-|s
w\Q ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، يېڭى ئەزا ‹‹
شاپتۇل››دىن سىلەرگە چوڭقۇر ، سەمىمى ھالدا 5 .25 گىرادۇس ئىگىلىپ سالام.
.gif)
ئۇلۇغ كۈنلەردە اللاھ سىلەرنىڭ ئىشلىرىڭلارنى بەركەتلىك قىلغاي. ئاۋال ئۆزۈمنى بىر تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي:
88%7 مىنىڭ ئىسمىم شاپتۇل. (ئەلۋەتتە توردىكى ئىسمىم، بىراق بۇ مىنىڭ ئەركىلەتمە ئىسمىم ئىدى.)
&sh5|5EC كەسپىم: ئاخپاراتچىلىق (ئەلۋەتتە ، توردىكى يالغان، راست خەۋەرلەرنى جىددى ھالدا مىسىرانىمغا يۆتكەپ تارقىتىمەن. )
kg0X2^#b ئالاھىدىلىكىم:يۈزۈم بەك قېلىن.(ئاڭلىسام مۇنبەردە ھەر قىسما ئادەملەر بار، ئادەمگە قاراپ تۇرۇپ ئازار بىرىپ، كۆڭلىنى رەنجىتىدىكەن. كۆڭلى رەنجىگەنلەرمۇ ئۈچ كۈنگىچە بىر نەرسە يىگۈسى كەلمەي كۆڭلى غەش يۈرەرمىش. بىراق مەن ئوخشىمايمەن. ئۇنداق قۇسۇرچىلار بىلەن كارىم يوق. چۈنكى يۈزۈم بەك ‹‹قېلىن!››.
.gif)
ئىت دىگەن قاۋاپ قېلىۋىرىدۇ، كارۋان يولىغا مېڭىۋىرىدۇ. مىنىڭ ھەق بولسىلا چۇقۇم سۆزلەيمەن!)
5Ii`|?vg )Fe6>tE بۈگۈن مەن مۇنبەرگە قۇرۇق كەلمىدىم. كەسپىم ئاخپىراتچىلىق بولغانلىقتىن، قىزىقىشىم بىلەن مىسىرانىمىڭ بىر قىسىم غوللۇق ئەزالىرىنى ئۇزۇندىن بېرى كەينىدىن ئىز قوغلاپ، ئۇچۇر ئىگىلەپ، زىيارەت قىلىپ بىر قىسىم مۇھىم بولغان ۋە مەخپى ئۇچۇرلىرىنى توپلىدىم. ھازىر ئۇچۇر ، رىقابەت دەۋىرى بولغاندىكىن بۇنداق خەۋەرلەرنى مىسىرانىمدەك سەردار مۇنبەردە ئىلان قىلمىسام بەكلا زايا كەتكۈدەك ھەم مىنىڭ تارتقان جاپالىرىممۇ بىكارغا كەتكۈدەك. بىراق بۇ بىر مەخپىيەتلىك، بۇنى ھىچ كىشىگە دەپ قويماڭلار جىمۇ! ئۇلار ئەرىز قىلىپ تۇرۋالمىسۇن يەنە.
7X+SK&PX %H)^k${ ئەسلى مۇنبەرگە بۇرۇنلا ئەزا بولغۇم بار ئىدى. بىراق مىسىرانىمنى سىرىتتىن كۈزۈتىپ باقسام، بۇ يەردە بىلىملىك ئەزالار خېلى بار ئىكەن. شۇڭا بۇلارنى زىيارەت قىلماي تۇرۇپ، بۇ يەرگە كىرىۋالسام، ئۆزۈمگە يۈز كىلەلمىگۈدەكمەن. شۇڭا نەچچە ئايدىن بېرى بۇلارنىڭ ئارقىسىغا مەخپى چۈشۈپ بىلىشكە تىگشلىك بولغان ۋە بولمىغان بىر قىسىم ماتىرياللارنى قولغا چۈشۈردۇم. قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ ئەمسە ئۇچۇرلانى سىلەرگە ئېيتىپ بىرەي. قۇلقۇڭلارنى يېقىن قىلىپ تۇتۇپ ئاڭلاڭلار! ئۇلار ئاڭلاپ قالمىسۇن.
_p;>]0cc. ky2n%<
0] مىسىرانىمغا تۇنجى كىرىپ ئاپىراتىمنى بوينۇمغا ئېسىپ ، بۇ يەردىكى سەرخىل تىمىلاردىن كۆزۈمنى ئۈزمەي ، ئەڭ ئاۋۋال مىسىرانىم ئاجايىپ غارايىپ ئىشلار كوچىسىدا كىتىۋاتسام، كوچىغا لىق بوۋاي مومايلار چىقىۋاپتۇ. ۋاي بۇ نىمە ئىش ئەمدى، مىسىرانىمدا قېرىلار سانوتىريىسى قۇرۇلىدىغان بولسا كىرەك، دەپ قىستاڭچىلىقلاردىن ئۆتۈپ ، بىر ئەزادىن سورسام ، بۇلارنى دۇنيادىكى قېرىغىنىنى تۇيمايدىغان شاش قېرىلار دەيدۇ. قىزىقىپ قېنى بىرەر شاش قېرىنى رەسىمگە تارتىۋالارمەن دەپ ، ئاپىراتىمنى توغىرلاپ تەسلىكتە ئالدىغا ئۆتسەم، ئىككى قېرى راست دىگەندەك بىر موماينى تالىشىپ مۇشلىشىپ كىتىپتۇ. بىر ياقتا، 90 ياشلىق بىر بوۋاي، ما مىنىڭ يېڭىدىن تاپقان بالام دەپ بىر بوۋاقنى قوچاقلىۋاپتۇ، يەنە بىر قېرى مەن پارشۇتتىن سەكىرەيتىم دەپ يىغلاپ ئولتۇردۇ. بىر قېرى موماي مەن دىبادا ئىشلەيمەن دەپ، ھە دەپ دسكو ئويناپ تۇرىدۇ. ۋاي خۇدايا توۋا، دەپ ياقامنى تۇتۇپ رەسىمگىمۇ تارتماي ئەقلىم ئېزىپ ، مەنمۇ قېرسام شۇلاردەك بۇلۇپ قالارمەنمۇ
.gif)
دەپ كاللام قۇرۇق كىتىپ بارسام، ئالدىمغا مۇنبەرنىڭ داڭلىق، ئوت يۈرەك شائىرى تاڭنۇر كىتىپ بارمامدۇ. مانا پۇرسەت دىگەن ،دەپ ئۇنى بىر زىيارەت قىلىۋالاي دىگەن مەقسەتتە ئالدىغا يىقلىپ قوپۇپ دىگەندەك يۈگۈرەپ بارسام، ئۇ ئاسمانغا قارۋېلىپ، بىر نىمىلەرنى ئۇقۇپ كىتىپ بارىدۇ. كۆڭلۈمدە اللاھقا دۇئا قىلىۋاتقان چېغى دەپ، ئۇنىڭغا دەخلى قىلماي كەينىدىن ماڭدىم. بىراق بىر ئازدىن كىيىن ئۇ ئۆزى بىلەن ئۆزى ۋارقىراپ خۇشال بۇلۇپ، بېشىدىكى تۇمىقى ئىچىدىن بىر پارچە قەغەزنى ئېلىپ، قۇيۇن يانچۇقىدىن بىر دانە قەلەمنى ئېلىپلا بىرنىملەرنى يېزىپ ، خۇشاللىقىدىن مىسىرانم شېئىرىيەت گۈلزارى كوچىسىغا قايرىلىپلا كىرىپ كەتتى. توۋا ئۇنىڭدەك تىز يۈگۈرەيدىغان ئادەمنى كۆرمەپتىكەنمەن، ئۇنى چاقىرىۋالاي دىگۈچە قارىسىمۇ يوق. بىراق ئۇنىڭ مۇنۇ بىر ئېغىز سۆزىنى ئاڭلاپ قالدىم. بۇ مەن ئىرىشكەن ئەڭ مۇھىم قىممىتى زور ئاخپارات. ئۇ كوچىغا قايرىلغۇچە ، بېشىغىغا تۇمىقىنى كەيگەچ‹‹ئاھ، مىسىرانمدىكى گۈلۈم، سىزگە ئاتاپ يەنە بىر شېئىر پۈتتۈم!›› دىگىنىچە مېڭىپ كەتتى. تاڭنۇرنىڭ بۇ گۈلىنىڭ كىملىكىنى مەن تىز سۈرئەتتە سىلەرگە ئېنىقلاپ بىرىمەن خاتىرجەم بۇلۇڭلار.
.gif)
تاڭنۇرنىڭ كىتىشىگە مىسىرانىم شېئىريەت گۈلزارى كوچىسىدىن كۆزۈم، فاتىمە، ھۆكۈمىران چىقىپ كىلىۋاتىدۇ. بۇ كۆزۈم بىلەن فاتىمەغۇ شائىرلار بۇ كوچىدا يۈرسە بۇلاۋىرەتتى، بىراق بۇ ھۆكۈمىران دىگەن ئەپەندىم بۇ يەردە نىمە ئىش قىلار؟ دىگەن قىزىقىش بىلەن ئۇلارغا قاراپ ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ كىتىپتىمەن. ئۇلار مىنى كۆرۈپ ، ياق توغىرسى بوينۇمدىكى ئاپىراتىمنى كۆرۈپ خۇشاللىقتىن ، مىنى ئۆزلىرىنى رەسىمگە تارتىپ قويشۇمنى ئېيتتى. مەنمۇ باشقا گەپ قىلمايلا ئۇلارغا ماقۇل بولدۇم. قىزىق يېرى ، كۆزۈم بىلەن فاتىمە ئىككىلىسى يالغۇز بىر پارچىدىن رەسىمگە چۈشۈپ ھۆكۈمىرانغا سوۋغا قىلدى. ھۆكۈمىراننى ئاران يالغۇز بىر پارچە رەسىمگە تاتىپتىكەنمەن. كۆزۈم بىلەن فاتىمە ئىككىسى ئۇ بىر پارچە رەسىمنى تالىشىپ ئوتتۇردىن ئىككى قىلىۋەتتى ھەم ئىككىسى چاچلىشىپ كەتكىلى تاسلا قالدى. ۋاي ئاياللانىڭ ئۇرۇشى ئارسىدا تۇرسا بولمايدۇ نەس باسىدۇ، دىدىم _ دە، ئالدى كەينىمگە قارىماي تىكىۋەتتىم. ئۇھ!
HpbSf1VvAf B{}
تاڭنۇرنىمۇ زىيارەت قىلالمىدىم مانا ، دەپ كۆڭلۈم يېرىم كىتىۋاتسام، ئالدىمغا مىسىرانىم ھىكايە رومانلار كوچىسىدىن مۇسلىنە بىلەن كەپسىز قىز چىقىپ كەلمەسمۇ. ئاھ ئامەت دىگەن، دىدىم _ دە، ئۇلارنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، زىيارىتىمنى قۇبۇل قىلىشنى ئېيتسام، ھازىر ئالدىراش ئىكەنلىكىنى،ئۇلارنىڭ ھازىر مىسىرانىم ئەدەبىياتچىلار باھالاش يىغىنىغا ماڭغانلىقىنى، بىراق ئون مىنوت ۋاقتى بارلىقىنى ئېيتىپ ، ئون مىنىوتلۇق زىيارىتىمنى قۇبۇل قىلدى. مىنى بەك ھەيران قالدۇرغىنى مۇسلىنەنىڭ مۇنچە ياش ئىكەنلىكى. ھەم مۇنبەردىكىلەرنىڭ نىمىشقا مۇنچە ياش يازغۇچىنى مۇما دەيدىغانلىقىنى ھىچ چۈشەنمىدىم. بۇنىڭ سەۋەبىنى مۇسلىنەدىن سورسام نىمە دىدى دىمەمسىلەر؟ ئۇ‹‹مىنى موما دەپ چاقىرغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ نىرۋىسىدا چاتاق بار، شۇڭا مەن ئېغىر ئالمايمەن›› دەيدۇ. كۈلگۈم كىلىپ كەتتى. كەپسىز قىزدىن ، ئۇنىڭ نىمىشقا يېقىندىن بېرى مۇنبەردە كۆرۈنمەيدىغانلىقىنى ، ئەسەر يازمايدىغانلىقىنى سورسام، ئۇ ئۆزىنىڭ ناھايتى چوڭ ھەجىملىك بىر ئەسەرگە تۇتۇش قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەسەرنىڭ تىمىسىنىڭ‹‹ئەمدى مىسىرانىمغا تىما يازمايمەن›› ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇنىڭ بۇ ئەسەرنى بالدۇرراق پۈتكۈزۈپ، تورداشلارنىڭ ھوزورىغا سۇنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. مۇسلىنەمۇ يېقىنىدا تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا ‹‹شامال چىقمىسىمۇ دەرەخ لىڭشىۋىرىدۇ›› دىگەن ئەسىرنى سۇنماقچى بۇلىۋېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئىجادىيەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
^"lVTDsU
ئۇلارنى زىيارەتلىرىنى ئاخرلاشتۇرۇپ خۇشال كىتىۋاتسام، ئالدىمدا بىرسى يەرگە تاش بىلەن ھىساپ ئىشلەپ ئولتۇردۇ. كىمدۇ بۇ ؟ دەپ قارسام، مۇنبەردىكى ماتىماتىكا دىگەن ئەزاكەن ئەمەسمۇ. ئۇنىڭدىن نىمىش قىلىۋاتىسىز؟ دەپ سورسام، ئۇ ماڭا ،بەشكە تۆتنى قوشسا ئون بۇلاتتى، شۇنى ھىساپلاۋاتىمەن دەيدۇ. مەن بەشكە تۆتنى قوشسا نەدىمۇئون بولسۇن توققۇز بۇلىدۇ دىسەممۇ ئۇنىماي، جاھىللىق قىلىپ تاس قالدى مەن بىلەن ئۇرشۇپ بېشىمنى قولىدىكى تاش بىلەن يېرىۋەتكىلى، شۇنىڭ بىلەن كارىم بولماي يېنىپ كەلگەن. مىنىڭچە ئۇ تېخىچە يەرگە جىجىپ شۇنى ھىساپلاپ ئولتۇرامدىكىن. ھەي جاھىل ئادەملەرگە گەپ توغىرا كەلمەيدىكەن.
SX/E@vYb
ئۇنىڭ بىلەن كارىم بولماي ، مىسىرانمىنىڭ ئەڭ ئاۋات سىرداشلار كۆزنىكى كوچىسىدا نىمە ئىشلار باركىن دەپ ، ئۇ تەرەپكە ئۆتكەن ئىدىم. پاھ، نىمىدىكەن ئىسىل كوچا بۇ، خەلىقىمىزنىڭ ئاتاقلىق، ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىللىرىمىز رەتلىك تىزىلىپ تۇرۇپ كىتىپتۇ. ئاپىراتىمنى قولۇمغائېلىپ ئۇلارنى سۈرەتكە تارتىۋالغۇچە ، ھاياجانىدىن قوللىرىم تىتىرەپ كەتتى.
ھەم ئىچ ئىچىمدىن ، يارايسەن مىسىرانىم ، يەنىمۇ ئالغا ئىلگىرلەپ بىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانلىرىمىزنى بۇ كوچىدىن ئورۇن ئالدۇرغايسەن، دەپ ئۆز ئۆزۈمگە سۆزلەپ كەتتىم. يولدا كىتىۋاتقان كۆڭۈل بۇ ھالىتىمنى كۆرۈپ مىنى ساراڭ دەپ تىللاپ ئۆتۈپ كەتتى. ھەي كۆڭلۈمگە شۇنداق كەلدى. ئۆز ئۆزۈمگە گەپ قىلساممۇ بولمامدۇ ئەمدى. خەپ! دەدىمنى بىر كۈنى ئالىمەن.
@k+&89@G
B/Jz$D
مەنبە: شاپتۇل خىياللىرى 3?%?J^/a
بۇ پەقەت چاقچاق خالاس ، تورداشلىرىمنىڭ ئېغىر ئالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ھەم پايدىسىز تىمىكەن دەپ قارىماڭ، خۇشاللىقمۇ بەزىدە سىز ئىزلەپ تاپالمايدىغان نەرسە، تۇرمۇشىڭىزنىڭ بىر قىسمىدا يۇمۇر ۋە خۇشاللىق بولمىسا كاللىڭىز يىگىلەپ قېلىشى مۇمكىن.
يېڭى كەلدىم ، ئەسلى ئىسىل ئەسەر ئەكەلسەم بۇلاتتى. بىراق ئاللاھ نىسىپ قىلسا ئۇمۇ بۇلىدۇ. شۇڭا تورداشلىرىمنىڭ بۇ ھارغىنلىق، دەم ئېلىش كۈنلىرىنىڭ خۇشال ئۆتۈشنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئۇماق باشقۇرغۇچىللىرىم، تۇنجى تىمامنى تەستىقلاپ قويارسىلەر. بولمىسا سىلەرنىمۇ زىيارەت قىلىپ، تورغا راست يالغان خەۋەرلەرنى چىقىرىۋىتىمەن.
چاقچاق.