مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1927 
  •    ئىنكاس 
       11 

«تۈركى تىللار دىۋانى» ۋە «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ كەچۈرمىشلىرى

قەۋەت ئاتلاش
nawabad
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2955

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   110 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6689 (سوم)
 ياخشى باھا:   386 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   510  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2635
 سائەت
دەرىجىسى:
2635 سائەت 115 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-24
ئاخــىرقىسى:2011-11-06

«تۈركى تىللار دىۋانى» ۋە «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ كەچۈرمىشلىرى 6n.C!,Zmn  
T EqCoeR  
@y\M8C8  
يولۋاس مۇھەممەتئىمىن
$zV[- d  
~C],?X(zk  
,`< [ej   
,U/ ZG|=v  
     تارىخى، ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەجداتلىرىمىز تەرىپىدىن ھەر قايسى تارىخىي زامانلاردا يارىتىلغان قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ نۇرغۇنلىرى يوقىلىپ كەتتى، تالان- تاراجقا ئۇچرىدى. ئېچىنىشلىق ھالدا ۋەيران قىلىۋېتىلدى. نەتىجىدە تارىخ ۋە مەدەنىيىتىمىزنى تەتقىق قىلىشتا زور دەرىجىدە ئۈزۈكچىلىك پەيدا بولۇپ، تارىخ كەچمىشلىرىنىڭ يارقىن سېيمالىرى خۇنىكلىشىپ كەتتى. باشقىلار ئۆز ئاتا- بوۋىلىرىنىڭ ياراتقان مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن پەخىرلىنىپ، ئۆزلىرىنى ئىنسانىيەت مەدەنىيەتلىرىنىڭ سەرخىللىرى ھېسابلىشىپ، مەيدىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرگىى خېلى ئۇزاق زامانلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخى باشقىلار نىمە دېسە شۇ بولۇپ، دۇنيانىڭ نەزىرىدىن يىراقتا قېلىۋەردى. پەقەت تارىخ چاقى چۆرگىلەپ ⅧⅩ ئەسىرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق ئۆتمۈشلىرىگە تەۋە قىممەتلىك مەدەنىي مىراسلار ئارقا- ئارقىدىن ئاشكارلىنىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ بۇ مەزگىللەردە ئەڭ مۇكەممەل يازما يادىكارلىقلىرىمىزدىن بولغان «تۈركى تىللار دىۋانى» ۋە «قۇتادغۇبىلىك» تىن ئىبارەت ئىككى شاھانە ئەسەرنىڭ تېپىلىشى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتىدىكى قارا تۇمانلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىدى. قىسقىسى، بۇ ئىككى قامۇسنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت، تارىخ تەتقىقاتىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى خەلقئاراغا تونۇتۇشقا، ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت، تارخ تەتقىقاتىنىڭ يېڭى سەھپىسىنى ئېچىشقا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىدى دېيىشكە تامامەن ھەقلىقمىز. T#sKld  
wp8ocZ-Gj  
as6YjE.Yy  
_[.3I1kG  
h"G#} C]  
      تۆۋەندە قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن ئىككى پارچە نامايەندە خاراكتېرلىك شاھنامە مىراس «تۈركىي تىلار دىۋانى» ۋە «قۇداتغۇبىلىك» تىن ئىبارەت ئۇلۇغ يازما يادىكارلىقلىرىمىزنىڭ يوقىلىپ كەتكەن ۋاقىتتىن تاكى قولىمىزغا قايتىپ كەلگەندە قەدەر بولغان توققۇز ئەسىردىن كۆپرەك جەرياندىكى ساقلىنىش، كۆچۈرۈلۈش، تەتقىق قىلىنىش قاتارلىق ئەگرى- توقاي سەرگۈزەشتىلىرى توغرىسىدا كىتابخانلار بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۆتىمىز. YTpO4bX  
 qTL]  
jDO[u!J6.%  
BHw/~Hd4  
xW\iME  
ئىنسىكلوپىدىيلىك ئەسەر«تۈركىي تىللار دىۋانى» BK8)'9/  
F+!K9(`|  
n`krK"Ii  
      ئۇلۇغ ئالىم، تىلشۇناس مەھمۇد بىننى ھۈسەيىن قەشقەرى Ⅺ-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى قەدىمكى يېپەك يولىدىكى مۇھىم شەھەرلەرنىڭ بىرى بولغان قارا خانىلار سۇلالىسىنىڭ يازلىق پايتەختى قەشقەردە دۇنياغا كۆز ئاچقان. ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى قارا خانىلار سۇلالىسىنىڭ خاقانلىرىدىن ئىدى. ئۇ سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ 11-ئەۋلادى ھېسابلىنىدۇ. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ بالىلىق چاغلىرى قارا خانىلار سۇلالىسىنىڭ دۆلەت تۈزۈمى زەئىپلىشىپ، ئوردىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ھوقۇق تالىشىش زىدىيەتلىرى ۋە ئەتراپتىكى ئەللەر بىلەن بولغان نىزالار ئەۋجىگە چىققان مۇرەككەپ ئىجتىمائىي مۇھىتقا توغرا كەلگەنىدى. بۇ خىل مۇھىت مەھمۇد قەشقەرىنىڭ گۆدەك قەلبىدە چوڭقۇر جاراھەتلەرنى قالدۇرغان بولسا، ئۇنىڭ خاراكتېرى جەھەتتىن قەيسەر، تىرىشچان، ئىرادىلىك بولۇپ چىقىشى ئۈچۈنمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتمەي قالمىدى. ئۇ قارا خانىلار سۇلالىسىنىڭ ھاكىميەت ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلىش ئالدىدىكى قرانلىق مەزگىلىدە، يەنى مىلادىيە 1058-يىلى ھۈسەيىننىڭ ئوردىسىدا قانلىق سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ھۈسەيىننىڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قىرىپ تاشلاندى. شۇ قېتىملىق ئوردا سىياسىي ئۆزگىرىشىدە ئامان قالغان مەھمۇد قەشقەرى ئوردىدىن مەخپىي ئايرىلىپ ياقا-يۇرتلاردا بىر مەزگىل پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ. مەھمۇد قەشقەرى بۇ جەرياندا ئىلى دەريا ۋادىسى، سىر دەريا ۋادىسى ۋە ئوغۇز (دەريايى جەيھۇن) دەريا ۋادىلىرىدا ياشايدىغان تۈرك، تۈركمەن، ئوغۇز، چىگىل، ياغما، قىرغىز قاتارلىق تۈركلەر زىمىنىنى ئايلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ مەدەنيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان بۇخاراغا بارىدۇ. + AyrKs?h  
     مۇھەممەت بىننى ھۈسەيىن ئوغلى مەھمۇد قەشقەرى كىچىكىدىن تارتىپلا قارا خانىلار سۇلالىسىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىن بولغان «مەدرىسەئى ھامىدىيە» ۋە «مەدرىسەئى ساچىيە»لەردە داڭلىق ئۇستازلارنىڭ تەربىيلىشى بىلەن ھەممىدىن خەۋەردار ياراملىق تالىپلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقانلىقى سەۋەبلىك، ئۇنىڭ كەڭ تۈرك زىمىنلىرىدىكى يىگانە پائالىيەتلىرى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئۆتىدۇ. ئۇ بارغانلىكى يېرىدە بىر مەزگىل تۇرۇپ، شۇ جايدا ياشاۋاتقان ئۇلۇسلارغا مۇناسىۋەتلىك كۆپ تەرەپلىمىلىك ماتېرىياللارنى توپلايدۇ. 40 ياشقا قەدەم بېسىش ھارپىسىدا سودىگەرلەرگە ئەگىشىپ بۇخارادىن سالجۇق تۈركلىرى ھامىيلىقىدىكى باغدادقا بارىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا توپلىغان ماتېرىياللىرى ئاساسىدا مەشھۇر قامۇس «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى يېزىشقا كىرىشىدۇ. L}1|R*b  
7 Ld5  
6WQT,@ ?  
{re 
{f\/2k3  
     مەھمۇد قەشقەرى «تۈركى تىللار دىۋانى»نى مىلادىيە 1074-يىلى باغدادتا يېزىپ تاماملايدۇ ھەمدە ئەسەرگە ئۆزىنىڭ قايسى يۇرتقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن تەخەللۇسىغا «قەشقەرى» دېگەن نامنى قوللىنىشنى زۆرۈر كۆرىدۇ (ئەسەرنىڭ ئەرەب تىلى بىلەن يېزىلىشى ئالىمنىڭ ئۆز ئانا يۇرتىنىڭ نامىنى تەخەللۇس قىلىپ تاللىشىغا سەۋەپ بولغان بولۇشى مۇمكىن). ئەسەر مىلادىيە 1074-يىل 2-ئايدا يېزىلىپ تاماملانغاندىن كېيىن، دەمەشىقلىق مۇھەممەت ئىبنى ئەبۇ بەكىر ئىبىن ئەبىلپەتىھ بۇ كىتابنى ئەسلى نۇسخىسىدىن ھىجىرىيە 464-يىلى شەۋۋال ئېيىنىڭ 27-كۈنى قايتا كۆچۈرۈپ چىقىدۇ. مەھمۇد قەشقەرى ھىجىرىيە 464-يىلىدىن 466-يىلىغىچە (مىلادى 1074-1073) تەھرىرلەپ قايتا تولۇقلاپ، ھىجىرىيە 467-يىلى (مىلادىيە 1075-يىلى) بۇ قىممەتلىك ئەسەرنى ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ 27-خەلىپىسى، ھاشىمىيلار ئۇرۇقىدىن بولغان خەلىپە مۇھەممەت ئوغلى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا مۇقتەدى بى ئەمرۇللا ھەزىرەتكە تەقدىم قىلىدۇ. EencMi7J  
     ئالىمنىڭ ئۆز قەلبىگە پۈككەن ئۇلۇغ ئارزۇ-ئارمانلىرى رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. بىراق، ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئانا يۇرتقا بولغان سېغىنىش ئوتى بارغانسېرى يالقۇنجاپ، ھىجىرىيە 472-يىلى (مىلادىيە 1080-يىلى) ئايرىلغىنىغا 30 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولغان ئانا يۇرتى قەشقەرگە قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ قەشقەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كىندىك قېنى تۆكۈلگەن تۇپراق ئوپالنىڭ ئازىخ دېگەن يېرىدە «مەدرىسەئى مەھمۇدىيە» نامدىكى مەدرىسەنى قۇرۇپ، «ھەزىرىتى موللام» (بىلىمگە ھۆددىگەر پىرىم) دېگەن نامدا ئۆزى مۇدەرىسلىك قىلىدۇ. سەككىز يىل مۇدەرىسلىك قىلغاندىن كېيىن، مىلادىيە 1105-يىللىرى ئەتراپىدا ۋاپات بولىدۇ. %(IkUD  
OsMU>v }m  
FabzP_ 
]kQ*t{\  
N|OI~boV%  
      مەھمۇد قەشقەرى باغدادتىن قايتىپ كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەستىن ئەرەب زىمىنلىرىنى ئۇرۇش تۇمانلىرى قاپلاشقا باشلىغانىدى. شۇ يىللاردىكى ئۇرۇشتا خەلىپە مۇقتەدىنىڭ ئوردىسى كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىدۇ. ئوردا كۈتۈپخانىسىدىكى نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك كىتابلارمۇ كۆيۈپ كەتكەن بولۇپ، شۇ قېتىم كۈتۈپخانىدا ساقلىنىۋاتقان «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ كۆيۈپ كەتكەنلىكىنى ياكى باشقىلار تەرپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئارىدىن 100 يىل ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ جەرياندا يوقالغان كىتابلارنىڭ بىر قىسىمى كىشلەرنىڭ قوللىرىدا پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. ئەمما «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ نەدىلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئەجەبا بۇ قىممەتلىك قامۇس ئەنە شۇنداقلا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنمىدۇ؟ مەھمۇد قەشقەرنىڭ قان-تەرى سىڭگەن بۇ ئەسەر شۇنداقلا يوققا چىقارمۇ؟ ئەرەب زىمىنىدا ھېچكىممۇ بۇ قىممەتلىك ئەسەرنىڭ دېرىكىنى قىلىپ باقمايدۇ. ئەمما، ئۇرۇش ئوتلىرى خەلىپىنىڭ ئوردىسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىيالىغىنى بىلەن، بۇ ئېسىل ئەسەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىيالمىغانىدى. ئۇرۇش مالمانچىلىقىدا ئوردىدىكىلەر ئۆز جانلىرىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئامالىنى قىلىشىۋاتقاندا، مۇقتەدىنىڭ ئوردىسىدا تەلىم ئېلىۋاتقان نامەلۇم بىر تالىپە ۋەيران بولۇپ كېتىۋاتقان ئوردا كۈتۈبخانىسى ئىچىدىن بىر نەچچە پارچە قىممەتلىك كىتابنى ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ قولىدىكى كىتابلارنىڭ ئارىسىدا مەشھۇر قامۇس «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭمۇ بارلىقىنى ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ كىشى بىلمەيدۇ. |UN0jR  
     تارىخ چاقى مىلادىيە 1200-يىلىنىڭ سۈبھىسىگە قەدەم قويغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە باغداد كوچىسىدا چاچلىرى چۇۋۇلغان، جۇلدۇر كېپەن بىر قېرى تىلەمچى ئايال پەيدا بولۇپ قالىدۇ. ئۇ بىر كۈنى ھېچكىمگە پەرۋا قىلماستىن شەھەرنىڭ ئوتتۇرسىدىكى شاھ ئوردىسىغا قاراپ ماڭىدۇ. ئازراقمۇ ئەيمەنمەستىن پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا قاراپ كېلىۋاتقان بۇ جۇلدۇر كېپەن تىلەمچىنى كۆرگەن ئىشىك باقارلار ئۇنى قىلىچ-نەيزىلىرى بىلەن توسۇۋېلىپ، نەدىن كەلگەنلىكىنى، پادىشاھقا ئېيتىدىغان قانداق ئەرز-دادىنىڭ بارلىقىنى سورايدۇ. ئۇلار بۇ تىلەمچى ئايالنىڭ شاھ ئالىيلىرىغا ئاتاپ بىر قىممەتلىك سوۋغا ئەكەلگەنلىكىنى، ئۇنى پادىشاھقا ئۆز قولى بىلەن تاپشۇرۇپ بەرمەكتىن باشقا ھېچقانداق ئەرز-دادىنىڭ يوقلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئەھۋالنى پادىشاھقا دەرھال مەلۇم قىلىدۇ. پادىشاھ تىلەمچىنىڭ ئوردىغا كىرىشىگە ئىجازەت قىلىدۇ. بۇ جۇلدۇر كېپەن بىچارىنىڭ ئەجەبا ماڭا بەرگۈدەك قىممەتلىك قانداق نەرسىسى باردۇ؟ ياكى ئۇ ماڭا قەست قىلىشقا كىرگەن پىرخونمىدۇ؟ تىلەمچىنىڭ تەقى-تۇرقىنى كۆرگەن پادىشاھ دەمال گاڭگىراپ قالىدۇ. بۇ قېرى تىلەمچى پادىشاھنىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ تەزىم بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن، قولىدىكى بوخچىنى ئاۋايلاپ يېشىپ، بوخچىغا ئوراپ نەچچە ئون يىل ساقلاپ يۈرگەن بىر پارچە كىتابنى ئېلىپ پادىشاھقا ئىككى قوللاپ سۇنىدۇ. بۇ چوڭ ھەم نەپىس ئىشلەنگەن كىتابنىڭ ئەرەب تىلى بىلەن يېزىلغان «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئىكەنلىكىنى كۆرگەن ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ 34-ۋارىسى خەلىپە ئەل ناسىر ئىنتايىن رازىمەنلىك بىلەن تىلەمچى ئايالغا كۆپ تارتۇقلارنى بېرىپ يولغا سالىدۇ. بۇ مىلادىيە 1225-يىللىرىغا توغرا كېلەتتى. d|!FI/  
)_eEM1  
!=7 (3< ?  
J3Ox M--8"  
B8){  
     خەلىپە ئەل ناسىر (مىلادىيە 1225-1180) بۇ كىتابنىڭ بىباھا، تېپىلغۇسىز كىتاب ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، دەرھال ئوردا پۈتۈكچىلىرىنى تەشكىللەپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا 10 نەچچە پارچە كۆچۈرتكۈزىدۇ ھەمدە ئۇنى ئوردا كۈتۈبخانىسىدا قەدىرلەپ ساقلاشقا بۇيرۇشتىن سىرت، باغدادتىكى مۇھىم مەكتەپلەردە دەرسلىك سۈپىتىدە پايدىلىنىشقا ئىجازەت بېرىدۇ. خەلىپە ئەل ناسىر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ بۇ كىتاب بىر نەچچە زامان باغداد شەھىرىدىكى مۇھىم مەدرىسلەرنىڭ قىممەتلىك ئوقۇشلۇقى سۈپىتىدە ئەتىۋارلىنىپ كېلىدۇ. ئەپسۇس، خىرىستىئان قىساسچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئەھلى سەلىپ (كرېست قوشۇن) ئىككىنچى قېتىم شەرققە يۈرۈش قىلىپ، ئەرەب زىمىنلىرىنى يەنە بىر قېتىم خانىۋەيرانچىلىققا دۇچار قىلىدۇ. ئاشۇ مالىمانچىلىقتا «تۈركىي تىللار دىۋانى» يەنە بىر قېتىم دېڭىزغا تاش چۆككەندەك يەر يۈزىدىن غايىب بولۇپ كېتىدۇ. ئالتە ئەسىر ئۆتۈپ كەتكۈچە بۇ كىتابنىڭ ئىز-دېرىكىمۇ بولمايدۇ. كىشىلەر قەدىمكى كىتاب خاتىرىلىرىدىن مەھمۇد قەشقەرى ئىسىملىك بىر تۈرك ئالىمنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق بىر مەشھۇر ئەسەر يازغانلىقىنى بىلىشىدۇ. ئەمما، ھېچكىممۇ بۇنداق كىتابنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئارزۇسىغا يېتەلمەيدۇ. kcg{z8cd'r  
o}q>oa b z  
A}Q6DHh26  
z ;>xI~  
$]v =2j  
    بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تۈركىيىنىڭ ئىستانبول شەھىرى ئېغىر بومباردىمانغا ئۇچرايدۇ. بىر پاي زەمبىرەك ئوقى ئاقسۆڭەك دىيار بەكرى جەمەتىدىن بولغان بىر كىتابپۇرۇچنىڭ ئۆگزىسىدە پارتلاپ، ئۇلارنىڭ ئەل ئىمىر نامىدىكى مەشھۇر كۈتۈبخانىسىنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ. كىشلەر كىتاب دۆۋىلىرى ئارىسىدىن ئۆزلىرى كۆرۈپ چۈشىنەلمەيدىغان، ئەمما ئىنتايىن نەپىس ئىشلەنگەن بىر دىۋاننى بايقاپ قالىدۇ. بۇ ئەسلىدە «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ شۇ كەمگىچە ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر نۇسخىسى بولۇپ، ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيسىنىڭ ۋەزىرلىرىدىن بىرى بولغان نازىپ بىينىڭ ئائىلە-تاۋابئاتىدىن بولغان بىر ئايال ئائىلىسىدە ئۇزاق يىل تەۋەرۈك سۈپىتىدە ساقلاپ، كېيىنچە تۇرمۇش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن دىيار بەكرى جەمەتىنىڭ ئەل ئىمىر كۈتۈبخانىسىغا رەنىگە قويغان قوليازما نۇسخىسى ئىدى. ئەل ئىمىر كۈتۈبخانىسىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئاڭلىغان مەشھۇر تىلشۇناس كىل سىلى رىفئەت ئەپەندى دەرھال كۈتۈبخانىغا كېلىپ (ھىجىرىيە 1335-يىلى، مىلادىيە 1914-يىلى) بۇ كىتابنى باشقىلاردىن سېتىۋالىدۇ. ئۇ ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇ تەڭداشسىز مىراسنى ئۈچ تومغا ئايرىپ، 1917-يىلى ئەسلىي نامى بويىچە ئىستانبۇلدا مىخ مەتبەئەدە نەشىر قىلدۇرىدۇ. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن بۇ كىتاب دۇنيادىكى ھەر مىللەت تۈركولوگلارنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلىشقا باشلايدۇ. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئالىملار بۇ كىتاب توغرىسىدا تۈركچە، نېمىسچە، ئىنگىلىزچە، رۇسچە، ۋېنگر تىللاردا كىتاب ۋە ماقالىلەرنى ئېلان قىلىدۇ. گېرمانىيىلىك «تۈركىي تىللار دىۋانى» تەتقىقاتى بىلەن ئەڭ كۆپ شۇغۇللانغان ئالىم، سام تىللىرى مۇتەخەسىسى كارىل.برىككىلىمان 1928-يىلى «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ نېمىسچە ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە ئىشلەپ چىققان ئىندېكىسىنى ئېلان قىلىدۇ. ~:`5Y"Av:  
#aX+?z\4  
1>I4=mj  
e[ 
. V5Pr}"y  
     ئەمەليەتتە دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان بۇ مەشھۇر قامۇسنى چۈشىنىشكە بولغان ئىنتىلىش ⅩⅩ-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە ئاندىن ھەل قىلىندۇ. تۈركىيلىك داڭلىق تىلشۇناس بېسىم ئاتالاي 21 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، كىل سىلى رىفئەتنىڭ ئىستانبول مىخ مەتبەئە نەشىرىگە ئاساسەن 1941-يىلى «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ئۈچ توملۇق تۈركچە تەرجىمىسىنى نەشر قىلدۇرغاندىن باشقا، يەنە بۇ كىتابنىڭ فاكسىمىل (فوتو سۈرەت نۇسخىسى) نۇسخىسىنىمۇ نەشر قىلدۇرىدۇ. &PQhJ#YG  
,%)O/{p_  
oT7 6)O  
     1960-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزبېك ئالىمى، تىلشۇناس سالىھ مۇتەللىپوپ «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى تۈركچىدىن ئۆزبېكچىگە تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرىدۇ. 1955-يىلى قەشقەردە ئاكا-ئۇكا مۇھەممەت پەيزى بىلەن مەرھۇم ئەھمەد زىيائى ئەپەندى بىرلىشىپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا تەرجىمە قىلغان بىرىنچى ئورىگىنالى قولدىن چىققان، ئەمما نەشىر قىلىنماسلىقى توغرىسىدىكى سەۋەبلەر تېخى ئېنىق ئەمەس. Z3C]n,I  
%r  E:5)  
_}bs0 kIz  
1963-1966-يىللىرى ئۇيغۇر سايرانى تەرپىدىن بۇ كىتابنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىككىنچى تەرجىمىسى ئىشلەنگەن، ئەمما سولچىل خاتا ئىدىينىڭ تەسىرىدىن نەشىر قىلىنماي نابۇت بولۇپ كەتكەن. F ru&-T[  
,7HlYPec  
I /2{I  
     1980-يىلىنىڭ بېشىدا دۆلىتىمىز ھەر مىللەت تىلشۇناس، مۇتەخەسىس، ئالىملاردىن كۈچ تەشكىللەپ، ئىنىسىكلوپىدىيلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان بۇ قىممەتلىك يازما يادىكارلىقنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ مەدەنيەت، تارىخ تەتقىقاتىدىكى يۈكسەك ئورنىنى تولۇق ئېتىبارغا ئېلىپ، ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن موللا ئابدىلھىمىت ھاجى يۈسۈفى، ئابدۇرېھىم تىلەشېۋ ئۆتكۈر ئەپەندى، تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتئى ئەپەندى، مەدەنيەت-تارىخ تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى، ئابدۇسالام ئابباس ئەپەندى، تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوف ئەپەندى، سابىت روزى ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈشى بىلەن «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ 1941-يىلى بېسىم ئاتالاي تەرپىدىن ئەنقەرەدە نەشر قىلدۇرۇلغان فوتو سۈرەت نۇسخىسى ئاساسىدا نەشرىگە تەييارلىنىپ، 1981-يىلىدىن 1984-يىلىغىچە ھەممە قىسىمى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرپىدىن ئارقا-ئارقىدىن نەشر قىلدۇرۇلۇپ، كەڭ كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئەجدادلىرى ياراتقان قىممەتلىك ئەسەر «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى ئاشكارا كۆرۈشكە مۇشەرەپ بولغان ۋاقتىدۇر. بۇ كىتاب 2002-يىلى خەنزۇتىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى. hn`yc7<}(u  
58[=.rzD  
|Y-{)5/5}  
     «تۈركىي تىللار دىۋانى» مەزمۇن جەھەتتىن تىلشۇناسلىق، ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە فولكلور، مەدەنيەت، تارىخ، ئارخېئولوگىيە، دىن، توپونومىيە-يەر ناملىرى، سوتسىئولوگىيە، ئېتنوگرافىيە، پەلسەپە، جۇغراپىيە، تىبابەتچىلىك ۋە ئېكولوگىيە جەھەتلەرگە چېتىلدىغان قامۇسى ئەسەر بولۇپ، دۇنيا لۇغەتچىلىك تارىخىدا ھازىرغىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان يۇقىرى سەنئەت ماھارىتى بىلەن، سۆزلۈكلەرگە ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا «تۈركىي تىللار دىۋانى»غا 242 كۇپلېت شېئىر-قوشاق، 300 پارچىدىن ئارتۇق ماقال-تەمسىلنى ۋە ھېكىمەتلىك سۆزلەرنى كىرگۈزۈپ، تۈرك قەبىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان 7500 دىن ئارتۇق سۆزلەرنى ئىخچام، ئوبرازلىق جۈملىلەر ئارقىلىق فونىتىكىلىق، گرامماتىكىلىق قانۇنيەتلەر ئاساسىدا چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن. 6!39t  
    مانا بۇ ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ بولغان شاھانە قامۇسنىڭ كەچۈرمىشلىرىدۇر. '6g;UOx^=  
.ZOG,h+8  
8 '>yB  
p>ba6BDJT  
|*fi!nvk@  
     دىداكتىك داستان «قۇتادغۇبىلىك» C.|.0^5  
2y"L&3W  
Yt!o Hn  
     ئۇلۇغ بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ قالدۇرۇپ كەتكەن دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە شەرقتىكى ئەبەدىيلىك ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك» (بەخت ئاتا قىلغۇچى بىلىم) ئۇيغۇرلارنىڭ قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىگە مەنسۇپ بولغان يەنە بىر قىممەتلىك يازما يادىكارلىقلارنىڭ بىرىدۇر. مۇكەممەل يېزىلغان بۇ شېئىرىي داستاندا قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ماددى، مەنىۋىي قىياپىتى ئوبرازلىق سۈرەتلەپ بېرىلگەن بولۇپ، مىللەتنىڭ مەدەنىيەت،تارىخ تەتقىقاتىدا تۇتقان ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپلا قالماستىن، دۇنيا شەرق كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتىدىمۇ ناھايىتى يوقىرى ئورۇننى تۇتۇپ كەلمەكتە. "F[e~S#V*  
xe4`D>LUo  
%!\iII  
sC'PtFK8z  
&q7}HO/ @  
      «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مۇئەللىپى يۈسۈپ خاس ھاجىپ مىلادىيە 1018- قاراخانىيلار سۇلالىنىڭ قىشلىق پايتەختى بالاساغۇن (قوزئوردا) دا، ئوردىنىڭ تەجرىبىلىك، بىلىملىك پۈتۈكچىلىرىدىن بولغان رەيھانىدىن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەنلىكىنى مەلۇم (يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دادىسى توغرىسىدىكى قاراشنى ئابدۇرېھىم سابىت ئەپەندى 1998-يىلى قەشەردە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك مەمىلكەتلىك «قۇتادغۇبىلىك»ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇغان ماقالىسىدە بىرىنچى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان. ئا). ئوردا سىياسىي ئۆزگىرىشىدە رەيھانىدىن ئائىلىسى تۆھمەتكە ئۇچراپ ۋەيران بولغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ كىچىكىدىن باشلاپلا بالاساغۇندىكى مۇھىم مەدرىسەلەردە ئەرەب تىلى، پارس تىلى، سوغدى تىلى قاتارلىقلارنى پىششىق ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە نۇرغۇنلىغان تەبىئەت ۋە ئىجتىمائىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىلىملەرنى ئۆگەنگەن. ئۇ مىلادىيە 1075-يىللىرى بالاساغۇندىكى ئوردىدا يۈز بەرگەن قانلىق سىياسىي ئۆزگىرىشتە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىلىرى تۆھمەتكە ئۇچراپ ئۆلۈپ، ئائىلىسى ۋەيران بولغاندىن كېيىن قەشقەرگە كېلشكە مەجبۇر بولغان. مىلادىيە 1070-يىلى (ھىجرىيە 462-يىلى) 18 ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ 13 مىڭ 290 مىسرالىق دىداكتىك داستان «قۇتادغۇبىلىك»نى يېرىپ تاماملاپ، بۇ كىتابنى قاراخانىيلارنىڭ ھۆكۈمدارى ئەبۇ ئەلى ھەسەن بىننى سۇلايمان بۇغراخانغا مىلادىيە 1074يىلى سوۋغا قىلغان. ھەسەن بۇغراخان ئەسەرنىڭ شەرىپىگە مۇئەللىپكە «خاس ھاجىپ» لىق ئونۋانىنى بەرگەن. ئالىم مىلادىيە 1085-يىلى 68 يېشىدا قەشقەردە ئالەمدىن ئۆتكەن. {i 
P 
wzj :PS  
7](aPm8  
r0 Zj'F_e  
      مەزكۇر داستان مەزمۇنىنىڭ موللىقى، تىلىنىڭ گۈزەللىكى، پەلسەپىۋى پىكىرلەرنىڭ ئۆتكۈرلۈكى، غايىۋىلىك جەھەتتىكى ئىلغارلىقى، بەدىئىي ئالاھىدىلىك جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكى بىلەن ئۆز زامانىسىدىن باشلاپلا ھەرقايسى ئەللەرگە تارقىلىپ «ئەدەبۇل مۈلىك» (شاھلارنىڭ ئەدەپ-قائىدىلىرى)، «ئاينۇل مەملىكە» (مەمىلكەتنىڭ دەستۇرى)، «زىننەتۇل ئومرا» (ئەمىرلەر زىننىىتى)، «شاھنامەئى تۈرك» (تۈرك شاھلىرى دەستۇرى)، «پەندى نامەئى مۈلىك» پادىشاھلارغا نەسىھەت)، «قۇتادغۇبىلىك» (بەخىت كەلتۈرگۈچى بىلىم) (بۇلارنىڭ ھەممىس تۈركىي تىللىق خەلقلەر زېمىنلىرىدا بېرىلگەن ھەر خىل ناملار. ئا.) دېگەنگە ئوخشاش ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتىلىپ، بىباھا گۆھەر سۈپىتىدە قەدىرلىنىپ كەلگەن. ئالىم ئۆز كىتابى ئۈستىدە توختالغاندا ئىنتايىن زور ئىشەنچ بىلەن يازغان تۆۋەندىكى بېيىتلارمۇ بۇ ئەسەرنىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلىپ بېرەلەيدۇ. 3dx.%~c  
% !>@m6JK  
en"\2+{Cg  
V 7oE\cxr  
6T5\zInd  
پۈتۈن تۈرك، چىن، شەرق ئېلىدە دېمەك، ^v&"{2  
بۇنىڭدەك كىتاب يوق جاھاندا بۆلەك. '};mBW4z  
بۇنىڭدەك كىتابنى كىم ئېيتقان ئاۋۋال، M4n0GWHLy  
كېيىن كىممۇ ئېيتار بۇنىڭدەكنى دەل؟ b5#Jo2C`AJ  
كىم ئولسا بۇنىڭدەكنى يازارمۇ قېنى؟ b w!  
يازىچى بار بولسا، مەن ماختاي ئۇنى. gDjAnz#  
b"2_EnE}1  
?^ R"a##  
5 0dx[v8  
      دېمىسىمۇ، تا بۈگۈنگە قەدەر شۇ دەۋرلەردە مەيلى ئەرەب، مەيلى پارس ياكى ھىندىستان، جۇڭگولاردا بولسۇن، ھېچكىمنىڭ «قۇتادغۇبىلىك»كە ئوخشاش بۇنداق مەشھۇر ئەسەرنى يېزىپ باققانلىقىدىن خەۋەرسىز تۇرۇپتىمىز ھەم بۇ كىتاب ئالىم ئۆزى ئېيتقاندەك ئۇلۇغ كىتابلاردىن بولمىغان بولسا ئىدى، ئۇنىڭدىن ئاز كەم 1000 يىلغىچە يوقالماي ساقلىنىپ كېلىشىمۇ ھەم مۇمكىن بولمىغان بولاتتى. sD9OV6^{?K  
      تا ھازىرغا قەدەر بۇ ئەسەرنىڭ قايسى يىلى، نېمە سەۋەبلەر بىلەن قەشقەر تەۋەلىكىدىن چىقىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق ئۇچۇر يوق. بۇ ئەسەرنىڭ ھازىرغىچە بىزگە ئۈچ خىل نۇسخىسى يېتىپ كەلدى. بىرىنچى خىل نۇسخا، يەنى ۋېنا نۇسخىسى، بۇ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخا بولۇپ، ئاۋىستىرىيىنىڭ پايتەختى ۋېنادىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. بۇ A نۇسخىدۇر. fRwr}n'  
.7+"KP:  
_U o3_us  
^SbxClUfw!  
Q$5%9   
      ئىككىنچى خىلى قاھىرە نۇسخىسى بولۇپ، 5400 بېيىتتە پۈتۈلگەن مىسىر پايتەختى قاھىرەدىكى «ھىدىۋ» (ھازىرقى قىرال) كۈتۈبخانىسىدىن بايقالغانلىقىدىن شۇنداق ئاتالغان. بۇ B نۇسخىدۇر. ئۈچىنچى خىلى پەرغانە نۇسخىسى بولۇپ، ھازىرقى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەرغانە ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى نەمەنگاندىن (نەمەنگان نۇسخىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) تېپىلغانلىقتىن پەرغانە نۇسخىسى دەپ ئاتالغان، 6095 بېيىتتە پۈتۈلگەن. بۇ ئەسەرنىڭ C نۇسخىسىدۇر. ئەسەرنىڭB،C نۇسخىلىرى تۆمۈرىيلەر دەۋردىكى چاغاتاي تىلىدا يېزىلغان. ئەسەرنىڭ تىل تەۋەلىكى ۋە دەسلەپكى قېتىمقى ئاشكارىلىنىشىدىن قارىغاندا، بۇ ئەسەر تۆمۈرىيلەر دەۋرىدە چەتئەللىكلەر تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. %v0;1m  
)Wk&c8|y  
&w{z  
{rzQ[_)EC  
T# KVN{O  
      «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ۋېنا نۇسخىسى مىلادىيە 1439-يىلى ئافغانىستاننىڭ ھېرات شەھىرىدە ھەسەن قارا سايىل شەمسى دېگەن كىشى تەرپىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا كۆچۈرۈلگەن. شۇڭا، بۇ نۇسخا يەنە ھېرات نۇسخىسى دەپمۇ ئاتىلدۇ. مىلادىيە 1474-يىلى تۈركىيىنىڭ ئىستانبول شەھىرىگە كەلتۈرۈلگەن، كېيىن ئاۋىستىرىيىلىك شەرقشۇناس ھاممىر پورگىشتال تەرپىدىن سېتىۋېلىنىپ، ئاۋىستىرىيىنىڭ ۋېنا شەھىرىدىكى ئوردا كۈتۈبخانىسىغا قۇيۇلغان. مىلادىيە 1796-يىلى ھاممىر پورگىشتال تەرپىدىن تۇنجى قېتىم دۇنياغا ئاشكارىلانغان. EL6<%~,V"I  
       پەرغانە نۇسخىسىنى تۇنجى قېتىم تاتار ئالىمى زەكى ۋەلىد مىلادىيە 1914-يىلى پەرغانىنىڭ نەمەنگان شەھىرىدىكى مۇھەممەت ھاجى ئىشان لالەرىش دېگەن كىشىنىڭ شەخشى كۈتۈبخانىسىدىن بايقاپ، بۇ توغرۇلۇق ئۇچۇر بەرگەن. مىلادىيە 1224-يىلى ئۆزبېك ئالىمى پىترەت بۇ نۇسخىنى قولغا چۈشۈرۈپ، ئەسەر توغرىسىدا ماقالە يازغان. (r Q)0 g@  
     قاھىرە نۇسخىسىنى تۇنجى بولۇپ مەشھۇر رۇس ئالىمى رادلوف مىلادىيە 1910-يىلى بايقىغان. ئۇ ئەسەرنىڭ ۋېنا نۇسخىسى بىلەن قاھىرە نۇسخىسىنى سېلىشتۇرۇپ، ئەسەرنىڭ ترانسىكرىپسيىسى بىلەن نېمىسچە تەرجىمىسىنى نەشر قىلدۇرغان. D7Ds*X`!l  
«قۇتادغۇبىلىك» توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار ياۋروپادا XIX- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ قىزىق تېمىغا ئايلانغان. مىلادىيە 1827-يىلى فىرانسىيىلىك ژانبىرت.ئامبىدى تۇنجى قېتىم مەتبۇئاتتا «قۇتادغۇبىلىك» توغرىسىدىكى ماقالىسىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇ كىتابنىڭ مەزمۇنلىرىدىن قىسمەن بۆلەكلەرنى نەشر قىلدۇرغان. 1870-يىلى ۋېنگىرىيە ئالىمى ھېرمان ۋامبىرى «قۇتادغۇبىلىك»نى تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭ 1000 بېيىتىنى ترانسىكرىپسىيىلەشتۈرۈپ، «ئۇيغۇر ئابىدىلىرى» دېگەن نامدا نېمىسچە نەشر ئىشلىگەن ۋە مەخسۇس لۇغەت تۈزگەن. 1890-يىلى رۇس شەرقشۇناسى رادلوف ۋامبىرى تەتقىقاتنى راۋاجلاندۇرۇپ، 20 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىش نەتىجىسىدە ئەسەرنىڭ ئەرەب تىلىدىكى نۇسخىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر يېزىقىدا ترانسىكرىپسىيە قىلىپ، ئىككى توملۇق كىتابچە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان. بۇنىڭغا ئۇلاپلا ئۇ يەنە 1943-يىلى «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ مانجۇچە تەرجىمىسىنى ئىستانبۇلدا نەشر قىلدۇرغان. 1928-يىلى ئۆزبېك ئالىمى پىترەت پەرغانە نۇسخىسىنىڭ ئايرىم بۆلەكلىرىنى زۆرۈر ئىزاھاتلىرى بىلەن تاشكەنتتە ئۆزبېك تىلىدا نەشر قىلدۇرغان. v?o("I[ C  
^Yo2R  
p3B_NsXVZ  
BPu>_$C  
Pu}PE-b  
      «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ھازىرقى ئەڭ مۇكەممەل نۇسخىسىنى 1947-يىلى مەشھۇر تۈرك ئالىمى، تىلشۇناس رەشىت رەھمىتى ئارات (1900-1964) داستاننىڭ ئۈچ خىل نۇسخىسىنى ئۈچ يىل سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بىر-بىرىگە كىرىشتۈرۈپ تولۇقلاپ، 13 مىڭ 290 مىسرالىق تولۇق تېكىستىنى نەشر قىلدۇرۇش بىلەن ئەمەلگە ئاشقان. 1957-يىلى كىتابنىڭ تۈركچە نۇسخىلىرى ئەنقەرەدە ئىككى قېتىم نەشر قىلدۇرۇلغان. 1972-يىلى ئۆزبېك ئالىمى قەيۇم كەرىموف داستاننىڭ پەرغانە نۇسخىسى بويىچە ئۆزبېكچە نەسرىي تەۋسىپىنى تاشكەنتتە نەشر قىلدۇرغان. 1979-يىلى ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر تۈركولوگ، ئالىملىرىدىن گېڭ شىمىن ئەپەندى بىلەن ۋېي سۈييى خانىملار بىرلىشىپ داستاننىڭ قىسمەن بۆلەكلىرىنى خەنزۇتىلىغا تەرجىمە قىلىپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا نەشر قىلدۇرغان. 1983-يىلى ئامېرىكا چىكاگو دارىلفۇنۇننىڭ شەرقشۇناس پروفېسورى روبرىت.دانكوپ داستاننى سۆز بېشى ۋە ئىزاھاتلىرى بىلەن ئىنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغان. كىتابنىڭ باھاسى ئامېرىكىدا 100 دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن. 1980-يىلى 8-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىمىنوپ ھامۇت مەسئۇللۇقىدا «قۇتادغۇبىلىك» تەرجىمە تەھرىر ھەيئىتى قۇرۇلۇپ، «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەزمىي يەشمىسى مەرھۇم ئابدۇرېھىم تىلەشېۋ ئۆتكۈر ئەپەندى، مەرھۇم ئەھمەد زىيائى ئەپەندى، مەرھۇم مەمتىمىن يۈسۈپ ئەپەندىلەرنىڭ ئەجىر قىلىشى بىلەن 1985-يىلى 5-ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرپىدىن تۇنجى قېتىم نەشر قىلىندى. 1986-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرپىدىن يەنە خاۋگۈەنجۇڭ، جاڭ خوڭچاۋ ۋە ليۇبىنلارنىڭ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان نۇسخىسى نەشر قىلىندى. 1991-يىلى ئالىملىرىمىزدىن ئابدۇشۈكۈر تۇردى، قادىر ئەكبەرلەر تەييارلىغان نەسرىي يەشمىسى مىللەتلەر نەشرىياتىدا نەشر قىلىندى.1992-يىلى تۇرغۇنباي قىلىچبىك، نۇرۇز ھۈسەن ئالىيلارنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەزمىي يەشمىسىدىن قىرغىزچە نەسىرىي شەكىلىگە ئۆرۈگەن تەرجىمە نۇسخىلىرى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرپىدىن نەشر قىلىندى. w!RJ8  
f|,2u5 ;z  
N8Un42  
V_9> Z?  
>+S* Wtm5  
     شاھانە ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ھازىرغا قەدەر ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ھەر قايسى دۆلەت ئالىملىرى تەرپىدىن تەتقىق قىلىنىپ، تەرجىمە قىلىنىپ، تۈركچە، ئۆزبېكچە، قازاقچە، مانجۇچە، قىرغىزچە، رۇسچە، نېمىسچە، ئىنگىلىزچە تىللاردىكى تولۇق تەرجىمىلىرى، ئوكرائىنچە، ياپونچە تولۇق بولمىغان تەرجىمىلىرى ئىشلىنىپ دۇنياغا كەڭ تارقالدى، شۇنىڭدەك بۇ داستان ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنيەت تارىخىنى خەلقئارا ئورۇنغا كۆتۈرۈشتە غايەت زور رول ئوينىدى. ھازىرغا قەدەر «قۇتادغۇبىلىك» توغرىسىدا بىر قېتىم خەلقئارالىق، ئۈچ قېتىم مەملىكەتلىك مەخسۇس ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. )J&!>GP  
}9?fb[]  
4OdK@+-8U  
L/:u  
ntF#x.1Pm  
     مەشھۇر يازما يادىكارلىق «قۇتادغۇبىلىك» مەزمۇن جەھەتتىن ئىلىمنىڭ ھەممە ساھەسىگىچە چېتىلغان شېئىرىي تىلدىكى داستان بولۇپ، ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ئاسترونومىيە، تەبىئەت پەلسەپەسى، ئالگېبىرا، گېئومېتىرىيە، قانۇن-سىياسەت، ئىقتىسادشۇناسلىق، ئەلنى ئىدارە قىلىش، ئەدەبىيات-سەنئەت، پىسخولوگىيە، پىداگوگىكا، ئىستىلىستىكا، ئائىلە-نىكاھ، ئاممىۋى مۇناسىۋەت، ئەدەپ-ئەخلاق، كەسپىي ئەخلاق، ھەربىي-سىپاھگەرلىك، تىلشۇناسلىق، سېلىشتۇرما ئەدەبىيات، ئېتىكا، تىبابەت، ئوزۇقلۇق ئىلىمى، مەدەنيەت، تارىخ، مېتودولوگىيە قاتارلىق ساھەلەردە مەخسۇس توختىلىپ ئۆتكەن، ئىدىيە جەھەتتىن دەۋردىن ھالقىغان مەنىۋى مىراستۇر.   _1?Fy u&<5  
<~Tfi*^+  
}u~r.=  
+isaqfy/  
,lw 
     XIX-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن XX-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەر خىل ناملار بىلەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئەجنەبىيلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ۋە ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى دەۋرلىرگە تەئەللۇق بولغان نۇرغۇنلىغان بىباھا مىراسلارنى ئۆز دۆلەتلىرىگە ئېلىپ كەتكەن.گېرمانىيە ھانبۇرۇگ ئونىۋېرىستېتىنىڭ پروفېسسورى، تۈركشۇناس گابائىن خانىمنڭ (VON.GABAIN.A) مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە پەنلەر ئاكادىمىيسىنىڭ يەتتە چوڭ ئىشكاپى گېرمانىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭدا ئېلىپ بارغان تۆت قېتىملىق ئېكىسپىدىتسىيە ۋە ئارخېئولوگىيە ئەترەتلىرى تەرپىدىن تېپىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىلەن تولغان. بۇ ئاددىي بىر مىسال. يەنە لوندون، توكيو، ستوكھولىم، پارىژ، موسكىۋا، قاتارلىق شەھەرلەردىكى مەشھۇر كۈتۈبخانا ۋە مۇزىيلاردا قانچىلىك بارلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، دۇنيا خەلقىنىڭ مەڭگۈلۈك تەتقىق قىلىشىغا ئەرزىيدىغان قەدىمكى يازما يادىكارلىقلىرىمىزدىن «تۈركىي تىللار دىۋانى» بىلەن «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ئانا تۇپرىقىغا قايتىپ كېلەلىگەنلىكىنىڭ ئۆزى بىر چوڭ غەنىيمەت. <*&2b  
U_e e3KKA  
%LZf= `:(  
مەنبە:  قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى(ئۈستى ئۇچۇق مۇزېي ـــــ قەشقەر) veGRwir  
9!|.b::  
Ci^tP~)&"  
!P b39[f  
9S[T an|  
kzb1iBe 6m  
بۇ تېما جەلىپكار تور خاتىرىسىدىن كۆچۈرۈلدى، ئەسلى تېما ئادرىسى :  [url]http://jalipkar.blogbus.com/logs/153139587.html
[ بۇ يازما moghal تەرپىدىن 2011-08-20 08:50 PM دە قا ]

تېما تەستىقلىغۇچى : moghal
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-08-20, 20:51
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
قەلەندەرنى شاھ سەيلىسەڭ ئەگەردە، خورجۇن يۈسۈپ چىقار يەنە سەھەردە.
kahrizat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36554

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1632 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9041 (سوم)
 ياخشى باھا:   1126 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   200  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4412
 سائەت
دەرىجىسى:
4412 سائەت 228 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-05
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-20

سەرۇ سەرەەردانلىقتا ئۆتكەن ئىككى گۆھەرنىڭ سەرگەردانلىق تارىخىدىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزدىن كۆپتىن كۆپ مەمنۇن بولدۇم ، ھارمىغايسىز
 
sazguri
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.48371

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   324 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2551 (سوم)
 ياخشى باھا:   682 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   598  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1742
 سائەت
دەرىجىسى:
1742 سائەت 148 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-19
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-20

مۇئەللىم دەرس ۋاقتىدا سۆزلەپ بەرگەن بولسىمۇ قايتا ئوقۇپ چىقتىم تىما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت
 
فىلىم ئشلەش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشى ziltar.net
karwan21
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.41753

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   140 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2257 (سوم)
 ياخشى باھا:   241 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   202  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1065
 سائەت
دەرىجىسى:
1065 سائەت 125 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-22
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-20

بۇ ئىككى كىتاب ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ گۈلتاجى.بۇ كىتابلار دۇنياۋى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە  بىباھا گۆھەرلەردۇر.ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆزىنىڭ تەتقىقات قىممىتى بىر قەدەر يوقۇرى بولغان ئەسىرى‹‹ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى››ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: 1@P/h#_Vr  
دەرھەقىقەت،‹‹قۇداد غۇبىلىك››مەيدانغا كەلگەندە،ياۋۇرپالىقلار تېخى غەپلەت ئۇيقۇسىدا ئىدى.ئەينى زاماندىكى ئېرانلىقلار ئارىسىدىمۇ شەيخ سەئىدى(1203-1292)،جالالىدىن رۇمى(1207-1272)،ھاپىز شىرازى(14ئەسىر)قاتارلىق مۇتەپپەككۇرلار دۇنياغا كەلمىگەنىدى.مۇشۇ مەنىدىمۇ ئۇ ئەينى زامان ئېدىلىوگىيىسى مۇنبىرىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇردىغان سەرخىل جەۋھەر ئىدى. {tV)+T  
‹‹دىۋانى لۇغەتىت تۈرك››دە سەككىز مىڭ سۆزلۈك لۇغەت،300چە خەلق ماقال تەمسىلى،ئەقلىيە سۆزلەر،242كوپلىت شېئىرىي پارچە،72قەبىلە-ئۇرۇق ئېنتىك نامى،75يەر-جاي  ئىسمى بېرىلگەن.بۇ سۆزلۈكلەر،ماقال -تەمسىل ۋە ئەقلىيە سۆزلەر ،شېئىرىي پارچىلاردا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جۈملىدىن ئوتتۇرا-مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئالەم قاراشلىرى،يۇلتۇز ۋە پەسىللەر قارىشى،زېمىننىڭ يۇمۇلاقلىقى،مۆچەل بەلگىلەش تارىخى ۋە ئۇسۇلى،ئىنسان ھاياتىنىڭ ياشاپ ئۆتكۈنچىلىكى،ئىنسانپەرۋەرلىك،ئىنسانىي بەخت-سائادەت،ئىلىم-پەن،ئەدەب-ئەخلاق،ۋەتەنگە مۇھەببەت،گۈزەللىكىنى سۆيۈش،خەلقلەر دوستلۇقى ئىدىيىلىرى تۇنۇشتۇرۇلغان.بۇ قاراشلار بىر قاراشتىلا ئۇيغۇر ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ،باشلانغۇچ جەمىيەت،قول ئىگىلىكى جەمىيتى،فېئودالىزىمنىڭ دەسلەپكى ۋە ئوتتۇرا باسقۇچلىرىدىكى تەبىئەت،جەمىيەت ۋە ئەخلاق قاراشلىرىنى ئوخشىمىغان تارىخىي قاتلام بويىچە ئىپادىلىگەن. \ZigG{  
-ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن cTHSPr?<  
ھازىر خەلقئارادا مەزكۇر ئىككى كىتابنىڭ تەتقىقاتى يۈرگۈزۈلمەكتە،بىز بۇ ئىلمىي قىممىتى يوقۇرى بولغان بۇ ئەسەرلەرنى ۋارىسلىق قىلىش سۈپىتىمىز بىلەن،ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇر ئېدىلوگىيىسى،دۇنيا قارىشى،پەلسەپە قاتارلىق ساھالەردە پەرزەنتلەرگە ئۆگىتىشىمىز،ئۇلارنى بۇ ئۇلۇغ ئالىملىرىمىزنى تۇنۇيدىغان،ئەسەرلىرىنى مىراس سۈپىتىدە تەۋەرۈك ئاسار-ئەتىقە سۈپىتىدە ساقلاپ،ئۇلۇغ ئالىملارغا بولغان سېغىنىشنى ئىپادىلىشمىز،ئۇلارنىڭ 1000يىل بۇرۇنقى ئىلىم نۇپۇزىدا دۇنيا ئاسمىننى چاقناتقان،دۇنيانى ھاڭ-تاڭدا قالدۇرغان بۇ ئالىملارنى ئۆرنەك قىلىشىمىز لازىم،گەرچە،بۇ ئۇلۇغ ئالىملار ئوتتۇرسىدا،ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدا،قېرىنداش مىللەتلەر ئارىسىدا ئۆز مىللىتى قىلىۋىلىش غەۋغاسى بولسىمۇ،بىز سالماقلىق بىلەن يىراقنى ئويلاپ،ئۇ ئالىملارنىڭ روھىنى قېنىمىزدا ئۇرغۇتىشىمىز،ئۇلارنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىش،بىلمىگەن،تا ھازىرغىچە ئۇقماي ئۆتكەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا بۇ ئۇلۇغ ئالىملارنى تۇنۇشتۇرىشىمىز كېرەك،باشقا مىللەت مىڭ تالاشسىمۇ،ئۆزىنىڭ قىلالمايدۇ،مەھمۇت قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرى قەشقەردە جۇلالىنىپ تۇردىكەن،ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى دەر ھەقىقەت.خەلقئارا ئىلىم ساھاسىدە بارتولد،رىشاد گەنچ،پىرىستاك...قا ئوخشاش مەشھۇر شەخسلەر ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە ئىلمىي تەتقىقاتلىرىنى ئوتتۇرغا قويغان.يەنىلا،تەتقىقات نەتىجىسىنى ئۆز مىللىتىنىڭ چىقارغىنىغا يەتمەيدۇ!
[ بۇ يازما karwan21 تەرپىدىن 2011-08-20 11:52 PM دە ]

 
ھەقىقەتكە پەرداز كەتمەيدۇ!
toxkanjan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.18610

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   796 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2763 (سوم)
 ياخشى باھا:   471 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   210  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4548
 سائەت
دەرىجىسى:
4548 سائەت 92 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-23
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-21

مەن ئەڭ ھۆرمەت قىلدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى ئالىمى.
 
ئنساننىڭ ئاساسى ھوقۇقى كۆز يېشى بىلەن ئەمەس،ئىسسىق قېنى بىلەن قولغا كېلىدۇ.
honzada
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6636

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   219 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6283 (سوم)
 ياخشى باھا:   271 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   368  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4611
 سائەت
دەرىجىسى:
4611 سائەت 29 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-17
ئاخــىرقىسى:2011-11-02
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-21

ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتىڭ،بىلوگىمدا مەزكۇر ماقالىنى ئېلان قىلىپ بولغىلى يىل بولدى.http://www.honzade.com/
 
http://honzada.blogbus.com/
gulnazi0998
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.52140

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   119 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2346 (سوم)
 ياخشى باھا:   287 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   297  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1208
 سائەت
دەرىجىسى:
1208 سائەت 142 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-18
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-21

ئالىملىرىمىز توغرىسىدىكى تەلىمىڭىزگە رەھمەت >! +.M9  
  بۇنى كۆرۈپ ئۇلارغا بولغان پەخىرلىنىش ھىسياتىم ئاشتى .
 
كىبىر لىك بەندىگە ياراشماس
dadil007
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.47111

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   417 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2784 (سوم)
 ياخشى باھا:   566 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   248  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2948
 سائەت
دەرىجىسى:
2948 سائەت 42 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-08
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-21

مۇشۇنداق ياخشى بىلىمدىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەخمەت
 
قىزلاردىن شەرمى ھايانىڭ ،ئوغۇللاردىن مەردانىلىقنىڭ يۇقۇلىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر ....
koznak
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.40676

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   249 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3949 (سوم)
 ياخشى باھا:   230 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 139
 سائەت
دەرىجىسى:
139 سائەت 1 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-14
ئاخــىرقىسى:2011-10-09
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-21

ئۇيغۇر مىللىتىدىن پەۋقۇلادە كىشىلەر كۆپ چىقىدۇ . ئەمما نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان بۇ خىل پەۋقۇلادىلىك نامراتلىق ۋە قۇللۇق ۋەزىيىتىدىن ئۆزىنى ئۇنتۇش ۋە ئۆزىنى كۈچەيتىشلەر بولالماي كەلدى . چۈنكى قۇشنىڭ پەرۋازى ئۈچۈن كەڭ ئاسمان بولىشى كېرەك ئىدى . Pg[zRRf<  
ھېلى ھەم بۇ خىل پەۋقۇلادىلىك ئۆزىنى يوقاتقىنى يوق . ئاللاھ خالىسا بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار ھەم دۇنيا ئەلچىسى مىللىتى بولۇپ يەئجۈجى - مەئجۈجىلەردىن باشقىلارنى ئىتىپاقلىققا چاقىرغۇسىدۇر ! lEi,duS)  
ئۇ كىشىدىن ئىلگىرى سەل ئاغرىنغا ئىدىم . نىمىشقا قۇرئان كېرىمنى تەرجىمە قىلمايدۇ ! - دەپ . كىيىن چۈشەندىمكى ، ئۇ قۇرئاننىڭ ئەھلى بولغانلىقى ئۈچۈنلا بۇ خىل ئەمەلدىن يانغان ئىكەن . ئۇ قۇرئاننى تەرجىمە قىلغان بولسا شۇ دەۋىر كىشىلىرىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بولاتتى . كىيىن بۈگۈنگىچە نامى سېسىتىلىناتتى . 1_:1cF{w  
ئۇنىڭ شۇ خىل ئەمەللىرى ھەم بۈگۈنكى ھەم كىينكى ئۇيغۇر جەمىيىتىدە تېخىمۇ جەۋلانغۇسى ! RBx` 
ئەپسۇس ، ئەمما مەن بۈگۈنگىچە شۇ ئىككى كىتابنى ئوقۇپ باقمىدىم . ئوقۇپ باقمىدىم ئەمەس بەلكى ، پەلسەپە جەھەتتىكى قىسىم ئايرىمىسىنى بىر دوستۇمنىڭكىدە ئىككى - ئۈچ ۋاراق ئوقۇغان ئىدىم . كىيىن شۇ كىتابنى كىتابخانىلاردىن ئىزدەپ تاپالمىغان ئىدىم . شۇ ۋاقىتتىلا مەن ئۇ كىتابنىڭ ھەقىقەتەن ئەڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتكەن ئىدىم . 4zghM<  
كىيىنچە تۇتماي قۇتۇلالمايمىزدە !
 
سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !
nawabad
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2955

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   110 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6689 (سوم)
 ياخشى باھا:   386 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   510  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2635
 سائەت
دەرىجىسى:
2635 سائەت 115 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-24
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-21

[quote]ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت  honzada كە 2011-08-21 01:48 AMئەۋەتىلدى  : hx4!P(o1  
ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتىڭ،بىلوگىمدا مەزكۇر ماقالىنى ئېلان قىلىپ بولغىلى يىل بولدى. q<>2}[W  
&o"Hb=k<  
:&yRvu  
ئەسكەرىتتىمغۇ!!
 
قەلەندەرنى شاھ سەيلىسەڭ ئەگەردە، خورجۇن يۈسۈپ چىقار يەنە سەھەردە.
aptap104
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12462

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   794 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   12932 (سوم)
 ياخشى باھا:   1447 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1747  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5229
 سائەت
دەرىجىسى:
5229 سائەت 41 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-02
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-21

مۇشۇ ئىككى كىتاپ بولمىغان بولسا ، تۈركىي دۆلەتلەرنىڭ بىز بىلەن كارى بولمايتى .  مەن دىمەكچى مۇشۇ ئىككى كىتاپ بىزنى دۇنياغا  تونۇتتى .
 
ئالەمدە پەقەت خوجايىن بىر ئاللاھدۇر!
ھاياتلىق ھەممىدىنئەۋزەل . لىكىن چاشقاندەك ياشاش ئادەمگە مەنا ئاتا قىلمايدۇ.
gunahmu
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36245

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   511 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3440 (سوم)
 ياخشى باھا:   1172 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1403  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3079
 سائەت
دەرىجىسى:
3079 سائەت 161 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-03
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-21

كۆكلەر قامۇغ تۈرۈلدى، ).ugMuk  
x[(2}Qd  
ئىۋرىق، ئىدىش تىزىلدى، 3[V|C=u0  
M/1Q/;0P  
سەنسىز ئۆزۈم ئۆزەلدى، q>Q|:g&:  
e9%6+ 9Y  
كەلگىل ئامۇل ئاۋنالىم. Upv2s:wa}z  
Np/[MC  
مەنىسى: c89RuI `B~  
ax 3:rl  
ھەممە سازلار تۈزۈلدى، VWMCbg>R  
ikxSWO_Y=  
ئىۋرىق، ئىدىش تىزىلدى، Y/$SriC_+'  
% tJ?dlD'  
سەنسىز كۆڭلۈم بۇزۇلدى، N7;E 2 X  
>Y \4 v}-  
كەلگىن ئاستا ئوينايلى. ZR#UoYjupb  
:JN3@NsK  
ئىۋرىق باشى قازلايۇ، L9kSeBt  
)Tb;N  
ساغراق تولۇ كۆزلەيۇ، kh5V&%>?  
S`l CynGH  
ساقنىچ قۇدى كىزلەيۇ، n ut7b  
% idnm  
تۈن – كۈن بىلە سەۋنەلىم. H{}6`;W  
AVJF[t,  
مەنىسى: |/(5GX,X  
j=gbUXv/  
ئىۋرىق بوينى غاز كەبى، $_ NaxV  
Vnl~AQfk|  
قەدەھ تولۇق كۆز كەبى، nph{  
=DCQ!02  
ھەسرەتنى تۈۋىگە يوشۇرۇپ، l-Xxv  
Z/I!\  
تۈن – كۈن بىلەن سۆيۈنەيلى. BNByaC  
Ky'^AN]  
ئوتۇز ئىچىپ قىقىرالىم، K4rr.f6  
_I!Xr!!)a0  
يۇقار قوپۇپ سەكرەلىم، 5bAXa2V t  
kj8zWG4KH  
ئارسلانلايۇ كۆكرەلىم، I)x:NF6JO  
V.F 's(o  
ساقنىچ قاچتى سەۋنەلىم. wiVQMgi`  
X XF9oy8  
مەنىسى: G^R;~J*TDE  
dbLX}>  
ئۈچ رەت ئىچىپ ۋارقىرايلى، daorKW4  
D;L :a`Y  
يۇقىرى قوپۇپ سەكرەيلى، 7^; OjO@8  
bXfOZFzq)  
ئارسلاندەك ھۆركىرەيلى، 1^;h:,e6  
4Rm3'Ch  
قايغۇ قاچتى سۆيۈنەيلى. Pjy?&;GvT  
KFhn}C3 i  

 
مەن ئاتالدىم بەزمىدە يىگىت ،  
ئاھ ! جان ئاتىلار جەڭلەردە شېھىت !!
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى