مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       7500 
  •    ئىنكاس 
       55 

40 ياش، 400 مىڭ يۈەن ۋە ئۆلۈم

قەۋەت ئاتلاش
menggutash
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.29549

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   76 

 نادىرلانغان تېمىسى:   14 

 مۇنبەر پۇلى:   48845 (سوم)
 ياخشى باھا:   619 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1009  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5652
 سائەت
دەرىجىسى:
5652 سائەت 288 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-08
ئاخــىرقىسى:2011-11-03
— بۇ يازما سەھرا ئوغلى تەرپىدىن يورۇتۇلدى (2011-08-27) —

  b W=.K>|  
@K$VV^wp  
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ نامىدىن باشلايمەن
  Pt6hGSo.  
*GbVMW[A>  
.3lGX`d{  
     تېخى يېقىندىلا 40 ياش ئەتراپىدىكى بىر قاسساپ يۈرەك كېسىلى سەۋەبلىك تۇيۇقسىز قازا قىلدى. بىرەيلەننىڭ دېيىشىچە، مەرھۇم تىرىشىپ- تىرمىشىپ 400 مىڭ يۈەن پۇل تاپقان ئىكەن. شۇنچە دۇنيانى تېپىپ قەبرىگە قۇرۇق قول كەتكەن بۇ ئىنسان كىشىلەرگە ئۆلۈمدىن ئىبارەت دەھشەتلىك ھادىسىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئەسكەرتىپ قويدى.مۇسىبەت خەۋىرىنى ئاڭلىغان شۇ مىنۇتلاردا مەرھۇم ئاللاھنى تونۇغان كىشىمىدۇر؟ ئاشۇ 400 مىڭ يۈەنگە كېلىدىغان 10 مىڭ يۈەن زاكاتنى ئايرىغانمىدۇر؟ دېگەن خىياللار كاللامدىن كەچتى. bBUbw*DF)  
23  ياشقا كىرىپلا بەندىچىلىك قىلغان ھەمزە، دەرس مۇنبىرىدە يىقىلغان ئەنەيتۇللا مۇئەللىم ۋە قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلغان ناخشىچى، قوشكېزەك بالىلىرىنى تاشلاپ كەتكەن خەمىت نىغمەت ... قاتارلىق سىيمالار ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ ئىمتىھان ئالدىدا ئامالسىز ئىكەنلىكىنى، پەقەت ئۆلۈش شەكلىدە، ئۆلىدىغان ئورۇنلىرىدىلا پەرق بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنداق، ھەركىم ئۆزى توغرا دەپ قارىغان مەپكۈرە ئۈستىدە ئۆلىدىكەن. لىيۇخۇلەنمۇ ئۆز ئەقىدىسىنى توغرا ، دەپ تۇرۇپ ئۆلگەن، ئەرەب قەھرىمان ھەم ئۆزى ئەقىدىسى يولىدا ئۆلگەن. ئۆلۈم بىلەن باشلانغان پەرقلىق بىر ھاياتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىمان كەلتۈرۈش ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن مۇھىم تەلەپ. ھاياتلىق تارىخىمىزغا نەزەر سالساق، تالاي ئۆلۈملەر كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ. بەزىلەر بۇتلىرىنى قوغداش يولىدا ئۆلىدۇ. بەزىلەر خوجايىنى ئۈچۈن ئۆلىدۇ. بەزىلەر بىر چېكىم ئاق تاماكا ئۈچۈن ئۆلىدۇ. يەنە بەزىلەر ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئۆلىدۇ. بەزىلەر ئەنە شۇ نۇرنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ئۆلىدۇ. بەزىلەر سۇدا ئۆلسە بەزىلەر ئوتتا ئۆلىدۇ. پەرقلىق ئۆلۈملەر ۋە پەرقلىق قەلبلەر بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ قىيامەت كۈنى ۋە ھېسابنى ياراتقان. H96BqNoO  
كۆز ئالدىمىزدا تۈمەنخىل ئارزۇلار، ئەنە شۇ ئارزۇلارنى بويلاپ كېتىۋاتىمىز. شەيتان نەفس بىزگە ئاشۇ ھەۋەسلىرىمىزنى پەدازلاپ كۆرسىتىدۇ. پۇل توپلايمىز، بالىلىرىمىزنى ئوقۇتىمىز، ئۆيلەيمىز، ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى كۆمۈپ قويىمىز، ئىبرەت ئالمايمىز. باسقان ئىزلىرىمىزغا قارىغىنىمىزدا شەيتاننى خۇشال قىلىدىغان تالاي كەچۈرمىشلەر ياتقان بولىدۇ. «مۇشۇ ئەخمىقانىلىقلارنى مەن قىلغاندىمەنمۇ- ھە!» دەيمىز، لېكىن بۇ بىردەملىك ئۆتكۈنچى ئۆكۈنۈش دۇنيا ئالامانلىرى ئىچىدە غايىپ بولىدۇ. ئەرزىمەس دۇنيادا ئۇنۋان ئۈچۈن كىملەر بىلەندۇر ياقا سىقىشىمىز، بىر قاچا ئاشنى تالىشىپ ئاق، قارا تاغلىق بولۇشىمىز. بىراۋنىڭ ھەققى گەدىنىمىزدا قالىدۇ. ياخشىراق يەپ- ئىچىش ئۈچۈن ، توغرىسى قەبرىدە قۇرت – قوڭغۇزلارغا يەم بولىدىغان جىسمىمىزنى سەمىرتىش ئۈچۈن نۇرغۇن زېھىن سەرپ قىلىشىمىز. دۇنياغا نەزەر سالغىنىمىزدا نۇرغۇن مەشغۇلاتلىرىمىزنىڭ ئاشقازاننى مەركەز قىلغان ھالدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى سەزمىكىمىز قىيىن ئەمەس. پارا ۋە سوۋغا قوبۇل قىلىنمايدىغان سەكراتتىكى قىيىنچىلىقتا ئاشۇ تىترىگەن لەۋلەر بىر ھەقىقەتنى سۆزلەيدۇ. ھاياتلىقتا كېرىلىپ ماڭغان ئىدىڭ، ئەمدى بېشىڭنى كۆتۈرۈشكىمۇ ھالىڭ يوق. قېنى ئېسىل ماشىناڭ، كەينىڭدىن سوكۇلدايدىغان خۇشامەتچىلىرىڭ، سەن بىر ئۆمۈر غېمىنى يېگەن پەرزەنتلىرىڭ!؟ ]d@^i)2LF  
ئاۋۇ ھالىڭدىن يوشۇرۇن كۈلىۋاتقانلارنى كۆرۈپ تۇرىسەن، نارازى بولۇشقا قۇربىڭ يەتمەيدۇ. كىملەردۇر مىراسىڭنى قانداق بۆلۈشۈش توغرىسىدا چوت سوقۇشنى باشلىۋەتكەن بولىدۇ. qwq/Xcv  
ئۆلۈپلا خاتىرجەملىككە ئېرىشىدىغان ئىش بولسا ياخشى ئىدى. ئۆلۈم تېخى ئىشنىڭ باشلىنىشى. قارا تۇپراق ئاستىدىكى ئالامانلارنى سىز ، بىز ھېس قىلىشقا ئامالسىز. يىتىم قالغان بالىلار، تۇل قالغان خوتۇن، تاپقان دەپئى دۇنيا ... ھاياتلىق يەنە داۋاملىشىدۇ. غەپلەتتە قېلىشلار داۋام قىلىدۇ. ھاياتلىقىدا مەسچىت چاققانلارنىڭ، قىزىل قۇيۇننىڭ ئاۋانگارتلىرىنىڭ خار ئۆلۈملەردە ئۆلگەنلىكىنى كۆردۈم. ساقىلى بىلەن پاھىشخانىدا ئۆلۈپ قالغان ئىنسانلارنى ئاڭلىدىم. ئۆلۈملەرنىڭ رەڭگارەڭلىكى،قىسمەتلەرنىڭ رەڭگارەڭلىكى كىشىدە ئاجايىپ ھېسلارنى قوزغايدىكەن. ئوزۇقلۇق ئېشىپ كېتىپ، قان بېسىم بولۇپ ئۆلگەن باي بىلەن قان ئازلىق تۈپەيلى ئۆلگەن ئاۋۇ كۆك نامرات يەرلىككە قويۇلدى. _0'm4?"  
دادام 78 يېشىدا قازا قىلدى. مىدىرلىغان لەۋلەر ۋە سۇس تىترىگەن بارماقلار ئۆلۈمنىڭ دەھشىتىنى ھېس قىلدۇرۇپ ئۆتتى. ئۈنسىز يىغلىدىم. سەبر قىلدىم. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مىيىتكە يىغلىغانلىق سەۋەبلىك مىيىتكە ئازاب قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. دادامنىڭ يۆتىلى ئەمدى تەلتۆكۈس يۈتكەن ئىدى. ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى بىلەن باقىغا ئۇزىغان دادامغا ئاللاھتىن مەغفىرەت تىلەيمەن. xS6(K  
مەن تونۇيدىغان بىر ئىستىقباللىق ياش كادىر تۇيۇقسىز ئۆلۈم بىلەن كەتتى. تۇل قالغان ياش چوكان بىلەن بۇ يىگىت ياشلىقىدا ئېرىشكەن شەرەپ گۇۋاھنامىلەر نۇرغۇن سۇئاللارنى قالدۇرۇپ كەتتى. ]2Sfkl0  
نۇرغۇن دەپنە مۇراسىملىرىدا دەپنە قىلىنغۇچى ھەققىدە تەنتەنىلىك باھالار ئوقۇلىدۇ. كىشى ئەيمەنگۈدەك باھالار بېرىلىدۇ. ئېسىل قەبرىلەر قاتۇرىلىدۇ. بۇ باھالار ئۆلۈككە پايدا بەرمەيدۇ. چۈنكى ، ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان جاي تۇپراق بېشى ئەمەس. YfE>Pn'r  
ئۆلۈمدىن ئىبارەت قايتىش يول تاقاق بېكەت ھەممىمىزنى ساقلاپ تۇرماقتا. ئۆلۈم ھەققىدە مۇبارەك كالامىمىزدا ھەر بىر جاننىڭ ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىيدىغانلىقى ھەققىدە ئايەت بار. ئەزىز يارىتىلغان ئىنسانمۇ سەكرات ئالدىدا نۇرغۇن ھەقىقەتلەرنى چۈشىنىپ يېتىدۇ. ئالۋۇن كەبى ۋىلىلداپ تۇرغان ئارزۇلار، زىياندىن باشقىنى ئېلىپ كەلمەيدىغان ھەۋەس، قىزىقىشلار پۈتۈنلەي ئەھمىيىتىنى يوقاتقان بۇ دەقىقىلەردە ئىنسان قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا كۆمۈلۈپ ياتقان پەرۋەردىگارىغا يۈزلىنىشتىن ئىبارەت بىر تەبىئىتى ئاشكارىلىنىدۇ. خۇدالىق دەۋەسى قىلغان فىرئەۋن دېڭىزغا غەرق قىلىنىش ئالدىدا «ئىمان ئېيتتىم» دېگەن بولسىمۇ ئۆلۈم ئالدىدىكى بۇ ئىمان پايدا بەرمىدى. بىر تامچە نىجىس سۇيۇقلۇقتىن يارىتىلغان ئىنسان بالىسى ئادىمىيلىك سىياقىغا كىرگەندىن كېيىنلا ناشۈكۈرلۈكنى باشلايدۇ. نۇرغۇن نېئمەتلەرنى ئىنكار قىلىدۇ. نەپەس ئالماي بىر مىنۇت تۇرۇپ باققان ئىنسان ئۆزى تولۇق ئۇنتۇپ كەتكەن بىر نېئمەتنى ھېس قىلالايدۇ. ئازغۇن كىشى ئېرىشكەن نەتىجىلەرنى تىرىشچانلىقىمدىن دەيدۇ، يېگەن تائاملىرىنى ئەمگىكىمدىن دەيدۇ. ئۆزىنى خۇدالىق ئورنىغا قويۇۋالغان كىشىلەرنىڭ چاقىرىقلىرىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئۆزىنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ مايمۇن ئىكەنلىكىنى جاكارلاشقىچە بېرىپ يېتىدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئادىمىي شەيتانلار «چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە»،«پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن تەۋبە قىلساڭمۇ كېچىكمەيسەن» دەيدۇ.  ياراتقۇچىنىڭ ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان ھەلىملىك ، رەھمانلىق سۈپىتى ۋەجىدىن بۇ كىشىلەر يەنىلا رىزىقتىن بەھرىمان قىلىنىدۇ. ئاخىرى بۇ شەقىي ئىنسان تۈرلۈك ۋاراڭ- چۇرۇڭلار ئىچىدە گۇناھ خاتىرلەنگەن دەپتەرلىرىنى لىققىدە توشقۇزۇشۇپ ئۆلۈم دەرۋازىسىغا يېتىپ كېلىدۇ. بۇ پەيتتە ئۇنىڭدا ئاجىزلىقتىن باشقا نەرسە قالمايدۇ. بىر يازغۇچىنىڭ سۆزى بويىچە ھەممىمىز كەلگۈسىدىكى ئۆلۈكتىن ئىبارەت. ھەركىم ئۆز ئەقىدىسىگە يارىشا ھاياتلىق خامىنىدىن ئۈگۈت ئېلىپ يولغا چىقىدۇ. $_Y/'IN`k  
بەزى ئۆلۈملەر باركى، بۇ ئۆلۈم شۇ كىشىنى ھەم ئەۋلادىنى بىر ئۆمۈر شەرەپلەندۈرىدۇ.  يەنە بەزى ئۆلۈملەر باركى، بۇ شۇ كىشىگە قىيامەتتە نادامەت، ئەۋلادلىرىغا ھەسرەت ئېلىپ كېلىدۇ. d"# gO,H0  
ئىنسان ئۆز قىلمىشىنى كونتىرول قىلالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قىلىپ يارىتىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھېساب بېرىشتىن ئىبارەت، ئاڭسىز ھايۋانلارغا بېرىلمىگەن ئالاھىدە مەسئۇلىيەتمۇ ئارتىلغان بولىدۇ. بۇ ھېسابنىڭ قورقۇنچلۇقلىقىنى ھېس قىلغان ئادەم بۇ ھېسابنى ياخشى بېرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدۇ. ئۆلۈمنىڭ دەھشەتلىكلىكىنى ھېس قىلغان ئادەم ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىلالايدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قەبرىلەرنى يوقلاپ تۇرۇشقا بۇيرۇغان ھەم  قەبرىلەرنىڭ كىشىگە ئۆلۈمنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىر ئۆمۈر شەرەپلىك ياشىغان بىر ساھابە ئۆلۈمنىڭ دەھشىتىنى ھېس قىلغانلىقى، قىيامەتتە رەببىگە يۈزلىنىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن بىر قۇشقا قاراپ : - ئەي قۇش، سەن نېمىدىگەن بەختلىك، چۈنكى سەن ھېساب بەرمەيسەن ئەمەسمۇ!  دەپ ھەسرەتلەنگەن ئىكەن. &qJPwO  
ئىسلامنىڭ نۇرلۇق دەۋرىدە ساھابىلەر ئاسماندا بۇلۇت پەيدا بولسىلا، ئاللاھنىڭ ئازابى چۈشۈشتىن قورقۇپ مەسچىتكە يۈگۈرۈشەر ئىكەن. بۈگۈنكى ئۆلۈم تەندە ئەمەس قەلبتە باشلانغان ئىدى. دىللارنىڭ قېتىپ كېتىشى ئۆلۈمنىڭ تەندىلا بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا. قۇلۇپلانغان قەلبلەر، ئېچىلغان تەنلەر، نەزىرىمىزدىن ساقىت قىلىنغان غايىب دۇنيا... پېچەتلەنگەن ئېغىز، تىلغا كەلگەن ئەزالار، ئەڭ مەخپىي قىلمىشلارنىڭ ئاشكارە قىلىنىشى، باشقا بىر ئاسمانغا ئايلانغان ئاسمان، قىيامەت كۈنىدىكى چوڭ قۇرقۇنچ، سۇئال- سوراقلار... شۇنداق، ئۆلۈم پەقەت بىر ئىشىكتىن ئىبارەت. بىرلا چىقىپ كەتسىڭىز مەڭگۈ قايتقىلى بولمايدىغان، بارسا كەلمەس ئىشىكتىن ئىبارەت. ياخشى ئەمەل بىلەن ئۆتكەنلەرگە بۇ ئىشىك رەھمەت ئىشىكى بولسا، شەقى بەندىلەر ئۈچۈن نادامەت ئىشىكىدۇر. U't E^W  
كىچىك قىيامەت دەپ سۈپەتلەنگەن ئۆلۈم ۋە قەبرىدىكى ھايات ھەققىدە ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە نۇرغۇن بايانلار بار. شەقىي ئىنسان شۇ قىيىن كۈندە بۇ دۇنيادىكى ھاياتىنى ئەسلەپ خۇددى بىر كۈن تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ. جەننەتتىكى كاتتا دەرىجىلەر، دەۋزەختىكى كاتتا ئازابلارنى كۆرگەن چاغدا ھېچقاچان چۆممىگەن ھەسرەتكە چۆمىدۇ. >(hSW~i~  
                   ھەر بىر كىشى بۇ دۇنياغا كۆز ئىچىشىغىلا ئۇنىڭ ئۆلۈم ۋاقتى بەلگىلەنگەن بولىدۇ . بۇ قەدەر دەپ ئاتىلىدۇ . بىز مۇشۇ بېكىتىلگەن ۋاقىتتىن بىرەر دەقىقىمۇ ئارتۇق ياكى كەم ياشىيالمايمىز . مۇشۇ بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئاخىرلىشىشى بىلەنلا ئۆلۈم پەرىشتىلىرى بىزنىڭ بەدەن قەپىسىمىزدىن روھىمىزنى ئېلىپ كىتىدۇ . مانا بۇ ئۆلۈم دەپ ئاتىلىدۇ .  . (+|X 
ئۆلۈمدىن كىيىنكى روھنىڭ سەپىرى ھەققىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر سەھىھ ھەدىسنى سۇنماقچىمىز :  : q`XW5VV{K  
مۆئمىننىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتى ئاخىرلىشىپ ، مەڭگۈلۈك ھاياتى باشلىنىش ئالدىدا تۇرغاندا ، يۈزلىرى قۇياشتەك يوپيورۇق پەرىشتىلەر جەننەتتىن چىقىپ ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ . تاكى كۆز يەتكۈدەك يەرنى پەرىشتىلەر قاپلىۋالىدۇ .   p6`Pp"J_tr  
ئۆلۈم پەرىشتىسى ئۇنىڭ باش تەرىپىگە كېلىپ ئولتۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا: ئى سالىھ روھ ! ئاللاھنىڭ مەغفىرىتى ۋە رازىلىقىغا كەلگىن ، دەيدۇ .  . o4$Ott%Wm  
ئاندىن ئۇنىڭ روھى خۇددى سۇ يۈزىدىن تامغان بىر تامچە سۇدەك ئېقىپ چۈشىدۇ . ئۆلۈم پەرىشتىسى ئۇنى قولىدا تۇتۇپ تۇرىدۇ . ئۇ پەرىشتە سىقىمداپ ھېرىپ قالغاندا ، باشقا پەرىشتىلەر كېلىپ ئۇنى تۇتۇپ تۇرىدۇ . ئۇنى ھەتتا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ۋاقىتمۇ دىققىتىدىن نېرى قىلمايدۇ .   M70c{s`w5  
ئاندىن ئۇنى ئىپار سىپىلگەن بىر قۇتىغا سېلىپ قويىدۇ ، ئۇنىڭدىن خۇددى يەر يۈزىدىن كېلىدىغان ئەڭ خۇشپۇراقلىق ئىپاردەك يېقىملىق پۇراق كېلىپ تۇرىدۇ .   pX@Si3G `  
ئاندىن پەرىشتىلەر ئۇنى ئېلىپ يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ . ئۇنى ئېلىپ كېتىۋاتقاندا بىر توپ پەرىشتىلەر ئۇلاردىن : << بۇ سالىھ روھ كىم ؟ >> دەپ سورايدۇ . ئاندىن ئۇلار : << بۇ پالانى ، پالانىنىڭ بالىسى >> دەپ بۇ دۇنيادا ئادەملەر ئۇنى چاقىرىپ ئادەتلەنگەن ئىسىملارنىڭ ئەڭ ياخشىسى بىلەن ئاتاپ جاۋاپ بېرىدۇ . ئۇلار ئۇنى ئەڭ تۆۋەنكى ئاسمانغا ئېلىپ كېلىدۇ ۋە ئىشىكنى ئېچىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ .   l :/&E 6 9  
ئىشىك ئېچىپ بېرىلىدۇ . ئاللاھنىڭ يېقىن پەرىشتىلىرى ھەر قايسى ئاسمانلاردىن ئاللاھقا ھەمراھ بولۇپ يىتىپ كېلىشىدۇ .   n5|l|#c$N  
ئاندىن ئاللاھ ئېيتىدۇ : << بەندەمنىڭ ئەمەللىرىنى ئىللىيۇنغا ( سالىھ بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرى خاتىرىلەنگەن دەپتەر ) خاتىرىلەڭلار ، ئاندىن ئۇنى زېمىنغا قايتۇرىڭلار . ئۇلارنى تۇپراقتىن  ياراتتىم ، يەنە شۇ يەرگە قايتۇرىمەن . كىيىن يەنە شۇ يەردىن تىرىلدۈرىمەن . >>   ئۇنىڭ روھى تېنىگە قايتۇرىلىدۇ . ئىككى پەرىشتە ئۇنىڭدىن سورايدۇ :   -- رەببىڭ كىم ؟   yQ9ZhdQS  
-- مېنىڭ رەببىم ئاللاھ سۇبھانۇ ۋە تائالا .   W4(v6>5l  
-- دىنىڭ نېمە ؟   g& k58{e  
-- مېنىڭ دىنىم ئىسلام دىنى . Guh%eR'Wt  
-- سىلەرگە كىم ئەۋەتىلدى ؟   qz9tr  
. -- رەسۇلۇللاھ .   `-_N@E1'>  
-- بۇلارنى قانداق بىلدىڭ ؟   ;imRh'-V6  
-- ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇپ ، ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈردۈم . ئۇنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلدىم .  ' بۇ چاغدا يۇقىرى ئاسماندىن بىر ئاۋاز كېلىدۇ : << مېنىڭ بەندەم ھەقىقەتنى ئېيىتتى ، جەننەتنىڭ گىلەملىرىنى ئېلىپ چىقىپ يېيىڭلار ، ۋە بىر جەننەتنىڭ ئىشىكىنى ئۇنىڭغا ئېچىپ بېرىڭلار . >>   1"}cdq.  
جەننەتنىڭ خۇش-پۇراقلىرى ئۇنىڭ دىماغلىرىغا ئۇرۇلىدۇ ، ئۇنىڭ قەبرىسى تاكى كۆز يەتكۈدەك يەرگىچە كېڭىيىدۇ . ناھايىتى چىرايلىق كىيىنگەن ۋە خۇشپۇراق چېچىپ تۇرغان بىر كىشى ئۇنىڭ يىنىغا كېلىدۇ ، ۋە ئۇنىڭغا دەيدۇ : << سېنى خۇشال قىلىدىغان نەرسىلەر بىلەن شاتلانغىن ، بۇ ساڭا ۋەدە قىلىنغان كۈندۇر . >>  ئۇ سورايدۇ : << سىز كىم بولىسىز ؟ سىزنىڭ چىرايىڭىز ياخشىلىقتىن بېشارەت بېرىۋاتىدۇ . >>   <\" .L  
ھېلىقى كىشى ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىدۇ : << مەن سېنىڭ ياخشى ئەمەللىرىڭ . >>ئاندىن ئۇ دەيدۇ : << ئى رەببىم ! قىيامەت كۈنىنى بالدۇرراق كېلىشكە نىسىپ قىلغىن ! مەن تېزراق ئائىلەمدىكىلەر ۋە مۈلۈكلىرىم بىلەن ئۇچرىشاي . >> ZU^I H9  
كاپىرنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتى ئاخىرلىشىپ ، باقىيدىكى مەڭگۈلۈك ھاياتىنى باشلاش ئالدىدا ، پەرىشتىلەر يۈزلىرى قارايغان ھالدا قولىغا ناھايىتى قوپال توقۇلغان يۇڭ تاغارنى ئېلىپ ، يۇقارقى ئاسماندىن چۈشۈپ ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىدۇ ، ئاندىن تاكى كۆز يەتكۈدەك يەرگۈچە ئۇنى قورشاپ تۇرىشىدۇ . ئۆلۈم پەرىشتىسى ئۇنىڭ بېشىغا كېلىپ ئولتۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا : << ئى نىجىس روھ ! ئاللاھنىڭ ئاچچىقى ۋە غەزىپىگە كەلگىن ! >> دەيدۇ.   'CXRG$D  
z>;$im   
ئۇنىڭ روھى بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىگە تارقىلىدۇ ، ئاندىن خۇددى تىكەننى بەدەنگە سېلىپ تارتقاندەك ، بەدەننىڭ ھەممە يېرىدىن تەسلىكتە سۇغۇرۇلۇپ چىقىدۇ . ئاندىن پەرىشتە ئۇنى قولىدا تۇتۇپ تۇرىدۇ ، ئۇنى كۆزنى چىمچىقلاتقۇچىلىك ۋاقىتمۇ دىققىتىدىن نېرى قىلمايدۇ . ئاندىن ئۇنى ھېلىقى يۇڭ تاغارغا سېلىشىدۇ . ئۇنىڭدىن خۇددى چىرىگەن جەسەتنىڭ پۇرىقىدەك جاھاندىكى ئەڭ سېسىق پۇراق كېلىپ تۇرىدۇ .  * t|V0x3X  
ME^ , '&  
ئاندىن ئۇلار ئۇنى ئېلىپ يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ . ئۇچرىغان ھەر بىر توپ پەرىشتىلەر ئۇلاردىن سورايدۇ : << بۇ نىجىس روھ كىم ؟ >> ئۇلار بۇ دۇنيادا كىشىلەر ئۇنى چاقىرىپ ئادەتلەنگەن ئىسىملارنىڭ ئەڭ يامىنى بىلەن ئۇنى ئاتاپ تۇرۇپ جاۋاپ بېرىدۇ . : << بۇ پالانى ، پالانىنىڭ بالىسى .>> ئۇلار ئۇنى ئېلىپ ، ئەڭ تۆۋەنكى جەننەتنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بېرىشنى سورايدۇ ، لېكىن ئۇ ئېچىلمايدۇ .   X<]qU3k5  
/4$4h;_8  
بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇ ئايەتنى ئوقۇدى :   WA$ JI@g  
.: `<< شۈبھىسىزكى ، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلارغا ئىمان ئېيتىشقا گەدەنكەشلىك قىلغانلارغا ئاسماننىڭ دەرۋازىسى ئېچىلمايدۇ ( يەنى ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمىلى ۋە دۇئاسى قوبۇل بولمايدۇ ) ، تاكى تۆگە يىڭنىنىڭ تۆشىكىدىن ئۆتكۈچە ئۇلار جەننەتكە كىرمەيدۇ ( يەنى ئۇلار ھەرگىزمۇ جەننەتكە كىرمەيدۇ ) ، گۇناھكارلارغا مۇشۇنداق جازا بېرىمىز . >> سۈرە ئەئراف 40- ئايەت   [Il~K  
ئاندىن ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ : << ئۇنىڭ ئەمەللىرىنى سىججىنغا(كاپىر ۋە مۇناپىقلارنىڭ ئەمەللىرى خاتىرىلەنگەن دەپتەر ) يېزىڭلار ! >> ئاندىن ئۇنىڭ روھى تاشلېۋىتىلىدۇ .   MgJ36zM  
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇ ئايەتنى ئوقۇدى :  - `TtXZ[gP}  
<< كىمىكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن ، ئۇ گويا ئاسماندىن تاشلىنىپ ، قۇشلار ئۇنى ئېلىپ قاچقاندەك ، ياكى بوران ئۇنى ئېلىپ بېرىپ يىراق جايغا تاشلىۋەتكەندەك بولۇپ قالىدۇ . >> سۈرە ھەج 31- ئايەت.  Fl3#D7K  
AW,OH SXh6  
ئۇنىڭ روھى تېنىگە قايتىپ كېلىدۇ ، ئىككى پەرىشتە كېلىپ ئۇنىڭدىن سورايدۇ : ~]'pY  
-- رەببىڭ كىم ؟ w,1Ii}d9  
-- ئاپلا بىلمەيدىكەنمەن . R}:KE&tq  
-- دىنىڭ نېمە ؟ [z kikZy  
-- ئاپلا بىلمەيدىكەنمەن .   k(%QIJH  
سىلەرگە كىم ئەۋەتىلدى ؟ !@A#=(4R4  
-    ئاپلا بىلمەيدىكەنمەن .   %7hB&[ 5  
بۇ چاغدا يۇقىرىدىن بىر ئاۋاز كېلىدۇ : << بەندەم يالغان سۆزلەۋاتىدۇ . ئۇنىڭغا دوزاخنىڭ گىلەملىرىدىن ئېلىپ چىقىپ سېلىپ بېرىڭلار ، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر دوۋزاخنىڭ ئىشىكىنى ئېچىڭلار ! >> otJ!UfpR8  
ئۇنىڭغا دوۋزاختىن ناھايىتى قىزىق ئوت پۈركۈلۈپ چىقىدۇ . ئۇنىڭ قەبرىسى شۇنچىلىك تارىيىدۇكى قوۋۇرغىلىرى بىر-بىرىگە چاپلىشىپ كېتىدۇ . بۇ چاغدا يۈزلىرى ناھايىتى قورقۇنچلۇق ، تولىمۇ سېسىق پۇراق چىقىرىپ تۇرغان بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ ، ۋە ئۇنىڭغا : << سېنى بىئارام قىلغان نەرسىلەر بىلەن قايغۇرغىن ، بۇ ساڭا ۋەدە قىلىنغان كۈندۇر  >> دەيدۇ .   =gh`JN6  
ئۇ بۇ كىشىگە قاراپ : << سىز كىم بولىسىز ؟  سىزنىڭ يۈزىڭىز يامانلىقتىن بېشارەت بېرىپ تۇرىدۇ  >> دەيدۇ .   w}R~C   
ئۇ كىشى : << مەن سېنىڭ يامان ئەمىلىڭمەن ! >> دەپ جاۋاب بېرىدۇ .     F^k.is  
ئاندىن ئۇ توۋلايدۇ : << ئى ئاللاھ ! قىيامەت كۈنى ھەرگىز كەلمىسۇن ! ! >>   o4b~4 h{%  
بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىبىن ماجە رىۋايەت قىلغان . سەھىھ ھەدىس .   kcie}Be  
بۈگۈنكى ئەڭ چوڭ مۇسىبىتىمىز ئۆلۈمنى ئۇنتۇپ قېلىشىمىزدۇر. بۇ غاپىللىق شۇ دەرىجىگە كەلگەنكى نە ئۆزىگە نە قەۋمىگە زەررە پايدىسىز مەشغۇلاتلار بىلەن ئۆمۈرنى خورىتىش ئومۇملاشماقتا. پايچەك باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ھاڭۋېقىپ تالاي كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈۋېتىدىغان كىشىلەرنى، بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن مەجنۇن بولۇپ يۈرگەن يىگىتلەرنى ، تالاي ئەھمىيەتسىز سورۇنلارنى ... قايسى بىرىنى ساناپ بولسۇن! *i{Y9f8  
ئۆمۈر يىپچىلىرى قىرقىلماقتا. ھالبۇكى، ئۆمۈرنى نېمىگە خوراتقانلىق ھەققىدىكى سۇئال چوقۇم بىز دۇچ كېلىدىغان سۇئالدۇر. تۈنۈگۈنكى نازىنىن ماك- ماك قېرىغا ئايلانغاندا ئۆمۈر كەچكۈزىنىڭ ياپراقلىرى چۈشۈشكە باشلىغان بولىدۇ. ياشلىقىدا ئويۇندا قاتقان بەل قېرىغاندا پەرۋەردىگارىغا سەجدە قىلىشقا  ئىمكان بەرمەيدۇ.  تەن قەپىسىنىڭ مەركىزىدىكى ئۆلگەن دىل قىيامەتتىكى كۆزلەر قالايمىقانلىشىپ كېتىدىغان كۈندە قورقۇنچتىن ئويغىنىپ كېتىدۇ. لېكىن، بۇ چاغدا بۇ ئىنسان كېچىككەن بولىدۇ. A@*: 
قەبرىستاندىكى زومچەك- زومچەك قەبرىلەر ئارىسىدا سوزۇلۇپ ياتقان سۈكۈت ، يەر ئاستىدىكى چىرىگەن سۆڭەك، قېتىپ قالغان كۆز، كىرىشكەن پاچاق، چېگىلگەن ئېڭەك سىزنىڭ سەزگۈلىرىڭىزنى يەنىلا ئويغىتالمىغان بولسا ئىمانىڭىزنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. بۈگۈن قورققانلارغا قىيامەتتە قورقۇنچ يوقتۇر. بۈگۈن شەقىيلىقتا چەكتىن ئېشىپ كۈلگەنلەر قىيامەتتە «ئېسىت ، دۇنيادا كۈلمەي ئۆتكەن بولساقچۇ» دەپ نادامەتتە قالىدۇ. dq1:s1  
ئۆلۈم كىشى ئۈچۈن يېتەرلىك ئىبرەتتۇر.« ئى ئارام تاپقۇچى جان! [27]. سەن پەرۋەردىگارىڭدىن مەمنۇن، پەرۋەردىگارىڭ سەندىن رازى بولغان ھالدا، ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقىن [28]. سەن مېنىڭ (ياخشى) بەندىلىرىم قاتارىغا قوشۇلغىن [29]. مېنىڭ جەننىتىمگە كىرگىن [30]. « 89-سۈرە فەجر›› {nT^t Aha  
wd(Hv  
[ بۇ يازما oychan تەرپىدىن 2011-08-22 05:34 PM دە قا ]

تېما تەستىقلىغۇچى : oychan
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-08-22, 17:35
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 20 پارچە مۇنبەر پۇلى +4255
kvyqi مۇنبەر پۇلى +10 09-27 ياخشى ئەسەركەن
sahar01 مۇنبەر پۇلى +28 08-24 ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرگەي!
muxawi مۇنبەر پۇلى +20 08-24 ئاللا رەھمەت قىلسۇن
Qabiljan مۇنبەر پۇلى +1000 08-23 -
دېھقان مۇنبەر پۇلى +100 08-23 -
تەكلىماكان مۇنبەر پۇلى +200 08-23 ئىسىل تىما
oychan مۇنبەر پۇلى +99 08-23 رەھمەت
ayziba مۇنبەر پۇلى +100 08-22 ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن . ئىسىل تىما .
faruq مۇنبەر پۇلى +20 08-22 اللە رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم.
ana-yurit مۇنبەر پۇلى +100 08-22 ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
تۇغۇڭنى تۇغۇلغان تۇپراققا قادا.
kahrizat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36554

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1632 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9041 (سوم)
 ياخشى باھا:   1126 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   200  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4412
 سائەت
دەرىجىسى:
4412 سائەت 228 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-05
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-22

يېقىندا 50مىليۇن پۇلى بار بىر تىجارەتچى شۇ مەھەللىدىكى چوڭ مەچىتكە يۈزنەچچەمىڭ يۈەن ئىئانە بېرىمەن دەپ ۋەدە قىپتۇ ، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ بايۋەچچى ئۆلۈپ كېتىپتۇ ،يەتتە نەزىرى تۈگەپ بىرنەچچە كۈندىن كېيىن شۇ مەچىتتىكى بىرقانچە كىشى بۇ بايۋەچچىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئايالىغا بۇ ئەھۋالنى ئېيتىپتۇ، لېكىن ئايالى بولسا مېنىڭ قىلچە خەۋىرىم يوق دەپ بىر تىيىنمۇ مەچىتكە بەرمەپتۇ X U/QA [K  
ئاللاھ ھەممىگە گۇۋا...
 
hvsniya
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.44035

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   69 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   681 (سوم)
 ياخشى باھا:   96 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3004
 سائەت
دەرىجىسى:
3004 سائەت 236 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-11
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-22

بۇ بىر نادىرلاشقا تىگىشلىك تېما ئىكەن. «مەڭگۈ تاش» ئەپەندىم ھەقىقەتنى تۇنىغان بىلەن تۇنىمىغان ئادەمنىڭ ئاخىرەتلىكىنى روشەن سلېىشتۇرما قىلىپ بېرىپتۇ. ھەمىمىز ئۈلۈمنى ئويلايلى قېرىنداشلار! /Uo y/}!  
3~nnCR[R  
ئاللاھ سۇبھانە ۋەتائالا، مېنى ئازغۇنلاردىن قىلمىغايسەن، گۆر ئازابىدىن ساقلىغايسەن، ئامىن! v1a 6?-  
dnV[ P  

 
Ruin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8076

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1223 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   301 (سوم)
 ياخشى باھا:   310 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   329  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1093
 سائەت
دەرىجىسى:
1093 سائەت 97 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-27
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-22

ۋالەيكۇم ئەسسالام ، ئاللاھ تائالا مۇشۇ ئۇلۇغ رامزاندا خۇدىنى بىلەلمەي ،ئويۇن كەيىپ-ساپا بىلەن يۇرۋاتقان ئازغۇن بەندىللىرىڭغا ھىدايەت ئاتا قىلغايسەن ، كەلمەكچى بۇلىۋاتقان 1مىڭ ئايدىن ياخشى بولغان شەبى قەدىر كىچىسىنى ساڭا تەۋبە قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈشكە نىسىپ قىلغايسەن ئاللاھ ! hcyM6:}  
ئاللاھ مەن ۋەھەممىمىزنىڭ چوڭ-كىچىك گۇناھلىرنى مەغپىرەت قىلغايسەن امىن X=> =5'  
مەڭگۈتاش ئەپەندىم خېلى بولدى نادىر تىمىللىرڭىز بىلەن يۈز كۈرشەلمەيمىزغۇ ؟ ئالدىراش بوپ قالدىڭىزمۇ قانداق ؟ ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن ! بۇندىنكىيىنكى ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن !
 
سىزگەدەيدىغىنىم كۆڭۇلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ !
bendora
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3770

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   813 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10052 (سوم)
 ياخشى باھا:   352 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   315  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3834
 سائەت
دەرىجىسى:
3834 سائەت 216 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-11
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-22

رەھمەت سىزگە مەڭگۈتاش ئاكا، مەن زادى مۇشۇنداق بىر تېمىنى ئىزدەۋاتقان، بەك خۇش بولدۇم، ھەدىسلەر ئىچىدىكى مېنى بەكرەك قىززىقتۇرىدىغىنى دەل مۇشۇ قوۋۇرغا توغرىسىدىكى، ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك ئاجىزلىقىمنى يەنە بىر ھېس قىلدۇردىڭىز، ئاللاھ ئەجىر بەرسۇن، ئامىن!
 
ئاللاھنىڭ مېنى ئۇيغۇر يارىتىشى مېنى ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا چاقىرغىنىدۇر،مۆمىن بەندە بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاللاھىمغا قانداقمۇ قارشى چىقالايمەن؟!
ümütqilimen
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.30816

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   108 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3531 (سوم)
 ياخشى باھا:   427 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   592  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3931
 سائەت
دەرىجىسى:
3931 سائەت 119 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-18
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-22

بۇ تېما ماڭا بەكمۇ تەسىر قىلدى. ئىگەر ئەقلى- ھوشى جايىدا بىر كىشى بۇ تېمىنى دىققەت بىلەن ئوقۇيدىغان بولسا نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بولىدۇ.
 
maykol0998
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7870

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   166 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6345 (سوم)
 ياخشى باھا:   300 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   408  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2334
 سائەت
دەرىجىسى:
2334 سائەت 186 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-25
ئاخــىرقىسى:2011-11-01
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-22

مەن شۇڭا دەيمەن ئۈلۈم ئەڭ ياخشى ئۇقۇتقۇچى!ئەگەر ئىنسان ئۆلمەيدىغان بولسا نىمە ئىشلار بوپ كىتەر ئىدى ھە............؟؟؟
 
قىزلانى چىرايلىق كۆرسىتىدغان نەرسە ھايا ۋە نۇمۇس!
sidikr44
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.48621

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   55 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   392 (سوم)
 ياخشى باھا:   55 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 934
 سائەت
دەرىجىسى:
934 سائەت 106 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-21
ئاخــىرقىسى:2011-08-31
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-22

ئاللاھنى سېغىنىش  ۋە ئۆلۈمنى بەلكى قانداق ئۆلۈمنى ياد ئېتىش  ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم . رەھمەت مەڭگۇ تاش ئەپەندىم.
 
apirida
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.45094

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   248 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3074 (سوم)
 ياخشى باھا:   530 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   498  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2531
 سائەت
دەرىجىسى:
2531 سائەت 219 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-21
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-22

ئىنتايىن سۇزۇك ، مول چىقىپتۇ بۇ ئەسىرىڭىز ، مەننۇن بولدۇق ، ئاللا رەھمەت قىلسۇن !
 
ئەڭ پاك ئادەم،ئەڭ ناپاك مۇھىتتىمۇ بۇلغۇنۇشتىن ساقلىنالىغان ئادەمدۇر.
TURK1010
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.693

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   19 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5762 (سوم)
 ياخشى باھا:   235 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   309  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1457
 سائەت
دەرىجىسى:
1457 سائەت 63 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-25
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-22

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم
 
Kiyok
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6219

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   383 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4979 (سوم)
 ياخشى باھا:   271 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   299  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5460
 سائەت
دەرىجىسى:
5460 سائەت 140 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-13
ئاخــىرقىسى:2011-10-30
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-22

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەڭگۈتاش ئاكا ، يەنە بىر ئېسىل يازمىڭىزنى كۆرگەنلىكىمدىن خۇرسەنمەن ، ئاللاھ سىزدىن ۋە ھەممىمىزدىن رازى بولسۇن ! %}>dqUyQ  
مېنىڭمۇ ئۆلۈم ھەققىدە ئازراق قىستۇرغۇم كەپقالدى ...... q1k{  
'YSuQP>  
بۈۋى فاتىمە ئانىمىز ۋاپات بولۇپ قەبرىگە قويۇلىدىغان چاغدا قەبرىگە شۇنداق دىيەلگەنىكەن : ‹‹ ئى قەبرە ! ساڭا جەننەت ئاياللىرىنىڭ گۈل تاجى ، جەننەت ياشلىرىنىڭ سەردارى بولغان ھەسەن ، ھۈسەيىننىڭ ئانىسى ، ھەزرىتى ئەلى شاھى مەرداننىڭ ئايالى ، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قىزى بولغان بۈۋى فاتىمە قويۇلىدۇ . ›› دېگەندە قەبرىدىن شۇنداق سادا چىققان ؛ ‹‹ مەن ھېساپنىڭ ئورنىدۇرمەن ، نەسەبنىڭ ئەمەس ! ›› 8X&Ya =  
ھەزرىتى ئۆمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇ  جامائەت بىلەن بامدات نامىزى ئوقۇۋاتقىنىدا پىچاق تىقىلىپ ھۇشىدىن كېتىپ ھۇشىغا كەلگەندىن كىيىن نېمە دېدى ؟؟ يەنى ‹‹ جامائەت نامازنى ئادا قىلالىدىمۇ ؟؟ ›› دەپ سورىغان . جەننەت بىلەن خۇش خەۋەر بېرىلگەن بىر زات ئەڭ ئاخىرىقى تىنىقى قالغان پەيتلەردىمۇ ئىسلامنىڭ بۇ چوڭ قائىدىسىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ (يەنى جامائەتنىڭ ئۆزى قەستلەنگەنلىكى سەۋەپلىك نامازنى توختىتىپ قويۇشىدىنمۇ ئەنسىرىگەن)  ئۇنىڭ لايىقىدا ئادا قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقىنى سورىغان ، نامازنىڭ تولۇق ئادا قىلىنغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن خاتىرجەم بولۇپ : ‹‹ نامازغا سەل قارىغان ئادەمنىڭ ئىسلام بىلەن ئالاقىسى يوق ! ›› دەپ ئەتراپىدىكىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن . %zo= K}u  
جەننەت بىلەن خۇش خەۋەر بېرىلگەن ، جەڭلەردە نۇرغۇن كاپىر ، مۇشىرىكنىڭ كاللىسىنى ئالغان ، ئىسلام ئۈچۈن ئاجايىپ تۆھپىلەرنى كۆرسەتكەن ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسسالامنڭ ئەڭ يېقىن ساھابىسىدىن بولغان بىر زات ئۆلۈم ئالدىدا مۇنداق دېگەن : ‹‹ قەسەم قىلىمەنكى ، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئاقلىنىپ ، دەۋزەخ ئوتىدىن قۇتۇلۇپ قېلىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن ، ماڭا مۇكاپات بېرىلمىسىمۇ مەيلى ، ئازاپقا دۇچار قىلىنمىساملا مەن رازى ! ›› H]#Rg`~n  
مۇشۇلاردىن ئويلاپ باقساق بولۇدۇكى بىز نېمىدىگەن خاتىرجەم ھە؟؟!! بىز قايسى ئەمەللىرىمىز بىلەن ئاللاھ ئالدىغا بارارمىز ؟؟؟ قايسى تەييارلىقلار بىلەن قەبرىگە كىرەرمىز ؟؟؟ بىر ساھابە شۇنداق قورقۇۋاتقان يەردە بىزلەر بەكلا غەپلەتتىمىز !!  
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 2 پارچە مۇنبەر پۇلى +150
namatman مۇنبەر پۇلى +50 08-22 ئېسىل !
باياۋان مۇنبەر پۇلى +100 08-22 توغرا دېدىڭىز
 
بەس مۇنازىرە كۆپىنچە ھاللاردا كىشىلەرنى بىر-بىرىدىن ئايرېۋىتىدۇ . (جالالىددىن رۇمى)
rayhan1
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.23855

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   195 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4146 (سوم)
 ياخشى باھا:   166 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   212  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2725
 سائەت
دەرىجىسى:
2725 سائەت 25 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-26
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-22

ياخشى ھەدىسلەردىن خەۋەرلەندۇرگىنىڭىزگە  اللە رەھمەت قىلسۇن
 
مىھرىبان اللە گۇناھلىرىمىزنى مەخپىرەت قىلغايلا
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى