[ھاللىق سەۋىيە ۋە ھالسىز ئادەملەر
XT>e/x9' ئاپتورى: سۆيگۇم (فەرھاد)
Iay7Fkv Y+/ofk" بۇنىڭدىن 50يىل ئاۋۋالقى ئادەملىرىمىز ھازىرقىدەك سانائەت تەرەققى قىلغان،تۇرمۇش سەۋىيسى بىر قەدەر يۇقىرى كۆتۇرۇلگەن دەۋرنىڭ يېتىپ كېلىشىنى ئارزۇ قىلغان بولۇشى مۇمكىن.50يىلدىن كېينكى ۋاقىتتا بولسا ئادەملىرىمىز شۇ خىل تۇرمۇشقا ئېرشتى. ئەمدىلىكتە بولسا بىزدىن 50يىل بۇرۇنلا تەرەققىيات مۇساپىسنى باشلىۋەتكەن دۆلەتلەردىكى خەلق تۇرمۇشىغا ھەۋەس قىلماقتا. خەققە يېتشمەك ھەجەپ تەسكىنا ديېىشمەكتە.
i=o>Bl@f ھەۋەس قىلغاننىڭ ئۆزى يامان ئىش ئەمەس لىكىن ‹ئۆزىنى چاغلىماي شىلتىڭ ئېتىپتۇ.›دېگەندەك ھە دېسلا ئىقتسادى ھالاۋەتنى كۆزلىسەك،خەق بىلەن ئۆزىمىزنى ناتوغرا ئۇسۇلدا سېلىشتۇرۇپ ئۆزەڭگە سوقۇشتۇرساق، ھەممىدە بىرىنچى بولىمىز،باشقىلارنى بېسىپ چۈشمىز دەپ شوئار توۋلاۋەرسەك بولمايدۇ. زامانغا ماسلىشىمىز دەپ ھالىمىزغا باقمساق،بار يوقى تۆت تەڭگە پۇلىمىزغا داپ چېلىپ گۈررە سالساق قاملاشمايدۇ. ئەلۋەتتە، ئىقتىسادى گەۋدىمىز تىيانشان تاغلىرىدەك قەد كۆتۈرمىگەن ئەھۋالدا ئىشلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى يەنىلا ئوتتۇرا ھال بولۇشتۇر.
q>Px سانجاق سانجاق قوناق شاخلىرىدەك تىكلىنىپ كونىسنىڭ ئورنىغا يېڭسى سېلىنۋاتقان قاتار قاتار ھەيۋەتلىك بېنالارغا قاراپ بەزىدە بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز ئۇل ئەسىلىھە قۇرلۇشلىرىغلا بېغشلانغانمۇ نېمە؟ دەپ قالىمەن.بىر تۇتام پۇلنى قوينىغا نىقتاپ سېلىپ بىنا سېتىش مۇلازىمەت مەركىزىگە قاراپ سەلدەك ئېقىۋاتقان ئادەملەر ئولتۇراق ئۆينىڭ يوقلىقىدىن ئەمەس بەلكى ئارزۇسىدىكى ھاللىق سەۋيىسگە تېزىراق يېتىۋلىش ئۈچۈن بەس- بەستە يۈگۈرۇشمەكتە ئىدى. گويا دەرھال سېتىۋالمىسا تۈگەپ كېتىدىغاندەك جىددىلىك بىلەن پۇل ساناشقا ئالدرىغان كىشلەر راستىنلا ئىشنچا مەبلەغكە ئىگە ئادەملەرمۇ؟ ئەمەلىيەتتە قېپقىزىل پۇللار قان قەرىزلەر بىلەن قولىمىزغا مىڭ تەسلىكتە تېگىدۇ. بانكىدىن قەرىز ئېلىش ئۈچۈن مۇئاش كارتىڭىزنى بېسىپ بەرسىڭىز يەنە بىرمۇنچە قاملاشمىغان رەسمىيەتلەرنى ئالدىمىزغا تاشلايدۇ. باشقىلارنى كېپىل بولۇشقا كۆندۇرۇپ ئىدارسنىڭ تامغىسىنى باستۇرغىچە سەكسەن قېتىم قاتىراپ كۆزىمىز تۆت بولۇپ ھالىمىزدىن كېتىمىز. مانا بۇ كۆپچلىك مائاشلىقلارنىڭ تۇرمۇشى
rUlpo|B ئويلسا ئادەم ھەيران، پۇلى يوقلار يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇپ تېجەشلىك قىلسمۇ پۇلى بارلارنىڭ پۇتى ئوخشاشلا يوتقاننىڭ بىر بۇرجىكدىن ماراپ چىقىپ قېلىۋاتقان.باينىڭمۇ ،نامراتنىڭمۇ دەردى بار. ئاقارغان چاچلارنىڭ ھەممىسى مۇھتاجلىقتىن ئەمەس ئېھتياجنىڭ ،تۈگىمەس ئارزۇ ئىستەكنىڭ ئاقارتشىدىن بولماقتا.
z@~1
e]% M*c\=( بۇ دەۋردە ئادەملەر <ئېشەك ئېشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس>دېگەن تەمسلنى ئۆزلىرنىڭ ئەمەلىيتى بىلەن ئىسپاتلاپ بەرمەكتە. بارغانسىرى ئاۋۇپ كېتىۋاتقان توي- توكۈنلەردىكى ئارتۇق چىقىملار، قاملاشمىغان يوسۇنلار بىلەن ياشلارنىڭ غەربلەشكەن ئەبجەش توي مۇراسىملىرى ھەشەمەتچلىكنىڭ كەڭرى سەيناسىغا ئايلانىپ قالماقتا. نەزىر-چىراقلار سەدىقە پىتىرسىز ھالدا جامائەتكە يۈزلىنىپ مۇسبەت ئوچاقلىرى< يوغان قورساقلار پولۇخانىسى> غا ئايلانماقتا.چىش كوچىلغۇچتا چىشلىرنىڭ ئارسىنى كولاپ،كېكىرىپ چىقىپ كېتىۋاتقان ئادەملەر مايلاشقان قوللىرى بىلەن ئۆلۈكلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلغاندا ئۇلارنىڭ ئەمدىلا سۈزۈكلەشكەن روھىغا يېڭدىن بانكا ئۆسۈمىدەك قەرىزلەرنى يېزىپ قويماقتا ئىدى.
5R"b1 ھەممە ئادەم جان بېقىش تەسلىشىپ كەتتى دەپ قاقشاپ تۇرۇپ يەنە ئاسان قولغا كەلمىگەن پۇللىرىنى ھەشەمەتكە،كەيىپ-ساپاغا ئايىماستىن خەجلەشتىن باش تارتىپ قويمايدۇ. شۇنىڭدىن قارىغاندا ئەسلىدە قاتتىقلىشىپ كەتكىنى بىزنىڭ دەۋرىمىز،جەمىئيتىمىز ئەمەس قېتىپ قېلىۋاتقان ئەقلىمىز ئوخشايدۇ.
NPB':r-8 پادا باقىدىغان بالىمۇ ماركسىغا قاراپ پايپاق سېتىۋالدىغان، بىر-بىرنىڭ چىراينى كۈندە كۆرۇپ تۇرسىمۇ 1-2مىڭ يۈۋەنگە تويلۇق سۈرىتىگە چۈشىۋاتقان دېھقان قىز- يېگتلىرىمىز توقلۇقتىن ئەمەس مودا قوغلاشقانلىقتىنمۇ ئەمەس بەلكى ئۆزنىڭ ئەسلىنى ئۇنتۇپ، ئەنئەنسىنى ھېس قىلالماسلىقتىن ،باشقىلارنى قارغۇلارچە دوراشتىن چىشنى چىشلەپ تۇرۇپ بۇغداي بىلەن پادسىنى پۇلغا ئايلاندۇرۇپ چېچىپ قويىدۇ.
a$aI% بىزنىڭ بانكىدىن پىنسيگە، چىققان ياشتا چوڭراق خوشنمىز بار. ئۇ كىشىنىڭ ئىقتىسادى يېتىپ ئاشسسىمۇ يەنىلا خۇددى ئاتا -بۇۋسىدىن ئۇدۇم قالغاندەك بىر يوغان ھارۋۇغا ئۆتۈك، مەسە-كالاچ، سۈپەرگە، كېگىز، ،ھەتتا قاپاق چۆمۈچلەردىن تارتىپ چۆگۈنلەرگىچە يېغىپ بازارنىڭ مەركىزى رايونىدا تېجارەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ بۇ تەنزىسى خۇددى بىر <يۆتكىلشىچان تاللا بازىرى>غا ئوخشايتتى. ئۇ كىشى بەش ۋاقىت نامىزنى جامائەت بىلەن بىللە ئوقۇشنى قولدىن بەرمەي قالغان ۋاقتىلىرىدا مۇشۇ تېجارتىنى قىلاتتى. ئۇنىڭ بىلەن تەڭ دېمەتلىك باشقا پىنسىيگە چىققانلارغا قارىسڭىز يولنىڭ ئۇ چېتىدە چىملىقتا ئولتۇرۋىلىپ قارت ئويناپ، ھەرىكەتلىك چېنقىش ئۈسكۈنلىرىگە مېلىكە بولۇپ كۈلكە چاقچاقلار بىلەن كۈن ئۆتكۈزەتتى. ھېلىقى خوشنامنىڭ ھارۋۇسىنى ھايات يولىغا سۆرەپ ئېلىپ چىققان جاسارىتى ھەقىقەتەن ئادەمنى ئويغا سالىدۇ، قالغانلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى نەرسە زاماندا شەكىللەنگەن ھورۇنلۇق بولسا بۇ كىشنىڭ ۋۇجۇدىدا ساقلانغىنى ئىلغار تېجارەت ئېلمىنتى ئىدى. قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز تۆگە كارۋانلارغا مېنشىپ، تەكىلماكاننىڭ جاپالىق سەپەرلىرىگە باش ئەگمەي ،جاھاننىڭ ئۇ چېتى بىلەن بۇ چېتى ئارىسدا كولدۇرما ئاۋازلىرىنى ياڭرىتىپ خەلقئارالىق سودا يوللىرنى ئاچقان، غايەت زور ئىقتىسادى قىممەت ھازىرىقى تىلمىز بويىچە تۇرمۇشنىڭ ھاللىق سەۋىيەسىنى يارىتالىغان ئىكەن. خوشنامنىڭ ھەر ئەتىگىنى ھارۋۇسنى يېتلەپ ماڭغان ھالتىدىن ئەجدادلىرىمنىڭ سەپەرگە ئاتلانغاندىكى روھلۇق،مەغرۇر سىماسى كۆز ئالدىمدا غۇۋا نامايەن بولغاندەك بولدى.
MIR17%G ئويغۇنۇش بولمىسا غەپلەت ھەيۋسنى كۆرسىتىدۇ. بۆسۈش خاراكتىرلىك ئۆزگىرىشلەر كۆپىنچە ئىلغار ئىدىيلەر مەيدانغا كەلگەن دەۋرلەردە ئوتتۇرغا چىقىدۇ. بىزگە كېرىكى زاماننىڭ ئۆزگىرىشى ئەمەس بەلكى ۋۇجۇدىمىزنىڭ قايتا بىر سىلكىنىشدۇر.
oAvJ"JH@i قايسى بىر گېزىتتا ھەيۋەت بىلەن ئېيتلىغاندەك ھاللىق سەۋىيە دېگەن كاساپەتنى پالانچىنچى يىللىرى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. ھازىرقى ئەمەلىيتمىزدىن قارىغاندا شۇنى ھېس قىلش تەس ئەمەسكى ھاللىق سەۋىيىگە يېتىشتىن بۇرۇن ئاۋۋال ئاڭلىق سەۋىيگە يېتىش كېرەككەن. بۇخىل ئاڭ ئۆزىمىزنىڭ كىملكىنى تونۇنغان، ئەڭ قارا پايىم دېھقاننىڭ ۋۇجۇدىدىكى ساپ ئەقىدە ئېتىقادنمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن سۈرۈك ئويغۇنىشنى كۆرسىتىدۇ.بىز پەقەت قايسى زاماندا بولايلى قانداق بىر يەردە بولايلى كاللىمىزنى سىلكىۋتىپ، توغرا ئىدىيە ۋە ئاڭنى يېتەكچى قىلىپ بىر بىرىمىزنى قوللاپ ،يۆلەپ تىنمسىز ئالغا ئىلگىرلگەندىلا ئاندىن كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلمەيمىز .ئۇنداق بولمايدىكەن ھاللىق سەۋىيگە يېتىش ئەمەس ئەكسىچە بېھۇشلىنىپ ھالسىزلنىپ كېتشمىز مۇمكىن.
T7W+K7kbI Ce_Z
&? 2011.8.23 ئاپتورى: فەرھاد-
[ بۇ يازما soygum تەرپىدىن 2011-08-23 11:32 PM دە قا ]