qrkT
7f E(8g(?4 #L)rz u گۇزەللىگى بىلەن كىشى ئەقلىنى لال قىلسا ،باتۇر ۋە قەيسەرلىگى بىلەن دىللاردا ھۆرمەت ۋە قايىللىق تۇيغۇسى ئويغاتقۇچى ئۇيغۇر قىزى ئىپارخان 18-ئەسىردە شىنجاڭدا ئۆتكەن چوڭ كىچىك خوجىلاردىن خوجا جاھاننىڭ ئايالى ،ئاپاق خوجىنىڭ ئەۋلادى .بەزى تارىخى كىتاپلاردا ئىپارخاننىڭ ئەسلى ئىسمى ئالانۇر خېنىم بولۇپ ياكى مەمۇرى ئەزەم ئىكەنلىگى يېزىلغان .ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئىپارخان لاتاپەت بابىدا تەڭداشسىز گۈزەل بولغانلىغى ۋە تېنىدىن تەبىئي ھالدا ئىپار ھىدى كىلىپ تۇردىغانلىغى ئۈچۇن <ئىپارخان>دىگەن نام بىلەن ئاتالغان .جەڭگە ماھىر بۇ گۈزەل باتۇرلۇقتا داڭق چىقارغان خوجا جاھانغا ياتلىق بولغان .1760-يىلى شىنجاڭدىكى ئاپاق خوجا ئەۋلادىدىن بولغان خوجا بۇرھانىدىن بىلەن خوجا جاھان چىڭ سۇلالىسنىڭ ھۆكمۇرانلىقىغا قارشى چىققان .ئۇلارنىڭ سانى ۋە تەسىر دائىرسى بارغانسىرى كېڭىيىشكە باشلىغان ،بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچىگەن چىڭ سۇلالىسى جاۋخۇي باشچىلىقىدا زور قوشۇننى توپىلاڭچىلارنى تىجىتىشقا ئىۋەرتكەن ،ئادەم سانى جەھەتتىكى چوڭ پەرق تۇپەيلىدىن خوجىلار مەغلۇپ بولۇپ ،خوجا جاھان ئۆلتۇرۇلگەن ،ئىپارخان ئەسىرگە چۇشۇپ بېيجىڭدىكى خان ئوردىسىغا ئېلىپ بېرىلغان ،ئىپارخاننىڭ گۈزەللىگىدىن ھەيرانۇھەس قالغان چىيەنلوڭخان ئىپارخانغا مەپتۇن بولۇپ قالغان.
[;I8 ZVE ئىپارخاننىڭ خان ئوردىسىغا كەلگۈچە بولغان ھاياتى ھەققىدە تارىخى مەنبەلەر بىردەكلىككە ئىگە بولسىمۇ ،ئۇنىڭ كىيىنكى تەقدىرى ھەققىدە بەزى ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت .ھەقىقەتنى ئەمىليەتتىن ئىزدەش پىرىنسىپى بويۇنچە قارىغاندا،ئۇيغۇر تارىخ مەنبەلىرى ناھايىتى تەپسىلى خاتىرلەنگەن چىڭ سۇلالىسى ئوردا تارىخناملىرىدىن مەلۇمكى ،يۇرت قەۋمىدىن ،ئىرىدىن ئايرىلغان ئىپارخان ئوردىغا كىرگەندىن كىيىن خانغا قاتتىق ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەت بىلەن مۇئامىلە قىلغان ،پۇرسەت تېپىپ ئىنتىقام ئېلىش ئارزۇسىدا يېنىدا پىچاق ساقلاپ يۇرگەن .ئىپارخاننىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىش ،ئۇنىڭ ئىنتىقام ئېلىش ۋە يۇرتىنى سېغىنىش ئارزۇسىنى يوق قىلىش ئۈچۇن چىەنلوڭخان خىلمۇخىل چارىلەرنى ئىشلەتكەن .ئىپارخان ئۈچۈن ئۇيغۇر پوسۇنىدا ئىمارەت سېلىپ ،ئۇيغۇر مەھەللىسى بىنا قىلغان .لىكىن ئىپارخان نىيتىدىن ھەرگىز يانمىغان .چىەنلوڭخاننى ھەرگىز يېنىغا يولاتمىغان ۋە يەڭ ئىچىدە ساقلىغان خەنجىرنى كۆرسىتىپ <ئەليۇرتۇم خانىۋەيران بولدى ئۆلۈشكە رازىمەنكى ،ئوغۇل قىزلىرىمنىڭ بىكاردىن بىكار ئۆلۈپ كىتىشىگە چىداپ تۇرالمايمەن ،ئىنتىقام ئالماي قويمايمەن>دىگەن .چىەنلوڭخان يەنىلام ئۇنىڭدىن ئۈمۇدىنى ئۈزەلمىگەن .ئىپارخان خانغا قول سالماقچى بولغان بولسىمۇ ،مەخپى پايلاقچىلارنىڭ قاتتىق نازارەت قىلىشى تۇپەيلىدىن ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىغان .بۇنىڭدىن چۆچىگەن خان ئانا چىەنلوڭ سىرىتقا چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلنىپ ئىپارخاننى ئۆلتۈرۋەتكەن .گەرچە كىيىن بەزى ۋەقەلىكلەر قوشۇلۇپ ئىپارخان ھەققىدىكى بايانلار رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ۋە نەسىبى ،كىيىنكى تەغدىرى ھەققىدى ئوخشىمىغان كۆزقاراشلار ئوتتۇرغا قويۇلغان بولسىمۇ،خەنزۇ تارىخ مەنبەلىرىدە بىردەكلىككە ئىگە يۇقۇرقى بايانلار ئىپارخاننىڭ ھەقىقى ھايات سەرگۈزەشىتسىدۇر.
D|o@(V 1914-يىلى ئاسارە ئەتىقىلەر ئورنى پىڭتىەن خان سارىيى موزىيى ۋە چىڭدېدىكى يازلىق ئوردىدىن ئېلىپ كىلىنگەن نۇرغۇن ئاسارە ئەتىقىلەر قاتارىدا ئوننەچچە ساھىبجامال قىزنىڭ ماي بوياق رەسىمى باربولۇپ ،بۇلارنى چىەنلوڭخان ئۆز دەۋرىدە ،ئوردىدا ياللاپ ئىشلەتكەن ئىتالىيلىك رەسسام رومبىرانت سىزغانكەن .بۇنىڭ ئىچىدە ھەربىچە ياسانغان ئاجايىپ بىر قىزنىڭ رەسىمى <يۇدى سارىي>نىڭ غەربى ھوجرىستا كۆرگەزمە قىلىنغان ،رەسىمنىڭ ئاستىغا <ئىپارخان -غەربى دىيارلىق ۋاڭنىڭ مەلىكىسى ...>دەپ يېزىلغان ،ئىپارخاننىڭ ھاياتى يۇقۇرقىغا ئوخشاش يۇسۇندا قىسقىچە بايان قىلىنغان .شۇنداقلا ئاخىرىغا يېقىنقى زامان خەنزۇ شائىرى شىيىننىڭ جۇڭخۇا مىنگونىڭ 7-يىلى بۇ رەسىمگە يازغان بېغىشلىما شىېئىرى قوشۇپ قويۇلغان .ئۇ شېئىر تۆۋەندىكىچە ؛
0FOf *Lz 1%,Z&@^j ھۆر گۈزەل جانان تۇرار شەمشەر ئېسىپ ھەيۋەت بىلەن،
5o/rV.I سېغىنىپ ئۆز يۇرتىنى چەكسىز مىھرى-شەپقەت بىلەن.
P]B
#i1 تۆكتى قان شۇ قىز ئۈچۇن خاقان قىرىپ پۇقرانى كۆپ،
!UTJ) & سۇرگىلى كەيىپ-ساپا ئىشرەت بىلەن،شەھۋەت بىلەن .
ZAZCvN@5 تەلپۇنەر راۋاقتا قىز ئۆز يۇرتىغا غەمكىن بېقىپ،
9K|lU:, كىيىمى قانغا بويالغان يىغلىغاچ ھەسرەت بىلەن .
j,XKu5w)Oi قاخشىتىپ ئەپكەلدى خان شۇقىزنى خان دىيارىغا ،
تەڭرىتاغ قالغان غەزەپتەبوغۇلۇپ نەپرەت بىلەن. &pm{7nH
iC]lO
بىيجىڭ تىياتىرى ۋە دىراما ساھەسىدىكىلەرمۇ بۇ بايانلارغا ئاساسەن <ئىپارخاننىڭ غەزىپى>،<ئىپارخان>ناملىق تىياتىرلارنى ئوينىغان .ئازاتلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە <ئىپارخان>ناملىق بىيجىڭ تىياتىرى ئوينالغان .بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئىپارخان خوجا جاھاننىڭ ۋاپادار ئايالى ،پادىشاھقا تىز پۈكمىگەن قەھرىمان ،قەيسەر ئايال سۈپۈتىدە تەسۋىرلەنگەن .ئاتاقلىق خەنزۇ شائىرى يەنچىڭ ئىپارخان ھەققىدە تۆۋەندىكى شېئىرنى يېزىپ قالدۇغان ؛ L])w-
}=a4uCE
باھار نۇرلىرىدا جانلانغان دالا، 5>)jNtZ
جىگدىلەر چۈمۇلدى چاچقان پۇراققا. 9#ft;c
گۈپۈلدەپ ئۇرۇلغان جىگدىنىڭ ھىدى، *a!!(cZZ
ھالقىپ تەڭرىتاغدىن كىتەر يىراققا. P-[K*/bPw
ئۆتمۇشتە بۇ ئانچە قەدىم چاغ ئەمەس، _eV n#!|
قەشقەردىن چىققانتى بىر ئۇيغۇر قىزى. a}fClI-u
ئىسمىدۇر ئىپارخان ،گۈزەللىكتە ئۇ، 4/?}xD|?
پۇراقلىق ئېچىلغان چىچەكنىڭ ئۆزى. S7{.liHf
بوزەك قىلىپ بولامدۇ باتۇر مىللەتنى ، DWQQ615i
ئىپارخان شۇلارنىڭ ياخشى ئۈلگىسى. RJwIN,&1.
NxO^VUD
?i2Wst
مەنبە : <شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزلەپ>نەزىرە مۇھەممەد سالىھ. E5G"QnxR>N
H~ n~5 sF"
:gscW&k
wI@I(r~g
917 0bmr
QM_X2Ho
DnsP7k.8T
~+ s*\~
zX [r
_T|H
69 J
`1bX.7K43
k\sM;bCv7
/CI%XocB
+O$:
~,*YmB=Z
$.Q>M]xH
n5+S"
!3I(4?G,
-*%!q$
:
A,-V$[;~D
=^Sw*[eiy
[ بۇ يازما moghal تەرپىدىن 2011-08-27 10:32 AM دە قا ]