مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1662 
  •    ئىنكاس 
       6 

«سۇ كەلگۈچە توغان سال»

قەۋەت ئاتلاش
GULUM404
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7914

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   46 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6547 (سوم)
 ياخشى باھا:   552 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   859  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1251
 سائەت
دەرىجىسى:
1251 سائەت 99 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-26
ئاخــىرقىسى:2011-10-26
— بۇ تېمىنى Eltekin ھۆسنىخەت ئەسەرلىرى دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2011-08-25) —

      يېقىندا تېلېۋىزوردىن مەلۇم شەھەردىكى بىر مېھمانساراينىڭ كۆزىتىش ئاپپاراتىدا تارتىلغان مۇنداق خەۋەرنى كۆردۈم: بىر جۈپ ئەر-ئايال ئۈچ ياشقا كىرگەن بالىسىنى ئېلىپ مەلۇم بىر مېھمانسارايغا كېلىپ تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، قايتىدىغان چاغدا بالا شوخلۇق بىلەن ئالدىدا يۈگۈرۈپ، مېھمانساراينىڭ ئايلانما ئىشىكى ئالدىغا كەلگەن، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆز پارىڭى بىلەن بولۇپ كېتىپ، بالىغا دىققەت قىلمىغان، بۇ چاغدا ئىشىك ھەرىكەتلىنىۋاتقان بولغاچقا، بالا يۈگۈرۈپ كېلىشى بىلەن ئىشىك بالىنىڭ بوينىدىنلا قىسىۋالغان ۋە دەرھال ھەرىكەتتىن توختىغان. ئەر-ئايال ئىككەيلەن يۈگۈرۈپ بېرىپ ئەتراپتىكىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن مىڭ تەسلىكتە بالىنى قۇتقۇزۇپ، دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان. ئەپسۇس، ئىشىك بالىنىڭ بوينىدىن بەك چىڭ قىسىۋەتكەچكە، بالا دوختۇرخانىغا بېرىش يولىدا ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا جان ئۈزگەن. 6a "VCE]  
     بۇ ئېچىنىشلىق پاجىئەنى تېلېۋىزوردىن كۆرگەن ھەر بىر كۆرۈرمەننىڭ بەلكىم ماڭا ئوخشاشلا ئىچى سېيرىلغاندۇ. لېكىن ئەتراپىمىزدا بۇنىڭغا ئوخشاش پاجىئەلەر يۈز بېرىپلا تۇرىدۇ. مەيلى تور، تېلېۋىزور، گېزىت-ژۇرناللاردا بولسۇن، بالىلارنىڭ تاسادىپىي ۋەقە، ھادىسىلەردە قازا قىلغان، يارىلانغانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەرنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، مەملىكىتىمىزدە ھەر يىلى 200 مىڭدىن كۆپرەك 14 ياشتىن تۆۋەن بالا تاسادىپىي ۋەقەلەردە قازا قىلىدىكەن ياكى يارىلىنىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە بىر ياشتىن تۆت ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ بىنا ياكى ئېگىز جايلاردىن چۈشۈپ كېتىپ قازا قېلىش نىسبىتى ٪34.6نى ئىگىلەيدىكەن. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پاجىئەلەر نېمە ئۈچۈن دائىم يۈز بېرىپلا تۇرىدۇ؟ قانداق قىلغاندا بۇنداق پاجىئەلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ \[Sm2/9v  
    مېنىڭچە، بۇنىڭغا ئوخشاش پاجىئەلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب يەنىلا ئاتا-ئانىلارنىڭ بىخەستەلىكىدە، بالىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە دېگەندەك كۆڭۈل بۆلەلمەيۋاتقانلىقىدا. ئاتا-ئانا بولغۇچى چوقۇم بالىغا قانداق جايلارغا بارماسلىق، قانداق نەرسىلەرنى ئوينىماسلىق، نېمىنى قىلماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشى كېرەك. بالىلارغا ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا ئالاقىدار ئاددىي ئىشلارنى، مەسىلەن: يولدىن ئۆتكەندە قىزىل، يېشىل چىراغقا دىققەت قىلىش، ئۆيدا يالغۇز قالغاندا ئوت ئوينىماسلىق، دېرىزە تەكچىسىگە ياماشماسلىق، ناتونۇش كىشىلەر ئىشىكنى چەككەندە ئىشىكنى ئاچماسلىق، مەكتەپتىن قايتقاندا ناتونۇش كىشىلەر بىلەن ماڭماسلىق، بىسلىق ئەسۋابلارنى ئوينىماسلىق قاتارلىق ئىشلارنىڭ خەتىرىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن كۆڭۈل قويۇپ چۈشەندۈرگەندە، بالىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىسى بار. كۆپىنچە ئاتا-ئانىلار يالغۇز بالا دەپ، بالىنى ھەددىن زىيادە ئەركە، ئاتا-ئانىغىلا تايىنىۋالىدىغان قىلىپ تەربىيەلەيدۇ. ئەمما بۇنىڭ بالىلارغا بولغان زىيىنى بىر قەدەر چوڭ. ئاتا-ئانىلار بالىلارنى مۇستەقىل تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلىشى، بالىلارنىڭ ھەممىلا ئىشىغا ئارىلىشىۋالماسلىقى كېرەك. مەسىلەن: بالىلارنى كىيىمىنى ئۆزى كىيىش، تامىقىنى ئۆزى يېيىش، يوتقان-كۆرپىسىنى ئۆزى يىغىشتەك ئاددىي ئىشلار بىلەن بالىنى مۇستەقىللىق قارىشىنى ئۆستۈرۈشكە دەۋەت قىلىشى كېرەك. بالىلارنى بازارغا ئېلىپ چىققاندا، بالا مەلۇم بىر ئويۇنچۇقنى ئالىمەن دەپ قەغىش قىلغاندا، ھەرگىز بالىنىڭ كۆزىگە قاراپ شۇ ئويۇنچۇقنى ئېلىپ بالىنى خۇش قىلماستىن، بالىغا ئۆيدە نۇرغۇن ئويۇنچۇق بارلىقىنى، ئويۇنچۇق ئالىدىغان پۇلىنى يىغىپ مەكتەپتە ئوقىيالمايۋاتقان نامرات بالىلارغا ئىئانە قىلىشتەك ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ، بالىدا مېھرىبانلىق، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىدىغان روھنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. بىز تۇرمۇشتا بەزى تېنى ئاجىز، ئىچ مىجەز بالىلارنىڭ پائالىيەت قىلىۋاتقاندا ئاسانلا زەخىملىنىدىغانلىقىنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. تېنى ئاجىز بالىلار، ھەرىكەت قىلىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، خەتەرگە يولۇققاندا ئىنكاسى ئاستا، سەزگۈرلىكى تۆۋەن بولۇپ، ئاسانلا خەتەرگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ تەن-سالامەتلىكىنى ياخشىلاشمۇ بالىلارنىڭ خەتەرگە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى زۆرۈر ۋاسىتە. بالىلارنى كۆپلەپ ئاممىۋى پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇش، بەدىنىنى چېنىقتۇرۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش، ئۇلارنى تەبىئەت بىلەن كۆپرەك ئۇچراشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش بىلەن بىللە، خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش زۆرۈر.     <;2P._oZ  
   بىزدە «سۇ كەلگىچە تۇغان سال» دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆز بار، ھەربىر ئاتا-ئانا مانا مۇشۇ ھېكمەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بالىلارغا بولغان بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، ئۆزىنىڭمۇ بۇ جەھەتتىكى سەزگۈرلىكىنى ئۆستۈرۈپ، تاسادىپىي پاجىئەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بالىلارنىڭ ساغلام، بەختلىك چوڭ بولۇشىغا پۇختا ئاساس سېلىشى لازىم.  <'PR;g^#  
      A[sM {i~Z  
مەنبە: ئۆز قەلىمىم. T0@](g  
[ بۇ يازما Eltekin تەرپىدىن 2011-08-25 11:33 PM دە ق ]

تېما تەستىقلىغۇچى : Eltekin
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-08-25, 23:33
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
nurmamat0997
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.52311

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   323 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3141 (سوم)
 ياخشى باھا:   613 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   498  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2325
 سائەت
دەرىجىسى:
2325 سائەت 195 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-26

ھەي راستىنلا ئېچىنىشلىق ئىشلار كۆپ يۈز بىرىۋاتىدۇ، مىنىڭ بىر قانچە ياشقا كىرگەن نەۋرە سىڭلىممۇ نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا 3-قەۋەتتىن چۈشۈپ كىتىپ قازا قىلدى،،،،،، ئاتا ئانىلارنىڭ باللىرىغا ياخشى نەسىھەت قىلىشىنى،،باللىرىنى بىر يەرلەرگە ئامال بار يالغۇز تاشلاپ قويماسلىقىنى،باللىرىغا ئوبدان كۆز قۇلاق بولۇپ تاساددىبى بالا قازانىڭ يىتىپ كىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن،،
 
يامان دىمە ئالدىراپ،،ياماننىڭمۇ ھامان بىر كۈنى ياخشى تەرەپلىرىنى بايقايسەن
mantipaz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.43245

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   129 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4279 (سوم)
 ياخشى باھا:   1056 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1601  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2193
 سائەت
دەرىجىسى:
2193 سائەت 107 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-05
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-26

بىزدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ بىر قەدەر تۆۋەن بولۇشى مەسئۇلىيەت تەربىيىسىنىڭ تەخىرسىزلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ . W G3mQ\k  

 
بىردەملىك تاقەت ئون يىللىق راھەتنىڭ مەنبەسى !
ubul0998
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7478

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   3567 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   792 (سوم)
 ياخشى باھا:   1164 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   592  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 7290
 سائەت
دەرىجىسى:
7290 سائەت 110 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-23
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-26

ھەيييييييييييييي ئاتا ئامسىنىڭ قانچە ئىچى سىرىلغاندۇ.................
 
owqi555
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.38489

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   401 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2803 (سوم)
 ياخشى باھا:   430 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   309  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1410
 سائەت
دەرىجىسى:
1410 سائەت 110 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-23
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-26

يازمىڭىزغا كۆپ رەھمەت!!! FLnAN;  
بۇ مىنىڭچە ھەممىمىزنىڭ دىققەت قىلىشغا تىگىشلىك مۇھىم ئىش!!!چۈنكى باللاردا نىمە گۇناھ؟بۇنداق ئىشقا يولۇققانلار تۈپتىن ۋەقەدىكى باش مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى،ئۆزىنى شۇبالىنىڭ قاتىلى دەپ تۆۋە قىلىشى،ئاللاھتىن گۇناھىنى كەچۈرۈشىنى تىلىشى  كىرەك!!!! fN%5D z-e  
ھەمىمىىز دىققەت قىلايلى،كىچىككىنە سەۋەنلىكتىن ،بىخەستىلىكتىن ئېغىر ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىشى مۇمكىن!!!!!
 
چۈنكى مەن ھىسياتلىق ھايات ئادەم!
janankoqa
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.44484

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   151 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1038 (سوم)
 ياخشى باھا:   497 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   648  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3386
 سائەت
دەرىجىسى:
3386 سائەت 114 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-15
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-26

توغرا دەيسىز .ئاخشام مىنىڭ 2گە كىرگەن بالاممۇ ئھتىياتسىزلىقتىن ئامباربىڭ 9پاشتاقتىن يىقلىپ چۇشتى .مەن بىلەن بىللە ئويناۋاتقان ئاڭغىچە مەن تاراۋىغا تاھارەت ئالغىنى چىركىتىپتىمەن ئارلىقتىن 1مىنۇت ئوتتى شۇ ئەسنادا يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى يۇگرۇپ ئامباغا چۇسسەم شۇ يەردە چا پاقىدەك ياتىدۇ .شۇنداق قورقتۇم بىر يىرى سۇنغانمىدۇ دەپ لىكىن سۇنماپتۇ ..
 
rhima
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.52987

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   31 (سوم)
 ياخشى باھا:   6 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 662
 سائەت
دەرىجىسى:
662 سائەت 108 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-24
ئاخــىرقىسى:2011-10-21
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-26

قېرىندىشىم.بۇنى ياخشى يوللاپسىز .رھمەت سىزگە.
 
چوڭلارنى ھۇرمەتلە،كىچىكلەرگە رەھىم قىل .ھەربىر ئشتا ھەممىنى پەيدا قىلغۇچىنڭ ھەققىگە رىئايە قىل.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى