ئۇيغۇرلۇققا چۈشكەن سايىلەر Fxv~;o#
} M'\s
"ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار" نىڭ داۋامى ),bdj+wr78
6xnJyEQUM
LdWeI
(ئابدۇۋەلى ئايۇپ)
FD_0FMZ9, {!^HG+ zRvYN ئامېرىكىغا كېلىپ قولۇمدىكى پاسپورت بېكىتكەن سىياسىي كىملىك بىلەن چىرايىمدىن ۋە ئىش ھەرىكىتىمدىن چىقىپ تۇرغان ئۇيغۇرلۇق كىملىكى ئارىسىدىكى پەرق كەلتۈرگەن ئۇقۇشماسلىقلارنى چۈشەندۈرۈپ بولالماي مالال بولدۇم. ئامېرىكىدا كىشىلەر جوڭگۇلۇق دېگەن ھامان خەنسۇلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىشىدىكەن. بەزى ئۇقۇمۇشلۇقراقلىرى چىرايىمدىن، ئىتىقادىمدىن، تىلىمدىن، ھەرىكەت خۇي-مىجەزىمدىن ئىپادىلەنگەن ئۇيغۇرلۇققا قاراپ مېنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەلۇم جۇمھۇرىيەتتىن كەلگەنمىكىن دەپ قېلىشىدىكەن. ئامېرىكىدا مەن كۆرگەن بەزى خەنسۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇر دېگەن ئۇقۇم يوقنىڭ ئورنىدا. پەقەت بىزنى شىنجاڭلىق، مۇسۇلمان دەپ قاراپ ئەرەبلەرگە ياكى ئافغانلارغا باغلاپ قورقۇنچلۇق تەسەۋۋۇر قىلىشىدىكەن. مەكتىپىمىزدىكى خەلقئارا مۇكاپاتلىق ئوقۇغۇچىلارغا مەسئۇل سىمىزغىنا كەلگەن جەرى ئىسىملىك بۇ ئايال مېنى خۇسۇسىي ماشىنىسىدا توشۇپ يۈرۈپ جىق ئىشلىرىمنى بېجىرىشىپ بەردى. بىر كۈنى ئىككىمىز ماڭا ئاشخانا سايمانلىرى ئېلىش ئۈچۈن بىر چوڭ تاللا بازىرىغا باردۇق. جەرى خانىم ماگىزىنغا كىرىپلا مېنى چوكا ساتىدىغان بىر بۇلۇڭغا باشلاپ قويدى. ئەسلى چوكا ئالساممۇ بولاتتى، لېكىن بۇ خانىمنىڭ مېنى خەنسۇ دەپ قالغىنىغا، يول بويى ئۇيغۇرلارنى شۇنچە چۈشەندۈرسەممۇ ئۇنتۇپ قالغىنىغا تۈزۈتىش بېرىش ئۈچۈن چوكا ئېلىشتىن قەستەن يالتايدىم.
&??(EA3
(nBJ,v) -سىلەر تاماقلارنىڭ ھەممىنى چوكىدا يەيسىلەرغۇ؟
,iSs2&$m -ياق، بىز ھەممە تاماقنى چوكىدا يىمەيمىز. بىزنىڭ پولۇ، چۆچۈرە، ئۈگرە، نارىن، مانتا دېگەندەك تاماقلىرىمىزنى چوكىدا يىگىلى بولمايدۇ. بىز ئەنئەنىۋىي ئۇيغۇر تاماقلىرىمىزنىڭ ھىچ قايسىسىنى چوكىدا يېمەيمىز.
F;q I^{m2 -سىلەرمۇ پولۇنى كۆپ يەمسىلەر؟ تۈركلەر، ئەرەبلەر، پارىسلار پولۇنى جىق يەيدىغان. ئۇنداقتا سېنى ئوتتۇرا شەرقلىق مۇسۇلمانلار ئاچقان دۇككانغا ئاپىراي.
|C>Yd*E,C 9Eg'=YJ ئانچە ئۇزاققا قالماي ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان پەلەستىنلىك ئاكا-ئۇكا ئاچقان بىر دۇكانغا يېتىپ كەلدۇق. ئىشىكتىن كىرىشىمگە قارا مۇچ، ئاق مۇچلارنىڭ پۇرىقى دېمىغىمغا ئۇرۇلۇپ ۋەتەننى ھىدلىغاندەك راھەتلىنىپ قالدىم. دۇكاندا بىرمۇ خېرىدار يوق ئېدى. خوجايىنغا مۇسۇلمانچە سالام بەردىم. ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدىن ئىكەنلىكىمنى جوڭگۇدىن كەلگەنلىكىمنى تونۇشتۇردۇم.
"]MF =-v & rw|fF|] -ماشائاللاھ، نىخاۋ، نىخاۋ...
?r'
b
Z~ qY14LdC}~ غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدىيۇ گەپ قىلمىدىم. مېنى ھەيران قالدۇرغىنى ئۇ مېنى خەنسۇ دەپ قاپتۇ. تېخى بايىلا ئۇيغۇرنى شۇنچە چۈشەندۈرگەنلىرىمنىڭ نەتىجىسىنىڭ نۆل بولغان ئېدى. چەتئەللەرگە چىقماستا مۇسۇلمانلارنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ياۋۇرپالىقلار ۋە ئامېرىكىلىقلاردىن تەپسىلىرەك چۈشەنچىگە ئىگە، بىزنى ئوبدان بىلىدۇ دەپ ئويلايتتىم. نەدىكىنى، قوشنىمىز بولغان ئىران، پاكىستان ۋە ئەرەبىستانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپى بىز ھەققىدە ھىچ بىر مەلۇماتلىق ئەمەس ئىكەن. مەلۇم رايۇندىكى كىشىلەرنىڭ دۇنيانى، ئىنسانلارنى بىلىشى شۇ رايۇننىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى، مائارىپنىڭ ئومۇملىشىش دەرىجىسى، ئەركىن ئاخباراتنىڭ قاپلىنىش ئەھۋالى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئوخشايدۇ. بۇ جەھەتلەردە مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى ياۋرۇپا، ئامېرىكىلارغا غا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. شۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلۇقۇمنى مۇسۇلمانلارغا تونۇشتۇرۇش توغرا كەلگەندە تىلىمىزنىڭ تۈركچە ئىكەنلىكىنى، خەنسۇچە بىلەن پەقەت ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدىغان بولدۇم. 2009- يىلى تومۇزدىن كېيىن بىزنى بىلمەيدىغان مۇسۇلمانلارمۇ جىق قالمىدى، ئەلۋەتتە.
qx_+mCZ p[Q 2009-يىلى ئىيۇندىن باشلاپ بىر پروفېسسوربىلەن مۇستەقىل تەتقىقاتنى باشلىدىم. مۇئەللىم يۈز يىل بۇرۇنقى بىر قانچە ۋاراق ئۇيغۇرچە قوليازمىنى ئوقۇپ كېلىشكە بۇيرىدى. ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان نوقتىلارنى چۈشەندۈرۈپ كېلىپ ئۇيغۇرچە قوليازمىدا قەدىمكى خەنسۇچە سۆزلەرنىڭ بولۇش ئىھتىماللىقىنى تەكىتلىدى.
0JNG\ARC g-*@I`k[ - بۇندىن يۈز يىل ئاۋۋالقى قوليازمىدا قەدىمكى خەنسۇچە سۆزلەرنىڭ بولۇشىغا ئىشەنمەيمەن. دېدىم كېسىپلا. مېنى تاڭ قالدۇرغىنى بىر پروفېسسورنىڭمۇ تۇيغۇسىغا تايىنىپلا بۈگۈنكى ئۇيغۇرلۇق ئۇقۇمىنى قەدىمكى خەنسۇلارغا قەدەر باغلاۋاتقىنى بولدى.
>DbG$V
- ھازىرقى تىلىڭلاردا شۇنچە جىق خەنسۇچە سۆز باريۇ، يۈز يىل بۇرۇنقى قوليازمىدا بولماي قالاتتىمۇ. مەسىلەن، سىلەر ئۇيغۇرچىدا جۈملىنىڭ ئاخىرىنى ئۇرغۇلۇق سۆزلەيسىلەر، بۇمۇ خەنسۇچىدىكى توننىڭ تەسىرى بولماي نېمە؟ ?c>j^}A/N
Q`19YX
يۈز يىل بۇرۇنقى جۇڭگۇنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە چۈشەنچە بەردىم. خەنسۇچىدىكى توننىڭ سۆزدە بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇرچىدىكى جۈملە ئاخىرىنىڭ كۆتۈرىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتتىم. قوليازمىنى ئوقۇپ ئىچىدىكى ئەرەبچە، پارىسچە، رۇسچە، ئىنگىلىزچە سۆزلەرنى سىزىپ چىقتىم. پەقەت ئاچچىقسۇ، لەڭپۇ دېگەن ئىككىلا سۆز خەنسۇچە چىقتى. بۇ ئىككى يىمەكلىكنى تۇڭگانلار 1860-يىللاردا ئۇيغۇر ۋىلايەتلىرىگە ئېلىپ كەلگەن ئېدى. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرچىدا ئاۋامغا تونۇش بولغان خەنسۇچە سۆزلەر ئۇيغۇرلارغا تۇڭگانلارنىڭ ۋاستىسىدە تارالغان ئېدى. بۇلارنى قىزىل رەڭدە ئىزاھلاپ يېزىپ قويدۇم. مۇئەللىم بۇلارنى ئوقۇپ كۈلۈپ قويدى. kk!}mbA_}
+8BH%f}X
ئامېرىكىدا ئىككى يىلدىن ئارتۇق ئوقۇش جەيانىدا بۇنداق ئەھۋاللارغا جىق يولۇقتۇم. تونۇشقانلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ جوڭگۇدىكى كۆپ سانلىق مىللەت خەنسۇلاردىن مەدەنىيەتتە كۆپ پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ھەرقانچە چۈشەندۈرسەممۇ بەزىلەر يەنە خەنسۇغا ئائىت ئۆزى بىلىدىغان ئۇچۇرلارنى ئۇيغۇرلۇقۇمغا يۈكلەپ قوياتتى. دۇنيا بويىچە نوپۇسى ئەڭ كۆپ بۇ دۆلەتنى كىشىلەر ئەڭ كۆپ نوپۇسلۇق مىللەتنىڭ خاسلىقى بويىچە چۈشىنەتتى. ئېنگىلىزچىدا جوڭگۇلۇق دېگەن سۆز خەنسۇ، خەنسۇ تىلى دېگەن مەنىلەردە كېلىدىغان بولغاچقىمۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭ بەزىلىرى يەنە قايمۇقۇپ قالاتتى. ھەتتا بالام بىلەن ئۇيغۇرچە سۆزلىشىپ كېتىۋاتسام بەزى تۈرك ئاغىنىلىرىممۇ چۈشىنەلمىگەن سۆزلەرنى "بۇ كەلىمە خەنسۇچىمۇ؟" دەپ سوراپ قويۇشاتتى. بۇلارنى ئويلىسام جوڭگۇ ئۇقۇمى بىر يوغان قاپاق تېرەكتەك، ئۇيغۇر ئۇقۇمى شۇ تەرەكنىڭ سايىسىدا كۆرۈنمەي قالغان يىگانە گۈلدەك تۇيغۇغا كېلىپ قالاتتىم. بۇ يەردىكى ئاساسلىق سەۋەپلەر ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە چىقىش پۇرسىتىنىڭ پەۋقۇلاددە ئاز بولۇشى، زېمىنىمىزنىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ قەدىمىگە ئانچە مۇشەررەپ بولالماسلىقى، چەتئەللەرگە قىلىنغان تەشۋىقاتتا جوڭخۇا مىللىتى، جوڭخۇا مەدەنىيىتى دېگەننى تەرغىپ قىلىشقا بەكرەك كۈچەپ ھەر قايسى خەن بولمىغان مىللەتلەرنىڭ خاسلىقىنى تونۇشتۇرۇشقا سەل قارالغانلىقى بولۇشى مۇمكىن. دىققەتكە سازاۋەر يەنە بىر نوقتا شۇكى، ئۇيغۇرلار گەرچە ئۆز دىيارىدا ئاپتونۇمىيە ھوقۇقىغا ئىگە كۆپ سانلىق يەرلىك مىللەت بولسىمۇ تەشۋىقاتلاردا ئىزچىل ئاز سانلىق مىللەت دېيىلدۇ. خەلقئارادا ئاز سانلىق مىللەت ئۇقۇمى شۇ دۆلەت ياكى رايۇنغا يەرلىك بولمىغان، ۋاقىتلىق ئولتۇراقلاشقان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئىنگىلىزچىدە بۇ سۆزنىڭ كەمسىتىش تۈسى بار. بۇمۇ ئۇيغۇرلارغا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماس قىلىپ قويغان ئامىل بولۇشى مۇمكىن. 2009-يىلى تومۇزدىن كېيىن ئۇيغۇر دۇنيا مەتبۇئاتىدا پەلەستىن، چېچەن، كەشمىلەرگە ئوخشاش دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئىسىمغا ئايلاندى. ئۇيغۇرلۇقنىڭ سايىلىرىمۇ بىراز غۇۋالاشتى. QKOo
#7
1YM04*H
مەنبە : ئەلكۈيــى Xv:
WgxlQXi-B
H%])>