ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم تورداشلار ، مەن مىسرانىم مۇنبىرىگە ئەزا بولغىنىمغا خىلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ ئەمما تىما يوللاپ باقىمىغان ئىدىم. بۈگۈن خوشنا مەھەللىدىكى بىر ھەدىمىزنىڭ تەلىۋى بويىچە بۇ تىمىنى يوللاشقا مۇيەسسەر بولدۇم. sJr5t?
بەلكىم بەزى مۇنبەرداشلارنىڭ ئېسىدە بولۇشى مۇمكىن، بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى كۆڭۈلىدىكى سۆز پىراگراممىسىنىڭ 2010-يىلى 11-ئايدىكى «ئۈزۈلمەس ھاياتلىق سىمفونىيەسى»دىگەن سانىدازىيارەت قىلىنغان ساختا رىماتېزىم كىسىلىگە گىرىىپتار بولۇپ، ھاياتقا دادىللىق بىلەن يۈزلىنىۋاتقان سابىرە قوربانجان بولىدۇ. GaNq2 G !)OB@F%U ساغلاملىققا تەشنا يۈرەك nf%4sIQ*x
سابىرە قوربانجان
DR+,Y2!_GT مەن ئۆمۈر مۇساپەمنىڭ 12-قەدىمىدىلا دۇنيا بويىچە «ئۆلمەس راك» دەپ ئاتالغان ساختا رىماتتىزىم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قىلىپ، خاراپلىشىپ كىتىۋاتقان ھاياتىمغا قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇشقا ، ئۈنسىز ياش تۆكۈشكە مەجبۇر بولغان بىر ئاجىزەمەن.
6517Km 4- تۇرمۇشنىڭ نۇرغۇن يېتەرسىز تەرەپلىرى بولۇپ ، ئىنسان بېشىغا كەلگەن ئەرزىيەت- قىسمەتلەر يۈرەكنى ئېزىپ، لەختە-لەختە قىلغان تەقدىردىمۇ ، ئىنساننىڭ ئۇ قىسمەت-ئەرزىيەتلەردىن رەنجىشى ۋە قىيدىشى مۇمكىن ئەمەسلىكى ماڭا ئايان بولسىمۇ، ئەمما تەقدىرنىڭ ماڭا بۇنچە رەھىمسىزلىك قىلدىغنىغا ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيتى.
} ~enEZ مانا باشقا كەلگەن ئەرزىيەتلەر كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ماڭا بۇ قىتىمقى پۇتۇمنىڭ سۇنۇپ كېتىشى بەك ئىغىر كىلىپ،، ياش يۇقى كۆزلىرىم ھېچنىمىنى كۆرەلمەيۋاتاتتى، چۈنكى ياشلىرىم لىققىدە ئازاپقا تولغان ، يۈرۈكۈم ئازاپلىق ياشلار بىلەن يىمىرىلگەن ، ئازاپلىرىم دەرەخ يوپۇرماقلىرىدەك شاخلار ئاردىسىدىن يەرگە چۈشمەكتە ئىدى، مەن بار كۈچۈم بىلەن«ئاللاھ نىڭ بۇ ئۇرۇنلاشتۇرۇشىغا نېمە دەي ئەمدى؟؟؟؟» دەپ قاتتىق ۋاقىراپ نالە قىلىغۇم،يىغلىغۇم كەلدى.
Etnb3<^[t توۋا نېمە بولغاندىمەن؟... كۆزۈمدىن ھېچ ياش چىقار ئەمەس ، مانا ئەمدى ئاۋازىممۇ چىقمدى، نالە قىلغۇم، ۋاقىرىغۇم بولسىمۇ ،ئۇنىڭغا چۈشلۇق ماجالىم يوق. ھە... بىلدىم. ئىلگىرى بۇ ساختا رىماتتىزىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىمدا يۈرۈكۈم ئازاپلانغان، كۆز ياشلىرىم ئۈنچىدەك تۆكۈلگەن، ئەمما بۇ قىتىم پۇتۇم سۇنغاندا، قەلبىم ئازابلاندى يۇ لىكىن كۆزۈمدىن بىر تامچىمۇ ياش چىقمدى.ئەجەبا ئىلگىرىكى ئازاپتىن تاتقان قەلبىم، تەنلىرىم ئەمدى ئازاپنى ئاغىرىقنى ھېس قىلالماس بولۇپ قالغانمىكىنە؟؟...
A]y*so!)> مەن ياش، خوشال-خورام ياشاپ، راسا ئويناپ كۈلىدىغان چاغدا ، بۇ ئوڭۇشسىزلىقلار گويا گۈلنى سۇندۇرغان قارا بوراندەك ، مىنى ئالتۇندەك ساغلاملىقىمدىن ئايرىدى،يۈرۈكۈم قايغۇ-ئازاپتا ئىزىلىدى. مەن شۇندىن بىرى ئادەم زاتى ئاز بولغان ئائىلىمىزدە يېگانە چۆگىلەپ يۈرۈپ، قايغۇرۇپ ئاھ ئۇردۇم، ھالبۇكى دۇنيانىڭ ئىشىلىرىنى بىلىپ بولغىلى بولمايدىكەن، مەن ھازىر تېنىمدە پەيدا بولغان ئەشۇ كىچىككىنە ئۈمۈدنىڭ بەربات بولۇشىنى كۆتتۈرەلمەيمەن، ئۈمۈدسىزلىك زەربىسىنىڭ نابۇت قىلىشىغا چىداپ تۇرالمايمەن، شۇڭلاشقا، ھازىرنىڭ ئۆزىدە مەن ھەرقانداق بىر ئارزۇ-ئۈمۈدتە بولۇشقا پىتىنالمايتىم، دەل شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، باشلانغۇچ مەكتەپتىكى بىر قانچە ئوقۇغۇچى يىنىمغا كىلىپ، مەندىن -- سابىرە ھەدە ، سىز قاچان بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغىنىڭىزغا ئۇزۇن بوپتۇ، سىزدىكى بۇ ھاياتنى سۆيۈش ئىرادىسى بىلەن ئۈمۈد قانداق پەيدا بولغان؟ ياكى بۇ ئۈمۈد ۋە ھاياتنى سۈيۈش ئىرادىسىنى سىزگە كىچىكىڭىزدە ئوقۇتقۇچىڭىز ياكى باشقىلارئۈگەتكەنمۇ؟.... دىگەندەك سوئاللارنى سوراپ قالدى. شۇ دەققىقدە كاللام قۇپقۇرۇق... بۇ رەھىمسىز قىسمەتلەر ئالدىدا ئۇلارغا نىمە دەپ جاۋاپ بىرىشنى بىللەلمەي قىلىۋاتاتتىم. بىراق، بۇ ئالدىمدا ماڭا ئۈمۈد بىلەن بىقىپ تۇرغان نۇرغۇن كۆزلەرنى ئۈمۈدسىزلەندۈرسەم قانداق بولار؟.....ياق ئۇلار مەندىن زور ئۈمۈدلەرنى كۈتكەن ئىكەن ھەم مەندىن ئىلھام ئالغانىكەن مەن چوقۇم ‹ئاللاھ›نىڭ يىتەكلىشى بىلەن ئۇلارغا سەمىمىي كۆڭلۈمنى بىلدۈرۈشۈم كېرەك-تە، دىگەنلەرنى ئويلاپ ئۈلگۈردۈم، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا:
Q)6va}2ai - ئۇكىلىرىم ، ئىنساندىكى بۇ ئۈمۈد ۋە ھاياتنى سۈيۈش ئىرادىسىى قانداقتۇر باشقىلارنىڭ دەپ بىرىشى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەتراپىمىزدىكى ھەقىقىي مىھىر-مۇھەببەت ئاستىدا پەيدا بولىدۇ، ھايات قىممەت، ئۇنىڭدىنمۇ قىممەتلىك نەرسە ساغلاملىق، ھايات دىگىنىمىز توختىماي ئېرىشش ئەمەس بەلىكى ،ئاتا قىلىش ۋە بىغىشلاش دىمەكتۇر. بۇ قىسقىغىنە ھاياتىمىزدا ئۆزىمىز ۋە ئەتراپىمىزدىكىلەرگە قانچىلىك ئىش قىلىپ بىرەلىگىنىمىز بىلەن ئەمەس ، بەلىكى شۇ قىلغان ئىشىمىز قانچە كىچىك بولسىمۇ، باشقىلارنى تەسىر قىلالىسا، ئۇلارنى مەلۇم ئىشلار ئۈسىتدە ئويلاندۇرالىسا ... ھەم بىز قىلغان ئاشۇ ئىشلىرىمىز بىلەن ئۆز مىھىر-مۇھەببتىمىزنى باشقىلارغا ھىس قىلدۇرۇشقا تىرىشساق ھەم باشقىلارمۇ بۇ خىل مىھرىبانلىقنى ، مۇھەببەتنى ھىس قىللالىسا ،شۇندىلا ھاياتىمىز مەنا تاپقان بولىدۇ. شۇندىلا ھاياتىمىزنى سۈيۈپ ياشىغان بولىمىز.- دەپ جاۋاپ بەردىم.
,?b78_,2 مەن گەرچە كۈنبويى ئالدىراش يۈرگەندەك قىلساممۇ، ئەمما ئالتۇندەك ياشلىق مەزگىلىمدىكى كېسەلنىڭ ئازابى،، ئىقساتنىڭ يىتىشمەسلىكى ، ئەتراپىمدىكى مەن بىلەن كىشىلەرنىڭ ئازلىقىدىن تاتقان يالغۇزلۇق-غىرىپلىقلىرىمنى زادىلا ئۇنۇتالمايمەن. شۇڭا، يەككە-يىگانە، يار-يۆلەكسىز كىشىلەرنى كۆرگىنىمدە، ئىختىيارسىز ئۇلارغا ھىسداشلىق قىلغۇم، قولۇمدىن كىلىشىچە ياردەم قىلغۇم كىلىدۇ.
m4**>!
I ھايات ئىنسانغا بىرلا قىتىم كىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قىممەتلىك ھاياتنى ئاسراپ، مەنىلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كۆپ تىرىشقان ، ئىزدەنگەن بولساممۇ، ئەمما يولۇمدىكى تۈرلۈك-تۈمەن قىيىنچلىقلار مىنى بەكلا ھالسىرىتىپ قويدى، دىمىسىمۇ ئىنسان ئۈچۈن، ئۆز ھاياتىنىڭ كۈندىن-كۈنگە خاراپلىىشپ كىتىپ بارغىنىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ كۈلۈپ ياشاشتىنمۇ ئارتوق ئازاپ بولمىسا كىرەك. مىنىڭمۇ دوستىلىرىم ۋە باشقىلار قاتارى قاقاھلاپ كۈلۈپ، بەختتىن ھوزۇر ئىلىپ ،شاد-خورام ياشىغۇم بار ئىدى . ئەپسۇس........ بىراق مەن يەنىلا زور ئۈمۈد بىلەن تەقدىرگە تەلمۈرىمەن، ساغلاملىققا تەشنا يۈرۈكۈم توختىماي سوقماقتا، گەرچە، ھايات مۇساپەم ئىنىق بولۇپ،ئۆلۈم ۋەھىمىسى ئالدىمدا سايە تاشلاپ تۇرسىمۇ، بىراق نىمىشقىدۇر يەنە مەجنۇنلارچە، ساراڭلارچە ئۈمۈد كۈتمەكتىمەن، كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلىشىپ كىتىۋاتقان ھاياتىمغا قاراپ،بىرەر مۆجىزە يۈز بېرىپ، ساغلام بىر تەنگە ئىرىشىپ قىلىشىنى ئۈمۈد قىلماقتىمەن، سىنى قانچىلىك تەشنا بولۇپ كۈتكىنىمنى بىلمەيمەن، ئەمما، سىنىڭ بىر سائەت بولسىمۇ ،ھىچ بولمىغاندا بىرەر مىنۇت بولىسىمۇ، تىنىمدە پەيدا بولۇشۇڭنى ، تېنىمنىڭ يەڭگىل، ساغلام بۇرۇنقى ھالىتىدە پەيدا بولۇپ سەكرەپ، تاقلاپ، يۈگۈرۈپ مىڭىشنى بەكلا ئارزۇ قىلمەن.شۇنداق بولغاندە، مەن شۇ لەززەت ئىچىدە ئازغىنە بولسىمۇ ئۆمرۈمگە تەسەللىي تاپار ئىدىم.
ckwF|:e7* ساڭا دىسەم ساغلاملىق سەن مىنىڭ تىنىمدە پەقەت 12يىللا ئۆز مەۋجۇتلىقىڭنى بىلدۈرۈپ ،تىنىمدە شاتلىق ئاتا قىلغان بولساڭمۇ، مەن بۇ شاتلىقنى ، بۇ شاتلىق ئاتا قىلغان لەزەتنى تا بۈگۈنگە قەدەر تېتىپ كىلىۋاتىمەن، چۈنكى ساغلاملىق مەن ساڭا ئىرىشش چۈشىدە ئەللەيلىنىۋاتقىنمغا توپتوغرا 20 يىل بولدى.
lCFU1 GHH راسىتمنى ئىيتسام ساغلاملىق ، بۇ ئەمەلگە ئاشماس ئارزۇ ئۈچۈن، بۇ بىچارە تىنىم ھاياتلىقتىكى نۇرغۇن سىناقلاردىن ئۆتتى، ئۆتكۈر پىچاقلار ئاستىدا جان تالاشتى، تۈرلۈك يىڭنىلەر ئارسىدا بىچارىلەردەك ساغلام تەنگە ھەۋەس قىلدى، ئاچچىق، قاڭسىق دورىلار ئىچىدە قىينالدى.
|6*2_= ئاھ، خۇدا نىمىدىگەن ئازاپ--ھە!
ep?:;98|t ئەنە شۇنداق ئازاپلىق كۈنلەر ئىچىدە، سەۋىرسىزلىكتىن سەۋىرچان ھالەتكە يۈزلەندىم، سىنى توپتۇغرا 20يىل كۈتتۈم، مەن ئۇچىرىغان بۇ ئازاپلىرىمنىڭ بىر چۈش بولۇپ قىلىشىنى خالايتىمكى، بۇ كىسەلنىڭ تەرەققىي قىلىپ ھاياتىمنى ، ئەركىنلىكىمنى بوغۇپ قويۇشىنى ئەسلا خالىمايتىم ، توۋا دەيمەن ساغلاملىق سەن نىمانچە رەھىمسىزدۇ، بەرگەنلەرگە ھەسسىلەپ بىرىدىكەنسەن ، سىنى قەدىرلىمەيدىغان كىشلەرگىمۇ بىرىدىكەنسەن مىنىڭدىن ئۆزۈڭنى نىمانچە ئايايدىغانسەن، مانا ئەمدى بۇ كىسەل تەرەققىي قىلىپ مىنىڭ كىچىككىنە ئەركىنلىكىمنى بۇغۇپ قويۇشقا ئاز قالغانلىقىنى ھىس قىلغانسىرى، ساڭا ئىرىششكە تىخىمۇ ئىنتىزار بولۇپ، ئارزۇلۇرۇم ۋولقان كەبى يانماقتا، تىنىم ساغلام بولغان بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى، بۈگۈن ئەسلى مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى، سەن تىنىمدە بولغان بولساڭ ، مەن دوستلىرىم بىلەن ئويناپ كۈلۈپ ، تۇغۇلغان كۈنۈمنى تەبرىكلەر ئىدىم، بىراق ھازىر يەنە بىر ياش چوڭ بولغىنىمنى، ھايات مۇساپەمنىڭ يەنە بىر پەلەمپەي ئازلىغننى ئويلىسام كۆڭلۈم شۇنچىلىك پەرىشان بولىدۇ....بىلەمسەن ساغلاملىق ئىنسانلار ئوتتۇرسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنى پورەكلەپ ئىچىلغان قىزىل گۈل دىسەك، ئۇنىڭدىن تارقالغان ئىللىقلىقنى ئەنە شۇ پورەكلەپ ئىچىلغان قىزىل گۈلنىڭ چاچقان خوش پۇرىقى دەيمىز، بىز مۇشۇ ئىللىقلىقنى ھىس قىلالىساق ھەم ئەتراپتىكىلەرگە ھىس قىلدۇرالىساق ھاياتىمىز ھەقىقىي مەنا تاپقان بلىدۇ،ئەجىىبا ساغلاملىق مۇنىڭ بۇ ھاياتلىقتىكى تاتقان قسىمەتلىرىم ساڭا شۇنچىلىك زارلىنىشلىرىم ساڭا ئازراقمۇ تەسىر قىلمىدىمۇ؟ ياكى بىر قىسىم ئىنسانلاردىكى ۋاپاسىزلىق، بىكۆيۈمۈلۈكنى سەنمۇ يۇقتۇرۋالدىڭمۇ؟... ئونداق بولمىسا نېمىشقا مەندەك قەلبى ، تىنى ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ساڭا تەلپۈنۈپ ، ساڭا تەشنا بولغان بىر ھاياتقا ئازراق بولىسمۇ ، كەڭچىلىك قىلمايسەن.
6F5,3& مۇشۇ ئازاپلىق ھىسياتلار ئىچىدە قاچانلاردىن ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن، بىراق، مۇشۇ يىقىنقى كۈنلەردىن بىرى دائىم چۈش كۆرۈشنى ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم، چۈنكى چۈشۈمدە ھەر دائىم ساغلاملىق مىنىڭ تىنىمدە، تەنلىرىم شۇنداق يەڭگىل، شۇنداق ئەركىن ئازادە سەكرەپ- تاقلاپ ، يۈگۈرۈپ ھاياتلىقنىڭ پەيزىنى سۈرەلەيمەن.... شۇڭا مەن ئۇيقىلىرىمدىن ئويغانمىسام، ئۇزاق تىخىمۇ ئۇزاق ئوخلىسام دەيمەن، چۈنكى چۈشلىرىمدە بولسىمۇ ساغلام ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرەلەيمەن ئەمەسمۇ.
O)5#Fcp( بىراق مۇشۇ كۈنلەردە مىنى ئەجەل ئۇيغۇسى چاقىرۋاتقاندەك ھىس قىلىدىغان بولۇپ، شىرىن چۈشلۈك ئۇيقۇلىرىمدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كىتىدىغان بولۇپ قالدىم، بەلكىم ئەزرائىل ماڭا يىقىنلاپ قالغان بولسا كىرەك. ..
^![{,o@"A شۇڭا ساغلاملىق ئىسڭدە بولسۇنكى ، مەندەك ساڭا كىچە-كۈندۈز تەشنا بولغان ئاشىق يۈرەكنى ئۇنۇتما!
IQ{?_' ئاھ ھايات، ئاھ ساغلاملىق!
@&:VKpu\ Qp 69Sk@H{ /+P5)q
TKL SQIdJG^: ۋاپادار جان دادا، كۆيۈمچان ئاپا،
(w2(qT&