مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       3783 
  •    ئىنكاس 
       18 

تايچاقنىڭ دەريادىن ئۆتەلمەسلىكى

قەۋەت ئاتلاش
kichikoghul
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.33767

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   98 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   16089 (سوم)
 ياخشى باھا:   1614 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2577  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2965
 سائەت
دەرىجىسى:
2965 سائەت 25 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-13
ئاخــىرقىسى:2011-11-06

تايچاقنىڭ دەريادىن ئۆتەلمەسلىكى
باشلانغۇچ مەكتەپ ئەدەبىياتىدىكى« تايچاقنىڭ دەريادىن ئۆتۈشى» ئىزىدىن
(فېليەتۇن)
un0t zz  
     تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدە بىر دېھقاننىڭ دائىم ھارۋا قېتىپ تۈگمەنگە ئۈگۈت،ئېتىزغا قىغ،خامانغا ئۆنچىلەرنى توشۇيدىغان،يازلىقى يەنە بېشىغا  خالتا كەيدۈرۈپ تۇلۇق سۆرىتىپ سامان يۇمشىتىدىغان بىر ئېتى بار ئىكەن.بۇ ئاتنىڭ بىر تايچىقى بولۇپ ئۇ تۇغۇلغان ۋاقتىدىن باشلاپ دائىم«تاقىراق،تاقىراق» قىلىپ چېپىپ بېرىپ،يېقىن ئەتىراپتىكى دەريا(توغىرسى كىچىك ئېقىن)دىن كېچىپ ئۆتۈپ،قارشى قىرغاقتىكى بۇلۇق ئۆسكەن يۇمران ئوي-چۆپلەرنى تويغىچە يەپ، ئۇسساپ كەتسە،ئېقىننىڭ سۈزۈك سۈيىدىن قانىچە ئىچىدىكەن.كەچتە يەنە ئېقىننى كىچىپ ئۆتۈپ ئانىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىدىكەن. $~c?qU  
     تايچاق يەتتە ئايلىق بولغاندا ئانسى ئۇنى مەكتەپكە بىرپتۇ.مەكتەپتە قېرى ئاق بوزئات موئەللم ھەر كونى دەرس ئۇتوپ،تايچاقلارنى ئائلسگە قويوپ بىرشتىن ئلىگرى ئولارغا سەكرىمەسلىك،چاپچىماسلىق،قوغلاشماس لىق،بولوپمۇ يېقىن ئەتراپتكى ھېلقى ئېقىن بويغا ھەرگىز بارماسلىق ھەققدە بىخەتەرلىك تەربىيسى بېرىدكەن.تايچاقلار ئەجداتلىرىنىڭ ئۇغوزخان  دەۋردىكى يەتتە سۇ، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيادىن ئوتۇپ،كاسپىي دېڭىز بويلىرىغىچە بارغان شانلىق تارىخىدىن پۇتۇنلەي بىخەۋەر ئىكەن.ئاق بوز ئات دائىم تايچاقىلارغا: GczGW4\P'  
- ئۆتكەن يىلى ھېلىقى ئېقىنىدا بىر تىيىن ئېقىپ كېتىپ ئۆلۈپ كەتتى.سىلەرگە جان لازىم بولسا،بۇ ئېقىندىن ھەرگىز ئۆتمەڭلار،-دەيدىكەن.ئاسمان شىشىدەك سۈزۈك،ھاۋا تولىمۇ سالقىن بولغان بىر شەنبە كۈنى تايچاق نېرىقى قىرغاققا ئۆتۈپ ئوتلاپ كەلمەكچى بولۇپ ئېقىن بويىغا قاراپ«تاقىراق،تاقىراق» قىلىپ چېپىپ كېلىپتۇ.ئەمما،شۇ ھامان ئۇنىڭ يادىغا قېرى ئاق بوزئات مۇئەللىمنىڭ ئېقىندىن كېچىپ ئۆتمەسلىك ھەققىدىكى  نەسھىتى كېلىپ،قانداق قىلىشنى بىلمەي تىڭرىقاپ تۇرۇپ قېلىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىردەم ئېقىننىڭ يوقىرى تەرىپىگە،بىردەم تۆۋەن تەرىپىگە قاراپ«تاقىراق،تاقىراق»قىلىپ چاڭ چىقىرىپ راسا چېپىپتۇ.بىر چاغدا ئۇنىڭ كۆزى بىر كۆۋرۈككە چۈشۈپتۇ.شۇنىڭ بىلەن تايچاق خۇشھال بولۇپ  كۆۋرۈكتىن بىمالال ھالدا قارشى  قىرغاققا ئۆتۈپتۇ.پاھ!بۇ  ۋادا نېمە دېگەن گۈزەل! ئوت-چۆپلەر نېمە دېگەن بۇلۇق،نېمە دېگەن يۇمران ئۆسكەن-ھە!.. |VM c,_D  
  تايچاق خۇشھاللىقتىن ئۆزىنى تۇتىۋالالماي ئىختىيارسىز ھالدا  كىشنەپ كېتىپتۇ. ,\Gn  
ئەتىسى تايچاق ساۋاقداشلىرىغا ئۆزىنىڭ نېرىقى قىرغاققا كۆۋرۈك بىلەن ئۆتۈپ  ئوتلاپ كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.قېرى ئات مۇئەللىم تايچاقلاردىن بۇ ئىشنى ئاڭلاپ  بەكمۇ ئاچچىقلاپ كېتىپتۇ.  9],;i7c  
    -ھەي تەنتەك،نېمە دەپ ئېقىننىڭ ئۇ تەرىپىگە  ئۆتتۈڭ! سەن ئۆتكەن يىلى نەسىرىدىن ئەپەندىمنىڭ  ئىشىكىنىڭ ئاشۇ كۆۋرۈككە  پۇتىنى   تىقىۋالغانلىقىنى،شۇنىڭدىن بېرى ئاشۇ ئىشەك چېغىدا  ھەرقانداق بىركۆۋرۈككە پەقەتلا ماڭماس بولغانلىقنى ئاڭلىمىغانمىدىڭ! سەن بىز ئاتلارنىڭ  تايچىقى تۇرۇپ ئاشۇ ئىشەكچىلىكمۇ ئەقىلىڭ يوقمۇ! S W(h%`U  
     قېرى مۇئەللىم پايپاسلاپ بېرىپ بۇ ئىشنى مەكتەپ مودېرىغا مەلۇم قىلىپتۇ .  مودېر بارلىق مۇئەللىملەرگە بۈگۈنلا تايچاقلار بىلەن بىخەتەرلىك توختامنامىسى ئىمزالىشىشنى بۇيرۇپتۇ.ئاق بوزئات مۇئەللىم تايچاقلار بىلەن سۇ ۋە كۆۋرۈك بار جايغا يېقىن بېرىپ ئوينىماسلىق،ئۆزى خالىغانچە چاپماسلىق،سەكىرىمەسلىك، كەپسىزلىك قىلماي ئوقۇش ھەققىدە ئون ماددىلىق توختامنامە ئىمزالىشىپتۇ. 5 zG6V2  
ھەش-پەش دېگۈچە توققۇز ئاي ئۆتۈپ كېتىپتۇ.تايچاق ھەر يىلى،ھەر مەۋسۈمدە بىر تۇتاش ئىمتىھاندىن يوقىرى نومۇر ئېلىپ ئۆتۈپ،مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئانىسىنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپتۇ-ھارۋا سۆرەش،تۈگمەنگە  ئۈگۈت ئاپىرىش،ئۆستەڭ-ھاشار ئىشلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپتۇ.ئۇ ناھايىتى ئېھتىياتچان،سىلىق ماڭىدىغان،مۇلايىم، ئىگىسىگە سادىق ئات بولغاچقا  ئاتنىڭ ئىگىسى ئۇنى سېتىۋەتمەي ئۆيىدە  ئىشىلتىش ئۈچۈن ئېلىپ قېلىپتۇ. -a(f-  
بىراق،ئات كىچىك ۋاقىتلىرىدا كېچىپ ئۆتىدىغان ئېقننىڭ بۇ  تەرىپىدە ئوت چۆپلەرنىڭ تاينى بولمىغاچقا ئۇ قانچە قېتىم دەريا(ئېقىن)نىڭ بويىغا كەلگەن بولسىمۇ،نە سۇنى كېچىپ ئۆتۈشكە،نە كۆۋرۈك ئۈستىدىن مېڭىپ ئۆتۈشكە پەقەتلا جۈرئەت قىلالماپتۇ.ئېقىندىن ئۆتەلمىسىغۇ مەيلى،ئات ھەتتا تىيىن ۋە ئۆچكىلەر سەكىرەپ ئۆتۈپ كەتكەن بىرەر مېتىر كەڭلىكتىكى ئېرىقتىن ئۆتەي دېسىمۇ كۆزى قورقۇپ ئۆتەلمەيدىكەن.بىر قىش كۈنى ئات مۇز توڭلاپ قالغان يەردە شۇنچە ئاۋايلاپ مېڭىپ كېتىۋېتىپمۇ يەنە تېيىلىپ يىقىلىپ كېتىپ ئىزا تارتقىنىدىن ئۆكسۈپ كىشنەپ كېتىپتۇ. *9)7.} uY  
ئېقىننىڭ ئۇ تەرىپىدە ئوت-چۆپلەر شۇنداق بۇلۇق ۋە يۇمران ئىكەن.ئېقىندىن ئۆتەلىگەنلەر ئۇ تەرەپتە شۇنداق خۇشھال،شۇنداق ئەركىن ۋە توق ياشايدىكەن. avxI\t wAU  
b $x<7l5C  
مەنبە:ئۆزۈم }CZ,WJz=  
TN3, \qgV  

تېما تەستىقلىغۇچى : oychan
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-08-23, 10:36
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +100
Xaparang مۇنبەر پۇلى +100 08-23 بۆرىگە ئىت باش بولسا ،بۆرى ئىتنىڭ ..
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
جان نېمە،جانان نېمە،ۋەتەن نېمە؟
ھەر كىشىنى ئادىمىي ئەتكەن نېمە؟
يانمىسا كۆڭۈل ئۆيىدە بىر چىراغ،
گۆش-تېرە،سۆڭەك بىلەن بۇ تەن نېمە؟
kuyax123
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8616

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   97 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5755 (سوم)
 ياخشى باھا:   243 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   258  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2129
 سائەت
دەرىجىسى:
2129 سائەت 171 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-31
ئاخــىرقىسى:2011-11-03
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-23

   چوڭقۇر مەنالارغا تويۇنغان مەسەلكەنغۇ بۇ! شۇنداق ، مانا بۇ مائارىپىمىزدىكى ئاجىز نوقتا. باتۇر بولۇش،ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش،ئۆز تەجىربىسىگە ئىشىنىش تەربىيىسى بەكلا كەمچىل بىزدە.ئىلگىرىكى ھىچنىمىدىن قورقمايدىغان، قاپ يۈرەك ئوغلانلىرىمىز بارغانچە ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ...ھەركىم ئۆزىنىڭ شولىسىدىنمۇ قورقۇپ يۈرگەن....
 
zapar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1766

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   4602 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   29780 (سوم)
 ياخشى باھا:   823 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   477  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5383
 سائەت
دەرىجىسى:
5383 سائەت 217 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-31
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-23

ئاق بوز ئاتنىڭ تايچاقلارنى دەريادىن ئۆتمەسلىككە دەۋەت قىلىشىدا ئۇنڭدىمۇ ئاچچىق ساۋاق بولۇپ، ئەپەندىنمنىڭ ئېشىكىنىڭ پۇتى كۆۋرۈككە كىرىپ كەتكەن ۋاقىتتا  ئەپەندى مەكتەپ مەسئۇلىيتىنى ياخشى ئادا قىلمىغان دەپ   ئەرىز قىلىغان بولۇپ ،مەسئۇلىيەت قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلۈپ مۇدىر كالا ۋەزىپسدىن قالدۇرۇلۇپ، سىنىپ مۇدىرى بولغان ئاق بوز ئات، شۇ كۈنلۈك نۆۋەتچى ئۆچكە ۋە قوي شۇ كۈنى دەرسكە كىرگەن تۈلكە ، بۆرە قاتارلىقلاردىن ئېغىر جەرىمانە ئېلىنىپ نەچچە ئايغىچە   قوتانلاردىكى  موزايى توپاق ، تايچاق -قۇلۇن ، قوزىچاقلار تەس كۈنگە  قالغان ئىكەن. !6|Kpy8  
s['F?GWg  
قالتىس چوڭقۇر مەنالارغا ئىگە ئىكەن.
[ بۇ يازما zapar تەرپىدىن 2011-08-23 12:08 PM دە قاي ]

 
باتۇرلۇق ئوقنى تەدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دەل تېگىدۇ!
kaxkarim
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.41071

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   25 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   213 (سوم)
 ياخشى باھا:   47 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1113
 سائەت
دەرىجىسى:
1113 سائەت 77 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-17
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-23

بو تېمىنى ئوقۇپ يازغۇچىمىز ئەختەم ئۇمەرنىڭ ،يولۋاس ئۈلتۇرگەن ئەزىمەت ۋە كىر يۇيىۋاتقان ئەر .نامىلىق ماقالىسىنى ئوقۇغاندەك بولدۇم .....ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى يەردە قويمىسۇن .
 
قۇياش يىگىلى بولمايدىغان نان،
ۋەتەن بەرگىلى بولمايدىغان جان.
hrustal
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.33857

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   81 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1462 (سوم)
 ياخشى باھا:   167 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   100  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 682
 سائەت
دەرىجىسى:
682 سائەت 88 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-14
ئاخــىرقىسى:2011-10-18
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-23

ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ كاللىسىنى سەگىتكۈدەك تېمىكەن،  ھەممىدىن مۇھىمى ئادەمدە ئۆزىگە ئىشىنىش، تەۋەككۈل قىلىش، جۈرئەت بولمىسا باغانچە ھەممە ئىشتا چېكىنىدىغان گەپ. ئاتا ئانا بولغۇچى بالىغا ھەددىدىن زىيادە كۆيۈندۇم دەپ، ئۇنى قىلاممايسە، بۇنى سەن قىلاممايسە، مەن قىپ بېرەي...دەپ كىچىكىدىنلا ‹ قىلالمايمەن› ئىدىيسىنى شەكىللەندۇرۇپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ‹بالا› 20دىن ھالقىغان بالاغەتكە يەتكەن بىر ئادەم بوپ بولۇپمۇ قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ، ئەمدى قەدەم ئالىدغان پەيت كەلگەندىمۇ مەن ‹قانداقمۇ قىلالايمەن..؟› دىگەن ئىدىيە بىلەن بىر روھى مەجروھقا ئايلىنىپ قالىدۇ. }RO Cj,|  
ئادەتتە قىلاممايدىغان ئىشلا بولسىمۇ ‹سىناپ باققىن ، چوقۇم قىلالايسەن ›دەپ مەدەت بېرىلسە ، ئۇ ھەر ئىشتا تەۋەككۈل قىپ باقىدىغان ، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان مەنىۋىي بايلىققا ئېرىشىدۇ. MkRRBvk  
لىكىن ئەڭ مۇھىمى مىھرى مۇھەببەت، ھەققانىي -ئادىللىق، ئەدەپ ئەخلاق 1-ئورۇنغا قويۇلغان ئاساستا تەربىيلەنگەن بالا چوقۇم ھالقىلىق پەيىتتە كۆكرەك كېرىپ چىقالايدىغان، باشقىلاغا خەيرخاھلىق قىلىدغان، باشقىلانى ھۆرمەتلەش بەدىلىگە ئىززەت تاپىدىغان مۇكەممەل ‹ئادەم› بولۇپ چىقىدۇ. qYl%v  
ئاللاھ ھەممىمىزنى قىڭغىر يولدىن ساقلىغاي  
 
nazukum
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2787

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   156 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   296 (سوم)
 ياخشى باھا:   270 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1965
 سائەت
دەرىجىسى:
1965 سائەت 125 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-16
ئاخــىرقىسى:2011-10-07
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-23

مائارىپتىكى بەزى ۋەقەلىكلەرگە  سىمۇۋۇللۇق ئۇخشىتىش بۇلۇپتۇ، ئەمەلىيەتنى ھەقىقى سۈرەتلەپ بېرىپتۇ.
 
Xaparang
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.807

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   336 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4716 (سوم)
 ياخشى باھا:   288 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   294  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 7138
 سائەت
دەرىجىسى:
7138 سائەت 262 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-25
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-23

بۆرىگە ئىت باش بولسا ، بۆرىلەر ئىتنىڭ خۇيىنى ئالۇر ، s;e%*4  
ئىتقا بۆرى باش بولسا ، ئىتلەر بۆرىنىڭ خۇيىنى ئالۇر .
 
uyghurm
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.40075

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   86 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   312 (سوم)
 ياخشى باھا:   100 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1841
 سائەت
دەرىجىسى:
1841 سائەت 49 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-08
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-23

ھەقىقەتەن چوڭقۇر مەناغا ئىگە ئىكەن !!! رەھمەت قۇلىڭىز غا دەرت يەتمىسۇن !!!!
 
ئىتلارقاۋاپ قېلىۋىرىدۇ ، كارۋان يۇلىغا مېڭىۋىرىدۇ!!!
uygurboy
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12091

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   805 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5391 (سوم)
 ياخشى باھا:   248 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   286  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2989
 سائەت
دەرىجىسى:
2989 سائەت 1 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-29
ئاخــىرقىسى:2011-10-18
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-23

مەنىسى بەكلا چوڭقۇركەن، ئارقا كۆرنۈش بار، ئېسىل يازما
 
بەزىلەر كۆكتە ئۇچۇپ سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق،
مەن مىسالى يالاڭ ئاياق دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن!
kuyax123
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8616

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   97 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5755 (سوم)
 ياخشى باھا:   243 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   258  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2129
 سائەت
دەرىجىسى:
2129 سائەت 171 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-31
ئاخــىرقىسى:2011-11-03
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-23

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  zapar كە 2011-08-23 11:37 AMئەۋەتىلدى  : ViyG%Sm  
ئاق بوز ئاتنىڭ تايچاقلارنى دەريادىن ئۆتمەسلىككە دەۋەت قىلىشىدا ئۇنڭدىمۇ ئاچچىق ساۋاق بولۇپ، ئەپەندىنمنىڭ ئېشىكىنىڭ پۇتى كۆۋرۈككە كىرىپ كەتكەن ۋاقىتتا  ئەپەندى مەكتەپ مەسئۇلىيتىنى ياخشى ئادا قىلمىغان دەپ   ئەرىز قىلىغان بولۇپ ،مەسئۇلىيەت قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلۈپ مۇدىر كالا ۋەزىپسدىن قالدۇرۇلۇپ، سىنىپ مۇدىرى بولغان ئاق بوز ئات، شۇ كۈنلۈك نۆۋەتچى ئۆچكە ۋە قوي شۇ كۈنى دەرسكە كىرگەن تۈلكە ، بۆرە قاتارلىقلاردىن ئېغىر جەرىمانە ئېلىنىپ نەچچە ئايغىچە   قوتانلاردىكى  موزايى توپاق ، تايچاق -قۇلۇن ، قوزىچاقلار تەس كۈنگە  قالغان ئىكەن. &>+5 8  
pGD-K41O]  
قالتىس چوڭقۇر مەنالارغا ئىگە ئىكەن. 6w?  GeJ  
)7!,_r  
     مەن يەنىمۇ چوڭقۇرراق مەنىدىن تەھلىل قىلسام بولغىدەك،بەكلا تار دائېرىنى كۈزلەپ قويدۇممۇ نىمە؟!
 
ubul0998
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7478

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   3555 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   631 (سوم)
 ياخشى باھا:   1152 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   592  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 7275
 سائەت
دەرىجىسى:
7275 سائەت 125 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-23
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-23

ھەقىقىتەن مەنالىق تىمكەن.
 
starqolpan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13746

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   40 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5195 (سوم)
 ياخشى باھا:   199 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   265  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 57
 سائەت
دەرىجىسى:
57 سائەت 33 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-13
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-23

    بوۋاڭ نىمە ئىش قىپتىكەن ؟ wL]#]DiE  
-پادا بىقىپتىكەن .  @e\ @EW  
     داداڭ نىمە ئش قىلغان ؟ |%#NA!e4wA  
-پادا باققان . (Uu5$q(  
    سەن نىمە ئش قىلماقچى ؟ XhWo~zh"  
-پادا باقماقچى . 2ve<1+V_  
  بالاڭ چوڭ بولسا نىمە ئش قىلىدۇ ؟ >o`+j$j  
-پادا باقىدۇ . $T66%wX  
   بالاڭنىڭ بالىسىچۇ ؟ j` * bz-  
-ئەلۋەتتە پادا باقىدىغاندۇ...............؟ 7)2Q  
      ھە ، ئەسلىدە پادا باقىدىكەنمىز دە ، ئاخىرى چۈشەندىم . شۇنداق قىلاي .............
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +19
mawjud_ مۇنبەر پۇلى +19 08-23 ما ئىنكاسنىڭ جىنى بار جىما
 
چولپان
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى