بەڭگىنىڭ خىيالى ( چۆچەك )
}k@SmO8 E_#?;l> زامانلارنىڭ بىرىدە ، دەريا بويىغا يىقىن بىر قەدىمى شەھەردە ئالتە بەڭگە بىر-بىرىنى ئىزدىشىپ،ئاخىر بىر كوچىدا تىپىشىپتۇ-دە،نەشە چەككىلى شەھەر سىرتىغا چىقىپتۇ ،دەريا بويىدىكى بىر چوڭ باققا كىرىپ دۈم يىتىشىپ سەيخانىدىن گۈلخان چىقىرىپ يوغان بىر دولانا دەرخىنىڭ تۈۋىنى ئاۋات قىپتۇ ،بەڭگىلەرنىڭ مەستلىگى تازا قىيامىغا يىتىپ ،يۇقۇرغا چىقىپ ئەرىشنى،تۆۋەنگە چۈشۈپ كەشىنى كۆرشۈپ تۇرغانلىرىدا،ئارىدىن بىرسىنىڭ كۆزى ھېلىقى دولانا دەرىخىگە چۈشۈپتۇ -دە دەپتۇ :
,3Aiz|v- _ ئاغىنىلەر ،كۆردۈڭلامۇ ماۋۇ دولانا دەرخىنى؟ ئەگەر بۇنىڭدىن چوچەك ياسىساق چوڭ-كىچىك بولۇپ 800 چىقارمۇ ؟
UYhxgPGsj _ ھە ،ھە ،دۇرۇس ! چوڭ-كىچىك دىمەي خىللىغاننىڭ ئۆزىدە 1000 چىقىدۇ - دەپ قۇۋۋەتلەپتۇ ئككىنچىسى .
2CV? cm _ بارىكاللا _ دەپ سۆز ئاپتۇ ئۈچۈنچىسى _ بۇنى ياخشى قىلدۇق ، ھەر دانىسىنى قانچىدىن ئالار ؟
jaQH1^~l/- _ قويۇڭلار دانىلاپ پۈچەك ئىش قىلامدۇق؟_ دەپ قىزىشىپ ئوتتۇرغا چىقىپتۇ تۆتىنجىسى_ئىپى كىلىپ قالسا ، مىڭ چۆچەك نىمىشقا مىڭ قويغا توختىمايدۇ ؟
!9_'_8 _ ھەببەللى ، قويمۇ بەركەتلىك مال ،بىردىن قوزىلىسىمۇ بىر يىلدا ئىككى مىڭ بولۇشى ئەجەپ ئەمەس _ دەپتۇ بەشىنچىسى .
G|z%T`!U1; _ ھە مانا ئىككى يىلدا تۆت مىڭ قوي _ دەپتۇ بىرى ئۆزىنى تۇتالماي .
BR:Mcc خېلىدىن بىرى نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي ئولتۇرغان تەقۋادارراق ئالتىنچىسى ۋاقىتنى غەنىمەت بىلىپ سۆزگە كىرشىپتۇ :
sAoxLI _ توختاڭلار ، ھەممىمىز مۇسۇلمان بولغاندىن كىيىن ، ئاۋال مۇشۇ تۆت مىڭ قوينىڭ ئۆشرە - زاكاتىنى ئايرىۋالايلى ،مىسالى قانچىلىك كىلەر ؟_ دەپتىكەن .ھەممىنىڭ بىشى قىتىپ ، قايناۋاتقان قازانغا سۇ قۇيغاندەك جىم بوپتۇ ،ئۇلار ئۇيان ئويلاپتۇ،بۇيان ئويلاپتۇ، بارماقلىرىنى چىقىرىپ ،ھىساپلىشىپتۇ ، ئاخىر بىرىنىڭ ئىچى پۇشۇپ :
wQ81wfr1: _ بۇنداق قىينالغىچە ، ئاخۇنۇمنى باشلاپ كەلمەيلىمۇ ؟_ دەپتۇ ،بۇ مەسلاھات ھەممەيلەنگە ماقۇل كەپتۇ ،ئۇ ئالدىراپ بىرىپ ئاخۇنۇمنى تىپىپتۇ ، بىراق ئاخۇنۇمنىڭ بۇ بەڭگىنى كۆرۈپ ئەرۋايى ئۇچۇپتۇ-دە گىپىنىمۇ ئاڭلىماي ، بىر باينىڭ ئۆيىدىكى نەزىرگە مىڭىپتۇ ،بەڭگىمۇ بوش كەلمەپتۇ :
%RzCJxT _ تەخسىر ، قازاخۇنۇمدىن كۆرە ئۆزلىرىنى يىقىن كۆرۈپ تۆتمىڭ قوينىڭ زاكاتىنى بىر تەرەپ قىلىپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلغانتۇق ،سىلى ئالدىراشكەنلا ،قازاخۇنۇمغا دەي ئەمىسە _ دەپ مىڭىپتۇ . تۆتمىڭ قوينىڭ گىپىنى ئاڭلىغان ئاخۇنۇم دەرھال بەڭگىنى توختۇتۇپتۇ-دە
cVDcda|PE _ بولدى ، قازاخۇنۇمنى ئاۋارە قىلمايلى،بۇ ئشنى ئۆزەم بىر تەرەپ قىلاي - دەپتۇ-دە ،نەزىرگىمۇ بارماي ،بەڭگىنىڭ كەينىدىن مىڭىپتۇ،ئۇلار ھېلىقى دولانا دەرخىنىڭ قىشىغا كەلگەندە قالغان بەڭگىلەر :
Sv!JA#Ag _ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆتىۋەرلەرنىڭ كاتتىسى، يۇرتنىڭ ئاتىسى ،ئۆزى رەھىمدىل ، ئىشلاردا ئادىل ،كۆپنى كۆگەن ئاخۇنۇم - دەپتۇ.
H^M>(kT#& _ ھە ، دەڭلا ئەمىسە ،مەن بەك ئالدىرايمەن _ دەپتۇ ئاخۇنۇم. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى بىللە كەلگەن بەڭگە :
1o?uf
,H7O _ ئىش مۇنداق ، بىزنىڭ ساۋاپتىن تولا گۇناھىمىز بار ،مۇسۇلمان بولغاندىن كىيىن ئاز -تولا يىتىم ھەققى ئاجراتماقچى بولۇپ ئايرىپ بىرەمدىكىن دەپ ئۆزلىرىنى باشلاپ كەلدۇق ،مۇشۇ دولانا دەرخىدىن چۆچەك ياساپ تىگىشمەكچى بولغان قويىمىز تۆتمىڭغا يەتكەندە قانچىلىك زاكات كىلدىكىن ؟ _ دەپ سوراپتۇ . ئاخۇنۇم ئىشنىڭ تىگىگە يىتىپ شۇنداق غەزەپلىنىپتۇكى ، ھىلىقى تاشلاپ كەلگەن نەزىرنى ئويلاپ شۇنداق ئاچچىغى كەپتۇ -دە ، بەڭگىلەرگە :
}lGui>/D _ يوقال ، ھارامزەدە نا ئەھلىلەر،مىنى شۇنداقمۇ كولدۇرلىتامدۇ ؟_دەپ ۋايساپ كىتىپتۇ.
*NC@o* _ ئەپۇ قىلسىلا تەقسىر ،ۋاقىتلىرى يەتمىسە بىزمۇ چۆچەكلەرنى ياساپ ،قوي بىقىپ ئاۋارە بولمايلى _ دەپ شەھەرگە قاراپ كىتىپ قاپتۇ بەڭگىلەر .
~yJJ00% ;3o7>yEv مەنبە : مومام ئېيتىپ بەرگەن چۆچەكلەر
w1eFm:' [ بۇ يازما Eltekin تەرپىدىن 2011-08-20 12:13 AM دە ق ]