wnQi5P+ WHfl|e
ئامېرىكا مەملىكەتلىك رادىيو شېركىتىنىڭ مالىيە-ئىقتىساد قانىلى يېقىندا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن قەغەر پۇلنىڭ رەڭگى، پۇلدىكى سۈرەتلەر شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك لايىھەلىنىشىنىڭ پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. لېكىن مەيلى قايسى دۆلەت بولسۇن، چىرايلىق قەغەز پۇل ئادەمگە ئىللىق تەسىر بېرىدۇ.‹پۇل سەنئىتى›دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى داۋىد.سىتاندىش يېقىندا ئەڭ چىرايلىق ئون خىل قەغەز پۇلنى ئېلان قىلدى. تۆۋەندە بۇ پۇللار بىلەن تەپسىلىي تونۇشۇپ چىقايلى. 1.تىنچ ئوكياندىكى فىرانسىيەگە تەۋە رايونلاردا ئىشلىتىلىدىغان فىرانىك نامراتلىق، ئاچارچىلىق، قالاقلىق قاپلىغان ئافرىقا بىلەن سېلىشتۇرغاندا، فىرانسىيەگە تەۋە پولىنىزىيە، يېڭى كالىدونىيە، ۋالىس ۋە فۇتۇنا قاتارلىق جايلارنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، مەھسۇلاتلىرى مول بولۇپ، ئاھالىلىرى غەم ئەندىشىسز، ئەۋلىيالارچە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. بۇنداق گۈزەل تۇرمۇش ئۇسۇلى پۇلدىمۇ ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپ 10مىڭ فىرانىكلىق قەغەز پۇل بارلىققا كەلدى. بۇ پۇلغا بېشىغا گۈلچەمبىرەك تاقىۋالغان، قارا چاچلىق، شەپەق نۇرى چاچلىرىغا چۈشۈپ، ئاپلىسىن رەڭلىك كۆلەڭگە ھاسىل قىلغان پولىنىزىيەلىك قىزنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن. بۇ پۇلدا ئادەمنىڭ پورتېرىتى ئىنتايىن ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىسترولۇق تۇيغۇسى كۈچلۈك. سۈرەتنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە كەچكى شەپەققە چۆمگەن دېڭىز بويىدىكى كەنت، ئالتۇن رەڭلىك ئاسمان، دېڭىز سۈيى، ئاھالىلەر بولۇپ...كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى جەننەتمۇ بۇيەرگە يەتمىسە كېرەك. ^v:XON< =2vZqGO30
2.مالدىۋى رۇپىيەسى مالدىۋى جۇمھۇرىيىتى ھىندى ئوكياندا بولۇپ، ھىندىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىغا 800 كىلومېتىر كېلىدۇ. يەرلىك ئاھالىلارنىڭ قەغەز پۇلدا تەسۋىرلەنگەندەك بېلىقچىلىق، كوكۇس يىغىشتىن سىرت تۇرمۇشىنى قامدايدىغان باشقا تىرىكچىلىك ۋاستىسى يوق دېيەرلىك. مالدىۋى دۇنيادىكى ئەڭ نامرات دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ![MtJo5 'A1y~x#2B m2ph8KC s!Iinc^p I7t}$S6 3.سان تومى ۋە پرىنسىپې دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى دوبرا سان تومى ۋە پرىنسىپې دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى غەربىي ئافرىقىنىڭ ئېكۋاتور سىزىقىغا يېقىن جايدىكى دېڭىز قىرغىقىدا بولۇپ، قەغەز پۇلنىڭ يۈزىدىكى يانار تاغ «يەر شارىدىكى جەننەت» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. قەغەر پۇلدا يەنە كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان دېڭىز ساھىلى ۋە ياۋايى ئۆسۈملۈكلەر، شۇنداقلا شۇ يەردە ياشايدىغان بېلىقچى قۇشىنىڭ رەسىمىمۇ بار. پۇلنىڭ توغرا يۈزىگە پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغان مىللىي قەھرىمان رېي ئامادورنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن. N%
u4uLP5k 8&bNI@:@
4. شىۋېيتسارىيە فىرانىكى ھازىر ئوبوروت قىلىنىۋاتقان شىۋېيتسارىيە فىرانىكىنىڭ قەغەز پۇلى 1995-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە تارقىتىلغان 10 فىرانىك، 20 فىرانىك، 50 فىرانىك، 100 فىرانىك، 200فىرانىك ۋە مىڭ فىرانىك بولۇپ ئالتە تۈرگە بۆلىنىدۇ. پۇل يۈزىدىكى رەسىم توغرىسىغا لايىھەلەنگەن. پۇلنىڭ ئالدى قىسمىغا شىۋېيتسارىيە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئاتاقلىق ئالتە ئەربابنىڭ رەسىمى بولۇپ توغرا يۈزىنىڭ يېرىمىنى ئىگەللەيدۇ. كەينى قىسمىغا ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر قانچە بىرىكمە سۈرەت چۈشۈرۈلگەن. 100 فىرانىكنىڭ ئالدى قىسمىدا ھەيكەلتىراش ۋە رەسىم ئۇستازى ئالبېرتو جاكمېي ۋېندىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن. كەينى قىسمىغا ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسىرى‹ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان ئادەم›ناملىق ھەيكەل، تەرجىمھال‹جىم سىفىنكىسنىڭ ئۆلىمى›ناملىق قىستۇرما رەسىملىرى چۈشۈرۈلگەن. !MmbwB' T ~p>Ed 9
5. كومورو فىرانىكى كومورو − غەربىي ھىندى ئوكيانغا جايلاشقان كىچىك بىر ئارال دۆلىتى بولۇپ، جەنۇبتا ماداغاسقار بىلەن تۇتىشىدۇ. بۇ ئارال ئىلگىرى فىرانسىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ، 1975-يىلى ئازاد بولغان. بۇ دۆلەت 2006-يىلى تارقاتقان 1000 فىرانىك قەغەز پۇل نەپىس، كۆركەملىكى بىلەن دۇنيا قەغەز پۇل تەشكىلاتىنىڭ باھالىغۇچىلىرىنى تەسىرلەندۈرۈپ، 2006-يىلىدىكى ئەڭ گۈزەل قەغەز پۇل بولۇپ باھالانغان. بۇ قەغەز پۇلنىڭ سۈرىتى تىنچلىققا سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، ئادەمگە چۈش كۆرىۋاتقاندەك تەسىر بېرىدۇ. پۇلنىڭ ئۈستىنكى قىسمىدىكى غۇۋا كۆرىنىدىغان نائۇتىلۇس قۇلۇلىسى كىشىلەرگە، مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن بۇ دۆلەتتە سىياسىي ئۆزگىرىش بورىنىنىڭ تېخى توختاپ قالمىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. Lg2PP#r
6. يېڭى زېلاندىيە (يېڭى زېلاندىيە دوللىرى) يېڭى زېلاندىيە بەش دوللىرىنىڭ ئۈستىدىكى ئەر كىشى بولسا، سىر ئەدمۇند خىللارىي، ئۇ ھەمراھلىرى بىلەن 1953-يىلى جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىققان بولۇپ ، تۇنجى بولۇپ جۇمۇلاڭما چوققىسىغا ئوڭۇشلۇق چىققان ئىكسپېدىتسىيەچىنىڭ بىرى. بەش دوللارلىق پۇلنىڭ رەڭگىمۇ خىللارىينىڭ ئەينى ۋاقىتتا جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىققاندىكى جاپا-مۇشەققىتىدىن بىشارەت بېرىدۇ. 1958-يىلى، ئۇ يەنە ئىكسپېدىتسىيە ئەترىتىگە باش بولۇپ، تۇنجى قېتىم ئانتاركتىدانى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن. ]J/;Xp (+BrC` uD ;T Dr}elR>~G= 7. كۇك تاقىم ئارىلى (كۇك ئارىلى دوللىرى) كۇك تاقىم ئارىلى ئاۋسترالىيەگە تەۋە تىنچ ئوكياندىكى ئارال بولۇپ، ئاران نەچچە مىڭ نوپۇسى بار. نوپۇس سانى ئاز بولغانلىقتىن ئەزەلدىن كۆپىيىشكە ھەۋەس قىلىپ كەلگەن. تارقىتىلغان پۇللارنىڭ ئۈستىگە ئۆزلىرى چوقۇنىدىغان كۆپىيىش ئىلاھىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، دۇنيادىكى بارلىق پۇللارنىڭ ئىچىدىكى كەم ئۇچرايدىغان پۇل ھېسابلىنىدۇ. UyF;sw 8*uaI7;*
8. شياڭگاڭ (شياڭگاڭ پۇلى) شياڭگاڭ پۇلى ياكى تەڭگىسى بولسا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا قانۇن بويىچە ئوبوروت قىلىنىدىغان پۇل. بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، شياڭگاڭنىڭ كەلگۈسى 23-ئەسىردىكى ئەڭ ئاۋات شەھەرگە ئايلىنىپ، ھازىرقى «يەرشارىنىڭ پۇل-مۇئامىلە مەركىزى» بولغان نيۇيورك شەھىرىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن. شياڭگاڭ پۇلىنىڭ نۇسخىسى كەلگۈسى تەرەپدارلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن لايىھەلەنگەن. يېڭى نۇسخىدىكى 10 يۈەنلىك شياڭگاڭ پۇلىنىڭ رەڭگىدە سۆسۈن رەڭگە كۆك رەڭ ماسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كونا نۇسخىدىكى 10 يۈەنلىك پۇلدىن سەل كىچىكرەك لايىھەلىنىپ، ساختا پۇل ياساشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېخنىكىسى قوللىنىلغان. (;HO3Z".q$
9. ئسلاندىيە (كورۇنا) ئىسلاندىيە كورۇناسى بولسا ئىسلاندىيەنىڭ ھۆكۈمەت پۇلى بولۇپ، ئسلاندىيە تىلىدا «خان تاجى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 100 كورۇنا، 500 كورۇنا، 1000 كورۇنا، 2000 كورۇنا ۋە 5000 كورۇنالىق پۇللىرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە 5000 كورۇنانىڭ ئۈستىدە لاۋىڭ سىتىئىل خىل (1646-يىلى-1715-يىلى) نىڭ رەسىمى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى ئسلاندىيەلىك ئىككى ئېپىسكوپنىڭ خانىمى بولغان، ئۇ يەنە داڭلىق ماشىنىچى ئىكەن. قەغەز پۇلنىڭ كەينى تەرىپىدە سىتىئىلنىڭ ئىككى ئوقۇغۇچىسىغا دەرس سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈشى چۈشۈرۈلگەن. 8|\xU9VT 10. فاروئې تاقىم ئارىلى (كورۇنا) فاروئې تاقىم ئارىلى دانىيەنىڭ ئاپتونومىيە رايونى بولۇپ، قەغەز پۇلىدىن 50 كورۇنا، 100 كورۇنا، 200 كورۇنا، 500 كورۇنا ۋە 1000 كورۇنالىق پۇللار بار. بۇنىڭ ئىچىدە 500 كورۇنالىقى 2004-يىلىنىڭ ئاخىرى تارقىتىلغان بولۇپ، ئالدى قىسمىغا فاروئې ساھىلىدىكى قىسقۇچپاقىنىڭ، كەينى قىسمىغا خىۋانناسۇدنىڭ مەنزىرىسى چۈشۈرۈلگەن. قىسقۇچپاقىنىڭ سۈرىتى توم سىزىقلىق شەكىلدە ئويۇلغان، قىسقۇچ تەرىپىنىڭ سىزىقلىرى قېنىق ئۇيۇلغان بولۇپ، قول بىلەن سىلىغاندا ئوڭغۇل دوڭغۇللۇقنى ھىس قىلغىلى بولىدۇ. تەرجىمان: مەھلىيا ئىبراھىم مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |