مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       3517 
  •    ئىنكاس 
       20 

يىڭى بىر ئەۋلات

قەۋەت ئاتلاش
hope202430
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.48999

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   81 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1739 (سوم)
 ياخشى باھا:   368 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   498  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1147
 سائەت
دەرىجىسى:
1147 سائەت 43 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-24
ئاخــىرقىسى:2011-10-03

       مەنمۇ بارا بارا شۇ بىچچارە ئادەملەر توپىغا قىتىلىپ بوينۇمغا سىلىنغان كۆرۈنمەس كىشەنلەرنىڭ ھەر تەرەپكە تارتقۇشلىشىدىن ھالسىزلىنىپ كىتىپ بارىمەن،چارچىدىميۇ ئاۋازىمنى چىقىرىشقا بىقۇۋۋەتمەن،ماسلىشالىغانلار تاللىنىپ قالغانلار شاللىنىدىغان بۇ جەڭ مەيدانىدا گۆرۈمگە كىرىپ كەتكۈچە شۇ توپتىن قىلىپ قالماي جىنىم چىقىپ كەتكۈچە مىڭىشىم شەرت.مانا بۇ ئاجىزلار يوقالسۇن مارشىنىڭ تىپىك نامايەندىسى.  IR LPUP  
       كىچىك ۋاقىتلىرىمنى ئويلاپ قالدىم،بىر قىتىم دوستلىرىم بىلەن يولدا يۈگۈرۈشۈپ ئويناپ يىقىلىپ چۈشتۈم،بىراق شۇ ھامان ئەتراپىمدا ماڭا ئۇزىتىلغان قوللارنىڭ كۆپلىكىنى كۆرگەنىدىم، ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە يىقىلىپ چۈشۈشۈڭنىڭ ئۆزى بىر نومۇس،يىقىلغانىكەنسەن دەررۇ تۇرۇپ كەتمىسەڭ باشقىلار ئۈستۈڭدىن مەغرۇر دەسسەپ ئۆتۈپ كىتىدۇ.ساڭا قول تەڭلىگەن بىچچارىلەرمۇ نائىلاج سەن بىلەن تەڭ دەسسىلىشكە مەجبۇر بولىدۇ،بىراق ئۇلار سەن ئادەتتە ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىگەن كىشىلەر بولۇپ قالىدۇ،ئۇلار شۇنىڭغا رازى بولۇشقان... JF*g!sV%  
      ئەشۇ يىللار،يولنىڭ بىر تەرىپىدە بىر جۈپ قىز يىگىت كىتىپ بارىدۇ،قىزنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ كۆزلىرى يەرگە قارىۋالغان،خۇددى بىرى كۆرۈپ قالىدىغاندەك شۇنچەئىھتىياتچان، قىزدىن نەچچە قەدەم يىراق كىتىپ بارغان يىگىتچۇ؟ئەلۋەتتە ئۇمۇ قىزغا ئوخشاشلا خىجىللىقتىن قۇلاقلىرى قىزىرىپ كەتكەن،نەچچە كۈندىن كىيىن بولۇنىدىغان توي مەرىكىسىنى ئويلاپ يۈرەكلىرى ھاياجانغا تولغان،قىزنىڭ قولىدا يىگىت بەرگەن تاتلىق تۈرۈملەرگە تولغان خالتا... k&/ )g3(N(  
     مانا بۈگۈن شۇ ئوخشاش يولدا يەنە بىر جۈپ قىز يىگىت كىتىپ بارىدۇ،قىزنىڭ قاپاقلىرى تۈرۈلگەن،كۆڭلىدە يىگىتنىڭ بەرگەن تويلۇقىنى ھىسابلىغانسىرى قاپىقى شۇنچە تۈرۈلىۋاتقان،نەچچە خىل ئاقارتىش مىيىنى بىراقلا سۈرتىۋالغاندەك يۈزلىرى ئاپئاق تاتىرىپ كەتكەن،قىپقىزىل بويىۋالغان كالپۇكى بىلەن قاپقارا سىياھ سۈركىۋالغان كۆز قاپاقلىرىدىن بۆلەك ھەممە يىرى ئاپئاق.يىگىتچۇ؟ئۇ خۇددى جەڭدە يىڭىۋالغان قوماندانلاردەك قەددىنى تىك تۇتۇپ كىتىپ بارىدۇ،نەچچە كۈندىن كىيىن بولۇنىدىغان توي ئۇنى ئەسلا ھاياجانغا سالالمىغان،چۈنكى بۇ بىر جۈپ ياش توي قىلماي تۇرۇپ توي كىچىسىنى ئۆتكۈزۈپ بولغان،شۇڭا قىزنىڭ بىچچارە ئاپىسى قانچە دادلىسىمۇ تويلۇقى ئارتىپ قويمىغان... 7LwS =yP  
    كىچىكىمدە ھىيت ئايەم بولسىلا ئادەتتە چۈشكىچە تۈگىمەيدىغان ئۇيقۇم نەلەرگىدۇمەندىن بۇرۇن ھىيتلاپ كىتەتتى،مەنمۇ كۆزۈمنى ئىچىپ باش تەرىپىمگە قويۇپ قويۇلغان بىرە قۇر يىڭى كىيىمنى ۋە ئىرىشكەن ھىيتلىقىم-تاتلىق تۈرۈملەرنى كۆرۈپ ئاپامنى قۇچاقلاپ سەكرەپ كىتەتتىم،بۇ ھىيتلىقىمنى باشقا دوستلىرىمغا كۆز كۆز قىلىشقا ئالدىرايتتىم،دادام نامازدىن كەلگەن ھامان ئاپام ئىككىمىز دادامنىڭ نەسىھەتلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئىشلىرىمىزنى تاشلاپ دادامنىڭ يىنىغا كىلىپ ئولتۇراتتۇق،كىچىكلىكىمدىنمىكىن، دادام سۆزلىرىنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمىسەممۇ لىكىن دادامنىڭ قانداقتۇر بىر مۇھىم گىپىنى ئاڭلاۋاتقىنىمنى ھىس قىلاتتىم.كىيىن ھەممىمىز بىللە بوۋاملارنىڭ ئۆيىگە بىرىپ قۇربانلىققا ياردەملەشكەچ مومامنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشەتتۇق، بىر قىتىم بوۋاملار ھىيتتىن بىر ھەپتە بۇرۇن بىقىپ سەمرىتىپ قويغان قويىغا ئىچەكىشىپ قىلىپ قۇربانلىق قىلغان ۋاقىتتا يىغلاپ ھەممە يەرنى بىشىمغا كەيگەنىدىم. =%\6}xPEl<  
     چۈش بولماي تۇرۇپلا بوۋام جامائەتنى باشلاپ مەھەللىمىزدىكى قىيىنچىلىقتا قالغان،بىچچارە،ئاجىزلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىتەتتى،مومامدىن بۇ ئىشنىڭ خاسىيىتىنى داۋاملىق ئاڭلاپ تۇرغاچقىمۇ بوۋامدىن بەكلا سۆيۈنۈپ كىتەتتىم.بوۋام مەن ئاللادىن قالسىلا ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان قەدىردانىم ئىدى. C._sgO  
      ئۆتكەن يىلقى روزا ھىيتنى تۇنجى قىتىم بوۋامسىز ئۆتكۈزگىنىمدىن تولىمۇ مەيۈس ئىدىم،ئەمدىلا مەكتەپكە كىرگەن ئىنى سىڭىللىرىم قوللىرىدىكى داھىيمىزنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن نەچچە ۋاراق قەغەز ھىيتلىقىنى بىر بىرىگە كۆرسىتىشىپ ئۇنىڭدىن مىنىڭ ئازكەن دىيىشىپ ئۆينى بىشىغا كىيىشكەن،ھەدە ئاكىلىرىم خىزمەتداشلىرى ۋە ئاللىكىملەنىڭ غەيۋىتىگە چۈشۈپ كەتكەن،ئىچكىرى ئۆيدە مەن بىلەن تەڭتۇش نەۋرە ئىنىم ئاغىنلىرىگە تىلىفۇن قىلىپ كەچتىكى ئولتۇرۇشنىڭ پىلانىغا چۈشۈپ كەتكەن.بىر ئۆيلۈك كىشىلەر نەچچە توپقا ئايرىلىپ دۇنيانىڭ غىمىگە چۈشۈپ كەتكەن،بۇرۇن بوۋام ھىيت نامىزىدىن بىللە ئالغاچ كىلىدىغان بەرىكەت بىزدىن يامانلاپ يىراقلارغا قاچقان...دوستۇمدىن تىلىفۇن كەلدى: 358/t/4 {p  
      -ئاداش،دادامنىڭ خىزمەتداشلىرى كەپتىكەن،ئۆيدە ھاراق ئىچىپ ئولتۇرىدۇ،سىرتقا چىقىپ كىتەي دىگەنتىم،چىقە بىللە تاماق يەيمىز... pRvs;klf  
     شۇنداق قىلىپ بۇ بەرىكەتسىز ھەم ۋەتىنىمدە ئۆتكۈزىدىغان ئەڭ ئاخىرقى ھىيتىمنىڭ بىرىنجى كۈنىنى دوستۇم بىلەن سىرتتا تاماق يەپ ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدۇم.. 0f%:OU5Y  
     كىچىكىمدە دادام داۋاملىق سەھرالارغا ئاپىرىپ ماڭا بۇ شەھىرىمىزگە پەقەتلا ئوخشاشمايدىغان بىر جەننەت كەبى گۈزەللىكلەرنى،شەھرىمىزدىكى ئادەملەرگىمۇ ئوخشىمايدىغان كۆڭلى پاختىدىنمۇ يۇمشاق،پاختىدىنمۇ ئاق مۇلايىم دىھقانلارنى كۆرسىتىپ كىلەتتى،شۇ چاغلاردا ئەشۇ چەت يىزىلارغا بىرىۋالسام ئۆزۈمنى جاھاننىڭ بارلىق شاۋقۇن سۈرەنلىرىدىن يىنىكلەپلا قالغاندەك،كۆڭلۈم يايراپ كىتەتتى،شۇ يەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان قەلبىگە تىخى كىر قونۇپ ئۈلگۈرمىگەن دوستلىرىم بىلەن ھارغۇچە سۇغا چۈشەتتىم،كالا قويلارنى بىرلىكتە ھەيدەيتتىم،ھەدىلىرىمنىڭ سىز قىلالمايسىز دىگىنىگە ئۇنىماي ئۆزۈمدىن يوغان ئارىنى كۆتۈرىۋىلىپ ئۇ ياقتىن بۇ ياققا يۈگۈرۈپ يۈرەتتىم،سامان ئىگىز دۆۋىلىنىپ قويۇلغان ئىشەك ھارۋىلىرىغا چىقىۋىلىپ،يالاڭئاياغ پۇتلىرىمغا سامان كىرىپ كەتكىنى بىلەن كارىم بولماي بالىلار بىلەن كۈلكە چاقچاقلارغا چۈشۈپ كىتەتتىم،كىچىسى تىخمۇ كۆڭۈللۈك،بالىلار بىلەن تۈن يىرىمغىچە ھەرخىل ئويۇنلار بىلەن مەھەللىنى ئاۋۇندۇراتتۇق،شەھەردىكىدەك ماشىنا كىلىپ قالارمۇ،مەست ھاراقكەشلەر ئۇچراپ قالارمۇ دىگەندەك ئەندىشىلەرمۇ يوق،ئۆيگە كىرمىسەك قۇلاقلىرىمىزنى سوزۇپ ئەكىرىپ كىتىدىغان ئاپىلىرىمىز يوق،مەھەللىمۇ مەھەللە يۈگرەپ ئوينايتتۇق. qffSq](D .  
       يىقىندا ۋەتەنگە قايتقۇچە كىچىك ئىنىمغا تىلىفۇن قىلىپ نىمە سوۋغات ئالىدىغىنىنى سورىدىم،ئۇ خەنزۇ تىلىدا بىر نىمىلەرنى قايتا قايتا دەپ كەتتى،ئاخىرى مۇشۇ دۆلەتتىكى بالىلار ئارىسىدا ئالقىشقا ئەڭ كۆپ ئىرىشكەن ئويۇنچۇق ماشىنىدىن ئالغاچ باردىم. A+*oT(`  
      ئىنىم ئاپارغان سوۋغىتىمنى كۆرۈپ خۇشال بولۇپ قىلمىغىنى قالمىدى،ئۇنىڭ ياتاق ئۆيىدىكى يوغان يىشىكى ھەرخىل ئىلىكترونلۇق ئۇيۇنچاقلار بىلەن توشۇپ كەتكەن،ھەتتا كىچىك تىپتىكى كومپىيوتىرىمۇ بارئىكەن،دىمەك بۇ كومپىيوتىر شۇ 8 ياشلىق بالىنىڭ ئۇيۇن ھۆددىسىدىن چىقىدىغان  ئۇيۇنچۇقلا خالاس،بىچچارە ئىنىم،شۇ تۆت بۇرجەكلىك ماشىنا ئىچىدىكى مەۋھۇم دۇنياغا ھىرىس بولۇپ،شۇ مەۋھۇم ئادەملەر بىلەن جەڭ قىلىپ،يىڭىلىپ قالسا نەچچە كۈنگىچە ئاش تاماق خالىماس بولۇپ قالىىدۇيۇ،ئاستىنقى قەۋەت خوشنىسىنىڭ ئىسمىنى بىلمەيدۇ،ئىنىمغا ئىچىم ئاغرىيدۇ،ھازىر مەھەللىلەردە بالىلار ئوينىغۇدەك مەيدان ئورنىغا ماشىنا توختىتىش مەيدانى،يەنە ھەرخىل غەيرى ئىسىملىك ماگىزىنلار ئىچىلغان،شۇ بىچچارە ئىنىم ئۆزىدىن ئىغىر سومكىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپمۇ،ھاياتنىڭ جاپا مۇشەققىتىنى مەندىن بۇرۇن ھىس قىلىپ كەتكىنىگە ئىشەنچىم كامىل،دىمىسىمۇ تۈن يىرىمغىچە تۈگىمەيدىغان تاپشۇرۇق،ئۇنىڭغا قىتىپ ئۆيدىكىلىرى ئانا تىلنى ئۇنتۇپ قالمىسۇن دەپ يەنە قوشۇپ بەرگەن تاپشۇرۇق،مۇئەللىمىگە ئاپارغان سوۋغىتىنىڭ باشقىلاردىن ئەزانراق بولۇپ قالغانلىق سەۋەبىدىن چەتكە قىقىلىش،كىچىككىنە زىممىسىنى بىسىۋالغان شۇ يۈكلەرنى بىردەملىككىمۇ ئۇنتۇلدۇرىدىغان پۇتبولىىنى ئوينىغۇدەك بىر پارچە يەرمۇ يوق،ئاتا ئانا دۇنيانىڭ ئاخىرى چىقماس ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش،بالىغا ئاجرىتىدىغان ۋاقىت يوق،يەنە ئامالسىز شۇ تۆت بۇرجەك ماشىنىغا تىكىلىپ ئولتۇرۇپ بارلىق خۇشاللىقىنى شۇ مەۋھۇم دۇنيادىن ئىزدەشكە مەجبۇر.ئىنىمنى شۇ جەننەت سەھرالارغا ئاپىرىپ مەن كىچىكىمدە يۈگەنسىز ئاتتەك قىيغىتىپ ئوينىغان بالىلارغا قىتىپ قويغۇم كىلىدۇ،ئۇنىڭ شۇ سەھرادا تۇغۇلۇپ قالمىغىنىغا ئىچىم ئىچىشىدۇ.بىز شەھەرلىكلەر شۇ بىر بۇردا نان ئۈچۈن تىنىم تاپماي ئىشلەيمىز،ئۇنىڭغا قىتىپ دۇنيانىڭ ئەرزىمەس ئىشلىرىنىمۇ يۈك قىلىۋالىمىز،سەندىن مەن سىمىز دەپ بىر نانغا تويىدىغان قورساققا نەچچە ناننى بىراقلا سىلىۋالىمىز،بىراق شۇنچە قىلغانغا چۇشلۇق دەردىمىز يىنىكلەش تۈگۈل ھىرىپ چارچاشتىن ماغدۇرسىزلىنىمىز،ئۆزىمىز بىر قەدەم ئالدىغا مىڭىش ئۈچۈن كىملەرگىدۇ ئورا قويىمىز،كىملەرنىدۇر پۇتلايمىز...بىراق ئاشۇ جەننەت سەھرالاردا كىشىلەر گەرچە كۈنىگە بىر پارچە نان يىسىمۇ يەنە شۇنچىلىك خۇشال،شۇنچىلىك ئەركىن،بۇرۇن بوۋام شۇ گەپنى دائىم دەيدىغان:ئاز يەپ ئاسان تىرىل... 'd^gRH<z  
       يىقىندا دوستۇم توردا قار يامغۇر يىغلاپ دەردىنى تۆككىلى تۇردى،ئەسلى يىقىندا تويى بىكىتىلىپ بولغان بولۇپ،باغاقلارمۇ تارقىتىلىش ئالدىدا تۇرغان ئىكەن،بىراق يىگىت تەرەپ توينى بىكار قىپتۇ،سەۋەبى،قىزنىڭ مۇقىم خىزمىتى يوق،ئائىلىسى باياشات ئەمەس...بۇ گەپتىن كۆزلىرىمگە ياشلار كىلىپ كەتتى،ئەينى ۋاقىتلاردىكى ئايالىنى سىرتتا ئىشلىگۈزمەي ئۆزى تىرىشىپ تىرمىشىپ پۇل تىپىپ بىر نان يىسىمۇ شۈكرى دەيدىغان شۇ ئەركەكلىرىمىزنىڭ يىلىكى بۈگۈنگە كىلىپ يىگىتلىرىمىزنىڭ ئىستىمال نىشانىغا ئايلىنىپ كەتكەن تاماكا، ھاراقلار بىلەن بۇلغىنىپ كەتكەن ، نەزىرىدە پۇلدىن باشقا ھەممە نىمە ئەرزىمەس بولۇپ قالغان...ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، ككپ قىسىم ئادەملەر ئۆزى كەشىپ قىلغان شۇ پۇلنىڭ قۇلىغا ئايلانغان...ئىنى سىڭىللىرىم ئەينى ۋاقىتتا مەن ئاڭلاپ چوڭ بولغان چىن تۆمۈر باتۇر ھىكايىلىرىنى ئەسلا بىلمەيدۇ،چۈنكى ئۇلار ھىندىستان،كورىيە فىلىملىرىدىكى ئاشىقىدىن ئايرىلىپ كەتكەن مەشۇققا ئىچ ئاغرىتىپ،كۆز يىشى قىلىش بىلەن ئاۋارە...پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى بىلەن ئۆيلىرىدە ياۋا چوڭ بولۇۋاتقان بالىلار،رىستۇران، قاۋاقلاردىكى كەيىپ ساپا ئىگىلىرىگە ئايلىنىپ كەتكەن دوستلىرىم،ئەمەل مەنسەپ ئۈچۈن.بىر پارچە ناننى ئارتۇق يىيىش ئۈچۈن بىر بىرىنى قان قىلىشىۋاتقان قىرىنداشلار...كەيىپكە باشچىلاپ كىرىپ كىتىپ بىزگە ئەسلا يات بولغان مەزمۇندا لىنتا ئىشلەپ ئاشكارلىغان بىر جۈپ قىز يىگىت..ئەرلەرنى ئۇسۇلغا سىلىپ، ئۇسۇلىدىن ھۇزۇرلىنىپ ياقىسىغا پۇل قىستۇرۇپ قويىۋاتقان چوكانلىرىمىز..بەرىكەت بىزدىن يامانلاپ يىراقلارغا كەتكەن،ئۇنىڭ بىلەن ھىچكىمنىڭ كارى يوق.. Tud1xq  
     بالىلىقىمنى سىغىندىم،بىزگە ھەر ۋاقىت بەرىكەت ئىلىپ كىلىۋاتقان بوۋامنى سىغىندىم...تۇرۇپلا ئەنسىرەيمەن،تۇيۇقسىز بىر كۈنلەردە ئاللانىڭ بىزگە غەزىپى كىلىپ،مەھەللىرىمىزدە قايتا ئەزان ئاۋازى ئاڭلانماي قالامۇ...چۈنكى ئەزان ئاۋازىنىڭ قايتا ئاڭلانمايدىغان كۈنى دەل ھەممىمىزنىڭ ئىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن قىيامەت كۈنىدۇر..كىمدۇ بىرى بەك توغرا ئىيتقان،ھىساپ تۇپراق بىشىدا ئىلىنمايدۇ... Bh,)5E^m  
1MI7l)D?  
    مەنبە: ئۆزۈم A d EbyL  
    
تېما تەستىقلىغۇچى : oychan
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-08-22, 18:34
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +20
kamran مۇنبەر پۇلى +20 08-23 -
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
مۇساپىر بولمىغۇچە مۇسۇلمان بولماس!
sazguri
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.48371

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   326 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2552 (سوم)
 ياخشى باھا:   684 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   598  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1751
 سائەت
دەرىجىسى:
1751 سائەت 139 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-19
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-22

ھەي مەن يەنلا سۈكۇت قىلاي جىما
 
فىلىم ئشلەش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشى ziltar.net
abdulla5647
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.45878

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   65 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   383 (سوم)
 ياخشى باھا:   65 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 906
 سائەت
دەرىجىسى:
906 سائەت 134 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-27
ئاخــىرقىسى:2011-09-14
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-22

رەھمەت سىزگە،
 
nurmamat0997
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.52311

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   323 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3141 (سوم)
 ياخشى باھا:   613 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   498  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2306
 سائەت
دەرىجىسى:
2306 سائەت 214 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-22

ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز،،،،
 
يامان دىمە ئالدىراپ،،ياماننىڭمۇ ھامان بىر كۈنى ياخشى تەرەپلىرىنى بايقايسەن
iltebir
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.18033

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   492 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5359 (سوم)
 ياخشى باھا:   320 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   216  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5426
 سائەت
دەرىجىسى:
5426 سائەت 174 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-18
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-22

ھەي بۇ  يېڭى بىر ئەۋلات مىللىي كىملىكىنى تونۇشى دىگەندەك بولمايۋاتامدۇ  نىمە ؟
 
ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن
adiladil
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.50173

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   65 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   505 (سوم)
 ياخشى باھا:   68 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 899
 سائەت
دەرىجىسى:
899 سائەت 1 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-02
ئاخــىرقىسى:2011-10-23
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-22

راستىنى يېزىپسز .
 
ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچلارنى پاكلانغۇچلارنى ياخشى كۈردۇ .
hope202430
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.48999

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   81 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1739 (سوم)
 ياخشى باھا:   368 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   498  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1147
 سائەت
دەرىجىسى:
1147 سائەت 43 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-24
ئاخــىرقىسى:2011-10-03
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-22
4قەۋەتتىكى(iltebir) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش

تونۇيدىغان نەرسىنىڭ كۆپلىكىدىن مىللىي كىملىك ئۇنتۇلۇپ قالدى..
 
مۇساپىر بولمىغۇچە مۇسۇلمان بولماس!
hope202430
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.48999

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   81 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1739 (سوم)
 ياخشى باھا:   368 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   498  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1147
 سائەت
دەرىجىسى:
1147 سائەت 43 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-24
ئاخــىرقىسى:2011-10-03
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-22
5قەۋەتتىكى(adiladil) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

سالام، مەن تىمىغا مۇناسىۋەتسىز سوئال سورىسام،مۇنبەردىكى ئىسمىمنى ئۆزگەرتمەكچى ئىدىم،قانداق ئۆزگەرتىشنى بىلمەيدىكەنمەن،دەپ بىرەلەرسىزمۇ؟
 
مۇساپىر بولمىغۇچە مۇسۇلمان بولماس!
爱小公主
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.34310

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   12 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   159 (سوم)
 ياخشى باھا:   103 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   109  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 348
 سائەت
دەرىجىسى:
348 سائەت 2 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-18
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-22

بوپقاپتۇ !_ جۇمۇ؟!
 
مىنى مەلىكەدىسەڭلار خىجىل بۇلۇپ كىتىدىكەنمەن!!!
kahrizat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36554

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1639 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9082 (سوم)
 ياخشى باھا:   1133 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   200  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4413
 سائەت
دەرىجىسى:
4413 سائەت 227 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-05
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-22

كۆز ئالدىمىزدىمۇ مىللىكلەر بار ،لېكىن كارىمىز يوق
 
yazkuni
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.47110

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   15 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   75 (سوم)
 ياخشى باھا:   15 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 294
 سائەت
دەرىجىسى:
294 سائەت 56 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-08
ئاخــىرقىسى:2011-10-14
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-22

ەەممىمىزنىڭ كأڭلىگە اللە ظىنساپ بەرسؤن!
 
tahirbeg
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.35342

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   141 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7674 (سوم)
 ياخشى باھا:   495 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   620  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1103
 سائەت
دەرىجىسى:
1103 سائەت 87 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-26
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-22
7قەۋەتتىكى(hope202430) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش

مىسرانىم ئەپەندىگە ، ياكى باشقا مۇنبەر باشقۇرغۇچىللىرىغا ئۇچۇر قىلسىڭىز بولىدۇ
 
‹روھىنى پاكلىغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يىتىدۇ ›___
  سۈرە شەمسى 9_ئايەت
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى