مۇلاھىزە)
qp@:Zqz8  
ئىستىلىستكا  تىلشۇناسلىقنىڭ،جۈملىدىن تىل-ئەدەبىياتنىڭ موھىم بىر قىسمى بولۇپ،تىلدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ پىكىر ۋە ھېسىياتنى ياخشى ئىپادىلەشنىڭ ئۇسۇللىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.ئىستىلىستكىلىق ۋاستە دېگىنىمىز كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا تىلنىڭ ئىپادىلەش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ بېرىدىغان،تار مەنىدىن ئېيتقاندا،تىلنى ئوبرازلىق،جانلىق،كونكىرېت قىلىپ بېرىدىغان ۋاستىلەردىن ئىبارەت. _Xn[G>1  
ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر تىل ماھارىتى مەسلىسى بولۇپ،ئۇ خەلقىمىزنىڭ كۈندىلىك تىل ئالاقىسىدە،خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە يازما ئەدەبىياتىمىزدا دائىم دېگۈدەك قوللىنىلىدۇ.ئاتمىش-يەتمىش ياشلاردىن ئاشقان بوۋاي-مومايلارنىڭ تىلى نېمىشقا تاتلىق؟چۈنكى ئۇلار ھەر بىر جۈملە سۆزىدە ئۆزىمۇ ھېس قىلمىغان ھالدا ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى،جۈملىدىن ئوخشۇتۇش،سۈپەتلەش ۋەياكى سىمۋوللارنى قوللىنىدۇ.خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى نېمە ئۈچۈن قىزىق تۇيۇلىدۇ؟چۈنكى بۇ ئەسەرلەرمۇ ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرگە باي.ئەدەبىي ئەسەرلەرنى قويۇپ تۇرايلى.نېمە ئۈچۈن ئالىملىرىمىزدىن ئەسەت سۇلايماننىڭ ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ ئوقۇلۇش نىسبىتى ئابدۈشكۈر مۇھەممەت ئىمىننىڭ ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ ئوقۇلۇش نىسبىتىدىن شۇنچە يوقۇرى بولىدۇ؟بۇنىڭدىكى سەۋەبمۇ يەنىلا ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردە. ‹‹ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنيىتى››بىلەن‹‹تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ››نىڭ قايسى بەكىرەك كىشىنى جەلىپ قىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟ 7k>sE  
بىز ئۇيغۇرلار نەزىريىۋى تەپەككۈرگە قارىغاندا ئوبرازلىق تەپەككۈرگە بەكرەك ئادەتلەنگەن مىللەت بولۇپ،ھازىر ئۇيغۇر تىلى ئىستىلىستكىسىدا سۈپەتلەش،ئوخشىتىش،جانلاندۇرۇش، مۇبالىغە، سىموۋول،كنايە،تەكرارلاش،سېلىشتۇرۇش،رىتورىك خىتاب،رىتورىك سۇئال،سىلىقلاش قاتارلىق ۋاستىلەر بىر قەدەر كۆپ ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. utz!ElzA  
شۇ ۋەجىدىن تېكىسلەردە ئىشلىتىلگەن ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى ئايرىيالايدىغان ۋە ئۆزلىرىمۇ مۇناسىپ ئىستىلىستكىلىق ۋاستىلەرنى ئىشلىتىپ جۈملە تۈزىيەلەيدىغان،قىسقا پارچىلارنى يازالايدىغان،ئوي پىكىرنى،ھېسىياتىنى ئېنىق،كونكېرت،ئوبرازلىق ۋە جانلىق ئىپادىيەلەيدىغان بولۇش تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدىكى موھىم نوقتىلارنىڭ بىرى دەپ قارايمەن. 1Lf :TQB  
مەيلى كونا دەرسلىكتە بولسۇن،مەيلى يېڭى دەرسلىكتە بولسۇن،ئوخشىتىش،سىمۋول،جانلاندۇرۇش ۋە مۇبالىغىدىن ئىبارەت تۆت خىل ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىنىڭ پەرقىنى ئاجىرىتىش ۋە مۇۋاپىق قوللىنىش ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئوقۇتۇشتىكى قىيىن نوقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب بۇ ۋاستىلەر ئوتتۇرسىدا ئىنىچكە پەرقلەر بولۇش بىلەن بىرگە يەنە نىسبى ھالدىكى ئوخشاشلىقنىڭ بولغانلىقىدا.   6k=ink-/  
تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى شۇنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز كېرەكى،يوقارقى تۆت خىل ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر ئىچىدە ئوخشىتىش يىتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ.قالغان ئۈچ خىل ئىستىلىستىكىلق ۋاستە ئوخشىتىشتىن شاخلاپ چىققان بولۇپ،ئۇلاردىمۇ نىسبى ھالدىكى ئوخشۇتۇش تۈسى بار ھەم بولۇشى كېرەك. 3Hli^9&OX_  
مەسىلەن: ‹‹ئويغانغان زېمىن››،‹‹ئەللەي تەبئەت››ۋە‹‹ئۇيقۇغا كەتكەن تەكلىماكان›› دېگەن جانلاندۇرۇشلاردا،جانلاندۇرۇشتىن ئاۋال يەنە زېمىن ئۇيقۇدىن ئويغىنىدىغان ئادەمگە ئوخشۇتۇلغان،تەبئەت بۆشۈككە بۆلۈندىغان بوۋاققا،تەكلىماكان ئۇخلايدىغان ئادەمگە ئوخشۇتۇلغان بولىدۇ. -H%806NAX7  
ئومۇمەن،جانلاندۇرۇشنىڭ ئادەملەشتۈرۈش تۈرىدە شۇ جانلىق ياكى جانسىز نەرسىنىڭ مەلۇم ئالاھىدىكى،ھەركىىتى،ھالىتى...ئادەمنىڭ مەلۇم ئالاھىدىلىكى،ھەركىتى،ھالىتىگە... ئوخشىشى كېرەك. نەرسىلەشتۈرۈش تۈرىدىمۇ ئادەمنىڭ مەلۇم ئالاھىدىىكى،ھەركىتى،ھالىتى... جانلىق ياكى جانسىز نەرسىنىڭ مەلۇم ئالاھىدىكى،ھەركىىتى،ھالىتىگە...ئوخشىشى كېرەك.پەقەتلا ئوخىتىش تۈسى بولمىسا،جانلاندۇرۇشنىڭ ھېچقايسى تۈرىنى ئەقىلگە مۇۋاپىق قوللانغىلى بولمايدۇ.  
ئەمدى مۇبالىغىغە كەلسەك،كۆپ قىسىم مۇبالىغىلەردىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئوخشۇتۇش تۈسى بار. مەسىلەن:‹‹قىلنى قىرىق يارماق››دېگەن مۇبالىغىدە مۇبالىغە قىلنغان ئادالەت ئاۋال قىرىق پارچىگە يېرىلغان ئىنىچكە قىلغىمۇ ئوخشۇتۇلغان بولىدۇ. )&j4F)  
سىموۋولغا كەلسەك،بۇ ئوقۇغۇچىلار ئوخشۇتۇشتىن ئەڭ ئايرىيالماي قىينىلىدىغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ بىرى،سەۋەبى سىمولنىڭ ئوخشۇتۇش تۈسى جانلاندۇرۇش بىلەن مۇبالىغىغە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك،ھەتتا ئۇ بەزىدە ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ گاڭگىرىتىپ قويىدۇ. TuBl9 p'6  
مانا مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئوقۇغۇچىلار ئاسانلا جانلاندۇرۇش،مۇبالىغە ۋە سىمىۋوللارنى ئوخشۇتۇش دەپ ئايرىيدۇ ياكى ئوخشۇتۇشتىن پەرقلەندۈرەلمەيدۇ. ">G|\_ZF  
شۇنى نەرسىگە دىققەت قىلىش كېرەككى،يوقارقى جانلاندۇرۇش،مۇبالىغە ۋە سىمۋولدا مەلۇم دەرىجىدە ئوخشۇتۇش تۈسى بولسىمۇ ئەمما ئوخشۇتۇشنىڭ ئۆزىدە ھەرگىزمۇ يوقارقى ئۈچ خىل ئىستىلىستىكىلق ۋاستىلەرنىڭ بىرەرنىڭمۇ تۈسى بولمايدۇ.ئىستىلىستكىلىق ۋاستىلەرنى مانا مۇشۇ مەسلىلەرنى نەزەرگە ئالغان ھالدا تۈرگە ئايرىغاندا توغرا ئايرىغىلى بولىدۇ. Z5uetS^  
ئوخشۇتۇش ئۈچ تۈرگە ئايرىلغان بولۇپ،ئېنىق ئوخشىتىشتا ئوخشالغۇچى بىلەن ئوخشىغۇچى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان تاشقى شەكىل ياكى ھەرىكەت جەھەتتىن بىرسى-بىرسىگە ئوخشايدۇ.بۇ ئوخشىتىشنىڭ ئەڭ ئاددىي شەكىلى.بېشى قاپاقتەك،بوينى ساپاقتەك،چېچى سۇمبۇلدەك،قېشى قوندۇزدەك،كۆزلىرى بولاقتەك،مەڭزى ئاناردەك،لەۋلىرى گىلاستەك،چىشلىرى ئۈنچىدەك،قىزىل گۈلدەك جامالى،بۇلبۇلدەك ئاۋازى…دېگەنلەر نېمە نېمىگە ئوخشۇتۇلىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلا بىلگىلى بولىدىغان ئوخشۇتۇشلاردور. يۇشۇرۇن ئوخشىتىشتا ئوخشالغۇچى بىلەن ئوخشىغۇچى تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتىن ئەمەس،بەلكى ئىچكى ماھىيەت،مەزمون جەھەتتىن بىرسى-بىرسىگە ئوخشايدۇ.بۇ ئوخشىتىشنىڭ سەل چوڭقۇرلاشقان شەكلى.مەسىلەن:مەكتەپنىڭ بولاق ياكى باغقا،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شام ياكى باغۋەنگە،ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆچەت ياكى گۈل-غۇنچىلارغا،ئاتىنىڭ زۇلپىقارغا،ئانىنىڭ تىلتۇمارغا،ئاكىنىڭ تاغقا ئوخشۇتۇلىشى… يوشۇرۇن ئوخشۇتۇشقا كىرىدۇ. ۋەكىللك ئوخشىتىشتا ئوخشالغۇچى ۋە ئوخشىتىش قوشۇمچىسى بولمايدۇ،ئوخشىغۇچى ئوخشالغۇچىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.بۇ ئوخشىتىشنىڭ بىر قەدەر چوڭقۇرلاشقان،ئاپتورنىڭ نېمىنى ئوخشۇتىۋاتقانلىقىنى بىلمەك خېلى تەس بولغان  شەكلى.ئۇيغۇر خەلق ئىدىيوم ۋە تەمسىللىرىدە ئاساسەن دېگۈدەك ۋەكىللىك ئوخشىتىش قوللىنىلغان.مەسلەن:‹‹ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورىماق››،‹‹نان قېپى››،‹‹موزاينىڭ يۈگۈرشى سامانلىققىچە››،‹‹چىراقپاينىڭ تۈۋى قاراڭغۇ››... ~7W?W<  
مەيلى قايسى خىل ئوخشۇتۇش بولسۇن ئۇلار پۈتكۈل ئەسەر خاراكتىرلىك قوللىنىلماستىن،بەلكى جۈملە ۋە مىسرا خاراكتېرلىك قوللىنىلىدۇ.شۇڭا بىر ئەسەردە نۇرغۇن ئېنىق،يۇشۇرۇن ۋە ۋەكىلىك ئوخشۇتۇشلار قوللىنىلىدۇ. wnL\.%Y^  
جانلاندۇرۇشنىڭ ئادەملەشتۈرۈش ۋە نەرسىلەشتۈرۈش دەپ ئىككى تۈرى بولۇپ،ئادەملەشتۈرۈش ئادەمدىن باشقا بارلىق جانلىق ۋە جانسىز نەرسىلەرنى ئادەملەردەك قىلىقلاندۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن:‹‹ئويغانغان زېمىن››،‹‹كۈرەشچان يىللار››،‹‹تەبىئەت تەبەسۈمى››...ۋاھاكازالار. pN)9 GO5  
نەرسىلەشتۈرۈش(كۆپۈنچە سەلبى قىلمىشلارغا قوللىنىلىدۇ) بولسا ئادەملەرنى تەبىئەتتىكى ئادەمدىن باشقا جانلىق ۋە جانسىز نەرسىلەرنىڭ قىلىقلىرى بىلەن قىلىقلاندۇرۇپ تەسۋىرلەشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: ئۆمەر شاڭيۇ نۇرۇمغا يەنە نەشتىرىنى سانجىۋالدى.شەرۋانىخان غۇنچەمگە بىرمۇنچە زەھرىنى چاچتى. ئۆمەر شاڭيۇ  غۇنچەمنىڭ نۇرۇم بىلەن قاچقىنىنى ئاڭلاپ چىچاڭشىپ كەتتى.ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىر بولۇپ بىچارە كېلىنى ئوتتۇرغا ئېلىپ تالاپ كەتتى...ۋاھاكازالار. _U.D*f<3)  
مۇبالىغىدە بولسا شەيئى ياكى ئىش-ھەرىكەت مەلۇم جەھەتتە ئوخشاشلىققا ئىگە بولغان يەنە بىر شەيئىي ياكى ئىش-ھەرىكەت ئارقىلىق ئۆزۈنىڭ ئەسلى ھالىتىدىن ناھايىتى ئاشۇرۇپ ياكى كېمەيتىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ. 1Z +3=$P  
مەسىلەن:خۇشاللىقتىن ئۇنىڭ ئاغزى قولقىغا يەتتى.كۆڭلى سۈيۈنۈپ بېشى ئاسمانغا يەتتى.بىر كېچىدىلا قىرىق ياش قېرىپ كەتتى...ۋاھاكازالار. k;w1y(  
يوقارقى جۈملىلەرنىڭ خەۋىرىنى ئازىراقلا ئۆزگەرتىۋەتسەك ئوخشىتىش تۈسى تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ. :t6 w+h  
سىمىۋول ئوخشىتىشنىڭ ئوخشىغۇچى ۋەكىللىك ئوخشىتىش تۈردىنمۇ بەكرەك چوڭقۇرلىققا يۇشۇرۇنغان بىر خىل ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە بولۇپ مەلۇم شەيئى ياكى ھادىسىنى توغرىدىن توغرا  بىۋاستە تەسۋىرلىمەستىن ئۇنىڭغا ئوخشاشلىقى بولغان   ئىككىنچى بىر شەيئى ياكى ھادىسە ئارقىلىق تەسۋىرلەشنى كۆرسىتىدۇ. ThX%Uzd"[;  
ۋەكىلىك (ۋە يۇشۇرۇن)  ئوخشىتىش بىلەن سىموۋولنىڭ ھەر ئىكىلىسىدە بىر شەيئى ياكى ئىش-ھەرىكەت ئوخشاشلىقى بولغان ئىككىنچى بىر شەيئى ياكى ئىش-ھەرىكەتنى ۋاستە قىلىش ئارقىلىق ئىپادىلىنىلىدۇ .بۇ ئىككى خىل ۋاستىمۇ ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلار ئايرىشتا قىينىلدىغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىندو. 2Y)3Ue  
ئۇلارنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى مۇنداق: (ۋەكىللىك ۋە يۇشۇرۇن)ئوخشىتىشلار ھەر بىر مىسرا ياكى كوبلىت،ھەر بىر جۈملە ياكى ھەربىر ئابزاستا بىر ياكى بىرقانچىدىن قوللىنىلىدۇ. Tw < N  
سىمۋول بولسا مىسرا،كوبلىت ياكى جۈملە،ئابزاس خاراكتېرلىك ئەمەس،بەلكى بىر پۈتۈن ئەسەر خاراكتېرلىك قوللىنىلىدۇ. بىر ئەسەر(مەسەل،چۆچەك،ھېكايە،نەسىر شېئر،روماندا...)دە بىر،ئىككى ياكى ئۈچ چاممىسىدا سىمىۋول قوللىنىلغان بولىدۇ. dyRKmLb  
ئوخشاش بىر شەيئى ياكى ئىش-ھەرىكەتنى جۈملە ياكى مىسرادا ئوخشىتىش ئورنىدا قوللانغىلى بولۇش بىلەن بىرگە،بىر پۈتۈن ئەسەردە سىمۋول ئورنىدىمۇ قوللانغىلى بولىدۇ. مەسىلەن:‹‹مەكتەپ- بىلىم بولۇقى››دېگەن ماقالدا مەكتەپ بولاققا ئوخشۇتۇلغان بولسا،‹‹لېيىغان بولاق››دېگەن روماندا لېيىغان بولاق مىللىتىمىزنىڭ مائارىپ،مەدەنىيەت ۋە نەشىرات ئىشلىرىنىڭ چېكىنگەنلىكىگەۋە قالايمىقانلاشتۇرۇلغانلىقىغا سىمىۋول قىلىنغان. y]B?{m``6  
ھەرقايسى مىللەت خەلقلىرىنىڭ ۋە دۆلەتلىرىنىڭ تارىختىن بۇيان قېلىپلاشقان،نىسبەتەن مۇقىم بولغان،مەجازى ۋاستىگە ئايلانغان سىمۋوللۇق شەيئىلىرى بولىدۇ،شۇنداقلا بەزى سىمۋوللارنى يازغۇچى شائېرلار ئۆز ئەسەرلىرىدە ئجاد قىلىدۇ. ئەمما ئوخشىتىش ھېچقانداق دۆلەت ۋە خەلقتە بۇنداق قېلىپلاشمىغان،نىسبەتەن مۇقۇممۇ ئەمەس. ,BCtNt(  
ئۇ ئايرىم شەخسنىڭ يېزىق ۋە ئېغىز تىلى ئارقىلىق ئىجادىي يارتىلىدۇ. بۇلبۇل ۋە قىزىلگۈل: ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەللىك ئادىتىدە ۋە پىسخىك ئېڭىدا قىزىلگۈل دائىم سۆيۈملۈك يارنىڭ،ئەركىن مۇھەببەتنىڭ،گۈزەللىك ۋە ساپلىقنىڭ؛بۇلبۇل بولسا ساداقەتمەن ئاشىقنىڭ،يار ۋىسالىدا پەرياد چەككۈچىنىڭ سىمۋولى بولۇپ كەلگەن. hBf0kl  
كاككۇك بىلەن زەينەپ:ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇرادىغا يېتەلمىگەن ئاشىق-مەشۇقلارنى كاككۇك بىلەن زەينەپكە ئوخشىتىش ئادىتى شەكىللەنگەن. :?s~,G_*l  
ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدىكى«كاككۇك ئاشىقى زەينەپ،بىرى باغدا،بىرى تاغدا»گەن مىسرالارمۇ كاككۇك بىلەن زەينەپنىڭ خەلقىمىز ئەقىدىسىدىكى سىمۋوللۇق مەنىسىنى ئىپادىلىگەن. CA)DQYp{  
كۈن،ئاي،يۇلتۇز،چولپان: خەلقىمىزنىڭ گۈزەللىك ئادىتىدە بۇ ئاسمان جىسىملىرى ياخشىلىق ۋە گۈزەللىكنىڭ تۇراقلىق سىمۋولى بولۇپ كەلگەن ھەمدەخەلقنىڭ ئاغزاكى تىل ئادىتىدە ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان ئىجابىي مەنىدىكى تەسۋىرىي ۋاستىلەردۇر. 31 \l0Jg  
يوقارقىلاردىن باشقا يەنە ھەرقاسى دۆلەتلەرنىڭ بەلگىسى ۋە بايراقلىرى RU3:[ (7  
مۇ سىمۋولۇق مەنىگە ئىگە. 5w)tsGX\  
'c3P3`o,;  
مەنبە: ئۆزۈم :?%$={m  

تېما تەستىقلىغۇچى : ARKZAT
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-08-30, 00:54
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +100
xaxalim مۇنبەر پۇلى +100 08-30 -
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
جان نېمە،جانان نېمە،ۋەتەن نېمە؟
ھەر كىشىنى ئادىمىي ئەتكەن نېمە؟
يانمىسا كۆڭۈل ئۆيىدە بىر چىراغ،
گۆش-تېرە،سۆڭەك بىلەن بۇ تەن نېمە؟
xaxalim
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4175

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   900 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7381 (سوم)
 ياخشى باھا:   508 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   472  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6125
 سائەت
دەرىجىسى:
6125 سائەت 165 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-17
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-30

ما تىمىنى   100  مۇنبەر  پۇلۇم بىلەن  تارتۇقلاپ  قوياي   .ئەتىراپلىق  مۇلاھىزە  بوپتۇ  
 
hasalharisi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5146

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2256 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   23087 (سوم)
 ياخشى باھا:   2504 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   3045  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5340
 سائەت
دەرىجىسى:
5340 سائەت 260 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-30
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-30

مانا بۇ بىلىم. بولۇپمۇ ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ساۋاتدۇر. مۇشۇنداق ئەدەبىيات نەزىريەسى ھەققىدىكى تېمىلارنى كۆپلەپ يوللاپ تۇرارسىز.
 
ئادەم بولماق تەس
qvyvn
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.45463

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   115 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   716 (سوم)
 ياخشى باھا:   145 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 662
 سائەت
دەرىجىسى:
662 سائەت 108 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-24
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-30

بۇ بەكلا ياخشى مۇلاھىزە ئىكەن.تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىللىرى ئۈچۈنمۇ ياخشى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە مۇھىم ماتىريالكەن.رەھمەت سىزگە.
 
murat001
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.43786

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   177 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1858 (سوم)
 ياخشى باھا:   377 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   400  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1929
 سائەت
دەرىجىسى:
1929 سائەت 161 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-09
ئاخــىرقىسى:2011-10-30
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-30

تىلىمىزدا   پاساھەتلىك  ئىبارىلەر  يېتەرلىك
 
mehriban
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3687

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   519 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7364 (سوم)
 ياخشى باھا:   350 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   346  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1361
 سائەت
دەرىجىسى:
1361 سائەت 159 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-10
ئاخــىرقىسى:2011-09-05
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-30

ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە دەرسلىكىمىزدىمۇ بەكلا كۆپ ئۇچرايدۇ !!!
 
nurmamat0997
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.52311

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   323 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3141 (سوم)
 ياخشى باھا:   613 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   498  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2306
 سائەت
دەرىجىسى:
2306 سائەت 214 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-04

تىل قابىليىتىمىزى ئاشۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان بىلىملەرنى قايتا ئېسىمىزگە سېلىپ قويغىنىڭىزغا رەھمەت،،،،، قىلغان تەپەككۈرلەر ئىنتايىن توغرا،،ھەممىمىز دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلاركەن،،،، بەزىدە ئادەم بىرەرىگە گەپ قىلغان چاغلاردا تىل سەنئىتىگە دىققەت قىلماي ئاغزىمىزغا كەلگەنگە ئوخشىتىپ سىموۋىللارنى مۇبالىغىلەرنى جاھىدا ئىشلىتەلمىسەك بەك ئىتىتىكلا قارشى تەرەپنىڭ ئىچىنى پۇشۇرۋىتىمىز،،،،بەزى دوسلىرىمىز بىز دائىم ئاڭلايدىغان ۋە دائىم قىلىدىغان گەپلەرنى قىلسىمۇ يەنىلا ناھايىتى ئىنچىكلىك بىلەن ئاڭلايمىز ۋە ئۇلارنىڭ گېپىگە قىزىقىمىز ئاڭلىغانسىرى ئاڭلىغۇمىز كىلىدۇ،،،مانا بۇ تىل سەنئىتى،،،، ھەممىمىز دىققەت قىلايلى دوسلار...تېما ئىگىسىگە قايتا رەھمەت ئىېيتىمەن،،،رەھمەت سىزگە..... ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتىنىڭ بۇندىن كىيىن يەنىمۇ تەرەققى قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن..
 
يامان دىمە ئالدىراپ،،ياماننىڭمۇ ھامان بىر كۈنى ياخشى تەرەپلىرىنى بايقايسەن
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى