ئۆرۈپ ئادەت تەربىيەسىدىن 62تەربىيە yGsz2T;w d'|,[p (1) ياشانغانلارنى ، چوڭلارنى ، يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى ، ئۇستازلارنى كۆرگەندە ئىككى قولنى مەيدىسىگە ئېلىپ << ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! >> (تەڭتۇش ، تۇنۇش – بىلىشلەر ئوڭ قولىنى كۆكسىنى ئېلىپ سالام دەيدۇ) دەپ ھۆرمەت بىلدۈرۈش لازىم . سالام بەرمەسلىك ئەدەبسىزلىك ، ھاكاۋۇرلۇق قىلغانلىق دەپ يامان
قارىلىدۇ .
S>0nx ^P (2) چوڭلارنىڭ ، ئاتا – ئانىلارنىڭ ، كۈيئوغۇل ( كېلىن ) ، قېيناتا ، قېينا
ئانىنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتۈشكە بولمايدۇ .
1& '8Y (3) ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتۈشكە بولمايدۇ . ئەرلەر تۇرغان يەردىن ئۆتۈشكە توغرا كەلسە ، ئەرلەرنىڭ كەينىدىن ياكى ئۇلارنى يانداپ ئۆتۈشى لازىم .
k~|-gfFP (4) چوڭلار كىچىكلەرنى “بالام ، ئوغلۇم ،( قىزىم )” دەپ ئاتىشى لازىم ، بولمىسا “ئالجىغان” ، “قېرىغىنىنى تۇيمىغان” ، دەپ ئەيى
پلىنىدۇ. كىچىكلەت چوڭلارنى “دادا” ، “بوۋا” ، “موما” ، “ئانا” ، “ئاكا ، ئاچا” دەپ ئاتىشى لازىم . بولمىسا ، “ئەدە
پسىز” ، “تەربىيە كۆرمىگەن” دەپ قارىلىدۇ .
2*w:tT8
+X (5)كۆرۈشمىگەن ئۇرۇق – تۇققان ، دوست – ئاغىينىلەر كۆرۈشكەندە چوڭلار، تەڭتۇشلار قۇچاغلىشىپ مەڭزىنى – مەڭزىگە يېقىپ كۆرۈشىدۇ ، كىچىكلەرنى بولسا ، بېشىنى باغرىغا بېسىپ پىشانىسىگە سۆيىدۇ . ئاياللار – چوڭلار ، تەڭت
ۇشلار مۈرىلىرىنى تۇتۇشۇپ يۈزلىرىنى يۈزىگە يېقىپ كۆرۈشىدۇ . كىچىكلەرنى باش – كۆزىنى سىيلاپ پىشانىسىگە ، مەڭزىگە سۆيۈپ كۆرۈشىدۇ . بولمىسا “كۆيۈمسىز” ، “مېھرى يوق” ، “باغرى قاتتىق” ، “كۆڭلى بۆلۈنۈپ كەتكەن” دەپ ئەيى
پلىنىدۇ .
7oR:1DXw| (6)سىرداش دوست – ئاغىنىلەردىن باشقىلار ئادەتتە بىر – بىرىنى “سىز” ، “سىلى ” ….. دەپ ئاتىشى لازىم ، “سەن” دېيىلسە “كۆزگە ئىلمىغانلىق” ، “پەس كۆرگەنلىك”
دەپ يامان
قارىلىدۇ .
brZ sAQ+k (7)ئىشىك ئالدى ياكى ئۆيگە يېقىن ئارىلىقتا تۇنۇش – بىلىشلەر ئۇچرىشىپ قالغان تەقدىردە ، سالاملاشقاندىن كېيىن “ئۆيگە باشلاي” ، “خىزمەتتە بولاي” دېيىش لازىم . بولمىسا “قىزغانچۇق ، ئادىمىگەرچىلىكى يوق ” دەپ ئەيى
پلىنىدۇ .
i9D0]3/> (8)مېھمان ياكى بىرەر ئىش بىلەن كەلگەن ئادەم ئۆيگە “ئەسسالام” دەپ كىرىپ ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن “ئاللاھۇئەكبەر” دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ (ياكى يېرىم تۇرۇپ) ئاندىم ئولتۇرۇش لازىم . بۇ بېرىش – كېلىشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئاساسلىق قائىدە ، بولمىسا “قائىدىسىز” ، “ھاكاۋۇر” دەپ ئەيى
پلىنىدۇ .
ejO}t:}P (9) تاماقتىن بۇرۇن ۋە كېيىن ، چوڭ – كىچىك تەرەتتىن كېيىن قول يۇيۇش لازىم ، بولمىسا “تەبىئىتى يوق ، مەينەت” دەپ ئە
يىپلىنىدۇ .
$DP&a1'g (10) قول يۇغاندا ، بولۇپمۇ ساھىبخان مېھمان قولىغا سۇ ئالغاندا ، قولىنى سىلكىمەي لۆڭگە ياكى قولياغلىققا ئېرتىش لازىم .
wCHR7X0*b (11) مېھمانغا چاي ، تاماق قويۇلۇپ ساھىبخان “قېنى باقىلىي” دەپ تەكلىپ قىلمىغۇچە ئالدىراپ چايغا ياكى تاماققا قول ئۇزىتىشقا بولمايدۇ .
2PR^:h2 (12) مېھمانغا چاي ، تاماق سۇنغاندا ، ئوڭ قول بىلەن سۇنۇش لازىم . بولمىسا ، “كۆزگە ئىلمىغانلىق” دەپ قارىلىدۇ
5c;h& (13) ئادەتتە مېھمان ئالدىغا قويۇلغان تاماقنى ئاشۇرۇپ قويماسلىقى ، تاماق ئاغزىغا تېتىمىغان تەقدىردىمۇ “ۋاي مەززىلىك بوپتۇ ، ئوخشاپتۇ” دەپ مەمنۇنىيەتلىك بىلدۈرۈش لازىم . بولمىسا ، ئۆي ئىگىسىنى ياراتمىغانلىق بولىدۇ .
)C. yF)Ql (14) مېھمان پۇتىنى ئارۋاڭ – سارۋاڭ سۇنۇپ ئولتۇرماسلىق ، بولۇپمۇ داستىخانغا قارىتىپ پۇتىنى سۇنۇپ ئولتۇرماسلىقى لازىم . ئۇنداق قىلىش ساھىبخانغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق بولىدۇ . چوڭلار ئالدىدا پۇتىنى ئارۋاڭ – سارۋاڭ قىلىپ ، مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرۇشمۇ ئەدە
پسىزلىك ھېسابلىنىدۇ .
U5]pi+r (15) مېھمان ساھىبخاننىڭ ئۆيىدىكى نەرسىلەرنى قالايمىقان تۇتماسلىقى ، ئاختۇرماسلىقى ، ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە مېڭىپ يۈرمەسلىكى ، بولۇپمۇ قىز – ئاياللار يېنىغا ، قازان بېشىغا بېرىۋالماسلىقى لازىم . بۇ يات قىلىق دەپ يامان
قارىلىدۇ .
u
(16) مېھمان داستىخان يېغىلماستىن بۇرۇن ئالدىراپ تۇرۇپ كەتمەسلىكى لازىم ، تالاغا چىقىش زۆرۈرىيىتى بولغاندا داستىخاننى دەسسەپ ياكى ئاتلاپ ئۆتۈشكە ، مېھمانلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشكە بولمايدۇ . ئۇنداق قىلىش ساھىبخاننى ، مېھمانلارنى كۆزگە ئىلمىغانلىق بولىدۇ . yt+}K)Hz
(17) مېھماندارچىلىق سورۇنىدا ، تاماق ئۈستىدە بۇرۇن تارتىش ، بۇرۇن – قۇلاق كولاش ، مىشقىرىش ، تۆكۈرۈش ، تىرناق ئېلىش ، جۈملىدىن ئاممىۋى سورۇنلاردا شۇنداق قىلىش تەبىئەتسىزلىك ۋە ئەڭ ئەدەپسىزلىك ھېسابلىنىدۇ . YUdxG/~'
(18) مېھمانلار ، جۈملىدىن باشقىلار پاراڭلاشقاندا ئىشىك مارىماسلىق ، چوڭلار گەپ قىلغاندا لوقما سېلىپ ئېغىز غېرىچلىماسلىق لازىم . ئۇنداق قىلىش ئەڭ يامان قىلىق ، ئاقساقاللىق ، ئاتىكارچىلىق ھېسابلىنىدۇ . {@u<3 s
(19) مېھماندارچىلىق ئۈستىدە ۋە ئادەتتە غەيۋەت – شىكايەت قىلىش يامان ئېلىنىدۇ . چۈنكى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى بەزى ئاداۋەتلەر ئاشۇنداق غەيۋەت – شىكايەتتىن كېلىپ چىقىدۇ . %ObD2)s6:^
(20) مېھماندارچىلىقتا بالا ئەگەشتۈرۈپ بېرىش يامان ئېلىنىدۇ . چۈنكى بالىلارنىڭ جوداسىدا مېھماندارچىلىقمۇ كۆڭۈللۈك بولمايدۇ . بالا ئاپارغۇچىمۇ ئارام خۇدا يەپ – ئېچىپ ئولتۇرالمايدۇ . “تويغا بارساڭ تويۇپ بار ، بەش بالاڭنى قويۇپ بار” دېگەن ماقال شۇنداق ئادەتكە قارىتا مەيدانغا چىققان . Oc&),ru2l
(21) مېھمان داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن “ئاللاھۇئەكبەر: دەپ دۇئا قىلىپ ، “رەھمەت” دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ ياكى يېرىم تۇرۇپ ساھىبخانغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش لازىم . C`'W#xnp1
(22) مېھمانغا ئېيتقان يەردىن قالماسلىق لازىم ، چاقىرىلمىغان يەرگە بارماسلىق لازىم . چۈنكى سىزنى مېھمانغا چىللىغانلىق سىزنى ھۆرمەتلىگەنلىك ، بارمىغانلىق قارشى تەرەپنى كۆزگە ئىلمىغانلىق ، ئېيتمىغان يەرگە بېرىش قېلىنلىق ۋە تەمەخورلۇق قىلغانلىق بولىدۇ . “ئېيتقان يەردىن قالما ، ئېيتمىغان يەرگە بارما” دېگەن ئىدىيوم شۇ ئاساستا شەكىللەنگەن . GyC /_ntn
(23) يالاڭباش ۋە ئۆرە تۇرۇپ تاماق يېيىش يامان ئېلىنىدۇ . [ "xn5lE
(24) غىزا – تاماقنى چاچماي ، پاكىزە يىيىش ، ئاش ئەۋلادىنى بۇزۇپ – چېچىپ ، ئىسراپ قىلماسلىق لازىم . بولمىسا ، ” ، ” ئادەمنىڭ رىسقى كالتە بولىدۇ” دەپ يامان ئېلىنىدۇ . V5D`eX
9
(25) مېھمان ، جۈملىدىن بىرەر ئىش بىلەن كەلگەن ئادەم ئۆي ئىگىسىنىڭ ئالدىدا كىچىك بالا ۋە باققان مال – جاندارىنى ” ئەجەپمۇ چىرايلىق ئەت ئاپتۇ ” ، “ھەجەپمۇ چىرايلىق سەمىرىپتۇ” … دەپ تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ ماختىماسلىقى شەرت ، ماختىسا “كۆز تېگىدۇ” دەپ يامان ئېلىنىدۇ . ئاشۇنداق ماختاش بولسا ، قارشى تەرەپ ئىچىدە “ئاغزىڭغا تاش” دەپ قارغايدۇ . !eJCM`cp
(26) بىرى بىر نەرسە يەۋاتقاندا ئۇنىڭغا قاراپ مەسلەنمەسلىك لازىم ، مەسلىنىپ قارىسا ” ئېچى كىرىپ قالىدۇ” دەپ يامان ئېلىنىدۇ . f'6|OsVQ
(27) تاماق ئۈستىگە بىرى كىرىپ كەلسە ، ئۇنىڭغا تاماق قويماسلىق “قىزغانچۇقلۇق” ، “ئاچكۆزلۈك” دەپ يامان ئېلىنىدۇ . zEw>SP1,
(28) مەيلى ئۇرۇق – تۇققان ، دوست – ئاغىنە بولسۇن تالادىن كىرگەندە ، بولۇپمۇ سەپەر ئۈستىدىن كەلگەندە شۇ ئۆيدىكى كىچىك بالىنى ئالدىراپ قولىغا ئالماسلىق لازىم . بالا ئالدىراپ قولغا ئېلىنسا “يول ئىسسىقى ئۆتۈپ ئۇچۇنۇپ قالىدۇ” دەپ يامان ئېلىنىدۇ . zx1:`K0bi
(29) يۈگۈرۈپ ، ھاسىراپ – ھۆمۈدەپ ئالاقزادىلىكتە ئۆيگە كىرمەسلىك لازىم . چۈنكى ئۆي ئىگىسى بىرەر كۈتۈلمىگەن ئەھۋال تۇغۇلغانمىدۇ ؟ دەپ غەم – غۇسسىگە قالىدۇ .
0v^:
(30) ئۆيدە ئەخلەت قالدۇرماسلىق لازىم ، ئەخلەت قونۇپ قالسا ” بەرىكەت قاچىدۇ” دەپ يامان ئېلىنىدۇ . :o"8MZp
(31) ئىشىك ئالدىغا كىر سۈيى ۋە يۇندا تۆكمەسلىك لازىم . كىر سۈيى تۆكسە ئادەمنى مەينەت باسىدۇ ، ئادەمنى سوغۇق تەلەت قىلىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ . FXo2Y]K3`L
(32) يۈز – كۆزنى سۇنى ئېقىتىپ تۇرۇپ يۇيۇش لازىم . بولمىسا ، يۇندىدا يۈز يۇغانغا باراۋەر دەپ قارىلىدۇ . 7?)/>lx\>$
(33) ئوچاق بېشى ، قۇدۇق بېشىغا كىر ۋە قول چايقايدىغان داس قاتارلىق نەرسىلەرنى قويۇشقا ، قۇدۇققا ، سۇ ئىدىشىغا ، چېلەك ، ساپلىق – نوگايدىن باشقا نەرسىلەرنى سېلىشقا بولمايدۇ . {Ts:ZI+
8d
(34) ئىشىك ئالدىغا ، جۈملىدىن ئۆيگە ۋە ئۇدۇل كەلگەن يەرگە چوڭ – كىچىك تەرەت قىلسا تەبىئەتسىزلىك ، ھاياسىزلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ . 2:$ k
(35)كۈن ، ئايغا قاراپ چوڭ – كىچىك تەرەت قىلىش ، سۇغا سىيىش ، ئاسمانغا قاراپ تۈكۈرۈش ، ئەتتىگەندە يۈز يۇيماي تۇرۇپ كۈنگە قاراش يامان ئېلىنىدۇ . “ئاسمانغا قاراپ تۈكۈرسەڭ يېنىپ چۈشەر ئۆزۈڭگە ” دېگەن ماقال شۇ ئادەتتىن كېلىپ چىققان . &k
T"oK
(36) زىرائەت ۋە يۇمران چۆپلەرنى دەسسەپ يۇلۇنسا ، ئۈستىگە سىيسە ئۇلار “يورۇقلۇقتىن مەھرۇم بولىدۇ” دەپ قارىلىدۇ . i9UI,b%X
(37) تۇزغا ، ئوتقا تۈكۈرۈش يامان ئېلىنىدۇ . -cNx1et
(38) نان پارچىلىرىنى ، تۇزنى دەسسەشكە ، نان سالغان ساندۇق ۋە تۇز خالتىسىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ ، بۇنداق قىلىش نانغا ، تۇزغا ھۆرمەت قىلمىغانلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ . چۈنكى نان ، تۇزنى ئەجدادلىرىمىز جاندەك ئۇلۇغلاپ كەلگەن . يېڭى توي قىلغان ئىككى ياشقا تۇزغا چىلانغان نان يىگۈزۈش ئادىتى ، ۋاپاغا جاپا قىلغۇچىنى يۇرت – جامائەتتىن يۈز ئۆرىگەن كىشىنى “تۇزۇم ئۇرسۇن” ، “تۇزكور” دەپ قارغاش ئادىتى ئەنە شۇ ئەقىدە ئاساسىدا كېلىپ چىققان . شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتە ، شۆھرەت ، ھارام دۇنيا ، ھوزۇر – مەئىشەت قوغلۇشۇپ ۋەتەنگە ، خەلقكە ، دوست – يارەنلىرىگە خائىنلىق قىلغانلار :تۇزكور” دەپ قارىلىدۇ . 9e
(39) ئۆيدىن خوشلۇشۇپ چىققاندىن كېيىن ، ئارقىسىغا قارىماسلىق لازىم ، ئارقىسىغا يانسا “سەپەر ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ” دەپ قارىلىدۇ . H]&!'\aUz
(40) سەيشەنبە ، جۈمە كۈنى يولغا چىقىشقا بولمايدۇ . چۈنكى كۈنلەر ئىچىدە سەيشەنبە قۇتسىز كۈن ، شۇ كۈنى “تۇڭگۇزمۇ مويىنى تاشلىمايدۇ” ؛ جۈمە روھىناتلارنىڭ سېغىنىشلىق كۈنى ، جۈمە كۈنى ئەجدادلار روھىغا دۇئا – تەگبىر قىلماي ، توپراق بېشىنى يوقلىماي بولمايدۇ ، دەپ ھېسابلىنىدۇ . شۇڭا ، بۇ ئىككى كۈندە يولغا چىقىش “يامان بولىدۇ” ، “پىشكەللىككە ئۇچرايدۇ” دەپ قارىلىدۇ . c!&Qj
(41) چارۋا – مالنى بولۇپمۇ قوينى ئۇرماسلىق ، تەپمەسلىك لازىم . چۈنكى قوي ئامەت ، بەختنىڭ سىمۋولى دەپ قارىلىدۇ . ئەتتىگەندە قوي ئۇچرىسا “ئامەت كېلىدۇ” دېيىش ئاشۇ ئەقىدە ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن . شۇڭا قوينى ئۇرۇش ، تېپىش يامان ئېلىنىدۇ . ${U6=
(42)ئاياللار كىر سۈيىدىن ئاتلىماسلىق دېگەن قاراش . >uHS[ _`nM
(43) يېڭى تۇغۇتلۇق ئۆيگە يات كىشى كىرىشكە بولمايدۇ ، شۇڭا ئىشىك بېشىغا قىزىل لاتا ئېسىپ قويۇلىدۇ . ئادەتتە تۇغۇت يوقلاپ كېلىدىغانلارمۇ ئون ئىككى ئىدىرىدىن كېيىن يوقلايدۇ . J"[3~&em
(44) كىشىگە قول شىلتىپ تۇرۇپ گەپ قىلىش يامان ئېلىنىدۇ . چۈنكى ئۇنداق قىلىش كىشىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق ، پەس كۆرگەنلىك بولىدۇ . zj]b&In6;
(45) ئوينىشىپ بولسىمۇ كىشىگە تىغ تەڭلەشكە بولمايدۇ ، چۈنكى تىغ شەرتلىك ، يامان بولىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ . \iMyo
(46) چوڭلارنىڭ ، جۈملىدىن ، ئۇستازلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چەكمەسلىك ، ئىچىملىك ئىچمەسلىك لازىم ، ئۇنداق قىلىش ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ . W._G0b4}
(47) كىشى ئوتتۇرىسىدا گەپ توشۇش تولىمۇ يامان ئېلىنىدۇ . گەپ توشىغۇچى “سۇخەنچى ، تەخسىچى….” دەپ ئەيىپلىنىدۇ . w)S; J,Hv
(48) ئەتتىگەندە ۋە ياتاردا چۈش ئۆرۈشكە بولمايدۇ ، بۇنداق چاغدا ئۆرۈلگەن چۈش ئوڭىغا تارتمايدۇ ، دەپ قارىلىدۇ . 6MrKi|'X@
(49) ئەتتىگەندە يىغلاش ۋە قايغۇ ، قورقۇنچ ئۇقۇمىدىكى سۆزلەرنى قىلىش يامان ئېلىنىدۇ ، چۈنكى ئەتتىگەندە يىغلاش ، ئۇنداق سۆزلەرنى قىلىش پىشكەللىك ئېلىپ كېلىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ . \;
bWh
(50) پۇتنى قىبلىگە سۇنۇپ يېتىش يامان بولىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ . XUsy.l/
(51)چاچ – ساقال ، بۇرۇت ، تىرناقنى ۋە ئەۋرەت ، قولتۇق مويىنى زىيادە ئۆستۈۋېتىش يامان بولىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ . Tkrx7Cs(
(52) ئەر – ئاياللارنىڭ غۇسلى قىلماسلىقىنى “پالاكەت باسىدۇ” ، دەپ قارىلىدۇ . *5wv%-
(53) ئات – كالا ، قوي ، تۆگە ، جەرەن – كىيىك قاتارلىق ھايۋانلار ، غاز – ئۆردەك ، توخۇ ، كەكلىك قاتارلىق ئۇچار قاناتلاردىن باشقا چوشقا ، ئېشەك …. لەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يىرتقۇچ ھايۋانلارنى ھارام دەپ يىمەيدۇ ، قوي – كالىلارنىڭمۇ رەسمىي بوغۇزلانغانلىرىنى يەيدۇ ، قېنىنى ئىچمەيدۇ ، ئۆزى ئۆلۈپ قالغاننى يىمەيدۇ . ug6r]0]
(54) ناماز ئوقىغاندا ۋاراڭ – چۇرۇڭ قىلىش ، ئەرزان توۋلىغاندا پاراڭ سېلىش يامان بولىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ . [&n|\!
(55) ناماز ئوقۇۋاتقاندا سەپنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشكە بولمايدۇ . yv
${M u
(56) زەرەتكارغا قالايمىقان كىرىش مەنئىي قىلىنىدۇ . y@9Y,ZR*
(57) ناماز ئوقۇيدىغان ئۆيگە بولۇپمۇ قىبلە تامغا ئادەم سۈرىتى ئېسىشقا بولمايدۇ . p#b{xK
(58) ئىسلام دىنىدىن غەيرىي دىنىدىكىلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشى ، مەسچىت ئەتراپى ۋە ئىچىدىغان سۇ بويىدا چوشقا بېقىشى يامان ئېلىنىدۇ . K%
(59) كىشىنى تىللاش ، بولۇپمۇ بىراۋنىڭ ئايالىنى ئاتاپ تىللاش بەك ئېغىر ئېلىنىدۇ . $f(agG]
(60) كەيىپخورلۇق ، قىمارۋازلىق پۈتۈن ئەلنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ . &V;x 4
(61) قۇدۇق ، ئېرىق – ئۆستەڭ بويىغا ھاجەتخانا ، قوتان سېلىش مەنئىي قىلىنىدۇ . )tPl
(62) زىنا قىلىش ، كىشىگە قارا ساناش ، كىشى ھەققىنى يېيىش قاتارلىق ئىشلارغا پۈتۈن جىمىيەت لەنەت – نەپرەت ياغدۇرىدۇ . >'0lw+a
0(vdkC4\A
مەنبە:‹‹دانالار ھېكىمەتلىرى›› ناملىق كىتاپتىن |
W?[,|e
aZ/yCS7
تەھرىردىن : ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز !!![ بۇ يازما xiwas1- تەرپىدىن 2011-08-27 09:56 PM دە ق ]